UyghurWiki›قانۇن نىزاملار›ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى نەشر قىلىش، تارقىتىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى نەشر قىلىش، تارقىتىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
قانۇنلار
1995 - يىلى 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى. مائارىپ (95) 7 - نومۇرلۇق
1 - ماددا بۇ بەلگىلىمە ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى نەشر قىلىش، تارقىتىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى.
2- ماددا بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈزدە تارقىتىدىغان <پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتۇشىدا قوللىنىلىدىغان كىتابلار مۇندەرىجىسى> ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، تولۇقلاپ چۈشۈرگەن <ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتۇشىدا قوللىنىلىدىغان كىتابلار مۇندەرىجىسى> گە كىرگۈزۈلگەن دەرسلىكلەر، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىلىدىغان كىتابلار ۋە ئوقۇتۇشتا قوللىنىلىدىغان ئاسما رەسىملەر قاتارلىق ھەر خىل كىتابلارنى كۆرسىتىدۇ.
3 - ماددا پۈتۈن مەملىكەتتە تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، يەرلىك دەرسلىكلەرنى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ كومىتېتلىرى تەكشۈرۈشى كېرەك. دۆلەت مائارىپ كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تاللاپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا <پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتۇشىدا قوللىنىلىدىغان كىتابلار مۇندەرىجىسى> نى بېسىپ تارقىتىدۇ. ھەر قايسى ئۆلكىلىك، مائارىپقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق دۆلەت مائارىپ كومىتېتىنىڭ قوللىنىلىدىغان كىتابلار مۇندەرىجىسىگە ۋە ئۆز ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇتۇشتا قوللىنىلىدىغان كىتابلار مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە ۋاقتىدا شىنخۇا كىتابخانىلىرىغا تارقىتىپ، بېسىش، تارقىتىش خىزمىتى ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كونكرېت ۋاقىتنى ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ قوللىنىلىدىغان كىتابلار مۇندەرىجىسى ياكى زاكاز سانىنى بېسىپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
4 - ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى جەزمەن ئۆلكە دەرىجىلىك نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي تارماق بەلگىلىگەن كىتاب چىقىرىش دائىرىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسپىي نەشرىياتلار نەشر قىلىدۇ، كىتاب چىقىرىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كىتاب نەشر قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. نەشر ئورۇنلىرى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى> دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، قەلەم ھەققى بېرىش شەكلى ۋە ئۆلچىمىنى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىشى ۋە توختام تۈزۈشى لازىم.
5 - ماددا دەرسلىكلەرنىڭ باھاسىنى باشقۇرۇشنى چېڭىتىش كېرەك، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنىڭ باھاسىنى بېكىتىشتە <باھانى تۆۋەن قويۇپ، ئاز پايدا ئېلىش> پرىنسىپىنى ئىجرا قىلىپ، پايدىنى %5 ئىچىدە قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. كونكرېت باھا ئۆلچىمىنى ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي تارماق ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك مائارىپقا مەسئۇل تارماق بىلەن كېڭىشىپ قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆلكە دەرىجىلىك مال باھاسىغا مەسئۇل تارماقنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ مەركەزدىكى نەشر ئورۇنلىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى نەشر قىلسا، ئۇنىڭ باھا ئۆلچىمىنى دۆلەتنىڭ مال باھاسىغا مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت مائارىپ كومىتېتى ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
6 - ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى جەزمەن كىتاب - ژۇرنال باسىدىغان نۇقتىلىق باسما زاۋۇتلاردا بېسىش كېرەك. نەشرىياتلار بىلەن باسما زاۋۇتلىرى مۇكەممەل بولغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە نازارەتچىلىك سىستېمىسى، قاتتىق سۈپەت ئۆلچىمى ئورنىتىپ، دەرسلىك بېسىش سۈپىتىگە بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى، لاياقەتسىز قەغەز ئىزغا ۋە رېزىنكە باسما پىليونكىسىنى باسماسلىقتا، لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى زاۋاۇتتىن چىقارماسلىقتا چىڭ تۇرۇشى لازىم. بەتلىرى كەم بولۇپ قالغان، سۈپىتى لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى كىتاب بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇن ۋە باسما زاۋۇتلىرى مەسئۇل بولۇپ ئالماشتۇرۇپ بېرىشى، بىر - بىرىگە ئىتتەرمەسلىكى لازىم.
7 - ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى شىنخۇا كىتابخانىلىرى بىر تۇتاش زاكاز قوبۇل قىلىپ تارقىتىدۇ. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش خىزمىتىدە، <بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي تەلەپ ئاستىدا، دەرسلىكلەرنىڭ كۆپ خىل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش> فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىش، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك شىنخۇا كىتابخانىلىرى جايلاردىكى مائارىپقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار ۋە مەكتەپلەر تاللاپ بېكىتكەن دەرسلىكلەرنى زاكاز قوبۇل قىلىپ تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. دەرسلەرگە ئوقۇتۇشتا قوللىنىلىدىغان كىتابلار مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن كىتابلارنى قوشۇپ زاكاز قوبۇل قىلىش، دەرسلىكلەرنى ئۆلكە ئاتلاپ تارقىتىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
8 - ماددا پىرىنسىپ جەھەتتە كىتابخانىلار مەكتەپلەردىن ئالدىن كىتاب پۇلى يىغماسلىقى كېرەك، مەلۇم سەۋەب بىلەن كىتاب پۇلىنى ئالدىن يىغىشقا توغرا كەلسە، ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەتستىقلىتىش لازىم. لېكىن ئالدىن يىغىش مۇددىتى ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئالدىن يىغقان پۇل زاكاز قىلىنغان دەرسلىك ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %70 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
9 - ماددا ھەر دەرىجىلىك شىنخۇا كىتابخانلىرى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خىزمەت تۈزۈمىنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرس باشلاشتىن ئىلگىرى كىتابلارنى مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. مەكتەپلەرگە كىتاب يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەقىقەتەن قىيىن بولغان ئايرىم جايلاردىكى كىتابخانىلار مەكتەپلەرنىڭ كېلىپ كىتاب ئېلىپ كېتىشىگە كەتكەن چىقىمنى شۇ جاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئاتچوت قىلىپ بېرىشى لازىم.
ھەر دەرىجىلىك شىنخۇا كىتابخانىلىرى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى تولۇقلاپ زاكاز قىلىش ۋە تەڭشەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ھەمكارلىشىشى لازىم، ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ساتىدىغان كىتابخانىلار ياكى مەخسۇس دەرسلىك ساتىدىغان پوكەيلەرنى تەسىس قىلىپ، ئىقتىدارلىق، خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەيدىغان خادىملارنى سەپلەپ دەرسلىكلەرنىپارچە سېتىش كەسپىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۆتكىلىپ تۇرۇشى بىلەن كېلىپ چىققان تولۇقلاپ زاكاز قىلىش ۋە تولۇقلاپ سېتىۋېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.
10 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەرسلىك نەشر قىلش، تارقىتىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى، مائارىپ ۋە نەشرىيات تارماقلىرى بۇ خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى لازىم. جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۆز ئارا ماسلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلىشى لازىم.
11 - ماددا بۇ بەلگىلىمىنى چۈشەندۈرۈشكە دۆلەت مائارىپ كومىتېتى ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ.
12 - ماددا بۇ بەلگىلىمە تارقىتىلغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. بۇ بەلگىلىمە تارقىتىلىشتىن ئىلگىرىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە بۇ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جايلار بولسا، مۇشۇ بەلگىلىمە ئۆلچەم قىلىنىدۇ.