UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارسىياسىي نۇقتىنەزىرى خاتا ماقالە، كىتابلارنى ئېلان قىلىش، نەشر قىلىشنى قەتئىي توسۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

سىياسىي نۇقتىنەزىرى خاتا ماقالە، كىتابلارنى ئېلان قىلىش، نەشر قىلىشنى قەتئىي توسۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

قانۇنلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 2000 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. ئىشخانا (2000) 1288 - نومۇرلۇق يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئاز ساندىكى گېزىت - ژۇرناللار ۋە نەشرىياتلاردا سىياسىي ئۆتكۈرلۈك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق كەمچىل بولغاچقا، بەلگىلىمە بولسىمۇ ئۇنىڭغا رىئايە قىلماي، ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلىمەي، تۆت ئاساسىي پرىنسىپقا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسەتلىرىگە خىلاپ بولغان، نۇقتىئىنەزىرى خاتا بولغان بەزى ماقالە، كىتابلار ئېلان قىلىندى، نەشر قىلىندى، بەزىلىرى يېتەكچى ئىدىيىدە كۆپ مەنبەلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچى ئورنىنى ئىنكار قىلدى؛ بەزىلىرى غەربنىڭ دېموكراتىيىسى ۋە ئەركىنلىكىنى تەرغىپ قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سۇتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئىنكار قىلدى؛ بەزىلىرى تارىخي ئىنكارچىلىقنى تەرغىپ قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈرەش تارىخىنى بۇرمىلىدى؛ بەزىلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە گۇمانلىنىش، ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى قوللاندى ۋە باشقىلار. بۇنداق خاتا ئىدىيۋى، سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرنى ھەرگىز ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، جەزمەن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. نەشرىياتچىلىق خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇلىدۇ: بىرىنچى، ھەر دەرىجىلىك نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى، ھەر قايسى نەشرىيات ئورۇنلىرى باش شۇچى جياڭ زېمىننىڭ <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> مۇھىم ئىدىيىسى ۋە مەركىزىي كومىتېت ئاچقان ئىدىيۋى، سىياسىي خىزمەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە چۈشىنىپ، نەشرىياتچىلىق خىزمىتىنىڭ ئىككى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا زىممىسىگە ئالغان مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە ئىستىھكام ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماركىسىزمنىڭ يېتەكچى ئورنىنى ئاڭلىق قوغدىشى ۋە مۇستەھكەملىشى، سىياسىي يۆنىلىش ۋە تۈپ پرىنسىپقا ئالاقىدار مەسىلىلەردە بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىلمىي نەزەرىيىنى تەشۋىق قىلىدىغان، توغرا ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئۇرغۇتىدىغان ئىستىھكام بولۇپ چىقىشى كېرەك. ئىككىنچى، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، سىياسىي خاتالىق بار كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسىنى بەزى خىزمەت ئىشخانىلىرى، مەدەنىيەت شىركەتلىرى قاتارلىق غەيرىي نەشر قىلىش تەشكىلاتلىرى پىلانلىغان، بەزى نەشرىيات ئورۇنلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ نومۇر سېتىپ، بۇ كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشىغا ئىمكانىيەت ئورۇنلىرىنىڭ نومۇر سېتىپ كىتاب نەشر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ھەمكارلشىش نامى بىلەن كىتاب نومۇرى سودىسى قىلىشتەك بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلار قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى، ھەر دەرىجىلىك نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرىغا مەسئۇل تارماقلار ئۆزلىرىگە قاراشلىق نەشر ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى، ئۇلارغا بولغان نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ، ئۆزلىرىگە قاراشلىق نەشر ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى، ئۇلارغا بولغان نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ، نەشرىياتچىلىق ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئادا قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، سىياسىي نۇقتىنەزىرى خاتا ماقالە، ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان، نەشر قىلغان نەشرىيات ئورۇنلىرىنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارماقلىرى <نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى> ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارغا نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارغا مۇناسىپ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار
سىياسىي نۇقتىنەزىرى خاتا ماقالە، كىتابلارنى ئېلان قىلىش، نەشر قىلىشنى قەتئىي توسۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki