UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملاركىتاب سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى

كىتاب سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى

قانۇنلار ئاخبارات ـ نەشرىيات مەھكىمىسى. 1997 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى 8 - نومۇرلۇق بۇيرۇق بىرنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 - ماددا گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان < نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى > غا ئاساسەن، قاتتىق ، ئۈنۈملۈك، ئىشلىمەك ئاسان بولغان كىتاب سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە يولغا قويۇش كىتاب نەشر قىلىشنى كۆلەم - ساننى كېڭەيتىشنى ئاساس قىلىشتىن سۈپەت - ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىش تەرىپىگە بۇراپ، كىتاب نەشر قىلىشنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنى ئۆسۈرۈش - سوتسىيالىستىك نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2 ـ ماددا كىتاب سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشسىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە يولغا قويۇشتىكى يېتەكچى ئىدىيە ماركىسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە دېڭ شىياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىينىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە ۋە ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان، سوتسىيالىستىل مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، نەشرىياتچىلىق خىزمىتىنىڭ ئۆز قانۇنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان نەشرىياتچىلىق تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يۆنىلىشىدە، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىدا، نەشرىياتچىلىقنى گۈللەندۈرۈشنىڭ سالمىقى سۈپەتتە دېگەن ئىدىيىدە چىك تۇرۇپ، كىتاب سۈپىتىنىڭ ئۆسكەن - ئۆسمىگەنلىكىنى نەشرىياتچىلىق خىزمىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلغان - قىلمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان، نەشرىياتچىلىق ئىسلاھاتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان - بولمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان مۇھىم بەلگە قىلىش، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نەشرىياتچىلىق ئشىلىرىنى ساغلام، تەرتىپلىك، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. 3 - ماددا كىتاب سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى يولغا قويۇشنىڭ تۈپ پرىنسىپى شۇكى، كىتاب سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى بىر خىل سىستېما قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭ قاتتىق تەشكىلى بولۇشى، ئۇنىڭغا ھەر قايسى نەشرىياتلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار، ھەر دەرىجىلىك نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارماقلىرى، شۇنىڭدەك جەمئىيەتتىك ھەر ساھەلەر ئورتاق قاتنىشىپ، تور شەكىللەندۈرۈش لازىم؛ ئىلمىي، قاتتىق ۋە ئۈنۈملۈك مېخانىزم بولۇشى، كىتاب ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئشىلىرىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئۇنى تارماقلارغا، باسقۇچقا، قاتلامغا بۆلۈپ يولغا قويۇش، ۋەزىپىنى ئېنىق ئايرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش ۋە ئىش ئېلىپ بېرىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش لازىم؛ ياراملىق قوشۇن بولۇشى، ھەر قايسى ئورۇنلار پىلان تۈزۈپ، نەشرىياتچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەر دەرىجىلىك ۋە ھەر خىل خادىملارنى، بولۇپمۇ تەھرىرلىك خىزمىتى ۋە تەھرىرلىك مۇمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى سىناپ ۋە تەربىيلەپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيۋى، سىياسىي، كەسپىي ئەخلاق ۋە كەسپىي تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. 4 - ماددا كىتاب نەشر قىلىشتىكى قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. كىتاب نەشر قىلىشتىكى قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كىتاب سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى نورمال، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان < نەشىرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى > نەشىرىياتچىلىق كەسىپنىڭ مۇھىم قانۇنى، شۇنداقلا كىتاب سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشنىڭ كاپالىتى. ھەر دەرىجىلىك نەشىرىياتچىلىق مەمۇرىي تارماقلىرى < نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى > غا ئاساسەن قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئورۇندىشى < نەشىرياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى > ۋە < كىتاب سۈپىتنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى > غا خىلاپ قىلمىلارنى مۇناسىپ نىزام ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، بۇ ئارقىلىق سوتسىيالىستىك نەشىرياتچىلىق نىزاملىرى ۋە بەلگىلىمىلىرنىڭ نوپۇزىنى ۋە كەسكىنلىكىنى قوغدىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى، نەشرىياتلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە نەشرىياتلار < نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى > ۋە < كىتاب سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى > نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مۇشۇ نىزام ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى شۇنداقلا نەشرىياتلارنىڭ باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرى ۋە تۈزۈملىرىنى بېكىتىپ، كىتاب چىقىرىشنى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. ئىككىنچى باب تەھرىرلەش ۋە نەشر قىلىش مەسئۇلىيىتى نىزامى بىرىنچى پاراگراف ئالدىنقى مەزگىللىك كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى 5 - ماددا كەسىپلەر بويىچە ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ كىتاب چىقىرىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. كەسىپلەر بويىچە ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ كىتاب چىقىرىش نەشرىياتلاردىكى كەسپىي خادىملارنىڭ رولىنى، نەشرىياتلارنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ساھەسى، ئۆز تارمىقى، ئۆز رايونى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، كىتاب سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نەشرىيات ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم رولغا ئىگە. نەشرىياتلار قەتئىي تۈردە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن كىتاب چىقىرىش دائىرىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك. 6 - ماددا تېما تاللاشنى پىلانلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش. (1) كىتاب سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئالدى بىلەن تېمىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا باغلىق، سەرخىللاشتۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى تېما تاللاشنى پىلانلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت. (2) پىلانلاش نەشرىياتچىلىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى، نەشرىياتتىكى بارلىق تەھرىرلەر تەھرىرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تېما تاللاشتا پىلانلاش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشى كېرەك. (3) نەشرىياتلارنىڭ تەھرىرلىرى تېما تاللاشنى پىلانلاش ۋاقتىدا، ئۆز نەشىرىياتىنىڭ كىتاب چىقىرىش دائىرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كەڭ تۈردە يىغىش، توپلاش ۋە تەتقىققىلىشقا، ئالاقىدار ئىلمىي ئورۇنلار، پەن تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش، ئىجادىيەت ئورۇنلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ، پىلانلاش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. 7 - ماددا تاللانغان تېمىلارنى دەلىللەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. تاللانغان تېما سۈپىتىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى كىتابلارنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەشىرىياتنىڭ ئومۇمىي كىتاب چىقىرىش سەۋىيىسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەشرىيات تاللانغان تېمىلارنى كۆپ جەھەتتىن تەكشۈرۈپ، ھەم ئۇنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى مىكرو جەھەتتىن دەلىللىشى، ھەم تاللانغان ھەر خىل تېمىلارنىڭ قۇرۇلمىسىنڭ مۇۋاپىق بولۇشىنى ماكرو جەھەتتىن دىققەت قىلىشى كېرەك: (1)تاللانغان تېمىلارنى دەلىللەشتە ماكىسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە يولداش دېڭ شىياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىينىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، < خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خىزمىتىدىن ئىبارەت ئومۇمىيلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش >، < بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، بارچە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش > فاڭجېنىنى ئىجرا قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالىي پرىنسىپ قىلىپ، مۇشۇ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، < ئىككى ئۈنۈم > نى ئەڭ ياخشى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ، تاللانغان تېمىلارنى دەلىللەش نەتىجىسىنى سۈپەت بىرىنچى پرىنسىپىغا، ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. (2) تەكشۈرۈش - تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئۇچۇر بايلىقلىرى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ بىلەن بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، تەكشۈرۈش - تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئىلىم - پەنلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ، كىتابخانلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئۇقۇپ، كىتاب بازارلىرىنىڭ تەمىنلەش - ئېھتىياج ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تاللانغان تېمىلارنى بېكىتىشنى توغرا، ئىشەنچىلىك، ئىلمىي ئاساس ئۈستىگە ئورنىتىشى لازىم. (3) دېموكراتىيە بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش بىرلەشتۈرۈلگەن دەلىللەش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش. تاللانغان تېمىلارنى دەلىللەش يىغىنى ئاچقاندا، ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇپ، ھەر كىم ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشى، ئىلمىي تەھلىلگە ئەھمىيەت بېرىپ، يوللۇق ۋە ئاساسلىق بولغان ھالدا پىكىردە بىرلىككە كېلىشكە تىرىشىشى كېرەك. پىكىرلەر بىرلىككە كېلەلمىگەن ئەھۋالدا، نەشرىيات باشلىقى ياكى باش مۇھەررىر قارار قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى پاراگراف ئوتتۇرا مەزگىللىك كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى 8 - ماددا ماقالىنى ئۈچ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. ماقالىنى تەكشۈرۈش تەھرىرلىك خىزمىتىدىكى مەركىزىي ھالقا، شۇنداقلا ئورىگىنال ئۈستىدە نەشرىياتچىلىق كەسپى نۇقتىسىدىن ئىلمىي تەھلىل ئېلىپ بېرىش ۋە ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت ئەقلىي پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تاللانغان تېما تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن تەھرىرلەشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، ئاپتور بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچۈيتىش لازىم. ماقالە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن بىرنچى تەكشۈرۈش، ئىككىنچى تەكشۈرۈش ۋە ئاخىرقى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەش لازىم. بۇ ئۈچ ھالقىنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. ئۈچ تەكشۈرۈش ھالقىسىنىڭ مەيلى قايسى ئىككى ھالقىسىنى بولسۇن، بىر ۋاقىت ئىچىدە بىر ئادەم ئۈستىگە ئالسا بولمايدۇ.ئۈچ تەكشۈرۈش جەريانىدا، سىياسىي خاراكتېردىكى ۋە سىياسەت خاراكتېرىدىكى مەسىلىلەرگە باشتىن - ئاخىر دىقققەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماقالىدىكى ئىلىم - پەن خاراكتېرلىك، سەنئەت خاراكتېرلىك ۋە بىلىم خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ئوبدان تەكشۈرۈش كېرەك. (1) بىرىنچى تەكشۈرۈشنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانى بار مۇھەررىر ياكى مەلۇم شەرتنى ھازىرلىغان ياردەمچى مۇھەررىر ( ئادەتتە ئېيتىلىدىغان مەسئۇل مۇھەررىر ) ئۈستىگە ئېلىپ، پۈتۈن ماقالىنى كۆرۈپ چىقىش ئاساسىدا، مۇھىمى، ماقالىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى ۋە مەدەنىيەت، ئىلىم قىممىتىنى كەسپىي جەھەتتىن تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، سىياسىي ئۆتكەلنى، بىلىم ئۆتكىلىنى ۋە تىل، گرامماتىكا ئۆتكىلىنى ئوبدان ئىگىلىشى ھەمدە بىرىنچى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى يېزىشى ۋە ماقالىنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك، ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. (2) ئىككىنچى تەكشۈرۈشنى ئالىي مۇھەررىر، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر ئۇنۋانى بار تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى دەرىجىلىك كىشلەر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئىككىنچى تەكشۈرۈشنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار پۈتۈن ماقالىنى ئوقۇپ چىقىشى ۋە ماقالىنىڭ سۈپىتى ھەم بىرىنچى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئۈستىدە ئۆز پىكرىنى يېزىپ، ئۇنىڭغا ئومۇمىي باھا بېرىشى ھەمدە بىرىنچى تەكشۈرۈشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. (3) ئاخىرقى تەكشۈرۈشنى ئالىي مۇھەررىر، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر ئۇنۋانى بار نەشرىيات باشلىقى، باش مۇھەررىر (مۇئاۋىن نەشرىيات باشلىقى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر) ياكى نەشرىيات باشلىقى، باش مۇھەررىر كۆرسەتكەن ئالىي مۇھەررىر، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر ئۇنۋانى بار كىشلەر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ( نەشرىيات باشلىقى، باش مۇھەررىرنىڭ ئالدىدىن ئۆتمىگەن ماقالىنى ئاخىرقى تەكشۈرۈشتە قويۇلغان پىكىرلەرنى نەشرىيات باشلىقى، باش مۇھەررىر كۆرۈپ چىقىشى كېرەك )، ئۇلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تەكشۈرۈشتە قويۇلغان پىكىرلەرگە ئاساسەن، مۇھىمى ماقالىنىڭ مەزمۇنىغا مەسئۇل بولۇشى، جۈملىدىن سىياسىي - ئىدىيۋى خاھىشى، ئىلمىي سۈپىتى، ئىجتمائىي ئۈنۈمنىڭ قانداقلىقى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت، بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە بۇ ماقالىگە باھا بېرىشى كېرەك. ئەگەر تاللانغان تېما دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان، ئاساسلىق باشقۇرۇغۇچى ئورۇن گوۋۇيۈننىڭ نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم تېما بولسا ياكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تەكشۈرۈشتە قويۇلغان پىكىرلەر ئوخشاش بولمىسا، ئاخىرقى تەكشۈرۈشنى ئۈستىگە ئالغۇچى كىشى ماقالىنى باشتىن - ئاخىر ئوقۇپ چىقىپ، مۇشۇ ئاساستا، ئۇنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى بەلگىلىشى كېرەك. 9 - ماددا مەسئۇل مۇھەررىر بەلگىلەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرىنى نەشىرىيات بېكىتىدۇ، بۇ خىزمەتنى ئادەتتە بىرىنچى تەكشۈرگۈچى ئۆتەيدۇ. ئۇ بىرىنچى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاندىن تاشقىرى، يەنە ماقالىنى تەھرىرلەش، رەتلەش ۋە ئاخىرقى كوررېكتورلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇپ چىقىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ مۇكەممەل، قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ زىچ، ئىلمىيلىقىنى تېخىمۇ توغرا، ئەدەبىيلىكنى تېخىمۇ راۋان، مەنتىقىلىقىنى تېخىمۇ پۇختا قىلىپ چىقىشى، تېخنىكا خاراكتېرلىك ئادەتتىكى خاتالىقلارنى تۈگىتىپ، پرىنسىپال خاتالىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، شۇنىڭدەك تەھرىرلەش، لايىھىلەش، تىزىش، كوررېكتورلۇق قىلىش، بېسىش قاتارلىق ئىش ھالقىلىرىنىڭ سۈپىتى ئۈستىدىن نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. كىتابنڭ سۈپتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ماقالىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، مەسئۇل مەھەررىر بولغۇچىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە كۆپەيتىشكىمۇ بولىدۇ. 10 - ماددا مەسئۇل تېخرىداكتور بەلگىلەش تۈزۈمىدە ۋە لايىھە نۇسخىسىنى ئۈچ دەرىجىلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. كىتابنىڭ ئومۇمىي لايىھىسى ئۇنىڭ مۇقاۋىسىنى لايىھىلەشنى ۋە بەت شەكلىنى لايىھىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لايىھىنىڭ سۈپىتى كىتابنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. كىتابنىڭ ئومۇمىي لايىھە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كىتاب سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەرىپى. نەشرىيات ھەر بىر خىل كىتاب ئۈچۈن شۇنىڭغا مۇناسىپ كەسپىي ئۇنۋانى بار مۇھەررىردىن بىرنى مەسئۇل تېىرىداكتور قىلىپ بېكىتىشى، ئۇ ئاساسەن كىتابنىڭ ئومۇمىي لايىھە نۇسخىسىنى، كونكرېت لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ لايىھىلەنگەن نۇسخىنىڭ ۋە لايىھىلەنگەن مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى تۇتۇشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. كىتابنىڭ ئومۇمىي لايىھىسىنىمۇ مەسئۇل تېخرىداكتور، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى، نەشرىيات باشلىقى ياكى باش مۇھەررىر ( مۇئاۋىن نەشىرىيات باشلىقى ياكى مۇئاۋىن باش مۇھەررىر ) تەكشۈرىدىغان ئۈچ دەرىجىلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم. 11 - ماددا مەسئۇل كوررېكتورلۇق تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. مەسئۇل كوررېكتورلۇق كىتاب چىقرىش جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان ھالقا بولۇپ، كىتابنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەشرىيات كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئىگە مەخسۇس كوررېكتورلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە قويۇپ، مەخسۇس كوررېكتورلۇق خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىشى كېرەك. نەشرىيات ھەر بىرخىل كىتاب ئۈچۈن كەسپىي تېخنىكا ئۇنىۋانىغا ئىگە مەخسۇس كوررېكتوردىن بىرنى مەسئۇل قىلىپ بېكىتىپ، كوررېكتورلۇق نۇسخىسىنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىغا، ھەر قېتىمقى كوررېكتورلۇقنىڭ سۈپىتىگە نازارەت قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشكە ھەمدە ئاخىرقى نۇسخىنى ئوقۇپ چىقىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىشى كېرەك. ئادەتتىكى كىتابلارنىڭ مەخسۇس كوررېكتورلۇقى ئۈچ قېتىمدىن ئاز بولماسلىقى، نۇقتىلىق كىتاب، قورال كىتابلارنىڭ كوررېكتورلۇقى مۇناسىپ ھالدا كۆپەيتىلىشى كېرەك. ئاخىرقى كوررېكتورلۇقنى نەشرياتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسپىي تېخنىكا ئۇنىۋانىغا ئىگە مەخسۇس كوررېكتورلار ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان كوررېكتورلار مۇناسىپ كەسپىي تېخنىكا ئۇنىۋانىغا ۋە مول كوررېكتورلۇق تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بولۇشى لازىم. زامانىۋى تىزىش تېخنىكىسى بىلەن تىزىلغان كىتابلارنىڭ ئاخىرقى كوررېكتورلۇق نۇسخىسىنىڭ پىليونكىسى ياكى ئۇنىڭدىن چىقىرىلغان نۇسخسىنىمۇ ئوقۇپ چىقىش كېرەك. 12 - ماددا باسما سۈپىتى ئۆلچىمى ۋە < ھاۋالىنامە > تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، نەشرىيات باستۇرىدىغان كىتابلىرىنى < كىتاب، گېزىت، ژۇرنال بېسىش ئىجازەتنامىسى > بار زاۋۇتلاردا باستۇرۇشى كېرەك. باسما زاۋۇتى كىتاب بېسىش ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلغاندا، نەشرىيات بەرگەن، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش تۈزگەن < ھاۋالىنامە > نى تەكشۈرۈشى لازىم، بولمىسا بېسىشقا بولمايدۇ. بېسىش ۋاقتىدا چوقۇم دۆلەت تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش تارماقلىرى ۋە نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بېكىتكەن كىتاب، ژۇرنال بېسىش ئۆلچىمىگە ۋە كىتاب، ژۇرنال مەتبەئە سۈپىتىگە نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك. 13 - ماددا كىتاب ئىسمى بەتلىرىنى ئىشلىتىش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش. كىتاب ئىسمى بەتلىرى كىتابنىڭ تېكىستىدىن بۇرۇن تولۇق كىتاب ئىسمى ئۇچۇرلىرى بېسىلغان بەتلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاساسلىق كىتاب ئىسمى بەتلىرى ۋە قوشۇمچە كىتاب ئىسمى بەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىق كىتاب ئىسمى بەتلىرىگە كىتابنىڭ تولۇق ئىسمى، ئاپتور ئىسمى، نەشر ھوقۇقى چۈشەندۈرۈشى، نەشر قىلىنىۋاتقان كىتاب كاتالوگىنىڭ سانلىق ئاساسى، نەشر نۇسخىسى خاتىرىسى قاتارلىق مەزمۇنلار بېسىلىدۇ؛ قوشۇمچە كىتاب ئىسمى بەتلىرىگە كىتابنىڭ كۆپ قىسىملىقى، مەجمۇئە ئىكەنلىكى، تەرجىمە قىلىنغانلىقى قاتارلىق كىتاب ئىسمىغا ئائىت ئۇچۇرلار بېسىلىدۇ. كىتاب ئىسمى بەتلىرى كىتابنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قىسمى بولۇپ، مۇھىم ئۇچۇر قىممىتىگە ئىگە. نەشرىيات كىتاب نەشر قىلىشتا چوقۇم دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچىمى بويىچە ئىش قىلشى لازىم. 14 - ماددا جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى ۋە تىك سىزىقلىق نومۇرىنى ئىشلىتىش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش. جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى تۆۋەتتە خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان ئىلمىي ۋە ئەقىلغا مۇۋاپىق بولغان بىر خىل كىتاب نومۇرى سىستېمىسىدىن ئىبارەت. تىك سىزىقلىق نومۇر تېخنىكىسى خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان بىر خىل ئاساسىي ئۇچۇر كۆرسىتىش تېخنىكىسى بولۇپ، كىتابقا تىك سىزىقلىق نومۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش كىتاب ئۇچۇرىنىڭ كىتاب سېتىش جەريانىدا كەڭ ۋە تېز تارقىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق. نەشرىيات چوقۇم دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە، جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى ۋە تىك سىزىقلىق نومۇر تېخنىكىسىنى توغرا ئىشلىتىلىشى لازىم. ئۈچىنچى پاراگراف ئاخىرقى مەزگىللىك كاپالەتلەندۈرش مېخانىزمى 15 - ماددا كىتابنى تۈركۈملەپ تۈپلەشتىن بۇرۇنقى كىتاب ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. باسما زاۋۇتى ھەر خىل كىتابلارنىڭ مۇقاۋىسى ۋە تېكىستىنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن تۈركۈملەپ تۈپلەشتىن ئىلگىرى ئەۋرىشكە كىتابتىن ئوننى ئاۋۋال تۈپلەپ، تەكشۈرۈش ئۈچۈن نەشرىياتقا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. نەشرىياتنىڭ باسما ئىشلىرىغا مەسئۇل كەسپىي خادىملىرى، مەسئۇل مۇھەررىر، مەسئۇل كوررېكتور ۋە نەشرىياتنىڭ شۇ ئىشقا ئاساسلىق رەھبىرى تۈپلەنگەن ئەۋرىشكە كىتابنىڭ سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ چىقىشى، ئەگەر مەسىلە سېزىلسە، دەرھال باسما زاۋۇتى بىلەن تۈپلەش زاۋۇتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، تۈپلىنىش ئالدىدىكى ۋاراقلارنى پېچەتلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى؛ ئەگەر مەسىلە سېزىلمىسە باسما زاۋۇتى بىلەن تۈپلەش زاۋۇتىغا تۈپلەشنى باشلاش توغرىسىدا رەسمىي يازما ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈشى لازىم. نەشرىيات ئەۋرىشكە كىتابىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە زاۋۇتلارغا خەۋەر قىلىشى كېرەك. زاۋۇتلار نەشرىياتنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىشتىن بۇرۇن، بېسىلىپ بولغان ۋاراقلارنى ئۆزى خالىغانچە تۈپلەپ چىقىرىۋەتمەسلىكى كېرەك. 16 - ماددا كىتاب چىققاندىن كېيىن تەكشۈرۈش - باھالاش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. نەشرىيات كىتاب سۈپىتىنى تەكشۈرۈش - باھالاش ھەيئىتى قۇرۇشى لازىم. بۇ ھەيئەت ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە خىزمەتتىكى ياكى خىزمەتتىن ئايرىلغان تەھرىرلەر ھەم جەمئىيەتتىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تېپىپ، نەشرىياتنىڭ يېڭى نەشر قىلغان كىتابلىرىنى قەرەللىك تۈردە سۈپەت جەھەتتىن ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ تۇرۇشى كېرەك. باھالاش نەتىجىسىگە قاراپ، نەشرىيات ياخشىلىرىنى مۇكاپاتلىشى، ناچارلىرىنى جازالىشى ھەمدە سۈپەتتە مەسىلە كۆرۈلگەن كىتابلارنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مۇناسىپ ھالدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 17 - ماددا كىتابقا زاكاز قوبۇل قىلىش ئېلانىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. نەشرىياتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئۆز نەشرىياتىنىڭ كىتابلىرى توغرىسىدا بېرىلىدىغان ئېلاننىڭ سۈپىتىگە تولۇق مەسئۇل بولۇشى كېرەك. نەشر قىلىش، تارقىتىش ئورۇنلىرى كىتابنى سېتىش ئۈچۈن تەييارلىغان زاكاز توپلاش تالونى بىلەن ئېلاننى ئاۋۋال نەشرىياتنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇشى، نەشرىياتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بەلگىلىگەن تارماقنىڭ مەسئۇلى بىلەن مەسئۇل مۇھەررىر تالون بىلەن ئېلاننى تەكشۈرۈپ قوشۇلغان ۋە يازما پىكىر يازغاندىن كېيىن ئاندىن بېسىپ تارقىتىشى لازىم. 18 - ماددا نۇسخا كىتاب ئەۋەتىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. نەشرىيات ھەر بىر خىل كىتاب نەشردىن چىققاندىن كېيىن بىر ئاي ئىچىدە بەلگىلىمە بويىچە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسگە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەشرىيات ئىدارىسىگە، جۇڭگو نەشر نۇسخىسى كۇتۇپخانىسىغا، بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىغا بىر (يۈرۈش ) دىن كىتاب ئەۋەتىشى كېرەك. 19 - ماددا كىتابنى قايتا نەشر قىلىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. كىتابنىڭ قايتا نەشر قىلىنىشى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىتابنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇش تېخىمۇ زۆرۈر. نەشرىيات نەشر قىلغان يېڭى كىتابنى تۇنجى قېتىم قايتا نەشر قىلىشتىن بۇرۇن ئالىي ئۇنۋان بار تەھرىرلەرنى ( ئالىي ئۇنۋانى بار دەم ئېلىشقا چىققانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) كىتابنى مەزمۇن ۋە سۈپەت جەھەتتىن قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى، ئۇلار يېزىپ چىققان تەكشۈرۈش پىكىرلىرىنى نەشرىيات باشلىقى ياكى باش مۇھەررىر تەكشۈرۈپ بېكىتىشى كېرەك. 20 - ماددا كىتاب ئورىگىنالى ۋە كىتاب سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. نەشرىيات ئورىگىنالى كىتابنى نەشر قىلىش توختامى، ئورىگىنالنى ئۇقۇپ چىقىپ يېزىلغان پىكىر، قەلەم ھەققىنى ئۇقتۇرۇش قىلىش تالونى، بېسىش ھاۋالىنامىسى، تىزىش - بېسىش ئۇقتۇرۇشى، ئەۋرىشكە كىتاب قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئارخىپقا ئېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىتابنىڭ ئومۇمىي سۈپەت ئەھۋالىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىپ، كىتاب سۈپىتىنى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كىتابنى نەشر قىلىش جەريانىدىكى ھەر بىر ھالقىنىڭ سۈپەت ئەھۋلى، شۇنىڭدەك كىتابخانلار ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كىتابنىڭ سۈپتى توغرىسىدىكى پىكىرلىرى، كىتابقا بېرىلگەن باھا ۋە ھەرخىل مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ئەھۋاللىرىنىمۇ جەدۋەل شەكلىدە خاتىرىلەپ ئارخىپقا ئېلىش لازىم. 21 - ماددا نەشرىيات ئاپتور ۋە كىتابخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. نەشرىيات ئاپتور ۋە كىتابخانىلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت، زىچ ئالاقىدە بولۇپ، ئاپتورلارغا تايىنىش ۋە ئىمكانىيەت يار بەرگەن شارائىت ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر شەرت - شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاپتور ۋە كىتابخانىلارنىڭ كىتاب سۈپىتى توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ، خىزمەتنى ۋاقتىدا ياخشىلىشى لازىم. ئۈچىنچى باب نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇشنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەش مېخانىزمى بىرىنچى پاراگراف ئالدىن مەلۇم قىلىش مېخانىزمى 22 - ماددا يىللىق تېماتىك پىلانىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشىريات ئىدارىسى ۋە نەشرىياتلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئۆز تەۋەسىدىكى ۋە ئۆزىگە قاراشلىق نەشرىياتلارنىڭ تېماتىك پىلانىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان، ئۇلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزام، بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇشى لازىم؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەشرىياتلارنىڭ تېماتىك پىلانلىرىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملارنىڭ تەشۋىقات تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇشىلازىم.ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشىرياتلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار تەستىقلىغان نەشرىيارتلارنىڭ تېماتىك پىلانلىرىنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. ئاخبارات - نەشىرىيات مەھكىمىسى يۆنىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە يېتەكچىلىك خاراكتېردىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا، بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان پىلانلارنى تەڭشەيدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ. 23 - ماددا پىلانغا كىرگۈزۈلگەن مۇھىم كىتابلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. پىلانغا كىرگۈزۈلگەن سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، بىخەتەرلىك، دىپلوماتىيە، دىن، مىللەت مەسىلىلىرىگە ئوخشاش نازۇك مەسىلىلەرگە چېتلىدىغان مۇھىم كىتابلار ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەشكە تېگىشلىك مۇھىم كىتابلارنى گوۋۇيۈەن چىقارغان < نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش نىزامى > ۋە گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتەش لازىم. ئومۇمەن ئەنگە ئالدۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن مۇھىم كىتابلارنى نەشرىياتلار نەشر قىلىشتىن بۇرۇن، ئاخبارات - نەشىرىيات مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم، ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىمىغان ياكى يوللانغاندىن كېيىن ئەنگە ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا جاۋاب بېرىلمىگەن كىتابلارنى بىردەك نەشر قىلىشقا بولمايدۇ. مۇھىم كىتابلارنى ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ ئادەتتىكى تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: ئاۋۋال نەشرىيات ئىلتىماس يېزىپ، ئورىگىنالنى كۆرۈپ چىققانلىق توغرىسىدىكى پىكىر بىلەن ( ئىشەنچ قىلالمىغان، سوراشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئېنىق يېزىپ ) كىتاب ئورىگىنالىنى قوشۇپ مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىدۇ؛ مەسئۇل تارماق ئورىگىنالنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن چىقىرىش قىممىتى بار ئىكەن دەپ قارىسا، ئۇنى يەنە ئاخبارات - نەشىريات مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللايدۇ، يوللاش ۋاقتىدا ئەنگە ئالدۇرۇش جەدۋىلىنى تولدۇرۇشى ۋە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى، يەنى (1) ئەنگە ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتنى ؛ (2)ئورىگىنالىنى؛ (3) نەشرىياتنى باشقۇرغۇچى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقنىڭ كونكرېت تەكشۈرۈش پىكرىنى قوشۇپ ئەۋەتىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماتېرىياللار تولۇق بولمىسا، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ ئەنگە ئېلىشقا مەسئۇل تارمىقى ئۇنى ئالغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. 24 - ماددا مەملىكەت بويىچە تىزىشقا بېرىلىدىغان يېڭى كىتابلار كاتالوگىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. < مەملىكەت بويىچە تىزىشقا بېرىلىدىغان يېڭى كىتابلار توغرىسىدايېرىم ئايلىق مەلۇمات > دۆلەتنىڭ نەشرىياتچىلىقىنى باشقۇرۇش تارمىقى نەشرىياتچىلىقنىڭ ھالىتىنى ئىگىلەپ تۇرىدىغان مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ ۋە تەتقىق قىلىپ، خاھىش خاراكتېرىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىشى ئۈچۈن، نەشرىياتلار يېڭىدىن تىزىلىدىغان كىتابلارنىڭ كاتالوگىنى ۋاقتىدا ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن مەلۇم قىشى كېرەك. ئىككىنچى پاراگراف يېتەكلەش مېخانىزمى 25 - ماددا نەشرىياتچىلىق ئەھۋالىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى ئېچىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى رىياسەتچلىك قىلىدىغان نەشرىياتچىلىق ئەھۋالىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى قەرەللىك ئېچىلىدۇ، بۇ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك مىنستىرلىكلەر ۋە كومىتېتلار، ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈملىرى،ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتنىشىدۇ، يىغىندا ئاساسەن مەركەز ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى روھى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، نەشرىياتچىلىق خىزمىتىدىكى يېڭى ئەھۋاللار، يېڭى مەسىلىلەر ئۇقتۇرۇلىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نەشرىياتچىلىق خىزمىتىگە قارىتا يېتەكچىلىك قىلىش پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. 26 - ماددا نەشرىياتچىلىققا ئائىت نىزاملار بويىچە تەربىيلەشنى كۈچۈيتىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. نەشرىياتچىلىق خىزمىتىدە كۆرۈلگەن،دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتلارنىڭ ۋە پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى چاقىرىپ، نەشرىياتچىلىققا ئائىت نىزاملارنى ئۆگىنىدىغان، مەسىلىلەرنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىدىغان ۋە تۈزۈش،ياخشىلااش تەدبىرلىرىنى تۈزىدىغان كۈچەيتىش كۇرۇسلىرىنى ئاچىدۇ. 27 - ماددا جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەر خىل ئاخبارات تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەغ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كىتاب سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا، سىياسەتتىن خەۋەردار قىلىش، ئۇچۇر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش،يامان كىتابلارنى تەنقىد قىلىش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. 28 - ماددا ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك كىتاب چىقىرىش پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، يىللىق تېماتىك پىلان تۈزۈشكە قىلىنىدىغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، پىلان تۈزۈشتىكى مەقسەت يۆنىلىشىنى، سۈپەتنى تۇتۇپ، كىتاب نەشر قىلىشتىكى ئومۇمىي سۈپەتنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەشىرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئۇزاققىچە، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. ئاخبارات - نەشرىيارت مەھكىمىسى، ئاساسەن، دۆلەتنىڭ مۇھىم كىتابلارنى نەشر قىلىدىغان بەش يىللىق پىلانىنى ۋە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق نەشر قىلىدىغان قۇرۇلۇش پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ۋە نەشرىياتلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلارمۇ ئۆز رايونى ۋە ئۆز تارمىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەم ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ نەشر قىلىش پىلانىنى ئوبدان تۈزۈشى لازىم. پىلان لايىقىدا،مۇھىم گەۋدىلەندۈرۈلگەن، يۆنىلىش ئېنىق بولۇشى كېرەك. يىللىق تېماتىك پىلاننى ئوبدان تۈزۈش كىتاب سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى، ئومۇمەن، يىل ئاخىرىدا كېلەر يىللىق تېماتىك پىلاننى تۈزۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ۋە نۇقتىلىق مەزمۇنى توغرىسىدا پرىنسىپال پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات نەشرىيات ئىدارىسى ۋە نەشىرىياتنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئۆز رايونى ۋە ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. 29 - ماددا نەشر قىلىش فوندىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ۋە نەشرىياتنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار، شۇنىڭدەك ھەر قايسى نەشرىياتلار شەرت - شارائىت يارىتىپ، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، كۆپ يول بىلەن مەبلەغ جۇغلاپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ شەكىللىك نەشىر قىلىش فوندى تەسىس قىلىپ، ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ يېتەكلەش ۋە تەڭشەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېسىل كىتابلارنىڭ نەشر قىلىشنى يۆلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فوندىنى باشقۇرۇش ۋەئىشلىتىشنىڭ ئىلمىي بولغان ۋە ئاقىدىغان چارىسىنى تۈزۈشى كېرەك. ئۈچىنچى پاراگراف چەكلەپ تۇرۇش مېخانىزمى 30 - ماددا نەشرىياتلارنى يىللىق تەكشۈرۈپ تىزىملاش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. نەشرىياتلارنى يىللىق تەكشۈرۈشتە < بىر يىلدا بىر قېتىم ئۆزى تەكشۈرۈش، ئىككى يىلدا بىر قېتىم بىر تۇتاش تەكشۈرۈش > يولغا قويۇلىدۇ، يەنى ھەر يىلى نەشرىيات خىزمىتىنى خۇلاسىلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرىدۇ؛ ھەر ئىككى يىلدا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەشرىياتلارنى بىر تۇتاش تەكشۈرۈشنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلغان يىللىق تەكشۈرۈشتە ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىش ۋە خىزمەتنى خۇلاسىلەش ئاساسىدائاۋۋال نەشرىياتلار ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، خىزمەتنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە خۇلاسە دوكلاتى يازىدۇ، مەسئۇل تارماق دوكلاتنى كۆرۈپ چىقىپ ئۆز پىكرىنى قويغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ. ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى لاياقەتلىك دەپ تەستىقلىغان نەشرىياتلار تىزىمغا ئېلىنىپ، كىنىشكىسى يەڭگۈشلەپ بېرىلىدۇ. لاياقەتلىك بولمىغانلارغا تىزىملاشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش جازاسى بېرىلىپ، ئۇنىڭ كەسپىي ئىشلىرى توختىتىلىدۇ. ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش مۇددىتى ھۆججەت چۈشۈرۈلگەن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي بولىدۇ. ئالتە ئاي ئىچىدە تۈزەش - ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يەنىلا يىللىق تەكشۈرۈپ تىزىملاشنىڭ ئاساسىي شەرتىگە توشمىغان نەشرىياتلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش سالاھىيىتى ۋە نەشرىيات نومۇرى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 31 - ماددا كىتاب نومۇرى ئومۇمىي مىقدارىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. كىتاب نومۇرى ئومۇمىي مىقدارىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش تېماتىك پىلانىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق كىتابلار، ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ نەشر قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق، نەشرىياتچىلىق بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلىشقىمۇ پايدىلىق. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى، نەشرىياتلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە نەشرىياتلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تۈزگەن كىتاب نومۇرى ئومۇمىي مىقدارىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەشكە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم. 31 - ماددا كىتاب نومۇرى ئومۇمىي مىقدارىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. كىتاب نومۇرى ئومۇمىي مىقدارىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش تېماتىك پىلانىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق كىتابلار، ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ نەشر قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق، نەشرىياتچىلىق بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلىشقىمۇ پايدىلىق. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى، نەشرىياتلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە نەشرىياتلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تۈزگەن كىتاب نومۇرى ئومۇمىي مىقدارىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەشكە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم. 32 - ماددا ئۆلكە ئاتلاپ باستۇرىدىغان كىتابلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. ئومۇمەن، كىتابلارنى ئۆلكە ئاتلاپ باستۇرۇشتا، نەشرىيات كىتاب باستۇرۇش < ھاۋالىنامە > سىنى ئېلىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە بېرىپ باشقا ئۆلكىدە باستۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى،ئاندىن باسما زاۋۇتى تۇرۇشلۇق ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە بېرىپ مۇشۇ ئۆلكىدە باستۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. < ھاۋالىنامە > نى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئۆزلىرى ئايرىم - ئايرىم تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى لازىم. ئۇنداق قىلىنمىسا، باسما زاۋۇتىنىڭ بۇ ئىشنى قوبۇل قىلىشىغا بولمايدۇ. 33 - ماددا كىتابلارنى سېتىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈشكە يوللاش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. توپ تارقىتىش ۋە پارچە سېتىشتىن بۇرۇن كىتاب ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش كىتابلارنىڭ سەلبىي تەسىرىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم ۋاستىلىرىدىن بىرى. كىتاب بازارلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماقلار توپ تارقىتىلىدىغان ۋە پارچە سېتىلىدىغان كىتابلارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى چوقۇم مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە، سېتىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈشنى كۈچۈيتىشى لازىم، مەيلى توپ تارقىتىش بازىرى ياكى پارچە سېتىش بازىرى ( يايما ) بولسۇن، بازار ( يايما ) دا سېتىلىدىغانلىكى كىتابنى يەرلىك كىتاب بازارلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تەستىقلىتىش لازىم، تەستىقلانمىغان كىتابلارنى توپ تارقىتىشقا، پارچە سېتىشقا بولمايدۇ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ توپ تارقاتقان ۋە پارچە ساتقانلارغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مەمۇىي جازا بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىتاب بازارلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى چوقۇم قانۇن بويىچە ئىش قىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. تۆتىنچى پاراگراف نازاراەت قىلىش مېخانىزمى 34 - ماددا خالىغان كىتابنى ئالدۇرۇپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنى نۇقتىلىق، مەقسەتلىك، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەجرىبىلىك، سەۋىيىسى بار تەكشۈرۈش خادىملىرىنى ئۆز تەۋەسىدىكى نەشرىياتلار نەشر قىلغان ۋە بازاردا سېتىلىۋاتقان كىتابلارنى خالىغان ۋاقىتتا ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئېسىل كىتابلارنى كىتابخانلارغا كۈچەپ تونۇشتۇرۇشى، مەسىلە بار كىتابلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ۋە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بولسا ۋاقىتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى، تۆۋەندىكىلەرنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشى لازىم. 35 - ماددا كىتاب نەشر قىلىش ئۈستىدە قەرەللىك ھالدا ئومۇمىي تەھلىل ئېلىپ بېرىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئۆز رايونىدىكى نەشرىياتلار نەشر قىلغان كىتابلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ چۈشىنىپ، نەشرقىلىنغان كىتابلار ئۈستىدە ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئومۇمىي تەھلىل ئېلىپ بېرىپ ( نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئەھۋالى، كىتابلارنىڭ قۇرۇلمىسى، ئالاھىدىلىكى، يۈزلىنىشى، ساقلانغان مەسىلە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، يازما دوكلات ئارقىلىق ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللىشى لازىم. 36 - ماددا كىتابلارنىڭ تەھرىرلىك - كوررېكتورلۇق، بېسىش - تۈپلەش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. تەھرىرلىك - كوررېكتورلۇق، بېسىش - تۈپلەش سۈپىتى كىتاب ئومۇمىي سۈپىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، كىتابنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىتابلارنىڭ تەھرىرلىك - كوررېكتورلۇق، بېسىش - تۈپلەش سۈپىتىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش كىتابلارنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. نەشرىياتلار ۋە مەسئۇل تارماقلار دۆلەتتوغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كىتابلارنىڭ تەھرىرلىك - كوررېكتورلۇق، بېسىش - تۈپلەش سۈپىتىنى ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈشى لازىم. ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىمۇ ھەر يىلى قەرەلسىز ھالدا قىسمەن كىتابلارنى تاللاپ تەكشۈرىدۇ. ئۆلچەمگە توشمىغان كىتابلارغا ياكى ئۆلچەمگە توشمىغان كىتابلارنىڭ نىسبىتى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن نەشرىياتلارغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 37 - ماددا كىتاب بازارلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. كىتاب بازارلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش تورىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كىتاب بازارلىرىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق. جايلاردىكى كىتاب بازارلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆز ئارا ماسلىشىپ، ئۇچۇرنىڭ توغرا، ئىنكاسىنىڭ سەزگۈر بولۇشى، تەدبىرنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. بەشىنچى پاراگراف مۇكاپتلاش ۋە جازالاش مېخانىزمى 38 - ماددا ئېسىل كىتابلاrنى مۇكاپتلاش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. ئېسىل كىتابلارنى مۇكاپاتلاش كەڭ نەشرىيات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا، كەڭ كىتابخانلارغا ئېسىل كىتابلارنى تونۇشتۇرۇشقا، شۇ ئارقىلىق كىتاب سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. نەشرىياتلار مەركەز ۋە گوۋۋۇيۈەننىڭ كىتابلارنى باھالاش، مۇكاپاتلاشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ھەمدە ئېسىل كىتابلارنى باھالاش - مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى، بولۇپمۇ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەسىس قىلغان مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە < بەش بىر قۇرۇلۇش > نىڭ < بىر ياخشى كىتاب مۇكاپاتى > غا ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەسىس قىلغان دۆلەت دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مۇكاپاتى، يەنى < دۆلەت كىتاب مۇكاپاتى > غا شۇنىڭدەك جۇڭگو نەشرىياتچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان < جۇڭگو كىتاب مۇكاپاتى > غا يوللىنىدىغان كىتابلارنى باھالاش - تاللاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىياتئىدارىسى ۋە ئالاقىدار ۈتارماقلارمۇ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، رايون ۋە تارماقلار بويىچە ئېسىل كىتابلارنى باھالاش - مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرسا ۋەئۇنى تۈزۈمگە ئايلاندۇرسا بولىدۇ. 39 - ماددا مۇنەۋۋەر تەھرىر ۋە نەشرىيات خادىملىرىنى تەقدىرلەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. تەھرىرلىك قوشۇمى كىتاب سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسىي كۈچ قوشۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى، كادىرلار مېنىستىرلىكى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم <نەشرىياتچىلىق سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار خىزمەتچىلەر ( ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ) نى سايلاپ چىقىدۇ. جۇڭگو نەشرىياتچىلار جەمئىيىتى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم> يۈز ياخشى نەشرىيات خادىمى < نى، ھەر بەش يىلدا > تاۋفېن مۇكاپاتى < بېرىلىدىغانلارنى سايلاپ چىقىدۇ. ھەر دەرىجىلىك نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارماقلىرى تەھرىر ۋە نەشرىيات خادىملىرىنى تەقدىرلەش خىزمىتىنى قاتلام ۋە تۈرلەرگە بۆلۈپ، قەرەللىك ھالدا ئوبدان ئىشلەپ، تەھرىر ۋە نەشرىيات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيۋى ۋە كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشى لازىم. 40 - ماددا مۇنەۋۋەر ۋە ياخشى نەشرىياتلارنى تەقدىرلەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. مەملىكەتبويىچە نەشرىياتلارنى يىللىق تەكشۈرۈش ئاساسىدا، مۇنەۋۋەر نەشرىيات ۋە ياخشى نەشرىياتلارنى سايلاپ چىقىپ تەقدىرلەش، نەشرىياتلارنى توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كىتاب سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر قېتىمقى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ياخشى نەشرىياتلارنى سايلاپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلار ئىچىدىن مۇنەۋۋەر نەشرىياتلارنى سايلاپ چىقىش كېرەك. تەقدىرلەنگەندىن كېيىن نەشرىياتتىن چاتاق چىقىپ قالسا، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان ئۇنىڭ پەخرىي نامى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 41 - ماددا قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان نەشرىيات ۋە مەسئۇل بولغۇچىلارنى جازالاش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئاساسلىندىغان قانۇن بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى سۈرۈشتە قىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، دۆلەت قانۇنىغا، نىزامىغا ۋە نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كېلىدىغان كىتابلارنى نەشر قىلغان نەشرىيات ۋە مەسئۇل بولغۇچىلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش لازىم. نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرغۇچى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ نەشر قىلىنغان كىتابلارنى خاراكتېرىگە قاراپ بىر تەرەپ قىلغاندىن تاشقىرى، نەشرىياتقىمۇ ئۆتكۈزگەن خاتالىقنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مەمۇرىي جازا بېرىشى لازىم. بېرىلىدىغان جازا تەنقىد قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، تاپقان پايدىسىنى مۇسادىرە قىلىش، جەرىمانە قويۇش، مەلۇم بىر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ كەسپىي خىزمىتىنى توختىتىپ قويۇش، مەلۇم بىر تۈردىكى كىتابلارنى نەشر قىلىشنى توختىتىپ قويۇش، پۈتۈن نەشرىياتنى كەسىپنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش، نەشرىيات نومۇرىنى ئېلىپ تاشلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش سەۋەبىدىن يامان كىتابنىڭ چىقىپ كېتىشىگە، نەشرىياتنىڭ كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىنىشىغا ياكى نەشرىيات نومۇرىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىغا سەۋەب بولغان مۇناسىۋەتلىك كىشىنى نەشرىياتچلىلىق كەسپىدىن يۆتكىۋېتىش لازىم. بۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك رەھبەر بولغۇچىنىڭ يەنە نەشرىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە بولمايدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش لازىم. ئالتىنچى پاراگراف مەسئۇلىيەت مېخانىزمى 42 - ماددا دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيتەت تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرغۇچى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تاپشۇرغان مۇھىم باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان، ئۇلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئوندان ئىشلىشى لازىم. مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان، قايسى دەرىجىگە چېتىلسا، شۇ دەرىجىلىك ئورۇننىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشى لازىم. كۈدىلىك باشقۇرۇشتا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمايدىغان، مەسىلە چىقسا، مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغان ئەھۋالنى قەتئىي تۈگىتىش لازىم. 43 - ماددا مەسئۇل تاماق، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇن مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. مەسئۇل تارماق، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئۆزىگە قاراشلىق نەشرىياتقا بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. ئۇلار باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىسىگە ئېلىشى لازىم. ئۇلار نەشرىياتقا ئىگە بولىدىغان بىر تارماقنى بېكىتىپ ۋە ئۇنىڭغالاياقەتلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنى سەپلەپ ھەم ئۆزىگە قاراشلىق نەشرىياتنىڭ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فڭجېن، سىياسەتلىرى بويىچە ياخشى كىتابلارنى كۆپرەك چىقىرىشىغا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە نەشرىياتنىڭ ياخشى كىتابلارنى چىقىرىشىغا زۆرۈر شەرت - شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشى لازىم. 44 - ماددا نەشرىياتلاردىكى كەسپىي خادىملار كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تاماقلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن نەشرىياتچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار ( جۈملىدىن نەشرىيات مەسئۇللىرى، تەھرىر ۋە كوررېتور قاتارلىق ) نىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەمگە ۋە ئۇلارنى كەسپىي جەھەتتىن سىناش چارىسىگە ئاساسەن، قەرەللىك ھالدا قاتلام ۋە خىزمەت تۈرى بويىچە نەشرىياتتىكى كەسپىي خادىملارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشى ۋە ئۇلارنى كەسپىي جەھەتتىن سىنىشى، سىناشتىن ئاۋۋال تەربىيلىشى، لاياقەتلىك بولغانلارنى كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا قويۇشى، لاياقەتلىك بولمىغانلارنى ئىش ئورنىدىن ئايرىپ يەنە تەربىيلىشى، قايتا تەربىيلىگەندىن كېيىنمۇ لاياقەتكە ئىگە بولالمىغانلارنى كەسپىي خىزمەت ئورنىدىن يۆتكىۋېتىشى لازىم. تۆتىنچى باب جەمئىيەت نازارەتچىلىكى مېخانىزمى 45 - ماددا نەشرىياتچىلىق كەسپىي جەمئىيەتلىرى نازارەت قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ كۈچلۈك تولۇقلىمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو نەشرىياتچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو تەھرىرلىك ئىلمىي جەمئىيىتى، جۇڭگو كىتاب - ژورنالتارقىتىش كەسپىي جەمئىيىتى، جۇڭگو مەتبەئە تېخنىكىسى جەمئىيىتى ۋە باشقا كەسپىي جەمئىيەتلەر ھەم ئۇلارنىڭ مۇناسىپ يەرلىك تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، ئۆز كەسپىنىڭ نىزامنامىلىرىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز ئەزالىرىنىڭ قانۇنىي مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كىتابلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كىتابلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، ئۆز - ئۆزىنى چەكلەش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسلىھەت سوراش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، تور شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. 46 - ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار نازارەت قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. ھەر خىل ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرى توپلانغان بولۇپ، ئۇلار جەمئىيەتتىكى كەڭ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھەر تەبىقىدىكى ئاممىنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە نەشرىياتلار ئۇلارغا يېقىندىن تاينىپ، ئۇلار بىلەن مۇقىم ئالاقىلىشىش يولىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ كىتاب سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋە ھەر ۋاقىت ئاڭلاپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە خىزمەتنى ياخشىلىشى لازىم. 47 - ماددا كىتابخانلار قىلغان ئەرزگە جاۋاب قايتۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. كەڭ كىتابخانلار ھەم كىتاب سۈپىتى ئۈستىدىن ئىجتىمائىي نازارەت ئېلىپ بارىدىغان ئاساسىي كۈچ، ھەم نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىجتىمائىي ئاساس ھېسابلىنىدۇ. نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرغۇچى تارماقلار كىتابخانلارنىڭ نازارەتچىلىك رولىغا تولۇق ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، كىتابخانلارنىڭ كىتاب سۈپىتى مەسىلىسى توغرىسىدا قىلغان ئەرزىگە ئەستايىدىل مۇئامىە قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ، سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمايدىغان كىتابلارنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە قەتئىي بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. نەشرىياتلارنىڭ كىتابخانلار ئۆز ئەرزىدە ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلشى ۋە ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرۇپ ئۇلارنى رازى قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. 48 - ماددا جامائەت پىكرى نازارەت قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرغۇچى تاماقلار ۋە نەشرىياتلار جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق كىتاب سۈپىتى توغرىسىدا بايان قىلغان پىكىرلىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، جامائەت پىكرىنىڭ نازارەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى لازىم. بۇ نەشرىياتلارنىڭ ياخشى تەرتىپنى ساقلاپ، نەشرىياتچىلىقنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بولۇپمۇ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا تارماقلار ۋە جايلار قوغدانمىچىلىقنىڭ كىتاب سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىغا تۇغدۇرغان كاشىلىسىنى توسۇپ نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا قانۇن بار تۇرۇپ ئاساسلانماي قېلىشنىڭ، خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ قويۇشنىڭ، ھەتتا قانۇنىي ئىجرا قىلىۋېتىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا پايدىلىق. بەشىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ 49 - ماددا بۇ > سىستېما < ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. بۇنى چۈشەندۈرۈشكە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ۋە نەشرىياتلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار، نەشرىياتلار بۇ > سىستېما < نىڭ مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى ۋەئۆزىنىڭ كونكىرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەپسىلىي پرىنسىپىنى تۈزۈپ چىقسا ۋە ئۇنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ. 50 - ماددا بۇ > سىستېما < ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار