UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارئېلكترونلۇق ئىمزا قويۇش قانۇنى

ئېلكترونلۇق ئىمزا قويۇش قانۇنى

قانۇنلار (2004- يىل 8- ئاينىڭ 28- كۈنى 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11- سانلىق يىغىندا ماقۇللانغان) 1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1- ماددا بۇ قانۇن ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئېلېكترۇنلۇق ئىمزانىڭ قانۇنىي كۈچىنى تۇرغۇزۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش مەقىسىتىدە تۈزۈلىدى. 2 – ماددا بۇ قانۇندا دېيىلگەن ئېلېكترونلۇق ئىمزا سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترونلۇن تېكىسىتتىكى ئىمزا قويغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىغان ھەم ئىمزا قويغۇچىنىڭ مەزمۇنىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردىغان ئېلېكترون شەكىلدىكى سانلىق مەلۇماتنى كۆرسىتدۇ. بۇ قانۇندا دېيىلگەن سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىسىت ئېلېكترونلۇق، ئوپتىكىلىق،ماگنىتلىق ۋاسىتىلەر ياكى شۇ خىلدىكى ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، يوللانغان، قوبۇل قىلىنغان ياكى ساقلانغان ئۇچۇرنى كۆرسىتىدۇ. 3- ماددا ھەق تەلەپ ئىشىلىرىغا دائىر توختام ياكى باشقا ھۆججەت، تالۇنغا ئوخشاش خەت – ئالاقىلەردە ئالاقىدارلار ئېلېكترۇنلۇق ئىمزا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىسىت قوللىنىش – قوللانماسلىقنى كېلىشسە بولىدۇ. ئالاقىدارلار ئېلېكترونلۇق ئىمزا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىسىت قوللىنىشنى كېلىشىكەن خەت – ئالاقىلەردە ئېلېكترونلۇق ئىمزا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىسىت شەكلى قوللىنىلغانلىقى بىلەنلا ئۇنىڭ قانۇنىي كۈچىنى ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە خەت – ئالاقىلەرگە تەتبىقلايدۇ: (1) نىكاھ، بېقىۋېلىش، ۋارىسىلىققا ئوخشاش جىسمانىي مۇناسىۋەتكە چېتىلىدىغان، خەت – ئالاقىلەر؛ (2) ئۆي – زېمىن قاتارلىق كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە چېتىلىدىغان خەت – ئالاقىلەر؛ (3) سۇ، ئىسسىقلىق، گاز، توك بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا ئوخشاش ئاممىۋى ئىشلار مۇلازىمىتىگە چېتىلىدىغان خەت – ئالاقىلەر؛ (4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئېلېكترونلۇق خەت – ئالاقىلەرگە تەتبىقلانمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. 2- باب سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىست 4- ماددا يېزىلغان مەزمۇننى شەكىللىك ئىپادىلەشكە ھەمدە ۋاقتىدا ئېلىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىست قانۇن – نىزاملار تەلىپىگە ئۇيغۇن يازما شەكىل، دەپ قارىلىدۇ. 5- ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەرگەئۇيغۇن كېلىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىست قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئەسلىي نۇسخا بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. (1) يېزىلغان مەزمۇننى ئۈنۈملۈك ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھەم ۋاقتىدا ئېلىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە بولىدىغان بولۇش؛ (2) مەزمۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىر تەييار بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزگەرتىلمەي مۇكەممەل بولۇشىغا ئىشەنچىلىك كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولۇش، لېكىن، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستكە ئارقا ئىمزا قويۇش، شۇنىڭدەك سانلىق مەلۇماتنى ئالماشتۇرۇش، ساقلاش ۋە كۆرسىتىش جەريانىدا كېلىپ چىققان شەكىل ئۆزگىرىشى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. 6- ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىست قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھۆججەت ساقلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن، دەپ قارىلىدۇ: (1) يېزىلغان مەزمۇننى ئۈنۈملۈك ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھەم ۋاقتىدا ئېلىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە بولىدىغان بولۇش؛ (2) سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستنىڭ ئۈلگىسى تەييار بولغان، يوللانغان ياكى قوبۇل قىلىنغان چاغدىكى ئۈلگىسىگە ئوخشاش بولۇش، ياكى ئۈلگىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن باشتا تەييار بولغان، يوللانغان ياكى قوبۇل قىلىنغان چاغدىكى مەزمۇنىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش؛ (3) سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستنى يوللىغۇچىنى،تاپشۇرۇۋالغۇچىنى شۇنىڭدەك سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىست يوللانغان، قوبول قىلىنغان ۋاقىتنى بىلگىلى بولىدىغان بولۇش. 7- ماددا سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىست پەقەت ئېلېكترونلۇق، ئوپتىكىلىق، ماگنىتلىق ۋاسىتىلەر ياكى شۇنىڭغا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تەييارلىنىدىغانلىقى، يوللىنىدىغانلىقى، قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ياكى ساقلىنىدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭدىن دەلىل – ئىسپات ئورنىدا پايدىلىنىشنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ. 8- ماددا دەلىل – ئىسپات قىلىنىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستىنىڭ چىنلىقىنى تەكشۈرۈشتە تۆۋەندىكى ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك: (1) سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترونلۇق تېكىستنى تەييالاش، ساقلاش ياكى يەتكۈزۈش ئۇسۇلىنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشى؛ (2) مەزمۇنىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى ساقلاش ئۇسۇلىنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشى؛ (3) سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستنى ئەۋەتكۈچىنى پەرقلەقدۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشى؛ (4) باشقا ئالاقىدار ئامىللار. 9- ماددا سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، يوللىغۇچى يوللىغان، دەپ قارىلىدۇ: (1) يوللىغۇچىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن يوللانغان بولسا؛ (2) يوللىغۇچىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىدىن ئاپتوماتىك يوللانغان بولسا؛ (3) سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستنى تاپشۇرۇۋالغۇچى يوللىغۇچى توغرا تاپقان ئۇسۇل بويىچە دەلىللىگەندىن كېيىن نەتىجىسى توغرا چىقسا. ئالاقىدارلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلاردا باشقىچە كېلىشكەن بولسا، كېلىشكىنى بويىچە بولىدۇ. 10- ماددا سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگىنى ياكى ئالاقىدار كېلىشكىنى بويىچە تاپشۇرۇۋېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ تاپشۇرۇۋېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك. يوللىغۇچى تاپشۇرۇالغۇچىنىڭ تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىست تاپشۇرۇۋېلىندى، دەپ قارىلىدۇ. 11- ماددا سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكېست يوللىغۇچىنىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغان مەلۇم بىر ئۇچۇر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن ۋاقىت شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىست يوللانغان ۋاقىت، دەپ قارىلىدۇ. تاپشۇرۇۋالغۇچى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستنى ئالاھىدە سىستېمىدىن تاپشۇرۇۋېلىشنى بەلگىلىگەن بولسا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىست شۇ ئالاھىدە سىستېمىغا كىرگەن ۋاقىت شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىست قوبۇل قىلىنغان ۋاقىت، دەپ قارىلىدۇ؛ ئالاھىدە سىستېما بەلگىلەنمىگەن بولسا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىست تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ھەر قانداق سىستېمىسىغا دەسلەپكى كىرگۈزۈلگەن ۋاقىت شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىست قوبۇل قىلىنغان ۋاقىت، دەپ قارىلىدۇ. ئالاقىدارلار سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستنى يوللايدىغان، تاپشۇرۇۋالىدىغان ۋاقىتنى ئايرىم كېلىشكەن بولسا، شۇ كېلىشكىنى بويىچە بولىدۇ. 12- ماددا يوللىغۇچىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستنى يوللىغان ئورۇن بولىدۇ. تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستنى تاپشۇرۇۋالغان ئورۇن بولىدۇ. ئاساسلىق تىجارەت ئورنى بولمىغانلارنىڭ دائىم تۇرىدىغان ئورنى يوللىغان ياكى تاپشۇرۇۋالغان ئورۇن بولىدۇ. ئالاقىدارلار سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستنى يوللاش، قوبۇل قىلىش ئورنى توغرىسىدا ئايرىم كېلىشكەن بولسا، كېلىشكىنى بويىچە بولىدۇ. 3- باب ئېلېكترونلۇق ئىمزا ۋە ئىسپات 13- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىمزا بىر ۋاقىتتا تۆۋەندىك شەرتلەرگە توغرا كەلسە، ئىشەنچىلىك ئېلېكترونلۇق ئىمزا دەپ قارىلىدۇ: (1) ئېلېكترونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنى ئېلېكترونلۇق ئىمزاغا ئىشلەتكەندە، ئۇ ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويغۇچىغا خاس بولسا؛ (2) ئىمزا قويۇشتا ئېلېكترونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنى پەقەت ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويغۇچىلار كونترول قىلىدىغان بولسا؛ (3) ئىمزا قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېلېكترونلۇق ئىمزاغا كىرگۈزۈلگەن ھەر قانداق تۈزىتىشنى بايقىغىلى بولسا؛ (4) ئىمزا قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىستنىڭ مەزمۇنى ھەم شەكلىگە كىرگۈزۈلگەن ھەر قانداق تۈزىتىشنى بايقىغىلى بولسا. ئالاقىدارلار ئۆزى كېلىشكەن ئىشەنچىلىك شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ قوللانسىمۇ بولىدۇ. 14- ماددا ئىشەنچلىك ئېلېكترونلۇق ئىمزا يازما ئىمزاغا ياكى تامغىغا ئوخشاشلا قانۇنىي كۈچكە ئىگە. 15- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويغۇچى ئېلېكترۇنلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنى پۇختا ساقلىشى كېرەك. ئېلېكترۇنلۇق ئىمزا قويغۇچى ئېلېكترونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى ياكى ئاشكارىلىنىپ قالغانلىق ئېھتىمالىنى بىلگەن ھامان ئالاقىدار تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ھەم ئېلېكترونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك شۇ سانلىق مەلۇماتنى قوللىنىشنى توختىتىشى كېرەك. 16- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىمزاغا ئۈچىنچى تەرەپ ئىسپات بېرىشكە توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنى ئىسپات بېرىدۇ. 17- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك: (1) ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى قىلىشقا لايىق كەسپىي تېخنىك خادىمى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولۇش؛ (2) ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشقا لايىق مەبلىغى ۋە تىجارەت ئورنى بولۇش؛ (3) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توغرا كېلىدىغان تېخنىكا – ئۈسكۈنىلىرى بولۇش؛ (4) دۆلەت شىفىر باشقۇرۇش ئاپپاراتى شىفىر قوللىنىشقا بەرگەن ئىسپات قەغىزى بولۇش؛ (5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر. 18- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش ھەم مۇشۇ قانۇننىڭ 17- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تامىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋېلىپ، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل تامىقى قاتارلىق ئالاقىدار تاماقلاردىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 45 كۈن ئىچىدە ئىجازەت بېرىش – بەرمەسلىك قارارى چىقىرىدۇ. ئىجازە بەرسە، ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ؛ ئىجازەت بەرمىسە، سەۋەبىنى ئىلتماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ. ئىلتماس قىلغۇچى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئېلېكترونلۇق ئىسپات ئىجازەتنامىسىنى ئېلىپ بېرىپ، قانۇن بويىچە كارخانىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. ئىسپات بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە بىنائەن ئالاقە تورىدا ئۆز نامى، ئىجازەتنامە نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك. 19- ماددا ئېلېكترونلۇق ئېتىراپ قىلىش مۇلازىمەت ئورنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېلېكترونلۇق ئېتىراپ قىلىش كەسىپ قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ئېلان قىلىشى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇر كەسىپىگە مەسئۇل تامىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش كەسىپ قائىدىسى ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئىش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 20- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويغۇچى ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنىدىن ئېلېكترونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا، ھەقىقىي، مۇكەممەل ۋە توغرا ئۇچۇر بېرىشى كېرەك. ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنى ئېلېكترونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسى ئېلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك. 21- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنى ئىمزا قويۇپ بەرگەن ئېلېكترونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسىدا خاتالىق كۆرۈلمەسلىكى ھەمدە ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىچە مەزمۇنلار ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك: (1) ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنىنىڭ نامى؛ (2) ئىسپاتنامە ئىگىسىنىڭ نامى؛ (3) ئىسپاتنامىنىڭ رەت نومۇرى؛ (4) ئىسپاتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى؛ (5) ئىسپاتنامە ئىگىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئىمزاسى دەلىللەنگەن سانلىق مەلۇمات؛ (6) ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئىمزاسى؛ (7) گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا مەزمۇنلار. 22- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنى ئېلېكترونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسى مەزمۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىدە مۇكەممەل، توغرا بولۇشقا ۋە ئېلېكترونلۇق ئىمزانى ئاساس قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئېلېكترونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسىدە يېزىلغان مەزمۇننى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئىشلارنى دەلىللەپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ياكى ئۇنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 23- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنى ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى ۋاقىتلىق توختاتماقچى ياكى پۈتۈنلەي توختاتماقچى بولسا، شۇ مۇلازىمەتنى ۋاقىتلىق توختىتىش ياكى پۈتۈنلەي توختىتىشتىن 90 كۈن ئاۋۋال مۇلازىمەتنى داۋالاشتۇرۇشنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئالاقىدار تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنى ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى ۋاقىتلىق توختاتماقچى ياكى پۈتۈنلەي توختاتماقچى بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تامىقىغا مۇلازىمەتنى ۋاقىتلىق توختىتىش ياكى پۈتۈنلەي توختىتىشتىن 60 ئاۋۋال دوكلات قىلىشى ھەم ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان باشقا ئورۇم بىلەن مۇلازىمەتنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىپ، ئىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنى مۇلازىمەتنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان باشقا ئورۇن بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان بولسا، مۇلازىمەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئېلېكترونلۇق مۇلازىمەت قىلىدىغان باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورۇنىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش ئىجازەتنامىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ مۇلازىمەتنى داۋالاشتۇرۇش ئىشى گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 24- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنى ئىسپات بېرىشكە ئالاقىدار ئۇچۇرنى ئوبدان ساقلىشى، ئۇچۇرنى ساقلاش مۆھلىتى ئېلېكترونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسى بولۇشى كېرەك. 25- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىپ، ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. 26- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدا تۇرۇشلۇق ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنى چېگرا سىرتىدا ئىمزالىغان ئېلېكترونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسى ۋە مۇشۇ قانۇنغا بىنائەن تەسىس قىلىنغان ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنى ئىمزالىغان ئېلېكترونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسى گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار كېلىشىمگە ياكى باراۋەرلىك پرىنسىپىغا بىنائەن تەستىقلىغاندىن كېيىن ئوخشاش قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 4- باب قانۇن جاۋابكارلىقى 27- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويغۇچى ئېلېكترونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنىڭ ئېلېكترونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاشكارلىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەن ياكى ئاشكارلىنىپ قالغانلىق ئېھتىمالىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئالاقىدار تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرماي ھەمدە شۇ ئېلېكترونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنى قوللىنىشنى توختاتماي، ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنىغا ھەقىقىي، مۇكەممەل ۋە توغرا ئۇچۇر بەرمەي، ياكى باشقا سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ئېلېكترونلۇق ئىمزانى ئاساس قىلغۇچى تەرەپكە، ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنىغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 28- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويغۇچىغا ياكى ئېلېكترونلۇق ئىمزانى ئاساس قىلغۇچى تەرەپكە ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئىمزاغا ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى بويىچە ھەق تەلەپ ئىشىدا زىيان يېتىپ، ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنى ئۆزىدە سەۋەنلىك كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، تۆلەم جاۋانكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 29- ماددا ئىجازەتسىز ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى قىلغانلارنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغان بولسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسىسىدىن يۇقىرى ئۈچ ھەسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 300 يۈەنگە يەتمىگەن بولسا، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 30- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنى ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى ۋاقىتلىق ياكى پۈتۈنلەي توختاتماقچى بولۇپ، ۋاقىتلىق ياكى پۈتۈنلەي توختىتىشتىن 60 كۈن ئاۋۋال گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلمىغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى شۇ ئورۇننىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 31- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ئورنى ئىسپات بېرىش كەسىپ قائىدىسىگە رىئايە قىلماي،ئىسپات بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى ئوبدان ساقلىمىغان، ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلاردا بولغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكىچىمۇ تۈزەتلمىگەنلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ، شۇ ئورۇننىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىنىڭ ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملىرىنىڭ ئون يىلغىچە ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايدۇ. ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش ئىجازەتنامىسى كۈچىدىن قالدۇرۇلغان بولسا، ئۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىپ، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۇقتۇرۇش كېرەك. 32- ماددا باشقىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق ئىمزاسىنى ياسىۋالغان، ئۆزىنىڭ قىلۋالغان، ئوغىرىلىقچە ئىشلىتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ خەققە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 33- ماددا ئېلېكترونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمەتچىلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش خىزمىتىگە مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن مەسئۇل بولغان تارمنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش، نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇنغا ئەمەل قىلماي ئادا قىلمىغان بولسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 5- باب قوشۇمچە پرىنسىپ 34- ماددا بۇ قانۇندا قوللىنىغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى: (1) ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويغۇچى – ئېلېكترونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق ئىگىسىنى ۋە ئۆز نامىدا ياكى ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئادەمنىڭ نامىدا ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) ئېلېكترونلۇق ئىمزا ئاساس قىلىدىغان تەرەپ – ئېلېكترونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسىنى ياكى ئېلېكترونلۇق ئىمزا ئاساس قىلىپ ئالاقىدار پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ؛ (3) ئېلېكترونلۇق ئىمزائىسپاتنامىسى- ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويغۇچى بىلەن ئېلېكترونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترونلۇق تېكىستنى ياكى باشقا ئېلېكترونلۇق خاتىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ (4) ئېلېكترونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇمات – ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويۇش داۋامىدا قوللىنىلىدىغان، ئېلېكترونلۇق ئىمزا بىلەن ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويغۇچىنى ئىشەنچلىك بىرىكتۈرىدىغان ھەرپ – بەلگە، شىفىر قاتارلىق سانلىق مەلۇماتنى كۆرسىتىدۇ؛ (5) ئېلېكترونلۇق ئىمزانى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلايدىغان سانلىق مەلۇمات – ئېلېكترونلۇق ئىمزانى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشتا قوللىنىلىدىغان سانلىق مەلۇماتنى جۈملىدىن كود، پارول، ھېسابلاش ئۇسۇلى ياكى ئاچقۇچ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 35- ماددا گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن تارماق مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ھۆكۈمەت پائالىيىتىدە ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئېلېكترونلۇق ئىمزا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون تېكىست قوللىنىشقا دائىر كونكرېت چارە بەلگىلىسە بولىدۇ. 36- ماددا بۇ قانۇن 2005- يىل 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار