UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارگوۋۇيۈەننىڭ قانۇنسىز نەشر قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنسىز نەشر قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

قانۇنلار 1987 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى (1987) گوۋۇيۈەن. 65 - نومۇرلۇق نۆۋەتتە جەمئىيەتتە قانۇنسىز نەشر قىلىش ھەرىكەتلىرى ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار قانۇنلۇق نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ياكى ئوغۇرلۇقچە ئىشلىتىپ، زىيانلىق كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈسىن بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز ھالدا كۆپلەپ ئىشلىدى. بازارغا توشۇپ كەتكەن بۇنداق نەشر بۇيۇملىرىنىڭ مەزمۇنى چىرىك بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ كۆپىنچىسىدە قاتىللىق، شەھۋانىيلىق ۋە خۇرايىيلىق تەشۋىق قىلىنغان. يەنە كېلىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىشلىنىش سۈپىتى ناچار، باھاسى بەك قىممەت بولغاچقا، ئاممىنىڭ بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى ساغلاملىقىغا ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزىدۇ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇشىغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى تەدبىر قوللىنىپ قەتئىي توسۇش لازىم. گوۋۇيۈەن قانۇنسىز نەشر قىلىش قىلمىشىغا دەرھال مەملىكەت مىقياسىدا بىر قېتىم زەربە ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز: 1. دۆلەت تەستىقلىغان نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن باشقا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس جەمئىيەتتە ئاشكارا تارقىتىلىدىغان كىتاب، ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرىغا ئوخشاش نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان ھېسابلىنىدۇ. غەيرى نەشرىيات ئورۇنلىرى ئىچكى قىسىمدا پايدىلىنىدىغان، پايدا ئېلىش مەقسەت قىلىنمىغان ماتېرىيال خاراكتېرىدىكى كىتاب، ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرىغا ئوخشاش نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىمەكچى بولسا، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنغا تەستىقلىتىش ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى (ناھىيە دەرىجىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاخبارات - نەشرىيات (مەدەنىيەت) مەمۇرىي ئورگانلىرى ياكى ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىنى ۋە بۇ ئورگانلار بەرگەن بېسىش ئىجازەتنامىسىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىسە بولىدۇ. 2. دۆلەت ئىگىلىكى، كوللېكتىپ ۋە شەخس ئىگىلكىدىكى ھەر قانداق باسما زاۋۇت (تۈپلەش زاۋۇتى) قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى باسسا (تۈپلىسە) ھەرگىز بولمايدۇ. ئومۇمەن، قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى قوبۇل قىلغانلار ئىشنى بىردەك دەرھال توختىتىپ، پۈتكەن، يېرىم پۈتكەن مەھسۇلات، بەت نۇسخىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى (ناھىيە دەرىجلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەمۇرىي ئاخبارات - نەشرىيات ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ، شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا كۆيدۈرۈۋېتىشى كېرەك. دۆلەت ئۈن - سىن باشقۇرۇش ئورگانلىرى تەستىقلىمىغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى كۆچۈرۈش - پىششىقلاپ ئىشلەش ئورۇنلىرى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. 3. دۆلەت ئىگىلىكى، كوللېكتىپ ۋە شەخس ئىگىلىكىدىكى ھەر قانداق تارقاتقۇچى ئورۇن ۋە شەخس قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى ساتسا ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگەر قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى بولسا، سېتىشنى بىردەك توختىتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىقلاپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى (ناھىيە دەرىجىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلگەن ئاخبارات - نەشرىيات (مەدەنىيەت) مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ، شۇ يەرنىڭ ئۆزىلا كۆيدۈرۋېتىش كېرەك. 4. قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى ھاۋالە قىلغان، قوبۇل قىلغان، كۆچۈرگەن ۋە ساتقان ئورۇنلار، شەخسىلەرگە ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپىگە سېلىش، رويخەتكە ئالدۇرغان گۇۋاھنامىسى ياكى تىجارەت قىلىش گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جازاسى، بىۋاسىتە بېرىلىدۇ. قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى ۋە قانۇنسىز كىرىمنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلغاندىن باشقا، يەنە ئەھۋالنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئومۇمىي باھاسىنىڭ بەش ھەسسىسى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنسىز كىرىم بىلەن جەرىمانە قويۇلغان پۇل بىردەك دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. قانۇنسىز نەشر قىلىش قىلمىشى يامان، ئاقىۋىتى ئېغىر بولۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قلىمىشىغا زەربە بېرىشتە نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ چارە كۆرۈش ئوبيېكتى قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپلەپ بېسىشنى ھاۋالە قىلىپ، بېسىشنى قوبۇل قىلىپ، كۆچۈرۈپ ۋە سېتىپ غايەت زور مىقداردا ھارام پايدا ئالغان ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئىبارەت. 6. قانۇنسىز نەشر قىلىش قىلىمىشىغا زەربە بېرىشتە ھەم قەتئىي، ھەم تەمكىن بولۇش لازىم. جايلار قانۇنغا ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلغان ئاز ساندىكى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش، كۆپ ساندىكلىرىنى تەربىيىلەش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاساس قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزلەپ، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشى لازىم. 7. بۇ قېتىمقى قانۇنسىز نەشر قىلىش قىلىمىشىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى رەھبەرلىك قىلىشى، ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىلىرى، رادىئو، كىنو - تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش ئورۇنلىرى، سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى ئاكتىپ ماسلىشىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك؛ پوچتا - تېلېگراف، يېنىك سانائەت، قاتناش، تۆمۈر يول، تاموژنا ئورۇنلىرى ئۆز ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشىپ، ئۆز ئارا زىچ ماسلىشىشى كېرەك. بىر نەچچە رايونغا چېتىلىدىغان تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولسا، مۇناسىۋەتلىك رايونلار ئەھۋالنى ۋاقتىدا بىر - بىرىگە مەلۇم قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى لازىم. 8. نۆۋەتتە زور ۋە تىپىك دېلودىن بىر - ئىككىنى تۇتۇپ، تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە بۇنى گېزىت، رادىئو، تېلېۋىزورلاردا تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەكشۈرۈپ چارە كۆرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. 9. تەكشۈرۈپ چارە كۆرۈش خىزمىتىنىڭ خىراجىتى مالىيە مىنستىرلىكى چىقارغان «<جەرىمانە قويۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان پۇل - ماللارنى ۋە قايتۇرۇۋېلىنغان ھارام پۇل، ھارام ماللارنى باشقۇرۇش چارىسى> نى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (1986 - يىلى مالىيە خامچوت 228 - نومۇرلۇق) تىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەل قىلىنىدۇ. 10. نۆۋەتتىكى كىتاب، ژۇرنال بېسىشتىكى قالايمىقانچىلىقنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەتبەئەچىلىكنى «ئالاھىدە كەسىپ» قاتارىدا باشقۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورگان ياكى شەخسلەرنى بەلگىلەپ، ئۇلارنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى باسما زاۋۇتلىرىنى، بولۇپمۇ يېزا - بازارلاردىكى كىچىك باسما زاۋۇتلىرىنى دائىملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل قىلىشى لازىم. ھەر قايسى جايلار بۇ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ كونكرېت بېكىتسە بولىدۇ. بۇ يىل 10- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇقتۇرۇشنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى مەخسۇس دوكلات قىلىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار