UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارمەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن <كىتاب، ژۇرنال بېسىش ھاۋالىنامىسى> نى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن <كىتاب، ژۇرنال بېسىش ھاۋالىنامىسى> نى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

قانۇنلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1996 - يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. تېخنىكا (1996) 65 - نومۇرلۇق كىتاب، ژۇرنال بېسىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قانۇنسىز نەشر قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 1996 - يىلىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن <كىتاب، ژۇرنال باستۇرۇش ھاۋالىنامىسى> (تۆۋەندە قىسقارتىپ <ھاۋالىنامە> دېيىلىدۇ) نى يولغا قويۇش قارار قىلىندى. مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇلىدۇ: 1. كىتاب، ژۇرنال نەشر قىلغۇچى ئورۇن بېسىش تارماقلىرىغا كىتاب، ژۇرنال بېسىشنى ھاۋالە قىلغاندا، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن <ھاۋلىنامە> نى ئىشلىتىشى لازىم. 2. <ھاۋالىنامە> ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەييارلىنىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئۆز تەۋەسى ئىچىدە <ھاۋالىنامە> نى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئازادلىق ئارمىيە سىستېمىسىدا <ھاۋالىنامە> نى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە باش سىياسىي بۆلۈمنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇل بولىدۇ. 3. كىتاب، ژۇرنال نەشر قىلش ئورۇنلىرى <ھاۋالىنامە> نى ئەستايىدىللىق بىلەن بەلگىلىمە بويىچە تولدۇرۇشى لازىم، ھۈنەر - سەنئەت ۋە ماتېرىيال قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەلەپ قويىدىغانلار ھۈنەر - سەنئەت، ماتېرىيال تالونى ياكى چۈشەندۈرۈشنى قوشۇپ قويسا، باسما ھەققى، پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ۋە باشقا تەلەپلەر توغرىسىدا ئىككى تەرەپ باشقىدىن توختام تۈزۈشسە بولىدۇ. 4. كىتاب، ژۇرنال نەشر قىلغۇچى ئورۇن كىتاب، ژۇرنال باستۇرماقچى بولغاندا <كىتاب، گېزىت، ژۇرنال بېسىش ئىجازەتنامىسى> بار كارخانىغا باستۇرۇشى، مەتنەئە كارخانىسى قوبۇل قىلغان كىتاب، ژۇرنال بېسىش ئىشىدا نەشر قىلغۇچى ئورۇننىڭ <ھاۋالىنامە> سى بولۇشى لازىم. 5. نەشر قىلغۇچى ئورۇن ئۆز رايونىدىكى كىتاب، گېزىت، ژۇرنال بېسىش ئىجازەتنامىسى ئالغان، ئەمما كىتاب، ژۇرنال باسىدىغان نۇقتىلىق كارخانا قىلىپ بېكىتىلمىگەن مەتبەئە كارخانىلىرىغا كىتاب، ژۇرنال باستۇرماقچى بولسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ئۆلكە ئاتلاپ باستۇرۇشقا تېگىشلىك كىتاب، ژۇرنال بولسا، نەشر قىغلۇچى ئورۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە بېرىپ، ئۆلكە سىرتىدا باستۇرش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى، ئاندىن بېسىش كارخانىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە بېرىپ مۇشۇ ئۆلكە ئىچىدە باستۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. <ھاۋالىنامە> ئىككى ئۆلكىىدكى ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ ئايرىم - ئايرىم تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى لازىم. ئۇنداق بولمىسا، باسقۇچى ئورۇننىڭ قوبۇل قىلىشىغا بولمايدۇ. 6. <ھاۋالىنامە> نىڭ بىر نۇسىخىسى تۆت ۋاراق بولىدۇ. بىرىنچى ۋارىقىنى مەتبەئە كارخانىسى (ھاۋالە قىلىنغۇچى تەرەپ) ساقلايدۇ؛ ئىككىنچى ۋارىقىنى مەتبەئە كارخانىسى (ھاۋالە قىلىنغۇچى تەرەپ) تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن ئۈن كۈن ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشىريات ئىدارىلىرىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛ ئۈچىنچى ۋارىقىنى نەشر قىلغۇچى ئورۇن (ھاۋالە قىلغۇچى تەرەپ) ھاۋالىنامە كېسىلگەندىن كېيىن ئون كۈن ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛ تۆتىنچى ۋارىقىنى نەشر قىلغۇچى ئورۇن (ھاۋالە قىلغۇچى تەرەپ) ساقلايدۇ. نەشر قىلغۇچ ئورۇن باستۇرۇشنى (قايتا بېسىش، سان قوشۇپ بېسىش، بىر كىتابنى ئايرىم - ئايرىم بۆلۈپ تىزىش، بەت ياساش، بېسىش، تۈپلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەر قېتىم ھاۋالە قىلغاندا، بەلگىلىمە بويىچە <ھاۋالىنامە> تولدۇرۇشى لازىم. 7. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى نەشر قىلىش ۋە بېسىش ئورۇنلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان <ھاۋالىنامە>نى تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، مەسىلە سېزىلسە، ئەستايىدىل سۈرۈشتە قىلىپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. مۇھىم ئەھۋال بولسا ۋاقتىدا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈشنى ئۇقتۇۇشى لازىم. شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا <ھاۋالىنامە> نى كومپيوتېرغا كىرگۈزۈپ، سانلىق ئاساسلار ئامبىرى بەرپا قىلىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى يولغا قويسا بولىدۇ. 8. بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان، <ھاۋالىنامە> نى تەلەپ بويىچە ئىشلەتمىگەن نەشر قىلىش ئورۇنلىرى بىلەن بېسىش كارخانىلىرىغا ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىش، كەسىپنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشتەك مەمۇرىي جازا بېرىلسە بولىدۇ. <ھاۋالىنامە> نى كۆپەيتىپ بېسىپ ۋە يالغاندىن ياساپ قانۇنسىز نەشر قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. 9. بۇ ئۇقتۇرۇش 1996 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشىرىيات ئىدارىسىنىڭ ئۆز رايونىدىكى نەشر قىلىش ئورۇنلىرىنى (نەشرىياتلار، قەرەللىك ژۇرنال رېداكسىيلىرىنى) ۋە <كىتاب، گېزىت، ژۇرنال بېسىش ئىجازەتنامىسى> ئالغان بېسىش كارخانىلىرىنى مۇشۇ ئۇقتۇرۇشنى ئىجرا قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەسكەرتىش: 1(بۇ ھاۋالىنامە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىر تۇتاش تەييارلىنىدۇ، نەشر قىلغۇچى ئورۇن ھەر قېتىم بېسىشنى ھاۋالە قىلغاندا )قايتا بېسىش، سان قوشۇپ بېسىش، بىر كىتابنى ئايرىم - ئايرىم بۆلۈپ تىزىش، بەت ياساش، بېسىش، تۈپلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ(، بۇ ھاۋالىنامىنى ئەستايىدىل تولدۇرۇشى لازىم. 2) بۇ ھاۋالىنامە ئۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىلسە، باشقىدىن بېسىپ ۋە كۆپەيتىپ ئىشلىتىلسە ئىناۋەتسىز؛ نەشر قىلغۇچى ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلمىسا ئىناۋەتسىز. 3( نەشر قىلغۇچى ئورۇن ئۆز رايونىدىكى كىتاب، گېزىت، ژۇرنال بېسىش ئىجازەتنامىسى ئالغان، ئەمما كىتاب، ژۇرنال باسىدىغان نۇقتىلىق كارخانا قىلىپ بېكىتىلمىگەن مەتبەئە كارخانىلىرىغا كىتاب، ژۇرنال باستۇرماقچى بولسا، بۇ ھاۋالىنامىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشىرىيات ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. كىتاب، ژۇرنال ئۆلكە ئاتلاپ باستۇرماقچى بولسا، بۇ ھاۋالىنامە ئىككى جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ ئايرىم - ئايرىم تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ۋە تامغا بېسىشى لازىم. ئۇنداق بولمىسا، باسقۇچى ئورۇننىڭ قوبۇل قىلىشىغا بولمايدۇ. 4) بۇ ھاۋالىنامىنىڭ بىر نۇسخىسى تۆت ۋاراق بولىدۇ، بىرىنچى ۋارىقىنى بېسىش كارخانىسى ساقلايدۇ، ئىككىنچى ۋارىقىنى بېسىش كارخانىسى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئون كۈن ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىدۇ، ئۈچىنچى ۋارىقىنى نەشر قىلغۇچى ئورۇن ھاۋالىنامە كېسىلگەندىن كېيىن ئون كۈن ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىدۇ، تۆتىنچى ۋارىقىنى نەشر قىلغۇچى ئورۇن ساقلايدۇ. 5(نەشر قىلغۇچى ئورۇننىڭ ھۈنەر - سەنئەت ۋە ماتېرىيال جەھەتتە كونكرېت تەلىپى بولسا، ھۈنەر - سەنئەت، ماتېرىيال تالونى ياكى چۈشەندۈرۈشىنى قوشۇپ قويسا، باسما ھەققى، پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ۋە باشقا تەلەپلەر توغرىسىدا ئىككى تەرەپ باشقىدىن توختام تۈزۈشسە بولىدۇ. 6) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئۆز تەۋەسى ئىچىدە ھاۋالىنامىنى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئازادلىق ئارمىيە سىستېمىسىدا ھاۋالىنامىنى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە باش سىياسىي بۆلۈمىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇل بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار
مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن <كىتاب، ژۇرنال بېسىش ھاۋالىنامىسى> نى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki