مېيىپلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى
قانۇنلار
(1990 – يىلى 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 – يىغىنىدا ماقۇللاندى )
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، مېيىپلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، مېيىپلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مېيىپلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مېيىپلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە باراۋەر تولۇق قاتنىشىشى، ئىجتىمائىي ماددىي مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2 – ماددا مېيىپلار دېگەندە، پىسخولوگىيە، فىزىئولوگىيە، بەدەن قۇرۇلمىسى جەھەتتە تەشكىللەش ۋە باشقا جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى نورمال ئىش قىلالمايدىغانلار، مەلۇم پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقاتقانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
مېيىپلار كۆرۈش، ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارى، بەدەن تۈزۈلۈشى، ئەقلىي، روھىي جەھەتتىكى مېيىپلىك، كۆپ خىل مېيىپلىك ياكى باشقا مېيىپلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېيىپلىك ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
3 – ماددا مېيىپلار سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا پۇقرالار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە .
مېيىپلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ئىززەت – ئابرويى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
مېيىپلارنى كەسىتىش، ھاقارەتلەش ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
4 – ماددا دۆلەت ياردەم بېرىش ۋە يار – يۈلەكتە بولۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مېيىپلارغا ئالاھىدە يار يۆلەك بولۇپ، مېيىپلىكنىڭ تەسىرىنى ۋە سىرتقى توسالغۇلارنى ئازايتىپ ياكى تۈگىتىپ، مېيىپلارنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
5 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپ ھەربىيلەرنى، ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن مېيىپ بولغان خادىملارنى، دۆلەتنىڭ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش يولىدا مېيىپ بولغان باشقا خادىملارنى ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ ۋە نەپىقە بېرىدۇ.
6 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيپلار ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا، ئۇلارغا كېتىدىغان خىراجەتنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى، بىر تۇتاش پىلانلاپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىيۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشى لازىم.
گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلى جەھەتتە تەدبىر قوللىنىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، مېيىپلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كونكرېت ئورگاننى گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مېيىپلار بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، مېيىپلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىگە ئاساسەن مېيىپلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلشى كېرەك.
7 – ماددا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مېيىپلارنى چۈشىنىشى، ھۆرمەتلىشى، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى، مېيىپلار ئىشلىرىنى قوللىشى كېرەك.
ئىدارە – ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى مېيىپلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
مېيىپلار خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان دۆلەت خادىملىرى ۋە باشقا خادىملار شەرەپلىك بۇرچىنى ئادا قىلىپ، مېيىپلار ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى كېرەك.
8 – ماددا جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىشى ۋە ئۇنىڭ جايلاردىكى تەشكىلاتلىرى مېيىپلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىشى، مېيىپلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇن – مەنپەئىتىنى قوغدىشى ۋە مېيىپلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيىلەپ، مېيىپلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.
مېيىپلار بىرلەشمىسى ھۆكۈمەت ھاۋالە قىلغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مېيىپلار خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، مېيىپلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى لازىم.
9 – ماددا مېيىپلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن باققۇچىسى مېيىپلارنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
مېيىپلارنىڭ ھامىيسى ھامىيلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھامىيلىق قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
مېيىپلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، ھامىيسى مېيىپلارنىڭ مۇستەقىل كەچۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام ۋە ياردەم بېرشى كېرەك.
مېيىپلارنى خورلاش ۋە ئۇلارنى تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
10 – ماددا مېيىپلار قانۇنغا رىئايە قىلىشى، ئۆزمەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئاممىۋى تەرتىپكە رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاقنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.
مېيىپلار ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىلگىرىلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، مۇستەقىل ياشاپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
11 – ماددا دۆلەت مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پىلانلىق قانات يايدۇرۇپ، مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىدۇ، بېجىرىم تۇغۇش، ئوبدان تەربىيلەش ۋە مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىدۇ، ئومۇملاشتۇرىدۇ. ئىرسىيەت كېسەللىكى، دورا بىلەن زەھەرلىنىش، ۋەقە، ئاپەت، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە مېيىپلىك پەيدا قىلىدىغان باشقا ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ، قانۇن – نىزاملارنى تۈزىدۇ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلىكنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ۋە ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
12 – ماددا سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان مېيىپلارنى، مېيىپلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، مېيىپلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مېيىپلارغا خىزمەت قىلىشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخىسلەرنى كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەقدىرلەيدۇ.
2 – باب سالامەلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
13 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مېيىپلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياكى تولۇقلىشىغا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ياردەملىشىدۇ.
14 – ماددا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ھازىرقى زامان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش؛ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنى تايانچ، ئىجتىمائىي رايونلار بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس، مېيىپلار ئائىلىسىنى يار – يۈلەك قىلىش؛ ئەمەلىي ئىشلىتىشكە بولىدىغان، يولغا قويۇش ئاسان بولغان، كۆپ ئۈنۈم بېرىدىغان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر يېڭى تېخنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش، ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە قوللىنىش ئارقىلىق مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش كېرەك.
15 – ماددا ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دوختۇرنىلاردا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى (ئىشخانىسى ) نى پىلانلىق تەسىس قىلىپ، زۆرۈر بولغان مەخسۇس سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، داۋالاش، مەشىق قىلدۇرۇش، ئىلمىي تەتقىقات خادىملىرىنى تەربىيلەش ۋە تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار شەھەر – يېزىلاردىكى ئىجتىمائىي رايونلاردا مۇلازىمەت تورى، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش تورى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مېيىپلارنى، مېيىپلارنىڭ ئائىلىلىرىنى ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ، ئىجتىمائىي رايونلاردا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
مېيىپلارنى تەربىيلەش ئورگانلىرى، پاراۋانلىق خاراكتىردىكى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار، مېيىپلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان باشقا ئورگانلار پائال شارائىت يارىتىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
مېيىپلار كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى خادىملارنىڭ، پىدائىي خىزمەتچىلەرنىڭ ھەم ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قابىلىيىتىنى، ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ۋە ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ مەشىق قىلىشى كېرەك.
گوۋۇيۈەن ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىق تۈرلىرىنى باسقۇچ بويىچە بېكىتىپ، پىلان تۈزۈپ، كۈچ تەشكىللەپ يولغا قويۇشى لازىم.
16 – ماددا تېببى ئىنىستىتۇتلار، تېببىي مەكتەپلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئائىت دەرسلەرنى، كەسىپلەرنى پىلانلىق يولغا قويۇپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كەسپىي ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشى لازىم.
دۆلەت ۋە جەمئىيەت تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى تېخنىكا جەھەتتە تەربىيلىشى كېرەك؛ مېيىپلار، مېيىپلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، مۇناسىۋەتلىك خادىملار ۋە پىدائىي خىزمەتچىلەر ئارىسىدا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىش كېرەك.
17 – مادد ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، تۇرمۇشتىكى ياردەمچى جابدۇقلار، ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بۇيۇملار ۋە باشقا قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىش، ياساش، تەمىنلەش ۋە ئۇلارنى رېمۇنت قىلىش، قۇلازىمىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ئۇنى قوللىشى كېرەك.
3 – باب تەربىيلەش
18 – ماددا دۆلەت مېيىپلارنىڭ تەربىيلىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
ھەر دەرىجىىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلارنىڭ تەربىيلىنىشى دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەشكىلىي قىسمى سۈپىتىدە بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۇنىڭغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.
دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە قارىتا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇش كېرەك.
دۆلەت مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ ھەم ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، پارچە –پۇرات خىراجەت ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ھەقنى ئازايتىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىپ، نامرات، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
19 – ماددا مېيىپلار مائارىپى مېيىپلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى تەلەپلەر بويىچە يولغا قويۇلىدۇ:
(1) ئىدىيۋى تەربىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تولۇقلاش كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسىنى كۈچەيتىش؛
(2) مېيىپلىكنىڭ تۈرى ۋە مېيىپلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئادەتتىكى مائارىپ شەكلى ياكى ئالاھىدە مائارىپ شەكلىنى قوللىنىش؛
(3) ئالاھىدە مائارىپ دەرىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، دەرسلىك، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، مەكتەپكە كىرىش يېشى ۋە مەكتەپتىكى ۋاقتى قاتارلىق جەھەتلەردە جانلىق بولسا بولىدۇ.
20 – ماددا مېيىپلار مائارىپىدا ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئۆستۈرۈش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئومۇملاشتۇرۇش بۇقتىلىق فاڭجىن قىلىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن كەسپىي تېخنىكا مائارىپى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇلۇپ،مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى تەربىيە قانات يايدۇرۇلۇپ، كىرىشتىن ئىلگىرى تەربىيە قانات يايدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مائارىپ تەدىرىجى راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.
21 – ماددا دۆلەت مېيىپلار مائارىپى ئورگىنى تەسىس قىلىدۇ ھەم ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مەكتەپ ئېچىشقا، ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىئانە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
22 – ماددا ئادەتتىكى مائارىپ ئورگانلىرى ئادەتتىكى مائارىپنى قوبۇل قىلالايدىغان مېيىپلارغا قارىتا تەربىيىنى يولغا قويىدۇ.
ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىجىلىك مەكتەپلەر ئۆگىنىش شارائىتىغا ماسلىشالايدىغان مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسۈرلەرنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ ئادەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىگە توشۇپ ئىمتىھانغا قاتناشقان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش كېرەك، مېيىپ ئىكەن دەپ قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ رەت قىلىنغانلار بولسا، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ياكى مېيىپلارنىڭ ئۇرۇق _ تۇغقانلىرى، ھامىيىسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار شۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىشنى بويرۇشى كېرەك.
ئادەتتىكى بالىلار مائارىپى ئورگانلىرى، تۇرمۇشقا كۆنەلەيدىغان مېيىپ بالىلارنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
23 _ ماددا مېيىپ بالىلار مائارىپى ئورگانلىرى، ئادەتتىكى بالىلار مائارىپى ئورگانلىرى تەسىس قىلغان مېيىپ بالىلار سىنىپلىرى، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ تەييارلىق سىنىپلىرى، مېيىپ بالىلار پاراۋانلىق ئورگانلىرى، مېيىپ بالىلارنىڭ ئائىلىلىرى مېيىپ بالىلارغا قارىتا ئوقۇشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيىنى يولغا قويۇشى لازىم.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى ۋە ئادەتتىكى مەكتەپلەر تەسىس قىلغان ئالاھىدە سىنىپلار ئادەتتىكى مائارىپنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بولمىغان مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە قارىتا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشى كېرەك.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى، ئادەتتىكى مەكتەپلەر تەسىس قىلغان مائارىپ سىنىپلىرى ۋە مېيىپلار كەسپىي تېخنىكا مائارىپ ئورگانلىرى شەرتكە توشىدىغان مېيىپلارغا قارىتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت مائارىپىنى، كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنى يولغا قويىدۇ.
24 _ ماددا ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، مېيىپلار تۇرۇشلۇق ئورۇنلار ۋە جەمئىيەت مېيىپلار ئارىسىدا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىش ۋە باشقا چوڭلار مائارىپىنى يولغا قويۇپ، مېيىپلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.
25 _ ماددا دۆلەت پىلانلىق ھالدا ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل ئالاھىدە دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىنى، كەسىپلەرنى يولغا قويىدۇ، ئادەتتىكى دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىدە ئالاھىدە مائارىپ سىنىپ (بۆلۈم) لىرىنى تەسىس قىلىپ، ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەيدۇ ۋە يېتىشتۈرىدۇ. ئادەتتىكى دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىدە مائارىپ دەرسىنى تەسىس قىلىدۇ ياكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى سۆزلەپ، ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى زۆرۈر بولغان مائارىپ بىلىملىرىنى ئىگىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە بارماق تىلى تەرجىمانلىرى ئالاھىدە مائارىپ ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
26 _ ماددا ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئەمالار يېزىقى، بارماق تىلى تەتقىقاتى ۋە ئۇلارنى قوللىنىش، ئالاھىدە مائارىپ دەرسلىكلىرىنى يېزىش ۋە نەشر قىلىش، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتۇش قوراللىرىنى ھەم باشقا ياردەمچى بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇلار بىلەن تەمىنلەشنى ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ئۇنى قوللىشى كېرەك.
4 _ باب ئەمگەك _ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش
27 _ ماددا دۆلەت مېيىپلارنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلارنىڭ ئەمگەك _ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مېيىپلارنىڭ ئەمگەك _ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا شەرت _ شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
28 _ ماددا مېيىپلارنى ئەمگەك _ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا مەركەزلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى يولغا قويۇلۇپ، ئېتىبار بېرىش ۋە يار _ يۆلەكتە بولۇش، ئاسراش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كۆپ خىل ۋاسىتە، كۆپ خىل قاتلام كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق مېيىپلارنى ئەمگەك _ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇش، مۇقىملاشتۇرۇش، مۇۋاپىقلاشتۇرۇش كېرەك.
29 _ ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلار پاراۋانلىق كارخانىسى، مېيىپلار ئىشلەيدىغان ئورۇن ۋە مېيىپلارنى داۋالايدىغان ئورگان، ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئورگانلىرى ۋە باشقا پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى كارخانا ۋە كەسپىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، مېيىپلارنى مەركەزلىك ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
30 _ ماددا دۆلەت ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەشكىللەش، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئىدارە _ ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى مەلۇم نىسبەت بويىچە مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم ئۇلارغا مۇۋاپىق ئىش تۈرى ۋە ئىش ئورنى تاللاپ بېرىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كونكرېت نىسبەتنى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بەلگىلىسە بولىدۇ.
31 _ ماددا ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مېيىپلارنى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ سودا ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرى بىلەن ياكى يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە ياردەملىشىدۇ.
32 _ ماددا جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار يېزىلاردىكى مېيىپلارنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە باشقا شەكىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگەكلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە يار _ يۆلەكتە بولۇشى كېرەك.
33 _ ماددا دۆلەت مېيىپلارنىڭ پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى كارخانا ۋە كەسپىي تەشكىلاتىدىن ۋە شەھەر، يېزىلاردىكى مېيىپ، يەككە ئەمگەكچىلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈشم قىلىش سىياسىتىنى قوللىنىدۇ ھەم ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش، تېخنىكا، مەبلەغ، ماددىي ئەشيا، ئورۇن قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارغا يار _ يۆلەكتە بولىدۇ.
يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مېيىپلار ئىشلەپچىقىرىشتا مۇۋاپىق كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى بەلگىلەپ، مېيىپلار پاراۋانلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم بەزى مەھسۇلاتلارنى تەدرىجىي ھالدا مېيىپلار پاراۋانلىق كارخانىلىرىنىڭ مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.
ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئىشچى _ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچلىرىنى چۈشۈرگەندە، بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ مەلۇم نىسبىتىنى مېيىپلارغا ئاجرىتىشى لازىم.
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يەككە _ سودا _ سانائەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغان مېيىپلارغا ئالدى بىلەن تەكشۈرۈپ تىجارەت كىنىشكىسى بېرىشى ھەم ئورۇن، قەرز پۇل قاتارلىق مەسىلىلەردە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش – مۇلازىمەت، تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش،يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىش لازىم.
34 – ماددا دۆلەت مېيىپلارنىڭ پاراۋانلىق خاراكتىرىدىكى كاخانا ۋە كەسپىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مال – مۈلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى خۇجايىنلىق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىمايدۇ.
ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش، رەسىملەشتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇنۋان باھالاش، ئەمگەك ھەققى بېرىش، تۇرمۇش پاراۋانلىقى، ئەمگەك سوغۇرتىسى قاتارلىق جەھەتلەردە مېيىپلارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.
ئالىي، ئوتتۇرا دەدىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دۆلەت تەقسىم قىلغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇلارنىڭ مېيىپلىكىنى باھانە قىلماسلىقى كېرەك، رەت قىلسا، ئالاقىدار كىشىلەر مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇئورۇننى مېيىپ ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلشقا بۇيرۇشى كېرەك.
مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇرۇشلۇق ئورۇن مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئالاھىدە ماس كېلىدىغان ئەمگەك شارائىتى ۋە ئەمگەك مۇھاپىزىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
35 – ماددا مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇرۇشلۇق ئورۇن مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنى تېخنىكىسى جەھەتتە تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى ۋە تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
5_باب مەدەنىيەت تۇرمۇشى
36 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلارنى تۈرلۈك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ياردەملىشىپ، مېيىپلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
37 – ماددا مېيىپلارنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىشى، ئىجتىمائىي ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى، ھەر خىل مېيىپلارنىڭ ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇشى، مېيىپلار بۇ پائالىيەتكە كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىشى كېرەك.
38 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ:
(1) رادىئو، كىنو، تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، كىتاب قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مېيىپلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، مېيىپلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.
(2) ئەمالار ئوقۇشلۇقى، ئەمالارنىڭ ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى، ئەقلى كەمتۈكلەر ئوقۇشلۇقى قاتارلىقلارنى يېزىش ۋە نەشر قىلىش؛ تېلېۋىزىيىدە بارماق تىلى پروگىراممىسىنى يولغا قويۇش؛ قىسمەن كىنو، تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە چۈشەندۈرۈشلەرنى كۆپەيتىش ئىشىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا يار – يۆلەكتە بولۇش؛
(3) مېيىپلارنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىنى، ئالاھىدە سەنئەت ماھارىتىنى كۆرسىتىش ۋە ئالاھىدە تەنتەربىيە مۇسابىقىلەرگە ۋە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا قاتنىشىشنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا يار – يۆلەكتە بولۇش؛
(4) مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش ۋە باشقا ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرى مېيىپلارغا ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىش ۋە ئىتىبار بېرىش، پىلانلىق ھالدا مېيىپلار پائالىيەت سورۇنلىرىنى قۇرۇش.
39 – ماددا دۆلەت ۋەجەمئىيەت مېيىپلارنى ئەدەبىيات، سەنئەت، مائارىپ،ئىلىم –پەن، تېخنىكا ۋە خەلققە پايدىلىق باشقا ئىجادىي ئەمگەكلەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە ياردەملىشىدۇ.
6 – باب پاراۋانلىق
40 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت يار –يۆلەكتە بولۇش، قۇتقۇزۇش ۋە باشقا پاراۋانلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مېيىپلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.
41 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىدا ھەقىقەتەن قىيىنچلىقى بولغان مېيىپلارغا كۆپ خىل ۋاستە ئارقىلىق مۇۋاپىق قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىدۇ.
دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن باققۇچىسى بولمىغان، تۇرمۇشىنى قامداش مەنبەسى بولمىغان مېيىپلارنى بەلگىلمە بويىچە باقىدۇ ۋە ئۇلارغا قۇتقۇزۇش بېرىدۇ.
42 – ماددا مېيىپلار تۇرۇشلۇق ئورۇنلار، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار، مېيىپلارنىڭ ئائىلىسى مېيىپلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىشى ۋە ياردەملىشىشى كېرەك.
43 – ماددا جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگانلىرى ۋە باشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يىغىپ تەربىيلەش ئورگانلىرى بەلگىلىمە بويىچە مېيىپلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، يىغىپ تەربىيلىشى ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەدىرىجىي ياخشىلىشى كېرەك.
44 – ماددا جامائەت مۇلازىمەت ئورگانلىرى مېيىپلارنى ئەلا مۇلازىمەت ۋە قوشۇمچە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
مېيىپلار ئاممىۋىي قاتناش قۇرالىغا ئولتۇرغاندا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىلىشى ۋە ئېتىبار بېرىلىشى كېرەك، ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدىغان ياردەمچى ئۈسكۈنىلەردىن ئېلىنىدىغان ھەق كەچۈرۈم قىلىنىشى كېرەك.
ئەمالار شەھەر ئىچىدىكى كوچا ئاپتوبۇسى، تراللىبۇس، يەر ئاستى پويىزى، كېچىك پاراخوتلارغا ھەقسىز ئولتۇرالايدۇ، ئەمالار ئوقۇشلۇقى پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەندە ھەق ئېلىنمايدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىك ۋە يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى مېيىپلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى، جامائەت ئىشلىرى خىراجىتىنى ۋە باشقا ئىجتىمائىي سېلىقنى كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن ئازايتىشى ياكى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلارغا باشقا جەھەتتە ئېتىبار بېرىش ۋە يار – يۆلەكتە بولۇشىنى تەدرىجىي كۆپەيتىشى كېرەك.
7 – باب مۇھىت
45 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەدىرىجىي ياخشى مۇھىت يارىتىپ، مېيىپلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ.
46 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت شەھەر كوچىلىرىنى ۋە ئىمارەتلەرنى مېيىپلارغا قۇلايلىق قىلىپ لايىھىلەشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، توسالغۇسىز بولۇش تەدبىرلىرىنى تەدىرىجى يولغا قويىدۇ.
47 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلار بىلەن باشقا پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلار ئىشلىرىنى ۋە مېيىپلارغا يار – يۆلەكتە بولغانلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
48 – ماددا ھەر يىلى 5 – ئاينىڭ 3 – يەكشەنبە كۈنى مەملىكەتلىك مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى بولىدۇ.
8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
49 – ماددا مېيىپلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىغاندا، دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
50 – ماددا دۆلەت خادىملىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي مېيىپلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، شۇ كىشى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ئۇنى خاتالىقىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.
51 – ماددا مېيىپلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، مال – مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان ياكى باشقا زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىشى ياكى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
52 – ماددا مېيىپلارنىڭ مېيىپلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ياكى باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى يەتكۈزۈپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ.
مېيىپلارنى زوراۋانلىق قىلىشقا ياكى باشقا شەكىل ئارقىلىق ئاشكارا ھاقارەتلىگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 145 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلىرى ئامانلىق ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش، جازالارش نىزامىنىڭ 22 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.
مېيىپلارنى خورلىغانلار ئامانلىق ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش، جازالاش نىزامىنىڭ 22 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 182 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بولمىغان مېيىپلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، بېقىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار ياكى مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بولمىغان مېيىپلارنى تاشلىۋەتكەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 183 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
ئەقلىي ۋە روھىي جەھەتتە مېيىپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان مېيىپلارنىڭ نۇمۇسىغا تەگكەنلەر باسقۇنچىلىق قىلغانلار قاتارىدا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 139 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
9 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ
53 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك نىزاملارنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ.
54 – ماددا بۇ قانۇن 1991 – يىلى 5- ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى