UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملاربىرلىككە كەلتۈرۈلگەن <كىتاب - ژۇرنالغا زاكاز قوبۇل قىلىش - تارقىتىش ھاۋالىنامىسى> نى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن <كىتاب - ژۇرنالغا زاكاز قوبۇل قىلىش - تارقىتىش ھاۋالىنامىسى> نى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

قانۇنلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1996 - يىلى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. تارقىتىش (1996) 46 - نومۇرلۇق كىتاب - ژۇرنالنىڭ تارقىتىلىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، قانۇنسىز نەشر قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەشر قىلىش، تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن <كىتاب - ژۇرنالغا زاكاز قوبۇل قىلىش - تارقىتىش ھاۋالىنامىسى> (تۆەندە قىسقارتىلىپ <ھاۋالىنامە> دېيىلىدۇ) تۈزۈمنى يۇلغا قويۇشنى قارار قىلدۇق. مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز: 1. نەشرىيات ئورۇنلىرى تارقىتىش ئورۇنلىرىغا كىتاب - ژۇرنالغا زاكاز قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنى تارقىتىشنى ھاۋالە قىلغاندا، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن <ھاۋالىنامە> نى ئىشلىتىشى (پوچتا ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان ژۇرناللارنىڭ ئىشىنى پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە بېجىرىش) لازىم. 2. <ھاۋالىنامە> ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىر تۇتاش تەييارلىنىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە ئايرىم پىلان تۈزىدىغان شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئۆز تەۋەسىدىكى ئورۇنلارغا <ھاۋالىنامە> نى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 3. نەشر ئورۇنلىرى كىتاب - ژۇرنالغا زاكاز قوبول قىلىش ۋە ئۇنى تارقىتىشنى ھەر بىر قېتىم ھاۋالە قىلغاندا، بىر كىتابقا بىر، بىر كىتابخانىغا بىردىن <ھاۋالنامە> يېزىشى لازىم. <ھاۋالىنامە> نىڭ بىر نۇسخىسى تۆت ۋاراق بولۇپ، 1 -، 3 - ۋاراقلىرىنى ھاۋالە قىلىنغۇچى ساقلايدۇ، 2 -، 4 - ۋاراقلىرىنى قول قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىنكى 10 كۈن ئىچىدە نەشرىيات بىلەن كىتابخانا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. 4. تارقاتقۇچى ئورۇن، نەشر قىلغۇچى ئورۇن قول قويغان <ھاۋالىنامە> نى تۇتۇپ زاكاز قىلىش - تارقىتىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. 5. جايلاردىكى ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىلىرى <ھاۋالىنامە> نى تارقىتىش ۋە ئىشلىتىش ئۈستىدىكى نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. نەشر قىلغۇچى ئورۇن بىلەن تارقاتقۇچى ئورۇن ئەنگە ئالدۇرغان <ھاۋالىنامە> نى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى، مەسىلە بارلىقىنى سەزسە ۋاقتىدا سۈرۈشتە قىلىشى لازىم. ئەھۋال ئېغىر بولسا، دەرھال ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلەرگە ئۇرقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، شەرت - شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا <ھاۋالىنامە> نى كومپيوتېرغا كىرگۈزۈپ، سانلىق ئاساسلار ئامبىرى بەرپا قىلىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش لازىم. <ھاۋالىنامە> نى ساختىلىق بىلەن ياساپ ۋە كۆپەيتىپ بېسىپ، قانۇنسىز نەشر قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش؛ جىنايەت سادىر قىلغانلار بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش لازىم. 6. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە ئايرىم پىلان تۈزىدىغان شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىقانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپلەرگە خىلاپلىق قىلغان، <ھاۋالىنامە> نى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتمىگەن نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش ئورۇنلىرىغا ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ تۆۋەندىكىدەك مەمۇرىي جازا بەرسە بولىدۇ: (1) ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش. (2) ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەبقىد قىلىش. (3) كەسىپنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش. 7. بۇ ئۇقتۇرۇش 1996 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، نەشر ئورۇنلىرى ئۆزلىرى قول قويۇپ تارقاتقان ھەر خىل ھاۋالىنامىلەرنى ئىشلىتىش بىردەك توختىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار