<گېزىت سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى> نى يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپى
قانۇنلار
(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)
بىرىنچى، <گېزىت سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى> نى كونكرېت يولغا قويۇپ، گېزىتلەرنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇشتا، نەشر قىلىش سۈپىتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش ۋە ئەڭ ئاز تارقىتىلىش مىقدارىنى بەلگىلەشتەك باھالاپ بېكىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، گېزىت سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك ياكى لاياقەتسىز بولغانلىقى بەلگىلىنىدۇ.
ئىككىنچى، گېزىتلەرنىڭ نەشر قىلىنىش سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىشتە نومۇر قويۇش تۈزۈمى (تولۇق نومۇر 100 نومۇر) قوللىنىلىدۇ.
1. گېزىت چىقىرىش فاڭجېنى، مەقسىتى، جامائەت پىكرى يۆنىلىشى، يەنى <گېزىتلەرنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى> (تۆۋەندە قىسقارتىپ <ئۆلچەم> دېيىلىدۇ) نىڭ ئونىنچى تۈرىدىكى باھالاپ بېكىتىش ئۆلچىمى (30 نومۇر).
گېزىتخانىلار يولداش دېڭ شىياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىزم ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت گېزىتچىقىرىش فاڭجېنىدا، تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا ۋە توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى توغرا تەشۋىق قىلىشى لازىم. گېزىتكە بېرىلگەن ئاخبارات - خەۋەرلەر ۋە گېزىتكە بېسىلغان باشقا مەزمۇنلار گېزىت چىقىرىش مەقسىتىگە خىلاپ بولماسلىقى ۋە شۇ گېزىتنىڭ كەسپىي ئىش تەقسىماتى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى لازىم، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە مەنئىي قىلىنغان مەزمۇنلارنى بېسىشقا بولمايدۇ.
گېزىتلەر يۇقىرىقى تەلەپكە يېتەلمىسە، دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىغا قاراپ 30 دىن ئاز نومۇر تارتىلىدۇ، سۈپەت مەسىلىسى ئېغىر بولسا، 30 نومۇرنىڭ ھەممىسىنى تارتىۋېتىشكە بولىدۇ ياكى <گېزىت باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە> بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
2. گېزىتنىڭ قانۇن بويىچە نەشر قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىش ئۆلچىمى (20 نومۇر).
گېزىتلەرنى نەشر قىلىشتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش، <گېزىت باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە> قاتارلىق گېزىت باشقۇرۇش جەھەتتىكى مەمۇرىي قانۇن - نىزاملار ۋە ئالاقىدار قائىدە - تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. گېزىتنىڭ نەشر قىلىش، بېسىش، تارقىتىش، تىزىملاتقان تۈرلەرنى ئۆزگەرتىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تىزىملاش تەرتىپلىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
ئاخبارات - نەشرىيات ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن - نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ۋە باشقا قانۇن، قائىدە - نىزاملارغا رىئايە قىلىش جەھەتتە سۈپەت ئۆلچىمى تەلىپىگە يېتەلمىسە، دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، 20 دىن ئاز نومۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ، ئادەتتىكى قانۇن - نىزامغا خىلاپلىق قىلىنسا، بىر قېتىمدا بەش نومۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ، قانۇن - نىزاملارغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىنسا، 20 نومۇرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ ياكى <گېزىت باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە> بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
3. گېزىت بېتىنىڭ ئۇنىۋېرسال سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىش ئۆلچىمى (30 نومۇر).
(1) گېزىتكە بېسىلىدىغان مەزمۇنلار چىن، توغرا بولۇشى لازىم، مەزمۇندا ئادەتتىكىدەك سەۋەنلىك كۆرۈلسە، بىر قېتىمدا بەش نومۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ؛ مۇھىم ئاخبارات - خەۋەرلەر ۋە باشقا مۇھىم مەزمۇنلاردا خاتالىك كۆرۈلسە، 30 نومۇرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ.
(2) گېزىتتە تاللاپ ئىشلىتىلگەن ئورىگىناللارانىڭ يېتەكچى خاراكتېرىگە، ئاخبارات خاراكتېرىگە، ئوقۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆلچەمگە يەتمىسە ئەھۋالغا قاراپ بەشتىن ئاز سۈپەت نومۇرى تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ.
(3) گېزىت بەتلىرىنىڭ سىغىم ئۆلچىمىدە، ئۇچۇر مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشى، مەزمۇنىنىڭ مول بولۇشى، ھەر خىل ئاخبارات ژانىرلىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ. خەۋەر، راسىم، ماقالىلەرنىڭ سانى ئىككى فورماتلىق گېزىتنىڭ ھەر بىر بېتىدە يەتتەدىن (مەخسۇس، قوشۇمچە سانلار بۇنىڭ سىرتىدا) كەم بولماسلىقى، تۆت فورماتلىق گېزىتنىڭ ھەر بىر بېتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش پارچىدىن (مەخسۇس، قوشۇمچە سانلاربۇنىڭ سىرتىدا) كەم بولماسلىقى، بىرىنچى بەتتە يەتتە پارچىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر بىر سان گېزىتنىڭ ھەممىسىدە ئادەتتە خەۋەر، ئوبزور، ئاخبارات، رەسىم بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆلچەمگە يەتمىسە، ئەھۋالغا قاراپ بەشتىن ئاز سۈپەت نومۇرى تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ.
(4)گېزىتكە بېرىلگەن ماقالىلەرنىڭ ماۋزۇلىرى بىلەن مەزمۇنىنىڭ بىر - بىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى، توغرا ئىپادىلەنگەن بولۇشى، سۆزلەر ئىجچام، جانلىق، ئوبرازلىق بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆلچەمگە يەتمىسە، ئەھۋالغا قاراپ بەشتىن ئاز سۈپەت نومۇرى تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ.
(5) گېزىت ئىستونلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىدا ئىستونلارنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى، ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ روشەن بولۇشى، مول مەزمۇنلۇق بولۇشى، گېزىت چىقىرىش مەقسىتى ۋە كەسپىي ئىش تەقسىماتى دائىرىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆلچەمگە يەتمىسە، ئەھۋالغا قاراپ بەشتىن ئاز سۈپەت نومۇرى تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ.
(6) گېزىت تېكىستىنىڭ كوررېكتورلۇقىدا ئۆلچەمنى قاتتىق ئىگىلەش، ئېنىق خاتالىق بولماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەر بىر سان گېزىتتىكى ھەرپ خاتالىقى نىسبىتى 10 مىڭدا ئۈچتىن ئاشماسلىقى كېرەك، ئۆلچەمگە يەتمىسە، ئەھۋالغا قاراپ بەشتىن ئاز سۈپەت نومۇرى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
4. گېزىتكە بېرىلگەن ئېلانلارنىڭ سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىش ئۆلچىمى (10 نومۇر).
گېزىتخانىلار ئېلان بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغاندا، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى> غا ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا رىئايە قىلىشى كېرەك. گېزىتلەردە ھەر قانداق شەكىلدە ئېلان بېرىلىشىدىن قەتئىينەزەر، روشەن ئېلان شەكلى بىلەن بېرىلىشى ياكى گېزىتنىڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان جايىغا <ئېلان> دېگەن سۆز بېسىلىشى لازىم، ھەقلىق ئاخباراتلارنى بېسىپ ئاخباراتلارنى بېسىپ ئاخبارات شەكلى ئارقىلىق ئېلان بېرىش ۋە ھەق ئېلىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. گېزىتكە بېرىلگەن ئېلانلارنى بېرىپ جەمئىيەت ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىشقا ياكى دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. گېزىتلەردە بېرىلگەن ئېلانلارگۈزەل، ساغلام لايىھىلەنگەن بولۇشى كېرەك. ئۆلچەمگە يەتمىسە، ئەھۋالغا قاراپ 10 دىن ئاز سۈپەت نومۇرى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
5. گېزىتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي ئوبرازى سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىش ئۆلچىمى (10 نومۇر).
ئىجتىمائىي تارقىتىش ۋاستىسى بولغان گېزىت ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى بولغان بىر پۈتۈن ئوبراز ۋە زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي ئىناۋەت تىكلىشى كېرەك. گېزىتخانىلار ئوقۇرمەنلەر ۋە خېرىدارلارنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلغانلىقى ۋە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق خاتىرە بولۇشى كېرەك.
گېزىتنىڭ ئىجتمائىي ئوبرازى ۋە ئىناۋىتى جەھەتتىكى ئۇنىۋېرسال سۈپىتى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىنكاسى (كىتابخانلارنىڭ ئىنكاسى، ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش ئەھۋالى) قاتارلىق ۋاستىلەرگە تەتبىقلاپ ئومۇملاشتۇرۇپ باھالاپ بېكىتىلىدۇ.
ئىجتىمائىي ئوبراز جەھەتتە ئۇنىۋېرسال ئۆلچەمگە يەتمىسە، ئەھۋالغا قاراپ 10 دىن ئاز سۈپەت نومۇرى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، گېزىتنىڭ تارقىتىلىش سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىش.
ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىسى بولغان گېزىتنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى شۇ گېزىتنىڭ كەسپىي ئىش تەقسىماتى ۋە ئوقۇرمەنلەر ئوبيېكتى دائىرىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سەۋىيىگە يېتىشى كېرەك. گېزىتنىڭ ھەر بىر سانىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى مۇھىم سۈپەت ئۆلچىمى قىلىنىدۇ. نومۇر قويۇش ئۆلچىمى بەلگىلەنمەيدۇ، ئەڭ تۆۋەن تارقىتىلىش مىقدارىلا بەلگىلەپ بېرىلىدۇ ھەمدە ھەر بىر ساننىڭ ئەڭ تۆۋەن تارقىتىلىش مىقدارىنىڭ <سۈپىتىنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش> ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل گېزىتلەر نەشر قىلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ھەر بىر سانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تارقىتىلىش ئۆلچىمى تۆۋەندىكى ئۆلچەمگە يېتىشى كېرەك.
(1) ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئورگام گېزىتى 100 مىڭ نوسخا، ۋىلايەت (شەھەر) دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئورگان گېزىتى 30 مىڭ نوسخا، ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئورگان گېزىتى 10 مىڭ نۇسخا.
(2) مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى بۆلۈم، مىنىستىلىكلىرىنىڭ ئورگان گېزىتى، كەسپىي گېزىتى 30 مىڭ نۇسخا.
(3) ئۆلكە ۋە ئۆلكىدىن تۆۋەن دەرىجىلىك كەسپىي گېزىتلەر 20 مىڭ نۇسخا.
(4) كەچلىك گېزىت 70 مىڭ نۇسخا.
(5) ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنى ئوبىيېكىت قىلغان گېزىتلەر، مەركەزنىڭ گېزىتلىرى 50 مىڭ نۇسخا، يەرلىك گېزىتلەر 30 مىڭ نۇسخا.
(6) ھەر خىل كارخانا گېزىتلىرى 10 مىڭ نۇسخا.
(7) ھەر خىل تۇرمۇش مۇلازىمىتىگە دائىر گېزىتلەر 50 مىڭ نۇسخا.
(8) ھەر خىل تەرمىلەر گېزىتى 50 مىڭ نۇسخا.
<تارقىتىلىش مىقدارى> دېگەندە گېزىتلەرنىڭ ئەمەلىي مۇشتەرى ۋە پارچە سېتىش سانى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، تەقدىم قىلىنغان، ئالماشۇرۇلغان گېزىت سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئەڭ ئاز تارقىلىش مىقدارىغا يەتمىگەن گېزىتلەر سۈپىتى لاياقەتسىز گېزىت دەپ بېكىتىلدۇ. ئۇلارنى مۇددەت بەلگىلەپ كۆزىتىش ياكى چىقىرىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.
ئازادلىق ئارمىيە سىستېمسىنىڭ گېزىتلىرى، سىرتقا قارىتىلغان تەشۋىقات تۈرىدىكى گېزىتلەر، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقلىرىدىكى گېزىتلەر، شۇنىڭدەك بەزى پەۋقۇلئاددە كەسىپلەرنىڭ گېزىتلىرىدە بۇ ئۆلچەمنى ئىجرا قىلغاندا، مۇۋاپىق ھالدا كەڭرەك قويۇۋېتىشكە بولىدۇ.
تۆتىنچى، گېزىت سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى باھالاپ بېكىتىش ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ گېزىتلەرنى يىللىق تەكشۈرۈشىگە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. سۈپەت مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان گېزىتلەرنى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى يىللىق باھالاشتىن ئۆتكۈزمەيدۇ؛ سۈپەت ئۆلچىمى 60 نومۇرغا يەتمىگەن گېزىتلەر لاياقەتسىز گېزىت دەپ قارىلىپ توختىتىپ قويۇلىدۇ ھەمدە تىزدىن ئۆچۈرۈلىدۇ.
بەشىنچى، گېزىت - سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى باھالاپ بېكىتىشتە، مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ گېزىتلىرىنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى بىلەن شۇ گېزىتلەر تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىلىرى بىرلىكتە گېزىتلەرنىڭ پۈتۈن يىللىق سانىغا ئاساسەن نىسبەت بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈپ باھالاپ بېكىتىدۇ؛ جايلاردىكى ئورۇنلارنىڭ گېزىتلىرىنى شۇ گېزىت تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى گېزىتلەرنىڭ پۈتۈن يىللىق سانىغا ئاساسەن نىسبەت بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈپ باھالاپ بېكىتىدۇ.
ئالتىنچى، بۇ تەپسىلىي پرىنسىپنى ئىزاھلاشقا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ.
يەتتىنچى، بۇ تەپسىلىي پرىنسىپ ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.