UyghurWiki›قانۇن نىزاملار›گېزىت - ژۇرناللارغا يالغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەرلەرنى باسقانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى
گېزىت - ژۇرناللارغا يالغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەرلەرنى باسقانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات. گېزىت - ژۇرنال (9991) 859 - نومۇرلۇق
گېزىت - ژۇرناللاردىكى خەۋەر مەزمۇنلىرىنىڭ چىن، توغرا، ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ۋەكىللەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى، گېزىت - ژۇرنال نەشر قىلىش تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، <نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش نىزامى> دىكى ئالاقىدار ماددىلارغا ئاساسەن، گېزىت - ژۇرناللارغا يالغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەر خاتىرە ئەسەرلىرىنى باشقانلارنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەر بەلگىلەندى:
بىرىنچى، گېزىت - ژۇرناللار ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا دائىر قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى، ئۇلارغا بېسىلغان خەۋەر ۋە خاتىرە ئەسەرلىرى چىن، توغرا ۋە ئادىل بولۇشى كېرەك. گېزىت - ژۇرناللارغا يالغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەر ۋە خاترە ئەسەرلىرىنى بېسىشقا بولمايدۇ.
ئىككىنچى، گېزىت - ژۇرناللاردا يالغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەرلەر ۋە خاتىرە ئەسەرلىرى بېسىلغان بولسا، ئالاقىدار نەشر قىلغۇچى ئورۇنلار ئۆزلىرى نەشر قىلغان گېزىت - ژۇرناللاردا ئاشكارا تۈزىتىپ، تەسىرىنى يۇقىتىشى كېرەك: پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈلگەن بولسا، ئالاقىدار نەشر قىلغۇچى ئورۇنلار قانۇن بويىچە ھەق - تەلەپ دەۋا ئىشلىر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، گېزىت - ژۇرناللار يالغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەر ۋە خاتىرە ئەسەرلىرىنى بېسىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزسە، مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغۇچىلار تۈزىتىشنى ياكى مۇنازىرە قىلىشنى تەلەپ قىلسا، ئالاقىدار نەشر قىلغۇچى ئورۇنلار ئۆزى نەشر قىلغان گېزىت - ژۇرناللاردا ئۇنى ئېلان قىلىشى لازىم. تۈزىتىشنى ياكى مۇنازىرە قىلىشنى رەت قىلسا، مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغۇچىلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.
تۆتىنچى، گېزىت - ژۇرناللارنىڭ يالغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەر ۋە خاتىرە ئەسەرلىرىنى باسقانلىقى ئۈچۈن ئېلان قىلغان تۈزىتىش ۋە مۇنازىرە ماقالىلىرى تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:
(1) ئاشكارا تۈزىتىش توغرىسىدىكى ماقالىلەرنى يالغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەر ۋە خاتىرە ئەسەرلىرى سېزىلگەن كۈندىن باشلاپ ئەڭ يېقىن مەزگىلدە نەشر قىلىنغان بىر سان گېزىت - ژۇرنالنىڭ ئوخشاش جايغا بېسىش كېرەك.
(2) مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە تۈزىتىشتە ياكى مۇنازىرە ماقالىلىرىنى بېسىشتا، مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچىرىغۇچىلار تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقىتقا ئەڭ يېقىن مەزگىلدە چىققان گېزىت - ژۇرنالنىڭ ئوخشاش جايىغا بېسىشى كېرەك.
بەشىنچى، گېزىت - ژۇرناللار يالغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەر ۋە خاتىرە ئەسەرلىرىنى باسقان بولسا، تۈزىتىش بېرىش ۋە مۇنازىرە قىلىشتا، مۇشۇ چارىنىڭ 4 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىدۇ.
ئالتىنچى، گېزىت - ژۇرناللار يالغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەر ۋە خاتىرە ئەسەرلىرىنى بېسىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ياكى شۇ گېزىت - ژۇرنال تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ تۆۋەندىكىدەك مەمۇرىي تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ:
(1) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق توغرىسىدا ئۇرقتۇرۇش چىقىرىدۇ؛
(2) ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛
(3) مۇددەت ئىچىدە تۈزىتىش ياكى ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ.
يەتتىنچى، گېزىت - ژۇرناللار يالغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەر ۋە خاتىرە ئەسەرلىرىنى بېسىپ، دۆلەت ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان سېلىپ، ئېغىر ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، ئاخبارات - نەشىريات مەھكىمىسى ياكى شۇ گېزىت - ژۇرنال تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئەھۋالنىىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش ئىدارىسى ئەھۋالىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ياكى 10 مىڭ يۈەندىن جەرىمانە قويىدۇ.
سەككىزىنچى، گېزىت - ژۇرناللار يالغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەر ۋە خاتىرە ئەسەرلىرىنى باسقانلىقى ئۈچۈن مەمۇرىي تەدبىر قوللىنىلغان بولسا ياكى مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان بولسا، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى، شۇ گېزىت - ژۇرنال تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى يەنە شۇ گېزىت - ژۇرنالنى باشقۇرغۇچى، چىقارغۇچى ئورۇنغا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان گېزىت - ژۇرناللارنى تەرتىپكە سېلىش، ئالاقىدار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچىلارغا مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.
توققۇزىنچى، بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.