گېزىت سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات. گېزىت (1995) 252 - نومۇرلۇق
1 - ماددا ئېلىمىزنىڭ گېزىتچىلىك ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، گېزىتلەرنى مەمۇرىي باشقۇرۇشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، گېزىتلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ سۈپەت باشقۇرۇش ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا بۇ سۈپەت باشقۇرۇش ئۆلچىمى مەملىكەت ئىچىدىكى بىر تۇتاش ژۇرنال قوللىنىلىدىغان نومۇرى بېرىلگەن رەسمىي گېزىتلەرگە تەتبىقلىنىدۇ.
3 - ماددا گېزىت نەشر قىلىشتا يولداش دېڭ شىياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي پرىنسىپ ۋە توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت گېزىت چىقىرىش مەقسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم. گېزىتلەرنىڭ ھەرخىل مەزمۇنلىرى شۇ گېزىتنىڭ گېزىت چىقىرىش مەقسىتى ۋە كەسپىي ئىش تەقسىماتى دائىرىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك،ئاخبارات - خەۋەر بېرىش خىزمىتى ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تارقىتىش پائالىيەتلىرىنى شۇ گېزىتنىڭ كەسپىي ئىش تەقسىمات دائىرىسى ئىچىدە قانات يايدۇرۇش لازىم.
4 - ماددا گېزىت نەشر قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇن - نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش لازىم. گېزىتخانىلار قەتئىي <گېزىت باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە> قاتارلىق قانۇن - نىزاملار بويىچە گېزىت نەشر قىلىشى ۋە باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك.
5 - ماددا گېزىتكە بېسىلغان مەزمۇنلار چىن، توغرا بولۇشى؛ تاللاپ ئىشلىتىلگەن ماقالىلەر يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە، ئاخبارات خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى؛ بەتتىكى مەزمۇنلاردا ئۇچۇر مىقدارى كۆپ بولۇشى ھەمدە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلغان بولۇشى؛ بەتلەرنىڭ لايىھىلىنىشىدە مەركەز گەۋدىلەندۈرۈلگەن، رەسىم بىلەن مەزمۇنى تەڭ بېرىلەن، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە بولغان بولۇشى؛ ماۋزۇلىرى مەزمۇنىغا ئۇيغۇن كەلگەن، توغرا ئىپادىلەنگەن، سۆزلىرى ئىخچام، جانلىق، ئوبرازلىق بولغان بولۇشى؛ ئىستونلارنىڭ لايىھىلىنىشىدە ئالاھىدىلىك ئېنىق بولغان بولۇشى؛ يېزىق كوررېكتولۇقىغا قاتتىق تەلەپ قويۇلغان، توغرا بولغان، ئېنىق خاتالىق كۆرۈلمىگەن بولۇشى؛ بېسىلىشى ئېنىق بولغان، كەمتۈك ۋە تۇتۇق بولۇپ قالمىغان بولۇشى كېرەك.
6 - ماددا گېزىتكە بېرىلىدىغان ئېلانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن، نىزاملىرىغا ئۇيغۇن كېلىشى، ئېلانلارنىڭ مۇزمۇنى چىن، ئىشەنچىلىك بولۇشى كېرەك، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە دۆلەت مەنپەئىتىگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ.
7 - ماددا ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىسى بولغان گېزىتلەردىن مەلۇم تارقىتىلىش مىقدارى بولۇش تەلەپ قېلىنىدۇ. ھەر خىل گېزىتلەر نەشر قىلىنىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى شۇ گېزىتنىڭ كەسپىي ئىش تەقسىماتى ۋە كىتابخان ئوبيېكتلىرى دائىرىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سەۋىيىگە يېتىشى لازىم.
8 - ماددا گېزىت جەمئىيەتكە ۋە كەڭ ئۇقۇرمەنلەرگە يۈزلىنىدىغان تارقىتىش ۋاستىسى، شۇڭا ئۇقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى ئوبراز ۋە زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي ئىناۋەت تىكلىشى لازىم.
9 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ سۈپەت باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە تاينىپ، گېزىتلەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرىدۇ، باھالاپ بېكىتىدۇھەمدە تەكشۈرۈش، باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گېزىتلەرگە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش قاتارلىق جازالارنى بېرىدۇ.
10 - ماددا ئىچكى گېزىتلەرنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى مۇشۇ ئۆلچەمدىن پايدىلىنىپ ھەمدە ئۆز جايىنىڭ گېزىت باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاپ تۇرۇپ چىقىدۇ.
11 - ماددا بۇ سۈپەت باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپىنى تۈزۈش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ.
12 - ماددا بۇ سۈپەت باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمسى ئىزاھلايدۇ.
13 - ماددا بۇ سۈپەت باشقۇرۇش ئۆلچىمى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپى ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.