ئاسما كالېندار نەشر قىلىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1995 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. كىتاب (1995) 219 - نومۇرلۇق
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەھكىمىمىز ئاسما كالېندار نەشر قىلىش داۋامىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا كۆپ قېتىم ھۆججەت تارقاتتى، بۇ ھۆججەتلەر ئاسما كالېندار نەشر قىلىشنى باشقۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينىدى. ئاسما كالېندارنى يەنىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا ماكرو جەھەتتىن كونترول قىلىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ، ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئاسما كالېندار نەشر قىلىشتىكى ئەمەلىي ئەھۋال ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۆۋەندىكىلەر بەلگىلەندى:
1 - ماددا تاۋار خاراكتېرىدىكى ئاسما كالېندار گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى نەشر بۇيۇمى ھىسابلىنىدۇ، ئۇنداق ئاسما كالېندارنى دۆلەت تەستىقلىغان نەشرىياتلار نەشر قىلىدۇ.
2 - ماددا نەشر قىلىنىدىغان ئاسما كالېندار گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى نەشر بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنداق ئاسما كالېنىدارلارنىڭ تۈرىگە چەك قويۇلمايدۇ؛ ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ماقۇل بولغان كىتاب چىقىرىش دائىرىسىدە ئاسما كالېندار نەشر قىلسا بولىدىغان نەشرىياتلار ئورۇنلاشتۇرۇپ نەشر قىلغان ئاسما كالېندارنىڭ تۈرى يىلغا 5 خىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، باشقا نەشرىياتلار يىلغا بىر - ئىككى خىل ئاسما كالېندار نەشر قىلسا بولىدۇ. بارلىق نەشرىياتلارنىڭ ئاسما كالېندار نەشر قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كىتاب نومۇرى جەزمەن شۇ نەشرىياتنىڭ مەھكىمىمىزگە تەكشۈرتۈپ بېكىتكەن ئومۇمىي كىتاب نومۇر سانى ئىچىدە بولۇشى كېرەك (ئىسمى قوشۇمچە قىلىنىدى).
3 - ماددا ئاسما كالېندارنىڭ رەسىملىرى ۋە تېكستتە چەكلەنگەن مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئاسما كالېنداردا فېئوداللىق، خۇراپاتلىقنى تەشۋىق قىلىشقا، يالىڭاچ بەدەن رەسىملىرىنى تاللاپ كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ؛ ئادەم بەدىنى گۈزەل سەنئىتىگە دائىر ئەسەرلەرنى تاللاپ ئىشلەتكەندە، دۇنيانىڭ كلاسسىك سەنئىتىگ مەنسۇپ بولغان مەشھۇر ئەسەرلەرنىلا ئىشلىتىش، ئۇچىسىغا سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيگەنلەر تارتىلغان سۈرەتلەر سۇ ئۈزۈش، ساغلام گۈزەللىك قاتارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقە كۆرۈنۈشلىرى بىلەنلا چەكلىنىشى، مەزمۇنى ساغلام بولۇشى لازىم.
4 - ماددا تاۋار خاراكتېرلىك ئاسما كالېنداردا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى ۋە تىك سىزىقلىق نومۇرى ئىشلىتىش ھەمدە ئاسما كالېندار ئىسمى، ئاپتورى، نەشر قىلىغۇچى، مەسئۇل مۇھەررىر، باسقۇچى ئورۇن، باش تارقاتقۇچى ئورۇن، باھاسى قاتارلىقلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك، چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇنداقتا بولمىسا، قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى قاتارىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ھەر قانداق نام بىلەن كىتاب نومۇرى سودىسى قىلىپ ئاسما كالېندار نەشر قىلىشقا بولمايدۇ.
5 - ماددا ئاسما كالېندارلارنى بېسشتىن ئىلگىرى ئىشلەپ چىققان زاكاز توپلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان ئەۋرىشكە نۇسخا، ئەۋرىشكىلەرنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. ئاسما كالېندار نەشر قىلىنىپ بىر ئاي ئىچىدە، كىتاب ئەۋرىشكىسى ئەۋەتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ۋاقتىدا ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئەۋرىشكە ئەۋەتىش لازىم.
6 - ماددا تاۋار خاراكتېرلىك ئاسما كالېندارغا قارىتا باھاغا چەك قويۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، ھەر يىلى 1 - پەسلىدە، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى دۆلەت پىلان كومتېتىنىڭ باھا باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن كېڭىشىپ شۇ يىلدىكى تاۋار خاراكتېرلىك ئاسما كالېندارنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھا ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىدۇ. نەشرىياتلار ئاسما كالېندارلارنىڭ باھاسىنى ئاشۇ چەك ئىچىدە بېكىتىشى كېرەك.
7 - ماددا ئاسما كالېندارلارنى نۇقتىلىق كارخانىلار بېسىشى شەرت. ئەگەر ئۆلكە ھالقىپ بېسىشقا توغرا كەلسە، نەشرىياتلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە بېرىپ ئۆلكىدىن چىقىرىپ باستۇرۇش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى، كالېندار ئىسمى، ئاپتۇرى، نەشر قىلغۇچى ، كىتاب نومۇرى، نەشر قىلىش شەكلى، تىراژى، باھاسى قاتارلىقلارنى يېزىش، باسىدىغان جايدىكى ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى قوشۇلۇپ، بېسىش ئىجازەتنامىسى بەرگەندىن كېيىن ئاندىن بېسىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. باسقۇچى ئورۇنلار ئاسما كالېندارلارنى قوبۇل قىلىغاندا، جەزمەن ئالدى بىلەن نەشرىياتلارنىڭ بېسىشقا بېرىش رەسمىيەتلىرىنىڭ تولۇق بولغان - بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى، رەسمىيەت تولۇق بولمىسا، باسماسلىقى كېرەك.
8 - ماددا باش تارقىتىش ھوقۇقى بولغان شىنخۇا كىتابخانىسى (نەشر قىلىش - تارقىتىش گۇۋاھلىرى) ئاسما كالېندارلارنى 1 - دەرىجىلىك توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا، نەشرىياتلار ئۆزلىرى نەشر قىلغان ئاسما كالېندارلارنى 1 - دەرىجىلىك توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ؛ 2 - دەرىجىلىك توپ تارقىتىش ئورۇنلىرى ۋە پارچەس سېتىش ئورۇنلىرى جەزمەن بەلگىلەنگەن تىجارەت شەكلى بويىچە ئاسما كالېندار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسىنىڭ ماددىي بۇيۇملارنى بېرىش ياكى باشقا ۋاستىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق نورمال بولمىغان سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ.
9 - ماددا ئاسما كالېندارلارنى سېتىش ۋە بېسىشتا قەتئىي گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ (1987) 14 - نومۇرلۇق ھۆججىتى «مەملىكەت ئىچىدە ئۆزئارا ئاسما كالېندار سوۋغا قىلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىشى كېرەك، ئومۇمنىڭ پۇلىغا ئاسما كالېندار باستۇرۇپ سېتىۋېلىپ مەملىكەت ئىچىدىكى ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە سوۋغا قىلىشقا بولمايدۇ.
10 - ماددا ئېلان، تەشۋىقات ئاسما كالېندارلىرىنى پەقەت چەت ئەللەرگىلا تەقدىم قىلىشقا بولىدۇ. ھەر قانداق ئورۇننىڭ ئاسما كالېندار بېسىپ چەت ئەللەرگە تەقدىم قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئېلان - تەشۋىقات ئاسما كالېندارلىرىنى بېسىشتا جەزمەن شۇ جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە مەزمۇنىنى تەكشۈرۈتۈش ھەمدە بېسىش ئىجازەتنامىسى ئېلىپ، ئاندىن شۇ جاندىكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسنىڭ ئېلان باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ ئېلانلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى ئۆتەش كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىسا، قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
11 - ماددا يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ نەشر قىلىنغان ئاسما كالېندارنى جايلاردىكى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋاقتىنچە پېچەتلەپ تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق، ئاندىن ئاخبارات - نەشرىياتچلىقنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋاقتىنچە پېچەتلەپ تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق، ئاندىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ، نەشرىياتقا جازا بېرىدۇ. بېرىلىدىغان جازا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ئاسما كالېندار نەشر قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، پايدىسىنى مۇسادىرە قىلىش، جەرىمانە قويۇش، مەزمۇنى ناچار ئاسما كالېندارلارنى كېرەكسىز قىلىۋېتىش؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، يۇقىرىقىدەك جازالار بېرىلگەندىن سىرت، نەشرىيات كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، ھەتتا نەشرىيات نومۇرى ياكى ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
12 - ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئاسما كالېندار باشقۇرۇشقا دائىر ئىلىگىرىكى بەلگىلىمىلەردە بۇ بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىغان جايلار بولسا، مۇشۇ بەلگىلىمە ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
قوشۇمچە: گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت كەسپىي نەشرىياتلىرى (45)
ئەنخۇي گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
بېيجىڭ ھۈنەر - سەنئەت، گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
بېيجىڭ گۈزەل - سەنئەت، فوتو سۈرەت نەشرىياتى
چاڭچىڭ نەشرىياتى
فۇجيەن گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
گەنسۇ خەلق گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
گوۋۇشۈەن نەشرىياتى
گۇاڭشى گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
خەيچاۋ فوتو سۈرەت نەشرىياتى
خەينەن فوتو سۈرەت، گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
خېبىي گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
خېنەن گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
خېيلۇڭجىياڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
خۇبېي گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
خۇنەن گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
جىلىن گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
جىلىن فوتو گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
جياڭسۇ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
جياڭشى گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
لياۋنىڭ رەسىملىك ژۇرنال نەشرىياتى
لياۋنىڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
لىڭنەن گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
خەلق گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
رۇڭباۋجەي نەشرىياتى
شەندۇڭ رەسىملىك ژۇرنال نەشرىياتى
شەندۇڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
شەنشى خەلق گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
شەنشى فوتو سۈرەت نەشرىياتى
شاڭخەي گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
شاڭخەي ھۆسىن خەت، رەسىم نەشرىياتى
سىچۇەن گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
تىيەنجىن گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
تىيەنجىن مەجنۇجتال رەسىم نەشرىياتى
شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت نەشرىياتى
يۈننەن گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
چاۋخۇا گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتى نەشرىياتى
جېجياڭ خەلق گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى
جېجياڭ فوتو سۈرەت نەشرىياتى
جۇڭگو رەسىملىك ژۇرنال نەشرىياتى
جۇڭگو چاتما رەسىملەر نەشرىياتى
جۇڭگو مىللەتلەت فوتو سۈرەت نەشرىياتى
جۇڭگو فوتو سۈرەت نەشرىياتى
شىلىڭ نەشرىياتى
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن كىتاب چىقىرىش دائىرىسىدە ئاسما كالېندار چىقىرىشقا يول قويۇلغان نەشرىياتلار (29)
ئولىمىپىك نەشرىياتى
چۇڭچىڭ نەشرىياتى
گۇاڭدۇڭ ساياھەت نەشرىياتى
گۇيجۇ خەلق نەشرىياتى
خەلقئارا مەدەنىيەت نەشر قىلىش شىركىتى دېڭىز شامىلى نەشرىياتى
خۇايى نەشرىياتى
ئىچكى موڭغۇل نەشرىياتى
چىڭخەي خەلق نەشرىياتى
شەندۇڭ دوستلۇق نەشرىياتى
شەنشى خەلق نەشرىياتى
شەنشى ساياھەت نەشرىياتى
ئاسار ئەتىقە نەشرىياتى
شىزاڭ خەلق نەشرىياتى
نىڭشيا خەلق نەشرىياتى
شىيۈەن نەشرىياتى
شىنخۇا نەشرىياتى
جۇڭگو كىنو نەشرىياتى
جۇڭگو ئىشچىلار نەشرىياتى
جۇڭگو بىناكارلىق سانائىتى نەشرىياتى
جۇڭگو ساياھەت نەشرىياتى
جۇڭگو سەنشيا نەشرىياتى
جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نەشرىياتى
جۇڭگو تىياتىر نەشرىياتى
جۇڭگو دېھقانلار نەشرىياتى
زىجىنچىڭ نەشرىياتى
خەلق تەنتەربىيە نەشرىياتى