UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارنەشرىياتلارنىڭ ئاپتورلاردىن كىتاب سېتىپ بېرىشنى ھۆددىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

نەشرىياتلارنىڭ ئاپتورلاردىن كىتاب سېتىپ بېرىشنى ھۆددىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

قانۇنلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈن. ئاخبارات - نەشرىيات. كىتاب (91) 1035 - نومۇرلۇق نەشرىياتلارنىڭ كىتاب نەشر قىلىشتا ئاپتورلاردىن كىتابنى سېتىپ بېرىشنى ھۆددىگە ئېلىشىنى ياكى مەبلەغ جەھەتتە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا جەمئىيەتتە كۆپ قېتىم تەنقىد بېرىلدى. بۇنداق قىلىش بىر تەرەپتىن، ئاپتۇرلارنىڭ سېلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ ئىناۋىتىگە داغ تەگكۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن، كىتابنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسىز. مەسىلەن، بەزى كىتابلارنى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، ئاپتۇر پۇل بەرگەنلىكتىن چىقىرىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق ئىشنىڭ چاتىقى كۆپ بولىدىغانلىقى، پايدىسى زىيىنىنى قاپلىيالمايدىغانلىقىنى پاكىتلار ئىسپاتلىدى. بۇنى توسۇش كېرەك. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۇقتۇرىمىز: 1. نەشرىيات كىتاب چىقىرىشتا ھەر قانداق نام بىلەن ئاپتورنىڭ مەبلەغ جەھەتتە ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلسا ياكى ئاپتور بەرگەن ياردەم پۇلىنى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ. بەلگىلىمە بويىچە ئۆز خىراجىتىگە چىقىرىپ بېرىدىغان كىتابلار بۇنىڭغا كىرمەيدۇ. 2. نەشرىيات كىتاب ئورىگىنالىنى يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ئورۇن ياكى ئاپتوردىن كىتابنى سېتىپ بېرىشنى ھۆددىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا ياكى ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىپ بېرىشىنى قوبۇل قىلسا بولمايدڭ. 3. نەشرىياتلار قەلەم ھەققى ھېسابىغا كىتاب بەرسە بولمايدۇ. توختامدا باشقىچە كېلىشكەنلىرى بولسا، توختام بويىچە ھەق بېرىشى كېرەك. 4. كەسىپچانلىقى كۈچلۈك كىتاب ۋە ئىلمىي ئەسەرلەر بولسا، نەشرىيات ياكى شىنخۇا كىتاب ۋە ئىلمىي ئەسەرلەر بولسا، نەشرىيات ياكى شىنخۇا كىتابخانلىرى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورگان ۋە تەشكىلاتلارغا ھاۋالەت قىلىش يولى بىلەن سىستېمىلار بويىچە تىراژ توپلىسا بولىدۇ. توپلانغان ساننى نەشرىيات ياكى شىنخۇا كىتابخانىسى بىر تۇتاش يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش، زاكاز توپلاشقا كېرەكلىك تەشۋىقات خىراجىتى مەسىلىسىنى تارقىتىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەل قىلىش كېرەك. 5. پەن تەتقىقاتى ئەسەرلىرى ۋە كەسىپچانلىقى كۈچلۈك پەن تەتقىقات كىتابلىرىنى نەشر قىلىش سەۋەبىدىن بەك كۆپ زىيان كۆرۈلۈپ، نەشرىيات ئۈستىگە ئالالماي قالغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىشى ئارقىلىق زىياننى تولدۇرۋېلىشى ئۈچۈن بەرگەن ياردىمىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرنى نەشرىياتلار قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم. خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ھەقىقىي تۈردە مەسئۇل بولۇپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار