كىمئارتۇق سودىسى قانۇنى
قانۇنلار
(1996 – يىل 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ 20 – سانلىق يىغىدا ماقۇللانغان، 2004 – يىل 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى 11 – سانلىق يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىمئارتۇق سودىسى قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى »غا ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن)
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن كىمئارتۇق سودىسى قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كىمئارتۇق سودىسى قىلىش تەرتىپىنى ۋە كىمئارتۇق سودىسىنى قىلىش ھەركىتىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2 – ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدىكى كىمئارتۇق تەتبىقلىنىدۇ.
3 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى ئاشكارا رىقابەتلىك باھا قويۇش شەكلى ئارقىلىق خاس مۈلۈكنى ياكى مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەڭ يۇقىرى باھا قويغۇچىغا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان ئېلىش – سېتىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.
4 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلىشى ھەرىكىتىدە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئەمەل قىلىش، ئاشكارا بولۇش، ئادىل بولۇش، ھەققانىي بولۇش، سەمىمىي بولۇش – لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا رىئايە قىلىش كېرەك.
5 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ كىمئارتۇق سودىسى ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە كىمئارتۇق سودىسى ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە رايۇنلۇق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كىمئارتۇق سودىسى ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى كىمئارتۇق سودىسى ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
2 – باب كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتى
6 – ماددا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتى ھاۋالە قىلغۇچى ئىگىدارلىق قىلىدىغان ياكى قانۇن بويىچە ئۇيان – بۇيان قىلالايدىغان بۇيۇم ياكى مۈلۈك ھوقۇقى بولۇشى كېرەك.
7 – ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئېلىپ – سېتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى ياكى مۈلۈك ھوقۇقىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتى قىلىشقا بولمايدۇ.
8 – ماددا قانۇن ياكى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئۆتۈنۈشكە بولىدىغان بۇيۇم ياكى مۈلۈك ھوقۇقىنى كىمئارتۇق سودىسى قىلشتىن ئاۋۋال قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك.
كىمئارتۇق سودىسى قىلىشقا ھاۋالە قىلىنغان مەدەمىيەت يادىكارلىقلىرىنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىشتىن ئاۋۋال، كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ ساتقۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ قانۇن بويىچە باھالىشى ۋە ئىجازىتىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
9 – ماددا دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلغان بۇيۇملار، باج پۇلى ۋە جەرىمانە پۇلى ھېسابىغا تۇتۇۋېلىنغان بۇيۇملار ۋە باشقا بۇيۇملاردىن گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھاۋالىلىك كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ سېتىلدىغانلىرىنى شۇ مۈلۈك بار جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە رايۇنلۇق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كىمئارتۇق سودىسى قىلشقا بەلگىلىگەن ئادەم كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ ساتىدۇ.خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلغان بۇيۇملار، جازا پۇلى ۋە جەرىمانە پۇلى ھېسابىغا تۇتۇۋېلىنغان بۇيۇملار شۇنىڭدەك قايتۇرۇپ ئالغان لېكىن ياندۇرۇپ بەرگىلى بولمايدىغان بۇيۇملارنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ سېتىشتا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
3 باب كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى ئالاقىدار تەرەپ
1 – پاراگراف كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى
10 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى – مۇشۇ قانۇن ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەي قانۇنى » بويىچە تەسىس قىلىنغان، كىمئارتۇق سودىسى ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنى كۆرسىتىدۇ.
11 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى كارخانىلىرىنى رايونلۇق شەھەرلەردە تەسىس قىلىشقا بولىدۇ. كىمئارتۇق سودىسى كارخانىلىرىنى تەسىس قىلىشتا، شۇ تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كىمئارتۇق سودىسى ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ۋە ئىجازىتىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمدە ئۆتكۈرزۈش ھەمدە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىش شەرت.
12 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى كارخانىلىرىنى تەسىس قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:
(1) تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالى خەلق پۇلى ھېسابىدا 1 مىليون يۈەن ئاشقان بولۇش؛
(2) ئۆز نامى، تەشكىلىي ئاپپاراتى، تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە نىزامنامسى بولۇش؛
(3) كىمئارتۇق سودىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا لايىق كىمئارتۇق سودا ئۇستىسى ۋە باشقا خىزمەتچى خادىملىرى بولۇش؛
(4) مۇشۇ قانۇندىكى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىمئارتۇق سودىسى كەسىپ قائىدىسى بولۇش؛
(5) گوۋۇيۈەننىڭ كىمئارتۇق سودىسى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇش؛
(6) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.
13 – ماددا مەدەنىي يادىكارلىقلارنى كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى كارخانىلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالى خەلق پۇلى ھېسابىدا 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان بولۇشى، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ سېتىش كەسپىي بىلىمىگە ئىگە خادىملىرى بولۇشى كېرەك.
14 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلىش ھەرىكىتىگە كىمئارتۇق سودا ئۇستىسى رىياسەتچىلىك قىلىشى لازىم.
15 – ماددا كىمئارتۇق سودا ئۇستىسى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
(1) ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرسىدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ۋە كىمئارتۇق سودىسى كەسپىي بىلىمىگە ئىگە بولۇش؛
(2) كىمئارتۇق سودىسى كارخانىلىرىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولۇش؛
(3) ئەخلاق – پەزىلىتى ياخشى بولۇش.
خىزمەتتىن بوشىتىلغىنىغا ياكى كىمئارتۇق سودا ئۇستىسى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ كۈچتىن قالدۇرۇلغىنىغا بەش يىل بولمىغانلار ياكى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازاغا تارقىلغانلارنىڭ كىمئارتۇق سودا ئۇستىسى بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
16 – ماددا كىمئارتۇق سودا ئۇستىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى سىناش ئىشىنى كىمئارتۇق سودا كەسپىيى جەمئىيىتى بىر تۇتاش ئۇيۇشتۇرىدۇ. سىناقتا لاياقەتلىك بولغانلارغا كىمئارتۇق سودا كەسپىي جەمئىيىتى كىمئارتۇق سودا ئۇستىسى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.
17 – ماددا كىمئارتۇق سودا كەسپىي جەمئىيىتى – قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، شۇنداقلا كىمئارتۇق سودىسى ئىشلىرىدىكى تەلەپچان تەشكىلات. كىمئارتۇق سودا كەسپىي جەمئىيىتى مۇشۇ قانۇنغا ھەمدە نىزامنانىگە ئاساسەن، كىمئارتۇق سودىسى كارخانىلىرىنى ۋە كىمئارتۇق سودا ئۇستىلىرىنى نازارەت قىلىدۇ.
18 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىدىن كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەيىبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچىغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ ئەيىبىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشى كېرەك.
19 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىنىڭ ھاۋالە قىلغۇچى كىمئارتۇق سودىسى قىلىشقا تاپشۇرغان بۇيۇمنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار .
20 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلىغۇچى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى باشقا ئادەمنىڭ كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ سېتىشىغا ھاۋالە قىلسا بولمايدۇ.
21 – ماددا ھاۋالە قىلغۇچى، سېتىۋالغۇچى ئۆز سالاھىتىنىڭ مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلسا، كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى ئۇنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.
22 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىنىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئۆزى ئۇيۇشتۇرغان كىمئارتۇق سودىسى پائالىيەتلىرىگە رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچى سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىشىغا ھەم ئۆزى ئۈچۈن رىقابەتلىك سېتىۋېلىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
23 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىنىڭ ئۆز بۇيۇمىنى ياكى ئۆزىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆزى ئۇيۇشتۇرغان كىمئارتۇق سودىسى پائالىيىتىدە كىمئارتۇق سودىسى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
24 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى پۈتكەندىن كېيىن، كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ پۇلىنى ھاۋالە قىلغۇچىغا پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرۇشى ھەمدە شۇ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى پۈتۈم بويىچە سېتىۋالغۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
2 – پاراگراف ھاۋالە قىلغۇچى
25 – ماددا ھاۋالە قىلغۇچى كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىغا بۇيۇم ياكى مۈلۈك ھوقۇقىنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىشنى ھاۋالە قىلغان پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ.
26 – ماددا ھاۋالە قىلغۇچى كىمئارتۇق سودىسى قىلىشنى ھاۋالە قىلىش رەسمىيىتىنى ئۆزى بېجىرسىمۇ ياكى ئۆز ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن بېجىرىمۇ بولىدۇ.
27 – ماددا ھاۋالە قىلغۇچى كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ۋە ئەيبىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشى كېرەك.
28 – ماددا ھاۋالە قىلغۇچى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ ساقلاپ قېلىنىدىغان باھاسىنى بەلگىلەشكە ھەمدە ئۇنىڭ مەخپىيىتىنى كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىنىڭ ساقلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
كىمئارتۇق سودىسى قىلىنىدىغان دۆلەت مۈلۈكىدىن قانۇن ياكى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باھالاشقا توغرا كەلگەنلىرىنى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان باھالاش ئاپپاراتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمدە باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ ساقلاپ قېلىنىدىغان باھاسىنى بەلگىلەش كېرەك.
29 – ماددا ھاۋالە قىلغۇچى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى كىمئارتۇق سودىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ. ھاۋالە قىلغۇچى كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىغا پۈتۈم بويىچە ھەق تۆلىشى لازىم؛ پۈتۈم بولمىسا، كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىغا كىمئارتۇق سودىسىدا قىلىنغان مۇۋاپىق چىقىمنى تۆلىشى كېرەك.
30 – ماددا ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ رىقابەتلىك سېتىۋېلىشقا قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ، شۇنداقلا رىقابەتلىك سېتىۋېلىشنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ.
31 – ماددا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى پۈتۈم بويىچە ھاۋالە قىلغۇچى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە توغرا كەلسە، كىمئارتۇق سودىسى پۈتكەندىن كېيىن، ھاۋالە قىلغۇچى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى سېتىۋالغۇچىغا ئۆتكۈزۈز بېرىشى كېرەك.
3 – پاراگراف رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچى
32 – ماددا رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچ – كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى رىقابەتلىك سېتىۋېلىشقا قاتنىشىدىغان پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.
33 – ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى ئېلىش – سېتىش شەرتىگە دائىر بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسا، رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچى بەلگىلەنگەن شۇ شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك.
34 – ماددا رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچى رىقابەتلىك سېتىۋېلىشقا ئۆزى قاتناشسىمۇ، رىقابەتلىك سېتىۋېلىشقا قاتنىشىشنى ئۆزى ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.
35 – ماددا رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ ئەيىبىنى بىلىشكە، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ۋە كىمئارتۇق سودىسىغا دائىر ماتېرىياللارنى ئاخىتۇرۇپ كۆرۈشكە ۋە كىمئارتۇق سودىسىغا دائىر ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇپ كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق.
36 – ماددا رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچى ئۆزى قويغان باھادىن يېنىۋالسا بولمايدۇ، باشقا رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچى تېخىمۇ يۇقىرى باھا قويغاندا، ئۇنىڭ قويغان باھاسى چەكلەش كۈچىدىن قالىدۇ.
37 – ماددا رىقابەتنىڭ سېتىۋالغۇچىلار، رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچىلار بىلەن كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىلار ئۆزئارا يامان نىيەتتە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ،باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارغا يول قويۇلمايدۇ.
4 – پاراگىراف سېتىۋالغۇچى
38 – ماددا سېتىۋالغۇچى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىۋالىدىغان رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچىنى كۆرسىتىدۇ.
39 – ماددا سېتىۋالغۇچى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ باھا پۇلىنى پۈتۈم بويىچە تۆلىشى كېرەك، باھا پۇلىنى پۈتۈم بويىچە تۆلىمىگەنلەر ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ياكى كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن،كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى قايتىدىن كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ ساتسا بولىدۇ.
كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتى قايتا كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ سېتىلسا، دەسلەپكى سېتىۋالغۇچى بىرىنچى قېتىم كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ سېتىشتا ئۆزى ۋە ھاۋالە قىلغۇچى تۆلەشكە تېگىشلىك بولغان شېرىنكانىنى تۆلىشى كېرەك. قايتا كىمئارتۇق سودىسى قىلغاندىن كېيىنكى باھا پۇلى دەسلەپكى باھا پۇلىدىن ئاز بولسا، دەسلەپكى سېتىۋالغۇچى ئۇنىڭ كەم قالغان قىسمىنى تۇلۇقلىشى كېرەك.
40 – ماددا سېتىۋالغۇچى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىغا پۈتۈم بويىچىمۇ ئىگە بولالمىغان بولسا، كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىدىن ياكى ھاۋالە قىلغۇچىدىن ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
سېتىۋالغۇچى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبتېكتىنى پۈتۈم بويىچىمۇ ئېلىپ كەتمىگەن بولسا، بونىڭدىن كېلىپ چىققان ساقلاش ھەققىنى تۆلىشى كېرەك.
4 – باب كىمئارتۇق سودىسى قىلىش تەرتىپى
1– پاراگراف كىمئارتۇق سودىسى قىلىش ھاۋالىسى
41 – ماددا ھاۋالە قىلغۇچى كىمئارتۇق سودىسى قىلىنغان بۇيۇمنى ياكى مۈلۈك ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلىشتا، ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنى ۋە كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى تەلەپ قىلغان كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇق ئىسپاتىنى ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ قانۇن بويىچە ئۇيان – بويان قىلىشقا بولىدىغان ئىسپاتىنى شۇنىڭدەك باشقا ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.
42 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى ھاۋالە قىلغۇچى بەرگەن ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ دەلىللىشى كېرەك. كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى ھاۋالىنى قوبۇل قىلسا، ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن كىمئارتۇق سودىسى قىلىش ھەققىدە يازما توختام ئىمزالىشى لازىم.
43 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى باھالاشقا توغرا كېلىدۇ دەپ قارىسا، باھالىسا بولىدۇ.
باھالاش نەتىجىسى كىمئارتۇق سودىسى قىلىشقا ھاۋالە قىلىش توختامدا يېزىلغان كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاش چىقمىسا، كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى توختامنىڭ ئۆزگەرتىشنى ياكى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
44 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلىشنى ھاۋالە قىلىش توختامىدا تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
(1) ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ۋە كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى، تۇرۇشلۇق جايى؛
(2)كىمئارتۇق قىلىش سېتىش ئوبيېكتىنىڭ نامى، ئۆلچىمى، سانى، سۈپىتى؛
(3) ھاۋالە قىلغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان ساقلاپ قېلىنىدىغان باھا؛
(4) كىمئارتۇق سودىسى قىلىنىدىغان ۋاقىت، ئورۇن؛
(5) كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى تاپشۇرۇش ياكى يۆتكەش ۋاقتى، ئۇسۇلى؛
(6) شېرىنكانە ۋە ئۇنى تۆلەش ئۇسۇلى، تۆلەش مۇددىتى؛
(7)باھا پۇلىنى تۆلەش ئۇسۇلى ۋە تۆلەش مۇددىتى؛
(8)ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى؛
(9)ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن باشقا ئىشلار.
2 – پاراگراف كىمئارتۇق سودىسى قىلىش ئېلانى ۋە كۆرگەزمىسى
45 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى كىمئارتۇق سودىسى قىلىشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن كىمئارتۇق سودىسى قىلىش ئېلانى چىقىرىش كېرەك.
46 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلىش ئېلانىدا تۆۋەندىكىدەك ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
(1) كىمئارتۇق سودىسى قىلىش ۋاقتى، ئورنى؛
(2) كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتى؛
(3)كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋاقتى، ئورنى؛
(4) رىقابەتلىك سېتىۋېلىشقا قاتنىشىشتا بېجىرىشكە تېگىشلىك رەسمىيەتلەر؛
(5) ئېلان ىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.
47 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلىش ئېلانى گېزىتتە ياكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىشى كېرەك.
48 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىشتىن بۇرۇن كۆرگەزمە قىلىشى ھەمدە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە شارائىت يارىتىپ بېرىشى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك.
كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋاقتى ئىككى كۈندىن كەم بولماسلىقى لازىم.
3 – پاراگىراف كىمئارتۇق سودىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى
49 – ماددا كىمئارتۇق سودا ئۇستىسى كىمئارتۇق سودىسىنىڭ قائىدىسىنى ۋە ئۇنىڭدا دىققەت قىلىندىغان ئىشلارنى كىمئارتۇق سودىسى باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئېلان قىلىشى كېرەك.
50 – ماددا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ ساقلاپ قىلىنىدىغان باھاسى بولمىسا، ئۇنى كىمئارتۇق سودا ئۇستىسى كىمئارتۇق سودىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئىزاھلاپ ئۆتۈشى كېرەك.
كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ ساقلاپ قېلىنىدىغان باھاسى بولسا، رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچى قويغان ئەڭ يۇقىرى ئەڭ يۇقىرى باھا ساقلاپ قېلىنىدىغان باھاغا يەتمەي قالسا، ئۇ باھا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، ئۇنداق ئەھۋالدا، كىمئارتۇق سودا ئۇستىسى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ سېتىشنى توختىتىشى كېرەك.
51 – ماددا رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچى قويغان ئەڭ يۇقىرى باھا كىمئارتۇق سودا ئۇستىسىنىڭ تۇخماق ئۇرۇشى ياكى ئوبيېكىتنىڭ سېتىلغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرىدىغان باشقىچە ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كىمئارتۇق سودىسى پۈتكەن بولىدۇ.
52 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى پۈتكەندىن كېيىن ، سېتىۋالغۇچى بىلەن كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى پۈتۈشكەنلىك ئېتىراپ نامىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.
53 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى كىمئارتۇق سودىسىنى باشلىغاندا، كىمئارتۇق سودىسىدىن يازما خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك. كىمئارتۇق سودىسىدىن قالدۇرۇلغان يازما خاتىرىگە كىمئارتۇق سودا ئۇستىسى ۋە خاتىرلىگۈچى ئىمزا قويۇشى ، كىمئارتۇق سودىسى پۈتكەن بولسا، سېتىۋالغۇچىمۇ ئىمزا قويۇشى كېرەك.
54 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى كەسپىي تىجارەت پائالىيىتىگە دائىر مۇكەممەل ھېسابات دەپتىرى، كىمئارتۇق سودىسىدىن قالدۇرۇلغان يازما خاتىرە ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرياللارنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھېسابات دەپتىرى، كىمئارتۇق سودىسىدىن قالدۇرۇلغان يازما خاتىرە ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ساقلاش مۇددىتى كىمئارتۇق سودىسى قىلىشقا ھاۋالە قىلىش ھەققىدە، تۈزۈلگەن توختام ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، بەش يىلدىن ئاز بولمايدۇ.
55 – ماددا كىمئارتۇق قىلپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ئۆزگەرتىش، مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى يەڭگۈشلەش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشكە توغرا كەلسە، ھاۋالە قىلغۇچى، سېتىۋالغۇچى كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى بەرگەن سودىدا پۈتۈشكەنلىك ئىسپات قەغىزىنى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئېلىپ، ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىلىرىگە بېرىپ رەسمىيەت بېجىرىشى كېرەك.
4 – پاراگراف شېرىنكانە
56 – ماددا ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى شېرىمكانە نىسبىتى ئۈستىدە كىمئارتۇق سودىسى قىلىغۇچى بىلەن پۈتۈشۈۋالسا بولىدۇ.
ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى بىلەن شېرىنكانە نىسبىتى ئۈستىدە پۈتۈشۋالمىغان بولسا، كىمئارتۇق سودىسى پۈتكەندە، كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى ھاۋالە بىلەن سېتىۋالغۇچىنىڭ ھەرقايسىسىدىن كىمئارتۇق سودىسىدا پۈتۈشكەن باھانىڭ 5 تىدىن ئاشۇرۇۋەتمەي شېرىنكانە ئالسا بولىدۇ. ئېلىندىغان شېرىنكاننىڭ نىسبىتى كىمئارتۇق سودىسىدا پۈتۈشكە باھاغا تەتۈر تاناسىپ بولۇش پرىنسىپى بويىچە بەلگىلىنىدۇ.
كىمئارتۇق سودىسىدا پۈتۈشەلمىگەن ئەھۋالدا، كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى ھاۋالە قىلىغۇچىدىن پۈتۈم بويىچە ھەق ئالسا بولىدۇ؛ پۈتۈم بولمىسا، ھاۋالە قىلغۇچدىن كىمئارتۇق سودا خىراجىتى ئۈچۈن مۇۋاپىق ھەق ئالسا بولىد%ۇ.
57 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 9 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن بۇيۇمنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىشتا پۈتۈشكەن بولسا، كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى سېتىۋالغۇچىدىن كىمئارتۇق سودىسىدا پۈتۈشكەن بدھانىڭ5 تىدىن ئاشۇرۋەتمەي شېرىنكانە ئالسا بولىدۇ. ئېلىندىغان شېرىنكاننىڭ نىسبىتى كىمئارتۇق سودىسىدا پۈتۈشكەن باھاغا تەتۈر تاناسىپ بولۇش پرىنسىپى بويىچە بەلگىلىنىدۇ.
كىمئارتۇق سودىسىدا پۈتۈشەلمىگەن ئەھۋالدا، مۇشۇ قانۇننىڭ 56 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ،
5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
58 – ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغان ياكى قانۇن بويىچە ئۇيان – بويان قىلغىلى بولمايدىغان بۇيۇمنى ياكى مۈلۈك ھوقۇقىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 6 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ كىمئارتۇق سودىسى قىلىشقا ھاۋالە قىلسا، ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ كىمئارتۇق سودىسى قىلىنغان بۇيۇمغا ياكى مۈلۈك ھوقۇقىغا قارىتا ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى ياكى ئۇنى قانۇق بويىچە ئۇيان – بويان قىلالمىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
59 – ماددا دۆلەت ئورگانلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 9 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مال – مۈلۈك تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتۇنوم رايۇنلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى رايونلۇق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىگەن كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىلارنىڭ كىمئارتۇق سودىسى قىلىشىغا ھاۋالە قىلىنىدىغان بۇيۇمنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغان بولسا، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇلى خادىمغا ۋە بىۋاستە جاۋابكار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، دۆلەتكە زىيان يەتكۈزگەنلەر يەنە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
60 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 11 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت بېرىش تىزىمىغا ئالدۇرماي تەسىس قىلىنغان كىمئارتۇق سودىسى كارخانىلىرىنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
61 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى، ھاۋالە قىلغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 18 – ماددا 2 – تارمىقىدىكى، 27 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ ئەيىبىنى ئىزاھلاپ قويماي، سېتىۋالغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، سېتىۋالغۇچى كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ جاۋابكارلىق ھاۋالە قىلغۇچىدا بولسا، كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى، ھاۋالە قىلغۇچى كىمئارتۇق سودىسى قىلىشتىن بۇرۇن كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ راست – يالغانلىقىغا ياكى ئۇنىڭ ئەيىبىگە كېپىللىك قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىنىڭ ئەيىبى بارلىقىنى جاكارلىمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش دەۋا سۈرۈكى بىر يىل بولىدۇ، دەۋا سۈرۈكى دەۋالاشقۇچى ھوقۇقىغا زىيان يەتكەنىلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوبيېكتىدا نۇقسان بولۇش تۈپەيلىدىن ساغلاملىققا،مال – مۈلۈككە يەتكەن زىيان – زەخمەتنى تۆلىتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىش دەۋا سۈرۈكىگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» دىكى ۋە باشقا قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرتەتبىقلىنىدۇ.
62 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى مۇشۇ قاننىڭ 22 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، رىقابەتلىك سېتىۋېلىشقا ئارىلاشسا ياكى ئۆزىگە ۋاكالىتەن رىقابەتلىك سېتىۋېلىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلسا، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى كىمئارتۇق سودىسى قىلىشتا ئالغان شېرىنكانىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
63 – ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 23 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزى ئۇيۇشتۇرغان كىمئارتۇق سودىسى پائالىيىتىدە ئۆز بۇيۇمىنى ياكى ئۆزىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ ساتسا، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنىڭ شۇ كىمئارتۇق سودىسىدا تاپقان تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.
64 – ماددا ھاۋالە قىلغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 30 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، رىقابەتلىك سېتىۋېلىشىقا ئارىلاشسا ياكى ئۆزىگە ۋاكالىتەن رىقابەتلىك سېتىۋېلىشىنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلسا، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ھاۋالە قىلغۇچىغا كىمئارتۇق سودىسىدا پۈتۈشكەن باھانىڭ 30 تىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىد%ۇ.
65 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 37 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچىلار، رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچىلار بىلەن كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىلار ئۆزئارا يامان نىيەتتە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، كىمئارتۇق سودىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ، ئۇلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى يامان نىيەتتە تىل بىرىكتۈرۈۋالغان رىقابەتلىك سېتىۋالغۇچىلارغا قويۇلغان ئەڭ يۇقىرى باھانىڭ 10 تىدىن يۇقىرى، 30 تىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ يامان بىيەتتە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىشقا ئارىلاشقان كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىغا قويۇلغان ئەڭ يۇقىرى باھانىڭ 10 تىدىن يۇقىرى، 50 تىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىد%ۇ.
66 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 4 – باب 4 – پاراگىرفىدىكى شېرىنكانە نىسبىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شېرىنكانە ئالغان كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچى ئارتۇق ئېلىۋالغان قىلسىمىنى ھاۋالە قىلغۇچىغا، سېتىۋالغۇچىغا ياندۇرۇپ بېرىشى كېرەك. مال باھاسىنى باشقۇرۇش تارمىقى كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىغا كىمئارتۇق سودىسى شېرىنكانىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
6 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
67 – ماددا چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى زېمىنىدا كىمئارتۇق سودىسى قىلىشنى ھاۋالە قىلسا ياكى رىقابەتلىك سېتىۋېلىشقا قاتناشسا، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
68 – ماددا مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى تەسىس قىلىنغان كىمئارتۇق سودىسى كارخانىلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىمىغان بولسا، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ھازىرلىشى كېرەك؛ مۇددەت ئۆتۈپ كەتكۈچە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىمىغان كارخانىلارنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىزىمىدىن ئۆچۈرۈپ، تىجارەت كىمىشكىسىنى يىغىۋالىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
69 – ماددا بۇ قانۇن 1997 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.