UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارسۇغۇرتا قانۇنى

سۇغۇرتا قانۇنى

قانۇنلار (1995 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002 - يىلى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 - يىغىنىنىڭ <>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى> غا ئاساسەن تۈزىتىلدى) 1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 - ماددا بۇ قانۇن سۇغۇرتا پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، سۇغۇرتا پائالىيىتى ئالاقىدارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سۇغۇرتا ئىشلىرىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى. 2 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇغۇرتا سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامدىكى پۈتۈن بويىچە سۇغۇرتىچىغا سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدىغان، سۇغۇرتىچى توختامدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار، دەپ پۈتۈشكەن ھادىسە تۈپەيلىدىن مال - مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغاندا، سۇغۇرتا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ياكى سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە، زەخمىلىنىپ مېيىپ بولغاندا، كېسەل بولۇپ قالغاندا ۋە ياكى توختامدا پۈتۈشكەن ياشقا كەلگەندە، مۆھلەت توشقاندا سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان سودا سۇغۇرتا ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. 3 - ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى سۇغۇرتا پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ. 4 - ماددا سۇغۇرتا پائالىيىتىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش، ئىختىيارىي بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش شەرت. 5 - ماددا سۇغۇرتا پائالىيىتى ئالاقىدارلىرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا سەمىمىي بولۇش ۋە لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. 6 - ماددا سودا سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مۇشۇ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان سۇغۇرتا شىركەتلىرى بولۇشى شەرت. باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سودا سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 7 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن چېگرا ئىچىدە سۇغۇرتىلىتىدىغانلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە سۇغۇرتىلىتىشى كېرەك. 8 - ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرى كەسپىي ئىشلاردا ئادىل رىقابەتلىشىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، ناتوغرا رىقابەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. 9 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا مۇشۇ قانۇن بويىچە مەسئۇل بولىدۇ. 2 - باب سۇغۇرتا توختامى 1 - پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە 10 - ماددا سۇغۇرتا توختامى - سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھوقۇق - مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى پۈتۈشكەن كېلىشىمدۇر. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتا توختامى تۈزگۈچىنى ھەمدە سۇغۇرتا توختامى تۈزگۈچىنى ھەمدە سۇغۇرتا توختامى بويىچە سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتا توختامى تۈزگۈچىنى ھەمدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغۇچى سۇغۇرتا شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ. 11 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، ئادىل بولۇش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۈزۈش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سۇغۇرتىلىتىش شەرت دەپ بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا شىركىتى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ باشقىلارنى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشكە مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 12 - ماددا سۇغۇرتا نىشانىدا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ سۇغۇرتا مەنپەئىتى بولۇشى لازىم. سۇغۇرتا نىشانىدا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ سۇغۇرتا مەنپەئىتى بولمىسا، سۇغۇرتا توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. سۇغۇرتا مەنپەئىتى - سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ سۇغۇرتا نىشانىدىكى قانۇن جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنغان مەنپەئەتنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتا نىشانى سۇغۇرتا ئوبيېكتى قىلىنغان مال - مۈلۈك ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەنپەئەت ياكى ئادەمنىڭ ئۆمرى ۋە تېنىنى كۆرسىتىدۇ. 13 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلىشنى تەلەپ قىلىپ، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاشقا قوشۇلغان ھەمدە توختام ماددىلىرى بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغاندا سۇغۇرتا توختامى ۋوجۇدقا كېلىدۇ. سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا سۇغۇرتا تالونى ياكى باشقا سۇغۇرتا دوكومېنتلىرىنى ۋاقتىدا بېرىشى ھەمدە سۇغۇرتا تالونى ۋە باشقا سۇغۇرتا دوكومېنتلىرىغا ئالاقىدار ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن توختام مەزمۇنىنى يېزىپ قويۇشى كېرەك. سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى كېڭىشىپ بىرلىككە كەلسە، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن باشقا يازما كېلىشىم ئارقىلىق سۇغۇرتا توختامى تۈزسىمۇ بولىدۇ. 14 - ماددا سۇغۇرتا توختامى پۈتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ؛ سۇغۇرتىچى پۈتۈشكەن ۋاقىتتىن باشلاپ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 15 - ماددا بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرى ياكى سۇغۇرتا توختامىدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا توختامى پۈتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 16 - ماددا بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرى ياكى سۇغۇرتا توختامىدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا توختامى پۈتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 17 - ماددا سۇغۇرتا تۈزۈشتە سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا سۇغۇرتا توختامىدىكى ماددىلارنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرىدۇ ھەمدە سۇغۇرتا نىشانى ياكى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈسە بولىدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىپ بېرىشى كېرەك. سۇغۇرتىلاتقۇچى پاكىتنى قەستەن يوشۇرۇپ، ئەينەن ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ئەينەن ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالماي، سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتىلىشىغا قوشۇلۇش - قوشۇلماسلىق ياكى سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش - قوشۇلماسلىق ياكى سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش - ئۆستۈرمەسلىكنى قارار قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزسە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق. سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەينەن ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى قەستەن ئادا قىلمىغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ھەمدە سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرمايدۇ. سۇۇرتىلاتقۇچى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ئەينەن ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالماي، سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئاساسلىق سەۋەبچى بولغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىدىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ھەمدە سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرمايدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ئەينەن ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالماي، سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئاساسلىق سەۋەبچى بولغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرسا بولىدۇ. سۇغۇرتا ھادىسىسى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكەن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى دائىرىسىدىكى ھادىسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 18 - ماددا سۇغۇرتا توختامىدا سۇغۇرتىچىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا ئائىت ماددىلار بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى تۈزگەندە سۇغۇرتىلاتقۇچىغا ئېنىق چۈشەندۈرىدۇ، ئېنىق چۈشەندۈرمىسە، بۇ ماددا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 19 - ماددا سۇغۇرتا توختامى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) سۇغۇرتىچىنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛ (2) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچىنڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى، شۇنىڭدەك جىسمانىي سۇغۇرتىدىن مەنپەئەتدارىنىڭ نامى ۋە ئولتۇرۇشلۇق جايى؛ (3) سۇغۇرتا نىشانى؛ (4) سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى ۋە جاۋابكارلىقنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى؛ (5) سۇغۇرتا مۇددىتى ۋە سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى؛ (6) سۇغۇرتا قىممىتى؛ (7) سۇغۇرتا سوممىسى؛ (8) سۇغۇرتا ھەققى ۋە ھەق تاپشۇرۇش چارىسى؛ (9) سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش چارىسى؛ (10) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى ۋە تالاش - تارتىشنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى؛ (11) توختام تۈزگەن يىل، ئاي، كۈن. 20 - ماددا سۇغۇرتىغا ئالدۇرغۇچى بىلەن سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا توختامىدىكى ئىشلاردىن باشقا، سۇغۇرتىغا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا پۈتۈشسە بولىدۇ. 21 - ماددا سۇغۇرتا توختامى كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە، سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى كېڭىشىپ بىرلىككە كەلسە، سۇغۇرتا توختامىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. سۇغۇرتا توختامىنى ئۆزگەرتىشتە، سۇغۇرتىچى ئەسلىي سۇغۇرتا تالونى ياكى باشقا سۇغۇرتا دوكومېنتىغا ئىزاھلاپ قويۇشى ياكى تەستىق قەغىزى قوشۇپ قويۇشى ۋە ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى ئۆزگەرتىش توغرۇلۇق يازما كېلىشىم تۈزۈشى لازىم. 22 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتا ھادىسىسىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، سۇغۇرتىچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. سۇغۇرتىلانغۇچى مال - مۈلۈك ياكى تېنى سۇغۇرتا توختامىدا كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان سۇغۇرتا پۇلى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچى بولسا بولىدۇ. مەنپەئەتدار جىسمانىي سۇغۇرتا توختامىدا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بېكىتكەن سۇغۇرتا پۇلىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچى مەنپەئەتدار بولىدۇ. 23 - ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتا توختامىغا ئاساسەن، سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتىچىغا سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ خاراكتېرى، سەۋەبى، زىيان دەرىجىسى قاتارلىقلارنى بېكىتىشكە ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللار مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارىسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى تولۇقلاپ بېرىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 24 - ماددا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا بېكىتىشى ھەمدە بېكىتىش نەتىجىسىنى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك؛ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا ياتسا، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار بىلەن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئون كۈن ئىچىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. سۇغۇرتا توختامىدا سۇغۇرتا سوممىسى تۆلەش ياكى بېرىش مۆھلىتى پۈتۈشۈلگەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشۈلگىنى بويىچە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. سۇغۇرتىچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ۋاقتىدا ئادا قىلمىسا، سۇغۇرتا پۇلى بەرگەندىن سىرت، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار شۇ سەۋەبتىن ئۇچرىغان زىياننى تۆلىشى كېرەك. ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قانۇنسىز ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى ئېلىش ھوقۇقىنى چەكلىشىگىمۇ يول قويۇلمايدۇ. سۇغۇرتا سوممىسى - سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئەڭ يۇقىرى سوممىنى كۆرسىتىدۇ. 25 - ماددا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا ياتمىسا، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى رەت قىلغانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىدۇ. 26 - ماددا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش ئىلتىماسىنى ۋە ئالاقىدار ئىسپات، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 60 كۈن ئىچىدە تۆلەيدىغان ياكى بېرىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ سوممىسىنى بېكىتەلمىسە، بار ئىسپات ۋە ماتېرىيالغا ئاساسەن بېكىتەلەيدىغان ئەڭ تۆۋەن سان بويىچە ئالدىن بېرىپ تۇرسا بولىدۇ. سۇغۇرتىچى تۆلەيدىغان ياكى بېرىلىدىغان سۇغۇرتا سوممىسىنى بېكىتكەندىن كېيىن، كېمىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ. 27 - ماددا ئۆمۈر سوغۇرتىسىدىن باشقا سۇغۇرتىغا قاتناشقان سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىلغىچە يۈرگۈزۈلمىسە يوقىلىدۇ. ئۆمۈر سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە يۈرگۈزۈلمىسە يوقىلىدۇ. 28- ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن ئەھۋالدا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەردى، دەپ يالغان ئېيتىپ، سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرمايدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بۇ قانۇننىڭ 65 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا ئايرىم بەلگىلەنگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا ھەققىمۇ قايتۇرۇلمايدۇ. سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارلاردىن ئالاقىدار ئىسپات - ماتېرىيال ياكى باشقا دەلىل - ئىسپاتلارنى ياساپ، ئۆزگەرتىپ، ھادىسە سەۋەبىنى ئويدۇرغانلىرى ياكى زىياننى كۆپتۈرگەنلىرىگە سۇغۇرتىچى ساختا مەلۇم قىلىنغان قىسىمىغا سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارلاردىن ئالدىنقى ئۈچ تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى ياكى خىراجەت ئېلىۋالغانلار قايتۇرۇشى ياكى تۆلىشى كېرەك. 29 - ماددا سۇغۇرتىچىنىڭ ئۆزىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنىڭ بىر قىسمىنى پارچىلاپ سۇغۇرتىلاش شەكلى بىلەن باشقا سۇغۇرتىچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى قايتا سۇغۇرتىلاش ھېسابلىنىدۇ. قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە، قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان جاۋابكارلىق ۋە ئەسلىدىكى سۇغۇرتىغا ئالاقىداار ئەھۋاللارنى قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 30 - ماددا قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنىڭ ئەسلىي سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلاتقۇچىدىن سۇغۇرتا ھەققى تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەسلىي سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ياكى مەنپەئەتدارنىڭ قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلمىدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىي سۇغۇرتىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىشىغا ياكى كېچىكتۈرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 31 - ماددا سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار ئوتتۇرىسىدا سۇغۇرتا توختامىدىكى ماددىلار توغرىسىدا تالاش - تارتىش كۆرۈلگەندە، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېىسىم ئورگىنى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا پايدىلىق ئىزاھات بېرىشى كېرەك. 32 - ماددا سۇغۇرتىچى ياكى قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش جەريانىدا بىلگەن سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى، مەنپەئەتدار ياكى قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ كەسىپ ۋە مال - مۈلۈك ئەھۋالى شۇنىڭدەك شەخسىيىتىگە دائىر مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار. 2 - پاراگراف مال - مۈلۈك سۇغۇرتا توختامى 33 - ماددا مال - مۈلۈك سۇغۇرتا توختامى مال - مۈلۈك ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەنپەئەتلەر سۇغۇرتا نىشانى قىلىنغان سۇغۇرتا توختامىدۇر. بۇ پارگرافتىكى مال - مۈلۈك سۇغۇرتا توختاملىرىنىڭ ئالاھىدە كۆرسىتىلگەلىرىدىن باشقىلىرى قىسقارتىپ توختام دېيىلىدۇ. 14 – ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىدا رەئىس قويۇلىدۇ ھەمدە بىردىن ئىككىگىچە مۇئاۋىن رەئىس قويۇلسا بولىدۇ. رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەرنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئىچىدىن سايلاپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىسە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا رەئىسلىك، مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلىدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقە باغلاش، ۋەكىللەرنى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئۇيۇشتۇرۇش ھەمدە ۋەكىللەر ۋە ئاممىنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە بەرگەن تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى ئىنكاس قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. 15 – ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، ھەيئەت رىياسەت سايلاپ چىقىلىدۇ، يىغىنغا ھەيئەت رىياسەت رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى يىغىنىنى چاقىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەيئەت رىياسەت ئەزاسى بولىدۇ. 16 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك 1 – يىغىنىنى شۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ھەيئەت رىياسىتى چاقىرىدۇ. 17 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەركىبىدىكى خادىملار، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ۋە يېزا دەرىجىلىك خەلى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى باشقا ئالاقىدار ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ. 18 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، ھەيئەت رىياسەت، دائىمىي كومىتېت، مەخسۇس كومىتېتلار ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى بەلگىلەيدۇ ياكى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىپ دوكلات سۇنۇشىغا تاپشۇرىدۇ، ئاندىن ئۇنى ھەيئەت رىياسەت قاراپ چىقىپ، چوڭ يىغىندا ئاۋازغا قويۇشنى قارار قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئوندىن ئارتۇق ۋەكىلى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ بەشتىن ئارتۇق ۋەكىلى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ، ھەيئەت رىياسەت ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ ياكى ئالدى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرىدۇ، ئۇلاريىغىننىڭ قارالمىلىرىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىك ھەققىدىكى پىكرىنى قويغاندىن كېيىن، ئاندىن ھەيئەت رىياسەت ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. تەكلىپ بەرگۈچىلەر يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپلىرىنى چوڭ يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، يىغىننىڭ بۇ تەكلىپنى قاراپ چىقىشى ھەيئەت رىياسەتنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن دەرھال توختىتىلىدۇ. 19 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە بەرگەن تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ئالاقىدار ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋە مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاپ بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە بەرگەن تەۋسىيە ، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋە مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاپ بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ. 20 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈشى ۋە قارار ماقۇللىشى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بولىدۇ. 21 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئۆلكىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى، شەھەرنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ئوبلاستنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ھاكىم ۋە مۇئاۋىن ھاكىملار، رايوننىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، يېزىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، بازارنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنىڭ نامزاتلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ياكى ۋەكىللىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىرلىشىپ كۆرسىتىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ 30 دىن ئارتۇق ۋەكىلى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ 20 دىن ئارتۇق ۋەكىلى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئوندىن ئارتۇق ۋەكىلى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ، خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىنىڭ، خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشنىڭ نامزاتىنى كۆرسەتسە بولىدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئوندىن ئارتۇق ۋەكىلى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ، خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىنىڭ نامزاتىنى كۆرسەتسە بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان سايلام رايونى ياكى سايلىغۇچى ئورۇندىن سايلانغان ۋەكىللەر نامزاتلارنى مۇھاكىمە قىلىپ، بىرلىشىپ كۆرسەتسە بولىدۇ. ھەيئەت رىياسەت كۆرسەتكەن نامزات سانىمۇ، ھەربىر ۋەكىل باشقا ۋەكىللەر بىلەن بىرلىشىپ كۆرسەتكەن نامزات سانىمۇ سايلىنىدىغانلار سانىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. نامزات كۆرسەتكۈچىلەر كۆرسەتكەن نامزاتنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەن تونۇشى كېرەك. 22 – ماددا خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، باش كاتىپى، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىپىسىدىكى رەھبىرى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تىپتىشىنى سايلاشتا ئومۇمەن، بىر نامزاتنى ئارتۇق بېكىتىپ، ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئۆتكۈزۈش لازىم؛ بىرلا نامزات كۆرسىتىلگەن بولسا، تەڭ نامزاتلىق سايلام ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەھبەرلىرىنىڭ نامزات سانى سايلىنىدىغانلار سانىدىن بىردىن ئۈچكىچە ئارتۇق بولۇش، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنىڭ سانى سايلىنىدىغانلار سانىنىڭ ئوندىن بىردىن بەشتىن بىرگىچە ئارتۇق بولۇش، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلىنىدىغانلارنىڭ سانىغا قاراپ، سايلام چارىسىدە كونكرېت پەرق ساننى بېكىتكەندىن كېيىن ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئۆتكۈزۈش لازىم. كۆرسىتىلگەن نامزات سانى سايلام چارىسىدە بېكىتىلگەن پەرق سانغا ئۇيغۇن كەلسە، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت ۋەكىللەرنىڭ مۇھاكىمىسى ۋە مۇزاكىرىسىگە قويغاندىن كېيىن، تەييارلىق سايلام ئۆتكۈزۈپ، تەييارلىق سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىنىڭ ئاز – كۆپلۈك تەرتىپىگە ئاساسەن، سايلام چارىسىدە بېكىتىلگەن پەرق سان بويىچە رەسمىي نامزات ئىسىملىكىنى بېكىتىپ، سايلام ئۆتكۈزۈش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى نۆۋەت ئالماشتۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلايدىغان چاغدا، نامزات كۆرسىتىش، نامزاتلار ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ۋاقتى ئىككى كۈندىن كەم بولماسلىقى كېرەك. 23 – ماددا سايلامدا يۇشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىنىدۇ. ۋەكىللەر بېكىتىلگەن نامزاتلارغا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرسىمۇ، قارشى ئاۋاز بەرسىمۇ، باشقا ھەرقانداق ۋەكىل ياكى سايلىغۇچىنى سايلىسىمۇ، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ. 24 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلىغاندا تەڭدىن تولا ئاۋازغا ئېرىشكەن نامزاتلارنىڭ سانى سايلىنىدىغانلار سانىدىن ئېشىپ كەتسە، كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەنلىرى سايلىنىدۇ. ئاۋاز سانى تەڭ چىقىپ قېلىپ، سايلانغۇچىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئاۋاز سانى تەڭ چىقىپ قالغان نامزاتلارغا قايتا بېلەت تاشلىنىدۇ، كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكىنى سايلىنىدۇ. تەڭدىن تولا ئاۋازغا ئېرىشىپ سايلانغانلارنىڭ سانى سايلىنىدىغانلار سانىدىن ئاز بولۇپ قالسا، كەم قالغان سان ئۈچۈن قايتا سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. قايتا سايلام ئۆتكۈزگەندە، نامزاتلار تۇنجى قېتىم بېلەت تاشلانغاندا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىنىڭ ئاز – كۆپلۈك تەرتىپىگە ئاساسەن تەرتىپ بويىچە باشقىدىن كۆرسىتىش يولى بىلەن بېكىتىلسىمۇ بولىدۇ. شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى بىلەن، كەم ساننى تولۇقلايدىغان سايلام شۇ قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلسىمۇ، كېلەر قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىنى، ئەزالىرىنى، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەھبەرلىرىنى قايتا سايلاشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 22 - ماددىسى 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، پەرق سان بېكىتىپ، ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. 25 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، باش كاتىپى، ئەزا لىرىنى، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى، ئۆلكىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى، شەھەرنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى، ئوبلاستنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى، يېزىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى، ۋە بازارنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى تولۇقلاپ سايلىغاندا، نامزات سانى سايلىنىدىغانلار سانىدىن كۆپ بولسىمۇ ۋە ئۇنىڭغا تەڭ بولسىمۇ بولىدۇ، سايلام چارىسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەلگىلەيدۇ. 26 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئاچقاندا، ھەيئەت رىياسەت، دائىمىي كومىتېت ياكى ۋەكىللەرنىڭ ئوندىن بىرىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت قۇرۇلتاينىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئاچقاندا، ھەيئەت رىياسەت ياكى ۋەكىللەرنىڭ بەشتىن بىرىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى، يېزىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى، بازارنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت قۇرۇلتاينىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ. ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپىگە قالدۇرۇش سەۋەبىنى ئېنىق يېزىش كېرەك. ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىلىدىغان كىشى ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا ياكى قۇرۇلتاي قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىدا ئاقلاش پىكرى بېرىشكە ياكى يازما ئاقلاش پىكرى بېرىشكە ھوقۇقلۇق. ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا رىياسەت يىغىنىغا بېسىپ تارقىتىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىغا سۇنۇلغان ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى ھەيئەت رىياسەت يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىدۇ ياكى ھەيئەت رىياسەتنىڭ تەكلىپى، ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارى بىلەن، تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىللىنىدۇ، ئۇنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن قاراپ چىقىپ بەلگىلەيدۇ. 27- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن ئىستېپا سورىسا بولىدۇ. ئىستېپا قوبۇل قىلىش – قىلماسلىقنى قۇرۇلتاي قارار قىلىدۇ؛ قۇرۇلتاي يېپىق مەزگىلىدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن ئىستېپا سورىسا بولىدۇ، ئىستېپانى قوبۇل قىلىش – قىلماسلىقنى دائىمىي كومىتېت قارار قىلىدۇ. دائىمىي كومىتېت ئىستېپانى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنىڭ ئىستېپاسى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئارقىلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، يېزىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، بازارنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقىلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن ئىستېپا سورىسا بولىدۇ، ئىستېپانى قوبۇل قىلىش – قىلماسلىقنى قۇرۇلتاي قارار قىلىدۇ. 28 – مادا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، ئوندىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىغا شۇنداقلا خەلق سوت مەھكىمىسىگە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يازما سۈرۈشتۈرمە سۇنسا بولىدۇ. سۈرۈشتۈرمىگە سۈرۈشتۈرۈلگۈچى، سۈرۈشتۈرۈلىدىغان مەسىلە ۋە مەزمۇن ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. ھەيئەت رىياسەت سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ سۈرۈشتۈرمىگە ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا، قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىدا ياكى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار يىغىنىدا ئاغزاكى ياكى يازما جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرۇشنى قارار قىلىدۇ. ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا ياكى مەخسۇس كومىتېت يىغىنىدا جاۋاب بېرىلىدىغانلىرىدا، سۈرۈشتۈرمە سۇنغان ۋەكىللەر يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا ۋە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق؛ ھەيئەت رىياسەت زۆرۈر تاپقاندا، سۈرۈشتۈرمىگە جاۋاب بېرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى يىغىنغا بېسىپ تارقىتىپ بەرسە بولىدۇ. سۈرۈشتۈرمىگە ئاغزاكى جاۋاب بېرىلىدىغان بولسا، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى يىغىنغا كېلىپ جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ سۈرۈشتۈرمىگە يازما جاۋاب بېرىلىدىغان بولسا؛ سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى ئۇنىڭغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ھەيئەت رىياسەت ئۇنى يىغىنغا ياكى سۈرۈشتۈرمە سۇنغان ۋەكىللەرگە بېسىپ تارقىتىپ بېرىشى كېرەك. 29 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى تەكلىپلەرگە قاراپ چىققاندا، ۋەكىللەر ئالاقىدار يەرلىك دۆلەت ئورگىنىغا سوئال قويسا بولىدۇ، بۇنىڭغا ئالاقىدار ئورگان ئادەم ئەۋەتىپ ئىزاھات بېرىدۇ. 30 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، قانۇنچىلىق (سىياسىي قانۇن) كومىتېتى، مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت – سەھىيە كومىتېتى قاتارلىق مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلسا بولىدۇ. مەخسۇس كومىتېتلار شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ؛ قۇرۇلتاي يېپىق مەزگىلدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ نامزاتىنى ھەيئەت رىياسەت ۋەكىللەر ئىچىدىن كۆرسىتىدۇ، ئۇنى قۇرۇلتاي ماقۇللايدۇ. قۇرۇلتاي يېپىق مەزگىلدە، دائىمىي كومىتېت مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئايرىم مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە قىسمەن ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىسە ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرسا بولىدۇ، ئۇلارنى مۇدىرلار يىغىنى كۆرسىتىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى ماقۇللايدۇ. مەخسۇس كومىتېتلار شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئالاقىدار تەكلىپلەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ، قاراپ چىقىدۇ ۋە تەييارلايدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسى ئىچىدە ئۆز كومىتېتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ۋە تەۋسىيە بېرىدۇ. 31 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئالاھىدە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىللىسە بولىدۇ. ھەيئەت رىياسەت ياكى ۋەكىللەرنىڭ ئوندىن بىرىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئالاھىدە مەسىلىلەرگە دائىر تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىللەش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت ئومۇمىي يىغىننىڭ قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ. تەكشۈرۈش ھەيئىتى مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىلار ۋە ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ، نامزاتلارنى ھەيئەت رىياسەت ۋەكىللەر ئىچىدىن كۆرسىتىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ماقۇللىشىغا سۇنىدۇ. تەكشۈرۈش ھەيئىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا تەكشۈرۈش دوكلاتى سۇنۇشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاڭلاش ھوقۇقىنى ئۆزىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا بەرسە بولىدۇ، دائىمىي كومىتېت مۇناسىپ قارار چىقىرىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنغا ئەنگەئالدۇرسا بولىدۇ. 32 – ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق ھەر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا ماقۇللانغان ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى شۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقانغا قەدەر يۈگۈزىدۇ. 33 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ھەر نۆۋەتلىك شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندىن تارتىپ، كېيىنكى نۆۋەتلىك شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنگە قەدەر بولىدۇ. 34 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە دائىمىي كومىتېت يىغىنلىرىدا سۆزلىگەن سۆزى ۋە بەرگەن ئاۋازى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. 35 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رۇخسىتىسىز، قۇرۇلتاي يېپىق مەزگىلىدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ ياكى جىنايى ئىشلار بويىچە سوت قىلىنمايدۇ. ئۇلار نەق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلغان بولسا، تۇتۇپ تۇرغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەرھال شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىگە ياكى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى لازىم. 36 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنلىرىغا قاتناشقان ۋە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، دۆلەت ئۇلارغا ئېھتىياجىغا قاراپ بېرىش – كېلىش يول خىراجىتى بېرىدۇ ۋە ماددىي جەھەتتىن زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ياكى ياردەم پۇل بېرىدۇ. 37 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىغۇچى ئورۇن ياكى سايلىغۇچىلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشى، قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىشى، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ھەمكارلىشىشى ھەمدە خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا، خەلق ھۆكۈمىتىگە ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىپ تۇرۇشى لازىم. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايونلۇق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزىنى سايلىغان ئورۇننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ. ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە سايلىغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، ئۈچتىن ئارتۇق ۋەكىل بار ئاھالە رايونلىرىدا ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدا ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ھەمكارلاشسا بولىدۇ. 38 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىغۇچى ئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ؛ ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىغۇچىلارنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغان ئورۇنلار ۋە سايلىغۇچىلار ئۆزلىرى سايلىغان ۋەكىللەرنى ھەر ۋاقىت ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. ۋەكىللەرنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشتا، سايلىغۇچى ئورۇندىكى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈش ياكى سايلىغان رايوندىكى سايلىغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈش لازىم. 39 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي قالسا، سايلىغۇچى ئورۇن ياكى سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچى ئورۇن ياكى سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلار تولۇقلاپ سايلايدۇ. 3 – باب ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى. 40 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىملىق ئورگانلىرى بولۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. 41 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەكىللەر ئىچىدىن سايلانغان مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلار، باش كاتىپ ۋە ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ. ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەكىللەر ئىچىدىن سايلانغان مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلار ۋە ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىدا، سوت ئورگانلىرىدا ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ، يۇقىرىقى ئورگانلاردا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بولسا، دائىمىي كومىتېتقا دائىمىي كومىتېتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ سانى: (1) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە 35 كىشىدىن 65 كىشىگىچە بولىدۇ، ئاھالىسى 80 مىليوندىن ئاشىدىغان ئۆلكىلەردە 85 كىشىدىن ئاشمايدۇ؛ (2) رايونلۇق شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاستلاردا 19 كىشىدىن 41 كىشىگىچە بولىدۇ، ئاھالىسى 8 مىليوندىن ئاشىدىغان رايونلۇق شەھەرلەردە 51 كىشىدىن ئاشمايدۇ؛ (3) ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، رايونسىز شەھەر ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلاردا 15 كىشىدىن 27 كىشىگىچە بولىدۇ، ئاھالىسى 1 مىليوندىن ئاشىدىغان ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، رايونسىز شەھەر ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلاردا 35 كىشىدىن ئاشمايدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھەر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ سانىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاھالىسىنىڭ ئاز – كۆپلىكىگە قاراپ بېكىتىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق ھەر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ سانىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاھالىسىنىڭ ئاز - كۆپلىكىگە قاراپ بېكىتىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ سانى بېكىتىلگەندىن كېيىن، شۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ئۆزگەرتىلمەيدۇ. 42 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇ خىزمەت ھوقۇقىنى كېيىنكى نۆۋەتلىك شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېڭى دائىمىي كومىتېتىنى سايلاپ چىققانغا قەدەر يۈرگۈزىدۇ. 43 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كەلمەسلىك شەرتى ئاستىدا، يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ چىقسا ۋە ئېلان قىلسا بولىدۇ، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق شەھەرلەر ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان چوڭراق شەھەرلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، ئۆز شەھىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملار ۋە ئۆز ئۆلكىسى، ئۆز ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك نىزاملىرىغا زىت كەلمەسلىك شەرتى ئاستىدا، يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويسا بولىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. 44 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ: (1) ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارغا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرىغا ئەمەل قىلىش ھەم ئۇنى ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ (2) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشقا رەھبەرلىك قىلىدۇ ياكى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ (3) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنى چاقىرىدۇ؛ (4) ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، مۇھىت مۇھاپىزىتى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنى قوغداش، خەلق ئىشلىرى، مىللەتلەر خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە دائىر چوڭ – چوڭ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە بەلگىلەيدۇ؛ (5) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى ۋە خام چوتىنى قىسمەن ئۆزگەرتىشنى بەلگىلەيدۇ؛ (6) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقە باغلايدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئورگانلار ۋە دۆلەت خادىملىرى ئۈستىدە بەرگەن ئەرز ۋە پىكىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ (7) بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ (8) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلىرىنى ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ (9) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، مۇئاۋىن ھاكىم ۋە مۇئاۋىن رايون باشلىقلىرىدىن ئايرىم كىشىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ؛ ئۆلكە باشلىقى، ئاپتونوم رايون رەئىسى، شەھەر باشلىقى، ئوبلاست باشلىقى، ھاكىم، رايون باشلىقى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى ئۆتەلمىسە، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى ئىچىدىن مۇۋەققەت ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەرنى بەلگىلەيدۇ؛ مۇۋەققەت باش تەپتىشنى بەلگىلەشتە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋە خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك؛ (10) ئۆلكە باشلىقى، ئاپتونوم رايون رەئىسى، شەھەر باشلىقى، ئوبلاست باشلىقى، ھاكىم، رايون باشلىقىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، نازىر، ئىدارە باشلىقى، كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، بۆلۈم باشلىقلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئۇنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛ (11) خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت كوللېگىيىسىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە سوتچىلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەستىقلايدۇ؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ۋىلايەتلەر بويىچە تەسىس قىلىنغان ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە تەسىس قىلىنغان ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشىنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ؛ (12) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، مۇئاۋىن ھاكىم ۋە مۇئاۋىن رايون باشلىقلىرىدىن ئايرىم كىشىلەرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى بەلگىلەيدۇ؛ ئۆزى تەيىنلەنگەن شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى باشقا خادىملارنى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت كوللېگىيىسىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە سوتچىلارنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلەرنى، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى بەلگىلەيدۇ؛ (13) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كەم قالغان ۋەكىللىرىنى تولۇقلاپ سايلايدۇ ۋە ئايرىم ۋەكىللىرىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرىدۇ؛ (14) يەرلىك پەخرىي نام بېرىشنى بەلگىلەيدۇ. 45 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى مۇدىر چاقىرىدۇ، بۇ يىغىن كەم دېگەندە ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ. 46 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلار يىغىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىقىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇشنى ياكى ئاۋۋال ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلار دوكلات سۇنغاندىن كېيىن، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇشنى بەلگىلەيدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملاردىن بەشتىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملاردىن ئۈچتىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك دائىمىي كومىتېتقا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ، مۇدىرلار يىغىنى ئۇنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش - سۇنماسلىقنى بەلگىلەيدۇ ياكى ئاۋۋال ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلار دوكلار سۇنغاندىن كېيىن، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش – سۇنماسلىقنى بەلگىلەيدۇ. 47 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملاردىن بەشتىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملاردىن ئۈچتىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۈستىدە يازما سۈرۈشتۈرمە سۇنسا بولىدۇ. سۈرۈشتۈرمىگە سۈرۈشتۈرۈلگۈچى، سۈرۈشتۈرۈلىدىغان مەسىلە ۋە مەزمۇن ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. سۈرۈشتۈرمىنى مۇدىرلار يىغىنى سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ياكى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېت يىغىنىدا ئاغزاكى ياكى يازما جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ. مەخسۇس كومىتېت يىغىنىدا جاۋاب بېرىلىدىغانلىرىدا، سۈرۈشتۈرمە سۇنغان دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا، پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق؛ مۇدىرلار يىغىنى زۆرۈر تاپقاندا، سۈرۈشتۈرمىگە جاۋاب بېرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى يىغىنغا بېسىپ تارقىتىپ بەرسە بولىدۇ. سۈرۈشتۈرمىگە ئاغزاكى جاۋاب بېرىلىدىغان بولسا، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى يىغىنغا كېلىپ جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ سۈرۈشتۈرمىگە يازما جاۋاب بېرىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويغاندىن كېيىن مۇدىرلار يىغىنى ئۇنى يىغىنغا ياكى سۈرۈشتۈرمە سۇنغان دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارغا بېسىپ تارقىتىپ بېرىدۇ. 48 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىدا مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلار ۋە باش كاتىپتىن مۇدىرلار يىغىنى تەشكىل قىلىنىدۇ؛ ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىدا مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن مۇدىرلار يىغىنى تەشكىل قىلىنىدۇ. مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ كۈندىلىك مۇھىم خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. 49 – ماددا دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سالامەتلىك ئەھۋالى تۈپەيلىدىن خىزمەت ئىشلىيەلمىسە ياكى ئورنى بوش قالسا، دائىمىي كومىتېت مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن بىرىنى مۇۋەققەت مۇدىرلىققا كۆرسىتىدۇ، مۇۋەققەت مۇدىر خىزمەتنى مۇدىرنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگۈچە ياكى خەلق قۇرۇلتىيى يېڭى مۇدىر سايلاپ چىققۇچە داۋاملاشتۇرىدۇ. 50 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىدا ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەسىس قىلىنىدۇ. ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرىنى دائىمىي كومىتېت مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار ئىچىدىن كۆرسىتىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى ماقۇللايدۇ. 51 – ماددا ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى ۋەكىللەرنىڭ سايلىنىشىنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ. 52 – ماددا مۇدىرلار يىغىنى ياكى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ بەشتىن بىرىدىن ئارتۇقراقى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئالاھىدە مەسىلىلەرگە دائىر تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىللەش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئۇنى ئومۇمىي يىغىن بەلگىلەيدۇ. تەكشۈرۈش ھەيئىتى مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋە ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار ۋە باشقا ۋەكىللەر ئىچىدىن كۆرسىتىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ماقۇللىشىغا سۇنىدۇ. تەكشۈرۈش ھەيئىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكشۈرۈش دوكلاتى سۇنۇشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ. 53 – ماددا دائىمىي كومىتېت خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ۋە باشقا خىزمەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ۋىلايەتلەردە خىزمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلسا بولىدۇ. 4 – باب يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى 54 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى. 30 - ماددا شەخسلەر شېرىكچىلىكى ئىككىدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ كېلىشىم بويىچە مەبلەغ، ماددىي نەرسە، تېخنىكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى چىقىرىپ شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىشىنى، بىللە ئەمگەك قىلىشىنى بىلدۈرىدۇ. 31 - ماددا شېرىكلەشكۈچىلەر قانچىلىك مەبلەغ قوشۇش، ئاشقان پايدىنى تەقسىم قىلىش، قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش، شېرىكچىلىككە قاتنىشىش، شېرىكچىلىكتىن چىقىپ كېتىش، شېرىكچىلىكنى توختىتىش قاتارلىق ئىشلار بويىچە يازما كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك. 32 - ماددا شېرىكلەشكۈچىلەر قوشقان مال - مۈلۈكنى شېرىكلەر بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. شېرىكچىلىك تىجارىتىدىن يىغىلغان مال - مۈلۈككە شېرىكلەشكۈچىلەر تەڭ ئىگە بولىدۇ. 33 - ماددا شەخسىي شېرىكچىلىكى ئۆزىگە ئىسىم قويۇپ، قانۇن بويىچە تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغان تىجارەت دائىرىسى ئىچىدە تىجارەت قىلسا بولىدۇ. 34 - ماددا شەخسلەر شېرىكلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان تىجارەت پائالىيەتلىرىنى شېرىكلەشكۈچىلەر بىرلىكتە قارار قىلىدۇ، شېرىكلەشكۈچىلەر ئۇنى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. شېرىكلەشكۈچىلەر مەسئۇل كىشى قويسا بولىدۇ. شېرىكچىلىككە مەسئۇل بولغان كىشىنىڭ ۋە باشقا خادىملارنىڭ تىجارەت پائالىيىتى ئۈچۈن شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 35 - ماددا شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش جاۋابكارلىقىنى شېرىكلەر ئۆزلىرى قوشقان مەبلەغنىڭ نىسبىتىگە قاراپ ياكى كېلىشىمىگە ئاساسلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ مال - مۈلىكى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ. شېرىكلەشكۈچىلەر شېرىكچىلىكنىڭ قەرزى ئۈچۈن چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ قەرزىنى ئۆزىگە تېگىشلىكىدىن ئارتۇق تۆلىگەن شېرىك ئۇنى باشقا شېرىكلەردىن ئۇندۈرۈۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 3 - باب قانۇنىي ئىگە 1 - بۆلۈم ئومۇمىي بەلگىلىمە 36 - ماددا قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھوقۇق سالاھىيىتىگە ۋە ھەرىكەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن مۇستەقىل بەھرىمەن بولىدىغان ۋە ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالدىغان تەشكىلاتتۇر. قانۇنىي ئىگىنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھوقۇق سالاھىيىتى ۋە ھەرىكەت سالاھىيىتى قانۇني ئىگە ۋۇجۇدقا كەلگەندە بارلىققا كېلىدۇ، قانۇنىي ئىگە ئىشتىن توختىغاندا يوقىلىدۇ. 37 - ماددا قانۇنىي ئىگىدە تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك: (1) قانۇن بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇشى لازىم؛ (2) زۆرۈر مال - مۈلكى ياكى خىراجىتى بولۇشى لازىم؛ (3) نامى، تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە ئورنى بولۇشى لازىم؛ (4) ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇشى لازىم. 38 - ماددا قانۇن بويىچە ياكى قانۇنىي ئىگىنىڭ تەشكىلىي نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قانۇنىي ئىگىگە ۋاكالىتەن خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان مەسئۇل كىشى قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ. 39 - ماددا قانۇنىي ئىگە ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئىش بېجىرىش ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاينى ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق ماكانى قىلىدۇ. 40 - ماددا قانۇنىي ئىگە ئىشتىن توختىغاندا، قانۇن بويىچە ھېساب - كىتاب قىلىشى، ھېساب - كىتاب دائىرسىگە كىرمەيدىغان پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى كېرەك. 2 - بۆلۈم كارخانا تىپىدىكى قانۇنني ئىگە 41 - ماددا مەبلەغ مىقدارى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تەشكىلىي نىزامنامىسى، تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە ئورنى بولغان، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالالايدىغان ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلار ۋە كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلار مەسئۇل ئورگانغا تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە قۇرۇلغان جۇڭگو - چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ، جۇڭگو - چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلارنىڭ ۋە چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ئىگە بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغانلىرى قانۇن بويىچە سودا - سانائەت مەمۇرىيىتى ئورگىنىغا تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، جۇڭگودىكى قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. 42 - ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغان تىجارەت دائىرىسىدە تىجارەت ئېلىپ بېرىشى لازىم. 43 - ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئۆزىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ۋە باشقا خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تىجارەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 44 - ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە بۆلۈنسە، بىرلەشسە ياكى ئۆزىدە باشقا مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولسا، تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى لازىم. كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە بۆلۈنسە، بىرلەشسە ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىنكى قانۇنىي ئىگە ئۇنىڭ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 45 - ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، تۆۋەندىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى كۆرۈلسە ئىشتىن توختايدۇ: (1) قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛ (2) تارقىلىپ كەتكەن بولسا؛ (3) قانۇن بويىچە ۋەيران بولغان كارخان دەپ جاكارلانغان بولسا؛ (4) باشقا سەۋەبلەر بولسا. 46 - ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئىشتىن توختىغاندا تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ تىزىمدىن ئۆچۈرگۈزۈۋېتىشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى لازىم. 47 - ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە تارقىتىلغاندا، ھېسابات قىلىش تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ھېساب - كىتاب قىلىشى لازىم. كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا ۋە ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندا، مەسئۇل ئورگانلار ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار ئورگانلار ۋە ئالاقىدار خادىملاردىن ھېسابات قىلىش تەشكىلاتى قۇرۇپ، ھېساب - كىتاب قىلىشى لازىم. 48 - ماددا ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى دۆلەت تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىلگەن مال - مۈلۈك بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ. كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئىلىكىدىكى مال - مۈلۈك بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ. جۇڭگو - چەت ئەل شېرىكچىلىك كارخانىسى تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، جۇڭگو - چەت ئەل ھەمكارلىق كارخانىسى تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئىلىكىدىكى مال - مۈلۈك بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 49 - ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇنىي ئىگە جاۋابكارلىققا تارتىلغاندىن تاشقىرى، ئۇنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىگە مەمۇرىي جازا بېرىلسە، جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) تىزىملاش ئورگىنى تىزىمغا ئېلىپ بېكىتىپ بەرگەن تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ، قانۇنسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇلانغان بولسا؛ (2) ھەقىقىي ئەھۋالنى تىزىملاش ئورگىنىدىن ۋە باج ئورگىنىدىن يوشۇرۇپ ساختىپەزلىك قىلغان بولسا؛ (3) مەبلىغىنى تىقىپ قويۇپ، مال - مۈلكىنى يوشۇرۇپ، قەرز مەجبۇرىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسا؛ (4) تارقىتىلغان، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، مال - مۈلكىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغان بولسا؛ (5) ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئىشتىن توختىغاندا ۋاقتىدا تىزىمغا ئالدۇرماي ۋە ئېلان چىقارماي، مەنپەئەتدار كىشىلەرنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛ (6) قانۇندا چەكلەنگەن باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە ياكى جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا. 3 - بۆلۈم قانۇنىي ئىگە بولغان ئورگان، كەسپىي ئورۇن ۋە جامائەت تەشكىلاتى 50 - ماددا مۇستەقىل راسخوتى بولغان ئورگان قۇرۇلغان كۈنىدىن ئېتىبارەن قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. قانۇنىي ئىگە بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان كەسپىي ئورۇن ۋە جامائەت تەشكىلاتىنىڭ قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگە بولۇپ، تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىسىمۇ بولىدىغانلىرى قۇرۇلغان كۈنىدىن ئېتىبارەن قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ؛ قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگە بولۇپ، تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغانلىرى تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. 4 - بۆلۈم بىرلەشمە تىجارەت 51 - ماددا كارخانا بىلەن كارخانا ياكى كارخانا بىلەن كەسپىي ئورۇن بىرلىشىپ تىجارەت قىلىپ، يېڭى ئىقتىسادىي گەۋدە ھاسىل قىلغان، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالغان، قانۇنىي ئىگە بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان بولسا، باشقۇرۇش ئورگىنىغا تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. 52 - ماددا بىرلىشىپ ۋە ئورتاقلىشىپ تىجارەت قىلغان كارخانا بىلەن كارخانا ياكى كارخانا بىلەن كەسىپىي ئورۇن قانۇنىي ئىگە بولۇش شەرتىنى ھازىرلىمىغان بولسا، بىرلىشىپ تىجارەت قىلغان ھەر قايسى تەرەپ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆزلىرى قوشقان مەبلەغنىڭ نىسبىتىگە قاراپ ياكى كېلىشىمىگە ئاساسلىنىپ، ئۆز ئىلىكىدىكى ياكى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مال - مۈلۈك بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ. قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى كېلىشىم بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 53 - ماددا بىرلىشىپ تىجارەت قىلغان كارخانا بىلەن كارخانا ياكى كارخانا بىلەن كەسپىي ئورۇن توختام بويىچە ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى توختامدا بەلگىلىنىدۇ، ھەر قايسىسى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئالدىغا ئۈستىگە ئالىدۇ. 4 - باب ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەت ۋە ۋاكالەتلىك 1 - بۆلۈم ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەت 54 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەت پۇقرالارنىڭ ياكى قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقى ۋە ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، ئۆزگەرتىش، توختىتىش جەھەتتىكى قانۇنلۇق ھەرىكىتىدۇر. 55 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەت تۆۋەندىكى شەرتلەرگە توغرا كېلىشى لازىم: (1) ھەرىكەت قىلغۇچى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا مۇناسىپ ھەرىكەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بولۇشى لازىم؛ (2) مەقسەتنى ئەينەن ئۇقتۇرالايدىغان بولۇشى لازىم: (3) قانۇنغا ياكى جامائەت مەنپەئىتىگە خىلاپ كەلمەيدىغان بولۇشى لازىم. 56 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەت يازما ۋە ئاغزاكى يول بىلەن ئېلىپ بېرىلسا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. قانۇندا ئالاھىدە شەكىل بىلەن ئېلىپ بېرىش بەلگىلەنگەنلىرى قانۇندىكى شۇ بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. 57 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەت ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ھەرىكەت قىلغۇچى ئۆز ھەرىكىتىنى قانۇندىكى بەلگىلمىگە خىلاپ ھالدا ياكى قارشى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتسە ياكى بىكار قىلسا بولمايدۇ. 58 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەر ئىناۋەتسىز ھەرىكەت بولىدۇ: (1) ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى يوق كىشىنىڭ قىلغان ھەرىكەتلىرى؛ (2) ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى چەكلىك كىشىنىڭ قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئېلىپ بارسا بولمايدىغان ھەرىكەتلىرى؛ (3) بىر تەرەپنىڭ ئالداش، تەھدىت سېلىش ۋاستىلىرىنى قوللىنىشى ياكى خەلقنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىشى ئارقىسىدا يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا قىلغان ھەرىكەتلىرى؛ (4) يامان غەرەز بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرى؛ (5) قانۇنغا ياكى جامائەت مەنپەئىتىگە خىلاپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەر؛ (6) دۆلەتنىڭ بۇيرۇق خاراكتېرلىك پىلانىغا خىلاپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي توختامغا دائىر ھەرىكەتلەر؛ (7) قانۇنغا زىت مەقسەتنى قانۇنىي شەكىل بىلەن يېپىش ھەرىكەتلىرى. ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر ئىناۋەتسىز ھەرىكەت باشلانغان ۋاقتىدىن ئېتىبارەن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ. 59 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياكى كېسىم ئورگىنىنىڭ ئۆزگەرتىشى ياكى بىكار قىلىشى توغرىسىدا تەلەپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق: (1) ھەرىكەت قىلغۇچى ھەرىكەت مەزمۇنىنى توغرا چۈشەنمەي قاتتىق ئۇقۇشماسلىق ئارقىسىدا قىلغان ھەرىكەتلەر؛ (2) ئاپئاشكارا ئادالەتسىز ھەرىكەتلەر. بىكار قىلىنغان ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر ھەرىكەت باشلانغان ۋاقتىدىن تارتىپلا ئىناۋەتسىز. 60 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا، دائىر ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى ئىناۋەتسىز بولۇپ، قالغان قىسمىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمىسە، قالغان قىسمى ئىناۋەتلىك بولىۋېرىدۇ. 61 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر ھەرىكەت ئىناۋەتسىز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ياكى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تەرەپ شۇ ھەرىكىتى بىلەن ئىگە بولغان مال - مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرەپكە قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم. سەۋەنلىك ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تارتقان زىينىنى تۆلەپ بېرىشى، ھەر ئىككى تەرەپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا، ھەر ئىككى تەرەپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىگە تېگىشلىك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. ئىككى تەرەپ ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر ھەرىكەتنى يامان غەرەز بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، شۇ ئىككى تەرەپ ئىگە بولغان مال - مۈلۈكنى قايتۇرۇۋېلىپ، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ئىختىيارىغا ئېلىش ياكى ئۈچىنچى كىشىگە قايتۇرۇپ بېرىش لازىم. 62 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەتتە قوشۇمچە شەرت قويۇشقا بولىدۇ، قوشۇمچە شەرت قويۇلغان ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەت شۇ شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 2 - بۆلۈم ۋاكالەتلىك 63 - ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەتنى ۋاكالەتچى ئارقىلىق ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەتنى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى دائىرىسىدە ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ نامى بىلەن ئېلىپ بارىدۇ. ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ۋاكالەتچىنىڭ ۋاكالەتلىك قىلىش ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ياكى ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈمى بويىچە، ھەر كىم ھەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە ئۆزى ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك بولغان قانۇنىي ھەرىكەتلەر ۋاكالەتچى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلسا بولمايدۇ. 64 - ماددا ۋاكالەتلىك ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتلىك، قانۇنىي ۋاكالەتلىك ۋە بەلگىلەنگەن ۋاكالەتلىك دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھاۋالە بىلەن ۋاكالەتلىك قىلغۇچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقىنى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يۈرگۈزىدۇ، قانۇنىي ۋاكالەتچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزىدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقىنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياكى بەلگىلىگۈچى ئورۇننىڭ بەلگىلگىنى بويىچە يۈرگۈزىدۇ. 65 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەتنى ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلىش ئىشى يېزىقچە ئېلىپ بېرىلسىمۇ، ئاغزاكى ئېلىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ. قانۇندا يېزىقچە ئېلىپ بېرىش بەلگىلەنگەنلىرى يېزىقچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ۋاكالەتچىگە يېزىقچە ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ ھاۋالە قەغىزىگە ۋاكالەتچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ياكى نامى، ۋاكالەتلىك قىلىدىغان ئىشلىرى، ھوقۇقى دائىرىسى ۋە مۇددىتى ئېنىق يېزىلىشى ھەمدە ھاۋالە قىلغۇچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم. ھاۋالە قەغىزىدە بېرىلىگەن ھوقۇق ئېنىق ئىزھار قىلىنمىغان بولسا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئالدىدا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ۋاكالەتچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 66 - ماددا ۋاكالەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولماي تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان، ۋاكالەتلىك ھوقۇقىدىن ھالقىپ ئېلىپ بېرىلغان ياكى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى توختىغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتنى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ئېتىراپ قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇ ئاشۇ ھەرىكەتكە دائىر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئېتىراپ قىلىنمىغان ھەرىكەتكە دائىر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ھەرىكەت قىلغۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆز نامىدا ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىنكار قىلىش ئىپادىسىنى بىلدۈرمىسە، قوشۇلدى دەپ قارىلىدۇ. بۇرچىنى ئادا قىلماي ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىغا زىيان يەتكۈزگەن ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ۋاكالەتچى ئۈچىنچى كىشى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ۋاكالەتچى بىلەن ئۈچىنچى كىشى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى كىشى ھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ ۋاكالەتلىك ھوقۇقى يوقلۇقىنى، ۋاكالەتلىك قىلىش ھوقۇقىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ياكى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى توختىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇنىڭ بىلەن ھەق تەلەپ ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئۈچىنچى كىشى بىلەن ھەرىكەت قىلغۇچى چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ 67 - ماددا ۋاكالەتچى ئۆزىگە ھاۋالە قىلىنغان ئىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ۋاكالەتلىك قىلىۋەرسە ياكى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ۋاكالەتچى ۋاكالىتەن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرمىسا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى بىلەن ۋاكالەتچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 68 - ماددا ھاۋالە بىلەن ۋاكالەتلىك قىلغۇچى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋاكالەتلىكنى باشقا كىشىگە ھاۋالە قىلىشنى زۆرۈر تاپسا، ئاۋۋال ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ رازىلىقىنى ئالمىغان بولسا، كېيىن ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك، ئەگەر ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى قوشۇلمىسا، ۋاكالەتچى ئۆزى ھاۋالە قىلغان كىشىنىڭ ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەمما جىددىي ئەھۋال ئاستىدا ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش يۈزسىدىن ۋاكالەتلىكنى باشقا كىشىگە ھاۋالە قىلغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. 69 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتلىك توختايدۇ: (1) ۋاكالەتلىك قىلىش مۇددىتى توشقان ياكى ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان ئىش ئورۇندىلىپ بولغان بولسا؛ (2) ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ھاۋالىسىنى بىكار قىلسا ياكى ۋاكالەتچى ھاۋالىدىن يالتىيىۋالسا؛ (3) ۋاكالەتچى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا؛ (4) ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەت سالاھىيىتىنى يوقاتقان بولسا؛ (5) ۋاكالەتچىلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋاكالەتچى بولغان قانۇنىي ئىگە ئىشتىن توختىغان بولسا. 70 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇنىي ۋاكالەتلىك ياكى بەلگىلەنگەن ۋاكالەتلىك توختايدۇ: (1) ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بولسا ياكى ئۇنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەت سالاھىيىتى ئەسلىگە كەلگەن بولسا؛ (2) ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋاكالەتچى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا؛ (3) ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەت سالاھىيىتىنى يوقاتقان بولسا؛ (4)ۋاكالەتچىنى بەلگىلەپ بەرگەن خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى ۋاكالەتچىنى بەلگىلىگەن ئورۇن ئۆز بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسا؛ (5) ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى بىلەن ۋاكالەتچى ئوتتۇرىسىدىكى ۋەسىيلىك مۇناسىۋەت باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقالغان بولسا. 3 - باب ھەق تەلەپ ھوقۇقى 1 - بۆلۈم ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا دائىر مال - مۈلۈك ھوقۇقى 71 - ماددا ئىگىدارلىق ھوقۇقى مۈلۈك ئىگىسىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز مال - مۈلۈكىگە ئىگىدارلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، تاپاۋەت قىلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. 72 - ماددا مال - مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كەلمەسلىكى كېرەك. توختام بويىچە ياكى باشقا قانۇنىي يوللار بويىچە مال - مۈلۈككە ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى مال - مۈلۈك ئۆزىگە تەگكەن ۋاقىتتىن ئېتىبارەن قولىغا ئۆتىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ باشقىچە پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 73 - ماددا دۆلەت مۈلكى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. دۆلەت مۈلكى مۇقەددەس ۋە دەخلىسىزدۇر، ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئۇنى ئىگىلىۋېلىشى، بۇلاپ كېتىشى، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋېلىشى، سۇقۇۋېلىشى ۋە بۇزۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. 74 - ماددا ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ تەشكىلاتىغا تەۋە مال - مۈلۈك ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ مۈلىكىدۇر، ئۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) قانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن يەر ۋە ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر، سازلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار؛ (2) كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ مال - مۈلۈكلىرى؛ (3) كوللكېتىپ ئىگىدارلىقىدىكى بىنالار، سۇ ئامبارلىرى، ئېتىز - ئېرىق سۇ ئىنشائاتلىرى ۋە مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئەسلىھەرلىرى ۋە باشقا ئەسلىھەلەر؛ (4) كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى باشقا مال - مۈلۈكلەر. قانۇن بويىچە كوللېكتىپ ئىگىدارلىقدىىكى يەر كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، ئۇنى كەنت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ياكى مەھەللە كومىتېتلىرى باشقۇرىدۇ. يېزا (بازار) لاردىكى دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، قالغانلىرى يېزا (بازار) لاردىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولسا بولىدۇ. كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال - مۈلۈك قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ، ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئۇنى ئىگىلىۋېلىشى، بۇلاپ كېتىشى، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋېلىشى، بۇزۇشى ياكى قانۇنسىز يول بىلەن پېچەتلىشى، تۇتۇپ قېلىشى، توڭلىتىپ قويۇشى ۋە مۇسادىرە قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 75 - ماددا پۇقرالارنىڭ شەخسىي مۈلكى پۇقرالارنىڭ قانۇنىي دارامىتىنى، ئۆي - ئىمارەتلىرىنى، ئامانەت قويغان پۇللىرىنى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى، ئاسار ئەتىقىلىرىنى، كىتاب - ماتېرىياللىرىنى، دەل - دەرەخلىرىنى، چارۋا ماللىرىنى، شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ ئىگە بولۇشىغا قانۇن يول قويغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى ۋە باشقا قانۇنىي مۈلۈكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇقرالارنىڭ قانۇنىي مۈلكى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ، ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئۇنى ئىگىلىۋېلىشى، بۇلاپ كېتىشى، بۇزۇشى ياكى قانۇنسىز يول بىلەن پېچەتلىشى، تۇتۇپ قېلىشى، توڭلىتىپ قويۇشى ۋە مۇسادىرە قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 76 - ماددا پۇقرالار قانۇن بويىچە مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 77 - ماددا جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۈملىدىن دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي مۈلكى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. 78 - ماددا مۈلۈكنى ئىككىدىن ئارتۇق پۇقرا ۋە قانۇنىي ئىگە تەڭ ئىگىلەشكە بولىدۇ. تەڭ ئىگىلەش ئۈلۈش بويىچە ئىگىلەش ۋە ئورتاقلىشىپ ئىگىلەش دەپ ئايرىلىدۇ. ئۈلۈش بويىچە ئىگىلىگۈچىلەر ئۆز ئۈلۈشىگە قاراپ، تەڭ ئىگىلىگەن مۈلۈككە دائىر تېگىشلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئورتاقلىشىپ ئىگىلىگۈچىلەر ئورتاقلىشىپ ئىگىلىگەن مۈلۈككە دائىر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۈلۈش بويىچە تەڭ ئىگىلىگەن مۈلۈكنىڭ ئىگىلىرى ئۆز ئۈلۈشىنى ئايرىۋېلىشقىمۇ، ئۆتۈنۈشكىمۇ ھوقۇقلۇق. ئەمما ساتماقچى بولسا، تەڭ ئىگىلىگۈچىلەرنىڭ قالغانلىرى ئوخشاش شارائىت ئاستىدا ئاۋۋال سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 79 - ماددا ئىگىسى نامەلۇم بولغان كۆمۈلمە مال، يوشۇرۇن مال دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىنىدۇ. ئۇنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى ئورۇن شۇ نەرسىلەرنى يوقىرىغا تاپشۇرغان ئورۇن ياكى شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ياكى ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلىشى لازىم. يىتكەن نەرسىلەرنى، ئېقىپ كەتكەن نەرسىلەرنى ياكى قولدا بېقىلغان ھايۋانلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىرىنى تېپىۋالغانلار ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بولغان چىقىمنى مالنىڭ ئىگىشى تۆلەيدۇ. 80 - ماددا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قانۇن بويىچە ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورۇنلار ئىشلەتسە بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ قانۇن بويىچە كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى ئورۇنلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېكىتىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ، دۆلەت ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش ۋە تاپاۋەت قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ؛ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار باشقۇرۇش، قوغداش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. پۇقرالارنىڭ، كوللېكتىپنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ياكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولسىمۇ، كوللېكتىپ ئىشلىتىۋاتقان يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. ھۆددىگە بەرگۈچى بىلەن ھۆددىگە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى قانۇن بويىچە ھۆددىگەرلىك توختامىدا بەلگىلىنىدۇ. يەرنى ئېلىپ - سېتىشقا، ئىجارىگە بېرىشكە، گۆرۈگە قويۇشقا ياكى باشقاشەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ. 81 - ماددا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر، سازلىق يەر، سۇ يۈزى قاتارلىق ئورۇنلار قانۇن بويىچە ئىشلەتسە بولىدۇ، ئۇ قانۇن بويىچە كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى ئورۇنلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېكىتىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ، دۆلەت ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش، تاپاۋەت قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ؛ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار باشقۇرۇش، قوغداش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى كان بايلىقلىرىنى قانۇن بويىچە ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورۇنلار ۋە كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى ئورۇنلار ئاچسا بولىدۇ، قانۇن بويىچە پۇقرالار ئاچسىمۇ بولىدۇ. دۆلەت قانۇنلۇق كان ئېچىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. پۇقرالارنىڭ كوللېكتىپنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ياكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولسىمۇ، كوللېكتىپ ئىشلىتىۋاتقان ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر، سازلىق يەر ۋە سۇ يۈزىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. ھۆددىگە بەرگۈچى بىلەن ھۆددىگە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى قانۇن بويىچە ھۆددىگەرلىك توختامىدا بەلگىلىنىدۇ. دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى كان بايلىقلىرىنى ۋە سۇلارنى، دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولغان ۋە قانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر ۋە سازلىق يەرلەرنى ئېلىپ - سېتىشقا، ئىجارىگە بېرىشكە، گۆرۈگە قويۇشقا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ. 82 - ماددا ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلار دۆلەت تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىلگەن مۈلۈكنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە، ئۇ قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. 83 - ماددا كۆچمەس مۈلۈككە تۇتاش قوشنىلار سۇ توسۇش، توختام سۇنى چىقىرىۋېتىش، قاتناش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، يورۇق چۈشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىشلەپچىقىرىشقا پايدا يەتكۈزۈش، تۇرمۇشقا قولايلىق تۇغدۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئارا ياردەملىشىش، ئادىل، مۇۋاپىق ئىش قىلىش روھى بويىچە توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. قوشنىسىغا توسالغۇ پەيدا قىلغانلار ياكى زىيان يەتكۈزگەنلەر دەخلى - تەرۇزنى توختىتىشى، توسالغۇلارنى تۈگىتىشى، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. 2 - بۆلۈم ھەقدارلىق 84 - ماددا ھەقدارلىق توختامدىكى پۈتۈمگە ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان مۇئەييەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتتۇر. ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشى ھەقدار، مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىغان كىشى قەرزداردۇر. ھەقدار قەرزدارنىڭ توختامىدىكى پۈتۈن بويىچە ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىيەت ئۆتىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 85 - توختام ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، ئۇنى ئۆزگەرتىش ۋە توختىتىش كېلىشىمىدۇر. قانۇن بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەن توختاملار قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. 86 - ماددا ھەقدار ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بولسا، ئۇلار مۇئەييەن ئۈلۈشى بويىچە تېگىشلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. قەرزدار ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بولسا، تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى مۇئەييەن ئۈلۈشى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ. 87 - ماددا ھەقدار ياكى قەرزدار تەرەپ ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بولسا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ياكى ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈمى بويىچە، چاتما ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان ھەر بىر ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ چاتما مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى ھەر بىر قەرزداردا بارلىق قەرزنى تۆلەش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغان كىشى چاتما مەجبۇرىيىتى بولغان باشقا كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قەرزنى تۆلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 88 - ماددا توختام تۈزۈشكەن تەرەپلەر توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. توختامدا سۈپەت، مۆھلەت، ئورۇن ياكى مال پۇلى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولۇپ، ئۇنى توختامنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەزمۇن بويىچە بەلگىلەش مۇمكىن بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالاقىدار تەرەپلەر كېڭىشىش ئارقىلىق ئۇ ھەقتە بىر يەرگە كېلەلمىسە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىق قىلىنىدۇ: (1) سۈپەت تەلىپى ئېنىق بولمىغان بولسا، سۈپەت جەھەتتىكى مەجبۇرىيەت دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى بويىچە ئادا قىلىنىدۇ، دۆلەت بەلگىلىگەن سۈپەت ئۆلچىمى بولمىسا، ئادەتتىكى ئۆلچەم بويىچە ئادا قىلىنىدۇ. (2) مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش مۆھلىتى ئېنىق بولمىغان بولسا، قەرزدار ھەقدار ئالدىدا ھەر قاچان مەجبۇرىيەت ئادا قىلسا بولىدۇ، ھەقدارمۇ قەرزدارنىڭ مەجبۇرىيەت ئادا قىلىشىنى ھەر قاچان تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن قەرزدارنىڭ تەييارلىق كۆرۈشى ئۈچۈن تېگىشلىك ۋاقىت بېرىشى كېرەك. (3) مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدىغان ئورۇن ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، پۇل تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى تاپشۇرۇۋالغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئادا قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نىشانلار ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەت مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئادا قىلىنىدۇ. (4) مال پۇلى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولسا، باھا جەھەتتىكى مەجبۇرىيەت دۆلەت بەلگىلىگەن باھا بويىچە ئادا قىلىنىدۇ؛ دۆلەت بەلگىلىگەن باھا بولمىسا، مەجبۇرىيەت بازار باھاسىغا ياكى ئوخشاش تىپتىكى نەرسىلەرنىڭ باھاسىغا ياكى شۇ تىپتىكى ئەمگەك مۇلازىمەتچىلىك ھەققىنىڭ ئۆلچىمىگە قاراپ ئادا قىلىنىدۇ. توختامدا پاتېنت تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئالاقىدار تەرەپ پاتنېت تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. توختامدا پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق بولىدۇ. 89 - ماددا قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پۈتۈمى بويىچە قەرز مەجبۇرىيىتىنىڭ ئادا قىلىنىشىغا تۆۋەندىكى يوللار بىلەن كېپىللىك قىلىنسا بولىدۇ: (1) كېپىل ھەقدار ئالدىدا قەرزدارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كېپىللىك قىلىدۇ، قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، پۈتۈن بويىچە، كېپىل ئادا قىلىدۇ ياكى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ كېپىل قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى قەرزداردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. (2)قەرزدار ياكى ئۈچىنچى كىشى مەلۇم مال مۈلۈكنى گۆرۈ ئورنىدا بەرسە بولىدۇ. قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ھەقدار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە گۆرۈ مالنى باھاغا سۇندۇرۇپ ياكى گۆرۈ مالنى سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى تۆلەم سۈپىتىدە ھەممىدىن بۇرۇن ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. (3) ئالاقىدار بىر تەرەپ ئىككىنچى تەرەپكە قانۇندىكى بەلگىلىمە دائىرىسىدە زاكالەت بەرسە بولىدۇ. قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، زاكالەتنى مال پۇلىغا ھېسابلىتىشى ياكى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك. زاكالەت بەرگەن تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، زاكالەتنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلالمايدۇ، زاكالەت ئالغان تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، زاكالەتنى قوشلاپ قايتۇرۇشى كېرەك. (4) توختامدىكى پۈتۈن بويىچە بىر تەرەپ ئىككىنچى تەرەپنىڭ مال - مۈلىكىنى ئىگىلىگەن، ئىككىنچى تەرەپ توختام بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاپشۇرمىغان بولسا، مال - مۈلۈكنى ئىگىلىگەن بەلگىلىمە بويىچە، ئېپقېلىنغان شۇ مال - مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇپ ياكى شۇ مال - مۈلۈكنى سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى تۆلەم سۈپىتىدە ھەممىدىن بۇرۇن ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. 90 - ماددا قانۇنلۇق قەرز مۇناسىۋىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. 91 - ماددا توختام تۈزۈشكەن بىر تەەپ توختامدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۈچىنچى كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولسا، ئىككىنچى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشى ھەمدە پايدا ئېلىپ يۈرمەسلىكى لازىم. قانۇن بويىچە دۆلەت تەستىقلاشقا تېگىشلىك دەپ بەلگىلەنگەن توختام بولسا، بۇرۇن تەستىقلىغان ئورگاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى بۇرۇنقى توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 92 - قانۇنلۇق ئاساسىي يوق ھارام پايدا ئېلىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر ئالغان ھارام پايدىسىنى زىيان تارتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. 93 - ماددا قانۇندا ياكى پۈتۈمدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى بولمىسىمۇ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىياندىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقۇرۇش ياكى مۇلازىمەت ئىشىنى قىلغانلار شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بولغان تېگىشلىك چىقىمنى مەنپەئەت ئىگىسىدىن ئۈندۈرۈۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 3 - بۆلۈم ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى 94 - ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ئاپتورلۇق ھوقۇقىدىن (نەشر ھوقۇقىدىن) بەھرىمەن بولىدۇ. قانۇن بويىچە ئىسمىنى يېزىش، ئېلان قىلىش - نەشرگە بېرىش، ھەق ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 95 - ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن پاتېنت ھوقۇقى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. 96 - ماددا قانۇنىي ئىگىلەر، يەككە سودا - سانائەتچىلەر، شېرىكلەشكۈچى شەخسلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن خاس ماركا ھوقۇقى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. 97 - ماددا پۇقرالار ئۆز ئىختىراسى ئۈچۈن ئىختىرا ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىتىراچى ئىلتىماس قىلىپ، ئىختىرا گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات سوممىسى ياكى باشقا مۇكاپاتلارنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. پۇقرالار ئۆز كەشپىياتى ياكى باشقا پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىش، شۆھرەت گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات سوممىسى ياكى باشقا مۇكاپاتلارنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. 4 - بۆلۈم كىشىلىك ھوقۇقى 98 - ماددا پۇقرالار ساغلام ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە. 99 - ماددا پۇقرالار ئىسىم - فامىلە ھوقۇقىغا ئىگە. ئۆز ئىسىم - مىلىسىنى بەلگىلەشكە، ئىشلىتىشكە ۋە بەلگىلىمە بويىچە ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق. باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىشى، ئۇلارنىڭ نامىنى سېتىشى سۇيىئستېمال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. قانۇنىي ئىگىلەر، يەككە سودا - سانائەتچىلەر، شېرىكلەشكۈچى شەخسلەر نام قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە. قانۇنىي ئىگە بولغان كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر، شېرىكلەشكۈچى شەخسلەر ئۆز نامىنى قوللىنىشقا، قانۇن بويىچە ئۇنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈشكە ھوقۇقلۇق. 100 - ماددا پۇقرالار سۈرەت ھوقۇقىغا ئىگە. پۇقرالارنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ئۆز رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سۈرىتىدىن پايدا تېپىش مەقسىتىدە پايدىلىنىشقا بولمايدۇ. 101 - ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر نام - شۆھرەت ھوقۇقىغا ئىگە، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ئىززىتى قانۇن بىلەن قاتتىق قوغدىلىدۇ، پۇقرالارنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ نام شۆھرىتىگە ھاقارەت كەلتۈرۈش ۋە تۆھمەت قىلىشقا ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن زىيان يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ. 102 - ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر پەخرىي نام ھوقۇقىغا ئىگە، پۇقرالارنى، قانۇنىي ئىگىلەرنى پەخرىي نامدىن قانۇنسىز يول بىلەن مەھرۇم قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. 103 - پۇقرالار نىكاھقا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە، نىكاھ سودىسى قىلىش، نىكاھقا چات كىرىۋېلىش ھەرىكەتلىرى ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر مەنئى قىلىنىدۇ. 104 - ماددا نىكاھ، ئائىلە، قېرىلار، ئانىلار ۋە بالىلار قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. مەجرۇھلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. 105 - ماددا ئاياللار ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە. 6 - باب ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى 1 - بۆلۈم ئومۇمىي بەلگىلىمە 106 - ماددا توختامغا خىلاپلىق قىلغان ياكى باشقا مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغان پۇقرا ۋە قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ دۆلەت ۋە كوللېكتىپ مۈلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن، باشقىلارنىڭ مۈلىكىگە ۋە ئۆزىگە زىيان يەتكۈزگەن پۇقرا ۋە قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن بولسىمۇ، لېكىن قانۇندا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش لازىملىقى بەلگىلەنگەنلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 107 - ماددا يېڭىپ بولمايدىغان توسالغۇ سەۋەبى بىلەن توختامنى ئىجرا قىلالمىغانلار ياكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ قويغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 108 - مادد قەرزنى قايتۇرۇش كېرەك. قايتۇرۇشقا ۋاقتىنچە قۇربى يەتمەيدىغان قەرزدار ھەقدارنىڭ ماقۇللۇقى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمى بىلەن قەرزنى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرسا بولىدۇ. قايتۇرۇشقا قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قايتۇرماي تۇرۇۋالغانلارنى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئارقىلىق مەجبۇرىي قايتۇرغۇزىدۇ. 109 - ماددا دۆلەت كوللېكتىپ مۈلكىنى ياكى باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى ۋە ئامانلىقىنى دەخلى - تەرۇزدىن ساقلاپ قېلىش ۋە دەخلى - تەرۇزنى توسۇش يۈسىدىن ئۆزى زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش جاۋابكارلىقىنى دەخلى - تەرۇز قىلغۇچى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، مەنپەئەتكە ئىگە بولغۇچىمۇ زىياننى لايىقىدا تۆلەپ بەرسە بولىدۇ. 110 - ماددا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغۇچى پۇقرالارنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ مەمۇرىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە پۇقرانىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىم. 2 - بۆلۈم توختامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى 111 - ماددا توختام تۈزۈشكەنلەردىن بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىسا ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكەن شەرتلەر بويىچە ئادا قىلمىسا، ئىككىنچى تەرەپ ئۇنىڭ ئادا قىلىشىنى ياكى زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش يۈزسىدىن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەم زىياننى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 112 - ماددا توختام تۈزۈشكەنلەردىن بىر تەرەپنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ تۆلىگەن تۆلىمى ئىككىنچى تەرەپكە كەلتۈرگەن زىيىنىغا باراۋەر بولۇشى كېرەك. توختام تۈزۈشكەن بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا، ئىككىنچى تەرەپكە مەلۇم مىقداردا توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەيدىغانلىقىنى توختامدا پۈتۈشۈپ قويسا بولىدۇ، توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان زىياننىڭ تۆلەم مىقدارىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنىمۇ توختامدا پۈتۈشۈپ قويسا بولىدۇ. 113 - ماددا توختام تۈزۈشكەن ھەر ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا، ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 114 - ماددا توختام تۈزۈشكەنلەردىن بىر تەرەپ ئىككىنچى تەرەپنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىشى بىلەن زىيانغا ئۇچرىسا، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، زىياننىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ ۋاقتىدا تەدبىر قوللانماي، زىياننىڭ چوڭىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولسا، چوڭىيىپ كەتكەن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. 115 - ماددا توختامنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ياكى بىكار قىلىنىشى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ زىيان ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. 116 - ماددا توختام تۈزگۈچى بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ كاشىلىسى بىلەن ئادا قىلالمىغان بولسا، توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ئىككىنچى تەرەپكە زىياننى تۆلەپ بېرىشى ياكى زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش يۈزسىدىن باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ شۇ سەۋەبتىن تارتقان زىيىنىنى مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ئىگە بولۇپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 3 - بۆلۈم ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغانلارنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى 117 - ماددا دۆلەتنىڭ ۋە كوللېكتىپنىڭ مۈلكىنى ياكى باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى ئىگىلىۋالغانلار مال - مۈلۈكنى قايتۇرۇشى لازىم. مال - مۈلۈكنى قايتۇرالمىغانلار باھاغا سۇندۇرۇپ پۇل تۆلىشى لازىم. دۆلەتنىڭ ۋە كوللېكتىپنىڭ مۈلكىنى ياكى باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى بۇزۇپ قويغانلار ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشى ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ پۇل تۆلىشى لازىم. زىيانغا ئۇچرىغۇچى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن باشقا زور چىقىم تارتقان بولسا، زىيانغا ئۇچراتقۇچى بۇ زىياننىمۇ تۆلىشى كېرەك. 118 - ماددا ئاپتورلۇق ھوقۇقى (نەشر ھوقۇقى)، پاتېنت ھوقۇقى، خاس ماركا ھوقۇقى، ئىختىرا ھوقۇقى، كەشپىيات ھوقۇقى ۋە پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە دائىر باشقا ھوقۇقلىرى باشقىلارنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىش، ئۆزگەرتىۋېتىش، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قاتارلىق دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغان پۇقرالار ۋە قانۇنىي ئىگىلەر دەخلى - تەرۇزنىڭ توختىتىلىشىنى، تەسىرنىڭ تۈگىتىلىشىنى، زىياننىڭ تۆلەپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 119 - ماددا پۇقرالارنىڭ تېنىنى زەخمىلەندۈرگەنلەر داۋالىنىش راسخوتىنى، ئىشقا چىقالماي ئازىيىپ كەتكەن دارامىتىنى، مېيىپ بولغۇچىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش راسخوتلىرىنى تۆلىشى كېرەك؛ ئۆلۈشكە سەۋەبچى بولغانلار ئۆلگۈچىنىڭ دەپنە پۇلىنى ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا بېقىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش خىراجىتىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش راسخوتلارنى بېرىشى لازىم. 120 - ماددا ئىسىم - فامىلە ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، نام - شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نام ھوقۇقى دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىغان پۇقرالار دەخلى تەرۇز قىلغۇچىنىڭ دەخلى تەرۇزنى توختىتىشنى، نام شۆھرەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشىنى، تەسىرنى تۈگىتىشنى، ناماقۇل بولۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە بولغان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. قانۇنىي ئىگىنىڭ نام قويۇش ھوقۇقى، نام - شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نام ھوقۇقى دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىسا، يۇقىرىقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىق قىلىنىدۇ. 121 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ياكى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملار ۋەزىپە ئۆتەش داۋامىدا پۇقرالارنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇنغا مۇۋاپىق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى تەرۇز قىلىپ زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 122 - ماددا مەھسۇلات سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمىغانلىقتىن، باشقىلار مال مۈلۈك ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىسا، شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭغا توشۇغۇچىنىڭ ۋە ساقلىغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى بولسا، مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى ئۇلارنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 123 - ماددا ئەتراپتىكى مۇھىتقا قاتتىق خەۋپ تۇغدۇرىدىغان ئېگىزلىك مەشغۇلاتى، يۇقىرى بېسىملىق مەشغۇلات، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلاپ كېتىدىغان، ئۆتكۈر رەھبەرلىك، رادىئوئاكتىپ نەرسىلەرنى باشقۇرۇش، يۇقىرى سۈرئەتلىك ترانسىپورت قوراللىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارغۇچىلار باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار زىياننى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆزى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىسا بولىدۇ. 124 - ماددا دۆلەتنىڭ مۇھىتنى ئاسراش، بۇلغىنىشتىن ساقلاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىتنى بۇلغاپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 125 - ماددا جامائەت سورۇنلىرىدا يول بويلىرىدا ياكى ئۆتەر يوللاردا ئازگال كولاش، يەر ئاستى ئەسلىھەرلىرىنى رېمونت قىلىش، ئورنىتىش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئېنىق بەلگە ئورناتماي ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 126 - ماددا بىنالار ياكى باشقا ئەسلىھەلەر، شۇنىڭدەك بىنا ئۈستىگە جايلاشتۇرۇلغان، ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەر ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئاجراپ كېتىپ، چۈشۈپ كېتىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئىگىلىرى ياكى باشقۇرغۇچىلىرى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەمما ئۆزىنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. 127 - ماددا بېقىلىۋاتقان ھايۋان باشقىلارغا زىيان سالسا، شۇ ھايۋاننى باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، زىيان زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىدىن تۇغۇلغان بولسا، ھايۋاننى باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ زىيان ئۈچىنچى كىشىنىڭ سەۋەنلىكىدىن تۇغۇلغان بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى شۇ ئۈچىنچى كىشى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 128 - ماددا يوللۇق قوغدىنىش سەۋەبى بىلەن باشقىلارغا زىيان سالغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. يوللۇق قوغدىنىشنى تېگىشلىك چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئورۇنسىز زىيان تۇغدۇرغانلار لايىقىدا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 129 - ماددا جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىش يۈزسىدىن زىيان پەيدا قىلغان ئەھۋالدا، خەۋپلىك ئەھۋالنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان كىشى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەگەر خەۋپ تەبىئىي سەۋەبلەردىن تۇغۇلغان بولسا، جىددىي خەۋپتىن ساقلانغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ياكى لايىقىدا ئالىدۇ. جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىش تەدبىرى جايىدا بولماي ياكى تېگىشلىك چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئورۇنسىز زىيان تۇغدۇرغان بولسا، جىددىي خەۋپتىن ساقلانغۇچى لايىقىدا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 130 - ماددا ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئۇلار چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 131 - ماددا زىياننىڭ تۇغۇلۇشىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ سەۋەنلىكى بولسا، زىيان تۇغدۇرغۇچىنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ. 132 - ماددا زىياننىڭ تۇغۇلۇشىدا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ سەۋەنلىكى بولمىسا، ئۇلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تېگىشلىك ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ. 133 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى يوق ۋە ھەرىكەت سالاھىيىتى چەكلىك كىشىلەر باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ۋەسىي ئۈستىگە ئالىدۇ. ۋەسىي ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۆتىگەن بولسا، ئۇنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى مۇۋاپىق يېنىكلىتىلسە بولىدۇ. ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى يوق ۋە ھەرىكەت سالاھىيىتى چەكلىك كىشىلەردىن مال - مۈلكى بارلار باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم پۇلى شۇلارنىڭ مال مۈلكىدىن بېرىلىدۇ. كەم قالغان قىسمىنى ۋەسىي مۇۋاپىق ھالدا تۆلەيدۇ، لېكىن ۋەسىيلىك قىلغۇچى ئورۇن بۇنىڭ سىرتىدا. 4 - بۆلۈم ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش شەكلى 134 - يىلى ماددا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش شەكلى ئاساسەن مۇنۇلا (1) دەخلى - تەرۇزنى توختىتىش؛ (2) توسالغۇنى تۈگىتىش؛ (3) خەۋپنى تۈگىتىش؛ (4) مال - مۈلۈكنى قايتۇرۇش؛ (5) ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ (6) رېمونت قىلىپ بېرىش، يېڭىدىن ياساپ بېرىش، يەڭگۈشلەپ بېرىش؛ (7) زىياننى تۆلەش؛ (8) توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەش؛ (9) تەسىرنى تۈگىتىپ، نام - شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ (10) ناماقۇل بولۇش. ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ يۇقىرىقى شەكىللىرى ئايرىم تەتبىقلانسىمۇ، بىرلەشتۈرۈپ تەتبىقلانسىمۇ بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرى قاراپ چىقىدىغان ھەق تەلەپ دېلولىرىغا يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرنى تەتبىق قىلغاندىن باشقا، جاۋابكارلارغا تەنبىھ بەرسە، توۋىنامە يازدۇرسا، قانۇنسىز ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتا ۋاستە قىلغان مۈلۈكنى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتىنى قايتۇرۇۋالسا ھەمدە قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويسا، توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ. 7 - باب دەۋا سۈرۈكى 135 - ماددا ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداش يۈزسىدىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 136 - ماددا تۆۋەندىكى دەۋالارنىڭ سۈرۈكى بىر يىل بولىدۇ: (1) تېنى زەخمىلەنگەنلىكى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىش دەۋاسى؛ (2) سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمايدىغان تاۋارنى ئېلان قىلماي ساتقانلار ئۈستىدىكى دەۋا؛ (3) ئىجارە پۇلىنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرگەنلەر ياكى رەت قىلغانلار ئۈستىدىكى دەۋا؛ (4) ئامانەت قويۇلغان نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويغانلار ياكى بۇزۇپ قويغانلار ئۈستىدىكى دەۋا. 137 - ماددا دەۋا سۈرۈكى دەۋاگەرنىڭ ھوقۇقى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق ھوقۇقى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغان ۋاقىتتىن تارتىپ ھېسابلىغاندا 20 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوغدىمايدۇ. ئالاھىدە ئەھۋالى بولغانلارنىڭ دەۋا سۈركىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇزارتسا بولىدۇ. 138 - ماددا دەۋا سۈرۈكى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئالاقىدار تەرەپ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى خالىغان بولسا، دەۋا سۈرۈكى بىلەن چەكلەنمەيدۇ. 139 - يىلى دەۋا سۈرۈكىنىڭ ئاخىرقى ئالتە ئېيى ئىچىدە يېڭىپ بولمايدىغان سەۋەب ياكى باشقا توسالغۇلار تۈپەيلىدىن تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مۇمكىن بولماي قالسا، دەۋا سۈرۈكى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ. دەۋا سۈرۈكى ئۇنى توختىتىپ تۇرۇشتىكى سەۋەبلەر تۈگىتىلگەن كۈندىن ئېتىبارەن ئۇلىنىپ ھېسابلىنىدۇ. 140 - ماددا دەۋا سۈرۈكى دەۋا قىلىنغانلىقى، دەۋادىكى بىر تەرەپ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ياكى ماقۇل كۆرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. دەۋا سۈرۈكى ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ يېڭىۋاشتىن ھېسابلىنىدۇ. 8 - باب قانۇننىڭ چەتكە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋەتلىرىگە تەتبىقلىنىشى 142 - ماددا قانۇننىڭ چەتكە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋەتلىرىگە تەتبىق قىلىنىشى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېكىتىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنىدىكى باشقىچە بەلگىلىمىلەر بولسا، خەلقئارا شەرتنامىلەردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ، ئەمما جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايانان ئېلان قىلىپ ئۆز پىكرىدە قالغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىدا ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە بەلگىلىمە يوقلىرىغا خەلقئارا قائىدە تەتبىقلىنىدۇ. 143 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان پۇقرالىرىنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەت سالاھىيىتىگە شۇ پۇقرا ئولتۇراقلاشقان دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلانسا بولىدۇ. 144 - ماددا كۆچمەس مۈلۈككە بولغان مۈلۈكچىلىك ھوقۇقىغا كۆچمەس مۈلۈك جايلاشقان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. 145 - ماددا چەتكە چېتىشلىق توختامغا ئالاقىدار تەرەپلەر توختامدىكى تالاشلارغا تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى تاللىسا بولىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. چەتكە چېتىشلىق توختامغا ئالاقىدار تەرەپلەر تاللىمىغان بولسا، توختامغا ھەممىدىن زىچ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. 146 - ماددا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھەرىكىتى تۇغدۇرغان زىياننى تۆلەشكە ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. ئالاقىدار ئىككى تەرەپ بىر دۆلەتنىڭ ئادەملىرى بولسا ياكى بىر دۆلەتتە ئولتۇرۇشلۇق بولسا، شۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنى ياكى ئۇلار ئولتۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلانسىمۇ بولىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرگەن ھەرىكەت ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھەرىكىتى دەپ قارالمىسا، ئۇ ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھەرىكىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ. 147 - ماددا جۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى چەت ئەللىكلەر بىلەن نىكاھلانغان بولسا، ئۇنىڭغا نىكاھلانغانلار پۈتۈشكەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. نىكاھتىن ئاجرىشىشقا دېلونى قوبۇل قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. 149 - يىلى مىراسقا قانۇن بويىچە ۋارىسلىق قىلىش ئىشلىرىدا، كۆچمە مۈلۈككە مىراس قالدۇرغۇچى ئۆلگەن چاغدىكى ئولتۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، كۆچمەس مۈلۈككە شۇ مۈلۈك جايلاشقان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. 150 - ماددا مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە چەت ئەللەرنىڭ قانۇن ياكى خەلقئارا قائىدە تەتبىقلىنىدىغان ئىشلاردا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جامائەت مەنپەئىتىگە خىلاپلىق قىلىنسا بولمايدۇ. 9 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ 151 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پرىنسىپلارغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ياكى قوشۇمچە ئايرىم نىزام ياكى بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇليايلىرىنىڭ تۈزگەنلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىلىدۇ ياكى ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛ ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ تۈزگەنلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىغا تەستىقلىتىلىدۇ. 152 - ماددا بۇ قانۇن كۈچكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىن يۇقىرى ئورۇندىكى مەسئۇل ئورگانلارنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلاردىن سودا - سانائەت مەمۇرىيىتى ئورگىنىغا تىزىمغا ئالدۇرغانلىرى قانۇنىي ئىگە بولۇپ، تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتمىسىمۇ، قانۇنىي ئىگىلىك لاياقىتىگە ئىگە بولىۋېرىدۇ. 153 - ماددا بۇ قانۇندا <يېڭىپ بولمايدىغان توسالغۇ> دېيىلگىنى ئالدىن بايقاش مۇمكىن بولمايدىغان، ساقلانغىلى ھەمدە يەڭگىلى بولمايدىغان ئوبيېكتىپ ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ. 154 - ماددا ھەق تەلەپ قانۇنىدا ئېيتىلغان ۋاقىت مىلادىيەنىڭ يىل، ئاي، كۈن، سائىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. سائەت بويىچە ھېسابلاش بەلگىلەنگەن مۆھلەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. كۈن، ئاي، يىل بويىچە ھېسابلاش بەلگىلەنگەن مۆھلەت شۇ كۈندىن باشلاپ ھېسابلانماي ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. مۆھلەتنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى يەكشەنبىگە ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا دەم ئېلىش كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالسا، شۇ دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى مۆھلەتنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولىدۇ. مۆھلەتنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنىنىڭ توشۇش ۋاقتى سائەت نۆل بولغان ۋاقىت بولىدۇ، كەسپىي ئىش ۋاقتى يولغا قويۇلغان بولسا ئىش توختىغان ۋاقىت ئاخىرقى ۋاقىت بولىدۇ. 155 - ماددا ھەق تەلەپ قانۇنىدا <... يۇقىرى>، <تۆۋەن>، <... ئىچىدە> دېيىلگەنلەر شۇ ساننىڭ ئۆزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ <... توشمىغان>، <... سىرتىدا> دېيىلگەنلەر شۇ ساننىڭ ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. 156 - ماددا بۇ قانۇن 1987 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار