UyghurWiki›قانۇن نىزاملار›ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى كىتاب نومۇرىغا چەك قويۇلماي ۋە يۇقىرى ھەق ئېلىنماسلىق ئۇقتۇرۇشى
ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى كىتاب نومۇرىغا چەك قويۇلماي ۋە يۇقىرى ھەق ئېلىنماسلىق ئۇقتۇرۇشى
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1996 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. كىتاب (1996)301 - نومۇرلۇق
ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشرىياتچىلىق خىزمىتى نەشرىياتچىلىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇ پارتىينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى
تەشۋىق قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرنىڭ پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى
سۈرۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاز
سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلىش ئىشلىرى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ناھايىتى زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. لېكىن ئاز
سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلىش خىزمىتى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا
بىرمۇنچەقىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
شۇڭا، بۇ يىل 1 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى بىرلىكتە
مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، كۈچلۈك تەدبىر
قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلىش خىزمىتى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈردە ھەل
قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا
قويدى. مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشرىياتچىلىق خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا
تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەر قارار قىلىندى:
1. ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى كىتابلارنىڭ كىتاب نومۇرى سانىغا چەك قويۇلمايدۇ؛
2. ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى كىتابلاردا تىك سىزىقلىق نومۇر قوللىنىلسا ھەق ئېلىنمايدۇ.
يۇقىرىقى قارار ھۆججەت تارقىتىلغان كۈندىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىدۇ.