UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارجۇڭگو نەشرىياتچىلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقى مىزانى

جۇڭگو نەشرىياتچىلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقى مىزانى

قانۇنلار نەشرىياتچىلىق خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي كەسىپلەر بويىچە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ ئەخلاقى جەھەتتىكى تەربىيلىنىشىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ، ساھەرلەردە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىينىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك نەشرىياتچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، نەشرىياتچىلىرى تۆۋەندىكى مىزانغا چوقۇم ئەمەل قىلىشى كېرەك: 1. خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش توغرا سياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيلىقى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيلىك، ئىنتىزامچان سوتسىيالىستىك پۇقرالارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش. 2. ئىجتىمائىي ئۈنۈمى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كۈچلۈك تارىخىي بۇرچ ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇش، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىجتمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئەڭ ياخشى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. 3. نادىر ئەسەر ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، نەشر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئوقۇرمەنلەرگە مەسئۇل بولۇپ، نادىر ئەسەر ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، نەشر سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ نەشر قىلىپ تارقىتىش، ناچار ئەسەرلەرنى نەشر قىلماسلىق، نەشر ھالقىلىرىدا سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ تەھرىرلەش، كوررېكتورلۇق قىلىش، تىزىش، بېسىش، تارقىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش. 4. قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، پاك - دىيانەتلىك بولۇش، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، قانۇنلىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، نەشىرياتچىلىقنى باشقۇرۇشنىڭ تۈرلۈك قائىدە - تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، كەسىپ، ساھەلەردىكى ناتوغرا ئىستىللارنى ئاڭلىق چەكلەش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشقا، پۇل - ھوقۇق سودىسى قىلىشقا قارشى تۇرۇش، ماقالىلەرنى تاللاشتا سۈپەتنى ئاساس قىلىپ، يۈز - خاتىرە قىلماسلىق، خىزمەتتىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، نام - مەنپەئەت قوغلاشماسلىق، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، نەشر نومۇرى سودىسى قىلماسلىق، قانۇنسىز نەشر قىلىش، بېسىش، تارقىتىش ھەم باشقا قانۇنسىز تىجارەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىق. 5. كەسىپكە ئىشتىياق باغلاپ، ئۆز ئىشلىرىغا سادىق بولۇش خالىسانە تۆھپە قوشۇش روھنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپكە ئىشتىياق، باغلاپ، ئۆز ئىشلىرىغا سادىق بولۇش، ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، يېڭى بىلىم، يېڭى تېخنىكىلارنى تىرىشىپ ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش، قول ئۇچىدا ئىشلەشكە، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىىشقا قارشى تۇرۇش. 6. ئىتتىپاقلىشىش - ھەمكارلىشىش، سەمىمىي بولۇش، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش ئىتتىپاقلىشىش - ھەمكارلىشىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، سەمىمىي بولۇپ، ۋەدىگە ئەمەل قىلىپ، توختامغا ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئىناۋەتنى ساقلاپ، ئادىل رىقابەتنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇرۇس بولمىغان ۋاستىلەر ئارقىلىق كەسىپداشلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيات يەتكۈزۈشكە قارشى تۇرۇش. 7. جاپا - مۇشەققەتكە چىدارپ كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىگىلىك يارىتىش جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىگىلىك يارىتىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۇرۈپ، توختىماي ئىلگىرىلەش، سۆلەتۋازلىق، ھەشەمەتچىلىك قىلىشقا، ھۆكۈمەت پۇلىنى بۇزۇپ - چېچىشقا قارشى تۇرۇش. 8. تاشقى ئىشلاردا ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ۋەتەننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش سىرت بىلەن بولغان ئالاقىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى ئىشلار ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى، ۋەتەننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە جۇڭگو نەشرىيات خادىملىرىنىڭ ئوبرازىنى ئاڭلىق قوغداش.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار
جۇڭگو نەشرىياتچىلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقى مىزانى | UyghurWiki | UyghurWiki