UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملاربىرلىككە كەلتۈرۈلگەن <ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەتىپ ئىشلەش ھاۋالىنامىسى> نى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن <ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەتىپ ئىشلەش ھاۋالىنامىسى> نى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

قانۇنلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1995 - يىلى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. ئۈن - سىن (1995) 1383 - نومۇرلۇق ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نورمال نەشر قىلىش تەرتىپىنى ئورنىتىپ، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش خىزمىتىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەش خىزمىتىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز قىلمىش ۋە نەشر ھوقۇقىنى ئوغرىلاپ نەشر قىلىش ھەرىكەتلىرىنى توشۇش ئۈچۈن، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش خىزمىتىدە <ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ھاۋالىنامىسى> ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ <ھاۋالىنامە> دېيىلىدۇ) نى ئىشلىتىشكە دائىر ئىشلار تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇلىدۇ: بىرىنچى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشرقىلىش ئورۇنلىرى لازىر سانلارنى ساقلاش كارتىسىنى كۆپەيتىپ ئىشلىگۈچى ئورۇنلارغا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ، پىششىقلاپ ئىشلەپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلسا، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن <ھاۋالىنامە> نى ئىشلىتىشى كېرەك. ئىككىنچى، <ھاۋالىنامە> نى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى بىر تۇتاش ئىشلەپ چىقىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇنى كۆپەيتىپ بېسىشىغا ياكى يالغاندىن ياسىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئۈچىنچى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئۆز تەۋەلىكىدە <ھاۋالىنامە> نى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، باش سىياسىي بۇنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى ئازادلىق ئارمىيە سىستېمىسى ئىچىدە <ھاۋالىنامە> نى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. تۆتىنچى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ھەر قېتىم ئېلېكترون نەشر بۇيۇمىنى كۆپەيتىپ ئىشلەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغاندا، بىر نۇسخا <ھاۋالىنامە> (ھەر بىر نۇسخىسى ئۈچ ۋاراق بولىدۇ) يېزىىپ بېرىشى ھەمدە <ھاۋالىنامە> نى ئىمزا قويۇپ بەرگەندىن كېيىنكى 10 كۈن ئىچىدە، ھاۋالىنامىنىڭ ئىككىنچى ۋارىقىنى كىنىشكا تارقاتقان ئورۇنغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. بەشىنچى، لازىر سانلارنى ساقلاش كارتىسىنى كۆپەيتىپ ئىشلىگۈچى ئورۇنلار ئېلېكترون نەشر بويۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ئىمزا قويغان ھەم تامغا باسقان <ھاۋالىنامە> نى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەپ بېرىشى كېرەك. ئالتىنچى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى ئەمەس بولغان ئورۇنلار لازىر سانلارنى ساقلاش كارتىسىنى كۆپەيتىپ ئىشلىگۈچى ئورۇنلارغا كومپيوتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلارنى كۆپەيتىپ ئىشلەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسا، قولىدا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىي ھۆججىتى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ <ھاۋالىنامە> سى بۇلۇشى كېرەك، ئاندىن كۆپەيتىپ ئىشلەپ بېرىشكە بولىدۇ. يەتتىنچى، لازىر سانلارنى ساقلاش كارتىسىنى كۆپەيتىپ ئىشلىگۈچى ئورۇنلار ھەر بىر پەسىلنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەشكە مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلارغا بىر پەسىلدە كۆپەيتىپ، پىششىقلاپ ئىشلىگەن ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇملىرىنىڭ <ھاۋالىنامە> سىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى يوللاپ بېرىشى كېرەك. سەككىزىنچى، بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپلەرگە خىلاپلىق قىلغان، <ھاۋالىنامە> نى بەلگىلىمە بۇيىچە ئىشلەتمىگەن ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ۋە لازىر سانلارنى ساقلاش كارتىسىنى كۆپەيتىپ ئىشلىگۈچى ئورۇنلارغا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىلىرى ياكى ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلىگۈچى ئورۇنلارغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن، ئاگاھلاندۇرۇش، جەرىمانە قويۇش، كۆپەيتىپ ئىشلەشنى توختىتىشقا، كۆپەيتىپ ئىشلەنگەن بۇيۇملىرىنى ساتماسلىققا بۇيرۇش، <ھاۋالىنامە> بېرىشنى توختىتىش ھەم مۇددەت بەلگىلەپ تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق مەمۇرىي جازالارنى بېرىدۇ، <ھاۋلىنامە> نى كۆپەيتىپ بېسىپ، يالغاندىن ياساپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بۇيىچە جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. توققۇزىنچى، بۇ ئۇقتۇرۇش 1996 - يلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. ھەر قايسى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشرقىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۆزلىرى بېسىۋالغان، كۆپەيتىپ ئىشلىۋالغان ھاۋالىنامىلىرى ھازىردىن ئېتىبارەن بىردەك ئىشلىتىشتىن توختىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار
بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن <ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەتىپ ئىشلەش ھاۋالىنامىسى> نى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki