نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
قانۇنلار
بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 - ماددا بۇ بەلگىلىمە نەشر بۇيۇمى بېسىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نەشرىياتچىلار ۋە نەشر بۇيۇمى باسقۇچى ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداپ، قانۇنسىز مەتبەئەچىلىكنى چەكلەپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيىلىك ۋە ماددىي مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە <نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى> ۋە <مەتبەئەچىلىك باشقۇرۇش نىزامى> غا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا نەشر بۇيۇمى بېشىش تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بۇ بەلگىلىمىگە چوقۇم رىئايە قىلىش كېرەك.
بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان نەشر بۇيۇملىرى - گېزىت، ژۇرنال، كىتاب، خەرىتە، رەسىم، فوتو سۈرەت، ئاسما كالېندار، رەسىملەر توپلىمى ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنىڭ مۇقاۋىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ نىزامدا ئېيتىلغان مەتبەئەچىلىك تىجارەت پائالىيىتى - ھەرپ تىزىش، بەت ياساش، بېسىش، تۈپلەش قاتارلىق تىجارەپ پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3 - ماددا نەشرىياتچىلار ۋە نەشر بۇيۇمى بېسىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار چوقۇم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدە - تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش ئاساسىدا نەشر بۇيۇمى بېسىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى لازىم.
4 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى <مەتبەئە باشقۇرۇش نىزامى> بويىچە مەتبەئە ساھەسىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدىكى مەتبەئەچىلىك ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ، شۇنداقلا بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ئىككىنچى باب نەشر بۇيۇمى باسىدىغان مەتبەئە كارخانىلىرىنى قۇرۇش
5 - ماددا دۆلىتىمىز نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشتا تىجارەت ئىجازىتى تۈزۈمىنى يولغا قويدى، تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ نەشر بۇيۇمى بېسىش تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
6 - ماددانەشر بۇيۇمى بېسىش كارخانىلىرى - دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق كىتاب - ژۇرنال مەتبەئە كارخانىسى، ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق كىتاب - ژۇرنال مەتبەئە كارخانىسى، نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشقا ئىجازەت ئالغان مەتبەئە كارخانىسى، نەشر بۇيۇملىرىنى تىزىش، بەت ياساش، تۈپلەش قاتارلىق مەخسۇس تۈرلەرگە ئىجازەت ئالغان مەتبەئە كارخانىسى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ.
7 - ماددا مەخسۇس تىجارەت قىلىدىغان ياكى قوشۇمچە تىجارەت قىلىدىغان نەشر بۇيۇمى مەتبەئە كارخانىلىرىنى تەسىس قىلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:
(1) كارخانىنىڭ نامى ۋە نىزامى بولۇشى؛
(2) بەلگىلەنگەن كەسپىي دائىرىسى بولۇشى؛
(3) ئىشلەپقىرىش، تىجارەت قىلىش سورۇنى ۋە زۆرۈر بولغان ماشىنا، ئۈسكۈنە قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش شارائىتىنى ھازىرلىشى؛
(4) كەسپىي دائىرىسىگە ماسلىشالايدىغان تەشكىلىي ئاپپارات ۋە خادىمى بولۇشى؛
(5) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي قائىدە - تۈزۈملىرىدە بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
نەشر بۇيۇمى بېسىش كارخانىسىنى قۇرۇشتا، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمىلەردىن باشقا، يەنە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار نەشر بۇيۇمى بېسىش كارخانىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، قۇرۇلمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسىگە مۇۋاپىق كېلىشى لازىم.
8 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى مەخسۇس بېسىش ياكى قوشۇمچە بېسىش كارخانىسى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە رەسمىيەت ئۆتەش كېرەك:
1( ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىپ ھەمدە تۆۋەندىكى ھۆججەت، ماتېرىياللارنى قوشۇپ يوللاش كېرەك:
)1( ئىلتىماس ۋە يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان تەتقىقات دوكلاتى؛
)2( كارخانىنىڭ نىزامنامىسى؛
)3( كارخانىغا مەسئۇل تارماقنىڭ دوكلاتى؛
)4( تىجارەت سورۇنىنىڭ ئىسپاتى؛
)5( قانۇنلۇق ۋەكىلىنىڭ ئىسپاتى؛
)6( مەبلەغ )مال - مۈلۈك( ئىسپاتى.
2) ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئارقىلىق نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىش ئىجازەتنامىسى بېرىلىدۇ.
3( دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، نەشر بۇيۇمى بېسىش ئىجازەتنامىسىنى ئېلىپ ج خ تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئالاھىدە كەسىپ ئىجازەتنامىسى بېرىلىدۇ.
4) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، نەشر بۇيۇمى بېسىش ئىجازەتنامىسى، ئالاھىدە كەسىپ ئىجازەتنامىسى ئېلىپ، سودا - سانائەت باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىپ، تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالغاندىن كېيىن نەشر بۇيۇمى بېسىشقا بولىدۇ.
5( <نەشر بۇيۇمى بېسىش ئىجازەتنامىسى> نى ئالغان كارخانا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئورنىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق كىتاب - ژۇرنال بېسىش كارخانىسى قىلىپ بېكىتىلىدۇ ھەمدە <ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق ژۇرنال بېسىش كارخانىسى> كىتاب - ژۇرنال بېسىش كارخانىسىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئورنىغا تەكشۈرتۈپ، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە تەكشۈرۈشكە يوللاپ، تەستىقلاتقاندىن كېيىن دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق كىتاب - ژۇرنال بېسىش كارخانىسى قىلىپ بېكىتىدۇ ھەمدە <دۆلەت دەرىجىلىك كىتاب - ژۇرنال بېسىش كارخانىسى كىنىشكىسى> تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
9 - ماددا نەشر بۇيۇمى باسىدىغان جۇڭگو ۋە چەت ئەل بىرلىكتە مەبلەغ سالغان مەتبەئە تىجارەت كارخانىسى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى مەتبەئە تىجارەت كارخانىسىنى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە رەسمىيەت ئۆتىشى لازىم:
1( بىرلىكتە مەبلەغ سالغان ۋە ھەمكارلاشقان كارخانىلاردىكى جۇڭگو تەرەپ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىش ھەمدە تۆۋەندىكى ھۆججەت، ماتېرىياللارنى قوشۇپ يوللاش كېرەك:
)1( ئىلتىماس ۋە يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان تەتقىقات دوكلاتى؛
)2( توختامنامە ۋە نىزامنامىسى؛
)3( مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋە مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئىسىملىكى؛
)4( جۇڭگو تەرەپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ يوللاش پىكىرى؛
)5( چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىنىڭ مەبلەغ ئىسپاتى ۋە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى.
2) ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تەكشۈرۈپ، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ، تەستىقلاتقاندىن كېيىن قانۇن بويىچە باشقا رەسمىيەتلەرنى ئۆتىشى لازىم.
10 - ماددا چەت ئەل مۇستەقىل مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىش كارخانىسىنى قۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.
11 - ماددا نەشر بۇيۇمى باسىدىغان مەتبەئە كارخانىسى تىزىمغا ئالدۇرغان ئاساسىي تۈرلەرنى ئۆزگەرتكەندە، تىجارەتتىن توختىغاندا، كەسىپ ئۆزگەرتكەندە، بىرلەشتۈرگەندە، بىرلىشىپ تىجارەت قىلغاندا، ئايرىلغاندا ياكى ئورۇن يۆتكەلگەندە چوقۇم ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق ھەمدە ئەسلى تىزىمغا ئالدۇرغان ج خ تارمىقى، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەش لازىم.
ئۈچىنچى باب نەشر بۇيۇمى بېسىشنى باشقۇرۇش
12 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشتا، باسما توختام تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ھەربىر باسما تۈرى توغرىسىدا، نەشر قىلغۇچى ئورۇن بىلەن نەشر بۇيۇملىرىنى باسقۇچى كارخانا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە توختام تۈزۈشى لازىم.
13 - ماددا دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق كىتاب - ژۇرنال بېسىش كارخانىلىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق كىتاب - ژۇرنال بېسىش كارخانىلىرى - مەملىكەت ئىچىدىكى نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ؛ نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىش ئىجازەتنامىسىنى ئالغان مەتبەئە كارخانىلىرى - ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قارشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق باشقا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەمۇرىي رايونلاردىكى نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. نەشر بۇيۇملىرىنى تىزىش، بەت ياساش، تۈپلەش قاتارلىق مەخسۇس تۈرلەر بويىچە ئىجازەتنامە ئالغان مەتبەئە كارخانىلىرى ئادەتتە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەمۇرىي رايون سىرتىدىكى نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىزىش، بەت ياساش، تۈپلەش قاتارلىق كەسىپلىرىنى قوبۇل قىلىش زۆرۈرىيىتى بولسا، چوقۇم ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋە ئالاقىدار ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئورنىنىڭ كېڭىشىشى ۋە ئورتاق تەستىقلىشى ئارقىلىق قوبۇل قىلىشى لازىم.
14 - ماددا نەشر ئورۇنلىرى نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى ھاۋالە قىلسا، چوقۇم تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى لازىم:
(1) نەشر ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېسىشنى ھاۋالە قىلغان نەشر بۇيۇملىرىغا چوقۇم نەشر قىلغۇچى ئورۇننىڭ نامى، ئادرېسى، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، نەشر نومۇرى، سىزىقلىق رەقەم، نەشردىن چىققان ۋاقتى، سان نومۇرى، بېسىشنى قوبۇل قىلغان كارخانىنىڭ ھەقىقىي نامى، ئادرېسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئالاقىدار ئىش تۈرلىرىنى كىرگۈزۈشى لازىم.
(2) نەشر ئورۇنلىرى بېسىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى چوقۇم نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىش ئىجازەتنامىسى ئالغان مەتبەئە كارخانىسىغا ھاۋالە قىلىشى لازىم.
(3) نەشر ئورۇنلىرى كىتاب - ژۇرناللارنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق كىتاب - ژۇرنال مەتبەئە كارخانىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق كىتاب - ژۇرنال مەتبەئە كارخانىسىغا بېسىشنى ھاۋالە قىلسا، قوبۇل قىلغۇچى مەتبەئە كارخانىسىغا چوقۇم ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى نازارەت قىلىپ بىر تۇتاش ياساتقان <كىتاب - ژۇرنال بېسىش ھاۋالىنامىسى> (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ <ۋاكالەتنامە> دەپ ئاتىلىدۇ) نى كۆرسىنىشى لازىم؛ گېزىت بېسىشنى ھاۋالە قىلسا، بېسىشنى قوبۇل قىلغان مەتبەئە كارخانىسىغا چوقۇم <گېزىت تىزىملىتىش كىنىشكىسى> ۋە بېسىشنى ھاۋالە قىلىش تونۇشتۇرۇشىنى كۆرسىتىش لازىم. گېزىت - ژۇرناللارنىڭ قوشۇمچە بېتىنى ياكى قوشۇمچە سانىنى بېسىشنى ھاۋالە قىلسا، چوقۇم بېسىشنى قوبۇل قىلغان مەتبەئە كارخانىسىغا ژۇرنال تىزىملىتىش كىنىشكىسى ۋە بېسىشنى ھاۋالە قىلىش تونۇشتۇرۇشىنى كۆرسىتىشى ھەمدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىغان ھۆججىتى ۋە بېسىشقا رۇخسەت قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى لازىم.
(4) نەشر ئورۇنلىرى نەشر بۇيۇملىرىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىش ئىجازەتنامىسى ئالغان مەتنەئە كارخانىسى ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى تىزىش، بەت ياساش، تۈپلەش قاتارلىق مەخسۇس تۈرلەر بويىچە ئىجازەتنامە ئالغان كارخانىغا بېسىشقا ھاۋالە قىلسا، چوقۇم ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە تەستىقلىتىشى ھەمدە ئالدىنقى ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە رەسمىيەت ئۆتىشى لازىم.
(5) نەشر ئورۇنلىرى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ھالقىپ نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى ھاۋالە قىلسا، نەشر قىلغۇچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ۋە بېسىشنى قوبۇل قىلغۇچى كارخانا تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى لازىم.
(6) نەشر ئورۇنلىرى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىنى بېسىشنى ھاۋالە قىلسا، چوقۇم ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى بەلگىلىگەن نەشر بۇيۇمى بېسىش ئىجازەتنامىسى ئالغان مەتبەئە كارخانىسىغا ھاۋالە قىلىشى لازىم.
(7) نەشر ئورۇنلىرى ھاۋالە قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىزىش، بەت ياساش، تۈپلەش قاتارلىق ئىش تۈرلىرىنى بىرلا كارخانىدا ئورۇنداشقا ئىمكانىيەت بولمىسا، بېسىشنى قوبۇل قىلغان ھەر قايسى كارخانىلارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا <ھاۋالىنامە> بېرىشى لازىم.
(8) نەشر ئورۇنلىرى نەشر بۇيۇملىرىنى چەت ئەلدە بېسىشقا ھاۋالە قىلسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە رەسمىيەت ئۆتىشى لازىم.
15 - ماددا نەشر ئورۇنلىرىدىن باشقا ئورۇنلار ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرىدىكى نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى ھاۋالە قىلسا، چوقۇم ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە تەستىقلىتىشى لازىم.
16 - ماددا نەشر بۇيۇمى باسىدىغان كارخانىلار نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى قوبۇل قىلغاندا چوقۇم تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى لازىم:
(1) دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق كىتاب - ژۇرنال باسىدىغان كارخانىلار ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق كىتاب - ژۇرنال باسىدىغان كارخانىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى نەشر ئورۇنلىرى بېسىشنى ھاۋالە قىلغان كىتاب - ژۇرناللارنى قوبۇل قىلغاندا چوقۇم نەشر ئورۇنلىرىنىڭ تامغىسى بېسىلغان <ھاۋالىنامە> نى تەكشۈرۈشى ھەمدە ساقلاپ قويۇشى لازىم. نەشر ئورۇنلىرى ھاۋالە قىلغان گېزىتلەرنى بېسىشنى قوبۇل قىلغاندا، چوقۇم نەشر قىلغۇچى ئورۇننىڭ گېزىت تىزىملىتىش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە بېسىشنى ھاۋالە قىلىش تونۇشتۇرۇشىنى ساقلىشى لازىم.نەشر ئورۇنلىرى ھاۋالە قىلغان گېزىت - ژۇرناللارنىڭ قوشۇمچە بەت ياكى قوشۇمچە سانلىرىنى بېسىشنى قوبۇل قىلغاندا، تىزىملىتىش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە بېسىشنى ھاۋالە قىلىش تونۇشتۇرۇشىنى ساقلىغاندىن سىرت، يەنە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەستىق ھۆججىتى ياكى بېسىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ساقلاپ قويۇشى لازىم.
(2) نەشر بۇيۇمى باسىدىغان كارخانىلار ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى تىزىش، بەت ياساش، تۈپلەش قاتارلىق مەخسۇس تۈرلەر بويىچە ئىجازەتنامە ئالغان مەتبەئە كارخانىلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى نەشر ئورۇنلىرىنىڭ ھاۋالە قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى قوبۇل قىلغاندا، چوقۇم ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەستىقلاش ھۆججىتىنى تەكشۈرۈپ ساقلاشتىن سىرت، يەنە ئالدىنقى ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە رەسمىيەت ئۆتىشى لازىم.
(3) نەشر بۇيۇمى باسىدىغان كارخانىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەخسۇس نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن باشقا ئورۇنلار ھاۋالە قىلغان ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرىدىكى نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى قوبۇل قىلغاندا، چوقۇم ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەستىق ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ساقلىشى لازىم.
(5) نەشر بۇيۇمى باسىدىغان كارخانىلار چەت ئەل نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى قوبۇل قىلغاندا، چوقۇم چەت ئەل نەشر ئورۇنلىرى چىقارغان ئەسەر ھوقۇقىنىڭ ئالاقىدار قانۇنلۇق ئىسپات ھۆججىتىنى كۆرۈشى ھەمدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق بېسىشنى قوبۇل قىلىشى لازىم. بېسىلغان نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى چېگرىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشى، چېگرا ئىچىدە تارقاتماسلىقى لازىم.
(6) نەشر بۇيۇمى باسىدىغان كارخانىلار نەشر ئورۇنلىرىدىن بېسىش كەسپىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقا مەتبەئە كارخانىلرىغا ئۆتۈنمەسلىكى لازىم. نەشر ئورۇنلىرى بېسىشقا ھاۋالە قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنىڭ قەغەز قېلىپىنى ياكى پىليونكىلىرىنى ئىجارىگە بېرىش، ئارىيەت بېرىش، سېتىش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق باشقا ئورۇنلارغا ياكى شەخسكە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.
(7) نەشر بۇيۇمى باسىدىغان كارخانىلار ئۈچىنچى شەخس ھاۋالە قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشقا قوبۇل قىلماسلىقى، خالىغانچە كۆپەيتىپ باسماسلىقى ھەمدە ساتماسلىقى لازىم.
(8) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تەستىق سالمىغان، باشقا ئورۇنلار بېسىشقا ھاۋالە قىلغان ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرىدىكى نەشر بۇيۇملىرىنى باسماسلىقى لازىم.
17 - ماددا نەشر بۇيۇمى باسىدىغان كارخانىلار نەشر بۇيۇملىرىنى تۈزۈش، تىراژ توپلاش، ساختا نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىش ياكى باشقىلارنىڭ نامىنى سېتىپ نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىش، سېتىش، نەشر بۇيۇملىرىنى ئوغرىلاپ بېسىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىقى لازىم.
18 - ماددا نەشر بۇيۇمى باسىدىغان كارخانىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى ۋە يىللىق ئېنىقلاپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى لازىم.
19 - ماددا <نەشر بۇيۇمى بېسىش ئىجازەتنامىسى>، <دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق كىتاب - ژۇرنال بېسىش كارخانىسى كىنىشكىسى>، <ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق كىتاب - ژۇرنال بېسىش كارخانىسى كىنىشكىسى> ئاخبارات نەشرىيات مەھكىمىسى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىپ ياسىلىپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ تارقىتىلىدۇ.
تۆتىنىچى باب جازا پرىنسىپى
20 - ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى قوبۇل قىلسا ياكى ھاۋالە قىلسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتكەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى قانۇنسىز پائالىيەتلەرنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، بېسىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى ۋە قانۇنسىز پائالىيىتىدە ئىشلەتكەن ئاساسلىق كەسپىي قورال سايمىنى، ئۈسكۈنىلىرى ھەمدەقانۇنسىز تاپاۋەتلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، بېسىلغان نەشر بۇيۇمى ئومۇمىي باھاسىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
21 - ماددا نەشر ئورۇنلىرىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، نەشر بۇيۇملىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئومۇمىي باھاسىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئەھۋال ئېغىر بولسا ئەسلى ئىجازەتنامە تارقاتقان ئورۇن ئىجازەتنامىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ:
(1) نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان مەتبەئە كارخانىلىرىغا نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى ھاۋالە قىلسا؛
(2) نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشلار بىلەن تەمىنلىمىسە؛
(3) باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا.
22 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى باسىدىغان كارخانىلاردا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرسى كۆرۈلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتكەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش، نەشر بۇيۇملىرىنى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش ھەمدە بېسىلغان نەشر بۇيۇملرىنىڭ ئومۇمىي باھاسىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىدۇ. ئەھۋال ئېغىر بولسا، ئەسلى ئىجازەتنامە تارقاتقان ئورۇن ئىجازەتنامىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
(1) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى قوبۇل قىلسا؛
(2) ئۆز ئالدىغا نەشر بۇيۇملىرىنى باشقىلارغا بېسىشنى ھاۋالە قىلسا ياكى قانۇنسىز ھالدا باشقىلار ھاۋالە قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى قوبۇل قىلسا؛
(3) ساختا ياكى باشقىلارنىڭ نامىنى ئوغرىلاپ نەشر بۇيۇملىرىنى باسسا، ساتسا؛
(4) باشقىلارنىڭ نەشر بۇيۇملىرىنى ئوغرىلاپ ساتسا؛
(5) باشقىلار بېسىشقا ھاۋالە قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز ھالدا كۆپەيتىپ باسسا ياكى ساتسا؛
(6) نەشر بۇيۇملىرىنى تۈزسە، تىراژ توپلىسا، ساتسا؛
(7) نەشر ئورۇنلىرى بېسىشنى ھاۋالە قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنىڭ قەغەز قېلىپى ۋە پىليونكىسىنى ئۆز ئالدىغا ئىجارىگە، ئارىيەتكە بەرسە، ساتسا ياكى باشقا ھەرقانداق ئۇسۇل ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسە؛
(8) تەستىقلاتماي تۇرۇپ چەت ئەل نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشنى قوبۇل قىلسا؛
(9) باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا.
بەشىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ
23 - ماددا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى بېسىش - باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى بۇ بەلگىلىمىدىكى پرىنسىپقا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ.
24 - ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغا كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.