UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى

قانۇنلار (1979 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى 5 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1982 – يىل 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى 5 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى> دىكى بەزى بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن بىرىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن، 1986 – يىل 12 – ئاينىڭ 2 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18 – سانلىق يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن ئىككىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن، 1995 – يىل 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 8 – نۆۋتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12 – سانلىق يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن ئۈچىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن، 2004 – يىل 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12 – سانلىق يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۆتىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن) 1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 – ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايون، يېزا، مىللىي يېزا، بازارلاردا خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىنىدۇ. 2 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنىدۇ. 3 – ماددا ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزگەندىن تاشقىرى، ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە باشقا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. 2 – باب يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى 4 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگىنى. 5 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيى سايلايدۇ؛ ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق ۋە بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە ساقلايدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە ۋەكىللەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى سايلام قانۇنىدا بەلگىلىنىدۇ. ھەر قايسى سايلام قانۇنىدا بەلگىلىنىدۇ. ھەر قايسى مەمۇرىي رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى لازىم. 6 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. 7 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كەلمەسلىك شەرتى ئاستىدا، يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ چىقسا ۋە ئېلان قىلسا بولىدۇ، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق شەھەرلىك ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان چوڭراق شەھەرلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ شەھەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. 8 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ: (1) ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرىغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرىغا ئەمەل قىلىشى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا، دۆلەت پىلانى ۋە دۆلەت خام چوتىنى ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ (2) ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، خام چوتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ ھەم تەستىقلايدۇ؛ (3) ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، مۇھىت مۇھاپىزىتى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنى قوغداش، خەلق ئىشلىرى، مىللەتلەر خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە دائىر چوڭ – چوڭ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە بەلگىلەيدۇ؛ (4) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان خادىملارنى سايلايدۇ؛ (5) ئۆلكىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى، شەھەرنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ئوبلاستنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ھاكىم ۋە مۇئاۋىن ھاكىملار، رايوننىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى سايلايدۇ؛ (6) شۇ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلايدۇ؛ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سايلانغان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئارقىلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ؛ (7) بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلايدۇ؛ (8) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ھەم تەكشۈرىدۇ؛ (9) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ھەم تەكشۈرىدۇ؛ (10) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ (11) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامۇۋاپىق بېكىتمە ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ (12) سوتسىيالىستىك ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى مال – مۈلۈكنى ۋە ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنى قوغدايدۇ، پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ئىگىدارلىقىدىكى قانۇنىي مال – مۈلۈكنى قوغدايدۇ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلايدۇ، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ (13) تۈرلۈك ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ؛ (14) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ (15) ئاياللارنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئېلىش ۋە نىكاھ ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 9 – ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق ۋە بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ: (1) ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارغا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرىغا ئەمەل قىلىش ھەم ئۇنى ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ (2) خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە قارارلارنى ماقۇللايدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ؛ (3) دۆلەت پىلانىغا ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە جامائەت ئىشلىرىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى بەلگىلەيدۇ؛ (4) ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مالىيە خام چوتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تەكشۈرىدۇ ھەم تەستىقلايدۇ؛ (5) ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى يولغا قويۇش پىلانىنى بەلگىلەيدۇ؛ (6) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى سايلايدۇ؛ (7) يېزىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، بازارنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى سايلايدۇ؛ (8) يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتلىرىنى ئاڭلايدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ؛ (9) يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ (10) سوتسىيالىستىك ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى مال – مۈلۈكنى ۋە ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنى قوغدايدۇ، پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ئىگىدارلىقىدىكى قانۇنىي مال – مۈلۈكنى قوغدايدۇ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلايدۇ. پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ (11) تۈرلۈك ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ؛ (12) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ (13) ئاياللارنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئېلىش ۋە نىكاھ ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق ۋە بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، مىللىي ئالاھىدىلىككە ماس كېلىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىشى لازىم. 10 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى خادىملارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنى ۋە ئۆزى سايلىغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىشىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئارقىلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. 11 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ يىغىنى ھەر يىلى ئاز دىگەندە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. بەشتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق ۋەكىلنىڭ تەكلىپى بىلەن، شۇ دەرىجلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىنى قەرەلسىز چاقىرىشقا بولىدۇ. 12 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى چاقىرىدۇ. 13 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنىدا تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، شۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە كاتىپى سايلاپ چىقىلىدۇ، شۇ قېتىملىق يىغىننىڭ قارالمىسى ۋە باشقا تەييارلىق ئىشلىرى توغرىسىدا قارار ماقۇللىنىدۇ. تەييارلىق يىغىنىغا شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىغا ئالدىنقى نۆۋەتلىك شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، يىغىنغا ھەيئەت رىياسەت رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ يىغىنىدا بىر نەچچە مۇئاۋىن باش كاتىپ قويۇلىدۇ؛ مۇئاۋىن باش كاتىپلارنىڭ نامزاتىنى ھەيئەت رىياسەت بەلگىلەيدۇ. 55 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەم ئۇلارغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يېپىق مەزگىلدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى، ئۇلار گوۋويۈەنگە بويسۇنىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەمۇرىي ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى كېرەك. 56 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۆلكىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى، شەھەرنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ئوبلاستنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى ھەم باش كاتىپ، نازىر، ئىدارە باشلىقى، كومىتېت مۇدىرلىرى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ھاكىم، مۇئاۋىن ھاكىملار، شەھەرنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، رايوننىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ھەم ئىدارە باشلىقى، بۆلۈم باشلىقلىرى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە يېزا باشلىقلىرى قويۇلىدۇ. مىللىي يېزىلارنىڭ يېزا باشلىقلىقىنى مىللىي يېزا قۇرغان ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە بازار باشلىقى ۋە مۇئاۋىن بازار باشلىقلىرى قويۇلىدۇ. 57 – ماددا يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى قانۇن بويىچە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، ئىككى ئاي ئىچىدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، نازىر، ئىدارە باشلىقى، كومىتېت مۇدىرى ۋە بۆلۈم باشلىقىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىشىنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك. 58 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. 59 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ: (1) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قارارلىرىنى ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ بەلگىلىمە ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. مەمۇرىي تەدبىرلەرنى بەلگىلەيدۇ، بەلگىلىمە ۋە بۇيرۇقلارنى چىقىرىدۇ؛ (2) ئۆز قارىمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ؛ (3) ئۆز قارىمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ نامۇۋاپىق بۇيرۇق ۋە يوليورۇقلىرىنى، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق بەلگىلىمە ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ (4) قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ، ۋەزىپىدىن قالدۇرىدۇ، يېتىشتۈرىدۇ، سىنايدۇ، مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ؛ (5) خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، خام چوتىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى ئىقتىساد، مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرى، مۇھىت مۇھاپىزىتى، بايلىق مەنبەلىرىنى قوغداش، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرى، مالىيە، خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مىللەتلەر ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئىشلىرى، رېۋىزىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق مەمۇرىي خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ؛ (6) سوتسىيالىستىك ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى مال – مۈلۈكنى ۋە ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال – مۈلۈكنى قوغدايدۇ، پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ئىگىدارلىقىدىكى قانۇنلۇق مال – مۈلۈكنى قوغدايدۇ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلايدۇ، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ؛ (7) تۈرلۈك ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ؛ (8) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن يولغا قويۇشىغا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ؛ (9) ئاياللارنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بېرىلگەن ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئېلىش ۋە نىكاھ ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ (10) يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى تاپشۇرغان باشقا ئىشلارنى بېجىرىدۇ 60 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇنلارغا، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ يەرلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن قائىدىلەرنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق شەھەرلەر ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان چوڭراق شەھەرلەرنىڭ خەلق ھۆكۈمىتى قانۇنلارغا، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن قائىدىلەرنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قائىدىلەرنى تۈزۈشتە، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دائىمىي كېڭىشىنىڭ ياكى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ۋە قارارىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. 61 – ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ: (1) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە ۋە بۇيرۇقلىرىنى چىقىرىدۇ؛ (2) ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، خام چوتىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرى ۋە مالىيە، خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئىشلىرى ۋە پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق مەمۇرىي خىزمەتلىرىنى باشقۇرىدۇ؛ (3) سوتسىيالىستىك ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى مال – مۈلۈكنى ۋە ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال – مۈلۈكنى قوغدايدۇ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلايدۇ، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ؛ (4) تۈرلۈك ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ؛ (5) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ؛ (6) ئاياللارنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئېلىش ۋە نىكاھ ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ (7) يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاپشۇرغان باشقا ئىشلارنى بېجىرىدۇ. 62 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۆلكە باشلىقى، ئاپتونوم رايون رەئىسى، شەھەر باشلىقى، ئوبلاست باشلىقى، ھاكىم، رايون باشلىقى، يېزا باشلىقى ۋە بازار باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئۆلكە باشلىقى، ئاپتونوم رايون رەئىسى، شەھەر باشلىقى، ئوبلاست باشلىقى، ھاكىم، رايون باشلىقى، يېزا باشلىقى ۋە بازار باشلىقى ئايرىم – ئايرىم ھالدا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. 63 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يىغىنى ئومۇمىي يىغىن ۋە دائىمىي ئىشلار كېڭىشى دەپ ئايرىلىدۇ. ئومۇمىي يىغىن شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دائىمىي ئىشلار كېڭىشى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۆلكىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى، شەھەرنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ئوبلاستنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى ھەم باش كاتىپتىن تەركىب تاپىدۇ. ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دائىمىي ئىشلار كېڭىشى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ھاكىم ۋە مۇئاۋىن ھاكىملار، شەھەرنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، رايوننىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۆلكە باشلىقى، ئاپتونوم رايون رەئىسى، شەھەر باشلىقى، ئوبلاست باشلىقى، ھاكىم ۋە رايون باشلىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ۋە دائىمىي ئىشلار كېڭىشىنى چاقىرىدۇ ھەم ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي ئىشلار كېڭىشىدە ياكى ئومۇمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلىشى كېرەك. 64 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خىزمەت ئېھتىياجىغا ۋە خىل – ئىخچام بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، زۆرۈر خىزمەت تارماقلىرىنى تەسىس قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە مۇپەتتىشلىك ئورگىنى تەسىس قىلىنىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مۇپەتتىشلىك ئورگىنى قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مۇپەتتىشلىك، نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى مۇپەتتىشلىك ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نازارەت، ئىدارە، كومىتېت قاتارلىق خىزمەت تارماقلىرىنى تەسىس قىلىش، كۆپەيتىش، ئازايتىش ياكى قوشۇۋېتىشنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق ايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىدارە، بۆلۈم قاتارلىق خىزمەت تارماقلىرىنى تەسىس قىلىش، كۆپەيتىش، ئازايتىش ياكى قوشۇۋېتىشنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. 65 – ماددا نازارەت، ئىدارە، كومىتېت، بۆلۈملەردە ئايرىم – ئايرىم ھالدا نازىر، ئىدارە باشلىقى، مۇدىر، بۆلۈم باشلىقى قويۇلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، مۇئاۋىنلىرى قويۇلسىمۇ بولىدۇ. بەنگۇڭتىڭ، ئىشخانىلاردا مۇدىر قويۇلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇئاۋىن مۇدىرلار قويۇلسىمۇ بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە بىر باش كاتىپ، بىر قانچە مۇئاۋىن باش كاتىپ قويۇلىدۇ. 66 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە بولىدۇ ھەمدە قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەندىكى مەسئۇل تارماقلارنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىدە ياكى رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە بولىدۇ ھەمدە قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەندىكى مەسئۇل تارماقلارنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىدە ياكى رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە بولىدۇ ھەمدە قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىكى مەسئۇل تارماقلارنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىدە ياكى رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. 67 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە تەسىس قىلىنغان، ئۆزى باشقۇرمايدىغان دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا ئورۇنلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتلىرىگە ھەمكارلىشىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇن ۋە سىياسەتلەرگە رىئايە قىلىشىغا ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك. 68 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى زۆرۈر تاپقاندا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى ئارقىلىق بىر قانچە ۋاكالەت ئورگىنى تەسىس قىلسا بولىدۇ. ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى زۆرۈر تاپقاندا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋاكالەت ئورگىنى سۈپىتىدە رايونلۇق مەھكىمىلەرنى تەسىس قىلسا بولىدۇ. شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، رايونسىز شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ۋاكالەت ئورگىنى سۈپىتىدە مەھەللە باشقارمىلىرىنى تەسىس قىلسا بولىدۇ. 5 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ 69 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار