كىتاب نومۇرى بىلەن ژۇرنال چىقرىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1989 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى. (89) ئاخبارات - نەشرىيات. ژۇرنال 140 - نومۇرلۇق
بىر مەزگىلدىن بۇيان، بەزى نەشرىياتلارنىڭ ژۇرنال چىقىرىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا، تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، خالىغىنىچە كىتاب نومۇرى بىلەن ژۇرنال چىقىرىپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغانلىقى كەينى - كەينىدىن مەلۇم بولدى. بۇنداق نەشر بۇيۇملىرى ئەمەلىيەتتە ژۇرنال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ژۇرنالنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بەلگىسى شۇكى، ئۇنىڭ بەتلىرى ئادەتتىكى ژۇرنالنىڭكىدەك 16 فورماتلىق قىلىپ لايىھىلىنىدۇ، مەزمۇن جەھەتتە خىلمۇ خىل ماقالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بەزىلىرىدە تېخى ھەر خىل مەخسۇس بەتلەر ئېچىلغان بولىدۇ؛ قەرەللىك ياكى ئاساسىي جەھەتتىن قەرەللىك چىقىرىلىدۇ، بەزىلىرى بىر - ئىككى سان چىقىپلا توختاپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭغا ژۇرنال نومۇرى ئىشلىتىلمەي كىتاب نومۇرى ئىشلىتىلىدۇ، بىرلىككە كەلگەن ژۇرنال ئىسمىنى قوللىنىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر بىر سانىغا باشقا ـ باشقا مەزمۇنلار بېرىلىدۇ؛ نەشردىن چىققان يىلى، ئېيى ۋە سانى ئومۇمەن مۇقاۋىنىڭ 1 - بېتىگە بېرىلمەيدۇ؛ مەزمۇنلىرىنىڭ كۆپنچىسى چاكىنا بولىدۇ، ھەتتا شەھۋانىيلىق ۋە ئوغرىلىق - بۇلاڭچىلىقنى تەشۋىق قىلىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ؛ كۆپچىلىكى <ھەمكارلىشىپ نەشر قىلىش> نامى بىلەن چىقىدۇ، ئەمەلىيەتتە ماقالە تاللاش، تەھرىرلەش، بېسىش، تارقىتىش، تەشۋىق قىلىش، ھەتتا ئاخىرقى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى ھەمكارلاشقۇچى تەرەپكە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەن بولىدۇ. نەشرىيات كىتاب نومۇرىنى بەرگەندىن كېيىن ھېچ ئىش قىلمايلا پايدىغا ئىگە بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ كىتاب نومۇرى سېتىش بولىدۇ.
نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زىيانلىق مەزمۇنلارنىڭ، بولۇپمۇ شەھۋانىيلىق ۋە ئوغرىلىق - بولاڭچىلىق تەشۋىق قىلىنىدىغان ئەسەرلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كىتاب نومۇرى بىلەن ژۇرنال چىقىرىش قىلمىشىنى قاتتىق چەكلەش لازىم، شۇڭا ئالاھىدە تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمە چىقىرىلدى:
1. نەشرىياتلار كىتاب نومۇرى بىلەن ژۇرنال چىقارسا بولمايدۇ؛
2. نەشرىياتلار مەجمۇئە چىقىرىش نامى بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ژۇرنال چىقارسا بولمايدۇ؛ ژۇرناللا بولىدىكەن، ئۇنى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن چىقىرىشقا بولىدۇ؛
3. نەشرىياتلار ھەمكارلىشىپ كىتاب چىقىرىشتا بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم، ژۇرنالنى سېتىپ بېرىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ۋە ئالاقىدار نەشرىياتلار يۇقىرىقى بەلگىلىمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشى ھەمدە يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشى لازىم. ئومۇمەن، يۇقىرىدا دېيىلگەنگە ئوخشايدىغان نەشر بۇيۇملىرى تەھرىرلىنىۋاتقان بولسا تەھرىرلىك خىزمىتىنى توختىتىش، بېسىلىۋاتقان بولسا بېسىشنى، تارقىتىلىۋاتقان بولسا تارقىتىشنى دەرھال توختىتش لازىم.