كۆيدۈرۈۋېتىشكە تېگىشلىك كىتابلارنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش ھەققىدە
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1989 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى (89) ئاخبارات - نەشرىيات. كىتاب 66 - نومۇرلۇق
مەھكىمىمىز 1989 - يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى «پېچەتلەنگەن، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن كىتابلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش چارىسى
توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، ئومۇمەن، مەھكىمىمىز كۆيدۈرۈۋېتىشنى رەسمىي ئۇقتۇرغان ياكى جايلاردىكى ئاخبارات - نەشرىيات
ئىدارىلىرى (ئۆزىگە تەۋە رايونلاردىكى نەشرىياتلار بىلەن چەكلىنىدۇ)
كۆيدۈرۋېتىشنى ئۇقتۇرغان كىتابلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى بىردەك شۇ كىتابلارنى نەشر قىلغان نەشرىياتلارنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ
قىلغانىدى. مۇناسىۋەتلىك كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى تۆۋەندىكىچە قايتا تەكىتلەيمىز:
ئومۇمەن، كۆيدۈرۋېتىپ بىر تەرەپ قىلىش بېكىتىلگەن كىتابلارنىڭ نەشر ھوقۇقى بېتى يىرتىۋېلىنغاندىن كېيىن جايلاردىكى ئاخبارات -
نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش تارمىقى شۇ جايدىكى سودا - سانائەت ۋە مەدەنىيەت باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلكتە، ئۇنى قەغەز زاۋۇتىغا ئېلىپ
بېرىپ كۆيدۈرۋېتىشكە نازارەت قىلىدۇ ھەمدە يىرتىۋېلىنغان نەشر ھوقۇقى بېتىنى ئىسپات قىلىپ، ئەسلىدىكى توپ تارقىتىش پىرسەنتى بويىچە
تۆلەم ھەققى ئالىدۇ. بۇنىڭدا:
شىنخۇا كىتابخانىسى توپ تارقىتىش ئورنىنىڭ باش تارقاتقۇچى ۋە توپ تارقاتقۇچى بولغۇچىسىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، نەشرىيات مۇناسىۋەتلىك
توپ تارقىتىش ئورنىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى، توپ تارقىتىش ئورنى سېتىپ چىقىرىش ئورۇنلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى، سېتىپ چىقىرىش
ئورۇنلىرى كىتابتىن يىرتىۋېلىنغان نەشر ھوقۇقى بېتىنى يىغىپ، توپ تارقىتىش ئورنىغا ئەۋەتىشى ۋە زىيان بولغان پۇلنىڭ ھېساب - كىتاب
رەسمىيىتىنى بېجىرىشى (ھېساب - كىتابنى يوللاپ بېرىش يولغا قويۇلغانلىرىنىڭ رەسمىيىتىنى ئۆلكىلىك كىتابخانا ئارقلىق بېجىرىشى) كېرەك.
نەشر ھوقۇقى بېتىنى پوچتىدىن ئەۋەتىش ھەققىنى نەشرىيات ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۆز يېرىدە كۆيدۈرۈۋېتىلىدىغان كىتابلارنى قەغەز زاۋۇتىغا سېتىپ
بېرىشتىن كىرگەن كىرىم مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتقا تەۋە بولىدۇ.
شىنخۇا كىتابخانىسى باش تارقاتقۇچى بولۇشنى ئۈستىگە ئالمىغان بولسا، جايلاردىكى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش تارماقلىرى (مەدەنىيەت
بازارلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نەشر ھوقۇقى بېتىنى بىر تۇتاش يىغىپ، مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتتىن تۆلەم ھەققى ئالىدۇ. ئۆز
بېرىشتىن كىرگەن كىرىم مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتقا تەۋە سېتىپ بېرىشتىن كىرگەن كىرىم مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتقا تەۋە بولىدۇ، نەشر ھوقۇقى
بېتىنى پوچتىدىن ئەۋەتىش ھەققىنى مۇناسىۋەتلىك نەشىرىيات ئۈستىگە ئالىدۇ.
نۆۋەتتە، جازالانغان نەشرىياتلارنىڭ كۆپىنچىسى تۆلەم بېرىش ئىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېجىرىۋاتىدۇ. لېكىن ئايرىم نەشرىياتلار تۆلەم تەلەپ
قىلغان ئورۇننىڭ ئورۇنلۇق تەلىپىگە پىسەنت قىلمايۋاتىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ يولسىز شەرتلەرنى قويۇۋاتىدۇ. مۇشۇ ھۆججەت تارقىتىلغاندىن كېيىن
جازالانغان نەشرىياتلار جايلاردىكى نەشر قىلش، تارقتىش، مەدەنىيەت، سودا - سانائەت ئورۇنلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ،
كۆيدۈرۋېتىلگەن كىتابلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش خىزمىتىنى مۇمكىنقەدەر تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭدىنق كېيىن
تۆلەم بېرىشنى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلغۇچىلار بولسا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ جازاغا تارتىلىدۇ.