UyghurWiki›قانۇن نىزاملار›< جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى > نى يولغا قويۇش كۆرسەتكۈچى
< جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى > نى يولغا قويۇش كۆرسەتكۈچى
قانۇنلار
بىرىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئەھمىيىتى.
ئىككىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى (CRSI) نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئالاھىدىلىكى
ئۈچىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن CRSI نومۇرىنىڭ پەرقى ۋە باغلىنىشى.
تۆتىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى ئىشلىتىش ۋە دىققەت قىلىشقا تېگشىلىك مەسىلىلەر
بەشىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى بېسىش ۋە ئىپادىلەش
ئالتىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى
يەتتىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى باشقۇرۇش
كىرىش سۆز
< جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى > ( 92 - 13396BG,edoC gnidroceR dradnatS anihC ) كۇپىيىسى مەملىكەتلىك ھۆججەت - ماتېرىيال خىزمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتىنىڭ نەشر بۇيۇملىرى شەكلى تارماق تېخنىكا كومىتېتى يېزىشقا ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە دۆلەت تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى ئېلان قىلغان مەجبۇرىيەت خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى. بۇ دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدىكى بارلىق ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغۇچىلار ئىشلەپ نەشر قىلغان ھەر بىر خىل ئۈن - سىن بۇيۇمى ( جۈملىدىن ناخشا پلاستىنكىسى، ئۈنئالغۇ لېنتىسى، سىنئالغۇ لېنتىسى، لازېر سىن، ناخشا دىسكىلىرى قاتارلىقلار ) ۋە ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر مۇستەقىل نومۇرلارنىڭ ھەممىسىگە بىر پەرقلەندۈرۈش نومۇرى - جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى قوشۇش كېرەك. ئۇ خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرى ( edoC gnidroceR dradnatS lanoitanretnI - CRSI ) ۋە تۈر ۋاكالەت نومۇرىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن ھاسىل بولغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى CRSI خۇددى NBSI ( خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى ) كىتابلارغا، NSSI (خەلقئارا ئۆلچەملىك ژۇرنال نومۇرى ) گېزىت، ژۇرناللارغا بېرىلگلەنگە ئوخشاش، يەنە بىر چوڭ تۈردىكى نەشر بۇيۇمى - ئۈن - سىن بۇيۇمىغا بېرىلگەن خەلقئارا ئۆلچەملىك نومۇر.
كەڭ ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى توغرا چۈشىنىپ، توغرا ئىجرا قىلىشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، بۇ كۆرسەتكۈچ تۈزۈپ بېسىلدى.
بىرىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئەھمىيىتى.
20 - ئەسىر كىرگەندىن كېيىن بولۇپمۇ 60 - يىللاردىن بويان، ئاۋاز، نۇر، ئېلېكتر، ماگنىت قاتارلىق زامانىۋى پەن - تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى بولغان، قەغەزنى توشۇغۇچى جىسىم قىلغان مەتبەئە تېخنىكىسى ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان نەشر بۇيۇملىرى كۆپ خىل توشۇغۇچى جىسىم، كۆپ خىل پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنەر - سەنئىتى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرىغا تەرەققىي قىلدى. ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان، ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ئەڭ تېز ئاشقان، تارقىتىلىش دائىرىسى بارغانسېرى كەڭ بولۇۋاتقان بىر خىل ئالاھىدە تىپتكى نەشر بۇيۇمى بولۇپ قالدى.
ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، تارقىتىش، ساقلاش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، بازار باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللىنىلىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى noitazinagrO dradnatS lanoitanretnI ( قىسقارتىپ OSI دېيىلىدۇ ) 1986 - يىلى خەلقئارادا بىر تۇتاش قوللانغىلى بولىدىغان، ھەر بىر دۆلەتتىكى ھەر بىر ئۈن - سىن بۇيۇمى نەشر قىلغۇچى ئىشلەپ چىقارغان ھەر بىر خىل ئۈن - سىن بۇيۇمى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر مۇستەقىل نومۇرنى بىردىنبىر ئىپادىلىگىلى بولىدىغان ئۆلچەملىك نومۇر - خەلقئارا ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى (CRSI) نى بەلگىلەپ چىقتى. بۇ نومۇر ئالدى بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان خەلقئارا ناخشا پلاستىنكىسى ئىشلىرى جەمئىيىتى ( IPFI ____ yetsudnIcihparsonohP fo noitaredeF lanoitanretnI ) ( 33IPFI ___ yrtsudnI cihpargonohpfnoitaredeF lanoitanretnI ) تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى ھەمدە 1988 - يىلى ئەزالىرىغا CRSI نومۇرىنى مۇزىكا سىنئالغۇ فىلىملىرىنىڭ ( VTM ) خاتىرە بەلگىسى قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
1989 - يىلى خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى (OSI)IPFI غا CRSI نومۇرىنى خەلقئارالىق تىزىملاش ئورگىنىلىق ھوقۇقىنى بېرىپ، ئۇنى CRSI نومۇرىنى دۇنيا مىقياسىدا كېڭەيتىش، باشقۇرۇش، ۋە يولغا قويۇشقا مەسئۇل قىلدى.
1990 - يىلى 3 - ئايدا، IPFI ئامېرىكا ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ئىشلىرى جەمئىيىتى
(AAIR ___ naciremA fo noitaxssA yrtsudnI gnidroceR ) بىلەن بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇۇرپ، CRSI نومۇرىنى خەلقئارالىق پەرق ئېتىش ۋاكالەت نومۇرى قىلىپ ھەر خىل سانلىق ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ ئاۋاز يولىغا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1991 - يىلى 3 - ئايدا، IPFI كومىتېتى يىغىنى بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1991 - يىلى 10 - ئايغىچە ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن باشقا ئامېرىكا، ياپونىيە، كانادا، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ CRSI نومۇرىنى قوللىنىشنى قارار قىلدى. شۇنداق قىلىپ CRSI نومۇرى بىر خەلقئارالىق ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى بولۇپ قالدى.
ھازىر دۆلىتىمىزدە ئۈن - سىن بويۇملىرىنى نەشر قىلىدىغان ئورۇندىن 204 ى بار، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە، 94 نەشرىيات ئۆزلىرىدە نەشر قىلىنغان كىتابلارغا ماسلاشتۇرۇپ ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىدۇ، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك تارقىتىش ئىقتىدارى ئارقىلىق پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەرگە ناھايىتى تېز سىڭىۋاتىدۇ ۋە پارتىينىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئىلىم - پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىماقتا.
لېكىن، دۆلىتىمىزنىڭ ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئىشلىرىدا قەدەم كېچىكىپ ئېلىنغان، باشلىنىش نۇقتىسى تۆۋەن، تەرەققىيات تېز، باشقۇرۇش خىزمىتىدە تەجرىبە كەمچىل بولغاچقا، تەدبىرلەر ۋاقتىدا يېتىشىپ بەرمىگەچكە، بەزى مەسىلىلەرمۇ كېلىپ چىقتى. ئېلىمىزنىڭ ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئىشلىرىنى ساغلام گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ مەزمۇن سۈپىتىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن - تۈزۈم ئىزىغا سېلىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىمۇ چىڭ تۇتش كېرەك.
1989 - يىلى مەملىكەتلىك ھۆججەت ماتېرىيال خىزمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ 46CT/OSI كومىتېتى ئەۋەتكەن CRSI خەلقئارالىق ئۆلچەمنى تاپشۇرۇۋالدى ھەمدە نەشر بۇيۇملىرى نۇسخىسى تارماق تېخنىكا كومىتېتىدىن ئۇنىڭ دۆلىتىمىزدە قوللىنىلىش خاراكتېرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 1990 - يىلى 6 - ئايدا، مەملىكەتلىك ھۆججەت ماتېرىياللار خىزمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتىنىڭ نەشر بۇيۇملىرى نۇسخىسى تارماق تېخنىكا كومىتېتى جۇڭگو CRSI خىزمەت گۇرۇپپىسىنى قۇردى ھەمدە IPFI كاتىبات باشقارمىسى بىلەن ئالاقە ئورناتتى. خىزمەت گۇرۇپپىسى CRSI خەلقئارا ئۆلچىمىنى تولۇق مۇھاكىمە، تەھلىل قىلىش ئاساسىدا، 1991 - يىلى 3 - ئايدا < جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى > دېگەن دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ تەكلىپ نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ تەكلىپ شۇ يىلى 7 - ئايدا تەكشۈرۈپ ماقۇللاندى ۋە دۆلەت تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسىگە يوللاندى. 1992 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دۆلەت تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى تەستىقلاپ ئېلان قىلدى ھەمدە 1993 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇش بەلگىلەندى.
بۇ دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ ئۈن - سىن بۇيۇملىرى خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، قائىدىلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىقىنى كەچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ بىلەن ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، تارقىتىش، يىغىپ ساقلاش تارماقلىرىنىڭ ئىلمىي باشقۇرۇشى ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن شەرت - شارائىت ھازىرلاپ بېرىلدى، شۇنداقلا ئۇ ئېلىمىزنىڭ ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش ۋە بازار باشقۇرۇش ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.
بۇ ئېلىمىزنىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر زور قۇرۇلۇش.
ئىككىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى (CRSI)نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئالاھىدىلىكى
< جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى (CRSI)> دىن ئىبارەت خەلقئارالىق ئۆلچەم ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ ئۆلچەمدە مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نۇمۇرى خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى (CRSI) ۋە تۈر ۋەكالەت نومۇرىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەشكىل قىلىنغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى CRSI نومۇرى جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، ئۇنى مۇستەقىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، جەزمەن CRSI نومۇرىنىڭ خاراكتېرى، قۇرۇلمىسى، ۋە ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش كېرەك.
1. CRSI نومۇرىنىڭ خاراكتېرى
CRSI نومۇرى خەلقئارادىكى ئۈن - سىن بۇيۇملىرىغا بەلگە قويۇش ئۇسۇلى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، CRSI نومۇرى كونكرېت مەھسۇلات ياكى توشۇغۇچى جىسىمنى ئەمەس، بەلكى ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسىنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ ھازىرقى مەھسۇلات كاتالوگى نومۇرى سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمەيدۇ.
ھەر بىر ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسى ياكى خاتىرە تۈرىنىڭ ئۆزىىڭ CRSI نومۇرى بولۇشى كېرەك، CRSI نومۇرى ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ھۆججەتلەرگە يېزىلىشى كېرەك.
ھەر قانداق بىر يېڭى ياكى ئۆزگەرگەن ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسىگە بىر يېڭى CRSI نومۇرى تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ، تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن بىر ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسىنىڭ CRSI نومۇرىنى باشقا ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بولمايدۇ ۋە مۇشۇنداق قىلىپ CRSI نومۇرى ئىپادىسىنىڭ بىردەكلىكىگە ۋە توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، نەشر ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ، ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسىدىكى CRSI نومۇرى يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ.
بىر CRSI نومۇرىنىڭ ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسىدىكى بەلگىسى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇنىڭدىن يالغۇز ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسىنى ئىشلەپ چىقارغۇچىلارلا پايدىلىنىپ قالماي، ئەسەر ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كۈتۈپخانىلارمۇ پايدىلىنىدۇ. CRSI نومۇرى ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرش ۋە باشقۇرشنى ئاددىيلاشتۇرۇش جەھەتتە ئۆز ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.
ئۈن - سىن بۇيۇملىرى خاتىرىسىنى ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئىشلىتىۋاتقان نومۇر سىستېمىسى ئەگەر سان شەكلىدە بولسا ھەمدە 5 خاندىن ئېشىپ كەتمىسە، ئۇنى CRSI نومۇرىنىڭ خاتىرە نومۇرى ياكى خاتىرە تۈرى نومۇرىغا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. لېكىن ھەر قانداق ئەھۋالدا، CRSI نومۇرى 12 ھەرپ - بەلگىىدىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك.
2. CRSI قۇرۇلمىسى
1( خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى )CRSI( نىڭ قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
CRSI دۆلەت نومۇرى - نەشر قىلغۇچى نومۇرى - فىلىم ئىشلەنگەن ۋاقىت نومۇرى - خاتىرە نومۇرى - خاتىرە تۈر نومۇرى
بۇنىڭ ئىچىدە، چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلغان <CRSI> نومۇرى خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ئۈن - سىن نومۇرىدا كەم بولسا بولمايدىغان بەلگە، دۆلەت نومۇرى، نەشر قىلغۇچى نومۇرى، فىلىمئىشلەنگەن ۋاقىت نومۇرى، خاتىرە نومۇرى، خاتىرە تۈرى نومۇرى CRSI نى تەشكىل قىلىدىغان 5 زۆرۈر سانلىق بۆلەك ھېسابلىنىدۇ. CRSI بىلەن دۆلەت نومۇرى ئوتتۇرىسىدا بىر بوشلۇق قالدۇرۇلىدۇ، ھەر قايسى سانلىق بۆلەكلەر <->بەلگىسى بىلەن ئايرىۋېتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 12 ھەرپ - بەلگىدىن ئىبارەت بولىدۇ.
2) CRSI نومۇرىدىكى 5 سانلىق بۆلەكنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىقتىدارى
(1) دۆلەت نومۇرى
بۇ بۆلەك ئۈن - سىن بويۇمى نەشر قىلغۇچى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ۋاكالەت نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ، چوڭ يېزىلغان ئىنگىلىزچە 2 ھەرپتىن تەشكىل قىلىنىدۇ. IPFI خەلقئارالىق ئۆلچەمدىكى < دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ۋاكالەت نومۇرى > (1366OSI) دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، CRSI نومۇرىغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت نومۇرى <CN>.
(2) نەشر قىلغۇچى نومۇرى
بۇ بۆلەك بىر ئۈن - سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلغۇچىنىڭ ۋاكالەت نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ، بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى 3 سان ۋە ھەرپتىن تەشكىل قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سانلارنىڭ دائىرىسى <0 - 9>، ھەرپلەرنىڭ دائىرىسى <P ___ Z, ___ N_ H __ A, J> غىچە (ھەممىسى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ) بولىدۇ، سانلاردىكى <1> ۋە <0> لەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھەرپ ئىچىدىن <1> ۋە <D> چىقىرىۋېتىلىدى.ئادەتتىكى ئەھۋالدا، 3 ھەرپ - بەلگە ئىچىدە ھېچ بولمىغاندا 1 ى ھەرپ ياكى سان بولۇشى كېرەك. تىزىپ بىرلەشتۈرۈش قائىدىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر دۆلەتنىڭ ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغۇچىلىرىنىڭ ۋاكالەت نۇمۇرى مۇنداق بولسا بولىدۇ:
(دانە)CRSI 24480 = (24×24 ×01 24×01×01) نومۇرىدا يەنە مۇنداق دەپ تولۇقلاپ چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن:
ئەگەر 24480 دانە ۋاكالەت نومۇرى يەتمىسە،يەنە 3 خانلىق پۈتۈن سان ياكى پۈتۈن ھەرپ بىلەن تولۇقلاشقا بولىدۇ، ئۇ مۇنداق كۆپەيتىلدى:
(دانە) 14824 = 42×42×42+10×01×01
نەشر قىلغۇچى نومۇرىنى تەقسىم قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا نەشر قىلغۇچى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ CRSI مەملىكەتلىك مەركىزى مەسئۇل بولىدۇ.
(3) فىلىم ئىشلەنگەن ۋاقىت نومۇرى
بۇ بۆلەكتە نومۇر بېرىلگەن ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلەپ تاماملانغان يىل ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرقى ئىككى سانى مەڭگۈلۈك قوبۇل قىلىنىدۇ. مەسىلەن، 1992 - يىلى ئىشلەپ تاماملانغان ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
(4) خاتىرە نومۇرى
بىر خىل ئۈن - سىن بۇيۇمىنىڭ پۈتكۈل ۋاكالەت نومۇرىنى بىلدۈرىدۇ، 4 ياكى 3 خانلىق ساندىن تەشكىل قىلىنىدۇ.
ئىشلەپ پۈتتۈرۈلگەن نەشر يىلى ئىچىدىكى خاتىرە نومۇرىنىڭ سانلىرىنى تەرتىپ بويىچە بېرىش كېرەك.
تۆت خانلىق خاتىرە نومۇرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش دائىرىسى 0000 - 2999 بولىدۇ.
ئۈچ خانلىق خاتىرە نومۇرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش دائىرىسى 300 - 999 بولىدۇ.
يەنى ھەر بىر نەشر قىلغۇچى يىلىغا 3700 خىل ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلەپ چىقىرالايدۇ.
(5) خاتىرە تۈرى نومۇرى
بۇ بىر خىل ئۈن - سىن بۇيۇمىدىكى ھەر بىر ئايرىم نومۇرنى ئىپادىلەيدىغان ۋاكالەت نومۇرى، ئۇ بىر ياكى ئىككى خانلىق ساندىن تەشكىل قىلىنىدۇ.
بىر خانلىق خاتىرە نومۇرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش دائىرىسى 0 - 9 بولىدۇ.
ئىككى خانلىق خاتىرە نومۇرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش دائىرىسى 00 - 99 بولىدۇ.
خاتىرە تۈرى نومۇرىدىكى <0> ياكى <00> بىر خىل ئۈن - سىن بۇيۇمىدىكى بارلىق (پۈتكۈل) نومۇرلارنىڭ ۋاكالەت نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ھەر بىر CRSI نومۇرى توققۇز (خاتىرە تۈرى نومۇرى بىر خانلىق ساندىن تەشكىل قىلىنغان بولسا) مۇستەقىل نومۇرنى ئۆز ئىچىگەئالغان بولىدۇ. مەسىلەن، 1234 - 0 ( بىتخوۋىننىڭ 9 - سىمفونىيسى ھەممىسى )، 1234 - 1 ( بىتخوۋىننىڭ 9 - سىمفونىيسى - 1 - بابى ). چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، يۇقىرىقى خاتىرە نومۇرى ۋە خاتىرە تۈرى نومۇرىدىن ئىبارەت ئىككى سانلىق بۆلەكنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
خاتىرە نومۇرى ئۇزۇنلۇقى بىلەن خاتىرە تۈرى نومۇرى ئۇزۇنلۇقىنى قوشقاندا بەش خانلىق سانغا تەڭ بولىدۇ.
خاتىرە نومۇرى بىلەن خاتىرە تۈرى نومۇرىنىشۇ ئۈن - سىن بۇيۇمىنى چىقارغۇچى بەلگىلەيدۇ.
3. CRSI نومۇرى سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى
(1) CRSI نومۇرىنىڭ قاتلاملىقلىقى
CRSI نومۇرى ساپ ئاقما تەرتىپ شەكىللىك نومۇر ئەمەس، بەلكى روشەن قاتلام مۇناسىۋىتىگە ئىگە نومۇر سىستېمسى:
CRSI خەلقئارالىق مەركىزىي ... - .. <CRSI> بەلگىسى
↓
CRSI مەملىكەتلىك مەركىزىي ... - .. <دۆلەت نومۇرى>بەلگىسى
↓
ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغۇچى ... - .. < نەشر قىلغۇچى نومۇرى > بەلگىسى
↓
ئۈن - سىن بۇيۇمىنىڭ ئىشلەپ تاماملانغان ۋاقتى ... - .. < فىلىم ئىشلەنگەن ۋاقىت نومۇرى > بەلگىسى
↓
ئۈن - سىن بۇيۇمىنىڭ پۈتكۈل خاتىرە نومۇرى ... < خاتىرە نومۇرى > بەلگىسى، ئۈن - سىن بۇيۇمىدىكى مۇستەقىل نومۇرلار نومۇرى ...< خاتىرە تۈرى نومۇرى > بەلگىسى.
CRSI نومۇرىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ ( ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى نومۇرلار )ئەسەر ھوقۇقىنى پەرق ئېتىشكە ۋە ئىلمىي باشقۇرۇشقا پايدىلىق.
(2) CRSI نومۇرىنىڭ بەلگىلىك ئۇزۇنلۇق خاراكتېرى
دۆلەت نومۇرى، نەشر قىلغۇچى نومۇرى ۋە فىلىم ئىشلەنگەن ۋاقىت نومۇرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، خاتىرە نومۇرى ۋە خاتىرە تۈرى نومۇرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى مۇقىم بولغاچقا، CRSI نومۇرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ مۇقىم بولىدۇ، مەڭگۈ 12 ھەرپ - بەلگىدىن ئىبارەت بولىدۇ، بۇ خاراكتېر كومپيوتېردا بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ناھايتى قۇلايلىق ئېلىپ كەلدى. CRSI نومۇرىنى ساقلاشتا، ھەر قايسى بۆلەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەلگىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، بوشلۇقنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالغىلى، چىقارغاندا، ھەر قايسى سانلىق بۆلەكلەرنىڭ مۇقىم ئۇزۇنلۇق خاراكتېرىگە ئاساسەن، ئاپتوماتىك ھالدا بۆلەكلەرگە ئايرىغىلى بولىدۇ.
(3) CRSI نومۇرىنىڭ بىردەكلىكى ۋە ئۆزگەرمەسلىكى ئۈن - سىن بۇيۇمى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر مۇستەقىل نومۇرنىڭ CRSI نومۇرى بېكىتىلىپ بولغان بولىدۇ، بىر خىل ئۈن - سىن بۇيۇمى ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر مۇستەقىل نومۇرغا پەقەت بىرلا نومۇرىنى تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بولىدۇ، بىر CRSI نومۇرىنى پەقەت بىرلا ئۈن - سىن بۇيۇمى ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر مۇستەقىل نومۇرغا تەقسىم قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، بۇ مۇستەقىل نومۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن ئۈن - سىن بۇيۇمىغا قوشۇۋېتىلسۇن، ئۇلارنىڭ CRSI نومۇرى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەيدۇ.
(4)CRSI نومۇرىنىڭ مۇقىملىقى
CRSI نومۇرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر دۆلەتتە 24480 نەشر قىلغۇچى نومۇرى ( تولۇقلاپ كېڭەيتكەندىن كېيىنيەنە 14824 نى كۆپەيتكىلى بولىدۇ ) تەسىس قىلىنسا بولىدۇ، ھەر بىر نەشر قىلغۇچى يىلىغا 2700 خاتىرە نومۇرى ( 4 خانلىق خاتىرە نومۇرىدىن 300، ئۈچ خانلىق خاتىرە نومۇرىدىن 100 مىڭ، خاتىرە تۈرى نومۇرىنى ) 000001 001× 007 + 01 × 300 ( ئىشلەتسە بولىدۇ، يەنى ھەر بىر نەشر قىلغۇچى يىلىغا 3700خىل ئۈن - سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلسا بولىدۇ، بۇ جەمئىي 96 مىڭ 300 مۇستەقىل نومۇرنى ) پۈتكۈل نومۇرنى ئىپادىلەيدىغان 3700 خاتىرە نومۇرى بۇنىڭ سىرتىدا ( ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ. بىر ئادەتتىكى ئۈن - سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلغۇچى ئۇچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىشلىتىشكە يېتەرلىك سان. شۈبھىسىزكى، CRSI نومۇر سىستېمىسىنى ئۇزاققىچە مۇقىم ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
)5( CRSI نومۇرنىڭ تەڭشىگىلى بولىدىغانلىقى
كۆپچىلىك شۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، CRSI نومۇرىنىڭ خاتىرە نومۇرى بىلەن خاتىرە تۈرى نومۇرىنىڭ ئىككى خىل نومۇر قوبۇل قىلىش دائىرىسى بار.
تۆت خانلىق خاتىرە نومۇرى )0000 - 2999( بىلەن بىر خانلىق خاتىرە نومۇرى )0 - 9( بىرلىشىپ A تىپلىق خاتىرە نومۇرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نومۇر 10 تۈردىن ئاز بولغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ CRSI نومۇرىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدا ھەر يىلى 27 مىڭ مۇستەقىل نومۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3000 خىل ئۈن - سىن بۇيۇمى نەشر قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.
ئۈچ خانلىق خاتىرە نومۇرى ) 300 - 999 ( بىلەن ئىككى خانلىق خاتىرە تۈرى نومۇرى )00 - 99 ( بىرلىشىپ B تىپلىق خاتىرە نومۇرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل نومۇر توققۇزدىن كۆپ بولغان ئۈن - سىن بۇيۇمىنىڭ CRSI نومۇرىدا ئىشلىتلىدۇ. ئۇنىڭدا ھەر يىلى جەمئىي 69 مىڭ 300 مۇستەقىل نومۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 700 خىل ئۈن - سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.
بۇنداق قىممەت قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىدا سانى ئوخشاش بولمىغان نومۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىغا شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان CRSI نومۇر قىممىتىنى تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نومۇرنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئاشىدۇ.
ئۈچىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن CRSI نومۇرىنىڭ پەرقى ۋە باغلىنىشى
جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدە مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: دۆلەت تەستىقلىغان نەشر ئورۇنلىرى ئۆزلىرى نەشر قىلغان ھەر بىر خىل ئۈن - سىن بۇيۇمىغا ) ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر مۇستەقىل نومۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ( مۇشۇ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە جۇڭگونىڭ ئۈن - سىن بۇيۇمى )نومۇرى( نىڭ بىردىنبىر پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى قىلىشى كېرەك. شۇڭا، بۇ دۆلەت ئۆلچىمى بىلەن ھەر بىر ئۈن - سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلغۇچىنىڭ زىچ باغلىنىشى بار.
دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ رەسمىي تېكىستىدە، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنىڭ ئاساسىي مەزمونى ۋە ئىشلىتلىش دائىرىسى چۈشەندۈرۈلۈپ، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە بېسىش، ئىپادىلەش شەكلى بەلگىلەنگەن، قوشۇمچە خاتىرە A دا جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنىڭ نەشر قىلغۇچى نومۇرى، خاتىرە نومۇرى ۋە خاتىرە تۈرى نومۇرى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە تەقسىماتقا چۈشەنچە بېرىلگەن ھەمدە ئۈچ خىل نومۇر بېرىش شەكلى كۆرسىتلىگەن. قوشۇمچە خاتىرە B دا جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىدا قوللىنىلىدىغان < جۇڭگو كۇتۇپخانىسىنىڭ كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى > نىڭ تۈرگە ئايرىش نومۇرى جەدۋىلى بېرىلگەن.
جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: جۇڭگونىڭ بىر ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى بىر CRSI نومۇرى ۋە بىر تۈر نومۇرىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەشكىل قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى CRSI نومۇرى جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ ئۇنى مۇستەقىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ. باشقۇرۇشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى CRSI تەڭ ئۈنۈملۈك قوللىنىش ئاساسىدا مۇۋاپىق تولۇقلىنىپ، تۈر ۋاكالەت نومۇرى قوشۇلدى، بۇ بىر خىل ئۈن - سىن بۇيۇمىنىڭ توشۇغۇچى جىسىم تىپى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي تۈرگە ئايرىلىشىنى چۈشەندۈرۈشتە قوللىنىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن CRSI < / > بەلگىسى بىلەن ئايرىۋېتىلىدۇ، يەنى:
جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى = CRSI نومۇرى / تۈر ۋاكالەت نومۇرى
تۈر ۋاكالەت نومۇرى ئۈن - سىن بۇيۇملىرنى توشۇغۇچى جىسىم ۋاكالەت نومۇرى ۋە تۈر ۋاكالەت نومۇرىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ:
)1( ئۈن - سىن بۇيۇمىنىڭ توشۇغۇچى جىسىم ۋاكالەت نومۇرى بىر ھەرپتىن ) A ياكى V ( ئىبارەت بولىدۇ:
A - ئۈنئالغۇ بۇيۇملىرى ) سىنئالغۇ لېنتىسى، لازىر سىن دىسكىسى قاتارلىقلار (؛
V - سىنئالغۇ بۇيۇملىرى ) سىنئالغۇ لېنتىسى، لازىر سىن دىسكىسى قاتارلىقلار (.
)2( تۈر ۋاكالەت نومۇرى ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ پەن تۈرىنى ئىپادىلەيدۇ، < جۇڭگو كۇتۇپخانىسىنىڭ كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى > دىكى چوڭ تۈرلەر نومۇرى ) بىر ھەرپ ( ۋە مەدەنىيەت، مائارىپ، سەنئەتتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك تۈر نومۇرى ) ئىككى خانلىق ھەرپ ۋە سان ( قوللىنىلىدۇ ) ئۆلچەملىك قوشۇمچە خاتىرە B غا قارالسۇن (.
ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ توشۇغۇچى جىسىم ۋاكالەت نومۇرى بىلەن تۈر ۋاكالەت نومۇرى چېكىت <.> بىلەن ئايرىۋېتىلىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى بىلەن CRSI سىستېما جەھەتتە تامامەن بىردەك، ئالدىنقىسى كېيىنكىسىنىڭ بىر تارمىقى. ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بىرخىل ئۈن - سىن بۇيۇمىنى بىر پۈتۈن گەۋدە تەرىقىسىدە خاتىرىلەپ ) بىر قاپ ئۈنئالغۇ لېنتىسى ياكىبىر سىنئالغۇ لېنتىسى ( بايان قىلغاندا، ئالدىنقىسىغا بىر تۈر نومۇرى قوشۇلىدۇ. شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككى، ئومۇميۈزلۈك خاتىرىلەنگەن ئۈن - سىن بۇيۇمىنىڭ CRSI نومۇرىدىن كېيىن ئاندىن تۈر ۋاكالەت نومۇرىنى قوشۇشقا بولىدۇ، ئۈن - سىن بۇيۇمىدىكى مۇستەقىل نومۇرلارغا بۇ ۋاكالەت نومۇرىنى بەرمىسىمۇ بولىدۇ.
تۆتىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى ئىشلىتىش ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر
جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىدىكى فىلىم ئىشلەنگەن ۋاقىت نومۇرى، خاتىرە نومۇرى، خاتىرە تۈرى نومۇرى ۋە تۈر ۋاكالەت نومۇرىنى نەشر قىلغۇچى مەسئۇل بولۇپ، كونكرېت تەقسىم قىلىدۇ. نەشر قىلغۇچى ھەر يىلى ئۆزى كونترول قىلدىغان خاتىرە نومۇرى مىقدارى دائىرىسى ئىچىدە، ئۆزى نەشر قىلغان ئۈن - سىن بويۇملىرىغا فىلىم ئىشلەنگەن ۋاقىت نومۇرى، خاتىرە نومۇرى، خاتىرە تۈرى نومۇرى ۋە تۈر ۋاكالەت نومۇرى بېرىدۇ.
)1(نەشر قىلغۇچى نەشر قىلغان ھەربىر خىل ئوخشاش بولمىغان ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرىدىن بىرنى بېرىپ، ئۇنى ئومۇمىي خاتىرىنىڭ بىردىنبىر بەلگىسى قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر مۇستەقىل نومۇرغا بىر CRSI نومۇرى بېرىشى لازىم.
)2( مەزمۇنىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماي قايتا نەشر قىلىنغان ئۈن - سىن بۇيۇمىغا يېڭى CRSI نومۇر بېرىلمەيدۇ، بىر CRSI نومۇرىنى ئىككى ئۈن - سىن بويۇمىغا تەقسىم قىلىپ بېرىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. CRSI نومۇرىنى ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا تەكرار تەقسىم قىلىپ ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ئەگەر نومۇر مەزمونىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئۇنى يېڭى نومۇر دەپ بېلىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى تەقسىم قىلىپ بېرىش كېرەك.
)3( جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى قايتا نەشر قىلغاندا، جەزمەن جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى قايتا نەشر قىلغاندا، جەزمەن جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى تولۇقلاپ بېرىش، ئۇنىڭ ئىچىدىكى فىلىم ئىشلەنگەن ۋاقىت نومۇرىغا قايتا نەشر قىلىنغان ۋاقتىنى يېزىش كېرەك.
)4( ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق نەشر قىلغۇچى بىرلىشىپ نەشر قىلغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىغا پەقەت جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىدىن بىرىلا بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەشر قىلغۇچى نومۇرىنى ھەمكارلاشقۇچىلار نەشر قىلىش توختامى تۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ.
)5( ئۇزۈلدۈرمەي، سىستېمىلىق نەشر قىلىنىدىغان بۇيۇملارنىڭ نەشر قىلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى بېرىلىدۇ.
)6( ئۆز نەشرىياتى نەشر قىلغان كىتابلارغا ماسلاشتۇرۇپ چىقىرىلىدىغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىغا جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى بېرىلىدۇ.
)7( تارىخىي ئۈن - سىن بۇيۇملىرى بىر تەرەپ قىلىش نورغۇن يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ تارىخ خاراكتېرلىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىبىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، بىر تەرەپ قىلىنغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى ئوخشاش بولمىغان )باشقا( ئۈن - سىن بۇيۇمى دەپ بىلىپ جۇڭگونىڭ يېڭى ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى تەقسىم قىلىپ بېرىش كېرەك.
)8( نومۇرلارنى بىرلا ۋاقىتتا لېنتا قىلىپ ئىشلەش
بىر ۋاقىت، بىر مۇھىتتا، بىر ئۇيۇن قويغۇچى ئوۇرندىن نومۇرلارنى ئورۇندىغۇچى ئورۇننىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن بىر نەچچە فىلىم ئىشلىگۈچى ئورۇن بىرلا ۋاقىتتا فىلىمقىلىپ ئىشلىسە ھەم نەشر قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشسە، ھەر قايسىسى شۇ نومۇرنىڭ ئۈن - سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلغاندا، ھەر بىر نەشر قىغۇچى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى بېرىشى كېرەك.
)9( ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى تەھرىرلەش
نەشر قىلىنىپ بولغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى تەھرىرلەپ ياكى توپلاپ نەشر قىلغاندا، يېڭى جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ئومۇمىي خاتىرە نومۇرى تەقسىم قىلىپ بېرىش كېرەك. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر مۇستەقىل نومۇرلاردا يەنىلا ئەسىلىدىكى CRSI تۈر خاتىرە نومۇرى قوللىنىلىدۇ، مەسىلەن، ئەگەر ⅩⅩئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش شىركىتىنىڭ CRSI نەشر قىلغۇچى نومۇرى 32B بولۇپ، بۇ شىركەت 1995 - يىلى بىر قاپ <يالغۇز كىشلىك كۈلدۈرگە> نىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى )خاتىرە نومۇرى 1312( تارقاتقان بولسا، بۇ لېنتىدىكى 6 بۆلەك يالغۇز كىشلىك كۈلدۈرگە نومۇرىنىڭ ئىككىسى يېڭىدىن لېنتىغا ئېلىنغان بولۇپ، قالغان تۆتى بۇ شىركەت 1992 -، 1994 - يىللىرى ئىشلەپ نەشر قىلغان باشقا تۆت خىل ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىكى نومۇرلار )بۇ نومۇرلاغا CRSI نومۇرى تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن بولسۇن( بولسا، بۇ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىڭ CRSI نومۇرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ يالغۇز كىشلىك كۈلدۈرگىلەرنىڭ CRSI نومۇرى تەرتىپ بويىچە تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىنىدۇ:
<يالغۇز كىشلىك كۈلدۈرگىلەردىن تاللانما> )ئومۇمىي خاتىرە نومۇرى(
8J.A - 1312 - 95 - 32B - NC CRSI
)يېڭى لېنتىغا ئېلىنغان 1 - كۈلدۈرگە(
1 - 1312 - 95 - 32B - NC - CRSI
)يېڭى لېنتىگە ئېلىنغان 2 - كۈلدۈرگە(
2 - 1312 - 95 - 32B - NC CRSI
4 - 0010 - 92 - 32B _ NC CRSI
)بۇ شىركەت 1992 - يىلى لىنتىغا ئېلىپ نەشر قىلغان 0010 - نۇمۇرلۇق ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىكى 4 - كۈلدۈرگە(
3 - 0124 - 93 - 32B - NC CRSI
1 - 1135 - 94 - 32B - NC CRSI
)بۇ شىركەت 1994 - يىلى 14 - 356 - 94 - 23B - NC CRSI لېنتىسىدىكى 14 - كۈلدۈرگە(
)10(نەشر ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش
شىياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەنلەر بىلەن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى نەشر قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا نەشر ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندىن كېيىن قايتىدىن نەشر قىلغاندا، ئۇنىڭ ئومۇمىي خاتىرە نومۇرىغا جۇڭگونىڭ يېڭى ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى بېرىلىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر خىل مۇستەقىل نومۇرغا يەنىلا ئەسىلىدىكى CRSI نومۇرى بولسا، يېڭىدىن نەشر قىلغۇچى بۇ نومۇرنى باشقا ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىچىگە كىرگۈزگەندە، بۇ نومۇرنىڭ CRSI نومۇرى ئۆزگەرمەيدۇ. ئەگەر ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ئۈن - سىن بويۇمى ياكى ئۇنىڭدىكى نومۇرغا خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى خاتىرە نومۇرى بېرىلمىگەن بولسا، يېڭىدىن نەشر قىلغۇچى ئالدى بىلەن CRSI مەركىزىگە بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ، نومۇر تولۇقلاپ بېرىشى لازىم.
خەلقئارالىق نەشر ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىشلىرىمۇ يۇقىرىقى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ.
مەملىكەت ئىچىدىكى نەشر قىلغۇچىلار ئارىسىدا نەشر ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندىن كېيىن قايتىدىن نەشىر قىلىنغاندا، ئەگەر مەزمۇن ئىپادىلەش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولسا، يۇقىرىقى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ. ئەگەر ئۆزگىرىش بولمىسا، يەنىلا ئەسلىدىكى CRSI نومۇرى ئۆزگەرمەيدۇ، لېكىن ئۆتۈنۈپ بېرىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا جۇڭگو CRSI مەركىزىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش لازىم.
بەشىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى بېسىش ۋە ئىپادىلەش
جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى ھەر خىل ئۈن - سىن بويۇملىرىنىڭ مۇقاۋا قەغىزىگە ۋە فىلىم قەغىزىنىڭ كۆرۈنەرلىك جايىغا )خەتلەر 6 - ھەرپتىن كىچىك بولماسلىقى كېرەك( توغرىسىغا تىزىش شەكلىدە بېسىلىشى لازىم. ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىكى ھەربىر مۇستەقىل نومۇرنىڭ ئارقىسىغا مۇناسىپ CRSI نومۇر بېرىلىشى كېرەك.سىنئالغۇ لېنتىلىرىدا يەنە جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى فىلىمنىڭ بېشىدا ۋە باشقا كۆرۈنۈشلەردە كۆرسىتىلىشى لازىم. ئەگەر بىر سىنئالغۇ لېنتىسى بىر نەچچە مۇستەقىل نومۇردىن تەشكىل قىلىنغان بولسا، مۇقاۋا قەغىزىنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر نومۇرنىڭ CRSI نومۇرىنى بېسىش ھەمدە نومۇرنىڭ بېشىدىكى كۆرۈنۈشكە شۇ نومۇرنىڭ CRSI نومۇرىنى بېرىش لازىم. سان شەكلىدىكى ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى لېنتىغا ئېلىشتىن ئىلگىرى، CRSI نومۇرىنى سان شەكلىدە نومۇر بار ماگىنىت يولىغا كىرگۈزۈش كېرەك.
ئالتىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرى دۆلەت تەستىقلىغان نەشر قىلىش ئورۇنلىرى لېنتىغا ئېلىپ نەشر قىلغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىغا )ناخشا پلاستىنكىسى، ئۈنئالغۇ لېنتىسى، سىنئالغۇ لېنتىسى، لازىر سىن دىسكىسى، لازىر ناخشا دىسكىسى قاتارلقلار( مۇۋاپىق كېلىدۇ.
يەتتىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى CRSI نومۇر سىستېمىسىدىكى بىر تارماق، CRSI ھەم ئىلمىي نومۇر سىستېمىسى، ھەم مەسئۇلىيتى ئېنىق بولغان باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھوقۇقنى ئايرىپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت. CRSI سىستېمىسىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ: خەلقئارالىق مەركەز، دۆلەتلىك مەركەز ۋە نەشر قىلغۇچى. CRSI خەلقئارالىق مەركەز دۆلەت نومۇرىنى تەسىس قىلىش ۋە تەقسىمقىلىش ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەتلىك مەركەزلەرنى باشقۇرىدۇ؛ CRSI دۆلەتلىك مەركەز نەشر قىلغۇچى نومۇرىنى تەسىس قىلىش ۋە تەقسىم قىلىش ئارقىلىق ھەر قايسى نەشر قىلغۇچىلارنى باشقۇرىدۇ؛ نەشر قىلغۇچىلار لېنتا ئىشلەش ۋاقىت نومۇرى، خاتىرە نومۇرى ۋە تۈر نومۇرىنى تەقسىم قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرى نەشر قىلغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى بىۋاستە باشقۇرىدۇ.
CRSI خەلقئارالىق مەركەز خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش ئورگىنى )OSI( بەلگىلىگەن CRSI نومۇرىنى خەلقئارالىق تىزىمغا ئېلىش ئورگىنى، ئۇ ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى خەلقئاراناخشا پلاستىنكىسى ئىشلىرى جەمئىيىتىدە )IPFI( تەسىس قىلىنغان بولۇپ، CRSI دۆلەتلىك مەركەزلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا ۋە CRSI نومۇرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئىشلىتىلىشى ۋە باشقۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل.
بىر دۆلەتتە CRSI نومۇرىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن CRSI نومۇرىنى مەملىكەت بويىچە باشقۇرۇش مەركىزى CRSI - دۆلەتلىك مەركەز قۇرۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرىدا CRSI نومۇرىنى تەقسىم قىلىش، تىزىمغا ئېلىش ۋە قوغداش ئورگانلىرىنى قۇرۇش كېرەك.
جۇڭگو CRSI مەركىزىي ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى باشقۇرىدۇ.
1. جۇڭگو CRSI مەركىزىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىچە:
1) مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق نەشر قىلغۇچىلارغا جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى تونۇشتۇرۇش ھەمدە ئىشلىتىش جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەسلىھەتچىلىك بىلەن تەمىنلەش.
2( نەشر قىلغۇچىلارغا دۆلەت نومۇرى ۋە جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئۇقتۇرۇش.
3) جۇڭگودا تىزىمغا ئالدۇرغان بارلىق نەشر قىلغۇچىلارغا نەشر قىلغۇچى نومۇرى ۋە ھەر يىللىق خاتىرە نومۇرى مىقدارىنى تەقسىم قىلىش ھەم ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە ئۈن ـ سىن بۇيۇملىرىنى ساھەلەر بويىچە باشقۇرغۇچى تارماقلارغا ئۇقتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش.
4( جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرە دەپتىرى تەسىس قىلىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ سانلىق ئاساس ئىسكىلاتى قۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدە تەقسىم قىلىنىپ بولغان نەشر قىلغۇچى نومۇرى ۋە بارلىق نەشر قىلغۇچىلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن ۋە ئۇلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى تىزىملاش.
5) مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق نەشر قىلغۇچىلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا CRSI مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىش.
6( ئۈن - سىن بۇيۇملىرىغا ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاش.
7) نەشر قىلغۇچىلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىشلىتىش جەھەتتە يولۇققان مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش.
8( خەلقئارا خاتىرە دەپتىرىگە خاتىرىلىنىش )خەلقئارا CRSI مەركىزىگە رەسمىي قاتناشقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ( ئۈچۈن، مەملىكەتئىچىدىكى خاتىرە دەپتىرىنىڭ مەزمۇنىنى قەرەللىك ھالدا مەلۇم شەكىل ئارقىلىق CRSI خەلقئارالىق مەركىزىگە يوللاش.
9) مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق CRSI نومۇرى ئىشلىرىدا باشقۇرغۇچىلىق ۋە كېسىم قىلغۇچىلىق رولىنى ئويناش.
2.نەشر قىلغۇچىلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىچە:
1( جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى نەشر قىلغۇچىلار ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئەمەلىيلىشىدۇ. ھەر قايسى نەشر قىلغۇچىلار قەتئىي مۇشۇ قوللانمىدىكى ئالاقىدار ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش كۆرۈپ، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى توغرا ۋە ئىلمىي ئىشلىتىش، باشقۇرۇش كېرەك.
2) فىلىم ئىشلەش ۋاقىت نومۇرى، خاتىرە نومۇرى، خاتىرە تۈرى نومۇرى ۋە تۈر نومۇرىنى جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بويۇملىرى نومۇرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تىزىش ۋە ئشىلىتىش كېرەك.
3( جۇڭگو CRSI مەركىزىنى جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشكە دائىر سانلىق ئاساس ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك.
4) زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاقىدار ئورۇنلارنى جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى جەھەتتىكى مۇلازىملىق بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك.