UyghurWiki›قانۇن نىزاملار›شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەر ھوقۇقى ماجرالىرىنى مەمۇرىي جەھەتتىن مۇرەسسە قىلىش چارىسى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەر ھوقۇقى ماجرالىرىنى مەمۇرىي جەھەتتىن مۇرەسسە قىلىش چارىسى
قانۇنلار
شىنجاڭ. ئەسەر ھوقۇقى (1996) 03 - نومۇرلۇق
1 - ماددا بۇ چارە ئەقلىي ئىجادىيەتنى قوغداپ، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى>، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى> غا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى پۇقرالار بىلەن قانۇنىي ئىگىلەر ئوتتۇرىسىدا ئەسەر ھوقۇقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ماجرالار ئۈستىدىن قىلغان مۇرەسسە قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ.
3 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ماجرالىرىنى مۇرەسسە قىلىشتا پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئىختىيار قىلىش، پرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دەلىل - ئىسپاتقا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، دەل، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش
4 - ماددا دەۋالاشقۇچىلار مۇرەسسەگە قاتنىشىشتا، ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلسا ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسىگە يازما ھاۋالىنامە چىقىرىپ بەرسە بولىدۇ.
5 - ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى يازما شەكىلدە مۇرەسسە قىلىش ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك. ئىلتىماس تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، خىزمەت ئورنى، ئادرېسى، قانۇنىي ئىگە ئورۇنلىرىنىڭ نامى، ئادرېسى، قانۇنىي ۋەكىلنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ۋەزىپىسى قاتارلىقلار؛
(2) ئەسەر ھوقۇقى ماجرالىرىنىڭ پاكىتى ۋە ئىلتىماس قىلىش سەۋەبى، دەلىل - ئىسپات ۋە دەلىل - ئىسپات مەنبەسى، گۇۋاھناچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ۋە ئولتۇراق جايى؛
(3) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماس تۈرى.
6 - ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماسنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئادەم سانى بويىچە تەمىنلىشى كېرەك.
7 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 10 كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق توغرىسىدا جاۋاب قايتۇرىدۇ، قوبۇل قىلمايدىغانلىرىنىڭ سەۋەبىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما شەكىلدە ئۇقتۇرۇشى لازىم.
8 - ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچى يازما ئۇقتۇرۇش ۋە ئىلتىماسنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسىگە يازما جاۋابنامە سۇنىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك دەلىل ـ ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەرز قىلىنغۇچى سۈرۈك توشقىچە جاۋابنامە تاپشۇرمىسا ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسىگە مۇرەسسە قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرمىسە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى مۇرەسسەقىلىشقا قوشۇلمىدى، دەپ قاراپ مۇرەسسە قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ھەمدە بەش كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
9 - ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، يازما ئىلتىماس سۇنىدۇ، قوشۇلغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئارخىپتا ساقلاپ قويىدۇ. ئەسلى ئىلتىماس قىلغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىلمەيدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى ئىككى قېتىم قانۇنلۇق ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، ئەسلى ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇنلۇق سەۋەب كۆرسەتمەي مۇرەسسەگە قاتنىشىشنى رەت قىلسا، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى مۇرەسسەدىن ۋاز كەچتى دەپ قاراپ بۇنى دېلوغا خاتىرىلەپ قويىدۇ، ھەمدە ئىلتىماس قىلىنغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ، شۇنداقلا مۇرەسسە قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
10 - ماددا مۇرەسسەنامىگە دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئىمزا قويىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى مۇرەسسەنامە چىقارغاندىن كېيىن 10 كۈن ئىچىدە ئەسەر ھوقۇقى ماجىرالىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
11 - ماددا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئاڭلىق ھالدا ئادا قىلىشى لازىم. مۇرەسسەدە كېلىشەلمىسە ياكى كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن يەنە يېتىۋالسا، ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى قايتا مۇرەسسە قىلمايدۇ، داۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
12 - ماددا خاراكتېرىنى ئېنىق بېكىتەلمىگەن ياكى ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇرەسسە قىلىش قىيىنغا توختىغان ئەسەر ھوقۇقى ماجىرالىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى داۋالاشقۇرچىلارغا ۋاقتىدا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
13 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى قوبۇل قىلغان ئەسەر ھوقۇقى ماجرالىرىدا، كەسپىي خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە يولۇقسا، كەسپىي خادىملارنى باھالاپ بېكىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
14 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ماجرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش دېلولىرىدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئومۇمەن، داۋالاشقۇچىلار مۇۋاپىق سەۋەب كۆرسىتىپ، دېلو بېجىرگۈچى خادىملارنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى رەھبەر تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېين ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ.
15 - ماددا ئادەتتىكى دېلولاردا ئادەتتە ئۈچ ئاي ئىچىدە دېلو ئاياغلاشۇرۇش كېرەك. چوڭ دېلولاردا ئۈچ ئاي ئىچىدە قارار چىقىرالمىسا، مەسئۇل ئىدارە باشلىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
ئەسەر ھوقۇقى ماجرالىرىنى مۇرەسسە قىلىشتا ۋاقىت ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.
16 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ماجرالىرى دېلولىرىنى قوبۇل قىلىشتا تۆۋەندىكىلەرنى ئورۇنداش كېرەك:
(1) ئەسەر ھوقۇقى ماجرالىرى دېلولىرىنى تىزىمغا ئېلىش كارتوچكىسىنى تولدۇرۇش؛
(2) ئىلتىماسنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچىغا ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈش؛
(3) دېلو ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ كۆرۈش، دېلو تەھلىل قىلىش، تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، تەكشۈرۈش يىغىنى ياكى مۇرەسسە يىغىنى ئېچىش؛
(4) دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش دوكلاتى يېزىش، خاراكتېرىنى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش؛
(5) مۇرەسسەنامە تۈزۈش؛ ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماسى، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغان پاكىت، تەتبىقلانغان قانۇن ماددىلىرى ۋە كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
17 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى ئەسەر ھوقۇقى ماجرالىرىنى مۇرەسسە قىلىشتا مۇرەسسە ھەققى ئالىدۇ. مۇرەسسە ھەققىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئالدىن تاپشۇرىدۇ، مۇرەسسە قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنى مەسئۇلىيىتى بار تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ، دەۋالاشقۇچى ئىككىلا تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغانلىرىدا، مەسئۇلىيەتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
مۇرەسسە ھەققى ئېلىشنىڭ كونكرېت چارىسى مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن ئايرىم بېكىتىلدى.
18 - ماددا بۇ چارىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى مەسئۇل بولىدۇ.
19 - ماددا بۇ چارە تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.