UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملار«جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى» نى توغرا ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

«جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى» نى توغرا ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

قانۇنلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1988 - يىلى (88) ئاخبارات - نەشرىيات. ئۆلچەم 43 - نومۇرلۇق جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى 1987 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئاساسىي ئەھۋال ياخشى بولدى. مۇتلەق يۇقىرى ساندىكى نەشرىياتلار بۇ نومۇرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى توغرا ئىگىلىدى. لېكىن يەنە بەزى نەشرىياتلار جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى يولغا يەنە بەزى نەشرىياتلار جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى يولغا قويۇشنىڭ تېخنىكىلىق تەلىپى بويىچە ئىش قىلمىدى. مەسىلەن، بەزى نەشرىياتلار جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى ئىشلىتىلمەيدىغان كالېندار، ساياھەت خەرىتىسى قاتارلىق نەشر بۇيۇملىرىغا جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى ئىشلەتتى؛ يەنە بەزى نەشرىياتلار 1987 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كېيىن مەتبەئەگە ئۆتكۈزگەن كىتابلارغا جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى ئىشلەتمىدى؛ يەنە بىر مۇنچە نەشرىياتلار جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى كۆرسىتىلگەن شەكىل بويىچە باسمىدى. بۇ ئەھۋاللار كىتاب نومۇرىنى ئاپتوماتىك باشقۇرۇشنى قىينلاشتۇرۇپ قويدى. جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى يولغا قويۇش مەملىكىتىمىزدە كىتاب ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسى ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ. 1988 - يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى كىتابنى نەشر قىلىش، تارقىتىش، ساقلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىشلىرىدا ئۆز رولىنى رەسمىي جارى قىلدۇرىدۇ. ھەر قايسى نەشرىياتلارنىڭ يېڭى كىتاب نومۇرىنى چوقۇم «جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى ئىشلىتىش قوللانمىسى» دىكى ۋە (88) نەشرىيات 603 - نومۇرلۇق ھەم ئاخبارات - نەشرىيات ئۆلچەم 483 - نومۇرلۇق ھۆججەتلەردىكى تەلەپلەر بويىچە ئىشلىتىشىنى سورايمىز. كىتاب نومۇرىنى يولغا قويۇش داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەش ۋە ھەل قىلىش ئۈچۈن، نەشرىياتلارغا تۆۋەندىكىلەرنى ئورۇنلاشۇرۇشنى تەكلىپ قىلىمىز: 1. جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى يولغا قويۇش داۋامىدا يولۇققان ئالاھىدە ئەھۋاللانى، جۈملىدىن «قوللانما» ۋە «يولغا قويۇشقا ئائىت ھۆججەتلەر» ياكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا جۇڭگو ISBN مەركىزىگە ئۇقتۇرۇش. 2. 1987 - يىللىق ISBN نومۇرىنى ئىشلىتىشىنى تىزىملاش دەپتىرىنى تېخى يوللىمىغان نەشرىياتلار مۇشۇ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ 1987 - يىللىق جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى تىزىملاش دەپتىرىنى تېزدىن جۇڭگو ISBN مەركىزىگە يوللاپ بېرىش. 3. ئۆزىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن نومۇرىنى بۇ يىل، كېلەر يىلى ئىشلىتىپ بولۇش ئېھتىمالى بولغان نەشرىياتلار جۇڭگو ISBN مەركىزى بىلەن بالدۇرراق ئالاقىلىشىش. 4 . جۇڭگو ISBN مەركىزى جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى يولغا قويۇش تېخنىكا تەلىپىگە قايتا - قايتا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىغان، ئەمما ئۆزگەرتمىگەن نەشرىياتلارنىڭ نەشرىيات ئومۇمىي نومۇرىنى ئىشلىتشىنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ ۋە شۇ نەشرىياتنىڭ كىتاب نومۇرىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ نەشرىيات ئومۇمىي نومۇرىنى ئىشلىتشىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار