سۇ قانۇنى
قانۇنلار
(2002- يىلى 8 – ئاينىڭ 29- كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا تۈزىتىلىپ ماقۇللانغان، 2002- يىلى 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 74- نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدى)
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش ۋە قوغداش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۇ بايلىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھىتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە سۇ بايلىقنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، باشقۇرۇش، سۇ ئاپتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇ بايلىقى يەر ئۈستى سۈيى بىلەن يەر ئاستى سۈيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3 – ماددا سۇ بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. سۇ بايلىقى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ. يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆلى ۋە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ياساپ باشقۇرغان سۇ ئامبىرىدىكى شۇ سۇدىن يېزا كوللېكتىپ ئىقتسادىي تەشكىلاتلىرى پايدىلىنىدۇ.
4- ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تىزگىنلەش، ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش، ئۈنۈمگە ئەھىمىيەت بېرىش، سۇ بايلىقىنىڭ كۆپ خىل رولىنى جارى قىلدۇرۇش، تۇرمۇشقا، ئىشلەپچىقىرىشقا، تىجارەتكە ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا كېرەكلىك سۇنى ئوبدان تەڭشەش لازىم.
5 – ماددا ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇچىلىق ئۇل – ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.
6 – ماددا دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ سۇ بايلىقىنى قانۇن بويىچە ئېچىش ۋە پايدىلىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. سۇ بايلىقىنى ئاچقان، پايدىلانغان ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ بايلىقىنى قانۇن بويىچە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.
7- ماددا دۆلەت سۇ بايلىقىدا سۇ ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمى ۋە سۇنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. لېكىن، يېزا كوللېكتىپ ئىقتسادىي تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ شۇ كوللېكتىپ ئىقتسادىي تەشكىلاتنىڭ كۆل ۋە سۇ ئامبىرىدىكى سۇنى ئىشلىتىشى بۇنىڭ سىرتىدا. گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە سۇ ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمى ۋە سۇ بايلىقىدىن ھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
8 – ماددا دۆلەت سۇنى قاتتىق تېجەيدۇ، سۇ تېجەش تەدبىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سۇ تېجەش يىڭى تېخنىكىسى، يېڭى ھۈنىرىنى كېڭەيتىپ، سۇ تېجىلىدىغان سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ۋە مۇلازىمەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۇ تېجىلىدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، سۇ تېجەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كېڭەيتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى، سۇ تېجەش كەسپىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم.
ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سۇ تېجەش مەجبۇرىيىتى بار.
9- ماددا دۆلەت سۇ بايلىقىنى قوغداشتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراپ، كۆچەت تىكىپ، ئوت – چۆپ تېرىپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاپ، سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ۋە سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلايدۇ.
10- ماددا دۆلەت سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، باشقۇرۇش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىلغار پەن - تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ.
11- ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، باشقۇرۇش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەھەتلەردە نەتىجىسى كۆرنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسنى خەلق ھۆكۈمىتى مۇكاپاتلايدۇ.
12- ماددا دۆلەت سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتا ۋادى بويىچە باشقۇرۇش بىلەن مەمۇرىيق رايون بويىچە باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە سۇ بايلىقىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەردە تەسىس قىلغان ۋادى بويىچە باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى (تۆۋەندە ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى دەپ قىسقارتىلىدى) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يۈكلىگەن سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئادا قىلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ بايلىقىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشتا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.
13- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقىلىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە، سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش ۋە قوغداشقا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش ۋە قوغداشقا دائىر خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.
2- باب سۇ بايلىقىنى پىلانلاش
14 – ماددا دۆلەت پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇ بايلىقى ئىستراتېگىيىلىك يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، ۋادى ۋە رايون بويىچە بىر تۇتاش يىرىك پىلان تۈزۈش لازىم. يىرىك پىلان ۋادى يىرىك پىلانى ۋە رايون يىرىك پىلانى دەپ ئايرىلىدۇ. ۋادى يىرىك پىلانى ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى بىلەن ۋادى مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ رايون يىرىك پىلانى رايون ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى بىلەن رايون مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان مەخسۇس يىرىك پىلان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ھۆلچىلىكنى تىزگىنلەش، سۇغرىش، سۇ ترانسپورتى، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇدىن توك ھاسىل قىلىش، ياغاچ ئېقىتىش، بېلىقچىلىق قىلىش، سۇ بايلىقىنى قوغداش، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش، سۇ تېجەش پىلانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
15- ماددا ۋادى دائىرىسىدىكى رايون يىرىك پىلانىنى ۋادى يىرىك پىلانىغا بويسۇندۇرۇش، مەخسۇس پىلاننى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانغا بويسۇندۇرۇش لازىم.
ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى ۋە رايون ئۇنىۋېرسال پىلانى، شۇنىڭدەك يەر ئىشلىتىشكە زىچ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس يىرىك پىلاننى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى، شەھەر ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىغا ماسلاشتۇرۇش، جايلار ۋە ساھەلەرنىڭ ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك.
16- ماددا يىرىك پىلان تۈزۈشتە سۇ بايلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش شەرت. سۇ بايلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاشنى ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەيدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى گىدرولوگىيە ۋە سۇ بايلىقى ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى لازىم. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادى باشقۇرۇش ئاپپارات سۇ بايلىقىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆلچشنى كۈچەيتىشى لازىم.
ئاساسلىق گىدرولوگىيە ماتېرىياللىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئاشكارىلاش لازىم.
17- ماددا دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەرنىڭ ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان باشقا دەريا كۆللەرنىڭ ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى بىلەن رايون ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ دەريا، كۆل بار جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىپ، ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش پىكىرىنى ئېلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللايدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقىلىرىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەنگە ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن باشقا دەريا، كۆللەرنىڭ ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى بىلەن رايون ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
مەخسۇس يىرىك پىلاننى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك باشقا ئالاقىدار تارماقلاردىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى كەلكۈن مۇداپىئە يىرىك پىلانى، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە تەستىقلىتىش كەلكۈن مۇداپىئە يىرىك پىلانى، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش پىلانىنى تۈزۈش ۋە تەستىقلىتىش كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنى ۋە سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
18- ماددا يىرىك پىلان تەستىقلانغان ھامان قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى شەرت.
تەستىقلانغان يىرىك پىلاننى تۈزىتىشكە توغرا كەلسە، يىرىك پىلان تۈزۈش تەرتىپى بويىچە ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش شەرت.
19- ماددا سۇ قۇرۇلۇشى ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەر ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان دەريا، كۆللەردىكى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تەستىقلىتىشتىن ئىلگىرى، ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە پىكىرىنى يېزىشى لازىم؛ باشقا دەريا، كۆللەردىكى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تەستىقلىتىشتىن ئىلگىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە پىكىرىنى يېزىشى لازىم. سۇ قۇرۇلۇشلىرىدىن كەلكۈن مۇداپىئەسىگە چېتىلىدىغانلىرىدا كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ؛ باشقا رايون ۋە ساھەگە چېتىلىدىغانلىرىدا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىشتىن ئىلگىرى ئالاقىدار رايون ۋە تارماقلاردىن پىكىر ئېلىشى لازىم.
3- باب سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش
20- ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىشتا، پايدا كۆرۈش بىلەن زىياننى تۈگىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى – تۆۋەن ئېقىندىكىلەرنىڭ، ئوڭ- سول قىرغاقتىكىلەرنىڭ ۋە ئالاقىدار رايونلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش، سۇ بايلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ھەمدە كەلكۈن مۇداپىئە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇش كېرەك.
21- ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىشتا، ئالدى بىلەن شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ھەمدە يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە سۇ ترانسپورتى ئېھتىياجلىرىغىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىشى لازىم.
قۇرغاق ۋە يېرىم قۇرغاق رايونلاردا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىشتا، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا كېرەكلىك سۇ ئېھتىياجىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىش لازىم.
22- ماددا ۋادى ھالقىپ سۇ تەڭشەشتە، ئومۇميۈزلۈق يىرىك پىلانلاش ۋە ئىلمىي دەلىللەش، سۇ بېرىدىغان، ئالىدىغان ۋادىلارنىڭ سۇ ئېھتىياجىغا بىر تۇتاش پىلانلاش تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
23- ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ سۇ بايلىقى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يەر ئۈستى سۈيى بىلەن يەر ئاستى سۈيىنى بىر تۇتاش تەقسىملەپ ئېچىش، مەنبەنى ئېچىش بىلەن ئېقىم تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئېقىم تىزگىنلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە ھاسلىي سۇدىن پايدىلىنىش پرىنسىپى بويىچە، سۇ بايلىقىنى ئېچىشنى مۇۋاپىق تەشكىللىشى ۋە ئۇنىڭدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشى لازىم.
خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، شۇنىڭدەك شەھەر ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈش، چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، شۇ جاينىڭ سۇ بايلىقى شارائىتى ۋە كەلكۈن مۇداپىئە تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇنى ئىلمىي دەلىللەش كېرەك؛ سۇ بايلىقى يېتەرسىز جايلاردا شەھەر كۆلىمى ۋە قۇرۇلۇش سۇ سەرپىياتى كۆپ بولغان سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ۋە مۇلازىمەتچىلىك تۈرلىرىگە چەك قويۇش كېرەك.
24- ماددا دۆلەت سۇ بايلىقى كەمچىل جايلارنىڭ يامغۇر سۈيى ۋە قىرتاق سۇنى توپلىشى، ئېچىشى، پايدىلىنىشى ھەم دېڭىز سۈيىنى ئىشلىتىشى، تۈزسىزلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
25- ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇغىرىش، زەي چىقىرىش، سۇ- تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ئاسان شورلىشىپ ۋە زەيلىشىپ كېتىدىغان جايلاردا تەدبىر قوللىنىپ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنىنى تىزگىنلىشى ۋە تۆۋەنلىتىشى لازىم.
يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى ئۇنىڭ ئەزالىرى قانۇن بويىچە شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ ئىگدارلىقىدىكى كوللېكتىپ يېرىدە ياكى ھۆددە ئالغان يەردە مەبلەغ سېلىپ سۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى بەرپا قىلسا، كىم مەبلەغ سالسا شۇ باشقۇرۇش ۋە مەنپەئەتلىنىش پرىنسىپى بويىچە، سۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا يىغىلغان سۇنى ئۆزى باشقۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىدۇ.
يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى سۇ ئامبىرى ياساشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.
26 – ماددا دۆلەت سۇ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ. سۇ ئېنېرگىيىسى مول دەريالاردا سۇ ئېنېرگىيە بايلىقىنى پىلانلىق ھالدا كۆپ نىشان بويىچە دەرىجىمۇ دەرىجە ئېچىش كېرەك.
سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىلىرىنى قۇرۇشتا، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇغرىش، سۇ ترانسپورتى، ياغاچ ئېقىتىش ۋە بېلىقچىلىق قىلىش ئېھتىياجلىرىغا تەڭ ئېتىبات بېرىش كېرەك.
27 – ماددا دۆلەت سۇ ترانسپورت بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ. سۇ جانىۋارلىرىنىڭ كۆچۆش يولى، پاراخوت قاتنايدىغان ياكى ياغاچ ئاققۇزىدىغان دەريالارنىڭ مەڭگۈلۈك دەريا توسۇش چۈشۈرگىسىنى ياساشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بېلىق ئۆتىدىغان، پارخوت ئۆتىدىغان، ياغاچ ئاققۇزىدىغان ئەسلىھەلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ياسىشى ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماقلارنىڭ تەستىقى بىلەن، باشقا ئوڭشاش تەدبىر قوللىنىشى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ۋە سۇ يىغىلىۋاتقان مەزگىلدىكى سۇ جانىۋارلىرىنى قوغدىشى، سۇ ترانسپورتى ۋە ياغاچ ئاققۇزۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم، بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن چىقىرىدۇ.
كېمە – پاراخوت قاتنىمايدىغان دەريا ئېقىنى ياكى سۈنئىي سۇ يوللىرىغا توما ياسالغاندىن كېيىن كېمە- پاراخوت قاتنىسا، توما ياساتقۇچى ئورۇن پاراخوت ئۆتىدىغان ئەسلىھەلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ياسىشى ياكى پاراخوت ئۆتىدىغان ئەسلىھەلەرنىڭ ئورنىنى قالدۇرۇپ قويۇشى لازىم.
28- ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ باشلاش، توسۇش (يىغىش)، چىقىرىۋېتىشتە، جامائەت مەنپەئىتىگە ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
29- ماددا دۆلەت سۇ قۇرۇلۇشى كۆچمەنلىرىنى ئېچىش خاراكتېرلىك كۆچۈرۈش فاڭجېنىنى يولغا قويۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدە تۆلەم، ياردەم پۇل بېرىش بىلەن كېيىنكى مەزگىلدە يار – يۆلەك بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى بويىچە، كۆچمەنلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن قۇرۇلۇشقا تەڭ تۇتۇش قىلىش كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان رايوننىڭ مۇھىت سغىمچانلىقىغا ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات پرىنسپىغا ئاساسەن، كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تۈزۈپ، قانۇن بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يولغا قويۇشى لازىم. كۆچمەنلەرگە كېرەكلىك خىراجەت قۇرۇلۇش مەبلىغى پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
4- باب سۇ بايلىقى، سۇ دائىرىسى ۋە سۇ قۇرۇلۇشىنى قوغداش
30- ماددا ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ۋادى باشقۇرش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلار سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشتە، دەريانىڭ مۇۋاپىق ئېقىن مىقدارىنى ۋە كۆل، سۇ ئامبىرى، شۇنىڭدەك يەر ئاستى سۈيىنىڭ مۇۋاپىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، سۇنىڭ تەبىئىي تازىلىنىش ئىقتىدارىنى ساقلىشى لازىم.
31 – ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تەستىقلانغان يىرىك پىلانغا ئەمەل قىلىشى لازىم؛ يىرىك پىلانغا خىلاپلىق قىلىپ دەريا ۋە كۆل سۈيى دائىرىسىنىڭ ئىشلىتىلىش رولىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، يەر ئاستى سۈيىنىڭ زىيادە تارتىلىشى، يەرنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى، سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ئوڭشاش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
كان بايلىقى قازغاندا ياكى يەر ئاستى قۇرۇلۇشى قىلغاندا، سۇ چىقىرىۋېتىش مەقسىتىدە يەر ئاستى سۇ ئورنى تۆۋەنلەپ كېتىش، سۇ مەنبەسى قۇرۇپ كېتىش ياكى يەر ئويۇلۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، كان بايلىقى قازغۇچى ئورۇن ياكى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئوڭشاش تەدبىرى قوللىنىشى لازىم؛ باشقىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشى لازىم.
32- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ئالاقىدار تارماقلار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى، سۇ بايلىقىنى قوغداش يىرىك پىلانى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ رولىنى رايونلارغا ئايرىش لايھىسىنى تەييارلاپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان باشقا دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ رولىنى رايونلارغا ئايرىش لايىھىسىنى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ دەريا، كۆل بار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەييارلايدۇ، ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەكشۈرۈش پىكىرىنى قويغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ، گوۋۇيۈەنگە ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن باشقا دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ رولىنى رايونلارغا ئايرىش لايىھىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەييارلاپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇ رولى رايونىنىڭ سۇ سۈپىتىگە بولغان تەلىپى ۋە سۇنىڭ تەبىئىي ساپلىشىش ئىقتىدارىغا قاراپ شۇ سۇ رايونىنىڭ بۇلغىما سىغدۇرۇش ئىقتىدارىنى بېكىتىپ، مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا شۇ سۇ رايونىنىڭ بۇلغىما چىقىرىۋېتىش ئومومىي مىقدارىغا چەك قويۇش توغرىسىدىكى پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇ رولى رايونىدىكى سۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەپ، نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىلىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ياكى سۇ رولى رايونىدىكى سۇ سۈپىتىنىڭ سۇ دائىرىسىنىڭ ئىشلىتىلىش رولىنىڭ سۇنىڭ سۈپىتىگە بولغان تەلىپىگە يەتمىگەنلىكىنى سەزگەندە، ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، ئوڭشاش تەدبىر قوللىنىشى ھەمدە مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنى خەۋەرلەندۈرۈشى لازىم.
33- ماددا دۆلەت ئىچىملىك سۇ مەنبە مۇھاپىزەت رايونى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىچىملىك سۇ مەنبە مۇھاپىزەت رايونلىرىنى ئايرىپ چىقىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ سۇ مەنبەسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ۋە سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسى ئىچىدىغان سۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
34 – ماددا ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونىدا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويۇش مەنئى قىلىنىدۇ.
دەريا، كۆللەردە بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى يېڭىدىن قويۇش، ئۆزگەرتىش ياكى كېڭەيتىشتە، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تەستىقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.
35- ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن قۇرۇلۇشتا يېزا ئىگىلىك سۇ مەنبەسى، سۇغىرىش – سۇ چىقىرىۋېىتش ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋالغان ياكى سۇغىرىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش مەنبەسىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەنلىرى مۇناسىپ ئوڭشاش تەدبىرى قوللىنىشى؛ زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشى لازىم.
36 – ماددا يەر ئاستى سۈيى زىيادە تارتىلغان جايلاردا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يەر ئاستى سۈيىنى تارتىشنى قاتتىق تىزگىنلىشى لازىم. يەر ئاستى سۈيى بەك زىيادە تارتىلغان جايلاردا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، يەر ئاستى سۈيى تارتىشنى مەنئى قىلىش ياكى تارتىشقا چەك قويۇلىدىغان رايونلار ئايرىلسا بولىدۇ. دېڭىز بويىدىكى جايلاردا يەر ئاستى سۈيى تارتىشنى ئىلمىي دەلىللەش ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ يەرنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىدىن ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ بېسىۋېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
37 – ماددا دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرى، قانال، ئۆستەڭگە كەلكۈننى ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى تاشلاپ، دۆۋىلەپ قويۇش ۋە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان دەل – دەرەخ تىكىش، شۇنىڭدەك غوللۇق زىرائەت تېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.
دەريا باشقۇرۇش دائىرىسىدە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان ئۆي – ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى سېلىش، شۇنىڭدەك دەريا ھالىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، قىرغان مۇداپىئە توسمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان ۋە دەريا يولىدا كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ.
38 – ماددا دەريا باشقۇرۇش دائىرىسىدە كۆۋرۈك، پرېستان ۋە باشقا دەريا توسۇيدىغان، دەريادىن ئۆتىدىغان، دەرياغا يېقىن ئۆي – ئىمارەت، قۇرۇلمىلار، دەريا ئاستى تۇرۇبا يولى، كابېللىرىنى دۆلەت بېكىتكەن كەلكۈن مۇداپىئە ئۆلچىمىگە ۋە باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىكى تېخنىكا تەلىپى بويىچە ياساش، قۇرۇلۇش لايىھىسى كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىۋەتلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىنىڭ تەكشۈرۈپ ماقۇللىشىغا يوللاش لازىم.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ياساش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى سۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىشكە، ئۆزگەرتىشكە، چېقىۋېتىشكە ياكى بۇزۇشقا توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە زىيان تۆلىمى بېرىشى لازىم. لېكىن، ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىدىن قانۇنغا خىلاپ بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
39- ماددا دۆلەت دەريادىن شېغىل ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دەريادىن شېغىل ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
دەريا باشقۇرۇش دائىرىسىدە شېغىل ئېلىپ دەريا ھالىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتسە ياكى توسمىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتسە، ئالاقىدار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شېغىل ئېلىش مەنئى قىلىنىدىغان رايون ۋە شېغىل ئېلىش مەنئى قىلىنىدىغان مەزگىلنى بېكىتىشى ھەمدە ئۇنى ئېلان قىلىشى لازىم.
40- ماددا كۆل دائىرىلەپ يەر ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ. دائىرىلەپ يەر ئاچقانلار دۆلەت بېكىتكەن كەلكۈن مۇداپىئە ئۆلچىمى بويىچە، پىلانلىق ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى لازىم.
دەريا دائىرىلەپ يەرئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ. دەريا دائىرىلەپ يەر ئېچىش زۆرۈر بولسا، ئىلمىي دەلىللەپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش كېرەك.
41- ماددا ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ قۇرۇلۇشىنى ئاسراش مەجبۇرىيىتى بار، مۇداپىئە قىرى، مۇداپىئە قېشى، كەلكۈن مۇداپىئەسى، گىدرولوگىيىلىك ئۆلچەش، گىدروگېئولوگىيىلىك ئۆلچەش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا ۋە بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
42- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى سۇ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ، بولۇپمۇ تۇغان، مۇداپىئە قىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، خەتەرنى سۈرۈك ئىچىدە تۈگىتىشى لازىم. سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى لازىم.
43- ماددا دۆلەت سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى قوغدايدۇ. دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرۇلۇشنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش لازىم.
گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى باشقۇرىدىغان سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى مەسئۇل تارماق ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن باشقا سۇ قۇرۇلۇشلىرىدا قۇرۇلۇش مۇھاپىزەت دائىرىىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىش كېرەك.
سۇ قۇرۇلۇشلىرى مۇھاپىزەت دائىرىسىدە، سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يېتىدىغان ۋە سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پارتلىتىش، قۇدۇق قېزىش، تاش، توپا ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
5- باب سۇ بايلىقىنى تەقسملەش ۋە تېجەش
44- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات – پىلان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇ بايلىقىنى ماكرولۇق تەقسىملەشكە مەسئۇل بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىيدىغان ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك سۇ تەمىنات – تەلەپ يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ سۇ تەرەققىيات – پىلان مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ. يەرلىكنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك سۇ تەمىنات – تەلەپ پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇننىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك سۇ تەمىنات – تەلەپ يىرىك پىلانىغا ۋە شۇ جاينىڭ ئەمەلي ئەھۋالىغا قاراپ تۈزۈپ، شۇ دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات – پىلان مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ.
ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك سۇ تەمىنات – تەلەپ يىرىك پىلانىدا سۇ تەمىنات – تەلەپ ئەھۋالى، خەلق ئىگلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، ۋادى يىرىك پىلانى، رايون يىرىك پىلانىغا ئاساسلىنىش، ئۇنى سۇ بايلىقى تەمىنات – تەلەپ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش، ھەر تەرەپلىمە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيىنى قوغداش، قاتتىق تېجەش، مەنبەنى مۇۋاپىق ئېچىش پرىنسىپى بويىچە تۈزۈش لازىم.
45- ماددا سىرغىم سۇنى يىغىش ۋە سۇ تەقسىملەشتە، ۋادى يىرىك پىلانى بىلەن ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك سۇ تەمىنات – تەلەپ يىرىك پىلانىغا ئاساسلىنىش، سۇ تەقسىملەش لايىھىسىنى ۋادىلارنى بىرىلىك قىلىپ تۈزۈش كېرەك.
ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان سۇ تەقسىمات لايىھىسىنى ۋە ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولغاندا، سۇ ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسىنى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تۈزۈپ، گوۋۇيۈەن ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىپ ئىجرا قىلىدۇ. مەمۇرىي رايون ھالقىغان باشقا سۇ تەقسىمات لايىھىسىنى ۋە ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولغاندا، سۇ ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسىنى ئۇلارغا ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ ئىجرا قىلىدۇ.
سۇ تەقسىمات لايىھىسى ۋە ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولغاندا، سۇ تەڭشەش لايىھىسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىشى شەرت.
ئوخشاش بولمىغان مەمۇرىي رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى پاسىل دەريادا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش تۈرلىرى شۇ ۋادىنىڭ تەستىقلانغان سۇ تەقسىمات لايىھىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزىگە ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى لازىم.
46 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلانغان سۇ تەقسىمات لايىھسىگە ۋە يىللىق مۆلچەرى سۇ مىقدارىغا ئاساسەن، يىللىق سۇ تەقسىمات لايىھىسى تۈزۈپ، سۇنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا بويسۇنۇشى شەرت.
دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەرنىڭ يىللىق سۇ تەقسىمات لايىھىسىنى دۆلەتنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈش لازىم.
47 – ماددا دۆلەت سۇ ئىشلىتىشتە ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش بىلەن نورمىلىق باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار ساھە مەسئۇل تارماقلىرى شۇمەمۇرىي رايوندىكى سۇ نورمىسىنى بېكىتىپ، تەڭ دەرىجلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن سۈپەت نازارەتچىلىك پېرىيوم مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەتچىلىك پېرىيوم مەمۇرىي مەسئۇل تامىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات – پىلان مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، سۇ نورمىسى، ئىقتىساد – تېخنىكا شارائىتى، شۇنىڭدەك سۇ تەقسىمات لايىھىسىدە بېكىتىلگەن شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىشلەتكىلى بولىدىغان سۇ مىقدارىغا قاراپ، يىللىق سۇ ئىشلىتىش پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يىللىق سۇ ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەيدۇ.
48- ماددا دەريا، كۆل ياكى يەر ئاستى سۇ بايلىقىدىن بىۋاسىتە سۇ ئېلىپ ئىشلىتىدىغان ئورۇن ۋە شەخس دۆلەتنىڭ سۇ ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمى ۋە سۇ بايلىقىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ھەمدە سۇ بايلىقى ھەققى تاپشۇرۇپ، سۇ ئېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى لازىم. لېكىن، ئائىلە تۇرمۇشىغا، چارۋا ۋە ئۆي قوشلىرىنى تارقاق بېقىش، قوتاندا بېقىش قاتارلىقلارغا ئاز مىقداردا سۇ ئېلىش بۇنىڭ سىرتىدا.
سۇ ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمى ۋە سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىش- باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
49 – ماددا سۇ ئىشلىتىشتە ئۆلچەم بولۇش ھەمدە سۇنى تەستىقلانغان پىلان بويىچە ئىشلىتىش لازىم.
سۇ ئىشلىتىشتە ئۆلچەم بويىچە ھەق ئېلىش ۋە نورمىدىن ئېشىپ كەتسە باھا قويۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
50 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېجەپ سۇغىرىش ئۇسۇلى ۋە سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇشى، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ يىغىش، سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىدا زۆرۈر سۇ سىڭمەس تەدبىرى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.
51- ماددا سانائەتتە سۇ ئىشلىتىشتە ئىلغار تېخنىكا، ھۈنەر ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ، سۇنى ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، سۇنى تەكرار ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
دۆلەت قالاق، سۇ سەرپىياتى يۇقىرى ھۈنەر، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتلارنى تەدرىجىي شاللايدۇ، بۇنىڭ كونكرېت مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ. ئىشلەپ چىقارغۇچى، ساتقۇچى ياكى ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەتتە ئىشلەتكۈچىلەر مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن ھۈنەر، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ياكى ئىشلىتىشنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا توختىتىشى كېرەك.
52- ماددا شەھەرلەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تۇرمۇشقا كېرەكلىك سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىپ، شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورلىرىنىڭ سۇ قېچىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، تۇرمۇشقا كېرەكلىك سۇنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىپ، ھاسلىي سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
53- ماددا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان ۋە ئۆزگەرتىلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە سۇتېجەش لايىھىسى تۈزۈپ چىقىش، سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش كېرەك. سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇلۇش گەۋدىسى بىلەن تەڭ لايىھىلەش، تەڭ سېلىش، تەڭ ئىشقا كىرشتۈرۈش كېرەك.
سۇ تەمىنات كارخانىلىرى ۋە سۇ تەمىنات ئەسلىھەلىرىنى ئۆزى سالغان ئورۇنلار سۇ تەمىنات ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇنىڭ زايە بولۇشىنى ئازايتىشى لازىم.
54- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پائال تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ شارائىتىنى ياخشىلىشى لازىم.
55- ماددا سۇ قۇرۇلۇشلىرى تەمىنلىگەن سۇنى ئىشلىتىشتە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە سۇ بەرگۈچى ئورۇنغا سۇ ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك. بېرىلگەن سۇنىڭ باھاسىنى تەننەرخىنى تولۇقلاش، مۇۋاپىق مەنپەئەتلىنىش، ياخشىسىغا يۇقىرى باھا قويۇش، ئادىل ئۈسىتىگە ئېلىش پرىنسىپى بويىچە بەلگىلەش كېرەك. كونكرېت چارىسىنى ئۆلكە دەرىجىدىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى سۇ بەرگۈچى باشقا مەمۇرىي مەسئۇل تارماق بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىدۇ.
6- باب سۇ ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش
56- ماددا ئوخشاش بولمىغان مەمۇرىي رايونلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۇ ماجىرالىرىنى مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىش كېرەك؛ مەسلىھەتتىن نەتىجە چىقمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىشى، ئالاقىدار تەرەپلەر ئۇنى شۇ بويىچە ئىجرا قىلىشى شەرت. سۇ ماجىراسى ھەل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، تەرەپلەرنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلماي ياكى ئۇلارغا ئورتاق بولغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىماي تۇرۇپ، مەمۇرىي رايون پاسىلىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مەلۇم دائىرىدە ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش، سۇ تۇتۇش، سۇ ئېلىش ۋە سۇ توشۇش (ساقلاش) قۇرۇلۇشى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، سۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
57- ماددا ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا، شەخسلەر ئوتتۇرىسىدا، ئورۇنلار بىلەن شەخسلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۇ ماجىرالىرىنى مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىش كېرەك؛ ئالاقىدار مەسلىھەتلىشىشنى خالىمىسا ياكى مەسلىھەتتىن نەتىجە چىقمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ، ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسىمۇ بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ مۇرەسسەسىدىن نەتىجە چىقمىسا، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسابولىدۇ.
سۇ ماجىراسى ھەل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئالاقىدار بىر تەرەپنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
58 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماق سۇ ماجىراسىنى بىر قىلىشتا ۋاقىتلىق تەدبىر قوللىنشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار تەرەپلەر ياكى ئالاقىدارلار بۇنىڭغا بويسۇنۇشى شەرت.
59- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى ھەمدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
سۇ نازارەتچىلىرى ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك.
60- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ سۇ ئىشلىرى نازارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قلىشتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنشقا ھوقۇقلۇق:
(1) تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇندىن ئالاقىدار ھۆججەت، گۇۋاھنامە، ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛
(2) تەكشۈرۈلىدىغا ئورۇندىن مۇشۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشقا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛
(3) تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرش سورۇنىغا كىرىپ تەكشۈرۈش؛
(4) تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇننى مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇش.
61- ماددا ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەر سۇ ئىشلىرى نازارەتچىلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلىشىشى لازىم، سۇ ئىشلىرى نازارەتچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىشقا ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
62- ماددا سۇ ئىشلىرى نازارەتچىلىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىشتا تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەرگە قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى لازىم.
63- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلىش ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشىنى سەزگەندە، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى لازىم.
7- باب قانۇن جاۋابكارلىقى
64- ماددا سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار، شۇنىڭدەك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى خىزمەتتىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل – مال ۋە باشقا نەپ ئالسا ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئىجازەتنامە بېرىپ، تەكشۈرۈپ قوشۇلۇش پىكىرى يازسا، سۇنى تەقسىمات لايىھىسىگە قارىماي تەقسىم قىلسا، سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىسا، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سەزگەن بولسىمۇ بىر تەرەپ قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمنىڭ ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
65- ماددا دەريا باشقۇرۇش دائىرىسىدە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان ئۆي – ئىمارەت، قۇرۇلما ياسىغانلار ياكى دەريا ھالىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، قىرغاق مۇداپىئە قىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ۋە دەريادىكى كەلكۈننى ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، قانۇنغا خىلاپ ئۆي – ئىمارەت، قۇرۇلمىنى سۈرۈك ئىچىدە بۇزۇپ تاشلاپ، ئەسلىي ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ بۇزۇۋەتمىسە، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرمىسە، مەجبۇرىي بۇزۇۋېتىلىدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ياكى شەخس ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سۇ قۇرۇلۇشى قىلغان ياكى كۆۋرۈك، پرېستان ياسىغان ۋە باشقا دەريا توسۇيدىغان، دەريادىن ئۆتىدىغان، دەرياغا يېقىن جايغا ئۆي – ئىمارەت، قۇرۇلما ياسىغان، دەريا ئاستىغا تۇرۇبا، كابېل ئورناتقانلار ھەققىدە كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنىدا بەلگىلىمە بولمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى سۈرۈك ئىچىدە تولۇقلاپ بېجىرىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ بېجىرمىگەن ياكى بېجىرگەن بولسىمۇ تەستىقلانمىغانلارنى قانۇنغا خىلاپ ئۆي – ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى سۈرۈك ئىچىدە بۇزۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ بۇزۇۋېتىلمىگەنلىرى مەجبۇرىي بۇزۇۋېتىلىدۇ، بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپ قىلغان ئورۇن ياكى شەخس ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان بولسىمۇ، تەلەپ بويىچە ياسالمىغان ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا ئەھۋالنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
66- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشىنڭ بىرىنى سادىر قىلغان ھەم كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنىدا بەلگىلەنمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، توسالغۇنى سۈرۈك ئىچىدە تازىلاشقا ياكى باشقا ئوڭشاش تەدبىر قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1) دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرى، قانال، ئۆستەڭلەرگە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى تاشلاپ، دۆۋىلەپ قويغان ۋە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان دەل – دەرەخلەرنى تىككەن ۋە غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىغانلار؛
(2) كۆل دائىرىلەپ يەر ئاچقان ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ دەريا دائىرىلەپ بوز يەر ئاچقانلار.
67- ماددا ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى ئىچىدە بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۈرۈك ئىچىدە بۇزۇۋېتىشكە، ئەسلىي ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ بۇزۇۋەتمىگەن، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرمىگەنلەرنى مەجبۇرىي بۇزۇۋېتشكە، ئەسلىي ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، دەريا، كۆللەردە بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يېڭىدىن قويغان، ئۆزگەرتكەن ياكى كېڭەيتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، سۈرۈك ئىچىدە ئەسلىي ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
68- ماددا دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن قالاق، سۇ سەرپىياتى يۇقىرى ھۈنەر، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغان، ساتقان ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىدا ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىشنى، سېتىشنى ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
69- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، سۈرۈك ئىچىدە ئوڭشاش تەدبىر قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ:
(1) تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سۇ ئالغانلار؛
(2) سۇ ئېلىشتا تەستىقلانغان سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسىدە بەلگىلەنگەن شەرتكە ئەمەل قىلمىغانلار.
70- ماددا سۇ بايلىقى ھەققىنى تاپشۇرمىغان، كېچىكتۈرگەن ياكى نېسى قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغانلاردىن كېچىكتۈرگەن كۈندىن باشلاپ ھەر كۈنىگە كېچىكتۈرگەن قىسمىنىڭ ‰20 ى بويىچە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى قوشۇپ ئېلىنىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە تاپشۇرۇشقا ياكى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سۇ بايلىقى ھەققىنىڭ بىر ھەسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
71- ماددا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرى پۈتمىگەن ياكى دۆلەت بېكىتكەن تەلەپكە يەتمىگەن ئەھۋالدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، ئىشلىتىشنى توختىتىپ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇلارغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانى قويۇلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىغا جىلاپلىق قىلغانلارغا ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ :
(1) سۇ قۇرۇلۇشى ۋە مۇداپىئە قىرى، مۇداپىئە قېشى ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋالغان، نابۇت قىلىۋەتكەنلەر، كەلكۈن مۇداپىئە، گىدرولوگىيە، گىروگېئولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى نابۇت قىلىۋەتكەنلەر:
(2) سۇ قۇرۇلۇشىنى ئاسراش دائىرسىدە، سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشلىتىلىشگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پارتلىتىش، قۇدۇق قېزىش، تاش، توپا ئېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار 73- ماددا تاشقىن مۇداپىئە ئەشيالىرى، كەلگۈن مۇداپىئەسى، ئېتىز – ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشى، گىدروگېئولوگىيە ۋە ئۆلچەش ، شۇنىڭدەك باشقا سۇ قۇرۇلۇش ئۈسكۈنە – سايمانلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئوغلاپ ياكى تاتىۋېلىپ، دۆلەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش، تاشقىندىن مۇداپىئەلىنىش، كۆچمەنلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا تۆلەم بېرىش، شۇنىڭدەك باشقا سۇ قۇرۇلۇش پۇلنى خىيانەت قىلىپ ياكى ئىشلىتىۋېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
72 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرۈگەنلەرنىڭ جىنايە جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇننىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغان ھەمدە كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنىدا بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغان ھەمدە كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنىدا بەلگىلەنمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، قانۇنغان خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، ئوڭشاش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلارغا ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:
(1) سۇ قۇرۇلۇشى ۋە مۇداپىئە قىرى، مۇداپىئە قېشى ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋالغان، نابۇت قىلۋەتكەنلەر، كەلكۈن مۇداپىئە، گىدرولوگىيە، گىدروگېئولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى نابۇت قىلىۋەتكەنلەر؛
(2) سۇ قۇرۇلىشىنى ئاسراش دائىرسىدە، سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈدىغان ۋە سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پارتىلىتىش، قۇدۇق قېزىش، تاش، توپا ئېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار.
73 - ماددا تاشقىن مۇداپىئە ئەشيالىرى، كەلكۈن مۇداپىئە، ئېتىز - ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشى، گىدروگېئولوگىيە ۋە ئۆلچەش، شۇنىڭدەك باشقا سۇ قۇرۇلۇش ئۈسكۈنە - سايمانلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئوغرىلاپ ياكى تارتىۋېلىپ، دۆلەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش، تاشقىندىن مۇداپىئەلىنىش، كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا تۆلەم بېرىش، شۇنىڭدەك باشقا سۇ قۇرۇلۇش پۇلىنى خىيانەت قىلىپ ياكى ئىشلىتىۋېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
74- ماددا سۇ ماجىراسى يۈز بەرگەندە ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا باشقىلارنى قۇترىتىپ جېدەل چىقىرىپ، توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ، جامائەتنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ پۇل- مېلىنى تارتىۋېلىپ ياكى بۇزۇۋېىتپ، باشقىلارنىڭ جسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايەت ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمىغانلىرىغا ج خ ئوگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.
75- ماددا ئوخشاش بولمىغان مەمۇرىي رايونلار ئوتتۇرىسىدا سۇ ماجىراسى يۈز بېرىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرى سادىر بولسا، جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ:
(1) سۇ تەقسىمات لايىھىسىنى ۋە سۇ تەڭشەش لايىھىسىنى ئىجرا قىلماي تۇرۇۋالغانلار؛
(2) سۇنى بىر تۇتاش تەڭشەشكە بويسۇنماي تۇرۇۋالغانلار؛
(3) يۇقىرى دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلماي تۇرۇۋالغانلار؛
(4) سۇ ماجىراسى ھەل قىلىنىشىتىن ئىلگىرى، ھەر قايسى تەرەپلەر كېلىشىم ھاسىل قىلماي ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، بىر تەرەپ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇنىڭ ھازىقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر.
76- ماددا سۇ باشلاش، توسۇش (يىغىش)، چىقىرىۋېتىشىتە، جامائەت مەنپەئىتىگە ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ياكى زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
77- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 39- ماددىسىدىكى دەريادىن شېغىل ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمىگە دائىر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا مەمۇرىي جازا بېرىشنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
8- باب قوشۇمچە پرىنسىپ
78- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا ياكى دۆلەت چېگىرىسىدىكى پاسىل دەريا، كۆللەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا شەرتنامە، كېلىشىملەردە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنغا ئوخشىمايدىغان بەلگىلىمىلەر بولسا، خەلقئارالىق شەرتنامە، كېلىشىملەردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. لېكىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ ساقلاپ قالغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا.
34 - ماددا سۇغۇرتا نىشانىنى ئۆتۈنۈشتە سۇغۇرتىچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى، سۇغۇرتىچى داۋاملىق سۇغۇرتىلاشقا قوشۇلسا، توختامنى توختامنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىش كېرەك. لېكىن، يۈك ترانسىپورت سۇغۇرتا توختامى ۋە ئايرىم پۈتۈشكەن باشقا توختاملار بۇنىڭ سىرتىدا.
35 - ماددا يۈك ترانسىپورت سۇغۇرتا توختامى ۋە ترانسىپورت ۋاستىلىرىنىڭ مۇساپە سۇغۇرتا توختامىدا، سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغاندىن كېيىن، توختام تۈزۈشكۈچىلەرنىڭ توختامنى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
36 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى دۆلەتنىڭ ئوت مۇداپىئەسى، بىخەتەرلىك، ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.
توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلاتقۇچىغا خەتەرلىك ئامىللارنى ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش توغرىسىدا ۋاقتىدا يازما تەكلىپ بېرىدۇ.
سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە ئۆزىنىڭ سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىك جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلمىسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى كۆپەيتىش ياكى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ.
37 - ماددا توختام كۈچكە ئىگە مۇددەتتە، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ خەۋپ - خەتىرى ئاشسا، سۇغۇرتىلانغۇچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتىچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرىدۇ. سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى كۆپەيتىپ ئېلىش ياكى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
سۇغۇرتىلانغۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ خەۋپ - خەتىرى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدە سۇغۇرتىچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
38 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىدىن باشقىلىرىدا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىشى ھەمدە مۇناسىپ سۇغۇرتا ھەققىنى كۈن بويىچە ھېسابلاپ قايتۇرۇشى كېرەك:
(1) سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى بېكىتىشتە ئالاقىدار ئەھۋاللاردا ئۆزگىرىش بولۇپ، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ خەۋپ - خەتىرى كۆرۈنەرلىك ئازايغان بولسا؛
(2) سۇغۇرتا نىشانىنىڭ سۇغۇرتا قىممىتى كۆرۈنەرلىك ئازايغان بولسا.
39 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا، سۇغۇرتىچىغا رەسمىيەت ھەققى بېرىشى، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇشى كېرەك. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغاندىن كېيىن، توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغان كۈندىن باشلاپ توختام بىكار قىلىنغان كۈنگىچە بولغان مەزگىلدىكى سۇغۇرتا ھەققىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغىنىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرسا بولىدۇ.
40 - ماددا سۇغۇرتا نىشانىنىڭ سۇغۇرتا قىممىتىنى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى پۈتۈشسە ھەمدە توختامغا يېزىپ قويسا بولىدۇ، سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەن چاغدىكى سۇغۇرتا نىشانىنىڭ ئەمەلىي قىممىتى بويىچە بېكىتسىمۇ بولىدۇ.
سۇغۇرتا سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛ سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.
توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا سوممىسى بىلەن سۇغۇرتا قىممىتىنىڭ نىسبىتى بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
41 - ماددا تەكرار سۇغۇرتىلاتقۇچى تەكرار سۇغۇرتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سۇغۇرتىچىلارغا ئۇقتۇرۇشى لازىم.
تەكرار سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ يىغىندىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، سۇغۇرتىچىلار بېرىدىغان تۆلەم سوممىسىنىڭ يىغىندىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىدىن باشقا، سۇغۇرتىچى ئۆزىنىڭ سۇغۇرتا سوممىسى بىلەن سۇغۇرتا سوممىسى يىغىندىسىنىڭ نىسبىتى بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
تەكرار سۇغۇرتا سۇغۇرتىلاتقۇچى بىر سۇغۇرتا نىشانى، بىر سۇغۇرتا مەنپەئىتى ۋە بىر سۇغۇرتا ھادىسىسى توغرىسىدا ئىككىدىن ئارتۇق سۇغۇرتىچى بىلەن توختام تۈزگەن سۇغۇرتىنى كۆرسىتىدۇ.
42 - ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، زىياندىن ساقلىنىش ياكى زىياننى ئازايتىش مەسئۇلىيىتى بار.
سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ سۇغۇرتا نىشانى زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان زۆرۈر ھەم مۇۋاپىق خىراجەتلەرنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالىدىغان سومما سۇغۇرتا نىشانى زىيىنىغا بېرىلىدىغان تۆلەم سوممىسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
43 - ماددا سۇغۇرتا نىشانىدا قىسمەن زىيان كۆرۈلسە، سۇغۇرتىچى تۆلەپ بەرگەندىن كېيىن، 30 كۈن ئىچىدە سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ؛ توختامدا ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ پۈتۈشكەنلىرىدىن باشقىلىرىنى سۇغۇرتىچى ئاخىرلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. سۇغۇرتىچى توختامنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولسا، سۇغۇرتىلاتقۇچىغا 15 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سۇغۇرتا نىشانىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغان قىسمىنىڭ سۇغۇرتا ھەققىدىن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغان كۈندىن توختام ئاخىرلاشتۇرۇلغان كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى قىسمىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغىنىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
44 - ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ بولسا ھەمدە بەرگەن سۇغۇرتا سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىگە باراۋەر كەلسە، زىيانغا ئۇچرىغان سۇغۇرتا نىشانىنىڭ ھەممە ھوقۇقى سۇغۇرتىچىغا مەنسۇپ بولىدۇ؛ سۇغۇرتا سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، سۇغۇرتىچى زىيانغا ئۇچرىغان سۇغۇرتا نىشانىنىڭ قىسمەن ھوقۇقىغا سۇغۇرتا سوممىسى بىلەن سۇغۇرتا قىممىتىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئىگە بولىدۇ.
45 - ماددا سۇغۇرتا نىشانىغا 3 - تەرەپ زىيان يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن سۇغۇرتا ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ 3 - تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى سۇغۇرتىلانغۇچىغا سۇغۇرتا پۇلى تۆلىگەن كۈندىن باشلاپ تۆلۈم سوممىسى دائىرىسىدە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلانغۇچى 3 - تەرەپتىن زىيان تۆلىمى ئالغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلىگەندە، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپتىن ئالغان زىيان تۆلىمىنى مۇۋاپىق تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.
سۇغۇرتىچىنىڭ 1 - تارماق بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ تۆلەم ئالمىغان قىسمى ئۈچىنچى تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
46 - ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەشتىن ئىلگىرى سۇغۇرتىلانغۇچى ئۈچىنچى تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىغا سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتىچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۈچىنچى تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن، سۇغۇرتىچى ۋاكالىتەن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمىسە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا تۆلەم پۇلىنى مۇۋاپىق تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.
47 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ياكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەر مۇشۇ قانۇننىڭ 45 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقىلىرىدا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ياكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولمايدۇ.
48 - ماددا سۇغۇرتىچى ۋاكالىتەن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى ئۈچىنچى تەرەپكە يۈرگۈزگەندە، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتىچىنى زۆرۈر بولغانا ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە ئۆزى بىلىدىغان ئالاقىدار ئەھۋاللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
49 - ماددا سۇغۇرتىچى، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ خاراكتېرى، سەۋەبى ۋە سۇغۇرتا نىشانىنىڭ زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسىنى ئېنىقلاش ۋە بېكىتىش ئۈچۈن چىقارغان زۆرۈر ھەم مۇراپىق خىراجەتلەرنى سۇغۇرتىچى كۆتۈرىدۇ.
50 - ماددا جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىدىكى سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچى ئۈچىنچى تەرەپكە زىيان سالسا، قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە، ئۈچىنچى تەرەپكە سۇغۇرتا سوممىسىنى بىۋاستە تۆلەپ بەرسە بولىدۇ.
جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى - سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ ئالدىدا قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان تۆلەم جاۋابكارلىقى سۇغۇرتا نىشانى قىلىنغان سۇغۇرتىنى كۆرسىتىدۇ.
51 - ماددا جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىدا ئۈچىنچى تەرەپكە زىيان يەتكۈزۈش سۇغۇرتا ھادىسىسىنى پەيدا قىلغان سۇغۇرتىلانغۇچى ئۈستىدە كېسىم قىلىش تەلەپ قىلىنسا ياكى دەۋا قىلىنسا، سۇغۇرتىلانغۇچى تۆلىگەن كېسىم ياكى دەۋا ھەققى باشقا زۆرۈر، مۇۋاپىق خىراجەتلەرنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالىدۇ، توختامدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
3 - پاراگراف جىسمانىي سۇغۇرتا توختامى
52 - ماددا جىسمانىي سۇغۇرتا توختامى - ئادەمنىڭ ئۆمرى ۋە تېنى سۇغۇرتا نىشانى قىلىنغان سۇغۇرتا توختامىدۇر.
بۇ پاراگرافتىكى جىسمانىي سۇغۇرتا توختامىنىڭ ئالاھىدە كۆرسىتىلگەنلىرىدىن باشقىلىرى قىسقارتىپ <توختام> دېيىلىدۇ.
53 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى تۆۋەندىكى كىشىلەرنى سۇغۇرتىدىن مەنپەئەتلەندۈرىدۇ:
(1) ئۆزى؛
(2) جورىسى، پەرزەنتى، ئاتا - ئانىسى؛
(3) ئالدىنقى تارماقچىغا كىرگۈزۈلمىگەن، سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن تەربىيىلەش، بېقىش ياكى قاراش مۇناسىۋىتى بولغان ئائىلىدىكى باشقا ئەزالار ۋە يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى.
ئالدىنقى تارماقچىدا بەلگىلەنگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن توختام تۈزۈشىگە قوشۇلغان بولسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنى سۇغۇرتىدىن مەنپەئەتلەندۈرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
54 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يېشىنى يالغان مەلۇم قىلغان بولسا ھەمدە ئۇنىڭ ھەقىقىي يېشى توختامدا پۈتۈشكەن ياش چەكلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلسا ھەمدە رەسمىيەت ھەققى قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن توختام تۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتكىنى بۇنىڭ سىرتىدا.
سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يېشىنى يالغان مەلۇم قىلغانلىقتىن، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سۇغۇرتا ھەققىنى كەم تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىچى تۈزىتىشكە ۋە كەم تاپشۇرغان ھەقنى تولۇقلىتىشقا ۋە ياكى سۇغۇرتا پۇلىنى ئەمەلىي تاپشۇرغان ھەق بىلەن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھەقنىڭ نىسبىتى بويىچە بېرىشكە ھوقۇقلۇق.
سۇغۇرتلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يېشىنى يالان مەلۇم قىلغانلىقتىن، ئەمەلىي تاپشۇرغان ھەققى، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سۇغۇرتا ھەققىدىن كۆپ بولۇپ كەتكەن بولسا، سۇغۇرتىچى ئارتۇق ئالغان سۇغۇرتا ھەققىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
55 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلارنى ئۆلگەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان جىسمانىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرسا بولمايدۇ، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلىسمۇ بولمايدۇ.
ئاتا - ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى جىسمانىي سۇغۇرتىلىتىشى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. لېكىن، ئۆلگەندە بېرىلىدىغان پۇلنىڭ ئومۇمىي سوممىسى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېكىتكەن چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
56 - ماددا ئۆلگەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان توختاملاردىن سۇغۇرتا سوممىسى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يازما ماقۇللۇقى ھەمدە ئېتراپ قىلىشىدىن ئۆتمىگەنلىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
ئۆلگەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان توختام بويىچە بېرىلگەن سۇغۇرتا تالونىنى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى رەنە قويۇشقا بولمايدۇ.
ئاتا - ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى جىسمانىي سۇغۇرتىلىتىشى 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
57 - ماددا توختام پۈتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىچىغا سۇغۇرتا ھەققىنى بىر يولىلا تولۇق تاپشۇرۇۋەتسىمۇ ياكى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە بۆلۈپ تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ.
سۇغۇرتا ھەققىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە بۆلۈپ تاپشۇرۇشتا، سۇغۇرتىلاتقۇچى توختام پۈتكەندە تۇنجى قېتىملىق سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشى ھەمدە قالغىنىنى ئۆز قەرەلىدە تاپشۇرۇشى كېرەك.
58 - ماددا توختامدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، توختامدا سۇغۇرتا ھەققىنى بۆلۈپ تاپشۇرۇش پۈتۈشۈلگەن بولسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى تۇنجى قېتىملىق سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، پۈتۈشۈلگەن قەرەلدىن 60 كۈن ئاشقان بولسىمۇ، شۇ قەرەلنىڭ سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرمىغان بولسا، توختام كۈچكە ئىگە بولماي تۇرىدۇ ياكى سۇغۇرتىچى توختامدا بېكىتىلگەن شەرت بويىچە سۇغۇرتا سوممىسىنى ئازايتىدۇ.
59 - ماددا ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە توختام كۈچكە ئىگە بولماي تۇرسا، سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتىلاتقۇچى كېڭىشىپ ھەمدە كلىشىم ھاسىل قىلىپ، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن كېيىن، توختام كۈچى ئەسلىگە كېلىدۇ. لېكىن، توختام كۈچكە ئىگە بولماي تۇرغان كۈندىن تارتىپ ئىككى يىلغىچە ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
سۇغۇرتىچى ئالدىنقى تارماق بويىچە توختامنى بىكار قىلغاندا، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكىنىگە قاراپ سۇغۇرتا تالونىدىكى نەق پۇل قىممىتى بويىچە قايتۇرىدۇ؛ سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىل تولۇق تاپشۇرمىغان بولسا، سۇغۇرتىچى رەسمىيەت ھەققىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرىدۇ.
60 - ماددا سۇغۇرتىچى جىسمانىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشنى سۇغۇرتىلاتقۇچىدىن دەۋا يولى بىلەن تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.
61 - ماددا جىسمانىي سۇغۇرتا مەنپەئەتدارلىرى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بېكىتىدۇ.
سۇغۇرتىلاتقۇچى مەنپەئەتدارنى بېكىتىشتە سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت.
سۇغۇرتىلانغۇچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى بولسا، مەنپەئەتدارنى ئۇنىڭ ۋەسىيىسى بېكىتسە بولىدۇ.
62 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىر كىشى ياكى بىر نەچچە كىشىنى مەنپەتدار قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ.
مەنپەئەتدار بىر نەچچە كىشى بولسا، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى مەنپەئەتلىنىش تەرتىپى ياكى مەنپەئەتلىنىش ئۈلۈشىنى بېكىتىپ بەرسە بولىدۇ. مەنپەئەتلىنىش ئۈلۈشى بېكىتىلمىگەن بولسا، مەنپەئەتدارلار مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.
63 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى مەنپەئەتدارنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ ھەمدە سۇغۇرتىچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، سۇغۇرتىچى مەنپەئەتدارنى ئۆزگەرتىش يازما ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سۇغۇرتا تالونىغا ئىزاھلاپ قويۇشى كېرەك.
سۇغۇرتىچى مەنپەئەتدارلارنى ئۆزگەرتىشتە سۇغۇرتىچىلانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت.
64 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، سۇغۇرتا پۇلى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مىراسى قىلىنىدۇ، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ۋارىسىغا سۇغۇرتا پۇلى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:
(1) مەنپەئەتدارنى بېكىتمىگەن بولسا؛
(2) مەنپەئەتدار سۇغۇرتىلانغۇچىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىپ، باشقا مەنپەئەتدار چىقمىسا؛ (3) مەنپەئەتدار قانۇن بويىچە مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ ياكى ۋاز كېچىپ، باشقا مەنپەئەتدار چىقمسا.
65 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە مەنپەئەتدار سۇغۇرتىلانغۇچىنى قەستەن ئۆلتۈرۈپ قويغان، زەخمىلەندۈرگەن، مېيىپ قىلغان ياكى كېسەل قىلىپ قويغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامدا پۈتۈشكىنىگە قاراپ، مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە باشقا مەنپەئەتدار سۇغۇرتا تالونىدىكى قىممىتى بويىچە نەق پۇل قايتۇرىدۇ.
مەنپەئەتدار سۇغۇرتىلانغۇچىنى قەستەن ئۆلتۈرۈپ ياكى مېيىپ قىلىپ قويغان بولسا ۋە ياكى قەستەن قاتىللىق قىلىپ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسا، مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ.
66 - ماددا ئۆلگەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان توختامدا سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈۋالغان بولسا مۇشۇ ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرىدا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. لېكىن، سۇغۇرتىلانغۇچى تاپشۇرغان سۇغۇرتا ھەققىنى سۇغۇرتا تالونىغا ئاساسەن ئۇنىڭ نەق پۇل قىممىتى بويىچە قايتۇرىدۇ.
ئۆلگەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان توختام پۈتكەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل توشقاندىن كېيىن، سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈۋالغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختام بويىچە سۇغۇرتا پۇلى بەرسە بولىدۇ.
67 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئۆزى زەخمىلەنگەن، مېيىپ بولغان ياكى ئۆلگەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا تالونىدىكى قىممىتى بويىچە نەق پۇل قايتۇرىدۇ.
68 - ماددا جىسمانىي سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىش، زەخمىلىنىش، مېيىپ بولۇش ياكى كېسەل بولۇش قاتارلىق سۇغۇرتا ھادىسلىرى كېلىپ چىقسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا پۇلى بەرگەندىن كېيىن، ئۈچىنچى تەرەپتىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمايدۇ. لېكىن، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار يەنىلا ئۈچىنچى تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
69 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى توختامنى بىكار قىلغاندا سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، سۇغۇرتا تالونىدىكى قىممىتى بويىچە نەق پۇل قايتۇرىدۇ؛ سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىل تولۇق تاپشۇرمىغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە رەسمىيەت ھەققىنى تۇتۇپ قېلىپ، سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرىدۇ.
3 - باب سۇغۇرتا شىركىتى
70 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تەشكىلىي شەكلى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:
(1) پاي چەكلىك شىركىتى؛
(2) دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى.
71 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇشتا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش شەرت.
72 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك:
(1) مۇشۇ قانۇن ۋە شىركەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن نىزامنامىسى بولۇش؛ (2) رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكەن بولۇش؛
(3) ۋەزىپە ئۆتەش كەسپىي بىلىمى ۋە كەسپىي خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى بولۇش؛
(4) مۇكەممەل تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛
(5) تەلەپكە لايىق تىجارەت سورۇنى ۋە كەسىپكە ئالاقىدار باشقا ئەسلىھەرلىرى بولۇش.
قۇرۇش ئىلتىماسىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەكشۈرگەندە، سۇغۇرتىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئادىل رىقابەتلىشىش ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئېلىشى لازىم.
73 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇشتا، رويخەتكە ئالدۇرۇلىدىغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 200 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ.
سۇغۇرتا شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى ئەمەلىي تاپشۇرغان پۇل كاپىتالى بولۇشى شەرت.
سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە، تىجارەت كۆلىمىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى تەڭشىسە بولىدۇ، ئەمما 1 - تارماقتا بەلگىلەنگەن چەكتىن تۆۋەنلىتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
74 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى ھۆججەت، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
(1) قۇرۇش ئىلتىماسى، ئۇنىڭغا قۇرۇلىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نامى، رويخەتتىكى كاپالىتى، كەسىپ دائىرىسى قاتارلىقلار يېزىلىدۇ؛
(2) مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى؛
(3) سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ھۆججەت ماتېرىياللار.
75 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇش ئىلتىماسى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچى مۇشۇ قانۇن ۋە شىركەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇشقا كىرىشىشى كېرەك. مۇشۇ قانۇننىڭ 72 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغانلار سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا رەسمىي ئىلتىماس جەدۋىلى ۋە تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت، ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدۇ:
(1) سۇغۇرتا شىركىتى نىزامنامىسى؛
(2) پايچېكلار رويخېتى ۋە ئۇلارنىڭ پېيى ياكى مەبلەغ چىقارغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ چىقىرىدىغان مەبلىغى؛
(3) شىركەت پېيىنىڭ %10 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن پايچېكلارنىڭ مەبلەغ ئىناۋىتى، ئىسپاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار؛
(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەبلەغ تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ مەبلەغ تەكشۈرگەنلىك ئىسپاتى؛
(5) ۋەزىپىگە قويۇلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە سالاھىيەت ئىسپاتى؛
(6) تىجارەت فاڭجېنى ۋە پىلانى؛
(7) تىجارەت سورۇنىغا ۋە كەسىپكە ئالاقىدار باشقا ئەسلىھەلەرگە ئائىت ماتېرىيالى؛
(8) سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن باشقا ھۆججەت، ماتېرىياللار.
76 - ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇش رەسمىي ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.
77 - ماددا تەستىق بىلەن قۇرۇلغان سۇغۇرتا شىركىتى تەستىقلىغۇچى تارماقتىن سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسى ئالىدۇ ھەمدە شۇ ئىجازەتنامە بىلەن سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا تىزىملىتىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئالىدۇ.
78 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسى ئالغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايغىچە شىركەت قۇرۇشنى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن تىزىمغا ئالدۇرمىسا، سۇغۇرتا كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى ئۆزلۈكىدىن كۈچتىن قالىدۇ.
79 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تىزىملاتقان ئومۇمىي كاپىتالنىڭ %20 بويىچە كاپالەت پۇلى ئاجرىتىپ، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېكىتكەن بانكىغا قويىدۇ، بۇنى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلاشقا، قەرز قايتۇرۇشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
80 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا شۆبە - تارماق ئاپپاراتلارنى قۇرۇشتا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىپ، شۆبە - تارماق ئاپپاراتلار ئۈچۈن سۇغۇرتا ئىجازەتنامىسى ئېلىشى شەرت.
سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ شۆبە - تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىگە ئالىدۇ.
81 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسىنىڭ ئىچى - سىرتىدا ۋاكالەت ئاپپاراتى قۇرۇشنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى شەرت.
82 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى تۆۋەندىكىلەرنىڭ بىرىنى ئۆزگەرتىشنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىدۇ:
(1) نامىنى ئۆزگەرتىش؛
(2) رويخەتتىكى كاپىتالنى ئۆزگەرتىش؛
(3) شىركەتنىڭ ياكى شۆبە - تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت سورۇنىنى ئۆزگەرتىش؛
(4) كەسىپ دائىرىسىنى تەڭشەش؛
(5) شىركەتنى ئايرىش ياكى قوشۇۋېتىش؛
(6) شىركەت نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛
(7) مەبلەغ چىقارغۇچى ياكى قولىدا شىركەتنىڭ %10 ىدىن ئارتۇق پېيى بار پايچېكنى ئۆزگەرتىش؛
(8) سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار.
سۇغۇرتا شىركىتى باش مۇدىر، باش دىرېكتورنى ئالماشتۇرۇشتا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك.
83 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتىغا شىركەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
84 - ماددا دۆلەت شېرىكسىز سۇغۇرتا شىركىتىدە نازارەتىچلىك ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ، نازارەتچىلىك ھەيئىتى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە سۇغۇرتا شىركىتى خادىملىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. دۆلەت شېرىكسىز سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق فوندى ئېلىش، ئەڭ تۆۋەن تۆلەش ئىقتىدارى ۋە دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار، شۇنىڭدەك يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزام ياكى نىزامنامىغا خىلاپلىق قىلىش ۋە شىركەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ.
85 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنى ئايرىش، قوشۇۋېتىش ياكى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىگەن تارقىتىۋېتىش ئىشلىرى، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىلىدۇ، سۇغۇرتا شىركىتى قانۇن بويىچە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھېسابات ئېنىقلايدۇ.
ئۆمۈر سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنى ئايرىشقا، قوشۇۋېتىشكە بولىدۇ، تارقىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.
86 - ماددا قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەرىپىدىن سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان سۇغۇرتا شىركىتى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھېساباتنى ئېنىقلايدۇ.
87 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قەرەلى توشقان قەرزنى تۆلىيەلمىسە، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن خەلق سوت مەھكىمىسى ۋايران بولغانلىقىنى قانۇن بويىچە جاكارلايدۇ. سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانسا، خەلق سوت مەھكىمىسى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى تەشكىللەپ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھېساباتنى ئېنىقلايدۇ.
88 - ماددا ئۆمۈر سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويغان سۇغۇرتا شىركىتى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى قانۇن بويىچە ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆمۈر سۇغۇرتا توختامى ۋە تەييارلىق فوندى، ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنى يولغا قويغان باشقا سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى شەرت؛ باشقا شىركەتلەر بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمى تۈزۈش مۇمكىن بولمىسا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بۇنى ئۆمۈر سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بۇنى ئۆمۈر سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى بېكىتىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۆمۈر سۇغۇرتا توختامى ۋە تەييارلىق فوندىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بېكىتىشى بىلەن قوبۇل قىلىشتا، سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە مەنپەئەتدارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.
89 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتىدىن قانۇن بويىچە ۋەيران بولغانلىرىنىڭ مال - مۈلكىدىن ئالدى بىلەن ۋەيران بولۇش خىراجىتى تاپشۇرۇلىدۇ؛ ئاندىن كېيىن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۈزۈلىدۇ:
(1) ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ نېسى مائاشى ۋە ئەمگەك سۇغۇرتا ھەققى؛
(2) تۆلىنىدىغان ياكى بېرىلىدىغان سۇغۇرتا پۇلى؛
(3) نېسى باج؛
(4) شىركەت قەرزى.
ۋەيران بولغۇچىنىڭ مال - مۈلكى بىر رەتتىكىلەرنىڭ تۆلەم تەلىپىگە يەتمىسە، نىسبەت بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.
90 - ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن كەسپىي پائالىيىتى قانۇن بويىچە توختىتىلغانلىرىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.
91 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ قۇرۇش، ئۆزگەرتىش، تارقىتىۋېتىش ۋە ھېساباتنى ئېنىقلاش ئىشلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە شىركەت قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
4 - باب سۇغۇرتا تىجارەت قائىدىسى
92 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كەسىپ دائىرىسى:
(1) مال - مۈلۈك سۇغۇرتا كەسپى، جۈملىدىن مال - مۈلۈك زىيىنى سۇغۇرتىسى، جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى، ئىناۋەت سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتا كەسپى؛
(2) جىسمانىي سۇغۇرتا كەسپى، جۈملىدىن ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتا كەسپى.
بىر سۇغۇرتىچىنىڭ مال - مۈلۈك سۇغۇرتا كەسپى ۋە جىسمانىي سۇغۇرتا كەسپىنى تەڭ يولغا قويۇشىغا بولمايدۇ؛ لېكىن، مال - مۈلۈك سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بېكىتىشى بىلەن، قىسقا مۇددەتلىك ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.
سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كەسىپ دائىرىسىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە بېكىتىدۇ. سۇغۇرتا شىركىتى بېكىتىلگەن كەسىپ دائىرىسىدىلا سۇغۇرتا تىجارىتى قىلىدۇ.
سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
93 - ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بېكىتىشى بىلەن سۇغۇرتا شىركىتى ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا كەسىپلىرىدە تۆۋەندىكى قايتا سۇغۇرتىلاش كەسپىنى يولغا قويسا بولىدۇ:
(1) پارچىلاپ سۇغۇرتىلىتىش؛
(2) پارچىلاپ سۇغۇرتىلاش.
94 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، تۆلەم ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، جاۋابكارلىق تەييارلىق فوندىلىرىنى ئېلىشى كېرەك.
سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ جاۋابكارلىق تەييارلىق فوندىنى ئېلىشى ياكى ئاغدۇرۇش كونكرېت چارىسىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىدۇ.
95 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى بېكىتلمىگەن تۆلەم پۇلى تەييارلىق فوندىنى تەلەپ قىلىنغان سۇغۇرتا تۆلەم سوممىسى ياكى يېرىم سوممىسى بويىچە شۇنىڭدەك سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، تەلەپ قىلىنمىغان سۇغۇرتا تۆلىمى ياكى پۇلى بويىچە ئېلىشى كېرەك.
96 - ماددا ئالدىنقى ئىككى ماددا بويىچە تەييارلىق فوندى ئاجرىتىۋېلىنغاندىن باشقا، سۇغۇرتا شىركىتى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭ مالىيە - بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىىمە بويىچە جامائەت فوندى ئېلىشى كېرەك.
97 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مۇقىم تىجارىتىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە سۇغۇرتا كاپالەت فوندى ئېلىپ ئامانەت قويۇشى كېرەك.
سۇغۇرتا كاپالەت فوندىنى يىغىپ باشقۇرۇش، بىر تۇتاش ئىشلىتىش كېرەك.
سۇغۇرتا كاپالەت فوندىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش كونكرېت چارىسىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىدۇ.
98 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى كەسىپ كۆلىمىگە مۇناسىپ ئەڭ تۆۋەن تۆلەم ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى لازىم. سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئەمەلىي ئاكتىپتىن ئەمەلىي پاسسىپنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى پەرق سوممىسى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن ساندىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك؛ بەلگىلەنگەن ساندىن تۆۋەن بولغانلار كاپىتالنى كۆپەيتىشى، كېمىنى تولدۇرۇشى لازىم.
99 - ماددا مال - مۈلۈك سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ شۇ يىللىق قالدۇرۇق سۇغۇرتا ھەققى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كاپىتالى بىلەن جامائەت فوندى يىغىندىسىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
100 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ھەر بىر خەۋپ - خەتەر بىرلىكى يەنە بىر قېتىملىق سۇغۇرتا ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئەڭ چوڭ زىيان دائىرىسىدىن ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقى ئۆزىنىڭ كاپىتالى بىلەن جامائەت فوندى يىغىندىسىنىڭ %10 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى؛ ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى قايتا سۇغۇرتىلىشى كېرەك.
101 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى خەۋپ - خەتەر بىرلىكىنى ھېسابلاش چارىسى ۋە زور ئاپەت خەۋپ - خەتىرى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.
102 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە قايتا سۇغۇرتىلىشى كېرەك.
103 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قايتا سۇغۇرتىلىتىش كەسپىنى بېجىرىشكە توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى سۇغۇرتا شىركىتىگە سۇغۇرتىلىتىشى لازىم.
104 - ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ جۇڭگو چېگرىسى سىرتىدىكى سۇغۇرتا شىركىتىگە قايتا پارچىلاپ سۇغۇرتىلىتىش كەسپىنى يولغا قويۇشنى ياكى جۇڭگو چېگرىسى سىرتىدىن قايتا پارچىلاپ سۇغۇرتىلاش كەسپىنى قوبۇل قىلىشنى چەكلەش ۋە مەنئى قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
105 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى مەبلەغنى ئىشلىتىشتە، ئىشنى پۇختا قىلىشى، بىخەتەرلىك پرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى ھەم مۈلۈك قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.
سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىشى بانكىغا ئامانەت قويۇش، ھۆكۈمەت زايومى، پۇل مۇئامىلە زايومى سېتىۋېلىش - سېتىش شەكلى ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا مەبلەغ ئىشلىتىش شەكلى بىلەن چەكلىنىدۇ.
سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مەبلىغىنى ئاكسىيە تىجارەت ئاپپاراتى قۇرۇش ۋە سۇغۇرتىچىلىقتىن باشقا كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئىشلىتىدىغان مەبلىغى ۋە كونكرېت تۈر مەبلىغىنىڭ ئۆزىنىڭ ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسىدا ئىگىلەيدىغان كونكرېت نىسبىتىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەيدۇ.
106 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ:
(1) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەتدارنى ئالداش؛
(2) سۇغۇرتىلاتقۇچىلاردىن سۇغۇرتا توختامىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەھۋاللارنى يوشۇرۇش؛
(3) سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەينەن مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ياكى ئۇنى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەينەن مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىققا ئازدۇرۇش؛
(4) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا توختامدىكى بەلگىلىمىدىن سىرت ئۈستەك ياكى باشقا پايدا بېرىشكە ۋەدە بېرىش؛
(5) يۈز بەرمىگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش.
5 - باب سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
107 - ماددا جامائەت مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۇغۇرتا تۈرى، قانۇن بويىچە مەجبۇرىي سۇغۇرتىلايدىغان سۇغۇرتا تۈرى ۋە يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان ئۆمۈر سۇغۇرتىسى تۈرلىرىگە دائىر سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلىشى كېرەك. سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلاشتا، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ناتوغرا رىقابەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ. تەستىقلاش دائىرىسى ۋە كونكرېت چارىسىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىدۇ.
باشقا سۇغۇرتا تۈرلىرىگە دائىر سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
108 - ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ تۆلەم ئىقتىدارىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۆلەم ئىقتىدارىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.
109 - ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كەسىپ ئەھۋالى، مالىيە ئەھۋالى ۋە مەبلەغ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە؛ سۇغۇرتا شىركىتىدىن بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك يازما دوكلات ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
سۇغۇرتا شىركىتى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىدۇ.
سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىكى ئامانەت پۇلىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.
110 - ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن تۈرلۈك تەييارلىق فوندىلارنى ئېلىش ياكى ئاغدۇرۇشتا ياكى قايتا سۇغۇرتلىتىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى ۋە ياكى مۇشۇ قانۇندىكى مەبلەغ ئىشلىتىشكە دائىر بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ:
(1) تەييارلىق فوندىلارنى قانۇن بويىچە ئاجرىتىش ياكى ئاغدۇرۇپ بېرىش؛
(2) قانۇن بويىچە قايتا سۇغۇرتىلاش؛
(3) مەبلەغ ئىشلىتىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تۈزىتىش؛
(4) مەسئۇل ۋە ئالاقىدار باشقۇرغۇچىلىرىنى تەڭشەش.
111 - ماددا ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن، سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتمىگەنلىىرنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا كەسپىي خادىملىرىنى تاللاپ ئەۋەتىپ ۋە شۇ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنى بېكىتىپ، تەرتىپكە سالغۇچى تەشكىلات قۇرۇپ تەرتىپكە سالىدۇ.
تەرتىپكە سېلىش قارارىغا تەرتىپكە سېلىنىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نامى، تەرتىپكە سېلىش سەۋەبى، تەرتىپكە سېلىش تەشكىلاتى ۋە تەرتىپكە سېلىش مۆھلىتى يېزىش ھەمدە ئېلان چىقىرىش كېرەك.
112 - ماددا تەرتىپكە سالغۇچى تەشكىلات تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا شۇ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كۈندىلىك كەسپىي ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بۇ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ھەم ئالاقىدار باشقۇرغۇچىلىرى خىزمەت ھوقۇقىنى تەرتىپكە سالغۇچى تەشكىلاتنىڭ نازارەتچىلىكىدە يۈرگۈزىدۇ.
113 - ماددا تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئەسلىدىكى كەسىپلىرى داۋاملىشىۋېرىدۇ، لېكىن سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى يېڭى كەسىپنى يولغا قويغۇزماسلىققا ياكى قىسمەن كەسىپلەرنى توختىتىشقا، مەبلەغ ئىشلىتىشنى تەڭشەشكە ھوقۇقلۇق.
114 - ماددا تەرتىپكە سېلىنغان سۇغۇرتا شىركىتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى تۈزىتىپ، نورمال تىجارەت ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسا، تەرتىپكە سالغۇچى تەشكىلاتنىڭ دوكلاتى ۋە سۇغۇرتا نازارەت باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن تەرتىپكە سېلىش ئاخىرلىشىدۇ.
115 - ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆلەش ئىقتىدارىنى ئېغىر خەۋپكە ئۇچرىتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى خەۋپكە ئۇچراتقانلىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۆتكۈزۈۋالسا بولىدۇ.
ئۆتكۈزۈۋېلىشتا، ئۆتكۈزۈۋېلىنغان سۇغۇرتا شىركىتىگە زۆرۈر تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، سۇغۇرتىغا ئېلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نورمال تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئۆتكۈزۈۋېلىنغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ھەقدارلىق ۋە قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ.
116 - ماددا ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش چارىسىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قارار قىلىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.
117 - ماددا ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى توشقاندا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۆھلەتنى ئۇزارتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى ئۇزاق بولغاندا ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.
118 - ماددا ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى توشقاندا، ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نورمال تىجارەت ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەن بولسا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ.
ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تەشكىلات ئۆتكۈزۈۋېلىنغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مال - مۈلكى قەرزىنى ئۈزۈشكە يەتمەيدۇ، دەپ قارىسا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن، شۇ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاشنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
119 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ھەر بىر بوغالتىرىيە يىلى ئاخىرلىشىپ ئۈچ ئاي ئىچىدە، ئالدىنقى بىر يىللىق تىجارەت دوكلاتى، مالىيە - بوغالتىرلىق دوكلاتى ھەم ئالاقىدار مەلۇمات جەدۋەللىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا يوللىشى ھەم قانۇن بويىچە ئېلان قىلىشى لازىم.
120 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ھەر ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئالدىنقى بىر ئايلىق تىجارەت ستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا يوللىشى لازىم.
121 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئېتىراپ قىلغان ئىنچىكە ھېسابات كەسپىي خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشى، ئىنچىكە ھېسابات دوكلات تۈزۈمىنى ئورنىتىشى شەرت.
122 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تىجارەت دوكلاتى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى، ئىنچىكە ھېسابات دوكلاتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات جەدۋىلى، ھۆججەت ۋە باشقا ماتېرىياللىرى سۇغۇرتا كەسپىي خاتىرىسىگە ئەينەن خاتىرىلىنىشى شەرت، يالغان خاتىرىلەشكە، ئازدۇرۇش خاراكتېرىدە بايان قىلىشقا ۋە كۆپلەپ چۈشۈرۈپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
123 - ماددا سۇغۇرتىلىغۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان مۇستەقىل باھالىغۇچى ئاپپارات ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن سالاھىيەتكە ئىگە مۇتەخەسسىسلەرنى سۇغۇرتا ھادىسلىرىنى باھالاشقا ۋە بېكىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
قانۇن بويىچە تەكلىپ قىلىنغان، سۇغۇرتا ھادىسىسىنى باھالايدىغان ۋە بېكىتىدىغان ئاپپارات ۋە مۇتەخەسسىسلەر قانۇن بويىچە ئادىل ئىشلىشى كېرەك. قەستەن ياكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن سۇغۇرتىچىغا ياكى سۇغۇرتىلانغۇچىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
قانۇن بويىچە تەكلىپ قىلىنغان، سۇغۇرتا ھادىسىسىنى باھالايدىغان ۋە بېكىتىدىغان ئاپپارات ھەق ئېلىشتا قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.
124 - سۇغۇرتا شىركىتى كەسپىي تىجارىتىگە دائىر مۇكەممەل ھېسابات دەپتىرى، ئەسلىي دوكومېنت ھەم ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئوبدان ساقلىشى لازىم.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھېسابات دەپتىرى، ئەسلىي دوكومېنت ھەم ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ساقلاش مۇددىتى سۇغۇرتا توختامى ئاياغلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ئون يىلدىن كەم بولمايدۇ.
6 - باب سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى ۋە سوغۇرتا ۋاستىچىسى
125 - ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى سۇغۇرتىچىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن سۇغۇرتىچىدىن ۋاكالەتچىلىك رەسمىيەت ھەققى ئالىدىغان ھەم سۇغۇرتا كەسپىنى سۇغۇرتىغا ئالغۇچى بەرگەن ھوقۇق دائىرىسىدە ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان ئورۇن ۋە شەخسنى كۆرسىتىدۇ.
126 - ماددا سۇغۇرتا ۋاستىچىسى سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچىنى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە ۋاستىچى بولىدىغان ھەم قانۇن بويىچە شېرىنكانە ئالىدىغان ئورۇننى كۆرسىتىدۇ.
127 - ماددا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىگە سۇغۇرتا كەسپىنى بىجىرىشنى ھاۋالە قىلىشتا، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى بىلەن سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك كېلىشىمى تۈزۈشى، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى ۋە باشقا ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە پۈتۈشۈۋېلىشى كېرەك.
128 - ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىنىڭ سۇغۇرتىچى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن، سۇغۇرتا كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش ھەرىكىتى ئۈچۈن سۇغۇرتىچى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىنىڭ سۇغۇرتىچىغا ۋاكالىتەن سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىشتە، ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىن ھالقىش قىلمىشى كۆرۈلگەندە، سۇغۇرتىلاتقۇچى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بارلىقىغا ئىشەنگەن ھەمدە سۇغۇرتا توختامى تۈزگەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، سۇغۇرتىچى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
129 - ماددا ئۆمۈر سۇغۇرتىسى كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشتە، شەخسىي سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق سۇغۇرتىچىنىڭ ھاۋالىسىنى بىرلا ۋاقىتتا قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
130 - ماددا سۇغۇرتا ۋاستىچىسىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش جەريانىدىكى خاتالىقى تۈپەيلىدىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىلانغۇچى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى سۇغۇرتا ۋاستىچىسى ئۈستىگە ئالىدۇ.
131 - ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى بىلەن سۇغۇرتا ۋاستىچىسىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش جەريانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ:
(1) سۇغۇرتىچى، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنى ئالداش؛
(2) سۇغۇرتا توختامىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەھۋالنى يوشۇرۇش؛
(3) سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەينەن مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ياكى ئۇنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەينەن مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىققا ئازدۇرۇش؛
(4) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا توختامىدا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا مەنپەئەت بېرىشكە ۋەدە بېرىش؛
(5) مەمۇرىي ھوقۇقى، ۋەزىپىسى ياكى خىزمەت قۇلايلىقىدىن، شۇنىڭدەك باشقا ناتوغرا ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، سۇغۇرتىلاتقۇچىنى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشكە مەجبۇرلاش، قىزىقتۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشنى چەكلەش.
132 - ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى ۋە سۇغۇرتا ۋاستىچىسى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىغان ھەمدە سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىدىن سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك ئىجازەتنامىسى ياكى ۋاستىچىلىك ئىجازەتنامىسى ئالغان، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا تىزىملىتىپ تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئالغان ھەم كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان ياكى كەسپىي جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولۇشى كېرەك.
133 - ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى ۋە سۇغۇرتا ۋاستىچىسىنىڭ تىجارەت سورۇنى بولۇشى، ئۇلار مەخسۇس ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىكى ياكى ۋاستىچىلىكىگە دائىر كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى ھەمدە سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
134 - ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك رەسمىيەت ھەققى ۋە ۋاستىچىنىڭ شېرىنكانىسى قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە بولغان سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى، سۇغۇرتا ۋاستىچىسىگىلا بېرىلىدۇ، باشقىلارغا بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ.
135 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ئۆز شىركىتىنىڭ سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرىنى تىزىملاش دەپتىرى تۇتۇشى لازىم.
136 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقىنى ياخشىلىشى ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىنى مەجبۇرىيىتىنى سەمىمىي ئادا قىلىشقا يېتەكلىشى، خىلاپ ھەرىكەتنى قىلىشقا كۈشكۈرتۈشكە، ئازدۇرۇشقا يول قويماسلىقى كېرەك.
137 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 109 -، 119 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرى ۋە سۇغۇرتا ۋاستىچىلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.
7 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى
138 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار تۆۋەندىكى قىلمىشىلاردىن بىرىنى سادىر قىلىپ، سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(1) سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا نىشانىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛
(2) سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرمىسىمۇ، يۈز بەردى، دەپ يالغان ئېيتىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛
(3) مال - مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغانلىقىغا دائىر سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛
(4) سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ياكى كېسەل بولۇشى قاتارلىقلارغا دائىر جىسمانىي سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛
(5) سۇغۇرتا ھادىسىسىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال ۋە باشقا دەلىل - ئىسپاتلارنى ياساپ، ئۆزگەرتىپ ياكى باشقىلارنىڭ يالغان ئىسپات، ماتېرىيال ياكى باشقا دەلىل - ئىسپاتلارنى بېرىشىگە يول كۆرسىتىپ ۋە كۈشكۈرتۈپ ۋە سېتىۋېلىپ ھادىسە سەۋەبىنى ئويدۇرۇپ ياكى زىياننى كۆپتۈرۈپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى يېنىڭ بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.
139 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى سۇغۇرتا كەسپىدە سۇغۇرتا توختامىغا دائىر مۇھىم ئەھۋاللارنى يوشۇرۇپ، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنى ئالداپ ياكى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكەن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتىگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 030 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغان خادىملارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە چەك قويىدۇ ياكى ئۇلارنى يېڭى كەسىپنى يولغا قويماسلىققا بۇيرۇيدۇ.
سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ ئەينەم نەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ياكى ئەينەن مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىققا ئازدۇرۇپ ۋە ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا پۇلىدىن قانۇنسىز ئۈستەك ياكى باشقا مەنپەئەت بېرىشنى ۋەدە قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۇغۇرتا شىركىتىگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە چەك قويىدۇ ياكى ئۇنى يېڭى كەسىپنى يولغا قويماسلىققا بۇيرۇيدۇ.
140 - ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى ياكى سۇغۇرتا ۋاستىچىلىرىدىن كەسپىدە سۇغۇرتىچى، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنى ئالداپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن مەمۇرىي جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك ئىجازەتنامىسى ۋە ۋاستىچىلىك ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.
141 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن يۈز بەرمىگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تۆلەم ئېلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
142 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سۇغۇرتا شىركىتى قۇرغانلار ياكى سودا سۇغۇرتا كەسپى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللانغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تاتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 200 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، بىر مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
143 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ئىش دائىرىسىدىن ھالقىپ، بېكىتىلگەن سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياكى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنمىگەن كەسىپ بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللىنىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە ۋە ئالغان سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكۈچە تۈزەتمىگەنلەر ياكى يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.
144 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نامى، نىزامنامىسى، رويخەتتىكى كاپىتالى، شىركەت ياكى شۆبە، تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت سورۇنى قاتارلىقلارنى تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلەرنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن مەمۇرىي جەرىمانە قويىدۇ.
145 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە چەك قويسا، ئۇلارنى يېڭى كەسىپنى يولغا قويماسلىققا بۇيرۇسا ياكى ئۇلارنىڭ سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:
(1) كاپالەت پۇلىنى ئاجرىتىپ، ئامانەت قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى كاپالەت پۇلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەتكەنلەر؛
(2) جاۋابكارلىق تەييارلىق فوندىلارنى ئاجرىتىش ياكى ئاغدۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ۋە ياكى بېكىتىلمىگەن تۆلەم پۇلى تەييارلىق فوندىنى ئاجرىتىشتا، بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(3) سۇغۇرتا كاپالەت فوندى ۋ جامائەت فوندىنى ئاجرىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(4) قايتا سۇغۇرتىلىتىش كەسپىنى بېجىرىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(5) سۇغۇرتا شىركىتى مەبلىغىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەتكەنلەر؛
(6) شۆبە، تارماق ئاپپارات ياكى ۋاكالەت ئاپپاراتىنى تەستىقلاتماي قۇرغانلار؛
(7) ئايرىۋېتىش، قوشۇۋېتىشنى تەستىقلاتمىغانلار؛
(8) تەستىقلىتىلىدىغان سۇغۇرتا تۈرلىرىگە دائىر سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تەستىقلىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.
146 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:
(1) ئالاقىدار دوكلات، مەلۇمات جەدۋىلى، ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى يوللاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(2) ئەنگە ئالدۇرىدىغان سۇغۇرتا تۈرلىرىگە دائىر سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.
147 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە چەك قويسا، يېڭى كەسىپنى يولغا قويماسلىققا بۇيرۇسا ياكى سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:
(1) يالغان دوكلات، مەلۇمات جەدۋىلى، ھۆججەت ۋە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەنلەر؛
(2) قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشنى رەت قىلغانلار ياكى قانۇنغا دەخلى قىلغانلار.
148 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
(2) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلارنى ئۆلگەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرتى بىلەن سۇغۇرتىلغانلار.
149 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك ئىجازەتنامىسى ياكى ۋاستىچىلىك ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىكى ياكى ۋاستىچىلىكى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللانغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپارتى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 010 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
150 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولسىمۇ، جىنايەتكە توشمايدىغان قىلمىشتا بىۋاستە جاۋابكارلىقى بولغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، ئۇلارنى قالدۇرۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
151 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
152 - ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇش شەرتىگە توشمايدىغانلارنىڭ قۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلار ياكى سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى، سۇغۇرتا ۋاستىچىسى بولۇش شەرتىگە توشمايدىغانلارنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلار ۋە ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىشتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
8 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ
153 - ماددا دېڭىز سۇغۇرتىسىغا سودا قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ دېڭىز سودا قانۇنىدا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
154 - ماددا جۇڭگو چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى سۇغۇرتا شىركىتى، چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شېرىكسىز شۆبىلىرىگە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
155 - ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان سۇغۇرتا ئىشلىرىنى قوللايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.
156 - ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا شىركىتىدىن باشقا خاراكتېردىكى سۇغۇرتا تەشكىلاتى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.
157 - ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىق قىلىنىدۇ، ئۇلاردىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلىمىغانلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ھازىرلىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزىدۇ.
158 - ماددا بۇ قانۇن 1995 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.