قانۇن چىقىرىش قانۇنى
قانۇنلار
(2000 – يىل 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش تۈۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
2 – ماددا بۇ قانۇن قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى چىقىرىش، تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىشتا تەتبىقلىنىدۇ.
گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدىسىنى چىقىرىش، تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ.
3 – ماددا قانۇن چىقىرىشتا، ئاساسىي قانۇندىكى ئاساسىي پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىديىسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش لازىم.
4 – ماددا قانۇن چىقىرىشتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكى ۋە ئىززىتىنى ساقلاش كېرەك.
5 – ماددا قانۇن چىقىرىشتا، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئىپادىلەش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش، قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىگە خەلقنىڭ كۆپ خىل يوللار بىلەن قاتنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
6 – ماددا قانۇن چىقىرىشتا، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلەتلارنىڭ ھوقۇقى بىلەن مەجبۇرىيىتىنى، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقى بىلەن جاۋابكارلىقىنى ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بەلگىلەش لازىم.
2 – باب قانۇن
1 – پاراگراف قانۇن چىقىرىش ھوقۇق دائىرىسى
7 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جىنايى ئىشلارغا، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا، دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا ۋە باشقا ئىشلارغا دائىر نېگىزلىك قانۇنلارنى چىقىرىدۇ ۋە تۈزىتىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چىقىرىدىغان قانۇنلاردىن باشقا قانۇنلارنى چىقىرىدۇ ۋە تۈزىتىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چىقارغان قانۇنلارنى قىسمەن تولۇقلايدۇ ۋە تۈزىتىدۇ، لېكىن ئۇ شۇ قانۇننىڭ .اساسىي پرىنسىپىغا زىت كەلسە بولمايدۇ.
8 – ماددا تۆۋەندىكى ئىشلاردا قانۇن چىقىرىلىدۇ:
(1) دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دائىر ئىشلار؛
(2) ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، تەشكىللىنىشى ۋە خىزمەت ھوقۇقى:
(3) مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش تۈزۈمى؛
(4) جىنايەت ۋە جىنايى جازا؛
(5) پۇقراغا سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدىغان، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش ۋە جازا بېرىش؛
(6) دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان مال – مۈلۈكنى يىغىۋېلىش؛
(7) ھەق تەلەپ ئاساسىي تۈزۈمى؛
(8) ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم شۇنىڭدەك مالىيە، باج، تاموژنا، پۇل مۇئامىلە ۋە تاشقى سودا ئاساسىي تۈزۈمى؛
(9) دەۋا ۋە كېسىم تۈزۈمى؛
(10) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىدىغان باشقا ئىشلار.
9 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 8 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلاردىن تېخى قانۇن چىقىرىلمىغانلىرى توغرىسىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قارار چىقىرىپ، گوۋۇيۈەنگە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىشلار ئۈستىدە ئالدى بىلەن مەمۇرىي نىزام چىقىرىش ھوقۇقى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، لېكىن جىنايەت ۋە جىنايى جازا، پۇقراغا سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدىغان ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش ۋە جازا بېرىش، ئەدلىيە تۈزۈمى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئىشلار بۇنىڭ سىرتىدا.
10 – ماددا ھوقۇق بېرىش قارارىدا ھوقۇق بېرىش مەقسىتى، دائىرىسى ئېنىق بولۇشى كېرەك.
ھوقۇق بېرىلگەن ئورگان شۇ ھوقۇقنى قەتئىي تۈردە ھوقۇق بېرىش مەقسىتى ۋە دائىرىسى بويىچە يۈرگۈزۈشى كېرەك.
ھوقۇق بېرىلگەن ئورگان شۇ ھوقۇقنى باشقا ئورگانغا بېرىۋەتسە بولمايدۇ.
11 – ماددا قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئىشلار ھەققىدە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، قانۇن چىقىرىدىغان شارئىت پىشقاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ۋاقتىدا قانۇن چىقىرىدۇ. قانۇن چىقىرىلغاندىن كېيىن، قانۇن چىقىرىدىغان ئىش ھەققىدە بېرىلگەن مۇناسىپ ھوقۇق تۈگەيدۇ.
2 – پاراگراف مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش تەرتىپى
12 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قانۇن تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى قاراپ چىقىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قانۇن تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى ھەيئەت رىياسىتى قارار قىلىدۇ.
13 – ماددا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن بىرى ياكى 30 دىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىشىپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قانۇن تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىكنى ھەيئەت رىياسىتى قارار قىلىدۇ ياكى ئالدى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىپ، يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدا پىكرىنى قويۇشىغا تاپشۇرىدۇ، ئاندىن يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىاگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.
مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىقىدىغان چاغدا، تەكلىپ بەرگۈچىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكرىنى بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
14 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىلىدىغان قانۇن تەكلىپى ئالدى بىلەن دائىمىي كومىتېتقا بېرىلسە بولىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئۇنى مۇشۇ قانۇننىڭ 2 – بابىنىڭ3 – پارگرافىدا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار تەرتىپ بويىچە قاراپ چىققاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئىزاھات بېرىدۇ ياكى تەكلىپ بەرگۈچى ئومۇمىي يىغىندا ئىزاھات بېرىدۇ.
15 – ماددا دائىمىي كومىتېت قانۇن تەكلىپىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇشنى قارار قىلغاندا، قانۇن لايىھىسىنى يىغىن ئېچىلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن ۋەكىللەرگە تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.
16 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى، قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنى تەكلىپ بەرگۈچىنىڭ ئىزاھاتىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاراپ چىقىدۇ.
ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، تەكلىپ بەرگۈچى پىكىرلەرنى ئاڭلاش، سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك.
ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلاتلار ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئەھۋال تونۇشتۇرۇشقا ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك.
17 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىقىپ، ھەيئەت رىياسىتىگە قاراپ چىقىش پىكرىنى قويىدۇ ھەمدە يىغىنغا تارقىتىپ بېرىدۇ.
18 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى قانۇن كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ۋە باشقا ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىپ، ھەيئەت رىياسىتىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ۋە قانۇن لاھىيىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى يوللايدۇ، ئوخشاش بولمىغان مۇھىم پىكىرلەر ئۈستىدە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلاتتا ئىزاھات بېرىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، يىغىنغا تارقىتىپ بېرىدۇ.
19 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپى ئىچىدىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە، زۆرۈر تېپىلغاندا، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنىنى چاقىرىپ، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى ئاڭلاپ ئۆتسە، مۇزاكىرە قىلسا ھەمدە مۇزاكىرە ئەھۋالىنى ۋە پىكىرلەرنى ھەيئەت رىياسىتىگە دوكلات قىلسا بولىدۇ.
ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى قانۇن تەكلىپى ئىچىدىكى چوڭ – چوڭ مەخسۇس مەسىلىلەر ئۈستىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆرسەتكەن مۇناسىۋەتلىك ۋەكىللەرنى يىغىپ مۇزاكىرە قىلسا ھەمدە مۇزاكىرە ئەھۋالىنى ۋە چۈشكەن پىكىرلەرنى ھەيئەت رىياسىتىگە دوكلات قىلسا بولىدۇ.
20 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى ئاۋازغا قويۇشتىن بورۇن، تەكلىپ بەرگۈچى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك، ھەيئەت رىياسەت قوشۇلغان ھەمدە يىغىنغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، شۇ قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىش توختىتىلىدۇ.
21 – ماددا قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىش جەريانىدا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ – چوڭ مەسىلە بولۇپ قالسا، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى، قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىپ قارار قىلىشغا ھەمدە قارار قىلىش ئەھۋالىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى يىغىنىغا دوكلات قىلىشىغا ھوقۇق بېرىلسە بولىدۇ؛ دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇشىغا ھوقۇق بېرىلسىمۇ بولىدۇ.
22 – ماددا قانۇن لايىھىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاراپ چىققان ۋە قانۇن كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، قانۇن لاھىيىسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسىتى ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويىدۇ، ئۇ، بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.
23 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان قانۇن، دۆلەت رەئىسى پەرمانغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.
3 – پاراگراف مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش تەرتىپى
24 – ماددا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېتقا قانۇن تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىقىدۇ.
گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى دائىمىي كومىتېتقا قانۇن تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قارار قىلىدۇ ياكى ئالدى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىپ دوكلات قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلىدۇ. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قانۇن تەكلىپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ – چوڭ مەسىلە بار، دەپ قارىسا، تەكلىپ بەرگۈچى ئۇنى تۈزىتىپ مۇكەممەل قىلغاندىن كېيىن دائىمىي كومىتېتقا سۇنۇشنى تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ.
25 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن ئوندىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا قانۇن تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىكنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قارار قىلىدۇ ياكى ئالدى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىپ يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدا پىكىر بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلمەيدىغان بولسا، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا دوكلات قىلىش ياكى تەكلىپ بەرگۈچىگە چۈشەندۈرۈش كېرەك.
مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىقىدىغان چاغدا، تەكلىپ بەرگۈچىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىر بېرىشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
26 – ماددا قانۇن تەكلىپى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولسا، ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قانۇن لايىھىسىنى يىغىن ئېچىلىشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىش كېرەك.
27 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى ئادەتتە دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۈچ قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئاۋازغا قويۇش كېرەك.
دائىمىي كومىتېت يىغىنى قانۇن تەكلىپىنى 1 – قېتىم قاراپ چىقىشتا، تەكلىپ بەرگۈچىنىڭ ئىزاھاتىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاڭلاپ ئۆتىدۇ، گۇرۇپپا يىغىنىدا دەسلەپكى قەدەمدە قاراپ چىقىدۇ.
دائىمىي كومىتېت يىغىنى قانۇن تەكلىپىنى 2 – قېتىم قاراپ چىقىشتا، قانۇن كومىتېتىنىڭ قانۇن لاھىيىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى ۋە ئاساسلىق مەسىلىلەر ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاڭلاپ ئۆتىدۇ، گۇرۇپپا يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىدۇ.
دائىمىي كومىتېت يىغىنى قانۇن تەكلىپىنى 3 – قېتىم قاراپ چىقىشتا، قانۇن كومىتېتىنىڭ قانۇن لايىھىسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاڭلاپ ئۆتىدۇ، قانۇن لاھىيىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى گۇرۇپپا يىغىنىدا قاراپ چىقىدۇ.
دائىمىي كومىتېت قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، ئېھتىياجىغا قاراپ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ياكى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، قانۇن لايىھىسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ.
28 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپلىرىدىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى بىر قەدەر بىرلىككە كەلگەنلىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىككى قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن ئاۋازغا قويۇلسا بولىدۇ؛ قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپلىرىدىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى بىر قەدەر بىرلىككە كەلگەنلىرىمۇ بىر قېتىملىق يىغىندا قاراپ چىقىپلا ئاۋازغا قويۇلسا بولىدۇ.
29 – ماددا دائىمىي كومىتېت گۇرۇپپا يىغىنى قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، تەكلىپ بەرگۈچى پىكىر ئاڭلاش، سوئالغا جاۋاب بېرىشكە ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك.
دائىمىي كومىتېت گۇرۇپپا يىغىنى قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، گۇرۇپپىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلاتلار ئەھۋال تونۇشتۇرۇشقا ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك.
30 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىقىش پىكرىنى قويۇپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تارقىتىپ بېرىدۇ.
ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، باشقا مەخسۇس كومىتېت ئەزالىرىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلىشقا تەكلىپ قىسا بولىدۇ.
31 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن بىر تۇتاش قاراپ چىقىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى ياكى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ۋە قانۇن لايىھىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئوخشاش بولمىغان مۇھىم پىكىرلەر مەلۇماتتا ياكى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشى لازىم. ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى مۇھىم پىكرىنى قوبۇل قىلمىغان بولسا، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارغا قايتما ئىنكاس قىلىشى كېرەك.
قانۇن كومىتېتى قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىر باتان قىلىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
32 – ماددا مەخسۇس كومىتېتلار قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىشى كېرەك، ئېھتىياجغا قاراپ، ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلاتلاردىن ئەھۋال چۈشەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
33 – ماددا قانۇن لايىھىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەردە مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ پىكرى بىردەك بولمىسا، ئۇنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىغا دوكلات قىلىش كېرەك.
34 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپى ئۈستىدە قانۇن كومىتېتى، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك، پىكىر ئېلىشتا سۆھبەت يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللانسا بولىدۇ.
دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى قانۇن لايىھىسىنى ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلات ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە تارقىتىپ پىكىر ئېلىشى، پىكىرنى رەتلەپ چىققاندىن كېيىن قانۇن كومىتېتىغا ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارغا يەتكۈزۈشى ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.
35 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن مۇھىم قانۇن تەكلىپى توغرىسىدا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، قانۇن لايىھىسى ئېلان قىلىنىپ، پىكىر ئېلىنسا بولىدۇ. ئورگانلار، تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار بەرگەن پىكىرلەر دا.ىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتىغا يەتكۈزىلىدۇ.
36 – ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىققاندا چۈشكەن پىكىرلەرنى، ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنى، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى توپلاپ ۋە رەتلەپ، قانۇن كومىتېتىغا ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تارقىتىپ بېرىشى لازىم.
37 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى ئاۋازغا قويۇشتىن بۇرۇن، تەكلىپ بەرگۈچى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك؛ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قوشۇلغان ھەمدە دائىمىي كومىتېتقا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىش توختىتىلىدۇ.
38 – ماددا قانۇن تەكلىپىنى دائىمىي كومىتېت ئۈچ قېتىملىق يىغىندا قاراپ چىققاندىن كېيىن، يەنىلا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ – چوڭ مەسىلە بولسا، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىنىڭ ياكى ئومۇمىي يىغىننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويماي، قانۇن كومىتېتىنىڭ ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ.
39 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپلىرىدىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ شۇ قانۇننى چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلىكى، مۇمكىنلىكى قاتارلىق چوڭ – چوڭ مەسىلىلەردە چوڭراق پىكىر ئىختىلاپى بولغاچقا، قاراپ چىقىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرغىلى ئىككى يىل بولغان ياكى ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويۇلمىغان، ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا قايتا كىرگۈزۈلمىگەنلىرى توغرىسىدا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېتقا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، بۇ قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىش توختىتىلىدۇ.
40 - ماددا قانۇن لايىھىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئۇنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويىدۇ، ئۇ دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.
41 – ماددا دائىمىي كومىتېت ماقۇللىغان قانۇن دۆلەت رەئىسى پەرمانغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.
4 – پارگراف قانۇننى ئىزاھلاش
42 – ماددا قانۇننى ئىزاھلاش ھوقۇقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مەنسۇپ.
قانۇندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىزاھلايدۇ:
(1) قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر بولسا؛
(2) قانۇن چىقىرىلغاندىن كېيىن يېڭى ئەھۋال يۈز بېرىپ، قانۇننى تەتبىقلاش ئاساسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر بولسا.
43 – ماددا گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە مەملىكەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرى شۇنىڭدەك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا قانۇننى ئىزاھلاش تەلىپىنى قويسا بولىدۇ.
44 – ماددا قانۇننى ئىزاھلاش لايىھىسىنى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى مۇھاكىمە قىلىپ تەييارلايدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قارار قىلىدۇ.
45 – ماددا قانۇننى ئىزاھلاش لايىھىسىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىقىدۇ، قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن قاراپ چىقىپ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قانۇننى ئىزاھلاش لايىھىسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
46 – ماددا قانۇننى ئىزاھلاش لايىھىسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېت ئېلان چىقىرىپ جاكارلايدۇ.
47 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىزاھاتى قانۇن بىلەن ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
5 – پاراگراف باشقا بەلگىلىمىلەر
48 – ماددا قانۇن تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا قانۇن لايىھىسىنىڭ نۇسخىسى ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرمىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە زۆرۈر ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش كېرەك. قانۇن لايىھىسىنىڭ چۈشەندۈرمىسى شۇ قانۇننى چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم.
49 - ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا بېرىلگەن قانۇن تەكلىپىنى تەكلىپ بەرگۈچى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلۈشتىن بۇرۇن قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
50 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، ماقۇللانمىغان قانۇن تەكلىپىنى تەكلىپ بەرگۈچىلەردىن شۇ قانۇننى تۈزۈش زۆرۈر دەپ قارىغانلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قايتا ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىكنى ھەيئەت رىياسەت، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قارار قىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانمىغان قانۇن تەكلىپىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىپ قارار قىلىشىغا سونۇش كېرەك.
51 – ماددا قانۇندا يولغا قويۇلۇش ۋاقتى ئېنىق بەلگىلىنىشى لازىم.
52 – ماددا رەئىسىنىڭ ئىمزا قويۇپ قانۇننى ئېلان قىلغان پەرمانىغا شۇ قانۇننى چىقارغان ئورگان، ماقۇللىغان ۋاقىت ۋە يولغا قويۇش ۋاقتى ئېنىق يېزىلىدۇ.
قانۇن ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاخباراتىغا ۋە مەملىكەت دائىرىسىدە تارقىتىلىدىغان گېزىتلەرگە ۋاقتىدا بېسىلىدۇ.
قانۇننىڭ دائىمىي كومىتېت ئاخباراتىغا بېسىلغان نۇسخىسى ئۆلچەملىك نۇسخا بولىدۇ.
53 – ماددا قانۇننى تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىش تەرتىپى مۇشۇ بابتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
قانۇننىڭ قىسمەن ماددىلىرى تۈزىتىلسە ياكى بىكار قىلىنسا، يېڭى قانۇن نۇسخىسى ئېلان قىلىنىشى شەرت.
54 – ماددا قانۇن مەزمۇنىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، قىسىم، باب، پارگراف، ماددا، تارماق، تارماقچە، تۈرگە ئايرىلسا بولىدۇ.
قىسىم، باب، پاراگراف، ماددىلارنىڭ رەت نومۇرى رەقەم بىلەن تەرتىپ بويىچە ئىپادىلىنىدۇ، تارماققا رەت نومۇرى قويۇلمايدۇ، تارماقچىنىڭ رەت نومۇرى تىرناققا ئېلىنغان رەقەم بىلەن تەرتىپ بويىچە ئىپادىلىنىدۇ، تۈچنىڭ رەت نومۇرىي رەقەم بىلەن تەرتىپ بويىچە ئىپادىلىنىدۇ.
قانۇن ماۋزۇلىرىنىڭ ئىزاھاتىدا قانۇننى چىقارغان ئورگان، ماقۇللىغان ۋاقىت ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.
55 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى قانۇنغا ئالاقىدار كونكرېت مەسىلىلەردە تەتقىق قىلىپ سوئاللارغا جاۋاب بەرسە ھەمدە ئۇنى دائىمىي كومىتېتقا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.
3 – باب مەمۇرىي نىزام
56 – ماددا گوۋۇيۈن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا بىنائەن مەمۇرىي نىزام چىقىرىدۇ. مەمۇرىي نىزامدا تۆۋەندىكى ئىشلار ئۈستىدە بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ:
(1) قانۇندىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مەمۇرىي نىزام چىقىرىشقا توغرا كېلىدىغان ئىشلار؛
(2) ئاساسىي قانۇننىڭ 89 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىغا دائىر ئىشلار.
گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىدىغان ئىشلاردا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھوقۇق بېرىش قارارىغا ئاساسەن، ئالدىن چىقارغان مەمۇرىي نىزاملارنى ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، قانۇن قىلىپ چىقىرىش شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن قىلىپ چىقىرىشىغا ۋاقتىدا سۇنۇشى كېرەك.
57 – ماددا مەمۇرىي نىزامنى تەييارلاشقا گوۋۇيۈەن تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەمۇرىي نىزام چىقىرىش زۆرۈر دەپ قارىغاندا، گوۋۇيۈنگە تەستىقلىتىپ نىزام چىقىرىش پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك.
58 – ماددا مەمۇرىي نىزام تەييارلاش داۋامىدا، ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلات ۋە پۇقرالاردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش كېرەك. پىكىر ئېلىشتا سۆھبەت يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلسا بولىدۇ.
59 – ماددا مەمۇرىي نىزام تەييارلاش خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تەييارلىغۇچى ئورۇن لاھىيە ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرمىسىنى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ لايىھىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان پىكىرلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇشى لازىم.
گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئاپپاراتى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ۋە لايىھىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى گوۋۇيۈەنگە سۇنۇشى، تەكشۈرۈش دوكلاتىدا لايىھىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
60 – ماددا مەمۇرىي نىزامنى قارار قىلىش تەرتىپى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
61 – ماددا مەمۇرىي نىزام زۇڭلى گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئېلان قىلىدۇ.
62 – ماددا مەمۇرىي نىزام ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئاخپاراتىغا ۋە مەملىكەت دائىرىسىدە تارقىتىلىدىغان گېزىتلەرگە ۋاقتىدا بېسىلىدۇ.
مەمۇرىي نىزامنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاخپاراتىغا بېسىلغان نۇسخىسى ئۆلچەملىك نۇسخا بولىدۇ.
4 – باب يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدە
1 – پاراگراف يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام
63 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كەلتۈرمەسلىك شەرتى ئاستىدا، يەرلىك نىزاملارنى چىقارسا بولىدۇ.
چوڭراق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز شەھىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىغا زىت كەلتۈرمەسلىك شەرتى ئاستىدا، يەرلىك نىزام چىقىرىپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويسا بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى تەستىقلاشقا يوللانغان يەرلىك نىزاملارنىڭ قانۇنلۇق بولغان – بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇىري نىزاملارغا ۋە شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىغا زىت كەلمەيدىغانلىرىنى تۆت ئاي ئىچىدە تەستىقلىشى كېرەك.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى چوڭراق شەھەرلەرنىڭ تەستىقلاشقا يوللىغان يەرلىك نىزاملىرىنى تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ شۇ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قائىدىلىرىگە زىت كېلىدىغانلىقىنى بايقىسا، بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى لازىم.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چوڭراق شەھەر ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جايلاشقان شەھەرنى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون جايلاشقان شەھەرنى ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان چوڭراق شەھەرنى كۆرسىتىدۇ.
64 – ماددا يەرلىك نىزاملاردا تۆۋەندىكى ئىشلار ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ:
(1) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىشقا توغرا كەلگەن ئىشلار؛
(2)يەرلىك ئىشلاردىن يەرلىك نىزام چىقىرىشقا توغرا كېلىدىغانلىرى.
مۇشۇ قانۇننىڭ 8 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلاردىن باشقا ئىشلاردا دۆلەت تېخى قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزام چىقارمىغان بولسا، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە چوڭراق شەھەرلەر شۇ جاينىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالدى بىلەن يەرلىك نىزام چىقارسا بولىدۇ؛ دۆلەت چىقارغان قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزام كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، يەرلىك نىزامدىكى قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كېلىدىغان بەلگىلىمىلەر كۈچىدىن قالىدۇ، ئۇنى چىقارغان ئورگان ۋاقتىدا تۈزىتىشى ياكى بىكار قىلىشى لازىم.
65 – ماددا ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون جايلاشقان جايدىكى ئۆلكىلىك، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھوقۇق بېرىش قارارىغا ئاساسەن نىزام چىقىرىپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون دائىرىسىدە يولغا قويىدۇ.
66 – ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق. ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامدا شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە توغرىسىدا جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ، لېكىن قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزامدىكى ئاساسىي پرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملاردا مەخسۇس مىللىي ئاپتونوم جايلار ئۈچۈن چىقىرىلغان بەلگىلىمىلەر توغرىسىدا جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىشقا بولمايدۇ.
67 – ماددا شۇ مەمۇرىي رايوندىكى پەۋقۇلئاددە چوڭ ئىشنى بەلگىلەيدىغان يەرلىك نىزامنى خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىشى كېرەك.
68 – ماددا يەرلىك نىزام تەكلىپىنى، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام تەكلىپىنى قويۇش، قاراپ چىقىش ۋە ئاۋازغا قويۇش تەرتىپىنى شۇ دەرىجلىك خەلق قۇرۇلتىيى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا ئاساسەن، مۇشۇ قانۇننىڭ 2 – بابنىڭ 2-، 3 – ۋە 5 – پاراگرافىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ بەلگىلەيدۇ.
يەرلىك نىزام لايىھىسى ھەققىدە بىر تۇتاش قاراپ چىقىشقا مەسئۇل ئاپپارات قاراپ چىقىش نەتىجسى توغرىسىدا دوكلاتىنى ۋە لايىھىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
69 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى چىقارغان يەرلىك نىزامنى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى ئېلان چىقىرىپ جاكارلايدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى چىقارغان يەرلىك نىزامنى دائىمىي كومىتېت ئېلان چىقىرىپ جاكارلايدۇ.
چوڭراق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى چىقارغان يەرلىك نىزامنى تەستىقلىتىلغاندىن كېيىن، چوڭراق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئېلان چىقىرىپ جاكارلايدۇ.
ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام تەستىقلىتىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئېلان چىقىرىپ جاكارلايدۇ.
70 – ماددا يەرلىك نىزام، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاخباراتىغا ۋە شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدە تارقىتىلىدىغان گېزىتكە ۋاقتىدا بېسىلىدۇ.
يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنىڭ دائىمىي كومىتېت ئاخباراتىدا بېسىلغان نۇسخىسى ئۆلچەملىك نۇسخا بولىدۇ.
2 – پاراگراف قائىدە
71 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىكلىرى، كومىتېتلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش فونكسىيىسىگە ئىگە بىۋاسىتە قەرەشلىق ئاپپاراتلار قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئۆز تارمىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە قائىدە چىقارسا بولىدۇ.
تارماقلارنىڭ قائىدىسىدە بەلگىلىنىدىغان ئىشلار قانۇننى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشقا دائىر ئىشلار بولۇشى كېرەك.
72 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئىككىدىن ئارتۇق تارمىقىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا، گوۋۇيۈنگە مەمۇرىي نىزام چىقىرىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىش ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىرلىشىپ قائىدە چىقىرىشى كېرەك.
73 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە چوڭراق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ يەرلىك نىزامىغا ئاساسەن، قائىدە چىقارسا بولىدۇ.
يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدىلىرىدە تۆۋەندىكىدەك ئىشلار ئۈستىدە بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ:
(1) قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزامنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قائىدە چىقىرىشقا تېگىشلىك ئىشلار؛
(2) شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كونكرېت مەمۇرىي باشقۇرىشىغا كىرىدىغان ئىشلار.
74 – ماددا گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ قائىدىسىنى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدىسىنى چىقىرىش تەرتىپىنى گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇننىڭ 3 – بابىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ بەلگىلەيدۇ.
75 – ماددا تارماقلارنىڭ قائىدىلىرى مىنىستىرلىك ئىشلىرى يىغىنى ياكى كومىتېت يىغىنىدا قاراردىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.
يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي كېڭەش يىغىنىدا ياكى ئومۇمىي يىغىنىدا قارادىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.
76 – ماددا تارماقلارنىڭ قائىدىلىرى تارماقنىڭ باشلىقى ئىمزا قويۇپ بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.
يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدىلىرى ئۆلكە باشلىقى ياكى ئاپتونوم رايون رەئىسى ۋە ياكى شەھەر باشلىقى ئىمزا قويۇپ بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.
77 – ماددا تارماقلارنىڭ قائىدىلىرى ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئاخباراتى ياكى تارماقلارنىڭ ئاخباراتىغا ۋە مەملىكەت دائىرىسىدە تارقىتىلىدىغان گېزىتلەرگە ۋاقتىدا بېسىلىدۇ.
يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدىلىرى ۋە ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتىغا ۋە شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدە تارقىتىلىدىغان گېزىتلەرگە ۋاقتىدا بېسىلىدۇ.
قائىدىلەرنىڭ گوۋۇيۈەن ئاخباراتى ياكى تارماقلار ئاخباراتى ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخباراتىغا بېسىلغان نۇسخىسى ئۆلچەملىك نۇسخا بولىدۇ.
5 – باب تەتبىقلاش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش
78 – ماددا ئاساسىي قانۇن ئالىي قانۇن كۈچىگە ئىگە، قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىلەرنىڭ ھەرقاندىقى ئاساسىي قانۇنغا زىت كەلسە بولمايدۇ.
79 – ماددا قانۇننىڭ كۈچى مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام ۋە قائىدىلەرنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
مەمۇرىي نىزامنىڭ كۈچى يەرلىك نىزام، قائىدىلەرنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
80 – ماددا يەرلىك نىزامنىڭ كۈچى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدىلىرىنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قائىدىلەرنىڭ كۈچى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى چوڭراق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قائىدىلەرنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
81 – ماددا ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامدا قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزاملار توغرىسىدا قانۇن بويىچە جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسا، شۇ ئاپتونوم جايدا ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون نىزامىدا قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزاملار توغرىسىدا بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسا، شۇ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوندا ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون نىزامىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
82 – ماددا تارماقلار قائىدىسى بىلەن تارماقلار قائىدىسى، تارماقلار قائىدىسى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قائىدىسى ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ھەر قايسىسى ھوقۇق دائىرىسىدە يولغا قويۇلىدۇ.
83 – ماددا بىر ئورگان چىقارغان قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە بىلەن ئادەتتىكى بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، ئالاھىدە بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ يېڭى بەلگىلىمە بىلەن كونا بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، يېڭى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
84 – ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزام ۋە قائىدىلەر بۇرۇنقىنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ، لېكىن پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن چىقىرىلغان ئالاھىدە بەلگىلىمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا.
85 – ماددا قانۇنلاردىكى بىر ئىشقا يېڭىدىن چىقىرىلغان ئادەتتىكى بەلگىلىمە بىلەن كونا ئالاھىدە بەلگىلىمە بىردەك بولمىغانلىقتىن، قايسىسىنى تەتبىقلاشنى بېكىتەلمىگەندە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار چىقىرىدۇ.
مەمۇرىي نىزاملاردىكى بىر ئىشقا يېڭىدىن چىقىرىلغان ئادەتتىكى بەلگىلىمە بىلەن كونا ئالاھىدە بەلگىلىمە بىردەك بولمىغانلىقتىن، قايسىسىنى تەتبىقلاشنى بېكىتەلمىگەندە، گوۋۇيۈەن قارار چىقىرىدۇ.
86 – ماددا يەرلىك نىزام، قائىدىلەر بىردەك بولماي قالغاندا، ئالاقىدار ئورگانلار تۆۋەندە بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قارار چىقىرىدۇ:
(1) بىر ئورگان يېڭىدىن چىقارغان ئادەتتىكى بەلگىلىمە بىلەن كونا ئالاھىدە بەلگىلىمە بىردەك بولماي قالغاندا، ئۇنى چىقارغان ئورگان قارار چىقىرىدۇ؛
(2) يەرلىك نىزام بىلەن تارماقلارنىڭ قائىدىسىدە بىر ئىشقا چىقىرىلغان بەلگىلىمە بىردەك بولماي قالغانلىقتىن، قايسىسىنى تەتبىقلاشنى بېكىتەلمىگەندە، گوۋۇيۈەن پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، گوۋۇيۈەن يەرلىك نىزامنى تەتبىقلاشنى لايىق كۆرگەندە، شۇ جايدا يەرلىك نىزامدىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلاشنى قارار قىلىشى كېرەك؛ تارماقنىڭ قائىدىسىنى تەتبىقلاشنى لايىق كۆرگەندە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارار چىقىرىشىغا سۇنۇشى كېرەك؛
(3) تارماقلار قائىدىسى بىلەن تارماقلار قائىدىسى، تارماقلار قائىدىسى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسىدە بىر ئىشقا چىقىرىلغان بەلگىلىمە بىردەك بولماي قالغاندا، گوۋۇيۈەن قارار چىقىرىدۇ.
بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن چىقىرىلغان نىزام بىلەن قانۇندىكى بەلگىلىمە بىردەك بولمىغانلىقتىن، قايسىسىنى تەتبىقلاشنى بېكىتكىلى بولمىغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار چىقىرىدۇ.
87 – ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئالاقىدار ئورگانلار مۇشۇ قانۇننىڭ 88 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ:
(1) ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسا؛
(2) تۆۋەن قانۇن يۇقىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولسا؛
(3) قائىدىلەر ئارا بىر ئىشقا چىقىرىلغان بەلگىلىمە بىردەك بولماي قالغانلىقتىن، قارار چىقىرىش ئارقىلىق بىر تەرەپنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا توغرا كەلسە؛
(4) قائىدىدىكى بەلگىلىمە نامۇۋاپىق دەپ قارالغانلىقتىن، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا توغرا كەلسە؛
(5) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ بولسا.
88 – ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزام ۋە قائىدىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش ھوقۇق دائىرىسى:
(1) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۆزىنىڭ دائىمىي كومىتېتى چىقارغان نامۇۋاپىق قانۇنلارنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلىغان، ئاساسىي قانۇنغا ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 66 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ كېلىدىغان ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
(2) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا زىت كېلىدىغان مەمۇرىي نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كېلىدىغان يەرلىك نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى تەستىقلىغان، ئاساسىي قانۇن ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 66 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
(3) گوۋۇيۈەن تارماقلارنىڭ ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامۇۋاپىق قائىدىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
(4) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئۆزىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى چىقارغان ۋە تەستىقلىغان نامۇۋاپىق يەرلىك نىزاملارنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
(5) يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقارغان نامۇۋاپىق قائىدىلەرنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
(6) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقارغان نامۇۋاپىق قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
(7) ھوقۇق بەرگەن ئورگان ھوقۇق بېرىلگۈچى ئورگان چىقارغان، ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ياكى ھوقۇق بېرىش مەقسىتىگە خىلاپ كىلىدىغان نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، زۆرۈر تېپىلغاندا، بېرىلگەن ھوقۇقنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
89 – ماددا مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزام ۋە قائىدىلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 30 كۈن ئىچىدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار ئورگانلارغا ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك:
(1) مەمۇرىي نىزاملار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛
(2) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى چىقارغان يەرلىك نىزاملار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛ چوڭراق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى چىقارغان يەرلىك نىزاملارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛
(3) ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەر چىقارغان ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛
(4) تارماق قائىدىلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىلىرى گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىلىدۇ؛ يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغىمۇ ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك؛ چوڭراق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقارغان قائىدىلەر ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىگىمۇ ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى لازىم؛
(5) بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن چىقىرىلغان نىزاملارنى ھوقۇق بېرىش قارارىدا بەلگىلەنگەن ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك
90 – ماددا گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلارغا زىت دەپ قارىسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكشۈرۈپ كۆرۈش توغرىسىدا يازما تەلىپىنى سۇنسا بولىدۇ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى ئۇنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈپ كۆرۈشى، پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەندىن باشقا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا تەشكىلاتلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلارغا زىت دەپ قارىسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكشۈرۈپ كۆرۈش توغرىسىدا يازما تەكلىپ سۇنسا بولىدۇ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى ئۇنى تەتقىق قىلىدۇ، زۆرۈر تاپقاندا، ئۇنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈپ كۆرۈشى، پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
91 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتى تەكشۈرگەندە، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلارغا زىت دەپ قارىسا، ئۇنى چىقارغۇچى ئورگانغا يازما تەكشۈرۈش پىكرىنى سۇنسا بولىدۇ؛ قانۇن كومىتېتى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار بىرلىكتە تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئۇنى چىقارغۇچى ئورگاندىن يىغىنغا كېلىپ ئەھۋال چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ئاندىن چىقارغۇچى ئورگانغا يازما تەكشۈرۈش پىكرىنى ئەۋەتسە بولىدۇ. ئۇنى چىقارغۇچى ئورگان ئىككى ئاي ئىچىدە مۇھاكىمە قىلىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدىكى پىكرىنى قويۇشى ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىغا ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارغا قايتما ئىنكاس قىلىشى كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن كومىتېتى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى تەكشۈرۈپ، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلارغا زىت دەپ قارىسىمۇ، ئۇنى چىقارغان ئورگان تۈزىتىش كىرگۈزمىسە، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىغا يازما تەكشۈرۈش پىكرىنى ۋە ئۇنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى سۇنسا بولىدۇ، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇش – سۇنماسلىقنى قارار قىلىدۇ.
92 – ماددا ئەنگە ئالغۇچى باشقا ئورگانلار ئەنگە ئالدۇرۇلىدىغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزام ۋە قائىدىلەرنى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش پرىنسىپى بويىچە بەلگىلەيدۇ.
6 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
93 – ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا بىنائەن، ھەربىي نىزام چىقىرىدۇ.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ باش بۇلىرى، ئارمىيە – ئەسكەر تۈرلىرى، ھەربىي رايونلار قانۇنغا ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەربىي نىزامى، قارارى، بۇيرۇقىغا بىنائەن، ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە ھەربىي قائىدە چىقارسا بولىدۇ.
ھەربىي نىزام، ھەربىي قائىدە قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا يولغا قويۇلىدۇ.
ھەربىي نىزام، ھەربىي قائىدىنى چىقىرىش، تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىش چارىسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پرىنسىپ بويىچە بەلگىلەيدۇ.
94 – ماددا بۇ قانۇن 2000 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.