UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى خەلقئارالىق تىزىملاش

ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى خەلقئارالىق تىزىملاش

قانۇنلار (1989 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى جەنۋەدە ماقۇللانغان) شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەر ئالاقىدار ئۈن - سىن ئەسەرلىرى سودىسىدا قانۇن ئارقىلىق قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئۈن - سىن ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىنى ۋە بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ خەلقئارادا يۈرۈشۈپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئۈن - سىن ئەسەرلىرى ۋە ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلارغا بولغان قاراقچىلىق قىلمىشىغا قارشى تۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى كېلىشىم تۈزۈپ چىقىلدۇ. بىرىنچى باب ماھىيەتلىك ماددىلار 1 - ماددا ئىتتىپاق قۇرۇش بۇ شەرتنامىگە ئەزا دۆلەتلەر (تۆۋەندە <شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەر> دېيىلىدۇ) ئۈن - سىن ئەسەرلىرىنى خەلقئارالىق تىزىملاش ئىتتىپاقى (تۆۋەندە <ئىتتىپاق> دېيىلدى) تەشكىل قىلدى. 2 - ماددا <ئۈن - سىن ئەسەرلىرى> بۇ شەرتنامىدە ئېيتىلغان <ئۈن - سىن ئەسەرلىرى> بىر قاتار مۇناسىۋەتلىك، مۇقىم بولغان سۈرەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان، ئاۋاز بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەن، كۆرگىلى بولىدىغان ھەمدە ئاۋاز بېرىلگەندە ئاڭلىغىلى بولىدىغان ھەر قانداق ئەسەرنى كۆرىسىتىدۇ. 3 - ماددا خەلقئارالىق تىزىملاش دەپتىرى (1) ]خەلقئارالىق تىزىملاش دەپىرى تۇتۇش[ ئالاقىدار ئۈن - سىن ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى ھوقۇقلارنى، جۈملىدىن پايدىلىنىدىغان ھوقۇققا دائىر باياناتلارنى تىزىملاش ئۈچۈن ئۈن - سىن ئەسەرلىرىنى خەلقئارالىق تىزىملاش دەپىتىرى (تۆۋەندە <خەلقئارالىق تىزىملاش دەپتىرى> دەپ ئاتالدى) تۇتۇلدى. ئۇ دۇنيا بىلىمگە ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى تەشكىلاتى خەلقئارا ئىدارىسىنىڭ (تۆۋەندە <تەشكىلات ۋە خەلقئارا ئىدارە> دېيىلىدۇ) بىر مەمۇرىي ئورنى. (2) ]خەلقئارا تىزىملاش باشقارمىسىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى[ ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدار شەرتنامىلەر كۈچكە ئىگە بولسىلا، خەلقئارالىق تىزىملاش باشقارمىسى ئاۋسترىيىدە تەسىس قىلىنىدۇ، بولمىسا ئۇ جەنۋەدە تەسىس قىلىنىدۇ. (3) ]ئىلتىماس قىلىش[ خەلقئارالىق تىزىملاش باشقارمىسى تىزىملايدىغان ھەر قانداق بايانات ئاساسەن مۇشۇنى مەقسەت قىلغان بەلگىلەنگەن خىراجەت تۆلەنگەن، بىر تەبىئىي شەخس ياكى ئىلتىماس سۇنۇشقا ھوقۇقلۇق بولغان قانۇنىي ئىگە تاپشۇرغان ئىلتىماستىن ئىبارەت بولىدۇ. (4) ]ئىلتىماس قىلغۇچى بولۇش سالاھىيىتى[ (a) (b) تۈرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاندىن سىرت، ئىلتىماس قىلىش سالاھيىتى بارلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: (i) شەرتنامە تۈزگەن ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغان، مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق ئورنى تۇرۇپ ئادەتلىنىپ قالغان جايى بولغان ياكى بىر ھەقىقىي ئۈنۈملۈك سانائەت ياكى سودا مۇئەسسەسەسى شەرتنامە تۈزگەن بىر دۆلەتتە بولغان تەبىئىي شەخس؛ (ii) شەرتنامە تۈزگەن ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن تەشكىل قىلىنغان ياكى ئۇ دۆلەتلەردە بىر ھەقىقىي ئۈنۈملۈك سانائەت ياكى سودا مۇئەسسەسەسى بولغان قانۇنىي شەخس. (5) ئەگەر ئىلتىماس كۈچكە ئىگە بولۇپ بولغان تىزىمغا چېتىلسا، ئۇنى (a) تۈرىدىكى شەرتلەرگە قانائەت قىلمىغان تەبىئىي شەخس ياكى قانۇنىي شەخس سۇنسا بولىدۇ. 4 - ماددا خەلقئارالىق تىزىملاش دەپتىرىنىڭ قانۇنىي ئۈنۈمى خەلقئارالىق تىزىملاش دەپتىرىگە خاتىرىلەنگەن باياناتقا قارىتا ئەكسىچە ئىسپات بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۇنى چىن نەرسە دەپ ئېتراپ قىلىشقا ماقۇل بولۇشى لازىم. ئەگەر (i) بۇ بايانات شۇ دۆلەتنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىدا ياكى ئۈن - سىن ئەسەرلىرىنىڭ بىلىمگە ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا دائىر باشقا قانۇنلاردا كۈچكە ئىگە بولمىسا، ياكى (ii) بۇ بايانات خەلقئارالىق تىزىملاش دەپتىرىدە خاتىرىلەنگەن يەنە بىر باياناتقا زىت بولسا. (2) ]بىلىمگە ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى قانۇنى ۋە شەرتنامە كاپالىتى[ بۇ شەرتنامىدىكى ھەر قانداق ماددىنى شەرتنامە تۈزگەن ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى ياكى ئۈن - سىن ئەسەرلىرىنىڭ بىلىمگە ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا دائىر باشقا ھەر قانداق قانۇنلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ. ياكى ئەگەر بۇ دۆلەت بېرن ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بىلىمگە ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا دائىر باشقا ھەر قانداق شەرتنامىلەرگە ئەزا دۆلەت بولسا، ئۇ چاغدا شۇ دۆلەتنىڭ شۇ ئەھدىنامە ياكى شەرتنامىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى باب مەمۇرىي ماددىلار 5 - ماددا چوڭ يىغىن (1) ]تەشكىل قىلىنىشى[ (a) ئىتتىپاقنىڭ شەرتنامىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ يىغىنى بولۇشى كېرەك. (b) شەرتنامىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىردىن ۋەكىل ئەۋەتىدۇ، ۋەكىل مەسلىھەتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. (2)]ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىزاجىتى[ ھەر بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىراجىتىنى شۇ ئۆمەكنى ئەۋەتكەن ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ، سەپەر ھەققى ۋە شەرتنامە تۈزگەن ھەر بىر دۆلەت ئەۋەتكەن ۋەكىلنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئىتتىپاق فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. (3) ]ۋەزىپىسى[ (a) چوڭ يىغىنى (i) ئىتتىپاقنىڭ بۇ شەرتنامىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، يولغا قويۇشقا دائىر بارلىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ (ii) بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن ئالاھىدە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ؛ (iii) يىغىنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەييارلىقى ھەققىدە تەشكىلاتنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىنى (تۆۋەندە <باش ئىش بېجىرگۈچى> دېيىلدى) يېتەكچى پىكىر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ؛ (vi) باش ئىش بېجىرگۈچىنىڭ ئىتتىپاققا دائىر دوكلاتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ، ئىتتىپاقنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدىكى ئالاقىدار ئىشلارغا زۆرۈر بولغان يېتەكچىلىكلەرنى قىلىدۇ؛ (v) ئىتتىپاقنىڭ پىلانىدىكى تۈرلىرىنى بەلگىلەيدۇ، ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى يىللىق خامچوتىنى ماقۇللايدۇ ھەمدە ئاخىرقى ھېسابات نەتىجىسىنى تەستىقلايدۇ؛ (iv) ئىتتىپاقنىڭ مالىيە قائىدىسىنى ماقۇللايدۇ؛ (iiv) قىزىقىدىغان غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنى ۋەكىللىرىدىن تەشكىل قىلىنغان كېڭەش كومىتېتى، شۇنىڭدەك ئىتتىپاق ۋە ئۇنىڭ ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ قارالغان كومىتېت ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئوخشاش ئورگانلارنى قۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى بەلگىلەيدۇ. (iiiv) باش ئىش بېجىرگۈچى قارار قىلىدىغان سىستېما ۋە خىراجەت مىقدارىنى كونترول قىلىدۇ. (xi) ھەر قايسى ئەھدىنامە تۈزمىگەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت، غەيرىي ھۆكۈمەت، تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنىغا كۆزەتكۈچى تەرىقىسىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى قارار قىلىدۇ؛ (x) ئىتتىپاق نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان باشقا مۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنى قوللىنىدۇ ھەمدە مۇشۇ شەرتنامىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا ئىقتىدارلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. (b) باشقا ئىتتىپاقلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولغان تەشكىللەش، باشقۇرۇش ئىشلىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا يىغىن تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن ئاندىن قارار چىقىرىدۇ. (4) ]ۋەكىللىك خاراكتېرى[ بىر ۋەكىل بىرلا دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ ھەمدە شۇ دۆلەتنىڭ نامىدا ئاۋاز بېرىدۇ. (5) ]ئاۋاز بېرىش[ شەرتنامە تۈزگەن ھەر بىر ئاۋازغا ئىگە بولىدۇ. (6) ]قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانى[ (a)شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ يېرىمى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىنى شەكىللەندۈرىدۇ. (b) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا يەتمىسە، چوڭ يىغىندا قارار چىقارسا بولىدۇ، لېكىن يىغىن قارالمىلىرىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى قارارلار بۇنىڭ سىرتىدا، بۇنداق قارارلارنىڭ ھەممىسى خەت - ئالاقە ئارقىلىق ئاۋاز بېرىلىپ، بېرىلگەن ئاۋاز قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانى ۋە تەلەپتىكىدىن ئاشقاندا، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. (7) ]كۆپ سانلىق[ (a) 8 - ماددىنىڭ (2) (b) تۈرى ۋە 10 - ماددىنىڭ (2) (b) تۈرىدىكى بەلگىلىمىلەردىن باشقىلىرىدا يىغىن قارارى كۆپ سانلىقلارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ. (b) ئاۋاز بېرىشتىن كېچىش ئاۋاز بەرگەنلىك ھېسابلانمايدۇ. (8) ]يىغىن[ (a) چوڭ يىغىن باش ئىش بېجىرگۈچىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، يىغىن تەشكىلاتىنىڭ چوڭ يىغىنى بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر جايدا ئىېچىلىدۇ. (b) چوڭ يىغىن شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ 4 / 1 ىنىڭ تەلەپ قىلىشى ياكى باش ئىش بېجىرگۈچىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئالاھىدە يىغىن ئاچسا بولىدۇ. (9) ]كۈنتەرتىپ قائىدىسى[ چوڭ يىغىن ئۆزىنىڭ كۈنتەرتىپ قائىدىسىنى ماقۇللايدۇ. 6 - ماددا خەلقئارالىق ئىدارە (1) ]ۋەزىپىسى[ خەلقئارا ئىدارە (i) خەلقئارالىق تىزىملاش باشقارمىسى ئارقىلىق خەلقئارالىق تىزىملاش دەپتىرىگە خاتىرىلەشكە دائىر بارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ. (ii) يىغىن، چوڭ يىغىن، چوڭ يىغىن قۇرغان كومىتېت ۋە خىزمەت گۇرۇپپىلىرى، شۇنىڭدەك باش ئىش بېجىرگۈچى ئاچىدىغان باشقا يىغىنلارنى كاتىباتلىق ئىشلرى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، ئىتتىپاققا ئالاقىدار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. (iii) مۇشۇ شەرتنامىگە ئاساسەن 8 - ماددىدا ئېيتىلغان تەپسىلىي پرىنسىپتا تەقسىم قىلىنغان ياكى چوڭ يىغىن بەلگىلىگەن باشقا مەخسۇس ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ. (2) ]باش ئىش بېجىرگۈچى[ باش ئىش بېجىرگۈچى ئىتتىپاقىنىڭ باش مەمۇرىي ئەمەلدارى ھېسابلىنىدۇ ھەمدە ئىتتىپاققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. (3) ]ئادەتتىكى يىغىنلار[ باش ئىش بېجىرگۈچى چوڭ يىغىن قۇرغان ھەر قانداق كومىتېت ۋە خىزمەت گۇرۇپپىلىرى، شۇنىڭدەك ئىتتىپاققا ئالاقىدار باشقا بارلىق يىغىنلارنى ئېچىشى كېرەك. (4) ]خەلقئارا ئىدارىنىڭ چوڭ يىغىن ۋە باشقا يىغىنلاردىكى رولى[ (a) باش ئىش بېجىرگۈچى ۋە ئۇ ئەۋەتكەن ھەر قانداق خىزمەتچى خادىم چوڭ يىغىنغا، چوڭ يىغىن قۇرغان كومىتېت ۋە خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ بارلىق يىغىنلىرىغا، باش ئىش بېجىرگۈچى چاقىرغان ئىتتىپاقنىڭ ئىشلرىغا دائىر باشقا يىغىنلارغا قاتنىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ. (b) باش ئىش بېجىرگۈچى ياكى ئۇ ئەۋەتكەن بىر خىزمەتچى خادىم چوڭ يىغىن ۋە كومىتېت، خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ۋە (a) تۈردە ئېيتىلغان باشقا يىغىنلارنىڭ ھوقۇقلۇق كاتىپى بولىدۇ. (5) ]يىغىنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش[ (a) باش ئىش بېجىرگۈچى چوڭ يىغىننىڭ يېتەكچىلىكى بويىچە يىغىنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ. (b) باش ئىش بېجىرگۈچى يۇقىرىقى تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈستىدە ھۆكۈمەتلەر ياكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ. (c) باش ئىش بېجىرگۈچى ۋە ئۇ ئەۋەتكەن خىزمەتچى خادىملار يىغىنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىدۇ، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ. (b) باش ئىش بېجىرگۈچى ياكى ئۇ ئەۋەتكەن خىزمەتچى خادىملار ھەر قانداق تۈزىتىش كىرگۈزۈش يىغىنلىرىنىڭ ھوقۇقلۇق كاتىپلىرى بولىدۇ. 7 - ماددا (1) ]خامچوت[ (a) ئىتتىپاقنىڭ خامچوتى بولىدۇ. (b) ئىتتىپاقنىڭ خامچوتى نورمال كىرىم ۋە چىقىم، شۇنىڭدەك تەشكىللەش، باشقۇرۇش جەھەتتىكى باشقا ئىتتىپاقلار خامچوتتىن ئورتاق چىقىم قىلغان ئىئانىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (c) مەخسۇس ئىتتىپاق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تەشكىللەش، باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر ياكى بىر نەچچە ئىتتىپاقنىڭ چىقىمى ھەر قايسى ئىتتىپاقلارنىڭ ئورتاق چىقىمى ھېسابلىنىدۇ. ئىتتىپاقنىڭ مۇشۇ ئورتاق چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى بىلەن ئىتتىپاقنىڭ ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەنپەئىتى تەڭ بولىدۇ. (2) ]باشقا خامچوتلار بىلەن ماسلاشتۇرۇش[ ئىتتىپاقىنىڭ خامچوتى تەشكىللەش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان باشقا ئىتتىپاقنىڭ خامچوتىنى ماسلاشتۇرۇش تەلىپى ئۈستىگە ئورنىتىلىدۇ. (3) ]كىرىم مەنبەسى[ ئىتتىپاقنىڭ خامچوتى تۆۋەندىكى مەنبەلەر ئارقىلىق مەبلەغ بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ: (i) تىزىملانغان ۋە خەلقئارالىق تىزىملاش باشقارمىسى تەمىن ئەتكەن باشقا مۇلازىمەتتىن ئېلىنغان خىراجەتلەر؛ (ii) خەلقئارا تىزىملاش ئورنىنىڭ نەشر بۇيۇملىرىنى ساتقان ۋە نەشر بېجى كىرىمى؛ (iii) ئىئانە قىلىنغان پۇل، بولۇپمۇ ئۈن - سىن ئەسەرلىرىنىڭ ھوقۇق ئىگىلىرى تەشكىلارلىرى ياردەم قىلغان پۇللار؛ (vi) تەقدىم قىلىنغان، بېرىۋېتىلگەن ۋە ھۆكۈمەت ياردەم قىلغان پۇللار؛ (v) ئىجارە ھەققى، ئۆسۈم ۋە باشقا ھەر خىل كىرىملەر. (4) ]مالىيدە ئۆزىنى بېقىش[ خەلقئارالىق تىزىملاش باشقارمىسى بېكىتىدىغان تاپشۇرۇۋېلىنىدىغان پۇل ۋە نەشر بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى، شۇنىڭدەك باشقا كىرىملەرنىڭ ئومۇمىي سوممىسى مۇشۇ شەرتنامىنىڭ يۈرۈشىگە كېتىدىغان چىقىم بىلەن تەڭ بولۇشى كېرەك. (5) ]خامچوتنىڭ داۋاملىشىشى؛ تەييارلىق فوندى[ ئەگەر خامچوت يېڭى مالىيە مۇددىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ماقۇللانسا، ئۇ ئالدىنقى مۇددەتتىكى خامچوت سەۋىيىسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، مەسىلەن، مالىيە قائىدىسىدە بەلگىلەنگەندەك. ئەگەر كىرىم چىقىمدىن ئېشىپ كەتسە، ئارتۇق قىسمى تەييارلىق فوندىغا كىرگۈزۈلىدۇ. (6) ]ئوبوروت مەبلىغى فوندى[ ئىتتىپاقنىڭ ئىتتىپاق كىرىمى ئىچىگە تەسىس قىلىنغان بىر ئورۇن مەبلىغى فوندى بولىدۇ. (7) ]ھېساباتلارنى مۇپەتتىش قىلىش[ مالىيە قائىدىسىگە ئاساسەن، ھېسابات مۇپەتتىشلىكىنى ئەھدىنامە تۈزگەن بىر ياكى بىر نەچچە دۆلەتتىن ۋە ياكى سىرتتىن كەلگەن مۇپەتتىشلەر ئېلىپ بارىدۇ. چوڭ يىغىن ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئەۋەتىدۇ. 8 - ماددا تەپسىلىي پرىنسىپ (1) ]تەپسىلىي پرىنسىپلارنى ماقۇللاش[ تەپسىلىي پرىنسىپ بىلەن بۇ شەرتنامە بىرلا ۋاقىتتا ماقۇللىنىدۇ ۋە مۇشۇ شەرتنامىنىڭ قوشۇمچە ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. (2) ]تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەپسىلىي پرىنسىپلىرى[ (a) چوڭ يىغىن تەپسىلىي پرىنسىپلارنى تۈزەتسە بولىدۇ. (b) تەپسىلىي پرىنسىپ ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق تۈزىتىشلەرنى ئاۋازنىڭ 3 /2 قىسمى ماقۇللىشى كېرەك. (3) ]شەرتنامە بىلەن تەپسىلىي پرىنسىپ ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىق[ بڭ شەرتنامىنىڭ ماددىلىرى بىلەن تەپسىلىي پرىنسىپ ماددىلىرى ئوتتۇرىسىدا زىتلىق كۆرۈلگەندە، ئالدىنقىسى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. (4) ]مەمۇرىي بۇيرۇق[ تەپسىلىي پرىنسىپقا مەمۇرىي بۇيرۇق تەسىس قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى باب تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە تۈزىتىش 9 - ماددا شەرتنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش (1) بۇ شەرتنامىگە تۈزگەن دۆلەتلەر تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ. (2) ]چاقىرىش[ ھەر قانداق تۈزىتىش كىرگۈزۈش يىغىنلىرىنىڭ شەرتلىرىنى چوڭ يىغىن بەلگىلەيدۇ. (3) ]چوڭ يىغىن تۈزىتىش كىرگۈزىدىغان ماددىلارمۇ بولىدۇ[ 10 - ماددىنىڭ (1) (a) تۈرىدە ئېيتىلغان ماددىلاغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يىغىنى تۈزىتىش كىرگۈزسە بولىدۇ، 10 - ماددا بويىچە ئىجرا قىلىشقىمۇ بولىدۇ. 10 - ماددا شەرتنامىنىڭ بەزى ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش (1) ]تەكلىپ بېرىش[(a)6 - ماددىنىڭ (6) ۋە (8) تۈرلىرى، 6 - ماددىنىڭ (4) ۋە (5) تۈرلىرى، 7 - ماددىنىڭ (1)، (2)، (3) تۈرلىرى ۋە (5)، (6)، (7) تۈرلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپلىرىنى شەرتنامىگە ئەزا ھەر قانداق دۆلەت ياكى باش ئىش بېجىرگۈچى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. (b) باش ئىش بېجىرگۈچىنىڭ بۇنداق تەكلىپلەرنى چوڭ يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشتىن ھېچبولمىغاندا ئالتە ئاي ئىلگىرى شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. (2) ]ماقۇللاش[(a) بىرىنچى تۈردە ئېيتىلغان تۈزىتىشلەرنى چوڭ يىغىندا ماقۇللاش كېرەك. 4 / 3 (b) قىسىم ئاۋاز بېرىلسە، ئاندىن ماقۇللىنىدۇ. (3) ]كۈچكە ئىگە بولۇشى[ (a) بىرىنچى تۈردە ئېيتىلغان ماددىلارغا كىرگۈزۈلگەن ھەر قانداق تۈزىتىش باش ئىش بېجىرگۈچى چوڭ يىغىندا ماقۇللانغاندا، چوڭ يىغىنغا ئەزا بولغان شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ 4 / 3 قىسمى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىنىڭ تەرتىپى ئەۋەتكەن قوبۇل قىلغانلىق توغرىسىدىكى يارما ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋېلىپ بىر ئايدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. (b) مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن قوبۇل قىلىنغان يۇقىرىقى ماددىغا كىرگۈزۈلگەن تۈزىتىش چوڭ يىغىنىدا ماقۇللانغاندا، ئۇ شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەرگە چەك قويۇش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. (c) قوبۇل قىلىنغان ۋە (a) تۈردە كۈچكە ئىگە بولغان تۈزىتىش يىغىنىدا ماقۇللانغان كۈندىن ئېتىبارەن ئەھدىنامە تۈزگەن بارلىق دۆلەتلەرگە چەك قويۇش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. تۆتىنچى باب ئاخىرقى ماددىلار 11 - ماددا شەرتنامىگە ئەزا بولۇش (1) ]قاتنىشىش[ تەشكىلاتقا ئەزا ھەر قانداق دۆلەت (i) ئىمزا قويۇپ ۋە ئاندىن ئېتراپ قىلغان، قوبۇل قىلغان ياكى تەستىقلىغانلىق توغرىسىدىكى ھۆججەت تاپشۇرسا ياكى (ii) قاتناشقانلىقى توغرىسىدا ھۆججەت تاپشۇرسا، مۇشۇ شەرتنامىگە ئەزا دۆلەت بولالايدۇ. (2) ]ھۆججەت تاپشۇرۇش[(1) تۈردە ئېيتىلغان ھۆججەت باش ئىش بېجىرگۈچىگە تاپشۇرۇلىدۇ. 12 - ماددا شەرتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى (1) ]دەسلەپكى قەدەمدە كۈچكە ئىگە بولۇش[ بۇ شەرتنامە تۇنجى تۈركۈمدە ئېتراپ قىلغانلىق، قوبۇل قىلغانلىق، تەستىقلىغانلىق ياكى قاتناشقانلىق توغرىسىدىكى ھۆججەتنى تاپشۇرغان بەش دۆلەتنىڭ ئېتراپ قىلغان، قوبۇل قىلغان، تەستىقلىغان ياكى قاتناشقانلىق توغرىسىدىكى 5 - ھۆججىتى تاپشۇرۇلۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. (2) ]دەسلەپكى قەدەمدە كۈچكە ئىگە بولۇشنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەر[ (1) تۈرنىڭ سىرتىدىكى ھەر قانداق دۆلەتلەردە بۇ شەرتنامە شۇ دۆلەت ئېتراپ قىلغان، قوبۇل قىلغان، تەستىقلىغان ياكى قاتناشقانلىق توغرىسىدىكى ھۆججەتنى تاپشۇرۇپ ئۈچ ئايدىن كېين كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئەگەر ئېتراپ قىلغان، قوبۇل قىلغان، تەستىقلىغان ۋە قاتناشقانلىق توغرىسىدىكى ھۆججەتتە كۆرسىتلگەن ۋاقىت ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق بولمىسا، كېيىنكىدەك ئەھۋالدا، بۇ شەرتنامە يۇقىرىدا كۆرسىتلگەن ۋاقىتتا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 13 - ماددا شەرتنامە ھەققىدە ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قېلىش شەرتنامە ھەققىدە ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قېلىشقا بولمايدۇ. (2) ]باشقا ئەھۋاللار[ھەر قانداق دۆلەت بۇ ئەھدىنامىگە ئەزا بولماقچى بولسا، باش ئىش بېجىرگۈچىگە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۈن - سىن ئەسەرلىرىنىڭ بىلىمگە ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشقا چېتىلمايدىغان دوكلاتنىڭ 4 - ماددىنىڭ (1) تۈرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلسا بولىدۇ. مۇشۇنداق بايانات ئېلان قىلغان ھەر قانداق دۆلەت باش ئىش بېجىرگۈچىگە بۇنداق باياناتنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ. 14 - ماددا بۇ شەرتنامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش (1) ]ئۇقتۇرۇش[ شەرتنامىگە ئەزا بولغان ھەر قانداق دۆلەت باش ئىش بېجىرگۈچىگە بۇ شەرتنامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ. (2) ]كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى[ ئەمەلدىن قالدۇرۇش باش ئىش بېجىرگۈچى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. (3) ]ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىش[ بۇ شەرتنامىنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەردىكى كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى بەش يىلغا يېتىشتىن ئىلگىرى، بۇ دۆلەت (1) تۈردە بەلگىلەنگەن بۇ شەرتنامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقنى يۈرگۈزەلمەيدۇ. 15 - ماددا شەرتنامىنى ئىمزالاش ۋە تىل (1) ]ئەسلى تېكىستى[ بۇ شەرتنامىنىڭ ئىنگىلىزچە ۋە فرانسۇزچە نۇسخىسىغا ئىمزا قويۇلىدۇ، ئىككى خىل يېزىقتىكى شەكلى ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە. (2) ]رەسمىي نۇسخىسى[ شەرتنامىنىڭ ئەرەب، گېرمان، ئىتالىيان، ياپون، پورتۇگالىيە، رۇس ۋە ئىسپان يېزىقلىرىدىكى، شۇنىڭدەك چوڭ يىغىن بەلگىلىگەن باشقا يېزىقتىكى رەسمىي نۇسخىلىرىنى باش ئىش بېجىرگۈچى بىلەن ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەر كېڭەشكەندىن كېيىن تۈزۈپ چىقىدۇ. (3) ]ئىمزالاش مۇددىتىى[ بۇ شەرتنامە خەلقئارالىق ئىدارە ئېچىۋەتكەن 1989 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ئىمزالىنىدۇ. 16 - ماددا ساقلاش ئورنىنىڭ مەسئۇلىيىتى (1) ]ئەسلى نۇسخىسىنى ساقلاش[ بۇ شەرتنامىنىڭ ئەسلى نۇسخسى ۋە تەپسىلىي پرىنسىپى باش ئىش بېجىرگۈچىنىڭ يېنىدا ساقلىنىدۇ. (2) ]تەكشۈرۈلگەن قوشۇمچە نۇسخىسى[ باش ئىش بېجىرگۈچى ئۆزى تەكشۈرگەن شەرتنامە ۋە ئۇنىڭ تەپسىلىي پرىنسىپىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىدىن ئىككىنى بۇ شەرتنامىگە ئىمزا قويۇشقا ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتىگە بېرىدۇ. (3) ]شەرتنامىنى تىزىملاش[باش ئىش بېجىرگۈچى بۇ شەرتنامىنى ب د ت باش كاتىبات باشقارمىسىغا تىزىملىتىشى لازىم. (4) ]تۈزىتىش[باش ئىش بېجىرگۈچى بۇ شەرتنامە ۋە تەپسىلىي پرىنسىپنىڭ ھەر قانداق جايىغا تۈزىتىش كىرگۈزسە، ئۆزى تەكشۈرگەن ئىككى قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەت ھۆكۈمتىگە ھەمدە تەلەپ بويىچە باشقا ھەر قانداق دۆلەت ھۆكۈمىتىگە بېرىدۇ. 17 - ماددا ئۇقتۇرۇش باش ئىش بېجىرگۈچى 8 - ماددىنىڭ (2)، 10 - ماددىنىڭ (2) ۋە (3) تۈرىدە، 11 -، 12 -، 13 -، 14 - ماددىلاردا ئېيتىلغان ھەر قانداق ئىشنى تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە ئۇقتۇرىدۇ. 1989 - يىلى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى جەنۋە
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار