UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارمىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىنى چەكلەش ئۇقتۇرۇشى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىنى چەكلەش ئۇقتۇرۇشى

قانۇنلار 1994 - يىلى 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى. (1994) 362 - نومۇرلۇق ئۇزاقتىن بويان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاخبارات - سەنئەت، كىنو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق تارماقلار ماركسىزملىق مىلللەت قارىشى ۋە پارتىيىنىڭ مىلللەتلەر سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، مىللەتلەرگە دائىربىلىملەرنى تونۇشتۇرۇش، ئاز سانلىق مىلللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىتاب، گېزىت - ژۇرنال، كىنو - تېلېۋىزىيە ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىدىغان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان مەزمۇنلار پات - پات كۆرۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردى. شۇڭا، 1986 - يىلى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى <ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش > نى تارقاتتى؛ 1987 - يىلى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، بىرلىك سەپ بۆلۈمى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىكتە < تەشۋىقات، خەۋەرلەردە ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان ۋەقەلەرنىڭ داۋاملىق سادىر بولۇشىدىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش > نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغاندىن كېيىن كۆپ ساندىكى ئاخبارات، نەشرىيات، ئەدەبىيات - سەنئەت، كىنو - تېلېۋىزىيە تارماقلىرى ئۇقتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. لېكىن، ئايرىم ساندىكى ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى نەشر قىلغان نەشر بۇيۇملىرىدا پارتىيىنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان مەزمۇنلار يەنىلا پات - پات كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، 1989 - يىلى 3 - ئايدا شاڭخەي مەدەنىيەت نەشرىياتى نەشر قىلغان < جىنسىيەت ئادىتى > دېگەن كىتاب؛ 1992 - يىلى 10 - ئايدا < چۇڭچىڭ گېزىتى > ئېلان قىلغان < بۇغداي ۋە لىنشا > دېگەن ماقالە؛ بۇلتۇر 5 - ئايدا < يەر شارى > نىڭ 5 - سانىغا بېسىلغان < ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە ئىران سەپىرى > دېگەن ماقالە؛ 8 - ئايدا سىچۇەن گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى نەشر قىلغان < كاللىنى تېز ئىشلىتىش > دېگەن كىتاب؛ شىئەن ئېلېكترون پەن - تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان < ھازىرقى زامان ئالاقىلىرىدە قوللىنىلىدىغان قائىدە - مۇراسملار > دېگەن كىتاب ۋە باشقىلار. يۇقىرىقى كىتاب ۋە ماقالىلەردىكى بەزى مەزمۇنلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق ئازار بېرىپ، ئالاقىدار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ غەزىپى ۋە كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغاپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ تۆۋەتتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مۇقىمسىز ئامىل بولۇپ قالدى. بەزىلىرى يەنە خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزدى. بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلمىسە، زۆرۈر بولغان تەدبىر قوللىنىلمىسا، جەزمەن يۇقىرىقىدەك ۋەقەلەر، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ۋەقەلەر كېلىپ چىقىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلشىغا، ئېلىمىز جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ مەسلىلەرنىڭ سادىر بولۇشىدىكى سەۋەبلەر شۇكى، بىرىنچى، بەزى مۇخبىر، ئاپتور ۋە تەھرىرلەردە مىللەت، دىنغا بولغان ئەقەللىي ساۋات كەمچىل، مىللەتلەر، دىن سىياسىتى قارىشى ئاجىز، بەزى تارماقلار كونىلار بىلەن يېڭىلارنىڭ ئورۇن ئالمىشىش پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. يېڭىدىن خىزمەتكە قاتناشقان مۇخبىرلار ۋە تەھرىرلەر زۆرۈر بولغان مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە مىللەت، دىنغا دائىر بىلىملەرنى تەربىيىسى كۆرمىگەن، شۇڭا ساۋات خاراكتېرلىك خاتالىقلار كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. ئىككىنچى، ئايرىم ساندىكى ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرىدا يۈكسەك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىق كەمچىل، ئۇلار ئىجتمائىي ئۈنۈمگە سەل قاراپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىگە پىسەنت قىلماي، ئاجايىپ - غارايپ كىتابلارنى نەشر قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئۈچىنچى، بەزى ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈملىرى مۇكەممەل ئەمەس، ئايرىم رەھبەرلەردە بيۇروكراتلىق ئىستىلى ئېغىر، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلىمەي، خىزمەتتە ئېغىر ھالدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىياتچىلىقتا ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇنلارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىلگىرىكى ئالاقىدار ھۆججەتلەردىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرىمىز: 1. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل نەشرىياتلار ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت، كىنو - تېلېۋىزىيە تارماقلىرىدا پىلانلىق ھالدا ماركىسىزملىق مىللەت قارىشى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتى، نىزاملار ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەشۋىقات، تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى ئاخبارات - نەشرىيات، ئەدەبىيات - سەنئەت، كىنو - تېلېۋىزىيە تارماقلىرى ھەر يىلى مۇشۇنداق تەشۋىقات، تەربىيلەرنى ئېلىپ بېرىشى ھەمدە بۇ جەھەتتىكى تەربىينى ئۆز تارمىقىدىكى خادىملارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىر مۇھىم تەدبىر قىلىپ، خىزمەت پىلانى ۋە يىللىق خۇلاسىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. ئاخبارات ـ نەشرىيات، ئەدەبىيات - سەنئەت، كىنو - تېلېۋىزىيە تارماقلىرىدىكى كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە ئاپتورلار، تەھرىرلەر مىللەتلەر، دىن سىياسىتى كۆز قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ھۆرمەتلەش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مىللەتلەر، دىن جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئاڭلىق ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتى، قانۇن - نىزاملىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئىجرا قىلىشى كېرەك. ئاخبارات - نەشرىيات، ئەدەبىيات - سەنئەت، كىنو - تېلېۋىزىيە تارماقلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەلىم - تەربىيە ۋە ئۆگىنىشىگە كېرەكلىك ماتېرىياللاردا مىللەتلەر، بىرلىك سەپ، دىن خىزمىتى تارماقلىرى زۆرۈر بولغان ياردەملەرنى بېرىدۇ. 2. ئاخبارات - نەشرىيات، ئەدەبىيات - سەنئەت، كىنو - تېلېۋىزىيە تارماقلىرى زۆرۈر بولغان قائىدە - تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە تەھرىرلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆتكەلنى قاتلاممۇ قاتلام قاتتىق ئىگىلەپ، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىقتا ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە مىللەتلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى قەتئىي مەنئى قىلىشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى تولۇق چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش، قۇسۇر تاپماسلىق، سۇبيېكتىپ قارىشىغا تاينىپ ھۆكۈم چىقارماسلىق، كىچىك ئىشنى تۇتۇۋېلىپ ھەممىنى ئىنكار قىلماسلىق كېرەك؛ كەمسىتىشكە، ھاقارەتلەشكە ۋە قالايمىغان تۈزۈپ، كەلسە - كەلمەس ئويدۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئاخبارات - نەشرىياتچىلىقتا ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مىللەتلەرگە، دىنغا چېتىلىدىغان خەۋەر ئورىگىناللىرى، نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە، ئەگەر ئىشەنچ تولۇق بولمىسا، جەزمەن مىللەتلەر، بىرلىك سەپ، دىن خىزمىتى تارماقلىرىدىن پىكىر ئېلىش، چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرگە چېىلىدىغان بولسا بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل تارماقنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللاپ بېرىش لازىم. 3. ئاخبارات - نەشرىياتچىلىقتا ۋە ئەدەىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە كۆتۈرۈلگەن مەسلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ۋاقتىدا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، بىر تەرەپ قىلغاندا ئەھۋالغا ئۇيغۇن، مۇۋاپىق، قانۇنلۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، ئالاقىدار رەھبىرىي تارماقلار يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئىشنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.رەھبىرىي يولداشلار ئۆزلىرى خىزمەت ئىشلەپ، مەسئۇلىيىتى بار خادىمنى خاتالىققا توغرا مۇئامىلە قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ پىكىر ۋە تەنقىدىگە كەمتەرلىك بىلەن قولاق سېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزلىگەن ھالدا ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇپ، چۈشىنىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەسىرىنى تۈگىتىشى كېرەك.ئىككىنچى، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.مىللەتلەرنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق ئازار بېرىپ، ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزگەن ئاسالىق جاۋابكارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، يېتەكلەش ۋە نەسىھەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ نورمال تەلەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. ئەگەر تالاش - تارتىش يۈز بەرسە، يەنە ئۇلارنى نورمال يوللار ئارقىلىق پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئومۇمىيلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى ھۆكۈمەتكە تاينىپ ھەل قىلىش، ھەددىدىن ئارتۇق تەلەپ قويماسلىق ۋە چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەت قوللانماسلىققا قايىل قىلىش لازىم.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار