UyghurWiki›قانۇن نىزاملار›زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1999 - يىلى 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. كىتاب (1999)198 - نومۇرلۇق
< نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى > ۋە < كىتاب، ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىدا ئېلان قىلىنىدىغان زور تېمىلارنى
ئەنگە ئالدۇرۇش چارىسى > دىكىبەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەت مەخپىيەتلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان،
شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ئىشلىرىغا بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسىتىدىغان كىتابلار زور تېما
كاتېگورىيىسىگە تەۋە بولسا، ئۇلارنى نەشر قىلىشتىن ئىلگىرى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەش كېرەك.بۇ نەشرىياتچىلىق خىزمىتىدە پۈتۈن
پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا ماكرولۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،
نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىر. بىرمەزگىلدىن بۇيان، نەشر ئورۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ
قىسمى زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئوبدان ئىجرا قىلدى، لېكىن بەزى ئاز ساندىكى نەشرىياتلارنىڭقانۇن - نىزام
قارىشى سۇس بولغاچقا، ئەنگە ئالدۇرماي تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالى
تەسۋىرلەنگەن كىتابلار، مەزمۇنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پاتىيىسى تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى
تارىخى ۋە دىپلوماتىيە، مىللەتلەر ئىشلىرى، دىن قاتارلىق جەھەتلەتلەرگە چېتىلىدىغان كىتابلارنى خالىغانچە نەشر قىلدى. بەزى كىتابلارنىڭ
مەزمۇنىدا مەسىلە بولغاچقا، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى.
بۇ يىل پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر يىل، كىتاب نەشر قىلىش خىزمىتىدە زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش
خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بەكمۇ مۇھىم. بۇ خىزمەتنى يەنىمۇ كۈچۈيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇلىدۇ:
بىرىنچى، ھازىر بار بولغان باشقۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.
1997 - يىلى، مەھكىمىمىز گوۋۇيۈەن ئېلان
قىلغان < نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى > غا ئاساسەن، < كىتاب، ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملرىدا ئېلان قىلىنغان
زور تېمىلارنى باشقۇرۇش چارىسى > ( ئاخبارات - نەشرىيات. كىتاب ]1997[860 - نومۇرلۇق ) نى تۈزۈپ چىقىپ، زور تېمىلارنىڭ دائىرىسى، ئەنگە
ئالدۇرۇش تەرتىپى ۋە نەشر قىلىشقا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى ئېنىق بەلگىلىدى، ئۇنى جەزمەن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، قاتتىق ئىجرا
قىلىش كېرەك.
يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا < پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن
تاللاپ تۈزۈلگەن ئەسەرلەر ۋە شۇنىڭغا دائىر تەتقىقات ئەسەرلىرىنى تەھرىرلەپ نەشر قىلىشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى
ئۇقتۇرۇش > ( ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى ]9981[32 - نومۇرلۇق ) ۋە < ئالاقىدار نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش
توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش > ( گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى. تېلېگرام ]1998[ 252 - نومۇرلۇق ) نى تارقىتىپ، ئەنگە ئالدۇرۇش دائىرىسى، ئىلتىماس
قىلىش تەرتىپى قاتارلىق ئىشلار ھەققىدە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە مۇھىم تولۇقلىما بەلگىلىمە چىقاردى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم
رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ۋە بېيجىڭدىلى نەشرىيات ئورۇنلىرىغا مەسئۇل تارماقلار ئۆزىگە قاراشلىق نەشر
ئورۇنلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە ۋاقتىدا ئۇيۇشتۇرۇشى ھەمدە بۇ خىزمەتنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
ئىككىنچى، زور تېمىلارنى ئايدا بىر قېتىم توللاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم.
زور تېمىلارنى نەشر قىلىشنى ماكرولۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش
ئۈچۈن، 1999 - يىلى 4 ـ ئايدىن ئېتىبارەن، بۇ خىلدىكى تېمىلارنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالى ئۈستىدە ئايدا بىر قېتىم مەلۇمات يوللاش تۈزۈمى يولغا
قويۇلىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى، بېيجىڭدىكى نەشر قىلىش ئورۇنلىرىغا
مەسئۇل تارماقلار ھەر ئاينىڭ 10 - كۈنى جەدۋەل ( جەدۋەل قوشۇمچە كۆرسىتىلدى ) تۈزۈپ كېيىنكى ئايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەنگە ئالدۇرۇشقا
تېگىشلىك تېمىلارنى مەھكىمىمىزنىڭ كىتاب باشقۇرۇش مەھكىمىسىگە يوللاپ بېرىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق
شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئايلىق مەلۇماتنىڭ مەزمۇنىنى يوللاشتىن ئىلگىرى، ئۇنى ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ
ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
ئايلىق مەلۇماتنىڭ مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: كىتاب ئىسمى، ئاپتورى، نەشر قىلغۇچى ئورۇن، ھەجمى، زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش
تۈزۈمىنىڭ قايسى ماددىسىغا كىرىدىغانلىقى، قىسقىچە مەزمونى ( 150 خەت )، ئورىگىناللاردىكى ئالاقىدار تارماقلارغا تەكشۈرتكۈزۈلىدىغان مەسىلىلەر
ۋە ئىزاھلار. ئايلىق مەلۇماتنى نورمال ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، ئايلىق مەلۇماتقا كىرگۈزۈلمىەن تېمىلارنى
مەھكىمىمىزنىڭ كىتاب مەھكىمىسى زور تېمىلارنى ئەنگە ئېلىش داۋامىدا قوبۇل قىلمايدۇ.
ئۈچىنچى، زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىگە مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم
رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى، ھەر قايسى ئالاقىدار نەشرىياتلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ئۆز ئىچىدىن زور
تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىگە مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل قىلىشى، ئۇلار ئۆز رايونى، ئۆز نەشرىياتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان زور تېمىلارنى
ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە نەشر قىلىش، تارقىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلىشى لازىم. ئالاقىلىشىشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن،
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى، بېيجىڭدىكى نەشرىياتلار بۇ خىزمەتكە مەسئۇل
قىلىنغان كىشلەرنىڭ ئىسمىنى 1999 - يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەھكىمىمىزنىڭ كىتاب مەھكىمىسىگە يوللاپ بېرىشى كېرەك.
مەھكىمىمىزنىڭ كىتاب مەھكىمىسى ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەشرىيات ئىدارىسىمۇ بۇ خىزمەتكە مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل
قىلىدۇ.
تۆتىنچى، ئۆتكەلنى دەرىجىمۇ دەرىجە ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش لازىم.
زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى
ئىشلەش ئۈچۈن، نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ۋە باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. نەشرىياتلار ئۆز - ئۆزىنى
چەكلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. نەشرىياتچىلىققا دائىر قانۇن - نىزاملار ۋە تەشۋىقات
ئىنتىزامىغا قاتتىق بويسۇنۇش، كەسپىي ئىش تەقسىماتى دائىرىسىدە كىتاب چىقىرىش، ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئاڭلىق بېجىرىش
كېرەك. زور تېما مەزمۇنىغا چېتىلىشلىق بولغان كىتابلاردا تېمىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن كىتاب ئورىگىناللىرىنىڭ مەزمۇنىنى تەكشۈرۈشكىچە
بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەش، سىياسىي خاھىش ياخشى بولمىغان، ئىدىيۋى نۇقتىنەزەردە روشەن خاتالىق بولغان،
مەزمۇنى ئادەتتىكىدەك ياكى تەكرار بولۇپ قالغان كىتابلارنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىم. < كىتابلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش
سىستېمىسى > دىكى كىتاب ئورىگىناللىرىنى ئۈچ تەكشۈرۈش تۈزۈمى، ئەۋرىشكە كىتابلارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى، كىتابلارنى سېتىشتىن ئىلگىرى
تەكشۈرۈشكە يوللاش تۈزۈمى، كىتاب ئېلانلىرىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى، كىتابلارنى قايتا نەشرقىلىشتىن ئىلگىرى ئوقۇپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى،
كىتابلارنىڭ مەزمۇنىنى ئارىلاپ ئوقۇپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەرگە دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە، زور تېمىلارنى نەشر قىلىشجەريانىغا
بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنكانىيەتنىڭ بارىچە يوشۇرۇن ئىللەتلەرنى كىتاب نەشر قىلىنىشتىن ياكى بازارغا سېلىنىشتىن ئىلگىرى
يوق قىلىۋېتىش كېرەك.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل تارماق ۋە بېيجىڭدىكى نەشرىيات ئورۇنلىرىغا مەسئۇل
تارماقلار ماكرولۇق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىنىڭ يۈرۈش تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشى، قانۇن
ئىجرا قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. زور تېما كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغان كىتابلاردا نەشر قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ بەلگىلەنگەن تەرتىپ
بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىپ، كىتاب ئورىگىناللىرىنىڭ ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىپ، كىتاب
ئورىگىناللىرنىڭ مەزمۇن ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلىشىگە ياردەم قىلىپلا قالماي، يەنە ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىپ ۋە تەڭشەپ، تەكرار
نەشر قىلىش ھادىسلىرىنى ئازايتىپ، مۇشۇ خىلدىكى كىتابلارنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىدە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل تارماق ۋاقتىدا
يەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈملىرىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك نەشرىياتچىلىققا
مەسئۇل تارماق ۋە بېيجىڭدىكى نەشرىيات ئورۇنلىرىغا مەسئۇل تارماقلارنىڭ كىتاب ئورىگىناللىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان
پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ، تۈزىتىپ چىقىلغاندىن كېيىن كىتاب ئورىگىناللىرىنى ئەنگە ئېلىش
تەرتىپى بويىچە قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشى كېرەك.
بەشىنچى زور تېمىلارغا ياتىدىغان كىتابلارنى بېسىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
باسما زاۋۇتلار زور تېما كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغان
كىتابلارنى بېسىشتا نەشرىياتلاردىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ تېما ھەققىدىكى تەستىقىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، باشقا
جايدا بېسىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىگەندە، نەشرىيات تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ
قىلىشى كېرەك. زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىمىگەن بولسا، نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل تارماق باشقا جايدا بېسىش
رەسمىيىتىنى ئۆتەپ بەرمەسلىكى، باسما راۋۇتلار باسماسلىقى كېرەك.
ئالتىنچى، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات
ئىدارىسى، بېيجىڭدىكى نەشر ئورۇنلىرىغا مەسئۇل تارماق ئۆزىگە قاراشلىق نەشرىياتلارنىڭ 1998 - يىلىدىن بۇيانقى زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش
ئەھۋالىنى بىر قېتىم ئەستايىدىل ئېنىقلاپ چىقىشى ھەمدە ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللار ئۈستىدە تەرتىپكە سېلىش، ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرىنى
ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئېنىقلاش ئەھۋالىنى 1999 - يىلى 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەھكىمىمىزنىڭ كىتاب مەھكىمىسىگە يوللاپ بېرىشى لازىم. بۇ
ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغاندىن كېيىن بەلگىلىمىگە خىلاپ نەشر قىلىنغان كىتابلارنىڭ مەزمۇنىدا مەسىلە بار ياكى يوق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،
بىردەك نەشر قىلىش ۋە تارقىتىشتىن توختىتىش كېرەك، مەھكىمىمىزنىڭ كىتاب نەشر قىلىشنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى. نەشر ئورۇنلىرى ۋە
نەشرىياتلارغا مەسئۇل تارماققا < بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ نەشر قىلغانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش > ئەۋەتىدۇ. نەشر قىلىش جەريانىدىكى
مەسىلىلەر تەكشۈرۈلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ۋە كىتاب مەزمۇنى ئوقۇپ تەكشۈرۈلەندىن كېيىن مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ. ئۇدا ئۈچ قېتىم <
بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ نەشر قىلغانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش > نى تاپشۇرۋالغان نەشرىياتلارغا تەرتىپكە سېلىش ياكى كەسپىنى
توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش، ھەتتا نەشر قىلىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش
تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى نەشر ئورۇنلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قېلىنىدۇ.
يەتتىنچى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچۈيتىش كېرەك.
نەشرىياتلارنى نەشرىياتچىلىق سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا، توغرا چۈشىنىش، نەشرىياتچىلىق
ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، مەھكىمىمىزنىڭ كىتاب مەھكىمىسى < باش تەھرىررلەر خەۋىرى > ئارقىلىق ئەھۋاللارنى
نەشرىياتلارغا ئۇقتۇرۇپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ.
سەككىزىنچى
كىتاب، ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ۋە ئېلىكترون نەشر بۇيۇملىرىدىكى زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىدە مۇشۇ
ئۇقتۇرۇشنىڭ روھى بويىچە ئىجرا قىلىش كېرەك.