UyghurWiki›قانۇن نىزاملار›نادانلىق، خۇراپاتلىق ۋە ساختا پەن تەرغىپ قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلماسلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
نادانلىق، خۇراپاتلىق ۋە ساختا پەن تەرغىپ قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلماسلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
قانۇنلار
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى 1999 - يىلى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئاخبارات - نەشرىيات. بىرلەشمە (1999) 16
- نومۇرلۇق
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتتە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بەزى خاھىشلار پەيدا بولدى. بەزىلەر يەل گۇمپىسى، گۇمپا مەشىق قىلىش
ۋىۋىسكىسىنى كۆتۈرۋېلىپ، بىمەنە سەپسەتىلەرنى تەرغىب قىلدى، بەزىلەر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشنى نىقاب قىلىش نامى
بىلەن رەمچىلىك، پالچىلىق، مۇنەججىملىك قىلىش ئارقىلىق نادانلىق، خۇراپاتلىق ۋە ساختا پەننى تەشۋىق قىلدى. ئاز ساندىكى نەشر
ئورۇنلىرى بۇنىڭ تەسىرىدە دۆلەتنىڭ نەشرىياتچىلىققا دائىر قانۇن - نىزاملىرىغا پىسەنت قىلماي، نادانلىق، خۇراپاتلىق تەرغىپ قىلىنغان بەزى
نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلدى، باستى، كۆپەيتىپ ئىشلىدى ۋە تارقاتتى. بۇ نەشر بۇيۇملىرى سوتسيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇشىغا
تەسىر يەتكۈزدى، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزدى، بۇ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز. شۇڭا بۇ
مەسىلە بىزنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت - ئېتىبارىمىزنى قوزغىشى كېرەك. بىز بۇ خىل نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇشنى سىياسىيغا ئەھمىيەت
بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. «نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش نىزامى» نىڭ 3 - ماددىسى، 25 - ماددىسىنىڭ 6 - تارمىقى ۋە «
مەتبەئەچلىك باشقۇرۇش نىزامى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن نادانلىق، خۇراپاتلىق ۋە ساختا پەن تەرغىپ قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى
نەشر قىلماسلىق مەسىلىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرىمىز:
بىرىنچى ، بارلىق كىتاب، ژۇرنال، ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى ۋە ئۈن - سىن نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرى خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزىم
ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت نەشرىياتچىلىق فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.
نەشر قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنىڭ مەزمۇنى سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەتلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇشىغا، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىدىيە
- ئەخلاق ۋە پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، خەلق ئاممىسىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.
ئىككىنچى، ھەر قانداق نەشر ئونىنىڭ يەل گۇمپىسى، گۇمپا مەشىق قىلىش نامى بىلەن بىمەنە سەپسەتىلەرنى تارقىتىدىغان، خۇراپاتلىق،
نادانلىق ۋە ساختا پەننى تەشۋىق قىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىشىغا، خەلقنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تەتقىق
قىلىش نامى بىلەن رەمچىلىك، پالچىلىق، مۇنەججىملىك قاتارلىق نادانلىق، خۇراپاتلىق ۋە ساختا پەننى تەرغىپ قىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى
نەشر قىلىشىغا، قانۇن - نىزاملاردا ۋە نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەردە مەنئى قىلىنغان مەزمۇنلارنى بېسىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرىقىدەك نەشر بۇيۇملىرىنى كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى سودىسى قىلىش
ئارقىلىق نەشر قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، بۇنىڭدىن كېيىن يەل گۇمپىسى، گۇمپا مەشىق قىلىش تۈرىدىكى نەشر بۇيۇملىرىنى دۆلەتنىڭ نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي
تارماقلىرى بەلگىلەنگەن تەنتەربىيە، سەھىيە تۈرىدىكى نەشر ئورۇنلىرى نەشر قىلىدۇ، باشقا نەشرىياتلارنىڭ نەشر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. يۇقىرىقى
نەشر قىلىش ئورۇنلىرى يەل گۇمپىسى، گۇمپا مەشىق قىلىش تۈرىدىكى نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغاندا، تېمىلارنى نەزەرىيە جەھەتتىن دەلىللەش
تۈزۈمى، ئورگىناللارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، نەشرىياتلار، مەسئۇل تارماقلارمۇ ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلىشى لازىم. نەشر
قىلىش داۋامىدا تازا ئىشەنچ قىلالمىغان مەسىلىلەر كۆرۈلسە ۋاقتىدا ئالاقىدار تارماقلاردىن يوليورۇق سوراش كېرەك.
تۆتىنچى، بارلىق مەتبەئە، كۆپەيتىپ ئىشلەش كارخانلىرىى نەشر قىلىش ئورۇنلىرى رەسمىي نەشر قىلغان يەل گۇمپىسى، گۇمپا مەشىق قىلىش
مەزمۇن قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى باسقاندا ۋە كۆپەيتىپ ئىشلىگەندە، قەتئىي «مەتبەئەتچىلىك باشقۇرۇش نىزامى»، «نەشر بۇيۇمى بېسىشنى
باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»، «ئۈن - سىن بۇيۇمى باشقۇرۇش نىزامى»، «ئۈن - سىن بۇيۇمى كۆپەيتىپ ئىشلەشنى باشقۇرۇش نىزامى»، «
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» بويىچە ھاۋالە قىلىش ۋە بېسىشنى ئۈستىگە ئېلىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىشى ھەمدە «كىتاب -
ژۇنال بېسىش ھاۋالىنامىسى»، «ئۈن - سىن بۇيۇمىلىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ھاۋالىنامىسى»، «ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش
ھاۋالىنامىسى» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، بېسىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش كارخانلىرىنىڭ يۇقىرىقى نەشر بۇيۇملىرىنى ئۆز ئالىدىغا
كۆپەيتىپ بېسىشىغا، كۆپەيتىپ ئىشلىشىگە، ئوغرىلىقچە بېسىشىغا، سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ھەر قانداق بېسىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش كارخانلىرىنىڭ نادانلىق، خۇراپاتلىق ۋە ساختا پەن تەرغىب قىلىنغان قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى
بېسىشىغا، كۆپەيتىپ ئىشلىشىگە يول قويۇلمايدۇ. زاۋۇتتا تۇرۇشلۇق نازارەتچى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، نازارەتچىلىك
قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
بەشىنچى، نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيىتىش كېرەك. باش تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە تارقىتىش ئورۇنلىرى يەل گۇمپىسى،
گۇمپا مەشىق قىلىشقا دائىر كىتابلارنى زاكاز قوبۇل قىلىپ تارقاتقاندا، زاكاز قوبۇل قىلىپ تارقىتىش ھاۋالىنامىسى تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا
قىلىشى كېرەك، پارچە سېتىش ئورۇنلىرى نەشر بۇيۇملىرىنى رەسمىي يولدىن كىرگۈزۈشى ھەمدە كىرگۈزۈش رەسمىيەتلىرىنى قاتتىق ئىجرا
قىلىشى، كىرگۈزۈش تالون - ئىسپاتلىرىنى تولۇق ساقلاپ قويۇشى لازىم. ھەر قانداق تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى
سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ئالتىنچى، جايلار ۋە ھەر قايسى نەشرىيات ئورۇنلىرى يۇقىرىقى تەلەپ ۋە بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەمدە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ «نادانلىق،
خۇراپاتلىق تەرغىب قىلىنغان كىتابلارنى نەشر قىلماسلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ([89] ئاخبارات - نەشرىيات. كىتاب 338 - نومۇرلۇق) ىدىكى
تەلەپلەرگە تەتبىقلاپ يەل گۇمپىسى، گۇمپا مەشىق قىلىش تۈرىدىكى نەشر بۇيۇملىرى ۋە رەمچىلىك، پالچىلىق، مۇنەججىملىك قاتارلىق
نادانلىق، خۇراپاتلىق، ساختا پەن تەرغىب قىلىنغان كىتابلارنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ چىقىشى كېرەك. يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە
ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغان تېمىلارنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىش، ئىشلىنىۋاتقان نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش،
بېسىش، كۆپەيتىپ ئىشلەشتىن توختىتىش، نەشر قىلىنىپ بولغانلىرىنى بىردەك تارقىتىشتىن توختىتىش كېرەك. نەشر قىلىش ئورۇنلىرى
ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن دەرھال سېتىشتىن توختىتىلغان نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئىشلەپ چىقىپ ئالاقىدار تارقىتىش ئورۇنلىرىغا
ئۇقتۇرۇشى، ھەر قايسى تارقىتىش ئورۇنلىرى ئۇنداق نەشر بۇيۇملىرىنى ۋاقتىدا ئىشكاپ - جازىلاردىن ئېلىۋېتىشى، سېتىشتىن توختىتىشى ھەمدە
ئىسكىلاتلارنى ئەستايىدىل ئېنىقلاپ چىقىپ، تەمىنلىگۈچى ئورۇنغا بېرىپ ئۇنى قايتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشى كېرەك. جايلاردىكى كىتاب
- ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرى بازارلىرىنى باشقۇرۇغۇچى تارماقلار نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ سېتشتىن توختىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش بويىچە
كىتاب - ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى بازارلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئېنىقلاش خىزمىتىدە ئالاقىدار سىياسەت ۋە تەلەپلەرنى قاتتىق
ئىگىلەش، مىللىي ئۆرپ - ئادەت ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ھەقىقي تەتقىق قىلىدىغان ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى بىلەن نادانلىق، خۇراپاتلىق ۋە
ساختا پەن تەرغىب قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات -
نەشرىيات ئىدارىسى، ھەر قايسى ئالاقىدار مىنىستىرلىك، كومىتېتلارنىڭ نەشرىيات ئورۇنلىرىغا مەسئۇل تارماقلار ئېنىقلاش نەتىجىسىنى9 - ئاينىڭ
20 - كۈنىگىچە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ بېرىشى، شۇنداقلا كۆچۈرمىسىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ نەشرىيات
ئىدارىسىگە ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارماقلار، ھەر قايسى نەشر قىلىش، بېسىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش،
تارقىتىش ئورۇنلىرى قەتئىي مۇشۇ ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمە ۋە تەلەپلەر بويىچە ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۈرۈشى ۋە ئىجرا قىلىشى كېرەك. مۇشۇ
ئۇقتۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە «نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى»، «مەتبەئەچلىك باشقۇرۇش نىزامى»، «ئۈن - سىن
بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»،«ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى باشقۇرۇش نىزامى»، «كىتابلارنى باش تاقىتىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق
بەلگىلىمە» قاتارلىق ئالاقىدار نىزام - بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىش، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار
جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.