«جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى» نى ئىشلىتىش قوللانمىسى
قانۇنلار
«جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى»
( China Standard Book Number)
1986 - يىلى 1 - ئايدا دۆلەت ئۆلچەم ئىدارىسى تەستىقلاپ ئېلان قىلغان بىر خىل دۆلەت ئۆلچىمىدۇر (GB57 95 - 86 ). بۇ ئۆلچەم خەلقئارا ئۆلچەم -
ISO2108 ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى (Standard Number Book International قىسقارتىلغىنى ISBN ) ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان، 1987 - يىلى 1 -
ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلىدۇ.
ھازىر «جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى» نى ئىشلىتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىمىز:
1. «جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى» نىڭ كېلىشتىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى
1996 - يىلى 11 - ئايدا غەربىي بېرلىندا ئېچىلغان 3 - نۆۋەتلىك خەلقئارا كىتاب بازىرى تەتققىقاتى ۋە كىتاب سودىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش يىغىنىدا
خەلقئارادا بىر تۇتاش قوللىنىلىدىغان كىتاب نومۇرى سىستېمىسىنى تۈزۈش مەسىلىسى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. كومپيۇتېر
سىستېمىسى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن، نەشر قىلىنغان ھەر بىر خىل نەشر بۇيۇمىغا بىردىنبىر ۋە ئاددىي بىر بەلگە
بولۇش كونكرېت تەلەپ قىلىنىدى.
1967 - يىلى ئەنگىلىيە يۇقىرىقى تەلەپ بويىچە بىر كىتاب نومۇرى لايىھسىنى ئىشلەپ چىقتى ۋە مەملىكەت ئىچىدە يولغا قويدى. مۇشۇ ئاساستا ھەر
قايسى دۆلەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قايتا - قايتا مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىق خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى (Organization
Inretnational Standard قىسقارتىلغىنى ISO )
1972 - يىلى ISO2108 - خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى (ISBN) نى تۈزۈپ چىقتى ھەمدە غەربىي بېرلېندا بۇ ئۆلچەمنى يولغا قويىدىغان باشقۇرۇش
ئورگىنى: خەلقئارا ISBN مەركىزى (Agency International ISBN) قۇرۇلدى. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ISBN خەلقئارادا كەڭ تۈردە قوللىنىلدى، 1987 -
يىلىغا قەدەر خەلقئارا ISBN مەركىزى 65 دۆلەت ۋە رايوندىن 160 مىڭ نەشرىياتنى خاتىرىگە ئالدى.
مەملىكىتىمىز دۇنيا كىتابنىڭ بىرلىككە كەلگەن نومۇرىنى ئەڭ بۇرۇن قوللانغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 1956 - يىلى 2 - ئايدا مەدەنىيەت
مىنىستىرلىكىنىڭ نەشرىيات ئىدارىسى «مەملىكەت بويىچە كىتابنىڭ بىرلىككە كەلگەن نومۇرى لايىھىسى» (قىسقارتىپ «مەملىكەت بويىچە
بىرلىككە كەلگەن كىتاب نومۇرى» دەپ ئاتىلىدۇ) نى تۈزۈپ چىقتى ۋە يولغا قويدى. 30 يىلدىن بۇيان، «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن كىتاب
نومۇرى» مەملىكىتىمىزنىڭ كىتاب نەشر قىلىش ۋە تارقىتىشنى باشقۇرۇشى داۋامىدا مۇھىم رول ئوينىدى. مەملىكىتىمىزنىڭ تۆتنى
زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە نەشر قىلىش، تارقىتىش ئورۇنلىرى، ئاخبارات ئورۇنلىرى ۋە تارىخىي ھۆججەتلەرنى ساقلاش
ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ پائال تۈردە خەلقئارا ئۆلچەملەرنى قوللىنىش توغرىسىدىكى سىياسىتىگە
ئاساسەن، سابىق دۆلەت نەشرىيات ئىدارىسى ئىلگىرىكى «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن كىتاب نومۇرى» نى ئىشلىتىشنى قارار قىلدى. بىر
نەچچە يىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق مەملىكتىمىز خەلقئارا ISBN سىستېمىسىغا رەسىي كىردى ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان دۆلەت
ئۆلچىمى - «جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى» نى تۈزۈپ چىقتى. «خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى» نى ئىشلىتىش
ئاساسىدا،مەملىكىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا «جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى» مۇۋاپىق دەرىجىدە تولۇقلاندى.
خەلقئارا ISBN مەركىزىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ISBN سىستېمىسىغا كىرگەن دۆلەت ياكى رايوندا مۇناسىپ ھالدا، گۇرۇپپا - رايون مەركىزى
(Group Agensy ) دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەت ياكى رايون دەرىجىلىك باشقۇرۇش ئورگىنى تەسىس قىلىنىشى كېرەك ئىدى. مەملىكىتىمىزنىڭ ئاخبارات
- نەشرىيات مەھكىمىسىدە جۇڭگو ISBN مەركىزى (Agensy China ISBN ) قۇرۇلدى. جۇڭگو ISBN مەركىزى «جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى» نى
يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
ISBN نۆۋەتتە خەلقئارادا بىر تۇتاش قوللىنىلىۋاتقان ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بولغان بىر خىل نومۇر تۈزۈش سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. ISBN نىڭ
مەملىكىتىمىزدە يولغا قويۇلۇشى مەملىكتىمىزنىڭ كىتاب نەشر قىلىش - تارقىتىش كەسپىنىڭ ۋە پۈتكۈل تارىخىي ھۆججەتلەرنى ساقلاش
خىزمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كىتابنى ئاساس قىلغان نەشرىياتچىلىق كەسپىنى ئۇچۇر كەسپى سۈپىتىدە
ئۆزىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇش رولىنى تولۇق جارى قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو
كىتابلىرىنىڭ ئىچىكى - تاشقى بازىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈنمۇ كەڭ يول ئېچىپ بەردى.
2. جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش
جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى «خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى» (ISBN) بىلەن «كىتابنى تۈرگە ئايرىش - خىل - قېتىم نومۇرى» دىن ئىبارەت
ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىڭدىكى «خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى» (ISBN) جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنىڭ ئاساسىي
گەۋدىسى بولۇپ، ئۇنى ئايرىم ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ھەر بىر «خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى» ئون رەقەمدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىغا ISBN
دېگەن ھەرپلەر قويۇلىدۇ. بۇ ئون رەقەم ئوخشاش بولمىغان ئۇزۇنلۇقتىكى تۆت بۆلەككە بۆلۈنۈپ، بۇ بۆلەكلەر سىزىق (-) بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ تۆت
بۆلەكنىڭ نامى مۇنداق: گۇرۇپپا نومۇرى، نەشرىيات نومۇرى، كىتاب تەرتىپ نومۇرى، تەكشۈرۈش نومۇرى.
مەسىلەن: گۇرۇپپا نومۇرى - نەشرىيات نومۇرى - كىتاب تەرتىپ نومۇرى - تەكشۈرۈش نومۇرى
ISBN 90 -7000 - 134 - 5
ISBN 7 - 144 -11316 - x لەرگە ئوخشاش.
تەكشۈرۈش نومۇرىغا مۇقىم بىر رەقەم ئىشلىتىلگەندىن باشقا، قالغان ئۈچ بۆلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. لېكىن ئالدىنقى ئۈچ بۆلەكتىكى
رەقەملەرنى قوشقاندا 9 بولىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە بىر تەكشۈرۈش نومۇرى قوشقاندىن كېيىن ISBN نومۇرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەممە ۋاقىت 10 رەقەمگە تەڭ
بولىدۇ.
(1) گۇرۇپپا نومۇرى (Group Identifier)
بۇ بۆلەكتىكى رەقەملەر نەشرىيات تۇرۇشلۇق دۆلەت، جۇغراپىيىلىك رايون، تىل تۈرى ياكى باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ بەلگىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
گۇرۇپپا نومۇرىنى دۆلەت ISBN مەركىزى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ISBN سىستېمىسىغا قاتنىشىشنى خالايدىغان نەشرىيات ISBN سىستېمىسىغا
قاتنىشىشىنى خالايدىغان نەشرىيات ISBN سىستېمىسىغا قاتناشقان دۆلەت ياكى رايون مەركىزىگە تەۋە بولۇشى لازىم.
گۇرۇپپا نومۇرى بەش دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، گۇرۇپپا نومۇرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1 دىن 5 خانىلىق رەقەمگىچە بولىدۇ، ئۇنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش
دائىرىسى تۆۋەندىكىچە:
گورۇپپا نومۇرى ئورۇنلاشتۇرۇش تەقسىم قىلىپ ھەرگۇرۇپپا نومۇرنىڭ ھەر بىر دەرىجىنىڭ دائىرىسى
بېرىلىدىغان رايونلار رۇخسەت قىلىنىدىغان ئومۇمىي نەشر قىلىش
سانى نەشر قىلىش سانى (خىل) سانى (خىل)
بىر خانىلىق 0 -7 8 100 مىليون 800 مىليون
ئىككى خانىلىق 94 - 80 15 10 مىليون 150 مىليون
ئۇچ خانىلىق 995 - 950 46 1 مىليون 46 مىليون
تۆت خانىلىق 9989 -9960 30 100 مىليون 3 مىليون بەش خانىلىق 99999 - 99900
100 10 مىليون 1 مىليون
جەمئىي 199 1 مىليارد
بۇ جەدۋەلدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ISBN غا ئوخشاش بولمىغان 1 مىليارد خىل نەشر بۆلۈمى سىغىدۇ، بۇنى نەشر قىلىش سانى ئوخشاش بولمىغان
199 دۆلەت ۋە رايونىغا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بولىدۇ. بۇنداقتا نەشر قىلىش سانى يۇقىرى دۆلەت ۋە رايونلار رەقەم سانى تۆۋەن بولغان گۇرۇپپا
نومۇرىغا ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن، بىر خانىلىق رەقەم گۇرۇپپىسىنى 8 دۆلەت ياكى رايونىغا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بولىدۇ، ھەر بىر گۇرۇپپا 100
مىليون خىل كىتاب چىقىرالايدۇ؛ ئىككى خانىلىق رەقەم گۇرۇپپىسىنى 15 دۆلەت ياكى رايونغا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بولىدۇ، ھەر بىر گۇرۇپپا 10
مىليون خىل كىتاب چىقىرالايدۇ. ئەكسىچە، نەشر قىلىش سانى تۆۋەن دۆلەت، رايونلار خانا سانى يۇقىرى گورۇپپا نومۇرىغا ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن،
ئۈچ خانىلىق رەقەم گۇرۇپپىسىنى 46 دۆلەت ياكى رايونغا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بولىدۇ، ھەر بىر گۇرۇپپا 1 مىليون خىل كىتاب چىقىرالايدۇ؛ تۆت
خانىلىق رەقەم گۇرۇپپىسىنى 30 دۆلەت ياكى رايونغا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بولىدۇ، ھەر بىر گۇرۇپپا 100 مىڭ خىل كىتاب چىقىرالايدۇ ۋەھاكازالار.
مەملىكىتىمىز ISBN سىستېمىسىغا كىرگەندىن كېيىن ھەر بىر خانلىق رەقەم گۇرۇپپىسىدىكى «7» گە ئېرىشتى، 100 مىليون خىل كىتاب
چىقارسا بولىدۇ.
(2) نەشرىيات نومۇرى (Publisher Identifier)
بۇ بۆلەكتىكى رەقەملەر گۇرۇپپا رايونىدىكى كونكرېت نەشرىياتلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
نەشرىياتلارنىڭ نومۇرىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەت ياكى رايوندىكى ISBN مەركىزى تەقىسىم قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ قىممەت ئېلىش دائىرىسى 1 دىن
7 خانىلىققىچە بولغان رەقەم بولىدۇ.
مەملكىتىمىزدىكى نەشرىياتلارنىڭ نومۇرىنى جۇڭگو ISBN مەركىزى تەقسىم قىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى نەشرىياتلارنىڭ نومۇرى بەش دەرىجىگە
بۆلۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 دىن 6 خانلىققىچە بولغان رەقەم بولىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە:
نەشرىياتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغان ھەر نەشرىيات نومۇرىنىڭ ھەر دەرىجىنىڭ
نومۇرىنىڭ دائىرىسى نەشرىياتلار سانى رۇخسەت قىلىنغان نەشر ئومۇمىي نەشر
دەرىجىسى قىلىش سانى (خىل) قىلىش سانى
(خىل)
ئىككى خانىلىق 09 - 00 10 1 مىليون 10 مىليون
ئۈچ خانىلىق 499 - 100 400 100 مىليون 40 مىليون
تۆت خانىلىق 7999 - 5000 3000 10 مىڭ 30 مىليون
بەش خانىلىق 89999 - 800000 10,000 1 مىڭ 10 مىليون
ئالتە خانىلى 999999 - 900000 100,000 1 يۈز 10 مىليون
جەمئىي 113410 100 مىليون
نەشرىياتلارنىڭ نەشر قىلىش سانىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، 2 دىن 5 خانىلىققىچە بولغان رەقەملەر نەشرىيات نومۇرى قىلىپ بېرىلىدۇ. 6
خانىلىق نەشرىيات نومۇرى ۋاقتىنچە ئىشلىتىلمەي، كىتابتىن باشقا نەشر
بۇيۇملىرىنى چىقىرىدىغان نەشر قىلىش ئورۇنلىرىغا قالدۇرۇپ قويۇلىدۇ.
يۇقىرىقى جەدۋەلدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، 2 خانىلىق نومۇرغا ئېرىشكەن ھەر بىر نەشرىيات 1 مىليون خىل كىتاب چىقارسا بولىدۇ؛ 3 خانىلىق
نومۇرغا ئېرىشكەن نەشرىيات 100 مىڭ خىل كىتاب چىقارسا بولىدۇ، قالغانلىرى مۇشۇنىڭغا قىياس قىلىنىدۇ. بىر نەشرىيات ئۆزىگە تەقسىم قىلىپ
بېرىلگەن نومۇرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن جۇڭگو ISBN مەركىزىگە يېڭى نومۇر بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ISBN نىڭ ئالدىنقى ئىككى بۆلىكىدىكى نومۇر يەنى گۇرۇپپا نومۇرى بىلەن نەشرىيات نومۇرى قوشۇلۇپ «نەشرىياتنىڭ ئومۇمىي نومۇرى» (Prefix of
Pubisher ) دەپ ئاتىلىدۇ. نەشرىياتنىڭ ئومۇمىي نومۇرى بىر نەشر قىلىش ئورگىنىنىڭ خەلقئارادىكى بىردىنبىر پەرق ئېتىش بەلگىسىدۇر.
جۇڭگو ISBN مەركىزى دۆلەت نەشرىيات ئىدارىسى ستاتىستىكا قىلغان نەشرىياتلارنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى نەشر قىلىش سانىغا ئاساسەن، پۈتۈن
مەمىلىكەتتىكى نەشرىياتلارغا نەشرىيات ئومۇمىي نومۇرىنۇ تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.
(3) كىتاب تەرتىپ نومۇرى (Titil Identifier)
بۇ بۆلەكتىكى رەقەملەر مەلۇم بىر نەشرىيات نەشر قىلغان كونكرېت نەشر بۇيۇمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
كىتاب تەرتىپ نومۇرىنى نەشرىيات ئۆزى تەقسىم قىلىدۇ. ھەر بىر نەشرىيات ئۆزى باشقۇرىدىغان كىتاب تەرتىپى نومۇرنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ خاناسانى
تۇراقلىق بولىدۇ. ISBN نومۇرىنىڭ ئالدىنقى ئىككى بۆلىكى (گۇرۇپپا نومۇرى بىلەن نەشرىيات نومۇرى) يەنى نەشرىياتنىڭ ئومۇمىي نومۇرى
بېكىتىلگەندىن كېيىن كىتاب تەرتىپ نومۇرىنىڭ خانا سانى 9 بىلەن نەشرىيات ئومۇمىي نومۇرى خانا سانىنىڭ پەرقىدىن ئىبارەت بولىدۇ.
نەشرىيات ئۆزى باشقۇرىدىغان كىتاب تەرتىپ نومۇرى دائىرىسىدە ئۆزى نەشر قىلىدىغان نەشر بۇيۇمىغا تەرتىپ نومۇرى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. تەقسىم
قىلغاندا، نەشر بۇيۇمىنىڭ نەشر قىلىنىش تەرتىپىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىكى بويىچە ئۇلانما نومۇرى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.
ھازىر كىتاب تەرتىپ نومۇرىنى تەقسىم قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە چۈشەندۈرۈش بېرىمىز:
a ( كىتاب تەرتىپ نومۇرىنىڭ مۇقىم خانا سانىنى تولدۇرۇش لازىم.
مەسىلەن، بىر كىتابنىڭ تەرتىپ نومۇرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت خانا قىلىپ بېكىتىلگەن بولسا، بۇ كىتابنىڭ تەرتىپ نومۇرىنىڭ 000 دىن 9999 غىچە
بولغان ئارىلىقتىكى قىممەتكە ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنغاندىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ خانا سانى تۆتكە توشمىغان بولسا، رەقەملەرنىڭ ئالدىغا
«0» قوشۇپ بولسىمۇ خانا سانىنى تۆتكە يەتكۈزۈش كېرەك. مەسىلەن، 16 - كىتاب نەشر قىلىنغاندا، ئۇنىڭ تەرتىپ نومۇرى «16» ياكى «15» بولماي،
بەلكى «0015» بولۇشى كېرەك.
b ) نەشرىيات ئۆزى نەشر قىلغان ھەر بىر خىل ئوخشاش بولمىغان نەشر بۇيۇمىغا (تاشقى كۆرۈنۇشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
ISBN نىڭ بىردىنبىر پەرق ئېتىش بەلگىسى سۈپىتىدە بىر تەرتىپ نومۇرى بېرىش لازىم. ئوخشاش بىر خىل كىتابنىڭ باشقا - باشقا نەشر
نۇسخىلىرىغىمۇ ئوخشاش بولمىغان تەرتىپ نومۇرى بېرىشى لازىم. لېكىن مەزمۇنى ۋە تاشقى كۆرۈشىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان بېرىلمەيدۇ.
بىر تەرتىپ نومۇرىنى ئىككى خىل كىتابقا بېرىپ قويۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم.
c( ISBN نومۇرىنى ھەر قانداق ئەھۋالدا تەكرار ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. مەسىلەن، يېزىشتىكى خاتالىق سەۋەبىدىن بىر خىل كىتابنىڭ نومۇرى
خاتا بولۇپ قالغان بولسا، بۇ نومۇرنى ئىشلىتىۋاتقان نومۇرلار ئىچىدىن چىقىرىۋېتىش، ئۇنى ئىككىنچىلەپ يەنە باشقا بۇيۇمىغا ئىشلەتمەسلىك
لازىم؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە چىقىرىۋېتىلگەن بۇ نومۇرىنى جۇڭگو ISBN مەركىزىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.
d) ئۈزۈلدۈرمەي چىقىرىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرى ئىچىدىكى قەرەللىك ژۇرنالغا ISBN نومۇرىنى ئىشلەتمەي، ISBN نومۇرىنى ئىشلىتىش كېرەك.
ئۈزۈلدۈرمەي چىقىرىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرى ئىچىدىكى يىلنامە، مەجمۇئەلەرنىڭ ھەرقىسمىغا ISBN نومۇرىنى ئىشلەتكەندىن باشقا يەنە ISBN
نومۇرىنىمۇ بېرىش كېرەك.
e( نەشرىياتلار ئىسكىلاتتا ساقلىنىۋاتقان ISBN نومۇرىنى يوق كىتابلارنى قايتا باسقان ياكى قايتا نەشر قىلغانداISBN نومۇرىنى قوشۇپ بېسىش
كېرەك.
f) نەشرىيات ئۆزىگە بېرىلگەن ISBN نومۇرىنى توغرا، ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشكە مەسئۇل بولىدىغان مەخسۇس ئادەم قويۇشى كېرەك. بۇ
نومۇرنى يالغۇزلا مۇشۇ نەشرىيات ئىشلىتىدۇ، باشقا ھەر قانداق نەشرىياتنىڭ ئىشلىتىۋېلىشىغا بولمايدۇ.
نەشرىيات ئۆزى نەشر قىلىپ بولغان ۋە نەشر قىلىش ئالدىدا تۇرغان كىتابلارنىڭ ISBN نومۇرىنى تىزىملايدىغان دەپتەر تۇتۇشى ۋە ئۇنى سان تەرتىپى
بويىچە تىزىملىشى كېرەك.
(4) تەكشۈرۈش نومۇرى (Check Digit)
تەكشۈرۈش نومۇرى ISBN نومۇرىنىڭ ئاخىرقى خانىسىدىكى رەقەم بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ISBN نومۇرىنىڭ كۆچۈرۈش جەريارنى خاتا بولۇپ قالغانلىرى
تەكشۈرۈلىدۇ.
تەكشۈرۈش نومۇرى ئۆزىدىن باشقا 9 خانىدىكى سانلارنىڭ قالدۇق تېپىش فۇنكسىيىسىدۇر. ئۇنى ھېسابلاش ئۇسۇلى مۇنداق بولىدۇ: ISBN نىڭ
ئالدىنقى 9 خانىسىدىكى سانلار 10 دىن 2 گىچە بولغان 9 سانغا ئۆز تەرتىپ بويىچە ئايرىم كۆپەيتىلىدۇ، بۇنىڭ يىغىندىسى مودول 11 گە بۆلۈنىدۇ،
ئۇنىڭ قالدۇق سانى بىلەن 11 نىڭ پەرقى تەكشۈرۈش نومۇرىنىڭ سانلىق قىممىتىدىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەكشۈرۈش نومۇرىنىڭ
سانلىق قىممىتى 1 دىن 11 گىچە بولغان سانلار ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر پۈتۈن سان بولۇشى مۇمكىن، تەكشۈرۈش نومۇرى 10 بولغاندا، «X»
ھەرپىنىڭ چوڭ يېزىلىشى ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، تەكشۈرۈش نومۇرى پەقەت 0، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9، X دىن ئىبارەت بىر
خانلىق تۇراقلىق سانلا بولىدۇ.
بىرىنچى مىسال:
تەكشۈرۈش كىتاب تەرتىپ نەشرىيات گۇرۇپپا ISBN
نومۇرى نومۇرى نومۇرى نومۇرى
(7) - 2701 ----- 6348 ---- 0 ISBN
5432 8976 10 X
191 = 4 + 21 + 0 + 5 + 36 + 21 + 32 + 72 + 0
4 قالدۇق . . . . . . 17 = 11 ÷ 191
7 = 4 - 11 = تەكشۈرۈش نومۇرى
191 = 4 + 21 + 0 + 5 + 36 + 21 + 32 + 72 + 0 : تەكشۈرۈش
18 = 11 ÷ 198
بۇنىڭدا: تەكشۈرۈش نومۇرىنىڭ ئالدىنقى 9 سان بىلەن كۆپەيتىلگەندىن كېيىنكى يىغىندىسى مودول 11 گە بۆلۈنۈپ بولدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن: 7 - 1072 - 8436 - 0 ISBN توغرا بولغان ISBN نومۇرىدۇر.
ئىككىنچى مىسال:
ISBN 7 - 144 11316 -(X)
X 10 987 65432
177 = 12 + 3 + 12 + 5 + 6 + 28 + 32 + 9 + 70
قالدۇق 1 . . . . . . 16 = 11÷ 177
10 = 1 -11
تەكشۈرۈش نومۇرى 10 «X» بىلەن ئىپادىلەندى.
187 = 10 + 12 + 3 + 12 + 5 + 6+ 28 +32 + 9+ 70 : تەكشۈرۈش
17 = 11÷187
شۇنىڭ ئۈچۈن:ISBN 7 -144-11316- X توغرا بولغان ISBN نومۇرىدۇر.
جۇڭگو ISBN نەشرىياتلارنىڭ كىتاب تەرتىپ نومۇرىنى تەقسىم قىلىشتا پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنى تەكشۈرۈش نومۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
ئېھتىياجلىق ISBN نومۇرى تىزىملىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
(5) ISBN نومۇرنىڭ قۇرۇلما ئالاھىلىكى
ISBN نومۇرىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىلىكىنى ئىگىلەش ئۇنى توغرا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
a( ISBN نومۇرىدا 10 خانىلىق سان شەكىل ۋە ئۇزۇنلۇق قىلىنغان قۇرۇلما قوللىنىلىغان؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىدىكى نومۇرلار
)تەكشۈرۈش نومۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ( نىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلار ئوتتۇرىسىدا، ئوخشاش بىر دۆلەت ياكى رايونلاردىكى ئوخشاش بولمىغان نەشرىياتلار
ئوتتۇرىسىدا، نەشر قىلىش سانى جەھەتتە زور پەرق مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ISBN سىستېمىسىدا نەشر قىلىش سانى قانچە يۇقىرى بولسا، ئومۇمىي
نومۇر شۇنچە قىسقا، كىتاب تەرتىپ نومۇرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ؛ بۇنىڭ ئەكسىچە، نەشر قىلىش سانى قانچە تۆۋەن بولسا، ئومۇمىي نومۇرى شۇنچە
ئۇزۇن، كىتاب تەرتىپ نومۇرى شۇنچە قىسقا بولىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا، ھەم ISBN نومۇرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى بېكىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ،
ھېسابلاشقا ۋە باشقۇرۇشقا ئوڭايلىق تۇغدۇرغىلى بولىدۇ، ھەم نەشرىيات ئومۇمىي نومۇرىنىڭ نەشر قىلىش سانىنىڭ تۆۋەن - يۇقىرى بولۇشىغا قاراپ
ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، نومۇرنىڭ سىغىمچانلىقىدىن تولۇق ۋە مۇۋاپىق پايدىلانغىلى بولىدۇ.
b) نومۇرلارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ دەرىجىگە ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان ھالدا گۇرۇپپا نومۇرى ۋە نەشرىيات نومۇرىنى تەسىس قىلغاندا، ISBN
نومۇرىنى بۆلەكلەرگە ئايرىشنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ISBN نومۇرىدا گۇرۇپپا نومۇرى بىلەن نەشرىيات نومۇرىنى دەرىجىگە ئايرىپ تەسىس قىلىشتا تۆۋەندىكى پرىنسىپقا ئەمەل قىلىنغان: ھەر بىر
دەرىجىنىڭ قىممەت ئېلىش دائىرىسىنىڭ تۆۋەن چېكى بولغان سانغا 1 نى قوشۇپ 10 غا كۆپەيتكەندىن كېيىن تۆۋەندىكى دەرىجىنىڭ قىممەت
ئېلىش دائىرىسىنىڭ يۇقىرى چېكى بولىدىغان سانغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بىر خانىلىق ساندىكى گۇرۇپپا نومۇرىنىڭ دائىرىسى 0 - 7
گىچە بولىدۇ. تۆۋەن چەك بولغان 7 گە 1 نى قوشقاندىن كېيىن 10 غا كۆپەيتىلسە: 80 = 10 × (1 + 7) گە ئېرىشكىلى بولىدۇ. 80 كېيىنكى
دەرىجىلىك، ئىككى خانىلىق ساندىكى گۇرۇپپا نومۇرى دائىرىسىنىڭ يۇقىرى چېكى بولىدۇ. ئىككى خانىلىق ساندىكى گۇرۇپپا نومۇرىنىڭ
دائىرىسى 80 دىن 94 كىچە، + 94 ( 950 = 10 × )1 بولىدۇ، 950 ئۈچ خانىلىق ساندىكى گۇرۇپپا نومۇرى دائىرىسىنىڭ يۇقىرى چېكى بولىدۇ ۋە
قالغانلىرى مۇشۇنداق تەقلىد قىلىنىدۇ.
مۇشۇنداق دەرىجىگە ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ISBN نومۇرىنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرى سىزىق (-) بىلەن ئايرىلمىغاندىمۇ بۆلەكلەرگە توغرا
ئايرىغىلى بولىدۇ.
مەسىلەن:
گۇرۇپپا نومۇرىنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى نەشرىياتلار
تەسىس قىلىنىشى نومۇرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى
7 - 0 09 - 00
94 - 80 499 - 100
995 - 950 7999 - 5000
9989 - 9960 89999 - 80000
99999 - 99900 999999 - 900000
شۇنىڭ ئۈچۈن، 149627854 ISBN7 نى كۆرگەن چېغىڭىزدا، ئالدى بىلەن بۇنىڭغا گۇرۇپپا نومۇرىنىڭ تەسىس قىلىنىش جەدۋىلىگە قاراپ ھۆكۈم
قىلالايسىز، بۇنىڭدا 71 ياكى714 بولمايدۇ. چۈنكى ئىككى خانىلىق گۇرۇپپا نومۇرى 80 دىن 94 كىچە بولىدۇ؛ ئۈچ خانىلىق گۇرۇپپا نومۇرى 950 تىن
995 كىچە بولىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار. دېمەك، بۇ يەردە ئېرىشىلگىنى 149627854 -ISBN7 بولىدۇ، «7» جۇڭگو رايونىنىڭ گۇرۇپپا نومۇرى، بۇنىڭدا
جۇڭگودىكى نەشرىياتلار نومۇرىنىڭ تەسىس قىلىنىش جەدۋىلىدىن پايدىلىنىپ ئىككىنچى بۆلەكتىكى نومۇرلارغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ،
ئىككىنچى بۆلەكتىكى نومۇرلار پەقەتلا 149 بولىدۇ، ھەرگىزمۇ 1449 ياكى 14962 بولمايدۇ، بۇ يەردە ئېرىشىلگىنى - 149 - ISBN7
627854 بولىدۇ. ئەمدى ئاخىرقى خانىدىكى تەكشۈرۈش نومۇرىنى ئايرىپ چىققاندىن كېيىن 4 - 62785 - 149 - ISBN7 غا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
c( تەسىس قىلىنغان تەكشۈرۈش نومۇرى خاتالىقنى تەكشۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
مەسىلەن، 10 خانىدىكى سانلار ئىچىدە بىرەر خانىدىكى سان خاتا بولۇپ قالسا، تەكشۈرىدىغان خاتالىقنىڭ نىسبىتى% 100 بولىدۇ؛ 10 خانىدىكى
سانلاردىن ئىككى خاندىكىسى خاتا بولۇپ قالسىمۇ )بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ(، تەكشۈرىدىغان خاتالىقنىڭ
نىسبىتى 90.9 بولىدۇ.
d) پۈتۈن نومۇر قۇرۇلمىسىنىڭ قاتلاملىق بولۇشى كومپيۇتېرنىڭ ئۇنى دۇنيا مىقياسىدا تارقاق باشقۇرۇشى ۋە تۈرلۈك ئاپتوماتىك ئۇسۇلدا بىر تەرەپ
قىلىشىغا ئوڭايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ.
جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنىڭ ئىككىنچى قىسمى «كىتابنى تۈرگە ئايرىش - خىل - قېتىم نومۇرى» دۇر.
مەملىكىتىمىز 30 يىلدىن بېرى ئىشلىتىپ كەلگەن «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن كىتاب نومۇرى» غا سېلىشتۇرغاندا، ISBN
سىستېمىسىدا كىتابنى تۈرگە ئايرىش بەلگىسى يوق. مەملىكىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى كىتاب نەشر قىلىش، تارقىتىش ۋە كۇتۇپخانا كەسىپلىرىدە
كىتاب كاتالوگىنى ئاختۇرۇش، كىتابنى جازىغا تىزىش ئىشلىرىنىڭ قول بىلەن قىلىنىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، كىتابلارغا نۇر بەلگىسىنى
بېسىش زۆرۈر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، «جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى» نى تۈزگەندە، قايتا - قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىسىدا ISBN نومۇرىدىن كېيىن «كىتابنى تۈرگە
ئايرىش - خىل - قېتىم نومۇرى» نى قوشۇپ قارار قىلىنىدى.
«كىتابنى تۈرگە ئايرىش - خىل - قېتىم نومۇرى» كىتابچىلىق كەسپى تەۋە بولغان پەن تارمىقىدىكى تۈرگە ئايرىش نومۇر بىلەن بۇ تۈر نومۇرىنىڭ
ئاستىدىكى خىل - قېتىم نومۇرىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى چېكىت (.) بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
مەسىلەن، 125.A؛ 301.TP غا ئوخشاش.
كىتابنىڭ «تۈر نومۇرى» «جۇڭگو كۇتۈپخانىسىنىڭ كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى» بويىچە تۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا سانائەت - تېخنىكا تۈرىدىكى كىتابلار
ئىككىنچى دەرىجىدىكى تۈرلەر كاتالوگى بويىچە بېكىتىلگەن. شۇ سەۋەبتىن، بۇ بۆلەكنىڭ بەلگىسى 1 دىن 2 گىچە بولغان خەنزۇ پىنيىن ھەرپىدىن
ئىبارەت بولغان.
(قوشۇمچە جەدۋەل: «جۇڭگو كۇتۇپخانىسىنىڭ كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى» )
«خىل - قېتىم نومۇرى» بىر نەشرىيات نەشر قىلغان ئوخشاش بىر تۈرىدىكى كىتابلارنىڭ ئۇلاشما نومۇرىدۇر. بۇ نومۇرىدىكى رەقەملەر ISBN نومۇرىنىڭ
ئۈچىنچى بۆلىكى - كىتاب رەقەملەر نومۇرىدىكى رەقەملەرنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
«كېتابلارنىڭ تۈرگە ئايرىش - خىل - قېتىم نومۇرى» نى نەشرىيات ئۆزى بېرىد%ۇ.
. جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنىڭ بېسىلىشى
«جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى» كىتابنىڭ نەشر ھوقوقى بېتىگە ۋە مۇقاۋىنىڭ 4 - بېتىگە (ياكى كىتابنىڭ تاشلىقى ئۈستىگە ) بېسىلىى
كېرەك.
خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى بىلەن «كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش - خىل - قېتىم نومۇرى» نىڭ ئارىلىقى تۈز سىزىق ياكى يانتۇ سىزىق بىلەن
ئايرىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
مەسىلەن: ISBN7 - 144 - 11316 - X/TP. 1064
جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى باسىدىغان خەت كومپيۇتېردىكى 5 - ھەرپتىن كىچىك بولماسلىقى كېرەك.
جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى كومپيوتېردا ساقلايدىغان چاغدا، ISBN دېگەن خەتلەر سىزىقنى قىسقارتىۋېتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، ئورۇن
ئىگلىمەسلىك ئۈچۈن X 714411316 قىلىپ ساقلانسا بولىدۇ. كومپيۇتېردىن چىقىرىدىغان چاغدا، گۇرۇپپا نومۇرى ۋە نەشرىيات نومۇرىنى دەرىجىگە
ئايرىش دائىرىسىگە ئاساسەن 1 - جەدۋەل بىلەن 2 - جەدۋەلگە ئوخشاش جەدۋەل ياساپ، ISBN نومۇرىنى بۆلەكلەرگە بۆلەنگەن شەكلى بويىچە
چىقىرىشقا بولىدۇ.
4. جۇڭگو ئۆلچەلىك كىتاب نومۇرىنى ئىشلىتىش دائىرىسى
جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى تۆۋەندىكى نەشر بۇيۇملىرىغا ئىشلىتىلىدۇ:
كىتاب ۋە كىتابچىلار
كىچىكلىتىلگەن بۇيۇملىرى
ئەمالار نەشر بۇيۇملىرى
ئارىلاشما ۋاستىلىك نەشر بۇيۇملىرى (ئىزاھ: ئاۋازلىق، سۈرەتلىك نەشر بۇيۇملىرى)
ئوقۇغىلى بولىدىغان نۇسخا كىنو فىلىمى ۋە پرويېكسىيە پلاستىنكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇشۇلارغا ئوخشايدىغان باشقا ۋاسىتىلىك نەشر
بۇيۇملىرى
مىكرو تىپلىق ھېسابلاش ئاپپارتىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرى ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇملىرى
خەرىتە ۋە ئوقۇتۇش خەرىتسى، رەسىملىك كۆرسەتكۈچ نەشر بۇيۇملىرى
تۆۋەندىكى نەشر بۇيۇملىرىغا ئىشلىتىلمەيدۇ:
ۋاقىتلىق باسما ماتېرىيال. مەسىلەن، كالېندار، ئېلان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار.
ئىسمى ۋە تېكىستى بولمىغان گۈزەل سەنئەت مەتبەئە بۇيۇملىرى ۋە گۈزەل سەنئەت قاتلىما ۋاراقلىرى
كۆچۈرۈپ ئاۋازغا ئېلىنغان ماتېرىياللار. ئۈزۈلدۈرمەي چىقىرىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرى (لېكىن ئىككىنچى باب )3( d تارماققا قارالسۇن) نىڭ
چۈشەندۈرۈشلىرى
5. جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنىڭ باشقۇرۇلۇشى
جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى ISBN سىستېمىسىنىڭ تارمىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ISBN سىستېمىسى بىر ئىلمىي ئايرىلغان باشقۇرۇش
سىستېمىسىدۇر.
ISBN سىستېمىسىنى مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرۇش مۇنداق ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ: خەلقئارا مەركەز، گۇرۇپپا رايونلىرى مەركىزى (دۆلەتلەر ۋە رايونلار
مەركىزى) ۋە نەشرىياتلار. خەلقئارا ISBN مەركىزى گۇرۇپپا نومۇرىنى تەسىس قىلىش ۋە تەقسىم قىلىش ئارقىلىق ھەر قايسى گۇرۇپپا رايونلىرى
مەركىزىنى باشقۇرىدۇ؛ گۇرۇپپا رايونلىرى ISBN مەركىزى نەشرىياتلار نومۇرىنى تەسىس قىلىش ۋە تەقىسىم قىلىش ئارقىلىق ھەر قايسى
نەشرىياتلارنى باشقۇرىدۇ؛ نەشرىياتلار كىتاب تەرتىپ نومۇرىنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەشر بۇيۇملىرىنى بىۋاسىتە باشقۇرىدۇ.
خەلقئارا ISBN مەركىزى غەربىي بېرلېندا.
جۇڭگو ISBN مەركىزى دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىدە.
جۇڭگو ISBN رويخەتكە ئالدۇرغان بارلىق نەشرىياتلارغا ئومۇمىي نومۇر تەقسىم قىلىپ بېرىشكە مەسئۇل بولۇش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى
نەشرىياتلارنىڭ ئومومىي نومۇرىنى تىزىمغا ئېلىپ باشقۇرۇش.
(1) مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق نەشرىياتلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا ISBN مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىش.
(3) پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەشرىياتلارنى كىتاب نومۇرىنى ئىشلىتىشنىڭ تۈرلۈك تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇلارغا ئىشلىتىش
قوللانمىسى تۈزۈپ بېرىش.
(4) نەشرىياتلارنى ئۇلار تەلەپ قىلغان، تەكشۈرۈش نومۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ISBN نومۇرى تىزىملىكى بىلەن تەمىنلەش.
(5) نەشر قىلىش، تارقىتىش، كىتابخانا ۋە ئاخبارات تارماقلىرى كىتاب نومۇرىنى ئىشلىتىشتە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى تەڭشەش ۋە ھەل قىلىش.
نەشرىياتلارنىڭ ۋەزىپىسىنى مۇنۇلار:
(1)جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى ئاخىرقى ھېسابتا نەشرىياتلار ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدۇ. ھەر قايسى نەشرىياتلار جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب
نومۇرىنى مۇشۇ قوللانمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك.
(2) كىتاب تەرتىپ نومۇرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، كىتاب تەرتىپ نومۇرىنى تەقسىم قىلىشقا مەسئۇل بولۇش.
(3)جۇڭگو ISBN مەركىزىنى كىتاب نومۇرىنى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك سانلىق ئاساس ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىش.
(4) ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى كىتاب نومۇرى جەھەتتىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش.