قېزىلما بايلىق قانۇنى
قانۇنلار
(1986 – يىلى 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1996 – يىلى 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قېزىلما بايلىق قانۇن> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلىدى)
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1- ماددا بۇ قانۇن كانچىلقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.
2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسى ۋە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشتا مۇشۇ قانۇنغا رىئايە قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشتا مۇشۇ قانۇنغا رىئايە قىلىش شەرت.
3- ماددا قېزىلما بايلىق دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، دۆلەتنىڭ قېزىلما بايلىققا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن يۈرگۈزىدۇ. دۆلەتنىڭ يەر ئۈستى ياكى يەر ئاستىدىكى قېزىلما بايلىققا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقى بايلىق بار يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
دۆلەت قېزىلما بايلىقتىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسىنىڭ قېزىلما بايلىقنى ھەر قانداق ۋاسىتە بىلەن ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قېزىلما بايلىقنى ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى شەرت.
قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشتا، قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىپ، تەستىقلىتىپ چارلاش ھوقۇقى، ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ھەمدە تىزىملىتىش شەرت؛ لېكىن، قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىپ كان ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كانچىلىق كارخانىسىنىڭ ئايرىپ بېرىلگەن كان رايونىدا شۇ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتىدە چارلىشى بۇنىڭ سىرتىدا. دۆلەت كان چارلاش ھوقۇقى ۋە كان ئېچىش ھوقۇقىنى دەخلى – تەرۇزدىن ساقلايدۇ، كان رايونى ۋە كان چارلاش مەشغۇلات رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت تەرتىپىنى تەسىر ۋە بۇزغۇنچىلىقتىن ساقلايدۇ.
قېزىلما بايلىق چارلىغۇچى ۋە ئاچقۇچىلار بەلگىلەنگەن ساپا شەرتىنى ھازىرلىشى شەرت.
4 – ماددا دۆلەت قانۇن بويىچە قۇرۇلغان كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ قېزىلما بايلىق ئېچىشتىكى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
دۆلەت كانچىلىق كارخانىسى قېزىلما بايلىق ئېچىشنىڭ سۈبيېكتىدۇر. دۆلەت كانچىلىق ئىقتىسادىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى دۆلەت كاپالەتلەندۈرىدۇ.
5 – ماددا دۆلەت كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىغا ھەقلىق ئېرىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ؛ لېكىن، دۆلەت كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىغا ھەقلىق ئېرىشىش ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلىسە بولىدۇ، كونكرېت چارىسى ۋە يولغا قويۇش قەدەم باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
قېزىلما بايلىقنى ئېچىشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بايلىق بېجى ۋە بايلىق تولۇقلىما ھەققى تاپشۇرۇشى شەرت.
6- ماددا كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىدىن تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغانلىرىدىن باشقىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ:
(1) كان چارلاش ھوقۇقى ئىگىسى ئايرىپ بېرىلگەن چارلاش مەشغۇلات رايونىدا بەلگىلەنگەن چارلاش مەشغۇلاتى قىلىشقا ھوقۇقلۇق، چارلاش مەشغۇلات رايونىدىكى قېزىلما بايلىقنى ئېچىش ھوقۇقىغا ئاۋۋال ئېرىششكە ھوقۇقلۇق. كان چارلاش ھوقۇقى ئىگىسى بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چارلاش سېلىنمىسىنى سالغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە تەستىقلىتىپ، كان چارلاش ھوقۇقىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ.
(2) كان ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كانچىلىق كارخانلىرىدىن قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېىتىش، شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىش ياكى مۈلكىنى سېتىش ۋە مۈلۈك ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولۇش قاتارلىق باشقا ئەھۋال تۈپەيلىدىن كان ئېچىش ھوقۇقى سۇبيېكتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىرىنى قانۇن بويىچە تەستىقلىتىپ، كان ئېچىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنىڭ كونكرېت چارىسى ۋە يولغا قويۇش قەدەم باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىنى ھايىنىغا سېتىپ پايدا ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
7- ماددا دۆلەت قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشتا، بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش، ھەرتەرەپلىمە چارلاش، مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ.
8- ماددا دۆلەت قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىش پەن – تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىپ، ئىلغار تېخنىكىنى كېڭەيتىپ، قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىش پەن – تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ.
9 – ماددا قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىش، ئاسراش ۋە پەن – تېخنىكىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق جەھەتتە كۆرنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇكاپاتلايدۇ.
10 – ماددا دۆلەت مىللىي ئاپتونوم جايلاردا قېزىلما بايلىق ئېچىشتا، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىشى، ئۇنى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق قىلىپ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش يىرىك پىلانى بويىچە، شۇ جاي ئاچسا بولىدىغان قېزىلما بايلىقتىن ئاۋۋال مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىدۇ.
11 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقىنىڭ قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى تەڭ دەرىجىلىك گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقىنىڭ قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىدۇ.
2 – باب قېزىلما بايلىق چارلاشنى تىزىملاش ۋە ئېچىشنى تەستقلاش
12- ماددا دۆلەت قېزىلما بايلىقنى چارلاشتا، رايون – بۆلەكلەر بويىچە بىر تۇتاش تىزىملاپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. قېزىلما بايلىقنى چارلاشنى تىزىملاش خىزمىتىگە گوۋۇيۈەننىڭ گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ؛ مۇئەييەن تۈردىكى قېزىلما بايلىقنى چارلاشنى تىزىملاش خىزمىتىگە گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەسئۇل بولسا بولىدۇ. قېزىلما بايلىقنى چارلاشنى رايون - بۆلەك بويىچە تىزىملاپ باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزىدۇ.
13 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قېزىلما زاپىسىنى تەستىقلاش ئاپپاراتى ياكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى قېزىلما زاپسىنى تەستىقلاش ئاپپاراتى كان قۇرۇلۇشىنى لايىھىلەشتە ئىشلىتىدىغان چارلاش دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە دوكلات يوللىغان ئورۇنغا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تەستىق جاۋاب بېرىدۇ. تەستىقلىتىلمىغان چارلاش دوكلاتىنى كان قۇرۇلۇشىنى لايىھىلەشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.
14- ماددا قېزىلما بايلىق چارلاش نەتىجىسىگە دائىر ئارخىپ ماتېرىيالنى ۋە قېزىلما زاپسى ستاتىستىكا ماتېرىيالىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تاپشۇرۇلىدۇ ياكى يوللىنىدۇ.
15 – ماددا كانچىلىق كارخانىسى قۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە مۇناسىپ سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلاش شەرت ھەمدە قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، تەستىقلىغان ئورگان ئۇنىڭ كان رايونى دائىرىسى، كان لايىھىلەش ياكى ئېچىش لايىھىسى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا شارائىتى، بىخەتەرلىك تەدبىرى ۋە مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنى تەكشۈرىدۇ؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىرىنى تەستىقلايدۇ.
16 – ماددا تۆۋەندىكى قېزىلما بايلىقنى ئېچىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ ھەمدە كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ:
(1) دۆلەت يىرىك پىلانىدىكى كان رايونى ۋە خەلق ئىگىلىكىدە مۇھىم قىممىتى بار كان رايونىدىكى قېزىلما بايلىق؛
(2) ئالدىنقى تارماقچىدە بەلگىلەنگەن رايون سىرتىدىكى ئېچىشقا بولىدىغان قېزىلما زاپىسى كۆلىمى چوڭ كان رايونىنىڭكىدىن چوڭ بولغان قېزىلما بايلىق؛
(3) دۆلەت ئاسراش، ئېچىشنى بەلگىلىگەن مۇئەييەن قېزىلما تۈرى؛
(4) دېڭىز تەۋەسىدىكى ۋە جۇڭگونىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدىكى قېزىلما بايلىق؛
(5) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا قېزىلما بايلىقلار.
نېفىت، تەبىئىي گاز، رادىئو ئاكتىپ قېزىلما قاتارلىق مۇئەييەن قېزىلما تۈرىنى ئېچىشتا، گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تەستىقلىسا ھەمدە كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بەرسە بولىدۇ.
1- ۋە 2 - تارماقتا بەلگىلەنمىگەن قېزىلما بايلىقلاردىن ئېچىشقا بولىدىغان قېزىلما زاپىسى كۆلىمى ئوتتۇراھال بولغانلىرىنى ئېچىشتا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ ۋە كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ.
1-، 2- ۋە 3- تارماقتا بەلگىلەنمىگەن قېزىلما بايلىق ئېچىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە تۈزىدۇ.
3-، 4- تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان ۋە كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بېرىلگەنلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقى جەملەپ گوۋۇيۈەننىڭ گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
قېزىلما زاپىسى كۆلمىنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكىلىرىنى ئايرىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ قېزىلما زاپىسىنى تەستىقلاش ئاپپاراتى بەلگىلەيدۇ.
17 – ماددا دۆلەت يىرىك پىلانىدىكى كان رايونى، خەلق ئىگىلىكىدە مۇھىم قىممىتى بار كان رايون ۋە دۆلەت ئاسراپ ئېچىشنى بەلگىلىگەن مۇئەييەن قېزىلما تۈرىنى دۆلەت پىلانلىق ئاچىدۇ؛ ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز ئېچىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
18 – ماددا دۆلەتنىڭ يىرىك پىلانىدىكى كان رايونى دائىرىسى، خەلق ئىگىلىكىدە مۇھىم قىممىتى بار كان رايونى دائىرىسى، كانچىلىق كارخانىسىنىڭ كان رايونى دائىرىسى قانۇن بويىچە ئايرىلغاندىن كېيىن، شۇ كان رايونى دائىرىسىدىكى مەسئۇل ئورگان ئالاقىدار ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان چىقىرىشىغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.
كانچىلىق كارخانىسى كان دائىرىسىنى ئۆزگەرتىشتە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىشى ھەمدە ئەسلىي كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بەرگەن ئورگانغا قايتىدىن تەكشۈرۈپ كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
19 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى دۆلەت كانچىلىق كارخانىسى ۋە باشقا كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ كان رايونى دائىرىسىنىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.
ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ باشقىلار قانۇن بويىچە قۇرغان دۆلەت كانچىلىق كارخانىسى ۋە باشقا كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ كان رايونى دائىرىسىگە كىرىپ كان ئېچىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
20 – ماددا گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، تۆۋەندىكى رايونلاردا قېزىلما بايلىق ئېچىشقا يول قويۇلمايدۇ:
(1) پورت، ئايرودروم، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇش ئەسلىھەسى دائىرىلەنگەن رايوندا؛
(2) مۇھىم سانائەت رايونى، چوڭ سۇ ئىنشائاتى، شەھەر – بازار شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇش ئەسلىھەسىگە يېقىن بەلگىلىك دائىرىدە؛
(3) تۆمۈل يول ۋە مۇھىم تاشيولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى بەلگىلىك دائىرىدە؛
(4) مۇھىم دەريا ۋە توسمىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى بەلگىلىك دائىرىدە؛
(5) دۆلەت بەلگىلىگەن تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، مۇھىم مەنزىرىلىك رايون، دۆلەت نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىدىغان، يۆتكىگىلى بولمايدىغان تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە مەشھۇر ئاسار ئەتىقە بار جايدا؛
(6) دۆلەت قېزىلما بايلىق ئېچىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن باشقا رايونلار.
21- ماددا كان تاقىۋېتىشتە، تاقىۋېتىش دوكلاتى ۋە قېزىش قۇرۇلۇشى، يوشۇرۇن خەۋپ، يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ پايدىلىنىش ۋە مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يوللاش ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش شەرت.
22- ماددا قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشتا بايقالغان زور پەن – مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە ئاز ئۇچرايدىغان گېئولوگىيىلىك ھادىسىلەر ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاسراش ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك.
3 – باب قېزىلما بايلىق چارلاش
23- ماددا رايوننى گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش يىرىك پىلانى بويىچە بولىدۇ. رايوننى گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە خەرىتىسى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلىدۇ.
24 – ماددا قېزىلما بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە، ئاساسلىق قېزىلما تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىش رايونىدىكى قېزىلمىلار، جۈملىدىن ماكانداش ياكى يانداش قېزىلمىلاردىن كان ھاسىل بولۇش گېئولوگىيىلىك شارائىتىنى ۋە كان قىنى سانائىتىنىڭ ئىستقبالىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھەر تەرەپلىمە باھالاش كېرەك.
25- ماددا كان قىنىنى چارلاشتا، كان رايونىدىكى سانائەت قىممىتى بار ماكانداش ۋە يانداش قېزىلمىلارنى ھەر تەرەپلىمە باھالاش ھەمدە ئۇنىڭ زاپىسىنى ھېسابلاش شەرت. ھەر تەرەپلىمە باھالانمىغان چارلاش دوكلاتى تەستىقلانمايدۇ. لېكىن، گوۋۇيۈەننىڭ پىلان تارمىقى ئايرىم بەلگىلەنگەن كان تەكشۈرۈش تۈرلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
26 – ماددا ئاسان بۇزۇلىدىغان ئالاھىدە مېتاللوئىد قېزىلما، ئاقما قېزىلما، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، ئاسان ئېرىيدىغان قېزىلما ۋە تەركىبىدە رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنت بار قېزىلمىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە چارلاشتا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ئۇسۇلنى قوللىنىش ھەمدە زۆرۈر تېخنىكىلىق جابدۇق ۋە بىخەتەرلىك تەدبىر قوللىنىش شەرت.
27 – ماددا قېزىلما بايلىقنى چارلاشنىڭ دەسلەپكى گېئولوگىيىلىك مۇندەرىجىسى، خەرىتىسى، كېرىن، سىناق ئەۋرىشكىسى ۋە باشقا ناتۇرال ئەۋرىشكە ماتېرىيالى، چارلاش بەلگىلىرىنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئاسراش ۋە ساقلاش لازىم.
28 – ماددا كان قىنىنى چارلاش دوكلاتى ۋە باشقا قىممىتى بار چارلاش ماتېرىيالى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھەقلىق ئىشلىتىلىدۇ.
4 – باب قېزىلما بايلىق ئېچىش
29 – ماددا قېزىلما بايلىقنى ئېچىشتا، مۇۋاپىق ئېچىش تەرتىپى، ئېچىش ئۇسۇلى ۋە كان تاللاش ھۈنىرىنى قوللىنىش شەرت. كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ قايتا قېزىش نىسبىتى، ئۈنۈمسىزلىنىش نىسبىتى ۋە تاللىغان رۇدىنى يىغىۋېلىش نىسبىتى لايىھىدىكى تەلەپكە يېتىشى كېرەك.
30- ماددا ئاساسلىق قېزىلمىنى قېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانائەت قىممىتى بار ماكانداش ۋە يانداش قېزىلمىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ھەر تەرەپلىمە ئېچىش، ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش، ئىسراپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ۋاقتىنچە ھەر تەرەپلىمە ئاچقىلى بولمايدىغان ياكى جەزمەن ئاچىدىغان، ئەمما ۋاقتىنچە ھەر تەرەپلىمە ئاچقىلى بولمايدىغان ياكى جەزمەن تەڭ ئاچىدىغان، ئەمما ۋاقتىنچە ھەر تەرەپلىمە پايدىلانغىلى بولمايدىغان قېزىلمىلارنى، شۇنىڭدەك كېرەكلىك تەركىب بار قالدۇق رۇدىلارنى ئۈنۈملۈك ئاسراش تەدبىرى قوللىنىپ، زىيان ۋە بۇزغۇنچىلىقتىن ساقلاش كېرەك.
31 – ماددا قېزىلما بايلىقنى ئېچىشتا، دۆلەتنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە گىگېنىسىغا ئائىت بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەندۈرۈشنىڭ زۆرۈر شەرتىنى ھازىرلاش شەرت.
32- ماددا قېزىلما بايلىقنى ئېچىشتا، مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، مۇھىم بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت.
قېزلما بايلىق ئېچىشتا، يەردىن تېجەشلىك پايدىلىنىش لازىم. كان ئىچىش سەۋەبىدىن تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق، ئورمان يېزى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسا، كانچىلىق كارخانىسى شۇ يەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ پايدىلىنىشى، كۆچەت تىكىشى، ئوت- چۆپ تېرىشى ياكى باشقا پايدىلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى لازىم.
قېزىلما بايلىق ئېچىپ باشقىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا زىيان سالغانلار تۆلەم بېرىشى ھەمدە زۆرۈر تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.
33- ماددا تۆمۈر يول، زاۋۇت، سۇ ئامبىرى، نېفىت تۇرۇبىسى، توك لىنىيىسى ۋە ھەرخىل چوڭ ئىمارەت ياكى توپ ئىمارەت قۇرۇلۇشى قىلىشتىن ئىلگىرى، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆزى جايلاشقان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقىدىن قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان جايدىكى قېزىلما بايلىقنىڭ جايلشىش ۋە ئېچلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئورۇننىڭ تەستىقىسىز مۇھىم كان قىنىنى باسۇرۇپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
34- ماددا گوۋۇيۈەن بېكىتكەن ئورۇن بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى بەلگىلەنگەن قېزىلمىنى باشقا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سېتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ قازغۇچىنىڭ بېكىتىلمىگەن ئورۇنغا سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
5 – باب كوللېكتىپ كانچىلىق كارخانلىرىنىڭ ۋە يەككىلەرنىڭ كان ئېچىشى
35 – ماددا دۆلەت كوللېكتىپ كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ۋە يەككىلەرنىڭ كان ئېچىشىدا پائال يۆلەش، مۇۋاپىق پىلانلاش، توغرايېتەكلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ، كوللېكتىپ كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن دائىرىدىكى قېزىلما بايلىقنى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، شەخسلەرنىڭ پارچە – پۇرات، تارقاق بايلىقنى ۋە ئادەتتىكى بىناكارلىق ماتېرىيالى قىلىشقىلا بولىدىغان شېغىل، تاش، سېغىز توپا قېزىشىغا، شۇنىڭدەك تۇرمۇشتا ئۆزى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاز مىقداردا قېزىلما قېزىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.
قېزىلما زاپىسى كۆلىمى كانچىلىق كارخانىسى ئېچىشقا باب كېلىدىغان قېزىلما بايلىق، دۆلەت ئاسراپ ئېچىشنى بەلگىلىگەن مۇئەييەن قېزىلما تۈرى ۋە دۆلەت شەخسلەرنىڭ ئېچىشىنى مەنئى قىلغان باشقا قېزىلما بايلىقنى شەخسلەرنىڭ ئېچىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
دۆلەت كوللېكتىپ كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ۋە يەككىلەرنىڭ كان ئېچىشتا تېخنىكا سەۋىيىسى، بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ياردەم بېرىدۇ.
گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقى، گېئولوگىيە خىزمىتى ئورنى ۋە دۆلەت كانچىلىق كارخانىلىرى پائال قوللاش، ھەقلىق بولۇش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى بويىچە كوللېكتىپ كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ۋە يەككىلەرنىڭ كان ئېچىشى ئۈچۈن گېئوماتېرىيال ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
36 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ كان رايونىدىكى كوللېكتىپ كانچىلىق كارخانىسىنى تاقاشقا ياكى بۇ كارخانا بەلگىلەنگەن باشقا جايدا كان ئېچىشقا توغرا كەلسە، كانچىلىق قۇرۇلۇشى قىلدۇرۇغۇچى ئورۇن مۇۋاپىق تۆلەم بېرىدۇ ھەمدە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛ شۇ كانچىلىق كارخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بىرلىشىپ تىجارەت قىلسىمۇ بولىدۇ.
37 – ماددا كوللېكتىپ كانچىلىق كارخانىلىرى ۋە يەككىلەر كان ئېچىشتا تېخنىكا سەۋىيسىنى ۋە قېزىلما بايلىق يىغىۋېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. كەلسە – كەلمەس قېزىپ، قېزىلما بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
كوللېكتىپ كانچىلىق كارخانىلىرى قۇدۇق ئۈستى ۋە قۇدۇق ئاستى قۇرۇلۇشىنىڭ سېلىشتۇرما چېرتيوژىنى سىزىپ چىقىشى شەرت.
38 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كوللېكتىپ كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ۋە يەككىلەرنىڭ كان ئېچىشتا تېخنىكا ئۆزگەرتىشىگە، ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ياخشىلىشىغا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، ياردەم بېرىشى لازىم.
6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
39 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كان ئاچقانلار، دۆلەتنىڭ يىرىك پىلانىدىكى كان رايونىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرىپ، خەلق ئىگىلىكىدە مۇھىم قىممىتى بار كان رايونى دائىرىسىدە كان ئاچقانلار، دۆلەت ئاسراپ ئېچىشنى بەلگىلىگەن مۇئەييەن قېزىلما تۈرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاچقانلار ئېچىشنى توختىتىشقا، زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇلىدۇ، قازغان قېزىلمىسى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ كان ئېچىشنى توختاتماي، قېزىلما بايلىقنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلار جىنايى ئىشلار قانۇننىڭ 156- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
ئورۇنلار ۋە شەخسلەردىن باشقىلار قانۇن بويىچە قۇرغان دۆلەت كانچىلىق كارخانىسى ۋە باشقا كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ كان رايونى دائىرىسىگە كىرىپ كان ئاچقانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
40 – ماددا تەستىقلانغان كان رايونى دائىرىسىدىن ھالقىپ كان ئاچقانلار ئۆزىنىڭ كان رايونى دائىرىسىگە قايتىپ بېرىپ كان ئېچىشقا، زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇلىدۇ، پاسىلدىن ئۆتۈپ قازغان قېزىلمىسى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ ئۆزىنىڭ كان رايونى دائىرىسىدە كان ئېچىشقا ئۇنىماي، قېزىلما بايلىقنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارنىڭ كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكارلار جىنايى ئشلار قانۇنىنىڭ 156 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
41- ماددا كانچىلىق كارخانىسى ۋە چارلىغۇچى ئورۇننىڭ قېزىلما ۋە باشقا پۇل – مېلىنى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغانلار، كان ئېچىش، چارلاش ئەسلىھەسىنى بۇزغانلار، كان رايونى ۋە چارلاش مەشغۇلات رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ قىلىمىشى كۆرۈنەرلىك ھالدا يېنىك بولغانلىرىغا ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
42- ماددا قېزىلما بايلىقنى ئېلىپ ساتقان، ئىجارە بەرگەن ياكى باشقا شەكىلدە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، جەرىمانە قويۇلىدۇ.
مۇشۇ قانۇننىڭ 6- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقنى ھايىنىغا سېتىپ پايدا ئالغانلارنىڭ چارلاش ئىجازەتنامىسى، كان ئىچىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
43 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ،دۆلەت بىر تۇتاش سېتىۋالىدىغان قېزىلمىنى سېتىۋالغانلار ۋە ساتقانلارنىڭ قېزىلمىسى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 117 – ۋە 118 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
44 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قېزىلما بايلىقنى بۇزۇپ ئاچقانلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنسا بولىدۇ؛ قېزىلما بايلىقنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 156 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
45– ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 39-، 40 -، 42 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گېئو قېزىلما باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسىدە قارار قىلىدۇ. 43 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قارار قىلىدۇ. 44 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقى قارار قىلىدۇ. چارلاش ئىجازەتنامىسى ياكى كان ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىشنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان قارار قىلىشى شەرت.
39- ، 40-، 42-، 44 – ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ بەرمىگەنلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇشقا ياكى بىۋاسىتە مەمۇرىي جازا بېرىشكە ھوقۇقلۇق.
46 – ماددا ئالاقىدارلاردىن مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئالاقىدار مۆھلەت ئۆتسىمۇ قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، جازا قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، جازا قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.
47 – ماددا قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل دۆلەت خادىملىرى ۋە باشقا ئالاقىدار دۆلەت خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشنى تەستىقلاپ ۋە چارلاش ئىجازەتنامىسى، ئېچىش ئىجازەتنامىسى بېرىپ ياكى قانۇنغا خىلاپ كان ئېچىش قىلىمىشىنى قانۇن بويىچە توسماي، جازالىماي جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا بەرگەن چارلاش ئىجازەتنامىسى، كان ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
48- ماددا قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى دۆلەت خادىمىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلشىغا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 157- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى دۆلەت خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغان، توسقان بولسىمۇ، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانمىغانلارغا ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن جازا بېرىدۇ.
49- ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كان رايونى دائىرىسى تالاش – تارتىشىنى ئالاقىدارلار كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ، كېلىشەلمىسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن كان رايونى دائىرىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان كان رايونى دائىرىسى تالاش- تارتىشىنى ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ، كېلىشەلمىسە گوۋۇيۈەن بىر تەرەپ قىلىدۇ.
7 – باب قوشۇمچەپرىنسىپ
50 – ماددا چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ قېزىلما بايلىقنى مەبلەغ سېلىپ چارلىشى، ئېچىشى ھەققىدە قانۇن، نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا شۇ بەلگىلمە بويىچە بولىدۇ.
51 – ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، تەستىق رەسمىيىتى بېجىرمەي، كان رايونى دائىرىسىنى ئايرىماي، كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ قېزىلما بايلىق ئاچقانلار مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىپ رەسمىيەتنى تولۇقلىشى كېرەك.
52- ماددا بۇ قانۇننى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزىدۇ.
53- ماددا بۇ قانۇن 1986- يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.