UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارخەرىتە تۈزۈش، نەشر قىلىشنى باشقۇرۇش نىزامى

خەرىتە تۈزۈش، نەشر قىلىشنى باشقۇرۇش نىزامى

قانۇنلار گوۋۇيۈەن، 1995 - يىلى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 180 - نومۇرلۇق پەرمان بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 - ماددا بۇ نىزام خەرىتە تۈزۈش، نەشر قىلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەرىتە تۈزۈش، نەشر قىلىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى. 2 - ماددا بۇ نىزام ھەرخىل ئاشكارا تارقىتىلىدىغان ئادەتتىكى خەرىتە ۋە مەخسۇس خەرىتىلەرنى تۈزۈش، نەشر قىلىشقا تەتبىقلىنىدۇ. 3 - ماددا خەرىتە تۈزۈش، نەشر قىلىشتا مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر قانۇن - نىزاملارغا ئەمەل قىلىش كېرەك. ئاشكارا تارقىتىلىدىغان خەرىتىلەردە دۆلەتنىڭ ھەر قانداق مەخپىيەتلىكى ۋە ئىچكى ئىشلىرىنى ئىپادىلەشكە بولمايدۇ. 4 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش، سىزىشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەرىتە تۈزۈش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت تەقسىماتى بويىچە، ئۆز تارماقلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى خەرىتىلىرىنى تۈزۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش - سىزىشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەرىتە نەشر قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەرىتە تۈزۈش خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان تارمىقىنى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ. ھەربىي خەرىتە ۋە دېڭىز خەرىتىلىرىنى تۈزۈشنى باشقۇرۇش گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئىككىنچى باب خەرىت تۈزۈشنى باشقۇرۇش ئىككىنچى باب خەرىت تۈزۈشنى باشقۇرۇش 5 - ماددا ئادەتتىكى خەرىتىلەرنى تۈزۈشتە، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەش - سىزىش قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، مۇناسىپ ئۆلچەش - سىزىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش لازىم. مەخسۇس تېمىدىكى خەرىتىلەرنى تۈزۈشتە بىۋاستە ئۆلچەش - سىزىش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەش - سىزىش قانۇنى> دىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۇناسىپ ئۆلچەش - سىزىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش شەرت. 6 - ماددا خەرىتىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى، جۇڭگونىڭ تارىختىكى زېمىنلىرىنىڭ چېگرىسى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ چېگرىسىنى سىزىشتا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك: (1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاقىدار قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن چېگرا شەرتنامىسى، كېلىشىمى، بەلگىلىمىلەر ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە خەرىتىسى بويىچە سىزىلىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسىنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن چېگرا شەرتنامىسى تۈزمىگەن بۆلەكلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەرىتىسىنىڭ دۆلەت چېگرىسى ھەققىدىكى ئۆلچەملىك نۇسخىغا ئاساسەن سىزىلىدۇ. (2) 1840 - يىلدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانغا قەدەر بولغان جۇڭگونىڭ تارىختىكى دۆلەت چېگرىسى جۇڭگونىڭ تارىختىكى چېگرا سىزىقى توغرىسىدىكى ئەۋرىشكە خەرىتىسىگە ئاساسەن سىزىلىدۇ. 1840 - يىلدىن ئىلگىرىكىلىرى ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن، تارىختىكى ئەمەلىي چېگرا سىزىقى بويىچە سىزىلىدۇ. (3) دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت چېگرىسى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئۆلچەملىك خەرىتىلەرگە ئاساسەن سىزىلىدۇ؛ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىختىكى زېمىن چېگرىلىرى ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن، تارىختىكى ئەمەلىي چېگرا سىزىقى بويىچە سىزىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەرىتىسىدىكى دۆەت چېگرىسىنىڭ ئۆلچەملىك ئەۋرىشكىسى، جۇڭگونىڭ تارىختىكى زېمىنلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئەۋرىشكىسى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت چېگرىلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئەۋرىشكىسىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش - سىزىشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ، گوۋۇيۈەن تەستىقلىغاندىن كېيىن تارقىتىلىدۇ. 7 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىرىنىڭ مەمۇرىي تېرىتورىيە خەرىتە سىزىقىنى سىزغاندا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش لازىم: (1) چېگرىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەپ بەرگەن بولسا ياكى قوشنا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىپ بېكىتكەن بولسا، ئالاقىدار ھۆججەت ياكى كېلىشىملەردە بەلگىلەنگەن چېگرا سىزىقى سىزىش ئۇسۇلى بويىچە سىزىش كېرەك. (2) قوشنا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستەقاراشلىق شەھەرلەر چېگرىسىنىڭ ئايرىلىشى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ خەرىتىسىدە سىزىلغان چېگرا سىزىقى بىردەك بولسا ھەم تالاش - تارتىش بولمىسا، ئىككى تەرەپ خەرىتىسىدە بىردەك بولغان چېگرا سىزىقى سىزىش ئۇسۇلى بويىچە سىزىش كېرەك؛ (3) قوشنا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چېگرا سىزىقى ئايرىش مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش بولسا ھەمدە ئىككى تەرەپ خەرىتىسىدە چېگرا سىزىقىنىڭ سىزىلىشى بىردەك بولمىسا، گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى تۈزگەن ھەمدە گوۋۇيۈەنگە يوللاپ تەستىقلىتىپ تارقاتقان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەمۇرىي تېررىتورىيە چېگرا سىزىقىنىڭ ئۆلچەملىك ئايرىلىشى بويىچە سىزىپ چىقىدۇ. 8 - ماددا خەرىتە تۈزۈشتە دۆلەتنىڭ خەرىتە مەزمۇنىنى ئىپادىلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. 9 - ماددا خەرىتە تۈزۈشتە تۆۋەندىكىدەك تەلەپلەرگە ئۇيغۇنلىشىش كېرەك: (1) ئەڭ يېڭى خەرىت ماتېرىياللىرىنى تاللاپ، ئۇنى خەرىتە تۈزۈشنىڭ ئاساسى قىلىش ھەمدە ئۆزگەرگەن مەزمۇنلارنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ ئۆزگەرتىپ تۇرۇش؛ (2) تۈرلۈك ئامىللارنىڭ جۇغرايىيىلىك ئورنى، ھالىتى، نامى ۋە ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈش؛ (3) خەرىتە ئىشلىتىش مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالاقىدار سانلىق ئاساسلار ۋە كەسپىي مەزمۇنلار ھازىرلانغان بولۇش؛ (4) خەرىتىنىڭ ماسشتابى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىش كېرەك. ئۈچىنچى باب خەرىتە نەشر قىلىشنى باشقۇرۇش 10 - ماددا ئادەتتىكى خەرىتىلەرنى مەخسۇس خەرىتە نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ، باشقا نەشرىياتلارنىڭ نەشر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مەخسۇس خەرىتە نەشرىياتى قۇرۇشتا ياكى قۇرۇلۇپ بولغان خەرىتە نەشرىياتىنىڭ خەرىتە نەشر قىلىش دائىرىسىنى تەڭشەشتە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللاش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك. 11 - ماددا مەركەز دەرىجىلىك مەخسۇس خەرىتە نەشرىياتى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغان خەرىتە نەشر قىلىش دائىرىسى ئىچىدە ھەرخىل خەرىتىلەرنى نەشر قىلسا بولىدۇ. جايلاردىكى مەخسۇس خەرىتە نەشرىياتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغان خەرىتە نەشر قىلىش دائىرىسى ئىچىدە، دۇنيا خاراكتېرلىك، پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك خەرىتىلەردىن باشقا ھەر خىل خەرىتىلەرنى نەشر قىلسا بولىدۇ. 12 - ماددا مەركەز دەرىجىلىك كەسپىي نەشرىياتلاردىن خەرىتە نەشر قىلىش كەسپىي - تېخنىكا شارائىتىنى ھازىرلىغانلىرى گوۋۇۈيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغان خەرىتە نەشر قىلىش دائىرىسى ئىچىدە ئۆز كەسپىنىڭ مەخسۇس خەرىتىلەرنى نەشر قىلسا بولىدۇ. جايلاردىكى كەسپىي نەشرىياتلاردىن خەرىتە نەشر قىلىش كەسپىي - تېخنىكا شارائىتىنى ھازىرلىغانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغان خەرىتە نەشر قىلىش دائىرىسى ئىچىدە ئۆز كەسپىگە دائىر يەرلىك خاراكتېرلىك مەخسۇس خەرىتىلەرنى نەشر قىلسا بولىدۇ. 13 - ماددا كەسپىي نەشرىياتلاردىن ساياھەت خەرىتىسى، قاتناش خەرىتىسى ۋە ۋەزىيەت تەشۋىقاتى خەرىتىلىرىنى نەشر قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرى مۇناسىپ خەرىتە تۈزۈش كەسپى تېخنىكا خادىملىرى، ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكا شارائىتىنى ھازىرلىشى، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا خەرىتە نەشر قىلىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇشى، تەكشۈرۈپ قوشۇلغان ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمقىغا يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئاندىن تەستىقلانغان خەرىتە نەشر قىلىش دائىرسى ئىچىدە خەرىتە نەشر قىلىشى لازىم. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خەرىتە نەشر قىلىش ئىلتىماسىنى تەكشۈرگەندە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىنىڭ پىكىرىنى ئېلىشى كېرەك. 14 - ماددا مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان خەرىتىلەرنى گوۋۇۈيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش - سىزىشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن بىرلىكتە كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ، يەرلىك خاراكتېرلىك ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان خەرىتىلەرنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ. ھەر قانداق نەشر قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەن ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان خەرىتىلەرنى نەشر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 15 - ماددا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان خەرىتىلەرنى مەركەز دەرىجىلىك مەخسۇس خەرىتە نەشرىياتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغان خەرىتە نەشر قىلىش دائىرىسى بويىچە نەشر قىلىدۇ؛ مەركەز دەرىجىلىك باشقا نەشرىياتلار ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتلىدىغان خەرىتىلەرنى نەشر قىلسا ۋە يەرلىك نەشرىياتلار يەرلىك خاراكتېرلىك ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان خەرىتىلەرنى نەشر قىلسا، گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن تەستىقلانغان خەرىتە نەشر قىلىش دائىرىسى ئىچىدە نەشر قىلىشى كېرەك. لېكىن، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىكى قىستۇرما قوشۇمچە خەرىتىلەر بۇنىڭ سىرتىدا. 16 - ماددا نەشرىيات، گېزىتخانا، ژۇرنال نەشرىياتى ئېھتىياجغا ئاساسەن، كىتاب، ژۇرناللاردا خەرىتىلەرنى قىستۇرما قىلسا بولىدۇ. 17 - ماددا نەشر قىلىنمىغان دۆلەت چېگرىسى ياكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەمۇرىي رايون چېگرىسى سىزىلغان خەرىتىلەرنى نەشر قىلىش ياكى كۆرسىتىشتە (كىتاب، گېزىت - ژۇرناللارنىڭ قىستۇرما رەسىملىرى، كۆرسىتىش خەرىتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) خەرىتىلەرنى بېسىش ياكى كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئەۋرىشكىدىن ئىككىنى تەكشۈرۈشكە يوللاش كېرەك: (1) دۆلەت چېگرىسى سىزىلغان خەرىتىلەر، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەمۇرىي رايونلىرىدىن ھالقىغان خەرىتىلەر، شۇنىڭدەك تەيۋەن، شياڭگاڭ، ئاۋمىن رايونلىرىنىڭ خەرىتىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللىنىدۇ. (2) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەمۇرىي رايونلىرى دائىرىسىدىكى يەرلىك خاراكتېرلىك خەرىتىلەر ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىنىڭ ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللىنىدۇ. (3) تارىخىي خەرىتىلەر، دۇنيا خەرىتىلىرى ۋە ۋەزىيەت تەشۋىقاتى خەرىتىلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللىنىدۇ. 18 - ماددا نەشر قىلىنمىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك مەخسۇس تېمىدىكى خەرىتىلەرنى نەشر قىلىش ياكى كۆرسىتىشتە، خەرىتىلەرنى بېسىش ياك كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى ئەۋرىشكىسى ئىشلەنگەن كەسپىي مەزمۇنلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەشكۈرۈشىگە يوللىنىدۇ. 19 - ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 17 - ۋە 18 - ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن تەكشۈرۈشكە مەسئۇل تارماقلار ئەۋرىشكىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 30 كۈن ئىچىدە، تەكشۈرۈش ھەققىدىكى قارارىنى تەكشۈرۈشكە يوللىغان ئورۇنغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛ مۇددەتتىن ئۆتۈپ كەتكۈچە ئۇقتۇرۇش قىلىنمىسا، نەشر قىلىش ياكى كۆرسىتىشكە قوشۇلغان دەپ قارىلىدۇ. 20 - ماددا مەخپىي خەرىتىلەر ۋە ئىچكى خەرىتىلەرنى ھەر قانداق شەكىل بىلەن ئاشكارا نەشر قىلىشقا ياكى كۆرسىتىشكە بولمايدۇ. 21 - ماددا خەرىتىلەر تارقىلىشتىن ئىلگىرى مەركەز دەرىجىلىك نەشرىيات ۋە يەرلىك نەشرىياتلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلارغا ئەۋرىشكە تاپشۇرۇشى ھەمدە ئەۋرىشكىدىن ئىككىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش - سىزىشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. 22 - ماددا خەرىتە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. خەرىتە ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەر قانداق ئورۇن، شەخسنىڭ كۆپەيتىپ ئىشلەش، تارقىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. لېكىن ئەسەر ھۇقۇقىغا دائىر قانۇن ۋەمەمۇرىي نىزاملاردا باشقا بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 23 - ماددا خەرىتە نەشر قىلغاندا، خەرىتىدىكى دۆلەت چېگرا سىزىقىنىڭ سىزىلىش ئاساسىغا دائىر ماتېرىياللار ۋە ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىق ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك. ئېلان، تاۋار ماركىسى، تەشۋىقات رەسىملىرى، كىنو - تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشىدىكى كۆرسىتىش خەرىتىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. تۆتىنچى باب قانۇن جاۋابكارلىقى 24 - ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇناسىپ ئۆلچەش - سىزىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە خەرىتە تۈزگەنلەرگە گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش - سىزىشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماق ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇلار ھوقۇق بەرگەن تارماق خىزمەت مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن خەرىتە تۈزۈش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز كىرىمىنى مۇسادىرە قىلىدۇ قوشۇمچە قانۇنسىز كىرىمىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ. 25 - ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرسىنى سادىر قىلسا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى تارقىتىش، سېتىش، كۆرسىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. ئالاقىدار خەرىتە نەشرىياتىغا 300 يۈەندىن ئارتۇق، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار خەرىتە نەشرىياتىنىڭ خەرىتە نەشر قىلىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. (1) خەرىتە بېسىش ياكى كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى بەلگىلىمە بويىچە خەرىتە ئەۋرىشكىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا تەكشۈرتمىگەن؛ (2) مەخسۇس تېمىدىكى خەرىتىلەرنى بېسىش ياكى كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى بەلگىلىمە بويىچە خەرىتە ئەۋرىشكىسىنى ئالاقىدار مەسئۇل مەمۇرىي تارماققا تەكشۈرتمىگەن؛ (3) خەرىتىدىكى دۆلەت چېگرا سىزىقلىرى ياكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ چېگرا سىزىقلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ نەشر قىلغان؛ (4) خەرىت مەزمۇنىنىڭ ئىپادىلىنىشى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەي، ئېغىر خاتالىق سادىر بولغان. ئالدىنقى ماددىنىڭ (3)، (4) تۈرلىرىدە كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرى سادىر قىلىنسا، خەرىتىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە قانۇنسىز كىرىمى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. 26 - ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە خەرىتە نەشر قىلغانلار ياكى تەستىقلانغان خەرىتە نەشر قىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ خەرىتە نەشر قىلغانلارنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز نەشر قىلىنغان بارلىق خەرىتىلەر ۋەقانۇنسىز كىرىمىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ تاپقان كىرىمىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن ئارتۇق، 15 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقىمۇ بولىدۇ. 27 - ماددا ئەسەر ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئەسەر ھوقۇقىغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 28 - ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاشكارا تارقىتىلىدىغان خەرىتىلەردە دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلاپ قويۇلسا، ياكى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە ياكى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈلسە ۋە باشقا ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقسا، بىۋاستە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە باشقا بىۋاستە مەسئۇل بولغان خادىملارغا مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. 29 - ماددا خەرىتە تۈزگۈچى، نەشر قىلغۇچى مەمۇرىي خادىملار ساختىپەزلىك قىلىپ، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، جىنايەت بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ. بەشىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ 30 - ماددا بۇ نىزام 1995 - يىلى 10 - ئاينى 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار