UyghurWiki›قانۇن نىزاملار›< نەشر بۇيۇملىرنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىنى باشقۇرۇش چارىسى > نى ئېلان قىلىپ، يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
< نەشر بۇيۇملىرنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىنى باشقۇرۇش چارىسى > نى ئېلان قىلىپ، يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 2000 - يىلى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. تېخنىكا (2000) 404 - نومۇرلۇق
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىلىرىگە، شىنخۇا كىتابخانىسىغا، ئالاقىدار ئورۇنلارغا:
نەشر بۇيۇملىرنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىك سىزىقلىق نومۇر تېخنىكىسىنىڭ ئاخبارات - نەشرىيات كەسىپىدە
قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق كەسپىنىڭ ئۇچۇرلىشىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن < نەشىر بۇيۇملىرنىڭ تىك
سىزىقلىق نومۇرىنى باشقۇرۇش چارىسى > تۈزۈپ چىقىلدى ۋە تارقىتىلدى.
بۇ چارە 2000 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئىجرا قىلىشنى
ئۈمىد قىلىمز.
بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 - ماددا بۇ چارە نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نەشربۇيۇملىرى تىك سىزىقلىق نومۇرلىرىنىڭ
سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نەشر بۇيۇملىرىدا تىك سىزىقلىق نومۇرنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك بازار
ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا جۇڭگودا تىزىمغا ئالدۇرغان ھەمدە ASBN, ASSN, ASRC نومۇرلىرىغا ئېرىشكەن نەشر قىلىش ئورۇنلىرى نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق
نومۇرىنى بېجىرىشى ۋە ئىشلىتىلىشى كېرەك.
3 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرى بىر گۇرۇپپا FAN قائىدىسى بويىچە تىزىلغان تىك سىزىق، بوشلۇق ۋە شۇنىڭغا ماس ھەرپ -
بەلگىدىن تەركىب تېپىپ، مەلۇم ئۇچۇرنى ئىپادىلەيدىغان نەشر بۇيۇمىنىڭ بەلگىسى. نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرى كىتاب تىك
سىزىقلىق نومۇرى، ژۇرنال تىك سىزىقلىق نومۇرى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرى ۋە ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك
سىزىقلىق نومۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4 - ماددا ھەر دەرىجىلىك نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار نەشر قىلىش، تارقىتىش ئورۇنلىرىنى نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك
سىزىقلىق نومۇرىنى ئۆلچەملىك ئىشلىتىشكە، نەشر بۇيۇملىرنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە، قوللىنىشقا يېتەكلىشى ۋە
ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.
ئىككىنچى باب نەشر بۇيۇملىرى تىك سىزىقلىق نومۇرىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش
5 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نەشر بۇيۇملىرى تىك سىزىقلىق نومۇر خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق بولۇپ، تۆۋەندىكى
خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) پۈتۈن مەملىكەت نەشر بۇيۇملىرى تىك سىزىقلىق نومۇر خىزمىتىنىڭ فاڭجىن - سىياسەت ۋە نىزاملىرنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
(2) نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىغا دائىر ئۆلچەملەرنى تۈزۈپ چىقىدۇ، تۈزىتىدۇ، تەشۋىق قىلىدۇ، ئىزچىللاشتۇرىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ؛
(3) پۈتۈن مەملىكەت نەشر بۇيۇملىرى تىك سىزىقلىق نومۇر خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەكشۈرىدۇ؛
(4) نەشر بۇيۇملىرنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىغا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
6 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر مەركىزى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نەشر بۇيۇملىرى تىك سىزىقلىق نومۇر خىزمەت
ئورگىنى، ئۇ ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تۆۋەندىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) نەشر بويۇملىرنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر خىزمىتىنىڭ فاڭجېن - سىياسىتى، نىزامى ۋە ئۆلچىمىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىدۇ؛
(2) پۈتۈن مەملىكەت نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر خىزمىتىنى بىر تۇتاش تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ؛
(3) پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرى بويىچە تەربىيلەش، نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر
تېخنىكىسى بويىچە مەسلىھەتچىلىك ۋە مۇلازىملىق بىلەن تەمىن ئېتىشكە مەسئۇل بولىدۇ؛
(4) نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ؛
(5) نەشر بويۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر توغرىسىدىكى ئىلتىماسلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ ھەمدە سۈپەت ئۆلچىمىگە لايىق كېلىدىغان
نەشر بۇيۇملىرى تىك سىزىقلىق نومۇرىنىڭ قارىسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
7 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تىك سىزىقلىق نومۇر مەركىزىنىڭ يەرلىك تارماق مەركەزلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆلكىلىك، ئاپتونوم
رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ، كەسپىي خىزمەتتە ئاخبارات - نەشرىيات
مەھكىمىسى تىك سىزىقلىق نومۇر مەركىزىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە تۆۋەندىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:
(1) نەشر بۇيۇملىرنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر توغرىسىدىكى فاڭجېن - سىياسەت، نىزام ۋە ئۆلچىمىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ؛
(2) ئۆز رايونىنىڭ نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ ۋە مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرىدۇ؛
(3) ئۆز رايونىدىكى نەشر بۇيۇملىرنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر توغرىسىدىكى ئىلتىماسلىرىنى تەكشۈرۈپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ ئۆز رايونىدىكى نەشر
قىلىش ئورۇنلىرىغا تىك سىزىقلىق نومۇر تارقىتىدۇ؛
(4) ئۆز رايونىنىڭ نەشر بۇيۇملىرنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيلەشكە مەسئۇل بولىدۇ، نەشر
بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر تېخنىكىسى بويىچە مەسلىھەتچىلىك ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
ئۈچىنچى باب نەشر بۇيۇملىرنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىنى ئىشلەش ۋە ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى
8 - ماددا نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش مەقسىتىگە ھەقىقىي يېتىش نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرلىرىنىڭ قارىسىنى ئىشلەش
سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نەشر بۇيۇملىرى تىك سىزىقلىق نومۇرلىرىنىڭ قارىسىنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمسىنىڭ تىك
سىزىقلىق نومۇر مەركىزى بىر تۇتاش ئىشلەپ چىقىدۇ. باشقا ئورۇنلارنىڭ بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
9 - ماددا بېيجىڭ رايونىدىكى مەركەز دەرىجىلىك نەشرىيات ئورۇنلىرى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر مەركىزىدىن تىك
سىزىقلىق نومۇر ئالىدۇ، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى نەشرىيات ئورۇنلىرى ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تىك سىزىقلىق نومۇر مەركىزىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى تارماق مەركىزىگە تىك سىزىقلىق نومۇر بېرىش
توغرىسىدا ئىلتىماس قىلىدۇ.
10 - ماددا تىك سىزىقلىق نومۇر ئىلتماس قىلىش تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:
(1) كىتاب نەشر قىلىدىغان ئورۇنلار تىك سىزىقلىق نومۇر ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق
شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ياكى مەركەز، گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىك، كومىتېتلىرىنىڭ نەشرىياتلارغا مەسئۇل تارمىقى،
ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈمىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى يېزىپ بەرگەن، تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن كىتاب نومۇرى سانى، كىتاب نومۇرىنىڭ
باش ۋە ئاخىرىدىكى نومۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسپات خىتىنى ئېلىپ، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ كىتاب نەشر قىلىش
مەھكىمىسىگە تەكشۈرتكەن ۋە جۇڭگو ISBN مەركىزىگە بېرىپ كىتاب نومۇرىنىڭ تەرتىپ نومۇرى، تەكشۈرۈش نومۇرىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن 9 -
ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تىك سىزىقلىق نومۇرنى ئىلتىماس قىلىدۇ.
نەشرىياتلار قايتا باسقان كىتابلارنىڭ باھاسى ئالدىنقى قېتىمقى باسمىسىنىڭكىگە ئوخشىمىغاندا، قوشۇمچە تىك سىزىقلىق نومۇرى بار تىك
سىزىقلىق نومۇر ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم. نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ئورۇن تامغىسى بېسىلغان تىك سىزىقلىق نومۇر ئېلىش
ئىلتىماسىنى ئېلىپ، 9 - ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تىك سىزىقلىق نومۇر بېجىرىدۇ.
(2) ژۇرنال نەشر قىلىش ئورۇنلىرى تىك سىزىقلىق نومۇر ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، جۇڭگو ISSN مەركىزىگە بېرىپ ISSN نومۇرىنى
بېجىرگەندىن كېيىن ژۇرنال تىزىملاش كىنىشكىسى بىلەن تامغا بېسىلغان تىك سىزىقلىق نومۇر ئېلىش ئىلتىماسىنى ئېلىپ، 9 - ماددىدىكى
بەلگىلىمە بويىچە تىك سىزىقلىق نومۇر بېجىرىدۇ.
(3) ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرى تىك سىزىقلىق نومۇر ئىلتىماس قىلىشتا، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنڭ ئۈن -
سىن، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ تارقاتقان ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى نەشر قىلىش تەستىقنامىسى ۋە جۇڭگو ISBN مەركىزى
تەكشۈرۈپ تارقاتقان ISBN نومۇرى ۋە تامغا بېسىلغان تىك سىزىقلىق نومۇر ئېلىش ئىلتىماسىنى ئېلىپ، 9 - ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تىك
سىزىقلىق نومۇر بېجىرىدۇ.
(4) ئۈن - سىن بۇيۇملىرنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرى تىك سىزىقلىق نومۇر ئىلتىماس قىلىشتا، جۇڭگو ISRC مەركىزى تەقسىم قىلغان ئۈن - سىن
بۇيۇملىرى نومۇرىنى تەستىقلىغان ھۆججەت ۋە تىك سىزىقلىق نومۇر ئىلتىماسىنى ئېلىپ، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمسىنىڭ تىك سىزىقلىق
نومۇر مەركىزىگە بېرىپ تىك سىزىقلىق نومۇر بېجىرىدۇ.
11 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر مەركىزى تىك سىزىقلىق نومۇر ئېلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۋالغاندىن
كېيىنكى ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە تىك سىزىقلىق نومۇرنىڭ قارىسىنى ئىشلەپ بولۇشى شەرت.
12 - ماددا نەشر بۇيۇملىرى تىك سىزىقلىق نومۇر قارىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى دۆلەت ئۆلچىمى - 12904 GB غا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
تۆتىنچى باب نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىنى ئىشلتىش
13 - ماددا تىك سىزىقلىق نومۇرى يوق نەشر بۇيۇمى ياكى سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تىك سىزىقلىق نومۇر بېسىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى
بازارلاردا سېتىشقا بولمايدۇ.
14 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنىڭ بىر تىك سىزىقلىق نومۇرىنى كۆپ خىل نەشر بۇيۇملىرىدا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. نەشر قىلىش ئورۇنلىرى
مۇناسىپ نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە.
15 - ماددا نەشر ئورۇنلىرى تىك سىزىقلىق نومۇرنى نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىنىڭ رەڭگى، بېسىلىش ئورنى ھەققىدىكى ئۆلچەم،
بەلگىلىمە بويىچە بېسىشى كېرەك.
16 - ماددا مەتبەئە ئورۇنلىرى نەشر بۇيۇملىرنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى بويىچە بېسىشى كېرەك. خالىغانچە
كىچىكلىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر كىچىكلىتىلگەن تىك سىزىقلىق نومۇر ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، تىك سىزىقلىق نومۇر ئېلىشنى ئىلتىماس
قىلغاندا، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر مەركىزىگە ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك، نەشر بۇيۇملىرنىڭ تىك سىزىقلىق
نومۇرىنىڭ مەتبەئە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ مەركەز كىچىكلىتىلگەن تىك سىزىقلىق نومۇر ئىشلەپ بېرىدۇ.
17 - ماددا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ نەشر ئورۇنلىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىشىغا، ئوغرىلىقچە ئىشلىتشىگە يول
قويۇلمايدۇ.
بەشىنچى باب جازا پرىنسىپى
18 - ماددا بۇ چارىنىڭ 2 -، 8 -،13 -، 14 -، 17 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن
جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ.
19 - ماددا بۇ بابتا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازالارنى يولغا قويۇشقا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك، نەشرىياتچىلىق
مەمۇرىي تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ.
20 - ماددا نەشر بۇيۇملىرنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالاقىدار تارماقلار خىزمەت ۋەزىپىسىدىن
قالايمىقان پايدىلىنىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتسا، مەسئۇل تارماق مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى
جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئالتىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ
21 - ماددا نەشر بۇيۇملىرنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىغا ھەق ئېلىشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.
22 - ماددا بۇ چارىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ.
23 - ماددا بۇ چارە 2000 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.