UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارنەشرىياتلارنىڭ كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى

نەشرىياتلارنىڭ كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى

قانۇنلار بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 - ماددا بۇ چارە نەشرىياتلارنىڭ كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كىتاب ئورگىناللىرىنى ئۈنۈملۈك يىغىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، نەشرىياتلارنىڭ قۇرۇلۇشنى ۋە نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى»، «ئارخىپ قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» غا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى. 2- ماددا كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرى كىتابنى تەھرىرلەپ نەشر قىلىش جەريانىدىكى تارىخىي خاتىرە، دۆلەت ئارخىپلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى باب كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى 3 - ماددا نەشرىياتلارنىڭ كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرى خىزمىتىگە تەڭ دەرىجىلىك ئارخىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بىر تۇتاش تۈزۈمى ئاستىدا، ئاساسلىق باشقۇرۇغۇچى رەھبىرىي ئورگان كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك، نازارەت قىلىدۇ، خىزمەتلەرنى تەكشۈرىدۇ. 4- - ماددا نەشرىياتلار ئارخىپ خىزمىتى ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئارخىپلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش باشقۇرۇشى كېرەك. كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىنى تەھرىر بۆلۈملىرى يىغىپ، رەتلەپ، خالتىلارغا سالغاندىن كېيىن باش مۇھەررىر ئىشخانىسى تاپشۇرۇۋېلىپ باشقۇرۇشى ھەمدە نەشرىياتنىڭ ئارخىپ ساقلاش ئاپپاراتىغا قەرەللىك ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشى كېرەك. ئۈچىنچى باب كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىنى تۇرغۇزۇش دائىرىسى 5 - ماددا ھەر بىر كىتابنىڭ ئورىگىنالى ئارخىپى تەھرىرلىك ۋە نەشر قىلىش ئىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك، ئارخىپلاشتۇرىدىغان ھۆججەت، ماتېرىياللارنىڭ دائىرىسى مۇنۇلار: (1) تېما تاللاش، ماقالە يېزىشقا تەكلىپ قىلىش، ماقالە ئۇيۇشتۇرۇش، نەشر قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ۋە كىتاب ئورىگىنالىغا مۇناسىۋەتلىك توختام، كېلىشىملەر (ھەمكارلىشىپ نەشر قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). (2) ھەر دەرىجىنىڭ ماقالىنى تەكشۈرۈشكە دائىر پىكىرلىرى، جۈملىدىن مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ بىرىنچى تەكشۈرۈشى، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرىنىڭ ئىككىنچى تەكشۈرۈشى، باش مۇھەررىرنىڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرلىرى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر ۋە سىرتقى كىشىلەرگە تەكشۈرتۈش، كوللېكتىپ تەكشۈرۈش پىكىرلىرى ھەم مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش، رەتلەشكە دائىر خاتىرىسى. (3) نەشر قىلغۇچى ئورۇننىڭ كىتابنى نەشر قىلىش جەريانىدىكى يوليۇرۇق سوراش، ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش دوكلاتلىرى، يۇقىرىنىڭ يوليورۇقى، تەستىقى، مۇھىم تېلېفۇن، سۆھبەت يىغىنى خاتىرىلىرى؛ (4) ئەسەر (تەرجىمە قىلغان، يازغان ئەسەر) نىڭ ئەسلى ئورىگىنالى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى (ئورىگىنال ئاپتورغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئاپتور قول قويغان ھۆججەت بولۇشى كېرەك؛ )5( مۇقاۋا لايىھىسى، مۇھىم كىشىلەرنىڭ بېغىشلىمىلىرى ۋە قوليازمىسى قاتارلىق ماتېرىياللار؛ )6( ماقالە توغرىسىدا ئاپتور بىلەن يېزىشقان خەتلەر ۋە ئۆزگەرتىشكە قايتۇرغان چاغدىكى پىكىرلەر؛ )7( كىتابنى نەشر قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش، ئاخىرقى كوررېكتورلۇق نۇسخىسى ۋە ئەۋرىشكە كىتاب؛ )8( ئورىگىنال مەتبەئەگە بېرىلگەندىن كېيىنكى ئۆزگىرىش )مەسىلەن، كىتاب ئىسمى، ئاپتور ئىسمى، تارقىتىش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى، تارقىتىشنى توختىتىپ قويۇش، بېسىشنى توختىتىش، سېتىشنى توختىتىش ۋە بىكار قلىۋېتىش قاتارلىق( ئەھۋالى ۋە كېيىنكى ئۆزگىرىشىنىڭ ئاساسى؛ )9( قەلەم ھەققى ۋە نەشر بېجى ئۇقتۇرۇشى؛ )10( مۇكاپاتلىنىش، جازالىنىش ئەھۋالى خاتىرىسى؛ )11( كىتابخانلاردىن كەلگەن پايدىلىنىش قىممىتى بار خەت، كىتاب توغرىسىدىكى مۇھىم باھا قاتارلىقلار؛ تۆتىنچى باب كىتاب ئورىگىنالى ئارخپىنى تۇرغۇزۇش ئۇسۇلى 6 - ماددا كىتاب ئورىگالىنى ئارخىپى بىر خالتىغا ياكى بىر نەچچە خالتىغا سېلىنىدۇ ھەمدە ئارخىپ خالتىسىنىڭ سىرتىدىكى گرافىلار تولدۇرۇلىدۇ. 7 - ماددا كىتاب ئارخىپى كىتابنىڭ نەشر قىلىنغان يىلى بويىچە ئىشلىنىدۇ، يىل ئاتلاپ كەتكەنلىرى يەنىلا كىتاب نەشر قىلىنغان يىل ئىچىگە قويۇلىدۇ. 8 - ماددا نەشرىياتنىڭ تەھرىر بۆلۈملىرى مۇشۇ چارىنىڭ 5 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كىتاب نەشردىن چىقىپ 3 ئاي ئىچىدە تولۇق كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپىنى نەشرىياتنىڭ باش مۇھەررىر ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. 9 - ماددا ئەسەر نەشر قىلىنىپ، بولغاندىن كېيىن ئەسلى ئورىگىنالى (قوليازما) ئاپتورغا تەئەللۇق بولىدۇ، ئىككى تەرەپ توختامدا كېلىشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئادەتتە ئورىگىنالى 2 - 3 يىل ساقلانغاندىن كېيىن ئاپتورغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ ۋە قايتۇرۇپ بېرىش رەسمىيىتى ئۆتۈلىدۇ. ئورىگىنالنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئاپتۇردىن ئالغان ھۆججەت ئارخىپقا سېلىنىدۇ. 10 - ماددا ئارخىپ ئىچىدىكى ماتېرىياللارنىڭ سول تەرىپى تەكشى قىلىنىپ، شۇ تەرىپىدىن تۈپلىنىدۇ، ئەگەر سۈرەت قارىسى ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرى بولسا، ئۇنىڭ ماۋزۇسى ۋە ئاپتورىنى يېزىپ (دۆلەت ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ «سۈرەت ئارخىپلىرىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» بويىچە)، تۈرگە ئايرىپ ساقلاش، لېكىن تېپىشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن نومۇر سېلىپ قويۇش كېرەك. ئەۋرىشكە كىتابلارنىمۇ تۈرگە ئايرىپ ساقلاشقا بولىدۇ. 11 - ماددا كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىنىڭ خالتا سىرتىدىكى نومۇرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئارخىپ تارمىقى بېكىتىدۇ. بەشىنچى باب كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىنى ساقلاش مۇددىتى 12 - ماددا ئومۇمەن، مۇھىم تارىخىي قىممەتكە، سەنئەت قىممىتىگە ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرى «مەڭگۈرلۈك» ساقلايدىغان ئارخىپلار قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. 13 - ماددا ئومۇمەن، بىر قەدەر مۇھىم بولغان، ئۇزاق مۇددەت ئەينەك قىلىش، پايدىلىنىش، قىممىتى بار كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرى «ئۇزاق مۇددەت» ساقلىنىدىغان ئارخىپلار قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. 14 - ماددا ئومۇمەن، مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئارخىپلىرى «قىسقا مۇددەت» ساقلىنىدىغان ئارخىپلار قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. 15 - ماددا «ئۇزاق مۇددەت»، «قىسقا مۇددەت» ساقلىنىدىغان ئارخىپلارنىڭ ۋاقتى توشقانلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن داۋاملىق ساقلاشقا توغرا كەلسە، «مەڭگۈلۈك» ،«ئۇزاق مۇددەت» ساقلاشقا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ؛ ھەقىقەتەن داۋاملىق ساقلاش قىممىتى يوقلىرى نەشرىيات رەھبەرلىكى تەستىقلىغاندىن كېيىن بەلگىلىمە بويىچە كۆيدۈرۋېتىلسە بولىدۇ. ئالتىنچى باب كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىنىڭ ساقلىنىشى ۋە ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى 16 - ماددا نەشرىيات ساقلىنىۋاتقان كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىغا ۋە ئۇنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن زۆرۈر ۋە مەخسۇس ئىسكىلات تەسىس قىلىپ، لازىملىق ئىشكاپلارنى سېتىۋېلىشى لازىم. ئىسكىلات پۇختا بولۇشى ۋە ئۇنىڭدا ئوغرىدىن، كۈن نۇرىدىن، يۇقىرى ھارارەتتىن، ئوتتىن، نەم ئۆتۈپ قېلىشتىن، توپا - توزاڭدىن، قۇرتتىن، چاشقاندىن ساقلىنىش ئۇسكۈنلىرى بولۇشى كېرەك. 17 - ماددا ئارخىپلار جازىغا كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنغان ۋاقىت تەرتىپى ياكى تۈرى بويىچە تىزىلسا بولىدۇ. قايتا نەشر قىلىنىدىغان كىتابنىڭ ئارخىپى تۇنجى قىلىنغان ئارخىپنىڭ كەينىگە قويۇلىدۇ. 18 - ماددا نەشرىياتنىڭ ئارخىپ ساقلاش ئاپپاراتىدا «كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا تىزىملاش دەپتىرى»، «كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىنى ئارىيەت بەرگەندە تىزىملاش دەپتىرى»، «كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىش تىزىملىكى» بولۇشى كېرەك. 19 - ماددا نەشرىياتنىڭ ئارخىپ ساقلاش ئاپپاراتىدا ئاختۇرۇش قورالى سۈپىتىدە ئارخىپتىكى «ئادەم ئىسمىنى تېپىش ئورىگىنالى، كوررېكتورلۇق نۇسخىسىنى ساقلاش كارتىسى» بولۇش كېرەك. يەتتىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ 20 - ماددا بۇ چارىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ. 21 - ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1981 - يىلى 11- ئاينىڭ 14 - كۈنى ئېلان قىلىنغان «نەشرىياتلارنىڭ ئورىگىنالى ئارخىپى خىزمىتى توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە» مۇشۇنىڭ بىلەن بىللە تەڭ ئەمەلدىن قالىدۇ. قوشۇمچە: (قىسقارتىۋېتىلدى.) 1. ئارخىپ خالتىسى قېپىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ شەكىلى 2. ئارخىپ مۇندەررىجىسىنىڭ شەكى 3.زاپاس جەدۋەلنىڭ شەكلى 4. ئارخىپ خالتىسى قېپىنىڭ شەكلى
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار
نەشرىياتلارنىڭ كىتاب ئورىگىنالى ئارخىپلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى | UyghurWiki | UyghurWiki