UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارپېچەتلەنگەن، كۆيدۈرۋېتىلگەن كىتابلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش چارىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

پېچەتلەنگەن، كۆيدۈرۋېتىلگەن كىتابلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش چارىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

قانۇنلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1988 - يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. كىتاب (88) 853 - نومۇرلۇق ئومۇمەن، دۆلەت پېچەتلەش، كۆيدۈرۈۋېتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇقتۇرغان كىتابلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى بىردەك شۇ كىتابلارنى نەشر قىلىغان نەشرىيات ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت چارىسى تۆۋەندىكىچە: 1. پېچەتلەش، كۆيدۈرۈۋېتىشكە تېگىشلىك كىتابلار بولسا، جايلاردىكى ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى يەرلىك سودا - سانائەت ۋە مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىللە ئۆز يېرىدە كۆيدۈرۋېتىش ئىشىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ. 2. جايلاردىكى ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئۆز تەۋەسىدە پېچەتلەنگەن، كۆيدۈرۋېتىلگەن كىتابلارنىڭ نەشر ھوقۇقى بېتىنى توپلايدۇ ھەمدە شۇنىڭغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك كونكرېت نەشرىياتتىن بىر تۇتاش تۆلەم ھەققى ئالىدۇ، تۆلەم ھەققى ئەسلىدىكى توپ تارقىتىش پىرسەنتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. 3. ئەگەر پېچەتلەنگەن، كۆيدۈرۋېتىلگەن كىتابنىڭ سانى كۆپرەك بولۇپ، نەشر ھوقۇقى بېتىگە قاراپ تۆلەم ئېلىش قىيىن بولسا، يەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى، سودا - سانائەت مەمۇرىي تارماقلىرى پېچەتلەنگەن، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن كىتابنىڭ سانىنى مۇناسىۋەتلىك نەشرىيات بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ. 4. كىتاب كۆيدۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىنكى قەغەز بوتقىسىدىن كىرگەن كىرىم نەشرىياتقا تەۋە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار
پېچەتلەنگەن، كۆيدۈرۋېتىلگەن كىتابلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش چارىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki