UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارشەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى

شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى

قانۇنلار (1980- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىدا ماقۇللانغان،1993- يىلى 10- ئاينىڭ 31- كۈنى 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4- يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1- قېتىم تۈزىتىلگەن، 1999- يىل 8- ئاينىڭ 30- كۈنى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11- يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 2- قېتىم تۈزىتىلگەن، 2005- يىل 10- ئاينىڭ 27 – كۈنى 10- نۆۋەتىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18- يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 3- قېتىم تۈزىتىلدى) 1- ماددا جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە تۇرار جايى بولغان ياكى تۇرار جايى بولمىسىمۇ، چېگرا ئىچىدە تۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىل توشقان شەخسلەر جۇڭگو چېگرىسى ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاپاۋەت ئۈچۈن، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇىدۇ. جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە تۇرار جايى بولمىغان ھەمدە ئولتۇراقلاشمىغان ياكى جايى بولمىسىمۇ، چېگرا ئىچىدە تۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىل توشمىغان شەخسلەر جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى تاپاۋىتى ئۈچۈن، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدۇ. 2- ماددا تۆۋەندىكى شەخسىي تاپاۋەتلەردىن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ: (1) مائاش،ئىش ھەققى تاپاۋىتى؛ (2) يەككە سودا – سانائەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تاپاۋىتى؛ (3) كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش، ئىجارە ئېلىپ باشقۇرۇش تاپاۋىتى؛ (4) ئەمگەك – مۇلازىمەت ھەققى تاپاۋىتى؛ (5) قەلەم ھەققى تاپاۋىتى؛ (6) ئالاھىدە ئىجازەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ھەققى تاپاۋىتى؛ (7) ئۆسۈم، پاي ئۆسۈمى، پايدا تاپاۋىتى؛ (8) مال – مۈلۈك ئىجارىسى تاپاۋىتى؛ (9) مال – مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تاپاۋىتى؛ (10) تاسادىپىي تاپاۋەت؛ (11) گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى باج ئېلىشنى بېكىتكەن باشقا تاپاۋەت. 3- ماددا شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ نسبىتى: (1) مائاش ۋە ھەققى تاپاۋىتىدىن تاپاۋەتكە قاراپ ئېلىنىدىغان ئاشۇرما باج نىسبىتى بويىچە باج ئېلىنىدۇ، باج نىسبىتى 5 تىن 45 كىچە بولىدۇ (باج نىسبىتى جەدۋىلى ئاخىرىدا بېرىلدى). (2) يەككە سودا – سانائەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تاپاۋىتى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش، ئىجارە ئېلىپ باشقۇرۇش تاپاۋىتىدىن5 تىن 35 كىچە تاپاۋەتكە قاراپ ئېلىنىدىغان ئاشۇرما باج نىسبىتى بويىچە ئېلىنىدۇ (باج نىسبىتى جەدۋىلى ئاخىرىدا بېرىلدى). (3) قەلەم ھەققى تاپاۋىتىدىن تاناسىپلىق باج نىسبىتى بويىچە باج ئېلىنىدۇ، باج نىسبىتى 20 بولىدۇ ھەمدە تاپشۇرىدىغان باج سوممىسىغا 30 كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ. (4) ئەمگەك – مۇلازىمەت ھەققى تاپاۋىتىدىن تاناسىپلىق باج نىسبىتى بويىچە باج ئېلىنىدۇ. باج نىسبىتى 20 بولىدۇ. بىر قېتىملىق ئەمگەك – مۇلازىمەت ھەققى تاپاۋىتى كۆپرەك بولغانلاردىن پىرسەنت قوشۇپ باج ئېلىنسا بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. (5) ئالاھىدە ئىجازەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ھەققى تاپاۋىتى، ئۆسۈم، پاي ئۆسۈمى، پايدا تاپاۋىتى، مال – مۈلۈك ئىجارىسى تاپاۋىتى، مال – مۈلكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تاپاۋىتى، تاسادىپىي تاپاۋەت ۋە باشقا تاپاۋەتلەردىن تاناسىپلىق باج نىسبىتى بويىچە باج ئېلىنىدۇ، باج نىسبىتى 20 بولىد%ۇ. 4- ماددا تۆۋەندىكى شەخسىي تاپاۋەتلەردىن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدۇ: (1) ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مىنستىرلىك – كومتېتىلىرى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ جۇندىن يۇقىرى ئورۇنلىرى، شۇنىڭدەك چەت ئەل تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئىلىم – پەن، مائارىپ، تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردە بەرگەن مۇكاپات پۇلى؛ (2) زايوم ۋە دۆلەت تارقاتقان پۇل مۇئامىلە زايوم ئۆسۈمى؛ (3) دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بەلگىلىمىسى بويىچە بېرىلگەن ياردەم پۇل، قوشۇمچە پۇل؛ (4) پاراۋانلىق پۇلى، نەپىقە پۇلى، قۇتقۇزۇش پۇلى؛ (5) سۇغۇرتا تۆلەم پۇلى؛ (6) ھەربىيلەرنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇش پۇلى، ھەربىيدىن قايتىش پۇلى؛ (7) دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بەلگىلىمىسى بويىچە كادىرلارغا ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بېرىلىدىغان ئورۇنلىشىۋېلىش خىراجىتى، خىرمەتتىن چېكىنىش خىراخىتى، پېنسىيە مائاشى، دەم ئېلىش مائاشى، دەم ئېلىشقا چىققانلارغا بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى؛ (8) ھەر قايسى ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىدىكى دىپلوماتىيە ۋەكىللىرى، كونسۇلخانا ئەمەلدارلىرى ۋە باشقا خادىملارنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان تاپاۋىتى؛ (9) جۇڭگو ھۆكۈمىتى قاتناشقان خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە، تۈزۈشكەن كېلىشىملەردە باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن تاپاۋەتلەر؛ (10) گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى باج كەچۈرۈم قىلىشنى تەستىقلىغان تاپاۋەت. 5- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغانلاردىن ئېلىنىدىغان شەخسىي تاپاۋەت بېجى تەستىق ئارقىلىق كېمەيتىلسە بولىدۇ: (1) مېيىپلەر، ئىگە – چاقىسىز ياشانغانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن تاپاۋەت قىلغانلىرى؛ (2) ئېغىر تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن زور زىيانغا ئۇچرىغانلار؛ (3) گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن باج كېمەيتىلىدىغان باشقا تاپاۋىتى بولغانلار. 6- ماددا باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسى مۇنداق ھېسابلىنىدۇ: (1) مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتىدىن كىرگەن ئايلىق كىرىمىدىن 1600 يۈەن خىراجەتنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى قالدۇق باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسى بولىدۇ. (2) يەككە سودا – سانائەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تاپاۋىتىنىڭ ھەر بىر باج تاپشۇرۇش يىلىدىكى ئومۇمىي كىرىمىدىن تەننەرخ، خىراجەت، شۇنىڭدەك زىياننى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى قالدۇق باج تاپشۇرىدىغان تاپاۋەت سوممىسى بولىدۇ. (3) كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش، ئىجارە ئېلىپ باشقۇرۇش تاپاۋىتىنىڭ ھەر بىر باج تاپشۇرۇش يىلىدىكى ئومۇمىي كىرىمىدىن زۆرۈر خىراجەتنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى قالدۇق باج تاپشۇرىدىغان تاپاۋەت سوممىسى بولىدۇ. (4) ئەمگەك – مۇلازىمەت ھەققى تاپاۋىتى، قەلەم ھەققى تاپاۋىتى، ئالاھىدە ئىجازەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ھەققى تاپاۋىتى، مال – مۈلۈك ئىجارىسى تاپاۋىتىنىڭ ھەر قېتىملىق كىرىمى 4000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسە، 800 يۈەن خىراجەت چىقىرىۋېتىلىدۇ؛ 4000 يۈەندىن ئېشىپ كەتسە، 20 خىراجەت چىقىرىۋېتىلىدۇ، قالغىنى باج تاپشۇرىدىغان تاپاۋەت سوممىسى بولىدۇ. (5) مال – مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تاپاۋىتىنىڭ مال – مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن كىرگەن كىرىمىدىن مال – مۈلۈكنىڭ ئەسلىي قىممىتىنى ۋە مۇۋاپىق خىراجەتنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى قالدۇق باج تاپشۇرىدىغان تاپاۋەت سوممىسى بولىدۇ. (6) ئۆسۈم، پاي ئۆسۈمى، پايدا تاپاۋىتى، تاسادىپىي تاپاۋەت ۋە باشقا تاپاۋەتلەرنىڭ ھەر قېتىملىق كىرىمى باج تاپشۇردىغان تاپاۋەت سوممىسى بولىدۇ. شەخسنىڭ ئۆز تاپاۋىتىدىن مائارىپ ئىشلىرىغا ۋە باشقا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىئانە قىلغان قىسمى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە باج تاپشۇرىدىغان تاپاۋەتتىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە تۇرار جايى بولمىسىمۇ، جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتى بولغان باج تاپشۇرغۇچى ۋە جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە تۇرار جايى بولسىمۇ، جۇڭگو چېگرىسى سىرتىدا مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتى بولغان تاپشۇرغۇچىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى سەۋىيىسى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسگە، شۇنىڭدەك پېرېۋوت نىسبىتىنڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قاراپ، قۇشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان خىراجەت بېكىتىلىدۇ، قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان خىراجەتنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيد%ۇ. 7- ماددا باج تاپشۇرغۇچىنىڭ جۇڭگو چېگرىسى سىرتىدا تاپقان تاپاۋىتى ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان باج سوممىسىدىن چېگرا سىرتىدا تاپشۇرغان شەخسىي تاپاۋەت بېجى سوممىسىنى چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. لېكىن، چىقىرىۋېتىلىدىغان سومما شۇ باج تاپشۇرغۇچىنىڭ چېگرا سىرتىدا تاپقان تاپاۋىتى ئۈچۈن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىنىپ، تاپشۇرىدىغان باج سوممىسىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 8- ماددا شەخسىي تاپاۋەت بېجىدە، تاپاۋەت قىلغۇچى باج تاپشۇرغۇچى بولىدۇ، تاپاۋەتنى چىقىم قىلغۇچى ئورۇن ياكى شەخس باجنى ۋاكالىتەن تاپشۇرغۇچى بولىدۇ. شەخسىي تاپاۋەت گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن سوممىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئىككىدىن ئارتۇق ئورۇندىن مائاش، ئىش ھەققى ئالىدىغان ياكى ۋاكالىتەن تاپشۇرغۇچىسى بولمىغان، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا ئەھۋال بولغان باج تاپشۇرغۇچى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باج مەلۇم قىلىشى كېرەك. ۋاكالىتەن باج تاپشۇرغۇچى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بارلىق خادىملارغا تولۇق سومما بويىچە ۋاكالىتەن باج تاپشۇرۇشنى مەلۇم قىلىشى كېرەك. 9- ماددا ۋاكالىتەن باج تاپشۇرغۇچى ھەر ئايدا تۇتۇپ قالغان باجنى ۋە باج تاپشۇرۇشنى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلغۇچى ھەر ئايدا تاپشۇرىدىغان باجنى كېيىنكى ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇش ھەمدە باج ئورگىنىغا باج مەلۇمات جەدۋىلى يوللاش كېرەك. مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتىدىن تاپشۇرىدىغان باج ئايمۇ ئاي ئېلىنىدۇ، ئۇنى ۋاكالىتەن باج تاپشۇرغۇچى ياكى باج تاپشۇرغۇچى كېيىنكى ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرىدۇ ھەمدە باج ئورگىنىغا باج مەلۇمات جەدۋىلى يوللايدۇ. ئالاھىدە كەسىپتىكىلەر مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتىدىن تاپشۇرىدىغان باج يىل بويىچە ھېسابلاش، ئايمۇ ئاي تاپشۇرۇپ تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئېلىنسا بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. يەككە سودا – سانائەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تاپاۋىتىدىن تاپشۇرىدىغان باج يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ئايمۇ ئاي تاپشۇرۇلىدۇ، باج تاپشۇرغۇچى كېيىنكى ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە تاپشۇرۇپ تۇرىدۇ، يىل ئاخىرلىشىپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ھېسابلىشىپ، ئارتۇقى قايتۇرۇلىدۇ، كېمى تولۇقلاپ تاپشۇرۇلىدۇ. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش، ئىجارە ئېلىپ باشقۇرۇش تاپاۋىتىدىن تاپشۇرىدىغان باج بويىچە ھېسابلىنىدۇ، باج تاپشۇرغۇچى يىل ئاخىرلىشىپ 30 كۈن ئىچىدە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرىدۇ ھەمدە باج ئورگىنىغا باج مەلۇمات جەدۋىلى يوللايدۇ. باج تاپشۇرغۇچى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش، ئىجارە ئېلىپ باشقۇرۇش تاپاۋىتىگە بىر يىل ئىچىدە بىر قانچە قېتىمدا ئېرىشكەن بولسا، باجنى ھەر قېتىم تاپاۋەتكە ئېرىشكەندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇپ تۇرىدۇ، يىل ئاخىرلىشىپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ھېسابلىشىپ، ئارتۇقى قايتۇرۇلىدۇ، كېمى تولۇقلاپ تاپشۇرۇلىدۇ. باج تاپشۇرغۇچى جۇڭگو چېگرىسىنىڭ سىرتىدا تاپقان تاپاۋىتى ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان باجنى يىل ئاخىرلىشىپ 30 كۈن ئىچىدە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشى ھەمدە باج ئورگىنىغا باج مەلۇمات جەدۋىلى يوللىشى كېرەك. 10- ماددا تۈرلۈك تاپاۋەتنى ھېسابلاشتا خەلق پۇلى بىرلىك قىلىنىدۇ. تاپاۋەت چەت ئەل پۇلى بولسا، باج دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئورگىنى بەلگىلىگەن تاشقىل پېرېۋوتنىڭ تاختاي باھاسى بويىچە خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ تاپشۇرۇلىدۇ. 11- ماددا ۋاكالىتەن باج تاپشۇرغۇچىغا ۋاكالىتەن تاپشۇرغان باج پۇلىغا قاراپ، 2 رەسمىيەت ھەققى بېرىلىد%ۇ. 12- ماددا ئامانەت پۇل ئۆسۈم تاپاۋىتىدىن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىشنى باشلاش ۋاقتى ۋە چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 13- ماددا شەخسىي تاپاۋەت بېجى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج ئېلىش – باشقۇرۇش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىنىدۇ ۋە باشقۇرۇلىدۇ. 14- ماددا يولغا قويۇش نىزامىنى گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىدۇ. 15- ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار