جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ يېمەكلىك تازىلىقى قانۇن
قانۇنلار
(1995- يىلى 10 – ئاينىڭ 30- كۈنى 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلىتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)
1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1- ماددا بۇ قانۇن يېمەكلىك تازلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ بۇلغىنىشىدىن ۋە زىيانلىق ئېلېمېنتلارنىڭ ئادەم ئورگانىزمىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىپ، خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى.
2- ماددا دۆلەت يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
3- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە يېمەكلىك تازىلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
4- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىشى شەرت.
بۇ قانۇن بارلىق يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇچلىرى، يېمەكلىك ئوراش – قاچىلاش ماتېرىياللىرى ۋە سايمان – ئۈسكۈنىلىرىگە، يۇيۇش، دېزىنقېكسىيىلەش دورىلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ؛ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت سورۇنلىرىغا، ئەسلىھەلىرىگە ۋە ئالاقىدار مۇھىتقىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.
5- ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ يېمەكلىك تازىلىقى ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ ھەم قوغدايدۇ.
ھەر قانداق كىشى بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھەم شىكايەت قىلىشقا ھوقوقلۇق.
2- باب يېمەكلىك تازىلىقى
6- ماددا يېمەكلىك زەھەرسىز، زەرەرىسىز بولۇشى، تېگىشلىك ئوزوقلۇق تەلىپىگە ئۇيغۇن، ياققۇدەك رەڭ، پۇراق ۋە تەمگە ئىگە بولۇشى كېرەك.
7- ماددا بوۋاقلار، بالىلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن ئوزۇقلۇق ۋە تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.
8- ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتى جەريانى تۆۋەندىكى تازىلىق تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت:
(1) ئىچكى – تاشقى مۇھىتى پاكىز بولۇش، چىۋىن، چاشقان، سۈۋەرەك ۋە باشقا زىيانداش ھاشاراتلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپىيىش شارائىتىنى يوقىتىش تەدبىرلىرى قوللىنىلغان بولۇش، زەھەرلىك، زەرەرلىك نەرسىلەر بار ئورۇندىن بەلگىلەنگەن يىراقلىقتا بولۇش؛
(2) يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش كارخانىلىرىدا مەھسۇلات تۈرى ۋە مىقدارىغا يارىشا يېمەكلىك خام ماتېرىيالىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان، پىششىقلايدىغان، ئورايدىغان، قاچىلايدىغان، ساقلايدىغان ئۆي ياكى ئورۇن بولۇش؛
(3) دېزىنفېكسىيىلەش، كىيىم يەڭگۈشلەش، يۈيۈنۈش، نۇر چۈشۈرۈش، يورۇتۇش، ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا، چىرىشتىن، چاڭ – توزاندىن، چىۋىندىن، چاشقاندىن ساقلىنىشقا، يۇيۇش، يۇندا چىقىرىش، ئەخلەت ۋە تاشلاندۇق تۆكۈشكە كېرەكلىك مۇناسىپ ئەسىلىھەسى بولۇش؛
(4) ئۈسكۈنىلەرنىڭ جايلىشىشى، ھۈنەر – سەنئەت تەرتىپى مۇۋاپىق بولۇش، پىششىقلىنىدىغان يېمەكلىك بىلەن تەييار يېمەكلىكنىڭ، خام ماتېرىيال بىلەن تەييار يېمەكلىكنىڭ، خام ماتېرىيال بىلەن تەييار مەھسۇلاتنىڭ بىر – بىرىنى بۇلغىشىدىن ساقلىنىش، يېمەكلىكنى زەھەرلىك ۋە پاسكىنا نەرسلەرگە يولاتماسلىق؛
(5) قاچا- قۇچىلار ۋە بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىك قاچىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى پاكىز يۇيۇش، دېزىنفېكسىيىلەش، قازان- قۇمۇچ، سايمانلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇپ، تازىلاپ، پاكىز ساقلاش؛
(6) يېمەكلىك ساقلىنىدىغان، توشۇلىدىغان، قاچىلىنىدىغان ۋە چۈشۈرۈلىدىغان قاچىلار، ئورالمىلار، سايمانلار، ئۈسكۈنىلەر ھەم ئۇنىڭ شارائىتى بىخەتەر،زەھەرسىز، پاكىز، يېمەكلىكىنى بۇلغىمايدىغان بولۇش؛
(7) بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكنى چاققان قىلىپ قاچىلاش ياكى زەھەرسىز نەرسە بىلەن ئوراش – قاچىلاش؛
(8) يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ۋە يېمەكلىك تىجارەتچىلىرى پاكىز يۈرۈش، يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ساتىدىغا چاغدا قولىنى پاكىز يۇيۇش، ئۇستۋېشىغا پاكىز كىيىمى كىيىش، بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىك ساتقاندا مالل سېتىش سايمىنى ئىشلىتىش؛
(9) ئىشلەتكەن سۇ شەھەر، يېزىدا ئىچىدىغان سۇنىڭ تازىلىقى توغرىسىدا دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇش؛
(10) ئىشلەتكەن يۇيۇش، دېزىنفېكسىيىلەش دورىسى ئادەمگە خەتەرسىز، زەرەرسىز بولۇش.
يېمەكلىك يايمىچىلىرىنىڭ ۋە شەھەر، يېزا بازارلىرىدا يېمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ۋە تىجارىتىدە رىئايە قىلىدىغان تازىلىق تەلىپى توغرىسىدا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.
9- ماددا تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ:
(1) بۇزۇلغان، ئېچىغان، كۆكىرىپ قالغان، قۇرتلىغان، مەينەتلىشىپ كەتكەن، باشقا نەرسە ئارىلىشىپ قالغان ياكى ئادەمگە ياقمايدىغان، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان يېمەكلىكلەر؛
(2) تەركىبىدا زەھەرلىك، زەرەرلىك ماددىلار بولغان ياكى زەھەرلىك، زەرەرلىك ماددىلار بىلەن بۇلغانغان، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان يېمەكلىكلەر؛
(3) تەركىبىدە كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان پارازىت قۇرت ۋە مىكرو ئورگانىزم بولغان ياكى مىكرو ئورگانىزم تەركىبىدىكى زەھەر مىقدارى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەر؛
(4) تازىلىقى مال دوختورلۇق تازىلىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە ئۆلچەمگە توشمىغان گۆش ۋە ئۇنىڭدىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەر؛
(5) ئاغرىپ ئۆلگەن، زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ياكى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆي قوشلىرى، چارۋا ماللار، ياۋايى ھايۋانلار، سۇ ھايۋانلىرى ۋە ئۇلاردىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەر؛
(6) قاچىلار ۋە ئورالمىلارنىڭ مەينەتلىكى، ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقىدىن ياكى توشۇش قۇراللىرىنىڭ مەينەتلىكىدىن بۇلغانغان يېمەكلىكلەر؛
(7) يالغان ۋە باشقا نەرسىلەر ئارىلاشتۇرۇلغان، ساختىلىق بىلەن ئىشلىنىپ ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتىگە ۋە پاكىزلىكىگە تەسىر يەتكەن يېمەكلىكلەر؛
(8) يېمەكلىك خام ماتېرىياللىرىدىن باشقا نەرسىلەردىن ئىشلەنگەن، يېمەكلىككە ئىشلەتمەيدىغان خىمىيىلىك ماددىلار ئىشلىتىلگەن ياكى نامى سۇيئىستېمال قىلىنغان نەرسىلەر؛
(9) سۈپەت مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەر؛
(10) گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىپ، سېتىشنى مەنئى قىلغان يېمەكلىكلەر؛
(11) گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئىشلىتىشنى تەستىقلىمىغان خۇرۇچ ئىشلىتىلگەن يېمەكلىكلەر ياكى تەركىبىدىكى دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قالدۇقى دۆلەت رۇخسەت قىلغان مىقداردىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەر؛
(12) يېمەكلىك تازىلىقىغا ئائىت ئۆلچەم ۋە تەلەپكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان باشقا يېمەكلىكلەر.
10- ماددا يېمەكلىككە دورا ماتېرىيالى ئارىلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. ئەمما، ئادەت بويىچە ھەم يېمەكلىك، ھەم دورا قىلىنىدىغانلاردىن خام ماتېرىيال ياكى ئوزۇقلۇق كۈچلەندۈرۈش خۇرۇچى سۈپىتىدە سېلىنىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
3- باب يېمەكلىك خۇرۇچ تازىلىقى
11- ماددا ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، ئىشلەتكەن يېمەكلىك خۇرۇچلىرى تازىلىق ئۆلچىمىگە ۋە تازىلىق باشقۇرۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. تازىلىق ئۆلچىمىگە ۋە تازىلىق باشقۇرۇش چارىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى تىجارەت قىلىشقا، ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
4- باب يېمەكلىك ئوراش – قاچىلاش ماتېرىياللىرىنىڭ ۋە يېمەكلىك سايمان – ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تازىلىقى
12- ماددا يېمەكلىك ئوراش – قاچىلاش ماتېرىياللىرى ۋە يېمەكلىك سايمان- ئۈسكۈنىلىرى تازىلىق ئۆلچىمىگە ۋە تازىلىقنى باشقۇرۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.
13- ماددا يېمەكلىك ئوراش- قاچىلاش ماتېرىياللىرى ۋە يېمەكلىك سايمان – ئۈسكۈنلىرىنى تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن خام ماتېرىياللاردىن ئىشلەش شەرت، ئۇلار يۇيۇش، تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيىلەشكە ئەپلىك بولۇشى لازىم.
5- باب يېمەكلىك تازىلىقى ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈش
14- ماددا دۆلەتنىڭ يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇچى، يېمەكلىك ئوراش- قاچىلاش ماتېرىيالى، يېمەكلىك ئىشلىتىلىدىغان سايمان – ئۈسكۈنىلەرنى يۇيىدىغان ۋە دېزىنفېكسىيىلەيدىغان دورا، شۇنداقلا بۇلغىغۇچى ماددىلار ۋە رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ يېمەكلىك تەركىبىدە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغان مىقدارى توغرىسىدا تازىلىق ئۆلچىمى، تازىلىق باشقۇرۇش چارىسىنى ۋە تەكشۈرۈش قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ ياكى تەسىتىقلاپ ئېلان قىلىدۇ.
15- ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت تازىلىق ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ يەرلىك تازىلىق ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈشكە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.
16- ماددا دۆلەتنىڭ يېمەكلىك خۇرۇچىغا خاس مەھسۇلات سۈپىتى ئۆلچىمى ئىچىدىكى گىگېنىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە كۆرسەتكۈچلەردە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش لازىم.
يېزا ئىگلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت قاتارلىق خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاشتا گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تامىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش شەرت.
سويۇلىدىغان چارۋا ماللار ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ مال دوختۇرلۇق تازىلىق تەكشۈرۈش قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ.
6- باب يېمەكلىك تازىلىقىنى باشقۇرۇش
17- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋە تىجارىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى يېمەكلىك تازىلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشى لازىم.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېمەكلىك پىششىقلاش ھۈنەر – سەنئىتىنى ياخشىلاشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، يېمەكلىك تازىلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.
18- ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان كارخانىلار ئۆز ئورنىنىڭ يېمەكلىك تازىلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى يېمەكلىك تازىلىقى باشقۇرغۇچىلىرىنى قويۇپ، ئىشلەپچىقارغان ۋە تىجارەت قىلغان يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى لازىم.
19- ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان كارخانىلار يېڭىدىن قۇرۇش، كېڭەيتىپ ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئۈچۈن تاللىغان ئورۇن ۋە قۇرۇلۇش لايىھىسى تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش، قۇرۇلۇرۇش لايىھىسىنى تەكشۈرۈشكە ۋە قۇرۇلۇش لايىھىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنى قاتناشتۇرۇشى شەرت.
20- ماددا يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ يېڭى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشقا كىرشىشتىن ئىلگىرى، شۇ مەھسۇلاتنىڭ تازىلقىغا ۋە ماتېرىياللارنى تەييارلاپ چىقىشى، يېمەكلىك ئوراش- قاچىلاش ماتېرىياللىرىنىڭ ۋە يېمەكلىك سايمان – ئۈسكۈنلىرىنىڭ ياكى مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشقا كىرشىشتىن ئىلگىرى، شۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تازىلىقىغا باھا بېرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماتېرىياللارنى تەييارلاپ چىقىشى شەرت. يۇقىرىقى يىڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تاپشۇرۇشى ھەمدە يېمەكلىك تازىلىقى ئۆلچىمىنى تەستىقلىتىش رەسمىيىتى بويىچە تەستىقلىتىشى لازىم.
21- ماددا قېلىپلاشقان ئورالملىق يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ ئورالما بەلگىسىگە ياكى مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشىگە شۇ مەھسۇلاتنىڭ نامى، ئىشلەپ چىقىرىلغان جايى، زاۋۇت نامى، ئىشلەپ چىقىرىلغان ۋاقتى، تەسىتىق نومۇرى ياكى ۋاكالەت نومۇرى، ستاندارتى، رېتسېپى ياكى ئاساسلىق تەركىبى، سۈپەت مۇددىتى، يېيىش ياكى ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىق مەزمۇنلار بەلگىلىمە بويىچە يېزىلىشى لازىم. يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە مۇبالىغە ياكى ساختا تەشۋىقات مەزمۇنى بولماسلىقى كېرەك.
يېمەكلىك ئورالمىسىنىڭ بەلگىسى ئېنىق، ئاسان پەرق ئەتكىلى بولىدىغان بولۇشى شەرەت. مەملىكىتىمىز بازارلىرىدا سېتىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بەلگىسىدە جۇڭگو يېزىقى بولۇشى كېرەك.
22- ماددا سالامەتلىكنى ئاسراشتا مۇئەييەن رولغا ئىگە، دېيىلگەن يېمەكلىكنى ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت. ئۇنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىلىشى، تىجارەت قىلنىشىنى، باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.
23- ماددا سالامەتلىكنى ئاسراشتا مۇئەييەن رولغا ئىگە، دېيىلگەن يېمەكلىك تەركىبىدە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زەرەر يەتكۈزىدىغان ماددىلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، بۇنداق مەھسۇلات چۈشەندۈرشىنىڭ مەزمۇنى چىن بولۇشى، شۇ مەھسۇلاتنىڭ رولى ۋە تەركىبى چۈشەندۈرۈشتىكى بىلەن بىردەك بولۇشى، ساختا بولماسلىقى شەرت.
24- ماددا يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇچىنى ۋە مەخسۇس يېمەكلىك ئوراش- قاچىلاش ماتېرىياللىرىنى ۋە باشقا يېمەكلىك ئۈسكۈنە – سايمانلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار تازىلىق ئۆلچىمى ۋە تازىلىق باشقۇرۇش چارىسى بويىچە تەكشۈرتۈپ، ئۆلچەمگە توشقاندىن كېيىن زاۋۇتتىن چىقارسا ياكى ساتسا بولىدۇ.
25- ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەت قىلغۇچىلار يېمەكلىك ۋە خام ماتېرىيال سېتىۋالغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن لاياقەتنامىسىنى ياكى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش قەغىزىنى ساتقۇچىدىن ئېلىۋېلىشى، ساتقۇچىلار ئۇنى شەرتسىز بېرىشى لازىم.
ئىسپات ئېلىنىدىغان دائىرە ۋە تۈرنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى بەلگىلەيدۇ.
26- ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە يېمەكلىك تىجارەتچىلىرى سالامەتلىكىنى ھەر يىلى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى شەرت، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش خىزمىتىگە يېڭىدىن ۋە ۋاقىتلىق قاتنىشىدىغانلار سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشى شەرت، سالامەتلىك ئىسپاتى ئالغاندىن كېيىن ئىشقا چۈشسە بولىدۇ.
تولغاق، كېزىك، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق ھەزىم يوللىرىدا بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە (كېسەل مىكروبى بارلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)، ھەركەتچان ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى، يىرىڭلىق ياكى سىرغىما سۇلۇق تېرە كېسلى شۇنىڭدەك يېمەكلىك تازىلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشلەرنىڭ بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىك بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىغان خىزمەتكە يولىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
27- ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت قىلىش كارخانىلىرى ۋە يېمەكلىك يايمىچىلىرى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىدىن تازىلىق ئىجازەتنامىسىنى ئالغاندىن كېيىن سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس سۇنۇپ تىزىملاتسا بولىدۇ، تازىلىق ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە يېمەكلىك تىجارەتچىلىرىنىڭ تازىلىق ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىشىغا، ئۆزگەرتىشىگە، ئارىيەت بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
تازىلىق ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.
28- ماددا يېمەكلىك بازىرى قۇرغۇچىلار بازاردىكى يېمەكلىك تازىلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش ھەمدە بازاردا زۆرۈر ئاممىۋى تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، مۇھىتنى پاكىز تۇتۇشى لازىم.
29- ماددا شەھەر، يېزا سودا بازارلىرىنىڭ يېمەكلىك تازىلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ، يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ.
30- ماددا ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇچى، يېمەكلىك ئوراش – قاچىلاش ماتېرىيالى ۋە يېمەكلىك سايمان- ئۈسكۈنىلىرى دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە ۋە تازىلىق باشقۇرۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.
يۇقىرىقى تاماقتا كۆرسىتىلىگەن مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلغاندا، ئۇلارنىڭ تازىلىقىنى چېگرا ئېغىزىدىكى ئىمپورت يېمەكلىكلىرى تازىلىقىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئاپپاراتى نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۈ. تەكشۈرۈشتە ئۆلچەمگە لايىق بولغانلىرى ئىمپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، تاموژنا ئۇنى لاياقەتنامىسىگە قاراپ چېگرىدىن كىرگۈزىدۇ.
ئىمپورت قىلغۇچى ئورۇن تەكشۈرتۈشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت (رايون) ئىشلەتكەن دېھقانچىلىق دورىسى، خۇرۇچ، ئىسلاش دورىسى قاتارلىقلارغا ئائىت ماتېرىياللارنى ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
بىرىنچى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشتا، تازىلىقى دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈلىدۇ. دۆلەت تازىلىق ئۆلچىمى بولمىغان مەھسۇلاتنىڭ تازىلىقىنى باھالاش توغرىسىدا ئىمپورت قىلغۇچى ئورۇن ئېكسپورت قىلغان دۆلەت (رايون) نىڭ سەھىيە تارمىقى ياكى تەشىكلاتى بەرگەن ماتېرىيالنى چېگرا ئېغىزىدىكى ئىمپورت يېمەكلىكلىرى تازىلىقىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا تەكشۈرتۈشى ھەم گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى لازىم.
31- ماددا ئېكسپورت يېمەكلىكىنىڭ تازىلىقىنى دۆلەتنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش تارمىقى نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ.
تاموژنا ئۇنى دۆلەتنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش تارمىقىنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن چىقىرىدۇ.
7- باب يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش
32- ماددا ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىدە يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆتەيدۇ.
تۆمۈر يول، قاتناش مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تەسىس قىلغان يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەنگەن يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆتەيدۇ.
33- ماددا يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى:
(1) يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىش؛
(2) يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى خادىملىرىنى تەربىيىلەشكە ياردەملىشىش، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى خادىملىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى نازارەت قىلىش؛
(3) يېمەكلىك تازىلىقى ۋە ئوزوقلۇقىغا ئائىت ساۋاتلارنى تەشۋىق قىلىش، يېمەكلىك تازىلىقىنى باھالاش، يېمەكلىك تازىلىقى ئەھۋالىنى ئېلان قىلىش؛
(4) يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتى كارخانىلىرىنىڭ يېڭىدىن كېڭەيتىپ ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا تاللانغان ئورنى ۋە لايىھىسىنى گىگېنلىق تەكشۈرۈش ھەمدە قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا قاتنىشىش؛
(5) يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋە يېمەكلىكنىڭ بۇلغىنىش ھادىسلىرىنى تەكشۈرۈش ھەمدە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛
(6) بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلارنى سەييارە نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش؛
(7) بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىش؛
(8) يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىشقا ئائىت باشقا ئىشلاغا مەسئۇل بولۇش؛
34- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىدا يېمەكلىك تازىلىقى نازارەتچىلىرى قويۇلىدۇ. يېمەكلىك تازىلىقى نازارەتچىلىرى لاياقەتلىك كەسپىي خادىملاردىن بولىدۇ، ئۇلارغا تەڭ دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گۇۋاھنامە بېرىدۇ.
تۆمۈر يول، قاتناش ئورۇنلىرىدىكى يېمەكلىك تازىلىقى نازارەتچىلىرىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ.
35- ماددا يېمەكلىك تازىلىقى نازارەتچىلىرى سەھىيە مەمۇرىي تامىقى تاپشۇرغان ۋزىپىنى ئىجرا قىلىدۇ.
يىمەكلىك تازىلىقى نازارەتچىلىرى قانۇننى ئادىل ئىجرا قلىشى، ئۆز خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىمەسلىكى شەرت.
يېمەكلىك تازىلىقى نازارەتچىلىرى ۋەزىپە ئۆتىگەندە، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى خادىملىرىدىن ئەھۋال ئۇقۇشسا، زۆرۈر ماتېرىيال ئالسا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئورۇنلىرىغا كىرىپ تەكشۈرسە، بەلگىلىمە بويىچە ھەقسىز ئەۋرىشكە ئالسا بولىدۇ. ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر رەت قىلماسلىقى ۋە ئەھۋالنى يوشۇرماسلىقى لازىم.
يېمەكلىك تازىلىقى نازارەتچىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر بەرگەن تېخنىكىلىق ماتېرىياللارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.
36- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ، شەرتى توشىدىغان ئورۇننى يېمەكلىك تازىلىقىنى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرىدىغان ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتى يازىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ.
37- ماددا ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ناھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ھادسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى شۇنداق ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بالىقى ئىسپاتلانغان يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچى ۋە تىجارەت قىلغۇچىلارغا تۆۋەندىكى ۋاقىتلىق تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ:
(1) زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان يېمەكلىك ۋە ئۇنىڭ خام ئەشياسىنى پېچەتلەش؛
(2)بۇلغانغان يېمەكلىك ئۈسكۈنە – سايمانلىرىنى پېچەتلەش ھەمدە تازىلاش، دېزىنفېكىسىيە قىلىشقا بۇيرۇش؛
لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈشتە بۇلغانغان، دەپ قارالغان يېمەكلىكنى كۆيدۈرۈۋېتىش؛ بۇلغانمىغانلىرىنىڭ پېچىتىنى بىكار قىلىش.
38- ماددا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ھادسىسى يۈز بەرگەن ئورۇن ۋە زەھەرلەنگۈچىلەرنى داۋالىغان ئورۇن جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن تاشقىرى، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى لازىم.
ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى لازىم.
8- باب قانۇن جاۋابكالىقى
39- ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تازىلىق ئۆلچىمىگە توشمىغان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىپ ۋە تىجارەت قىلىپ، يېمەكلىكتىنى زەرەھەرلىنىش ھادسىسىنى ياكى يېمەكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا كېسەللەرنى پەيدا قىلغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، زەھەرلىنىشنى ياكى كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يېمەكلىكلىرى كۆيدۈرۈلىدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تازىلىق ئۆلچىمىگە توشمىغان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىپ ۋە تىجارەت قىلىپ، يېمەكلىكتىن ئېغىر زەھەرلىنىش ھادسسىسىنى ياكى يېمەكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئېغىر كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرنىڭ ياكى يېمەكلىك خام ماتېرىيالى ئەمەس زەھەرلىك، زەرەرلىك نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغان ۋە تىجارەت قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
بۇ ماددا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ تازىلىق ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.
40- ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تازىلىق ئىجازەتنامىسى ئالماي ياكى تازىلىق ئىجازەتنامىسىنى ياساپ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار ئىشتىن توختىتىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. تازىلىق ئىجازەتنامىسىنى ئۆزگەرتكەن، ئارىيەتكە بەرگەنلەرنىڭ تازىلىق ئىجازەتنامىسى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
41- ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىش جەريانىنى تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرمىغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارنىڭ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلارنىڭ تازىلىق ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.
42- ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىش مەنئى قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقارغان ۋە تىجارەت قىلغانلار ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا، ساتقان يېمەكلىكلەرنى دەرھال ئېلان چىقىرىپ قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇلىدۇ ھەمدە شۇ يېمەكلىكى كۆيدۈرۈلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تازىلىق ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.
43- ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، بوۋاقلار ۋە بالىلار ئۈچۈن ئوزۇقلۇق ۋە تازىلىق ئۆلچىمىگە توشمىغان ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغانلار ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا، ساتقان يېمەكلىكلەرنى دەرھال ئېلان چىقىرىپ قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇلىدۇ ھەمدە شۇ يېمەكلىك كۆيدۈرۈلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يۇقلارغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلىمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تازىلىق ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.
44- ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تازىلىق ئۆلچىمىگە ۋە تازىلىق باشقۇرۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولمىغان يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى، يېمەكلىك ئوراش – قاچىلاش ماتېرىياللىرىنى، يېمەكلىك سايمان – ئۈسكۈنىلىرىنى ۋە يۇيۇش، دېزىنفېكسىيىلەش دورىلىرىنى ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان ياكى ئىشلەتكەنلەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياكى ئىشلىتىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
45- ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە ئالاھىدە رولى بار دېيىلگەن يېمەكلىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقسىز ئىشلەپ چىقارغان ۋە تىجارەت قىلغانلار ياكى شۇ يېمەكلىككە ساختا چۈشەندۈرۈش بەرگەنلەر ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تازىلىق ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.
46- ماددا بۇ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قېلىپلاشقان ئورالمىلىق يېمەكلىك بىلەن يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ ئورالما بەلگسىگە ياكى شۇ مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرشىگە مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت مۇددىتى قاتارلىقلارنى يازمىغان ياكى يالغاندىن يازغانلار ۋە ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىسىنى جۇڭگو يېزىقى بىلەن يازمىغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 500 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.
47- ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، سالامەتلىك ئىسپاتى ئالماي يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار ياكى بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىككە يولسا بولمايدىغان كېسىلى بارلارنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئورنىدىن يۆتكىۋەتمىگەنلەر تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.
48- ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ھادىسىسىنى ياكى يېمەكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ياكى بۇ قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، باشقىلارغا زىيان- زەخمەت يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە ھەق – تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
49- ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى بېرىشنى ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ. بۇ قانۇندا يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈزگۈزىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئورگانلار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىدۇ.
50- ماددا ئالاقىدار تەرەپلەردىن مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلار جازا ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، جازا قارارى چىقارغان ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ جازا ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە بىۋاسىتە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى لازىم. ئالاقىدار تەرەپلەردىن قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەر سۈرۈك توشقۇچە قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋامۇ قىلمىسا، جازا قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، جازا قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
51- ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، شەرتى توشمىغان ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرگە تازىلىق ئىجازەتنامىسى بەرسە، بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ پارا ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
52- ماددا يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش خادىملىرىدىن ھوقۇقىنى كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىپ، خىزمەتتە بىپەرۋارلىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، زور ھادىسە سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
53- ماددا يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش خادىمىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىدىن باشقا يوللار بىلەن رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالايدۇ.
9- باب قوشۇمچە پرىنسىپ
54- ماددا بۇ قانۇندا ئىشلىتىلگەن تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
يېمەكلىك ئادەملەر يەيدىغان ياكى ئىچىدىغان تەييار مەھسۇلات، خام ماتېرىيال ۋە ئادەت بويىچە ھەم يېمەكلىك، ھەم دورا قىلىنىدىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما داۋالاش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىغانلىرىنى بۇنىڭغا كىرمەيدۇ.
يېمەكلىك خۇرۇچى يېمەكلىككە سۈپىتىنى، رەڭگىنى، پۇرىقىنى، تەمىنى ياخشىلاش، شۇنداقلا چىرىشتىن ساقلاش ۋە پىششىقلاش ھۈنەر – سەنئىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن قوشۇلىدىغان خىمىيىۋى بىرىكمىلەرنى ياكى تەبىئىي ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئوزۇقلۇق كۈچلەندۈرۈش خۇرۇچى ئوزۇقلۇق تەركىبىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېمەكلىككە سېلىنىدىغان تەبىئىي يېمەكلىك خۇرۇچى ياكى تەبىئىي ئوزۇقلۇن دائىرسىگە كىرىدىغان سۈنئىي يېمەكلىك خۇرۇچىنى كۆرسىتىدۇ.
يېمەكلىك ئوراش- قاچىلاش ماتېرىيالى يېمەكىلىك ئوراش ۋە قاچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قەغەز، بامبۇك، ياغاچ، مېتال، ئېمال، ساپال، سۇلياۋ، كاۋچۈك، تەبىئىي تالا، خىمىيىۋى تالا، ئەينەك بۇيۇملارنى ۋە يېمەكلىككە تېگىپ تۇرىدىغان سۇۋالمىلارنى كۆرسىتىدۇ.
يېمەكلىك سايمان – ئۈسكۈنىلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى جەريانىدا يېمەكلىك تېگىپ تۇرىدىغان ماشىنا، تۇرۇبا، يەتكۈزۈش تاسىمىسى، سايمان، قاچا- قۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش (تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىق بۇنىڭ سىرتىدا)، يىغىش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، ساقلاش،توشۇش، كۆرگەزمە قىلىش، تەمىنلەش، سېتىش پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ۋە تىجارەت قىلغۇچىلار يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بارلىق ئورۇن ياكى شەخسلەرنى، جۈملىدىن ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىنى، يېمەكلىك يايمىچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
55- ماددا ئېكسپورت يېمەكلىكلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى دۆلەتنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ.
56- ماددا ھەربىي يېمەكلىك ۋە ئۆزى تەمىنلەيدىغان يېمەكلىك تازىلىقىنى باشقۇرۇش چارىسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىدۇ.
57- ماددا بۇ قانۇن 1995- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك تازىلىقى قانۇن (سىناق نۇسخىسى)» بىكار قلىنىدۇ.