شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى ھۆججىتى
قانۇنلار
شىنجاڭ. ئەسەر ھوقۇقى (1997) 09 - نومۇرلۇق
<بېرن ئەھدىنامسىى> ۋە <دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى> گە قاتناشقان دۆلەتلەر تىزىملىكىنى تارقاتقانلىق توغرىسىىدىكى ئۇقتۇرۇش
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى كەسپىي نەشرىياتلارغا:
دۆلىتىمىز 1992 - يىلى 10 - ئايدا <بېرن ئەھدىنامىسى> ۋە <دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى> گە قاتىنىشپ، ھەر قايسى قاتناشقۇچى دۆلەتلەر ئەسەرلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى. 1995 -يىلى 1 - ئايدا دۆلەت ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى <چەت ئەل كىتابلىرىنى نەشر قىلشتا توختامنى تىزىملىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرش> (دۆلەت. ئەسەر ھوقۇقى ]1995[1 - نومۇرلۇق) نى تارقاتتى. بۇ <ئۇقتۇرش> تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: <كىتاب نەشر قىلغۇچى ئورۇنلار چەت ئەل كىتابلىرىنى نەشر قىلغاندا (تەرجىمە قىلىپ، قايتا بېسىپ نەشر قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) چەت ئەل ئەسەرلىرىنىڭ ئەسەر ئىگىسى بىلەن نەشر قىلىش توختامى ئىمزالىشى ھەمدە توختامنى ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى ئورگانغا يوللاپ تىزىملىتىشى كېرەك.>
يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدا نەشر قىلىنغان چەت ئەل كىتابلىرىنىڭ سانى يىلمۇ يىل ئېشىپ باردى، چەت ئەل ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ھەرقايسى نەشرىياتلارنىڭ ئىككى ئەھدىنامىگە ئەزا دۆلەتلەرنى بىلمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش ئەھۋاللىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھازىر 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن <بېرن ئەھدىنامىسى> ۋە <دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى> گە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن بېسىپ تارقاتتۇق.
<بېرن ئەھدىنامىسى> ۋە <دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى> گە قاتناشقان ئەزە دۆلەتلەر تىزىملىكى:
ئالىبانىيە، ئارگېنتىنا، ئاۋستىرالىيە، ئاۋستىرىيە، باھاما، باربادوس، بېلگىيە، بېنىن، بولىۋىيە، بويسىنىيە ۋە گرىتسىگوۋىنا جۇمھۇرىيىتى، برازىلىيە، بولغارىيە، بۇركىنافاسۇ، كامىرۇن، كانادا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، چاد، چىلى، جۇڭگو، كولومبىيە، كونگو، كوستارىكا، كوتى دې ئىۋوئىر، كرودىيە، سىپرۇس، چېخ جۇمھۇرىيىتى، دانىيە، ئېكۋادور، مىسىر، سالۋادور، فىجى، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گابون، گامبىيە، گېرمانىيە، گانا، گرېتسىيە، گۋىنىيە، گۋىنىيە بىسسائۇ، ۋاتىكان، گوندۇراس، ۋېنگىرىيە، ئىسلاندىيە، ھىندىستان، ئىرلاندىيە، ئىسرائىلىيە، ئاتالىيە، يامايكا، ياپونىيە، كېنىيە، لىۋىيە، لېسوتو، لىبرىيە، لىۋان، لىچتېنشتېن، ليۇكسېمبورگ، ماداغاسفار، مالاۋى، مالايشىيا، مالى، مالتا، ماۋرىتوئوس، ماۋرىنئوس، ماراكەش، موناكو، مېكسىكا، نامبىيە، گوللاندىيە، يېڭى زىلاندىيە، نېگىر، نېگىرىيە، نورۋىگىيە، پاكىستان، پاراگۋاي، پىرۇ، فىلىپپىن، پولشا، پورتاگالىيە، رومىنىيە، روۋاندا، ساينت لۇتسىيە، سېنېگال، سۇرىنام، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، تايلاند، ماكىدونىيە، توگو، ترىنداد - توباگو، تۇنس، تۈركىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، ئۇرۇگۋاي، ۋېنېسۇئېلار، يۇگۇسلاۋىيە، ئاندۇررا، بېنگال، بېلىز، كامبۇدژا، كۇبا، ئىسپانىيە، گۋاتېمالا، گايتى، قازاقىستان، لائۇس، نىكاراگۇئا، پاناما، كورىيە، دومىنىكا، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، ساينت ۋىنسېنت ۋە گرېنادىنېس، تاجىكىستان، ئوكرائىنا، زامبىيە، قىزغىزىستان، ئىستونىيە، لاتۋىيتە، لېتۋا، مالدىۋى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى
1997 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى