UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملاركىتاب نۇمىرى، ژۇرنال نومۇرى ۋە ئۈن - سىن نومۇرى سودىسى قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

كىتاب نۇمىرى، ژۇرنال نومۇرى ۋە ئۈن - سىن نومۇرى سودىسى قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

قانۇنلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1997 - يىل 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى.ئاخبارات - نەشرىيات. كىتاب (1997) 53 - نومۇرلۇق پارتىيە 14 - نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى كەسىپ ئىستىلىنى تۇرغۇزۇپ، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈش، گوۋۇيۈەن ئېلان قىلىغان «نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش نىزامى» غا ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى سودىسى قىلىشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىنى قايتا تەكىتلەيمىز ۋە ئۇنى تۆۋەندىكىچە تولۇقلايمىز: 1. نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرى سودىسى قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. باشقۇرۇش ھەققى، كىتاب نومۇرى ھەققى، ژۇرنال نومۇرى ھەققى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ھەققى دېگەن نام بىلەن باشقا ياكى باشقا نام بىلەن ھەق ئېلىپ، دۆلەتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرى تارمىقى بەرگەن ھوقۇقنى سېتىپ، باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەرنى كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى بىلەن تەمىنلەپ ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بېرىپ، تەھرىرلەش، كوررېكتورلۇق قىلىش، بېسىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، تارقىتىش قاتارلىق ئىش ھالقىلىرىنىڭ ھەر قانداق بىرسىدىن ۋاز كېچىش يولى بىلەن ئۇلارنىڭ نەشر قىلىش ئورۇنلىرى نامىدا ھارام پايدا ئېلىشىغا يول قويغانلار كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى سودىسى قىلغانلار قاتارىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 2. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ھەر قانداق نام بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى سېتىۋېلىشى ھەمدە نەشر قىلىش، بېسىش، كۆپەيتىپ بېسىش، تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئومۇمەن، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى سېتىۋېلىش ئارقىلىق شۇغۇللانغان نەشر قىلىش پائالىيىتى قانۇنسىز نەشر قىلىش ھەرىكىتى دەپ قارىلىپ، قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. 3. نەشرىيات خادىملىرىنىڭ ماقالە ئۇيۇشتۇرۇش ۋە تەھرىرلىك قىلىش جەريانىدا، ماقالە بىلەن تەمىن ئەتكەن ئورۇن ياكى شەخستىن ھەر قانداق نام بىلەن تۈرلۈك ھەقلەرنى (مەسىلەن، ماقالە تەكشۈرۈش ھەققى، تەھرىرلىك ھەققى، كوررېكتورلۇق ھەققى قاتارلىقلارنى) سوراپ ئېلىشىغا ۋە قوبۇل قىلىشىغا، سوۋغا، ھەدىيە پۇل ياكى قىممەتكە ئىگە بېلەت قاتارلىقلارنى سوراپ ئېلىشىغا ۋە قوبۇل قىلىشىغا بولمايدۇ. 4. نەشرىيات خادىملىرىنىڭ نەشر قىلىش، بېسىش، كۆپەيتىپ، بېسىش، تارقىتىش قاتارلىق تىجارەت پائالىيەتلىرىدە شېرىنكانە ياكى پىرسەنت ئاجرىتۋېلىشىغا بولمايدۇ. 5. نەشرىيات خادىملىرىنىڭ ھەرخىل قانۇنسىز نەشر قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشىغا بولمايدۇ. نەشرىيات خادىملىرى قانۇنسىز كىتاب سودىگەرلىرىنىڭ كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى سېتىۋالغان ۋە ساتقان قانۇنسىز قىلمىشىنى يېپىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىسە ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بەرسە بولمايدۇ. 6.نەشرىيات خادىملىرى شەخسىي نام - مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، خىزمەتتىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئۆز ئىسمىنى يېزىۋالسا بولمايدۇ؛ خىزمەتتىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقا كىشىنىڭ نامى بىلەن ماقالە تەكشۈرۈش ھەققى، تەھرىرلىك ھەققى، كوررېكتورلۇق ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى ئېلىۋالسا بولمايدۇ. 7. نەشرىيات ئورۇنلىرى مالىيە باشقۇرۇشنى، تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنى چىڭىتىشى لازىم؛ نەشر قىلىش، بېسىش، كۆپەيتىپ بېسىش ۋە تارقىتىش ھەرىكەتلىرىدە ھەر قانداق نام بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە مالىيىنىڭ «سىرتتا ئايلىنىشى» ياكى ساختا «ئىچكى قىسىمدا ئايلىنىشى» نى يولغا قويسا بولمايدۇ. 8. نەشرىيات ئورۇنلىرى كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس ئادەم قويۇشى لازىم. كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ۋە ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىش كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلارنى تەھرىر بۆلۈملىرىگە ياكى شەخسلەرگە ھۆددىگە بەرسەم ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىن باشقا جايدا تەھرىرلەش ئاپپاراتى قۇرسا بولمايدۇ. 9. نەشرىيات ئورۇنلىرى ياكى شەخسلەر كارخانا ئورۇنلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارغا ياكى شەخسلەر كارخارنا ئورۇنلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارغا ياكى شەخسلەرگە نام - ئىسىم مۇندەرىجىسى نەشر قىلىپ بېرىش ياكى ماقالە ئۇيۇشتۇرۇش ھەققى ئېلىش قاتارلىق ناملار بىلەن شۇ ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ھەر قانداق ھەق ئۈندۈرۈۋالسا بولمايدۇ. 10. نەشرىيات ئورۇنلىرى نەشر بۇيۇملىرىنى باستۇرماقچى، كۆپەيتىپ ئىشلەتمەكچى بولسا، بېسىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى بولغان باسما زاۋۇتلىرىدا، كۆپەيتىپ، ئىشلەش زاۋۇتلىرىدا باستۇرۇشى لازىم؛ نەشرىيات ئورۇنلىرى بىرىنچى دەرىجلىك تارقىتىش ھوقۇقى بولمىغان ھەر قانداق تارقىتىش ئورنىغا توپ تارقىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى باشقىچە شەكىلدە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ. تارقىتىش ھوقۇقى يوق ئورۇنلارغا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىپ بەرسىمۇ بولمايدۇ. نەشرىيات ئورۇنلىرى باستۇرۇش، كۆپەيتىپ ئىشلەش ۋە تارقىتىش كەسىپلىرىدە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ بېسىش ھاۋالىنامىسى، كۆپەيتىپ ئىشلەش ھاۋالىنامىسى، كىتاب - ژۇرنال تارقىتىش ھاۋالىنامىسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى لازىم. 11. نەشرىيات ئورۇنلىرى يىللىق نەشر قىلىش پىلانىدا ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىغا تاقىلىدىغان مۇھىم تېماتىك پىلانلىرىدا دۆلەت نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ كونكرېت بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق رەسىمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك. نەشرىيات ئورۇنلىرى كىتاب ئورىگىنالىنى بىرىنچى تەكشۈرۈش، ئىككىنچى تەكشۈرۈش ۋە ئاخىرقى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئورۇنداپ، ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلىشى، تەھرىرلەش، كوررېكتورلۇق، تىزىش ۋە بېسىش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ پۈتۈن جەريانى ئۈستىدىن نازارەت قىلىشى لازىم. 12. يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە دۆلەت نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان « نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى» غا ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ مەمۇرىي جازا بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. نەشرىيات ئورۇنلىرى يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇشقا مۇناسىپ كېلىدىغان تەپسىلىي پرىنسىپ ياكى يولغا قويۇش چارسىنى تۈزۈپ چىقىشى لازىم. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىشقا نازارەت قىلىش ئۈچۈن، جەمئىيەتكە پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىشى لازىم. بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار