UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارئىسلام دىنىغا دائىر كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

ئىسلام دىنىغا دائىر كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

قانۇنلار ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستىلىق، شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە، بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە، مەدەنىيەت ئىدارىسى (باشقارمىسى) گە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى (باشقارمىسى) گە، مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى ئىشلار ئىدارىسى (باشقارمىسى) گە: ئىسلام دىنىغا دائىر كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەننىڭ «دىن خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەشكە دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (مەركىزىي كومىتېت )1991( 6 - نومۇرلۇق) ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ «ئىسلام دىنىغا دائىر نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» ىنىڭ روھىغا ئاساسەن، بۇ بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلىدى: 1. بارلىق نەشرىيات ئورۇنلىرى پارتىيىنىڭ مىللەتلەر، دىن سياسىتىنى چوقۇم ھەقىقىي تۈردە ئىزچىل ئىجرا قىلىشى، ماركسىزملىق مىللەت قارىشى، دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇشى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەر، دىن سياسىتى ۋە قانۇن - نىزاملىرىنى ئۆلچەم قىلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدىشى لازىم. كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرىدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتى، قانۇنغا زىت كېلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 2. دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجى بىلەن ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب ياكى قەدىمكى كىتابلارنى رەسمىي نەشر قىلىشقا توغرا كەلسە، چوقۇم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومىتېتىغا يوللاپ مەزمۇنىنى تەكشۈرتكەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈش ھەمدە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى بىلەن گوۋۇيۈەن دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىش، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي نەشرىياتنى بەلگىلەپ نەشر قىلىدۇرۇش كېرەك. 3. ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىشكە دائىر كىتاب - ژۇرنال ھەمدە ئىسلام دىنى ئەقىدە، شەرىئەت ئەھكاملىرى، شۇنداقلا دىنىي كىتاب، قەدىمىي كىتاب قاتارلىقلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەتقىق قىلىشقا، دەلىللەشكە دائىر كىتاب، قورال كىتابلاردا چوقۇم مەخسۇس تېمىدا ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي، دىنىي ئىشلار كومىتېتىغا يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىش، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ نەشر قىلدۇرۇش كېرەك. 4. ئىسلام دىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىشلىتىلىدىغان دىنىي كىتابلار، يەنى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرى، دىنىي ئەقىدە، شەرىئەت ئەھكاملىرى قاتارلىقلارنى شەرھلەپ بېرىدىغان كىتاب - ژۇرناللارنى خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ ئىلتىماس قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر، دىن ئىشلىرى كومىتېتىغا يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىشى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىشى ھەمدە ئىچىكى ماتېرىياللارنى بېسىش ئىجازەتنامىسى ئېلىش رەسمىيتىنى بېجىرىشى كېرەك. تىراژى 2000 دىن ئېشىپ كەتسە، چوقۇم گوۋۇيۈەن دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىش ھەمدە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. ھەر قانداق دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ تەستىقلاتماي تۇرۇپ، مۇشۇ خىلدىكى ماتېرىياللارنى نەشر قىلىشنى، بېسىشنى ۋە تارقىتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. دىنىي تەشكىلات ھېسابلانمايدىغان تەشكىلات، ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ نەشر قىلىشىغا، بېسىشىغا ۋە تارقىتىشىغا بىردەك يول قويۇلمايدۇ. 5. دۆلەت نەشر قىلىشقا قوشۇلغان ئىسلام دىنىغا دائىر ئۈن - سىن لېنتىلىرىنى پەقەت شىنىجاڭ ئۈن - سىن نەشرىياتىلا نەشر قىلىدۇ. ھەر قانداق ئورۇن، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بۇ خىلدىكى ئۈن - سىن لېنتىلىرىنى نەشر قىلىشتىن بۇرۇن مەزمۇنىنى چوقۇم ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي، دىنىي ئىشلار كومىتېتىغا يوللاپ تەكشۈرتۈش ھەمدە تېماتىك پىلانىنى ئاپتونۇم رايونلۇق ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتش كېرەك. 6. ئىسلام دىنى كىتابلىرى، قەدىمىي كىتابلار ياكى دىنىي ئەقىدە، شەرىئەت ئەھكاملىرى ئاساس قىلىنىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، تۈزۈلگەن ئاممىباب ئوقۇشلۇقلارنى پرىنىسىپ جەھەتتە نەشر قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئاشكارا نەشر قىلىشقا ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق بولسا، بۇ كىتاب - ژۇرناللارنىڭ مەزمۇنىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىن سىياسىتى، مىللەتلەر سىياستىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ياكى ئەمەسلىكىنى نۇقتىلىق ھالدا ئويلىشىش ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومىتېتى ۋە ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللاش كېرەك. ئىسلام دىنىغا دائىر چاتما رەسىم، رەسىملىك توپلام، رەسىملەرنى نەشر قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. 7. ئىسلام دىنىغا دائىر كىتاب - ژۇرناللارنى ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرىنى ھەمكارلىشىپ نەشر قىلىشىغا ياكى ۋاكالىتەن بېسىشقا، تارقىتىشقا، تەقلىدىي كۆپەيتىشكە بىردەك بولمايدۇ. چەت ئەل كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن -سىن لېنتىلىرىنى كۆپەيتىپ بېسىش، كۆپەيتىپ كۆچۈرۈش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. 8. ئىسلام دىنىغا دائىر كىتاب - ژۇرناللارنى بېسىشتا نۇقتا بېكىتىش تۈزۈمى يولغاقويۇلىدۇ. دۆلەت نۇقتا قىلىپ بېكىتمىگەن كىتاب - ژۇرنال باسىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق كىتاب - ژۇرنالنى قوبۇل قىلىپ بېسىشىغا بىردەك يول قويۇلمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن ئىچكى ماتېرىياللارنى بېسىش ئىجازەتنامىسى ئالغان كىتاب - ژۇرناللارنى پەقەت شىنجاڭ شىنخۇا باسما زاۋۇتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى باسما زاۋۇتى ۋە «ئىلى گېزىتى» ئىدارىسى باسما زاۋۇتى باسىدۇ. باشقا ھەر قانداق مەتبەئە كارخانلىرىنىڭ بېسىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 9. ئىسلام دىنىغا دائىر كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارغا قارىتا نۇقتا بويىچە مەخسۇس تىجارەت قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. دىن تۈرىدىكى كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرى تىجارىتى ئورنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغانلار چوقۇم ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەتلەر، دىن ئىشلىرى مەمۇرى تارماقلىرىغا بېرىپ مەدەنىيەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى ئېلىشى، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ تىجارەت قىلىش كىنىشكىسى ئېلىشى، گۇۋاھنامە، كىنىشكىلار تەل بولغاندىن كېيىن ئاندىن تىجارەت قىلىشى كېرەك. بۇ خىلدىكى تىجارەت ئورۇنلىرىنى پەقەت ھۆكۈمەت تەستىقلىغان دىنىي تەشكىلاتلار ياكى ئورۇنلار ئۇيۇشتۇرغان بولۇشى، ئۇلار دىنىي پائالىيەت سورۇنى ئىچىدە تىجارەت قىلىشى لازىم. كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخسلەر، يەككە تىجارەتچىلەر ۋە باشقا ھەر قانداق ئورۇنلارنىڭ ئىسلام دىنىغا دائىر كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ. 10. نۇقتا بويىچە ئىسلام دىنى كىتاب - ژۇرناللىر ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش تەستىقى ئالغان ئورۇنلار كىرگۈزگەن كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرىنى سېتىشتىن بۇرۇن، چوقۇم ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەتلەر، دىن ئىشلىرى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئوقۇشىغا يوللىشى، ئۇلار تەكشۈرۈپ ئوقۇپ قوشۇلغاندىن كېيىن سېتىشى كېرەك. 11. ئىسلام دىنى كىتاب - ژۇرناللىرى ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ئۇنى پارچە ساتسا بولىدۇ، توپ تارقاتسا بولمايدۇ. رەسمىي نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ھېسابلانمايدىغان ئورۇنلار نەشر قىلغان ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قەتئىي مەنئى قلىنىدۇ. رەسمىي نەشرىيات ئورۇنلىرى نەشر قىلغان ئىسلام دىنىغا دائىر كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرى تىجارىتىدە تىجارەت ئورۇنلىرى قەتئىي بەلگىلەنگەن تارقىتىش ئۇسۇلى، دائىرىسى ۋە ئوبيېكتى بويىچە بېجىرىشى لازىم. ھەر قانداق كىتاب - ژۇرنال تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقلىتىپ ئىچكى ماتېرىياللارنى بېسىش ئىجازەتنامىسى بولغان ئىسلام دىنى كىتابلىرىنى سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بۇ خىلدىكى ئىچكى ماتېرىياللارنى پەقەت ئۇنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلات ۋە ئورۇنلار ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئېچىۋېتىلگەن مەسچىتىلەردە تارقىتىدۇ. 12. چەت ئەلدىن قانۇنسىز كىرگەن كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرى، شۇنىڭدەك قانۇنسىز كۆپەيتىپ بېسىلغان، كۆپەيتىپ ئىشلىگەن چەت ئەل كىتاب - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. 13. يۇقىرىقى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئاخبارات - نەشرىيات، مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەر، دىن ئىشلىرى مەمۇرىي تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرۈلگەنلەرنى ئەدلىيە تارماقلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. 1995 - يىل 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار