نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇشتا مەمۇرىي جازانى يولغا قويۇش چارىسى
قانۇنلار
بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 - ماددا بۇ چارە نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇشتىكى مەمۇرىي جازانى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاخبارات - نەشرىيات تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىغا كاپالەتلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى» ۋە «نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى نىزاملارغا خىلاپلىق قىلسا، مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى» ۋە مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىدۇ.
3 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى مەمۇرىي جازانى يولغا قويغاندا تۆۋەندىكى پرىنسپلارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك:
(1) قانۇنىي ئاساسى بولۇش، قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلىشى شەرت، ئۇنداق بولمىسا، مەمۇرىي جازا ئىناۋەتسىز
بولىدۇ؛
(2) پاكىتنى ئاساس قىلىش كېرەك، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ پاكىتى، خاراكتېرى، ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتكە زىيان كەلتۈرۈش دەرىجىسى ئوخشاش بولۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى پاكىتلار ئېنىق بولمىسا، مەمۇرىي جازا بېرىشكە بولمايدۇ؛
(3) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى مەمۇرىي جەھەتتىن جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئېلان قىلىش شەرت، ئېلان قىلىنمىغانلىرىنى مەمۇرى جازا بېرىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ؛
(4) جازالاش بىلەن تەربىيە بېرىشنى بىرلەشتۈرۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك؛
(5) مەمۇرىي جازا قارارىنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئالاقىدارلارنى مەمۇرىي جازا بېرىشتىكى پاكىت، سەۋەب ۋە ئاساسلاردىن خەۋەردار قىلىپ، ئالاقىدارلارنىڭ بايانلىرى، ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرلىرىنى ئاڭلاش كېرەك، ئۇنداق بولمىسام مەمۇرىي جازا قارارىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ.
4 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسى ئىچىدە تۆۋەندىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدىن مەمۇرىي جازا يۈرگۈزىدۇ:
(1) «نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى» دا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار؛
(2) «ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» دا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار؛
(3) «مەتبەئەچلىك باشقۇرۇش نىزامى» دا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلىمىشلار؛
(4) باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزام ۋە قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان قىلمىشلار.
5 - ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى، پىلانى ئايرىم چۈشۈپ بېرىلىدىغان شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى، ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەنگەن ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي باشقۇرۇش فۇنكىسىيىسىنى يۈرگۈزىدىغان مەمۇرىي ئورگاننى كۆرسىتىدۇ.
قانۇن - نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن ئاخبارات - نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش فۇنكىسيىسىگە ئىگە تەشكىلاتلارغا بۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.
ئىككىنچى باب باشقۇرۇش تەۋەلىكى
6 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تۆۋەندىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا مەمۇرىي جازا يۈرگۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ:
(1) پۈتۈن مەملىكەتكە زور تەسر كۆرسەتكەن؛
(2) قانۇن - نىزاملاردا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇش بەلگىلەنگەن؛
(3) ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان باشقا ئىشلار.
7 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تۆۋەندىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدىن مەمۇرىي جازا يۈرگۈزىدۇ:
(1) ئۆز مەمۇرىي رايونىدا تەسىرى زور بولغان؛
(2) چەت ئەللەرگە چېتىلىدىغا؛
(3) قانۇن بويىچە ئۆزى باشقۇرىدىغان باشقا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار.
باشقا يەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدا يۈز بەرگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدىن مەمۇرىي جازا يۈرگۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تۈزگەن يەرلىك نىزام، قائىدىلەردە كونكرېت بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
8 - ماددا مەمۇرىي جازانى ئاساسلىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش يۈز بەرگەن جايدىكى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنى باشقۇرىدۇ. ئىككىدىن ئارتۇق يەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى بىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئۈستىدە ئوخشاش تەۋەلىك ھوقۇقى بولسا، ئۇ باشتا دېلو تۇرغۇزغان ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ،
9 - ماددا يەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدا جازا تەۋەلىكى ئۈستىدە تالاش - تارتىش يۈز بەرسە ياكى تەۋەلىك دائىرىسى ئېنىق بولمىسا، ئۇلارغا ئورتاق بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىغا تەۋەلىك دائىرىسىنى كۆرستىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر يەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشى ياكى مۇۋاپىق بولغان باشقا يەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئورگىنىنىڭ تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ بېرىشى لازىم.
10 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات تارمىقى زۆرۈ تېپىلغاندا تۆۋەن دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان دېلولارنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان دېلولارنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
تۆۋەن دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى ئۆز تەۋەلىكىدىكى مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان دېلولارنى بەك چوڭ، مۇرەككەپ دەپ قاراپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ قارار قىلىشىغا يوللاپ بەرسە بولىدۇ.
11 - ماددا نەشر قىلىش ئورگىنىنىڭ بېرىلىدىغان مەمۇرىي جازا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛ ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى باشقۇرسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ، دەپ قارىسا، شۇ جايدىكى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەۋەلىكىدە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىسە بولىدۇ.
12 - ماددا ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جازاسىنى ئىجازەتنامە تارقاتقان ئورگان بەلگىلەيدۇ.
13 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن دەپ قارىسا، دېلونى جەزمەن ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
14 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئەسەر ھوقۇقىغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئۈچىنچى باب دېلو تۇرغۇزۇش
15 - ماددا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى» بويىچە مەمۇرىي جازا توغرىسىدىكى قارارىنى نەق مەيداننىڭ ئۆزىدىلا چىقارغىلى بولىدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشىلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىقىنى سەزسە، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
16 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق يۈرگۈزۈشى، پۇقرارلار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ نەشرىياتچىلىققا دائىر قانۇن، نىزام ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك، تەكشۈرۈش داۋامىدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار سېزىلسە، ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى ۋاقتىدا دېلو تۇرغۇزۇشى كېرەك.
ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى قانۇننى ئىجرا قىلىش بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، قانۇننى ئىجرا قىلىش بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى ئىككىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ھەمدە جاۋابكار ياكى ئالاقىدار خادىملارغا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى لازىم.
17 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، مەنئى قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ياكى قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنىڭ بېسىلىۋاتقانلىقى، كۆپەيتىپ ئىشلىنىۋاتقانلىقى، توپ ۋە پارچە سېتىلىۋاتقانلىقى، ئىجارىگە بېرىلىۋاتقانلىقىنى سەزسە ۋە ئەھۋال جىددىي بولۇپ دېلو تۇرغۇزۇشقا ئۈلگۈرەلمىسە، قانۇن ئىجرا قىلىغۇچى خادىملار تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:
(1) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى توسۇش ياكى تۈزىتىش؛
(2) مەنئى قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرى ياكى قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى، قانۇنغا خىلاپ قىلىمىش بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمان، ئۈسكۈنىلەرنى قانۇن بويىچە پېچەتلەش ياكى تۇتۇپ قېلىش؛
(3) ئالاقىدار ئىسپاتلار توپلاش، ئەكەلدۈرۈش.
18 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگانلىرى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدىن قىلغان ئەرز - شىكايەتلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئەرز قىلىنغان، پاش قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار تەكشۈرۈلۈپ ئاساسەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ چىقسا، ۋاقتىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك. دېلو تۇرغۇزۇلمايدىغانلىرى بولسا، ۋاقتىدا ئەرز قىلىغۇچى ۋە پاش قىلغۇچىلارنى خەۋەردار قىلىش لازىم.
19 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى باشقا مەمۇرىي ئورگانلار ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى كۆرسەتكەن ياكى بېجىرىشنى تاپشۇرغان، جاۋابكارلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق بايقالغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدە ۋاقتىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك.
20 - ماددا مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان دېلولارنى كونكرېت تۇرغۇزۇش خىزمىتىگە ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئالاقىدار فۇنكىسىيىلىك تارماقلىرى مەسئۇل بولىدۇ،
دېلو تۇرغۇزۇشتا نەشرىياتچىلىقىنى باشقۇرۇش بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان دېلولارنى تۇرغۇزۇشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەدۋىلى تۈزۈپ، ئۆز ئورنىنىڭ مەسئولىنى تەكشۈرۈپ، دېلو تۇرغۇزۇش ياكى تۇرغۇزماسلىقنى قارار قىلىشىغا يوللاپ بېرىشى كېرەك.
دېلو تۇرغۇزۇش ئىشنى دېلو سېزىلگەن ياكى قوبۇل قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەت يەتتە كۈن ئىچىدە تاماملاش كېرەك. ئەھۋال جىددىي بولۇپ دېلو تۇرغۇزۇشقا ئۈلگۈرەلمىسە، تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئالغان ياكى قانۇن بويىچە ئالاقىدار مەمۇرىي تەدبىرنى قوللانغاندىن كېيىن ۋاقتىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك.
تۆتىنچى باب تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىش
21 - ماددا مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان دېلولار تۇرغۇزۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىشى كېرەك.
تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىشتا ئومۈميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش، ئىشەنچىلىك دەلىل - ئىسپاتلارنى توپلاپ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا دائىر پاكىتلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىش كېرەك.
22 - ماددا تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىشقا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىنىڭ دېلو تۇرغۇزغان فۇنكىسىيلىك تارماقلىرى ياكى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىغا قاراشلىق تەكشۈرۈش تارماقلىرى مەسئۇل بولىدۇ.
تەكشۈرۈش دەلىل - ئىسپات ئالغاندا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئىككىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ھەمدە ئۇلار جاۋابكار ياكى ئالاقىدار خادىملارغا ئىناۋەتلىك كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى لازىم. قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار بىلەن جاۋابكار ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە پايدا - زىيان مۇناسىۋىتى بولسا، ئۇلار ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك.
23 - ماددا تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىشتا تۆۋەندىكىدەك ۋاستىلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ:
(1) جاۋابكار، گۇۋاھچى، پايدا - زىيان مۇناسىۋىتى بار كىشىلەردىن گەپ سورىسا؛
(2) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا ئالاقىدار بولغان ھۆججەت، ئارخىپ، ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا يازما ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ كۆرسە، كۆپەيتىپ ئىشلىسە؛
(3) قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ نەشر قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرى باشقا قانۇنغا خىلاپ بۇيۇملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرسە؛
(4) دەلىل - ئىسپاتلارنى ئالدى بىلەن تىزىملاپ ساقلاپ قويسا؛
(5) دەلىل - ئىسپاتلارنى ئۆزى باھالىسا ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ باھالاپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلسا؛
(6) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا ئالاقىدار بولغان سورۇن، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرسە.
24 - ماددا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىشتا گەپ سوراش خاتىرىسى، تەكشۈرۈش خاتىرىسى تۇتۇپ، جاۋابكار ياكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇشى ياكى تامغىسىنى باستۇرۇشى لازىم. جاۋابكارلار ئىمزا قويۇشنى ياكى تامغا بېسىشنى رەت قىلسا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئەھۋالنى ئېنىق يېزىپ قويۇشى لازىم.
25 - ماددا ئەۋرىشكە ئېلىپ دەلىل - ئىسپات ئالغاندا، ئالدى بىلەن تىزىملاپ ساقلاپ قويغاندا ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئالاقىدار نەق مەيداندا بولۇشى لازىم، ئالاقىدار نەق مەيدانغا بېرىشنى رەت قىلسا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئالاقىدار خادىملارنى گۇۋاھ بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىشى لازىم. قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار تەكشۈرۈش خاتىرىسىگە ئەھۋالنى ئېنىق يېزىشى ھەمدە گۇۋاھلىق بېرىشكە قاتناشقانلارغا ئىمزاسىنى قويدۇرۇشى ياكى تامغىسىنى باستۇرۇشى لازىم.
26 - ماددا قانۇن ئىجرا قىلىغۇچىلار ئەۋرىشكە ئېلىپ دەلىل - ئىسپات ئالىدىغان، ئالدى بىلەن تىزىملاپ ساقلاپ قويۇلىدىغان بۇيۇملارنى ئىككى نۇسخا قىلىپ تىزىملىشى، بۇيۇمنىڭ ئىسمى، سانى، ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئېنىق يېزىشى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار بىلەن جاۋابكار ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقاندىن كېيىن تىزىملىكنىڭ بىرىنى جاۋابكارغا بېرىشى كېرەك. جاۋابكار ئىمزا قويۇشنى ياكى تامغا بېسىشنى، تىزىملىكنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار تىزىملىككە ئەھۋالنى ئېنىق يېزىش كېرەك.
27 - ماددا دەلىل - ئىسپاتنىڭ يىتۈپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن ئالماق قىيىن بولغان ئەھۋال ئاستىدى، ئالدى بىلەن تىزىملاپ ساقلاپ قويۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، شۇ ئورگاننىڭ مەسئۇلىغا تەستىقلىتىش ھەمدە جاۋابكارغا دەلىل - ئىسپاتلارنى ئالدى بىلەن تىزىملاپ ساقلاپ قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى كۆرستىپ، جاۋابكارلار ياكى ئالاقىدارلارنى دەلىل - ئىسپاتلار ساقلىنىدىغان مەزگىلدە يۆتكىۋەتمەسلىك، بۇزۇۋەتمەسلىككە بۇيرۇشى كېرەك. ئالدى بىلەن تىزىملاپ ساقلاپ قويۇلىدىغان دەلىل - ئىسپاتلارنى ھەقىقەتەن باشقا جايغا يۆتكەپ قويۇش زۆرۈر، دەپ قارىغاندا، مۇۋاپىق ئورۇنغا يۆتكەپ ساقلاشقا بولىدۇ.
ئەھۋال جىددىي بولۇپ يۇقىرىقى تۈرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىش قىيىن بولسا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن چارە - تەدبىر قوللىنىپ، ئىشتىن كېيىن ۋاقتىدا رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ ئۆتۈشى كېرەك.
28 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى ئالدى بىلەن تىزىملاپ ساقلاپ قويىدىغان دەلىل - ئىسپاتلار ئۈستىدە يەتتە كۈن ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك بىر تەرەپ قىلىش قارارلىرىنى چىقىرىپ كېرەك:
(1) تەكشۈرۈشكە ياكى باھالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ياكى باھالىشى كېرەك؛
(2) قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنمايدىغانلىرىنى جاۋابكارغا قايتۇرۇپ بېرشى لازىم؛
(3) قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئالاقىدار ئورگانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
يەتتە كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرلمىسا، ساقلاپ قويۇشنى بىكار قىلىپ، ئالدى بىلەن تىزىملاپ ساقلاپ قويۇلغان دەلىل- ئىسپاتلارنى جاۋابكارغا قايتۇرۇپ بېشى كېرەك.
29 - ماددا قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن باھالاش تارمىقى ۋە باھالاش خادىملىرى باھالايدۇ، مەنئى قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنى باھالايدۇ. باھالاش نەتىجىسىگە ئىككى ئارتۇق باھالىغۇچى ئىمزا قويىدۇ، ئورگان مەسئۇلى تەكشۈرۈپ ئىمزا قويىدۇ ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ باھالاش مەخسۇس تامغىسى بېسىلىدۇ.
باھالاش داۋامىدا مۇرەككەپ، قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسە ۋە باھاشقا توغرا كەلسە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات تارمىقىنىڭ باھالاپ بېرىشىگە يوللاپ بېرىشكە بولىدۇ.
30 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىش قىيىن بولغان ئەھۋالدا، باشقا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرىغا مەلۇم تۈرلەر بويىچە ۋاكالىتەن تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىشىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنى پائال تۈردە بېجىرىشى، تەكشۈرۈپ ئېلىنغان دەلىل - ئىسپات نەتىجىلىرى توغرىسىدا ۋاقتىدا ھاۋالە قىلغۇچى ئورگانغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.
يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى تۇرغۇزۇلۇپ بولغان دېلولار توغرىسىدا تۆۋەن دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىغا تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرسە بولىدۇ.
بەشىنچى باب ئىسپات ئاڭلاش
31 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى ئىشلەپچىقىرىشنى، كەسپىنى توختىتىشقا، كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش، ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە زور مىقداردا جەرىمانە قويۇشتەك مەمۇرىي جازا قارارىنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى، تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىش تارمىقى جاۋابكارلارغا ئىسپات ئاڭلاش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
بۇ ماددىدا ئېيتىلغان «زور مىقداردىكى جەرىمانە قويۇش» جەرىمانە قارارىنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى چىقارغان پۇقرالارغا قويۇلغان 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا قويۇلغان 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە سوممىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ جازا قارارىنى يەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى چىقارغان بولسا، يەرلىك نىزام، قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ، يەرلىك نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلىمە بولمىسا پۇقرالارغا قويۇلغان 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا قويۇلغان 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانىنى كۆرسىتىدۇ.
32 - ماددا جاۋابكار ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلسا، ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە يازما ئىلتىماس قىلىپ، ئىسپات ئاڭلاش تەلىپى ۋە ئاساسىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. جاۋابكارنىڭ يازما ئىلتىماس قىلىشىدا قىيىنچىلىقى بولسا، ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئالغۇچى تارماق ئۇنى يېزىۋالسا ھەمدە جاۋابكارغا ئىمزا قويدۇرسا ياكى تامغا باستۇرۇسا بولىدۇ.
جاۋابكار ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىسپات ئاڭلاشنى ئىلتىماس قىلمىسا، ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلىشتىن ۋاز كەچتى، دەپ قارىلىپ، تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىش تارماقلىرى ئەنگە ئېلىپ قويىدۇ.
33 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى ئورگاندىكى قانۇنچىلىق تارماقلىرى ياكى شۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان فۇنكسىيىلىك تارماقلاردىن بىر نەپەر ئىسپات ئاڭلاش رىياسەتچىسى ۋە بىر نەپەر خاتىرىلىگۈچىنى بېكتىش كېرەك. تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئالغۇچى تارماقلارنىڭ خادىملىرىنىڭ ئىسپات ئاڭلاشقا رىياسەتچىلىك قىلىشىغا ۋە خاتىرىلىگۈچى بولۇشىغا بولمايدۇ.
34 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلسا، ئىسپات ئاڭلاش ئۇقتۇرۇشنامىسى تەييارلاپ چىقىشى ھەمدە ئىسپات ئاڭلاشتىن يەتتە كۈن ئىلگىرى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ۋاقتى، ئورنىنى جاۋابكار ۋە شۇ دېلونى تەكشۈرگۈچىلەرگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
35 - ماددا جاۋابكارلار ئىسپات ئاڭلاشقا ئۆزلىرى قاتناشسىمۇ، 1 - 2 ئادەمنى ۋاكالىتەن ئاڭلاشقا ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ، ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچى ئىسپات ئاڭلاشقا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا ۋە قاتناشسا، ھاۋالىنامىنى تاپشۇرۇشى كېرەك، ھاۋالىنامىگە ھاۋالە قىلىنغان ھوقۇق چېكى ئېنىق يېزىلىشى لازىم.
36 - ماددا جاۋابكارلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋېلىپ سەۋەبسىز ھالدا ۋاقتىدا ئىسپات ئاڭلاشقا قاتناشمىسا، ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلىشتىن ۋاز كەچكەن، دەپ قارىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى سادىر بولسا، ئىسپات ئاڭلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ:
(1)جاۋابكار نورمال سەۋەب بىلەن يىغىنغا كەلمىسە؛
(2) جاۋابكار ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزىنى چەتكە ئېلىش توغرىسىدىكى ئاساس پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان بولۇپ، رىياسەتچىنى يېڭىۋاشتىن بەلگىلەشكە توغرا كەلسە؛
(3) يېڭىۋاشتىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا تېگىشلىك يېڭى مۇھىم پاكىت سېزىلسە؛
(4)ۋاقىتنى ئۇزارتىشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار يۈز بەرسە.
37 - ماددا ئىسپات ئاڭلايدىغان يىغىن ئېچىلىۋاتقاندا، جاۋابكار ئۆزىنى ئاقلاشتىن ۋاز كەچسە ياكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىن چىقىپ كەتسە ئىسپات ئاڭلاش توختىتىلىدۇ ھەمدە ئىسپات ئاڭلاش خاتىرىسىگە خاتىرىلەپ قويۇلىدۇ.
38 - ماددا ئىسپات ئاڭلاشقا رىياسەتچىلىك قىلغۇچى تۆۋەندىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:
(1) ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنىنى بەلگىلەيدۇ؛
(2) ئىسپات ئاڭلاش تەرتىپىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛
(3) ئىسپات ئاڭلاش تەرتىپىنى ساقلايدۇ؛
(4) ئىسپات ئاڭلاشنى توختىتىشنى قارار قىلىدۇ؛
(5) ئىسپات ئاڭلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلىدۇ؛
(6) ئىسپات ئاڭلاش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئورگان رەھبىرىگە يازما دوكلات قىلىدۇ ھەمدە دېلونى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ خاتىرىلىگۈچىسى ئىسپات ئاڭلاش ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلەپ، ئىسپات ئاڭلاش خاتىرىسى ئىشلەپ چىقىدۇ، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچىنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىدۇ.
39 - ماددا جاۋابكار رىياسەتچى بىلەن خاتىرىلىگۈچىنى بۇ دېلو بىلەن پايدا - زىيان مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىسا، ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. خاتىرىلىگۈچىنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى رىياسەتچى بەلگىلەيدۇ؛ رىياسەتچىنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى ئۇ خىزمەت قىلىدىغان تارماقنىڭ مەسئۇلى بەلگىلەيدۇ.
40 - ماددا ئىسپات ئاڭلاش تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك:
(1) ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى باشلىنىدۇ، رىياسەتچى، خاتىرىلىگۈچى تونۇشتۇرۇلىدۇ، ئىسپات ئاڭلاش ئىنتىزامى ئېلان قىلىنىدۇ؛
(2) جاۋابكارغا ئىسپات ئاڭلاش داۋامىدىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى ئۇقتۇرۇلىدۇ، ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقى سورىلىدۇ؛
(3) ئىسپات ئاڭلاشقا قاتناشقان جاۋابكارلار ۋە ۋاكالەتچىلەر، دېلونى تەكشۈرۈگۈچىلەرگە دېلو بىلەن بىۋاسىتە پايدا - زىيان مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر، گۇۋاھچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى تەكشۈرۈلىدۇ؛
(4) دېلونى تەكشۈرگۈچىلەر دېلوغا دائىر پاكىت، دەلىل - ئىسپات، قوللىنىدىغان قانۇن، نىزام ياكى قائىدە، شۇنىڭدەك مەمۇرىي جازا قارارىنى چىقىرىشتىكى ئاساسلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ؛
(5) جاۋابكار ياكى ۋاكالەتچىلەر، دېلونى تەكشۈرگۈچىلەر، گۇۋاھچىلار ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملاردىن گەپ سورىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللىرىنى چىقىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛
(6) جاۋابكارلار بىلەن ۋاكالەتچىلەر پاكىت ۋە قانۇن جەھەتتىن ئۆزىنى ئاقلايدۇ ھەمدە دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنى يۈزلەشتۈرىدۇ؛
(7) جاۋابكارلار ياكى باشقا ۋاكالەتچىلەر بىلەن دېلو تەكشۈرگۈچىلەر دېلوغا دائىر ۋە قانۇن مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىدۇ؛
(8) جاۋابكارلار بىلەن باشقا ۋاكالىتەن ئەڭ ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلىدۇ؛
(9) ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.
41 - ماددا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاياغلاشقاندا، جاۋابكار ياكى باشقا ۋاكالەتچىلەر ئۆزىنى ئاقلاش ماتېرىياللىرى ۋە ئالاقىدار دەلىل - ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
42 - ئىسپات ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئىسپات ئاڭلاش خاتىرىسىنى ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ تەكشۈرشىگە بېرىش كېرەك، خاتالىق يوق دەپ قارالغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ خادىملىرى ئىسپات ئاڭلاش خاتىرىسىگە ئىمزا قويىدۇ.
ئىككى تەرەپ خادىملىرى ئىمزا قويۇشنى رەت قىلسا، خاتىرىلىگۈچى ئۇنى خاتىرىسىگە ئېنىق يېزىپ قويىدۇ.
43 - ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچى ئىسپات ئاڭلاپ ئېنىق بېكىتىلگەن پاكىت، دەلىل - ئىسپاتلاغا ئاساسەن، مۇشۇ چارىنىڭ 45 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر ۋە ئاساسلار ئۈستىدە قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئورگان مەسئۇلىغا ئۆز پىكرىنى بېرىدۇ.
ئالتىنچى باب قارار چىقىرىش
44 - ماددا تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇنسىز قىلمىشنىڭ پاكتىلىرى ئېنىق، دەلىل - ئىسپاتلىرى تولۇق بولۇپ چىقسا، تەكشۈرگۈچىلەر نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىش توغرىسىدىكى پاكىت، سەۋەب، قانۇنىي ئاساس، جازالاش توغرىسىدىكى پىكرى ۋە دېلو تۇرۇغۇزۇش، تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىش ئەھۋالىنى ئېنىق يازىدۇ.
تەكشۈرگۈچىلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى» نىڭ 31 -، 32 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، جاۋابكارلارنىڭ بايانى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك.
تەكشۈرگۈچىلەر نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە جاۋابكارلارنى بايان، ئۆزىنى ئاقلاش ماتېرىيالى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەدىۋىلى ۋ باشقا ئالاقىدار دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئۆز تارمىقى مەسئۇلىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن شۇ ئورگاندىكى قانۇنچىلىق خىزمىتى تارمىقىنىڭ قايتا قاراپ چىقشىغا بېرىشى كېرەك.
45 - ماددا قانۇنچىلىق تارمىقى نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىش توغرىسىدىكى پىكىر قاتارلىق يازما ماتېرىياللارنى تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە قايتا قاراپ چىقىپ، ئىمزا قويغاندىن كېيىن شۇ ئورگان مەسئۇلىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ:
(1) پاكىتلارنىڭ ئېنىق بېكىتىلگەن - بېكىتىلمىگەنلىكى؛
(2) تەتبىقلانغان قانۇنلارنىڭ توغرا بولغان - بولمىغانلىقى؛
(3) جازالاش توغرىسىدىكى پىكىرنىڭ قانۇنلۇق ۋە مۇۋاپىق بولغان - بولمىغانلىقى؛
(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقى؛
(5) باشقا ئالاقىدار ئىشلار.
46 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مەسئۇلى يوللانغان نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە پىكرى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىدەك قارلارنى چىقىرىدۇ:
(1) ھەقىقەتەن مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر بولغان بولسا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىڭلىكىگە ۋە كونكرېت ئەھۋاللارغا ئاساسەن، مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىدۇ؛
(2) قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى بولمىسا ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى يەڭگىل بولۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولمىسا، مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدۇ؛
(3) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن، دەپ قارالسا، ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ؛
(4) تىجارەت كىنىشكىسىنى ياكى باشقا ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك، دەپ قارالسا، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى ياكى ج خ ئورگىنىغا تەكلىپ بېرىلىدۇ؛
(5) جاۋابكارغا ياكى جازالانغۇچى ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا مەمۇرىي جازا بېرىش كېرەك، دەپ قارالسا، ئۇلار تۇرۇشلۇق جايدىكى ئورۇن ئۇلارغا مەسئۇل تارماققا تەكلىپ بېرىلىدۇ.
ئىسپات ئاڭلانغان ۋە باشقا چوڭراق بولغان مەمۇرىي جازالارنى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ.
47 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى مەمۇرىي جازا بېرىشنى قارار قىلسا، نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە قارار چىقىرىش، ئۇنىڭغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرى جازا قانۇنى» نىڭ 39 - ماددىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ «جەرىمانە قارارىنى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە ئېلىشنى ئايرىۋېتىش چارىسى» نىڭ 7 - ماددىسىداد بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك.
ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى مەمۇرىي جازا بەرمەسلىكنى قارار قىلسا، مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تەييارلاپ، مەمۇرىي جازا بەرمەسلىك سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش ھەمدە جاۋابكارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.
ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلغان دېلولاردا، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەكلىپ قىلىش پىكرى يېزىپ، ئالاقىدار ماتېرىياللار ۋە دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن ۋاقتىدا تەۋەلىك ھوقۇق بولغان ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.
ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى ياكى ج خ ئورگىنىغا جاۋابكارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ياكى باشقا ئىجازەتنامىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەندە، تىجارەت كىنىشكىسى ياكى باشقا ئىجازەتنامىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەكلىپ قىلىش پىكرى تەييارلىشى كېرەك.
ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنى جاۋابكارغا ياكى باشقا ئالاقىدار خادىملارغا مەمۇرىي جازا بېرىشنى تەكلىپ قىلغاندا، مەمۇرىي جازا بېرىشنى تەكلىپ قىلىش پىكر تەييارلاپ، جاۋابكار ياكى ياخشى خادىملار تۇرۇشلۇق جايدىكى ئورۇنغا ياكى ئۇلارغا مەسئۇل ئورگانغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
بۇ ماددىنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدە كۆرسىتىلگەن قانۇنىي يازمىلارنى تەكشۈرۈش تارماقلىرى تەييارلايدۇ ھەمدە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
48 - ماددا بىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى باشقا مەمۇرىي ئورگانلار جەرىمانە قويۇپ جازالىغان بولسا، ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ يەنە جەرىمانە قۇيۇشىغا بولمايدۇ، لېكىن يەنىلا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازالارنى بەرسە بولىدۇ.
49 - ماددا كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپىگە سېلىش مەمۇرىي جازاسى بەرگەندە، كەسپىنى توختىتىش مۆھلىتى ۋە تەرتىپكە سېلىنىدىغان ئىشلارنى ئېنىق بەلگىلەش كېرەك.
50 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئۈستىدىن چىقىرىدىغان جازا قارارىنى دېلو تۇرغۇزغان كۈندىن ئېتىبارەن ئىككى ئاي ئىچىدە چىقىرىپ بولۇشى لازىم؛ دېلو چوڭ، مۇرەككەپ بولسا، شۇ ئورگان مەسئۇللىرى قارار قىلىپ ئۇزارتسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتقان ۋاقىت ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئىككى ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىلغان ۋاقىت مەمۇرىي جازا قارارىدىكى ۋاقىت بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
يەتتىنچى باب ئىجرا قىلىش
51 - ماددا مەمۇرىي جازا قارارى ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە جاۋابكارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك؛ جاۋابكار نەق مەيداندا بولمىسا، ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنى مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىپ يەتتە كۈن ئىچىدە ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مەمۇرىي جازا قارارىنى جاۋابكارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
52 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى چىقارغان مەمۇرىي جازا قارارىنى ئالاقىدار دائىرە ئىچىدە ئېلان قىلىشقا ياكى گېزىت، ژۇرنال قاتارلىق ۋاسىتىلەردە ئېلان قىلىشقا بولىدۇ.
53 - ماددا جەرىمانە ئېلىش گوۋۇيۈەننىڭ «جەرىمانە قارارىنى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە ئېلىشنى ئايرىۋېتىش چارىسى» بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
54 - ماددا مۇسادىرە قىلىنغان، كېرەكسىز قىلىۋېتىشكە تېگىشلىك بولغان نەشر بۇيۇملىرى قەغەزدىن ئىشلەنگەن بولسا، ئۇنى قەغەز بوتقىسى قىلىۋېتىش كېرەك، باشقا نەشر بۇيۇملىرىنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن كۆيۈرۈۋېتىش لازىم. ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنى نەشر بۇيۇملىرىنى كېرەكسىز قىلىۋېتىش ئىشىغا مەخسۇس ئادەمنى بەلگىلەپ، كېرەكسىز قىلىۋېتىش جەريانىغا نازارەتچىلىك قىلىشقا، كېرەكسىز قىلۋېتىش نەتىجسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل قىلىپ، كېرەكسىز قىلىۋېتىشكە تېگىشلىك نەشر بۇيۇملىرىنىڭ يىتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى لازىم.
مۇسادىرە قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى كېرەكسىز قىلىۋېتىش ھاجەتسىز بولسا، ئاخبارات - نەشرىيا مەمۇرىي تارمىقى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمقىغا بىر قىلىش ئۇسۇلىنى بەلگىلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
55 - ماددا مۇسادىرە قىلىنغان، قانۇنسىز نەشر قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئىشلەتكەن ئاساسلىق مەخسۇس سايمانلار ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
56 - ماددا كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش مەمۇرىي جازاسى بەرگەندە، ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنى جاۋابكارلانىڭ كەسپىنى توختىتىش مەزگىلدىكى تەرتىپكە سېلىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىشى ھەمدە كەسپىنى توختىتىش مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى، تەرتىپكە سېلىشتا، تەلەپكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى جاۋابكارلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، كەسپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
57 - ماددا بىر دەرىجە يۇقىرى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى چىقارغان مەمۇرىي جازا قارارىدا بىر دەرىجە تۆۋەن دەرىجلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشى كۆرسىتىلسە بولىدۇ.
58 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى مەمۇرىي جازانى يولغا قويغاندا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەتسە بولىدۇ:
(1) تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا قۇرۇلغان نەشر قىلىش، بېسىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، تارقىتىش ئورۇنلىرىنى ئېلان چىقىرىپ ئەمەلدىن قالدۇرسا؛
(2) نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، بېسىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، تارقىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇسا؛
(3) جاۋابكارلارنى قانۇنسىز قىلىمىشلىرىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇسا.
59 - ماددا جاۋابكارلار مۇددەت توشقۇچە مەمۇرىي جازا قارارىنى ئىجرا قىلمىسا، ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن تەدبىرلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.
ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي جازا قارارىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئىلتىماسنى جاۋابكار ئەرز قىلىدىغان مۇددەت توشقان كۈندىن ئېتىبارەن ئۈچ ئاي ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
60 - ماددا جاۋابكارلار مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلغان مەزگىلىدە، مەمۇرىي جازا قارارىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، قانۇن - نىزاملاردا باشقا بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
61 - ماددا نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدىغان دېلولار ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، تەكشۈرۈگۈچىلەر دېلوغا دائىر ماتېرىياللارنى توپلام قىلىپ ئاخىپقا سېلىپ قويۇشى لازىم.
ئىككىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ
62 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى مەمۇرىي جازا بويىچە ستاتستىكا قىلىش تۈزۈمى ۋە زور مەمۇرىي جازالارنى ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ھەر يېرىم يىلدا ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىغا جازا ستاتسىتىكا دوكلاتلىرىنى يوللاپ تۇرۇشى، زور مەمۇرىي جازالارنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.
63 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىنىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتى تارماقلىرى ئۆز ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي جازانى يولغا قويۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىشىغا، مۇشۇ قارارنىڭ 62 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى بېجىرىشكە مەسئۇل بولىدۇ.
64 - ماددا ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق بويىچە مەمۇرىي جازا ئىجرا قلىش كىنىشكىسىنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى بىر تۇتاش ئىشلەپ چىقىدۇ، كونكرېت چارە ئايرىم تۈزۈپ چىقىلىدۇ.
ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق بويىچە مەمۇرىي جازا ئىجرا قىلىش كىنىشكىسى تارقىتىلىشتىن ئىلگىرى، يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تارقاتقان قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسى ياكى باشقا كۈچكە ئىگە كىنىشلار ئىشلىتىلىدۇ.
65 - ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى «نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش نىزامى»غا خىلاپلىق قىلىپ تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا نەشر قىلغان نەشر بۇيۇملىرى، نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ياكى گېزىت، ژۇرناللارنىڭ نامىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئوغرىلاپ نەشر قىلغان نەشر بۇيۇملىرى، ئۆز ئالدىغا باسقان ياكى كۆپەيتىپ ئىشلىگەن چېگرا سىرتىدىن كىرگەن نەشر بۇيۇملىرى، قانۇنسىز ئىمپورت قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ چارىدە ئېيتىلغان مەنئى قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرى مەزمۇنى «نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش نىزامى» نىڭ 25 -، 26 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولغان نەشر بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ.
66 - ماددا بۇ چارە 1988 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.