UyghurWiki›قانۇن نىزاملار›كىتاب -ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىدا زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش چارىسى
كىتاب -ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىدا زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش چارىسى
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى، 1997 - يىلى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاخبارات - نەشرىيات، كىتاب (1997) 860 - نومۇرلۇق
1 - ماددا بۇ چارە <ئاخبارات - نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش نىزامى> نىڭ 19 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كىتاب، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىدا زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا ئەنگە ئالدۇرۇش دائىرىسىگە كىرىدىغان زور تېمىلارنى نەشر قىلىشتىن بۇرۇن، كىتاب، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىدىغان ئورۇن مۇشۇ چارە بويىچە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئەنگە ئالدۇرۇلمىغانلىرىنى نەشر قىلىش، تارقىتىشقا بولمايدۇ.
3 - ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان زور تېما دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان، دۆلەتنىڭ سىياسى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ، ھەربىي ئىشلىرىغا بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسىتىدىغان تېمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كونكرېت تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ھۆججەت، ماتېرىياللىرىغا ئالاقىدار تېمىلار؛
(2) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبەرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى، ماقالىلىرى ۋە باشقا تۇرمۇش، خىزمەت ئەھۋالىغا ئالاقىدار تېمىلار؛
(3) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان تېمىلار؛
(4) ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى مەركەزلىك تونۇشتۇرىدىغان تېمىلار؛
(5) مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە دىن مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان تېمىلار؛
(6) دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيىمىزنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ئۇرۇش، جەڭ تۇرمۇشىغا ۋە مۇھىم شەخسلەرگە چېتىلىدىغان تېمىلار؛
(7) <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> غا چېتىلىدىغان تېمىلار؛
(8) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى تارىخىدىكى چوڭ - چوڭ تارىخىي ۋەقەلەر ۋە مۇھىم تارىخىي شەخسلەرگە چېتىلىدىغان تېمىلار؛
(9) گومىنداڭ يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىگە ۋە باشقا يۇقىرى قاتلامدىكى بىرلىكسەپ ئوبيېكتلىرىغا چېتىلىدىغان تېمىلار؛
(10) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، شەرقىي ياۋروپا، شۇنىڭدەك باشقا قېرىنداش پارتىيە ۋە دۆلەتلەرنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا ھەم مۇھىم رەھبەرلىرىگە چېتىلىدىغان تېمىلار؛
(11) جۇڭگو دۆلەت چېگرىسىغا چېتىلىدىغان ھەرخىل خەرىتىلەر؛
(12) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە ئاۋمىن، تەيۋەن رايونلىرىغا چېتىلىدىغان كىتابلارنىڭ تېمىسى؛
(13) ھازىرقى زامان خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى كلاسىك ئەسەلەر (5 مىليون خەتلىك ۋە 5 مىليون خەتتىن كۆپ بولغان تۈرلەر)؛
(14) سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن كارتون ئوقۇشلۇقلىرىغا دائىر تېمىلار؛
(15) ئورۇنلارنىڭ نامى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى قاتارلىقلار مەزمۇن قىلىنغان ھەرخىل <تەزكىرە> لەر.
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور تېمىلارنىڭ دائىرىسىنى ئەھۋالغا قاراپ ۋاقتىدا تەڭشەپ تۇرىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.
4 - ماددا نەشر ئورۇنلىرى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرغاندا، ئەنگە ئالدۇرۇش جەدۋىلى تولدۇرۇشى ۋە تۆۋەندىكىدەك ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
(1) ئەنگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى؛
(2) تېما، كىتاب ئورىگىنالى، ماقالە، رەسىم ياكى ئەۋرىشكە دىسكا، ئەۋرىشكە لېنتا؛
(3) نەشرىياتقا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق ياكى نەشرىيات تۇرۇشلۇق جايدىكى پارتكوم تەشۋىقات تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈش پىكىرى.
يۇقىرىدىكى تارماقتا ئېيتىلغان ئەنگە ئالدۇرۇش ماتېرىياللىرى تولۇق بولمىسا قوبۇل قىلىنمايدۇ.
بۇ ماددىدا ئېيتىلغان نەشرىياتلارغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ:
(1) مەركەزدىكى ھەر قايسى تارماقلارنىڭ نەشرىياتلىرىغا مەسئۇل تارماق ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىك، كومىتېتلىرى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار؛
(2) ئارمىيە سىستېمىسىنىڭ نەشر قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇل تارمىقى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسى بۆلۈمىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى؛
(3) يەرلىككە تەۋە نەشر ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇل تارمىقى نەشرىيات تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ياكى ئۈن - سىن بۇيۇمى نەشر قىلىشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق.
5 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئەنگە ئېلىشنى قارار قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئەنگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىغا جاۋاب بېرىدۇ ياكى ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، مۇددەت ئۆتۈپ كەتكۈچە جاۋاب بەرمىسە ياكى پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، ئەنگە ئالدۇرۇش ئۆزلۈكىدىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
6 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئەنگە ئېلىنىدىغان زور تېمىلارنى تەكشۈرىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاقىدار تارماقلارنى تەكشۈرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ.
7 - ماددا نەشر ئورۇنلىرى بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، زور تېمىلار قاتارىغا كىرىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى ئەنگە ئالدۇرماي نەشر قىلسا، ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ياكى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى نەشر ئورنىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك تارماققا نەشر ئورنىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىگە مەمۇرىي جازا بېرىشنى بۇيرۇيدۇ، ئۇ نەشر بۇيۇمىنى نەشر قىلىش، تارقىتىشنى توختىتىدۇ ھەمدە نەشر ئورنىنى مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەشكە بۇيرۇيدۇ، <نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى> غا خىلاپلىق قىلغۇچىغا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.
8 - ماددا <نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى> نىڭ روھى ۋە ژۇرنال نەشر قىلىشتا ساقلانغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن، بۇ چارە ژۇرناللارغا چېتىلىدىغان زور تېمىلارغا تەتبىقلىنىدۇ.
9 - ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.