UyghurWiki›قانۇن نىزاملار›ئورۇندىغۇچىلار، ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئىشلىگۈچىلەر ۋە رادىئو تەشكىلاتلىرىنى قوغداش خەلقئارالىق ئەھدىنامىسى
ئورۇندىغۇچىلار، ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئىشلىگۈچىلەر ۋە رادىئو تەشكىلاتلىرىنى قوغداش خەلقئارالىق ئەھدىنامىسى
قانۇنلار
(1961 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى رىمدا ئىمزالانغان)
ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەر ئورۇندىغۇچىلار، ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئىشلىگۈچىلەر ۋە رادىئو تەشكىلاتلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئارزۇسىدا تۆۋەندىكى كېلىشمنى ھاسىل قىلدى.
1 - ماددا بۇ ئەھدىنامە ئۆزگەرتىلمەيدىغان ھەم ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىگە ھەرگىز تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدىكى ئىمزالارغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى لازىم.
2 - ماددا بىرىنچى، بۇ ئەھدىنامىدە ئېيتىلغان خەلق بەھرىمەن بولىدىغان مۇئامىلە قوغداشنى تەلەپ قىلغان ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قانۇنى تۆۋەندىكى مۇئامىلىلەردىن بەھرىمەن قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
(ئا) نومۇرلىرى شۇ دۆلەت ئىچىدە ئورۇندالغان، رادىئودا ئاڭلىتىلغان ياكى تۇنجى قېتىم لېنتىغا ئېلىنغان، ئۆزى شۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغان ئورۇندالغۇچىلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلە؛
(ب) ئۈنئالغۇ بۇيۇمى شۇ دۆلەتتە تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان، شۇ دۆلەت پۇقراسى بولغان ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئىشلىگۈچىلەرگە مۇئامىلە؛
(ب) رادىئو نومۇرلىرى شۇ دۆلەت زېمىنىدا تەسىس قىلىنغان تارقىتىش ئىستانىسىدىن تارقىتىلغان، باش شتابى شۇ دۆلەت چېگرىسى ئىچىدە تارقىتىلغان، باش شتابى شۇ دۆلەت چېگرىسى ئىچىدە بولغان رادىئو تەشكىلاتلىرىغا قىلىندىغان مۇئامىلە.
ئىككىنچى، خەلق مۇئامىلىسى مۇشۇ ئەھدىنامىدە كونكرېت بېرىلگەن قوغداش ۋە كونكرېت بەلگىلەنگەن چەكلىمىگە بويسۇنۇشى كېرەك.
3 - ماددا بۇ ئەھدىنامىدە
(ئا) <ئورۇندىغۇچى> ئارتىس، ناخشىچى، مۇزىكانت، ئۇسسۇلچى، ۋە ئەدەبىيات ياكى سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئورۇندىغان، ئېيتقان، نۇتۇق قىلىپ سۆزلىگەن، دېكلاماتسىيە قىلغان، چالغان ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن ئورۇندىغان باشقا خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.
(ب) <ئۈن بۇيۇمى> ھەرقانداق ئورۇندالغان ئاۋاز ۋە باشقا ئاۋازلارنى مەخسۇس ئۈنئالغۇغا ئېلشنى كۆرسىتىدۇ؛
(پ) <ئۈن بۇيۇملىرىنى ئىشلىگۈچى> ئېلان قىلغان ئاۋازنى ياكى باشقا ئاۋازنى تۇنجى قېتىم ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئالغان تەبىئىي شەخس ياكى قانۇنىي ئىگىنى كۆرسىتىدۇ.
(ت) <تارقىتىش> جامائەتنى مەلۇم ناخشا پلاستىنكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن مۇۋاپىق ساندا تەمىن ئەتكۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
(ج) <كۆپەيتىپ ئىشلەش> مەلۇم بىر ياكى كۆپ خىل ئۈن - سىن بۇيۇمىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىشلەپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ.
(چ) <رادىئو> جامائەت قوبۇل قىلىدىغان ئاۋاز ياكى سۈرەت ۋە ئاۋازنىڭ سىمسىز تارقىتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
(خ)<ئۇلاپ تارقىتىش> بىر رادىئو تەشكىلاتىنىڭ رادىئو نومۇرلىرىنى يەنە بىر رادىئو تەشكىلاتىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئاڭلىتىشىنى كۆرسىتىدۇ.
4 - ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسىلا، ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەر ئورۇندىغۇچىلارنى پۇقرالىق مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك:
(ئا) ئورۇنداش ئەھدىنامە تۈزگۈچى باشقا بىر دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان بولسا؛
(ب) ئورۇندالغان نومۇر مۇشۇ ئەھدىنامىنىڭ 5 - ماددىسىدا قوغدىلىدىغان ئۈنئالغۇ بۇيۇمىغا ئېلىنغان بولسا؛
(پ) ئورۇندالغان نومۇر ئۈنئالغۇ بۇيۇمى قىلىپ ئىشلەنمىگەن، لېكىن مۇشۇ ئەھدىنامىنىڭ 6 - ماددىسىدا قوغدىلىدىغان رادىئو پروگراممىلىرىدا ئاڭلىتىغان بولسا.
5 - ماددا بىرىنچى، تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەر ئۈنئالغۇ بۇيۇملىرىنى ئىشلىگۈچىلەرنى خەلق مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك:
(ئا) ئۈنئالغۇ بۇيۇمىنى ئىشلگۈچى ئەھدىنامە تۈزگۈچى باشقا بىر دۆلەتنىڭ خەلقى بولسا (خەلق ئۆلچىمى)؛
(ب) تۇنجى قېتىم ئەھدىنامە تۈزگۈچى باشقا بىر دۆلەتتە لېنتىغا ئېلىنغان بولسا(لېنتىغا ئېلىش ئۆلچىمى)؛
(پ) ئۈنئالغۇ بۇيۇمى ئەھدىنامە تۈزگۈچى باشقا بىر دۆلەتتە تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان بولسا(تارقىتىش ئۆلچىمى).
ئىككىنچى، ئەگەر مەلۇم بىر خىل ئۈنئالغۇ بۇيۇمى بىر ئەھدىنامە تۈزمىگەن دۆلەتتە تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان، لېكىن تۇنجى قېتىم تارقىتىلغاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە ئەھدىنامە تۈزگەن مەلۇم بىر دۆلەتتە تارقىتىلسا (بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلسا)، بۇ ئۈنئالغۇ بۇيۇمىنى مۇشۇ ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەتتە تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان، دەپ ھېسابلاش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئەھدىنامە تۈزگۈچى ھەر قانداق دۆلەت ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا ئۇقتۇرۇش سۇنۇش چارىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تارقىتىش ئۆلچىمى ياكى لېنتىغا ئېلىش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە بولىدۇ. بۇنداق ئۇقتۇرۇشنى مۇشۇ ئەھدىنامىگە قاتناشقانلىقى تەستىقلانغان، ئەھدىنامىگە قوبۇل قىلىنغان ياكى ئەھدىنامىگە قاتناشقان ۋاقىتتا سۇنۇشقىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قانداق ۋاقىتتا سۇنۇشقىمۇ بولىدۇ، كېيىنكى ئەھۋالدا، ئۇقتۇرش سۇنۇلۇپ ئاليە ئايدىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك.
6 - ماددا بىرىنچى، ئىككى تۈرلۈك شەرتنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەر رادىئو تەشكىلاتىنى خەلق مۇئامىلسىدىىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك:
(ئا) شۇ رادىئو تەشكىلاتىنىڭ باش شتابى ئەھدىنامە تۈزگۈچى باشقا بىر دۆلەتتە تەسىس قىلغان بولسا؛
(ب) رادىئو نومۇرلىرى ئەھدىنامە تۈزگۈچى باشقا بىر دۆلەتتە قۇرۇلغان تارقىتىش ئىستانىسىدىن ئاڭلىتىلغان بولسا.
ئىككىنچى، ئەھدىنامە تۈزگۈچى ھەر قانداق دۆلەت ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا ئۇقتۇرۇش شۇنۇش چارىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باش شىتابى ئەھدىنامە تۈزگۈچى باشقا بىر دۆلەتتە قۇرۇلغان ھەمدە ئەھدىنامە تۈزگۈچى شۇ دۆلەتتىكى ئاڭلىتىش ئىستانىسىدىن ئاڭلىتىلغان رادىئو تەشكىلاتلىرىنىڭ رادىئو پروگراممىلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە بولىدۇ. بۇنداق ئۇقتۇرۇشنى ئەھدىنامىگە قوبول قىلىنغان ياكى مۇشۇ ئەھدىنامىگە قاتناشقان ۋاقىتتا سۇنۇشقىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قانداق ۋاقىتتا سۇنۇشقىمۇ بولىدۇ. كېيىنكى ئەھۋالدا، ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇلۇپ ئاليە ئايدىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك.
7 - ماددا بىرىنچى، بۇ ئەھدىنامىدە ئورۇندىغۇچىلار تەمىن ئېتىلدىىغان قوغداش يۈز بېرىش ئېھتىمالىدىن ساقلىنىشقا تېگىشلىك بولغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ئۆز ئىچىگە ئېلىنىشى كېرەك:
(ئا) ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلار ئورۇندىغان نومۇرلار رادىئو ئاڭلىتىلغان ياكى جامائەتكە تارقىتىلغان بولسا، لېكىن ئورۇندالغان شۇ نومۇر رادىئودا ئورۇندالغان ياكى ئۈن - سىن بۇيۇمى قىلىپ ئىشلىگۈچىلەرنىڭ قولىدىن چىقىمغان بولسا؛
(ب)ئورۇندىغۇچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلار لېنتىغا ئالمىغان نومۇرلارنى لېنتىغا ئالغان بولسا؛
(پ) ئورۇندىغۇچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئورۇندىغۇچىلار ئورۇندىغان نومۇرلارنىڭ ئۈن - سىن نۇسخىسىنى كۆپەيتىپ ئىشلىگەن بولسا.
(1) ئەگەر ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئورۇندىغۇچىلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلمەي لېنتىغا ئېلىنغان بولسا؛
(2) كۆپەيتىپ ئىشلەش مەقسىتى ئورۇندىغۇچىلار ماقۇل بولغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتسە؛
(3) ئۈن - سىن بۇيۇمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى 15 - ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن لېنتىغا ئېلىنغان بولۇپ، كۆپەيتىپ ئىشلەش مەقسىتى مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئوخشىمىسا.
ئىككىنچى، (1) ئەگەر رادىئودا ئاڭلىتىشقا ئارتىسلار قوشۇلغان بولۇپ، ئۇلاپ ئاڭلىتىش، ئاڭلىتىش مەقسىتىدە لېنتىغا ئېلىش، شۇنىڭدەك رادىئودا ئاڭلىتىش، كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئۈن - سىن لېنتىلىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەشتىن ساقلىنىشىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەرنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى قانۇنى بەلگىلىشى كېرەك.
(2) رادىئو تەشكىلاتلىرى رادىئودا ئاڭلىتىش، كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئىشلەنگەن ئۈن - سىن لېنتىلىرىنىڭ مۇددىتى ۋە شەرتلىرى ئۇنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەتنىڭ ئىچىكى قانۇنىدا ئېنىق بەلگىلىنىشى كېرەك.
(3) لېكىن بۇ تۈرنىڭ (1) ۋە (2) تۈرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىچكى قانۇنلار ئورۇندىغۇچىلارنى توختام تۈزۈش ئارقىلىق ئۆزلىرى بىلەن رادىئو تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۆنترول قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.
8 - ماددا ئەگەر بىرىنچى ئورۇندىغۇچى بىر خىل ئورۇنداشقا قاتناشقان بولسا، ئەھدىنامە تۈزگەن ھەر قانداق دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنىغا ۋە قائىدە - نىزاملىرىغا ئاساسەن، ئورۇندىغۇچىلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش جەھەتتە ئۆز ۋەكىلىنى ئېنىق بەلگىلەش شەكلىنى ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك.
9 - ماددا ئەھدىنامە تۈزگەن ھەر قانداق دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنى ۋە قائىدە - نىزاملىرىغا ئاساسەن، بۇ ئەھدىنامىدە كۆرسىتلگەن قوغداش دائىرىسىنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئورۇندىغان ئارتىس ئەمەس بولغان كىشلەرگىچە كېڭەيتسە بولىدۇ.
10 - ماددا ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئىشلىگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ناخشا پلاستىنكىلىرىنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا كۆپەيتىپ ئىشلەش ھوقۇقى بېرىشكە ياكى ئۇنداق قىلىشنى چەكلەشكە ھوقۇقلۇق بولۇشى كېرەك.
11 - ماددا ئۈن - سىن بۇيۇملىرىدا، ئەگەر ئەھدىنامە تۈزگەن مەلۇم بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىغا ئاساسەن رەسمىيەت ئۆتەشنى ھەمدە بۇنى ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئىشلىگۈچى ياكى ئورۇندىغۇچى، ياكى ئىككىلىسىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ شەرتى قىلىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنداقتا تارقىتىلغان ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىڭ بارلىق سېتىلىدىغان كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا ياكى ئۇ ئورالغان نەرسىگە بولگە ۋە تۇنجى تارقىتىلغان ۋاقتىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە يېزىپ قويۇلغان بولسا ھەمدە بۇ بەلگىنىڭ شەكلى كىشلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلالىسا، ئۇ رەسمىيەتكە ئۇيغۇن، دەپ قارىلىشى كېرەك؛ ئەگەر كۆپەيتىپ ئىشلەنگەن نۇسخىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئورامىغا ئىشلىگۈچى ياكى قولىدا ئىشلىگۈچىنىڭ ئىجازەتنامىسى بارلارنىڭ نامى (ئىسمى، تاۋار ماركىسى ياكى باشقا مۇۋاپىق بەلگە) بولمىسا، بەلگە يەنە ئىشلىگۈچىلىك ھوقۇقىغا ئىگدارچىلىق قىغلۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؛ بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر كۆپەيتىپ ئىشلەنگەن نۇسخىسى ياكى ئۇنىڭ باشقا ئوراملىرىغا ئورۇندىغۇچى يېزىلمغان بولسا، بەلگىدە يەنە مۇشۇ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئىشلىگۈچى دۆلەتتىكى مۇشۇنداق ئورۇنداش ھوقۇقىغا ئىگە كىشلەرنىڭ ئىسىم - فامىلىسى بولۇشى كېرەك.
12 - ماددا سودا مەقسىتىدە تارقىتىلغان مەلۇم بىر خىل ئۈنئالغۇ لېنتىسى ياكى مۇشۇنداق ئۇنئالغۇ بۇيۇمىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى رادىئو ياكى جامائەتكە تارقىتىلىدىغان ۋاستىلەردە بىۋاستە ئىشلىتىلسە، ئىشلەتكۈچى ئورۇندىغۇچىغا ياكى ئۈنئالغۇ بۇيۇمىنى ئىشلىگۈچىگە، ياكى ئىككىلىسىگە ئومۇمىي ۋە مۇۋاپىق بولغان ھەق بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا كېلىشم بولمىسا، ئىچكى قانۇندا بۇ ھەقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش شەرتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلسا بولىدۇ.
13 - ماددا رادىئو تەشكىلاتلىرى ھوقۇق بېرىشكە ۋە چەكلەشكە ھوقۇقلۇق ئىشلار:
(ئا) ئۆزلىرىنىڭ رادىئو نومۇرلىرىنى ئۇلاپ ئاڭلىتىش؛
(ب) ئۆزلىرىنىڭ رادىئو نومۇرلىرىنى لېنتىغا ئېلىش؛
(پ) كۆپەيتىپ ئىشلەش:
(1) ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلمەي لېنتىغا ئېلىنغان ئۇلارنىڭ رادىئو نومۇرلىرىنىڭ ئۈن - سىن بۇيۇمى؛
(2) 15 - ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن لېنتىغا ئېلىنغان ئۇلارنىڭ رادىئو نومۇرلىرىنىڭ ئۈن ياكى سىن بۇيۇمى، لېكىن كۆپەيتىپ ئىشلەش مەقسىتى مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن مەقسەتكە ئۇيغۇن كەلمىسە؛
(ت) تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى جامائەتكە تارقىتىلسا، ئەگەر بۇنداق تارقىتىش بىلەن يىغىلىدىغان ئاممىۋى سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولسا، بۇنداق ھوقۇقنى يۈرگۈزۈش شەرتلىرى ئەھدىنامە تۈزگەن قوغداش تەلەپ قىلىنغۇچى دۆلەتنىڭ ئىچكى قانۇنىدا ئېنىق بەلگىلىنىدۇ.
14 ـ ماددا بۇ ئەھدىنامىدە ئاتا قىلىنغان قوغداش مۇددىتى ئاز بولغاندىمۇ 20 يىل بولۇشى كېرەك، بۇ مۇنداق ھېسابلىنىدۇ:
(ئا) ئۈنئالغۇ بۇيۇمى ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىنغان نومۇر لېنتىغا ئېلىنغان يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ؛
(ب) تېخى ئۈنئالغۇ بۇيۇمى قىلىپ ئىشلەنمىگەن نومۇرلار ئورۇندالغان يىلنىڭ ئاخىردىن باشلاپ؛
(پ) رادىئو نومۇرلىرى دەسلەپتە رادىئو ئاڭلىتىلغان يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ.
15 - ماددا بىرىنچى، ئەھدىنامە تۈزگەن ھەر قانداق دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنى ۋە قائىدە - نىزاملىرىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا چېتىلىدىغاندا، مۇشۇ ئەھدىنامىدە بەلگىلەنگەن قوغداش تۈرلىرىدىن باشقا بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ؛
(ئا) شەخسلەر ئىشلەتسە؛
(ب) ۋەزىيەت ھەققىدىكى خەۋەرلەردە ئاز مىقداردا ئىشلەتسە؛
(پ) مەلۇم رادىئو تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ رادىئو پروگراممىسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ۋاقىتلىق لېنتىغا ئالسا؛
(ت) ئوقۇتۇش ۋە پەن - تەتقىقاتىدا ئىشلتىش مەقسەت قىلىنغان بولسا.
ئىككىنچى، مۇشۇ ماددىنىڭ بىرىنچى تۈرىدە ئەھدىنامە تۈزگۈچى ھەر قانداق دۆلەت ئورۇندىغۇچىلار، ئۈنئالغۇ بۇيۇمىنى ئىشلەتكۈچىلەر ۋە رادىئو تەشكىلاتلىرىنى قوغداشتا، ئىچكى قانۇن ۋە قائىدە - نىزاملىرىدا ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداشقا ئوخشاش چەكلىمىلەرنى بەلگىلىسە بولىدۇ، دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلمىغان دائىرە ئىچىدىلا مەجبۇرلاش ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىشقا بولىدۇ.
16 ـ ماددا بىرىنچى، مۇشۇ ئەھدىنامىگە ئەزا بولغان ھەر قانداق دۆلەت مۇشۇ ئەھدىنامىدىكى بارلىق مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇشۇ ئەھدىنامىدىكى بارلىق ھوقۇق - مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. لېكىن، ھەر قانداق دۆلەت ھەر قانداق چاغدا ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا سۇندىغان ئۇقتۇرۇشىدا تۆۋەندىكىلەرنى ئېلان قىلىشى كېرەك:
(ئا) 12 - ماددا ھەققىدە:
(1) ئۇ بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلمىسا؛
(2) ئۇ بەزى ئىشلىتىش جەھەتتە بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلمىسا؛
(3) لېنتا ئىشلىگۈچىسى ئەھدىنامە تۈزگەن باشقا بىر دۆلەت پۇقراسى ئەمەس بولغان ئۈنئۈلغۇ بۇيۇملىرىدا، بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلمىسا؛
(4) لېنتا ئىشلىگۈچىسى ئەھدىنامە تۈزگەن باشقا بىر دۆلەت پۇقراسى بولغان ئۈنئالغۇ بۇيۇملىرىدا، ئۇ دۆلەت ئەھدىنامە تۈزگەن بايانات ئېلان قىلغان دۆلەت پۇقراسىغا ئاتا قىلغان تۇنجى قېتىم لېنتىغا ئېلىنغان ئۈنئالغۇ بۇيۇمىنى قوغداش دائىرىسى ۋە مۇددىتىگە ئاساسەن، بۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن قوغداش دائىرىسى ۋە مۇددىتىگە مۇناسىپ چەك قويىدۇ؛ لېكىن ئۈنئالغۇ بۇيۇمىنى ئىشلىگۈچى ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولسا، نەپكە ئېرىشكۈچى ئادەم ياكى گۇرۇھقا بايانات ئېلان قىلغان دۆلەتتەك قوغداش ئاتا قىلغان پاكىتنى قوغداش دائىرىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
(ب) 13 - ماددا توغرىسىدا، ئۇ بۇ ماددىنىڭ (ت) تۈرىنى ئىجرا قىلمىسا، ئەگەر ئەھدىنامە تۈزگەن مەلۇمات دۆلەت مۇشۇنداق بايانات ئېلان قىلسا، ئەھدىنامە تۈزگەن مەلۇم دۆلەت مۇشۇنداق بايانات ئېلان قىلسا، ئەھدىنامە تۈزگەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ باش شتابى ئەھدىنامە تۈزگەن يۇقىرىقى دۆلەتتە تەسىس قىلىنغان رادىئو شىركەتلىرىگە 13 - ماددىنىڭ (ت) تۈرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھوقۇقنى بېرىش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ.
ئىككىنچى، ئەگەر مۇشۇ ماددىنىڭ بىرىنچى تۈرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇقتۇرۇش گۇۋاھنامە تەستىقلانغان، قوبۇل قىلىنغان ياكى گۇۋاھنامە سۇنۇشقا قاتناشقان كۈندىن كېيىن چىقىرىلغان بولسا، ئۇقتۇرش سۇنۇلۇپ ئالتە ئايدىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش كېرەك.
17 - ماددا 1961 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى لېنتىغا ئېلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ئۈنئالغۇ بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە قوغداش ئاتا قىلغان دۆلەتلەر بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلىغان، قوبۇل قىلغان ياكى ئەھدىنامىگە قاتناشقاندا ب د ت باش كاتىپىغا ئۇقتۇرۇش سۇنۇش ئارقىلىق 5 - ماددىدىكى مەقسەت ئۈچۈن لېنتىغا ئېلىش ئۆلچىمىنىلا ئىجرا قىلىدۇ.
16 - ماددا 5 - ماددىنىڭ ئۈچىنچى، 6 - ماددىنىڭ ئىككىنچى، 16 - ماددىنىڭ بىرىنچى تارمىقىغا ۋە 17 - ماددىغا ئاساسەن ئۇقتۇرۇش سۇنغان ھەر قانداق دۆلەت ب د ت باش كاتىپىغا باشقا ئۇقتۇرۇش سۇنۇپ، بىرىنچى قېتىملىق ئۇقتۇرشنىڭ دائىرىسىنى تاريتىسا ياكى ئۇ ئۇقتۇرشنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ.
19 - ماددا بۇ ئەھدىنامىدە قانداق بەلگىلىمە بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئورۇندىغۇچىلار ئۆزلىرى ئورۇندىغان نومۇرلارنى سىن لېنتىسىغا ياكى ئۈن - سىن لېنتىسىغا ئېلىشقا قوشۇلسىلا، 7 - ماددا قايتا ئىشلىتىلمەيدۇ.
20 - ماددا بىرىنچى، بۇ ئەھدىنامىنىڭ ئەھدىنامە تۈزگەن ھەر قانداق دۆلەتنىڭ مۇشۇ ئەھدىنامە شۇ دۆلەتتە كۈچكە ئىگە بولۇشىدىن ئىلگىرى ئېرىشكەن ھوقۇقىغا تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
ئىككىنچى، ئەھدىنامە تۈزگەن ھەر قانداق دۆلەتنىڭ بۇ ئەھدىنامىنىڭ ماددىلىرىنى چوقۇم بۇ ئەھدىنامە شۇ دۆلەتتە كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى ئورۇندالغان ۋە رادىئودا ئاڭلىتىلغان نومۇرلار، شۇنىڭدەك لېنتىغا ئېلىنىپ بولغان ئۈنئالغۇ بۇيۇملىرىغا ئىشلىتىشى ھاجەتسىز.
21 - ماددا بۇ ئەھدىنامىدە بەلگىلەنگەن قوغداشنىڭ ئورۇندىغۇچى، ئۈنئالغۇ بۇيۇمى ئىشلىگۈچى ۋە رادىئو تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئېرىشكەن ھەر قانداق قوغدىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
22 - ماددا ئەھدىنامە تۈزگەن ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز ئارا تۈزۈشكەن ئالاھىدە كېلىشىمدىكى ھوقۇقلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇ كېلىشىمدە ئورۇندىغۇچىلار، ئۈنئالغۇ بۇيۇملىرىنى ئىشلىگۈچىلەر ۋە رادىئو تەشكىلاتلىرىغا بېرىلگەن ھوقۇق تېخىمۇ بولغان ياكى بۇ ئەھدىنامىگە زىت بولمىغان باشقا ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىلا.
23 - ماددا بۇ ئەھدىنامە ب د ت نىڭ كاتىپىغا يوللاپ بېرىلىشى كېرەك. خەلقئارالىق ئورۇندىغۇچىلار، ئۈنئالغۇ بۇيۇملىرىنى ئىشلىگۈچىلەر ۋە رادىئو تەشكىلاتلىرىنى قوغداش دىپلوماتىيە يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان دۇنيا ئەسەر ھوقۇقى ئەھدىنامىسىگە ئەزا بولغان ھەر قانداق دۆلەت ياكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش خەلقئارا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان ھەر قانداق دۆلەت 1961 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن ئىلگىرى بۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويسا بولىدۇ.
24 - ماددا بىرىنچى، بۇ ئەھدىنامىنى ئىمزالىغۇچى دۆلەتلەر تەستىقلىشى ياكى قوبۇل قىلىش كېرەك.
ئىككىنچى، كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن يىغىنغا تەكلىپ قىلنغان ھەر قانداق دۆلەت ۋە ب د ت غا ئەزا بولغان ھەر قانداق دۆلەت دۇنيا ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش ئەھدىنامىسىگە ياكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش خەلقئارا ئىتتىپاقىغا قاتناشقانلار بولسا، بۇ ئەھدىنامىگە قاتناشسا بولىدۇ.
ئۈچىنچى، بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلاش، قوبۇل قىلىش ياكى ئەھدىنامىگە قاتنىشىش ب د ت نىڭ كاتىپىغا ئالاقىدار گۇۋاھنامىلەرنى سۇنغاندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
25 - ماددا بىرىنچى، بۇ ئەھدىنامە 6 - نۇسخا تەستىقلاش، قوبۇل قىلىش ياكى قاتنىشىش گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن شۇ دۆلەتتە كەچكە ئىگە بولۇشى كېرەك.
26 - ماددا بىرىنچى، ئەھدىنامە تۈزگەن ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن زۆرۈر بولغان تەدبىرنى قوللىنىپ بۇ ئەھدىنامىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدە يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئىككىنچى، ھەر قايسى دۆلەتلەر تەستىقلاش، قوبۇل قىلىش ياكى قاتنىشىش گۇۋاھنامىلىرىنى تاپشۇرغاندا، جەزمەن ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى قانۇنىغا ئاساسەن بۇ ئەھدىنامىدىكى بارلىق ماددىلارنى كۈچكە ئىگە قىلالايدىغان ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك.
27 - ماددا بىرىنچى، ھەر قانداق دۆلەت بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلىغان، قوبۇل قىلغان ياكى بۇ ئەھدىنامىگە قاتناشقاندا ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق ۋاقىتتا، ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا يوللىغان ئۇقتۇرشىدا، بۇ ئەھدىنامىنىڭ ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق مۇناسىۋىتىگە مەسئۇل بولىدىغان بارلىق ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر تېررىتورىيگە باب كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى لازىم.
ئىككىنچى، 5 - ماددىنىڭ 3 - تارمىقى، 6 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقى، 16 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقى ۋە 17 -، 18 - ماددىلاردا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ئۇقتۇرۇش بۇ ماددىنىڭ بىرىنچى تۈرىدە كۆرسىتىلگەن بارلىق ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر تېررىتورىيىگە باب كېلىدۇ.
28 - ماددا بىرىنچى، ئەھدىنامە تۈزگۈچى ھەر قانداق دۆلەت ئۆز نامى ياكى ۋەكىلى ئارقىلىق 22 - ماددىدا كۆرسىتىلگەن بارلىق ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر تېررىتورىيىگە بۇ ئەھدىنامىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ.
ئىككىنچى، بۇ ئەھدىنامىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتمەكچى بولسا، ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا ئۇقتۇرۇش سۇنسا، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋېلىنىپ 12 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك.
ئۈچىنچى، بۇ ئەھدىنامىنىڭ ئەھدىنامە تۈزگەن مەلۇم دۆلەتتە كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقتى بەش يىلغا توشسا، ئەھدىنامە تۈزگەن بۇ دۆلەتنىڭ چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
تۆتىنچى، ئەھدىنامە تۈزگۈچى مەلۇم دۆلەت دۇنيا ئەسەر ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنىڭ ئەزاسىمۇ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسىمۇ بولمىسا، ئۇ دۆلەت بۇ ئەھدىنامىنىڭ ئەزاسى بولالمايدۇ.
بەشىنچى، دۇنيا ئەسەر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى ياكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش خەلقئارا ئەھدىنامىسى 27 - ماددىدا كۆرسىتىلگەن تېررىتورىيىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، بۇ ئەھدىنامە شۇ تېررىتورىيىدە قوللىنىلمايدۇ.
29 - ماددا بىرىنچى، بۇ ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولۇپ بەش يىلدىن كېيىن ئەھدىنامە تۈزگەن ھەر قانداق دۆلەت ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، بۇ ئەھدىنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بۇ تەلەپنى ئەھدىنامە تۈزگەن بارلىق دۆلەتلەرگە ئۇقتۇرىدۇ. ئەگەر ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئۇقتۇرش ئەۋەتكەندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەتنىڭ يېرىمىدىن كۆپى بۇ تەلەپكە قوشۇلسا، باش كاتىپ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى، ب د ت نىڭ مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش خەلقئارا ئىتتىپاقى خەلقئارا ئىدارىسىنىڭ مۇدىرىغا ئۇقتۇرش قىلىدۇ، ئۇلار 32 - ماددىدا كۆرسىتىلگەن ھۆكۈمەتلەر كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ ئەھدىنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش يىغىنى ئاچىدۇ.
ئىككىنچى، بۇ ئەھدىنامىنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلگەن ھەر قانداق تۈزىتىش كىرگۈزۈش يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ 3 / 2 قىسمى قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرسە، ئاندىن ماقۇللىنىلىدۇ، لېكىن بۇ كۆپ سانلىق تۈزىتىش يىغىنى ئېچىلغاندا يىغىنغا قاتناشقان ئەھدىنامىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 3 / 2 قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، ھەممىسى ياكى بىر قىسمى تۈزىتىلگەن ئەھدىنامە ماقۇللانغاندىن كېين تۈزىتىلگەن ئەھدىنامە ئىچىدە باشقا بەلگىلىمە بولمىسا، مۇنداق بولىدۇ:
(ئا) تۈزىتىلگەن ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن ئېتىبارەن، بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلاش، قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئىشلىرى توختىتىلىشى لازىم؛
(ب) تۈزىتىلگەن ئەھدىنامىگە تېخى ئەزە بولمىغان ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ياكى مۇشۇ ئەھدىنامە بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە چېتىلسا، بۇ ئەھدىنامە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
30 - ماددا ئەھدىنامە تۈزگەن ئىككى ياكى بىر نەچچە دۆلەتنىڭ چۈشەندۈرۈش ياكى يولغا قويۇشىدا تالاش - تارتىش يۈز بېرىپ سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمىسا، بۇنداق تالاش - تارتىشتا تالاش - تارتىش قىلغۇچى ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خەلقئارانىڭ كېسىم قىلىشىغا سۇنۇش كېرەك، ئەگەر ئۇلار باشقا چارە قوللىنىپ ھەل قىلمىغان بولسىلا.
31 - ماددا 5 - ماددىنىڭ 3 - تارمىقى، 6 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقى، 16 - ماددىنىڭ 1 - تارمىقى ۋە 17 - ماددىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللاردا، بۇ ئەھدىنامىنى ساقلاپ قېلىشقا بولمايدۇ.
32 - ماددا بىرىنچى، بىر ھۆكۈمەتلەر كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
(ئا)بۇ ئەھدىنامىنىڭ قوللىنىلىشى ۋە ئىجراقىلىنىشىغا ئالاقىدار ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىدۇ؛
(ب)بۇ ئەھدىنامىنىڭ تۈزىتىلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئاساسەن تەكلىپ توپلايدۇ ۋە ھۆججەت - ماتېرىيال تەييارلايدۇ.
ئىككىنچى، كومىتېت ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەر ۋەكىللىرىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ، ۋەكىللەرنى تاللاشتا رايونلارنىڭ تەقسىماتىنى ئويلىشىش كېرەك. كومىتېت ئەزالىرىنىڭ سانى ئەگەر ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەت 12 ياكى 12 دىن ئاز بولسا، ئالتە بولىدۇ، ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەت 13 تىن 18 گىچە بولسا، توققۇز بولىدۇ، ئەگەر ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەت 18 دىن ئېشىپ كەتسە، 12 بولىدۇ.
ئۈچىنچى، كومىتېت ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى 12 ئاي ئىچىدە سايلاپ چىقىلىشى، سايلامنى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى، ب د ت مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش خەلقئارا ئىتتىپاقى خەلقئارا ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ئەھدىنامە تۈزگەن كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ئالدىن ماقۇللىغان قائىدە بويىچە تەشكىللەيدۇ، ھەر بىر ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەت بىردىن ئاۋاز بېرىدۇ.
تۆتىنچى، كومىتېت رەئىس ۋە ئەمەلدارلارنى سايلاپ چىقىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش قائىدىسى قىلىش قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇ قائىدىلەردە ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا نۆۋەتلىشىش چارىسى ئارقىلىق كومىتېتنىڭ كەلگۈسى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، ئۇنىڭ ئەزالىرىنى تاللاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئالاھىدە بەلگىلىنىشى كېرەك.
بەشىنچى، ئۇنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ياكى مۇدىر كۆرسەتكەن خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى، ب د ت پەن - مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش خەلقئارا ئىتتىپاقى خەلقئارا ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن كومىتېتنىڭ كاتىبات باشقارمىسى تەشكىل قىلىنىدۇ.
ئالتىنچى، كومىتېتنىڭ كۆپ ساندىكى ئەزالىرى زۆرۈر دەپ قارىسا، كومىتېت ھەر قانداق ۋاقىتتا يىغىن ئېچىشى لازىم، يىغىن تۆۋەت بىلەن خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى باش شتابى، ب د ت پەن - مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش شتابى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش خەلقئارا ئىتتىپاقى خەلقئارا ئىدارىسىنىڭ باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
يەتتىنچى، كومىتېت ئەزالىرىنىڭ خىراجىتىنى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
33 - ماددا بىرىنچى، بۇ ئەھدىنامە ئىنگىلىزچە، فرانسۇزچە ۋە ئىسپانچە يېزىقتا تۈزۈلدى، ئۈچ خىل يېزىقتىكى نۇسخىلىرى ئوخشاش كۈچكە ئىگە.
ئىككىنچى، بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئەھدىنامىنىڭ رەسمىي نۇسخىسى يەنە گېرمان، ئىتالىيە ۋە پورتۇگالىيە يېزىقلىرىدا تۈزۈلىدۇ.
34 - ماددا بىرىنچى، ب د ت نىڭ باش كاتىپى 23 - ماددىدا كۆرسىتىلگەن يىغىنغا تەكلىپكە بىنائەن قاتنىشىدىغان دۆلەت ۋە ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر، شۇنىڭدەك خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى، ب د ت مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىگە ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش خەلقئارا ئىتتىپاقى خەلقئارا ئىدارىسىنىڭ مۇدىرىغا تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك:
(ئا) ھەر بىر تەستىقلاش، قوبۇل قىلىش ۋە قاتنىشىش گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇش؛
(ب) ئەھدىنامىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى؛
(پ) ئەھدىنامىدە بەلگىلەنگەن بارلىق ئۇقتۇرۇش، بايانات ياكى خەت - مەكتۇپ؛
(ت)28 - ماددىنىڭ تۆتىنچى، بەشىنچى تۈرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر قانداق ئەھۋال كۆرۈلسە.
ئىككىنچى، ب د ت نىڭ باش كاتىپى يەنە 29 - ماددىدا ئۆزىگە قويۇلغان تەلەپلەرگە، شۇنىڭدەك ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەتلەر تاپشۇرۇۋالغان بۇ ئەھدىنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە چېتىلىدىغان ھەر قانداق خەت - مەكتۇپلارغا ئاساسەن، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى، ب د ت مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىگە ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش خەلقئارا ئىتتىپاقى خەلقئارا ئىدارىسىنىڭ مۇدىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
ئىشەنچىلىك بولسۇن ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئىمزا قويغۇچىلار بېرىلگەن ھوقۇق بويىچە بۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويدى.
1960 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى رىم، ئىنگىلىز، فرانسۇز، ئىسپان يېزىقىدىكى ئوخشاش نۇسخىسىغا ئىمزا قويۇلدى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى نۇقسانسىز نۇسخىسىنى 23 - ماددىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىغىنغا تەكلىپكە بىنائەن قاتنىشىدىغان بارلىق دۆلەتلەر ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرگە ۋە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىگە، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش خەلقئارا ئىتتىپاقى خەلقئارا ئىدارىسىنىڭ مۇدىرىغا بېرىشى كېرەك.