نەشر بۇيۇملىرى بازارلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1999 - ئاينىڭ 8 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. تارقىتىش (1999) 1278 - نومۇرلۇق
بىرىچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 - ماددا بۇ بەلگىلىمە نەشر بۇيۇملىرى بازارلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەت بولغان، تەرتىپلىك نەشر بۇيۇملىرى بازارلىرىنى بەرپا قىلىپ، نەشر قىلىش، تارقىتىش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ <نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى> غا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا بۇ بەلگىلىمە نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش قاتارلىق تارقىتىش كەسپىگە ۋە نازارەتچىلىك قىلىش، باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ. نەشر بۇيۇملىرىنى ئىجارىگە بېرىش، پارچە تارقىتىش، قوشۇپ يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگىمۇ بۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
3 - ماددا بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان نەشر بۇيۇملىرى كىتاب، گېزىت، ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ۋە ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ.
كىتاب ھەر خىل كىتاب، رەسىملىك توپلام، ئاسم كالېندار، رەسىم، بايراملىق رەسىم، يىللىق كالېندار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
گېزىت مۇقىم نامى، قەرەلى، فورماتى بولغان، ھەپتىدە ئاز بولغاندا، بىر سان نەشر قىلىنىدىغان ئۈزۈلدۈرمەي چىقىرىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ.
ژۇرنال مۇقىم نامى ۋە ئىستونى، تومى، سانى بولغان ياكى يىل، پەسىل، ئاي، 10 كۈن، ھەپتە تەرتىپ نومۇرى بولغان، تۈپلەنگەن، ئۈزۈلدۈرمەي نەشر قىلىنىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى كۆرىستىدۇ.
ئۈن - سىن بۇيۇملىرى مەزمۇن ئېلىنغان ئۈنئالغۇ لېنتىسى، سىنئالغۇ لېنتىسى، ناخشا پلاستىنكىسى، لازېر ناخشا دىسكىسى ۋە لازېر سىن دىسكىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى سان ۋاكالەت نومۇرى شەكلىدە رەسىم، تېكست، ئاۋاز، سىن قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەھرىرلەپ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن ماگىنىت، نۇر، ئېلېكتىر قاتارلىق جىسىملاردا ساقلاپ، كومپيوتېر ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق چىقىرىپ ئوقۇپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان، ئىدىيىنى ئىپادىلەش، بىلىملەرنى كۆپەيتىپ ئىشلەپ تارقاتقىلى بولىدىغان تارقىتىش ۋاستىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
4 - ماددا بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان تارقىتىش نەشر بۇيۇملىرىغا زاكاز توپلاش، توشۇش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش (پوچتا ئارقىلىق سېتىۋېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندە ئوخشاش)، يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئىنتېرنېتتا سېتىۋېلىش، سېتىش قاتارلىق تىجارەت ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
باش تارقىتىش نەشر بۇيۇملىرى بېسىلىپ بولغاندىن (كۆپەيتىپ ئىشلەنگەندىن) كېيىن نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ شۇ پۈتۈن مەملىكەتكە بىر تۇتاش تارقىتىشىدىن ئىبارەت تىجارەت ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
توپ تارقىتىش مەلۇم پايدا پىرسەنتنى ئېلىپ، نەشر بۇيۇملىرىنى مەلۇم رايون دائىرىسىدە نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورۇنلىرىغا تۈركۈملەپ سېتىشتىن ئىبارەت تىجارەت ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
پارچە سېتىش نەشر بۇيۇملىرىنى خېرىدارلارغا ياكى ئوقۇرمەنلەرگە بىۋاستە سېتىشتىن ئىبارەت تىجارەت ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ؛ پوچتا ئارقىلىق سېتىۋېلىش پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىش شەكلىدە نەشر بۇيۇملىرىنى خېرىدارلار ياكى ئوقۇرمەنلەرگە سېتىشتىن ئىبارەت تىجارەت ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
يەتكۈزۈپ بېرىش نەشر بۇيۇملىرىنى خېرىدارلارغا ياكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىبارەت تىجارەت ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
5 - ددا نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشكەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار جەزمەن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن، نىزاملىرى ۋە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى، خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.
6 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى <نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى> غا ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەشر بۇيۇملىرى بازارلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەشر بۇيۇملىرى بازارلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى، جايلىشىشى ۋە تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆز رايونىدىكى نەشر بۇيۇملىرى بازارلىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانى ۋە باشقۇرۇش تەپسىلىي پرىنسىپلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى نەشر بۇيۇملىرى بازارلىرىنى نازارەت قىلىش، نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل تارماقلارنى دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش پرىنسىپى بويىچە بۇ بەلگىلىمىنى يولغا قويۇشقا، تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ.
7 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشنى باشقۇرۇش دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يولغا قويۇلىدۇ.
ئىككىنچى باب نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش
8 - ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى كېرەك، قانۇندا باشقىچە بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
9 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغان ئورۇنلار ئۆزلىرىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزگەن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ تەستىقلىتىپ، <نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش (باش تارقىتىش) ئىجازەتنامىسى> ئېلىشى ھەمدە سودا - سانائەت مەمۇرىي تارماقلىرىغا بېرىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك، ئاندىن نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.
10 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش ئورنى قۇرۇشنى ياكى نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇنلار، ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۆلكىلىك، ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە يۇللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى <نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش (توپ تارقىتىش) ئىجازەتنامىسى> بەرگەن ۋە سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش كەسپىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.
11 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش، يەتكۈزۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش، يەتكۈزۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەر شۇ جايدىكى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماققا تەستىقلىتىپ، ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئارقىلىق ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ، يەرلىك ناھىيە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى <نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش (پارچە سېتىش، يەتكۈزۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش) ئىجازەتنامىسى> بەرگەن ھەمدە سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن نەشر بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش، يەتكۈزۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.
12 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار تۆۋەندىكى شەتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك:
(1) دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى قانۇنىي سالاھىيىتىگە ئىگە نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورنى ياكى دۆلەت تەكشۈرۈپ يول قويغان، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى دەسمايە پاي چېكى كونترول قىلىنىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش شىركىتى بولۇش؛
(2) ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئېتراپ قىلغان، مەمۇرىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى بولۇش؛
(3) نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش كەسپىگە ماسلىشالايدىغان، نىسپىي مۇقىم بولغان كەسپىي تارقىتىش خادىملىرى بولۇش؛
(4) نەشربۇيۇلىرىنى باش تارقىتىش كەسپىگە ماس كېلىدىغان ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇقىم تىجارەت سورۇنى بولۇش، تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 10 مىليون يۈەندىن كەم بولماسلىق؛
(5) پۈتۈن مەملىكەتكە (يېزىلار، چەت - ياقا رايونلارغا) مال تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە مۇناسىپ زاپاس مال ساقلاش ئىقتىدارى بولۇش؛
(6) مۇكەممەل بولغان باشقۇرۇش تۈزۈملىرى بولۇش؛
(7) مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇش.
13 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش ئورنى قۇرۇش ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇش كېرەك:
(1) دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار قانۇن بۇيىچە قۇرغان شىركەتلەر بولۇش؛
(2) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئېتراپ قىلغان، مەمۇرىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان مەسئۇل ئورنى بولۇشى؛
(3) نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش كەسپىگ ماسلىشالايدىغان، نىسپىي مۇقىم بولغان كەسپىي تارقىتىش خادىملىرى بولۇشى؛
(4) نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش كەسپىگە ماس كېلىدىغان ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇقىم تىجارەت سورۇنى بولۇشى، تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 500 مىڭ يۈەندىن كەم بولماسلىقى؛
(5) نىزام، بەلگىلىمىلەردە بەلگىلەنگەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك.
14 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش، يەتكۈزۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش ئورۇنلىرىنى قۇرۇشتا ياكى نەشر بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش، يەتكۈزۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش، ئىجارىگە بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان ئورۇنلار ۋە شەخىسلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك:
(1) تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ شۇ جايدا دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسى بولۇشى؛
(2) تىجارەت قىلغۇچىلار كەسپىي جەھەتتە تەربىيلەنگەن ھەمدە مۇناسىپ گۇۋاھنامە ئالغان بولۇشى؛
(3) بەلگىلىك ئۈسكۈنىلىرى ۋە مەبلىغى، مۇقىم تىجارەت سورۇنى بولۇشى، قانۇنىي ۋەكىلنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 100 مىڭ يۈەندىن كەم بولماسلىقى؛
(4) ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك.
15 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، يەتكۈزۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش ئورۇنلىرىنى قۇرغاندا ياكى نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، يەتكۈزۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئورۇنلار ئالدىنقى تۈردىكى شارائىتلارنى ھازىرلىغاندىن باشقا، يەنە نەشر بۇيۇملىرى بازارلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىش پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
16 - ماددا جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەر بىرلىشىپ مەبلەغ سالغان، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەر ھەمكارلىشىپ ئاچقان كارخانىلارنىڭ نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورۇنلىرىنىڭ نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
17 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش قاتارلىق سودا بازىرى، ئوقۇرمەنلەر كۇلۇبى قاتارلىق نەشر بۇيۇملىرىنى ئالماشتۇرش، سېتىش، پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارنى قۇرۇشتا، شۇ جايدىكى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىپ، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
نەشر بۇيۇملىرىنى زەنجىرسىمان ساتىدىغان مەملكەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارنى تەسىس قىلىشتا، باش شتابى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماققا تەكشۈرتۈپ، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ تەستىقلىتىش كېرەك.
جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەر بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەر ھەمكارلىشىپ نەشر بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئورنى قۇرماقچى بولسا، شۇ جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىغا تەكشۈرتۈپ، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ تەستىقلىتىش لازىم.
18 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، ئىجارىگە بېرىش ئورنى قۇرۇش ياكى نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، ئىجارىگە بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەر ئالدىنقى تۈردىكى تەلەپلەر بويىچە ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس، نىزامنامە ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى لازىم.
20 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى ئىلتىماسنى تاپشۇرۋېلىپ 60 كۈن ئىچىدە، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى، تەستىقلىمىسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى لازىم.
21 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشى تەستىقلانغان ئورۇن ياكى شەخسلەر تىزىمغا ئالدۇرغان تۈرلەرنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان تارماققا ئىلتىماس قىلىشى، تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزگەرتىشى لازىم.
نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورۇنلىرى ۋە شەخسلەر كەسىپنى توختاتسا، ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ۋەيران بولسا ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن تىجارەت پائالىيىتىنى توختاتسا، تەكشۈرۈش رەسمىيىتى ئۆتەپ، ئىجازەتنامىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
ئۈچىنچى باب نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشنى باشقۇرۇش
22 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك:
(1) ئاساسىي قانۇنغا قارشى تۇرىدىغان، دۆلەت مەنپەئىتىگە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، پارتىينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىدىغان، شەھۋانىيلىق، خۇراپاتلىق، زوراۋانلىق ۋە قانۇن، نىزاملاردا چەكلەنگەن مەزمۇنلار تەرغىب قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشقا، قوشۇپ بېرىشكە ۋە ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ؛
(2) دۆلەت ئېنىق بۇيرۇق چىقىرىپ مەنئى قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشقا، قوشۇپ بېرىشكە ۋە ئىجارىگە بېرىشكە بۇلمايدۇ؛
(3) نەشر ھوقۇقىنى ئوغرىلاپ نەشر قىلغان، ئوغرىلىقچە باسقان نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشقا، قوشۇپ بېرىشكە ۋە ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ؛
(4) كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرى يوق ياكى نەشر ئورۇنلىرىنىڭ نامىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئوغرىلىقچە نەشر قىلىنغان قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشقا، قوشۇپ بېرىشكە ۋە ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ؛
(5) ھەر قانداق شەكىل بىلەن كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، ئۈن - سىن بۇيۇمى سودىسىغا قاتنىشىشقا بولمايدۇ؛
(6) ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشقا ۋە ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ؛
(7) نەشر بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز تارقىتىش ئورۇنلىرى ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئورۇنلىرىدىن مال كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ؛
(8) ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىشقا، شۇنداقلا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى بەلگىلەپ بەرگەن رايون، جايدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىشقا بولمايدۇ؛
(9) قانۇن، نىزاملاردا چەكلەنگەن مەزمۇنلار بولغان ياكى ئالدامچىلىق خاراكتېرىدىكى خەتلەر بولغان زاكاز قوبۇل قىلىش تالونى، ئېلان، ۋە تەشۋىقات رەسىملىرىنى چاپلاش ۋە تارقىتىشقا بولمايدۇ؛
(10) نەشر بۇيۇملىرىنى قوشۇپ سېتىشقا، ئىجارىگە بېرىشكە ۋە مەجبۇرىي سېتىشقا بولمايدۇ؛
(11) نەشر بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ۋە نەشر ھوقۇقى بېتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛
(12) <نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئىجازەتنامىسى> نى تىجارەت سورۇنىدىكى كۆرۈنەرلىك جايغا ئېسىپ قويۇش لازىم، ئۆزگەرتىشكە، كۆپەيتىپ ئىشلەشكە، ھەر قانداق شەكىل بىلەن ئارىيەتكە، ئىجارىگە بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ۋە باشقىلارغا ھۆددىگە بېرىشكە بولمايدۇ.
23 - ماددا نەشر ئورۇنلىرى نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش ئورۇنلىرىغا نەشر بۇيۇملىرىنى زاكاز توپلاپ تارقىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، بىر تۇتاش ئىشلەنگەن <نەشر بۇيۇملىرىنى زاكاز توپلاپ تارقىتىش ھاۋالىنامىسى> ئىشلىتىشى لازىم؛ نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش ھوقۇقى بولمىغان ئورۇنلارغا نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش ھوقۇقى بولمىغان ئورۇنلارغا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىشقا ياكى نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىشقا، نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ.
24 - ماددا نەشر ئورۇنلىرى ئۆز ئورنى نەشر قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ، لېكىن باشقا نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
25 - ماددا نەشر ئورۇنلىرى تىزىمغا ئالدۇرغان شەھەر سىرتىدا تارماق تارقىتىش ئورگىنى قۇرماقچى بولسا، نەشر ئورۇنلىرىنى تىزىمغا ئالغان جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. نەشر ئورۇنلىرى قۇرغان تارماق تارقىتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولمايدۇ، ئۇلار ئۆز ئورنى نەشر قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش كەسپى بىلەنلا شۇغۇللىنىدۇ.
26 - ماددا نەشرىيات ئورۇنلىرى ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورۇنلىرى تىزىمغا ئالدۇرغان جاينىڭ سىرتىدا قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورنى قۇرماقچى بولسا، ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىي دائىرىگە ئاساسەن، تىزىمغا ئالغان جايدىكى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى قوشۇلغاندىن كېيىن شۇ جايدىكى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى قوشۇلغاندىن كېيىن شۇ جايدىكى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي ئورگىنىغا ئىلتماس قىلىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 9 -، 10 -، 11 -، 12 -، 13 -، 14 -، 20 -، 21 - ماددىلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىشى لازىم.
27 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، نەشر بۇيۇملىرنى تارقىتىش ئورۇنلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئىشلىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش قاتارلىق سودا - بازارلىرىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئىلمىيلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. نەشر بۇيۇملىرى بازارلىرىنى تەكشۈرۈش قوشۇنى بەرپا قىلىپ، نەشر بۇيۇملىرىنى سېتىشتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈشكە يوللاش تۈزۈمى ۋە يىللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
28 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ۋە مەملىكەتلىك نەشر قىلىش، تارقىتىش كەسپىي جەمئىيەتلىرى مەملىكەت خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى زاكاز قىلىش يىغىنى، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتىنى ئۆتكەزسە بولىدۇ.
نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش ھوقۇقى بولغان نەشر قىلىش، تارقىتىش ئورۇنلىرى، ئۆلكە، دەرىجىلىك نەشر قىلىش، تارقىتىش جەمئىيەتلىرى ئۆز ئۆلكىسىنىڭ يەرلىك ياكى كەسپىي خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى زاكاز قىلىش يىغىنى، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزسە، ھاۋالە بىلەن مەملىكەتلىك نەشر بۇيۇملىرىنى زاكاز قىلىش يىغىنى، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يىغىنى ئۆتكۈزسە بولىدۇ.
نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش ھوقۇقى يوق تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ ھەر قانداق نەشر بۇيۇملىرىنى زاكاز قىلىش يىغىنى، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىگە ياكى ھاۋالە بىلەن ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
29 - ماددا مەملىكەت خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى زاكاز قىلىش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشتە، ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن ئالتە ئاي ئىلگىرى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىشى لازىم.
يەرلىك ياكى كەسپىي خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى زاكاز قىلىش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشتە، تۆت ئاي ئىلگىرى يەرلىك ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىغا تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىش ھەمدە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
30 - ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرىسلىكلىرى، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم دەرىسلىكلىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ھۆججەتلىرى، رەھبەرلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ رۇخسەت قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورۇنلىرى تارقىتىدۇ، نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىدىغان باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ.
31 - ماددا بەلگىلىمە بويىچە ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى رۇخسەت قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورۇنلىرى ياكى نەشر ئورۇنلىرى ئىچكى قىسىمىدا تارقىتىدۇ، نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىدىغان باشقا ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ.
ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرى ھەققىدە ئاشكارا تارقىتىلىدىغان گېزىت - ژۇرنال، رادىئو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئېلان بېرىش، ماگىزىنلاردا ئاشكارا تىزىپ قويۇش مەنئى قىلىنىدۇ.
32 - ماددا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىمپورت قىلىنغان چېگرا سىرتىدىن كىرگەن نەشر بۇيۇملىرىنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ رۇخسەت قىلغان نەشربۇيۇملىرىنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ رۇخسەت قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورۇنلىرى تارقىتىدۇ، باشقا ئورۇن سىرتتىن كىرگەن نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتماقچى ياكى كۆرگەزمە قىلىپ ساتماقچى بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىدۇ.
سىرتتىن پىششىقلاپ ئىشلەپ بېرىش ئۈچۈن كىرگۈزۈلگەن نەشر بۇيۇملىرىنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە چېگرا سىرتىدىكى بەلگىلەنگەن جايغا يۆتكىۋېتىش كېرەك. چېگرا ئىچىدە تارقتىشقا، قوشۇپ بېرىشكە توغرا كەلگەنلىرىدە، ئىمپورت قىلىنغان ئالاقىدار نەشر بۇيۇملىرى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىش كېرەك. چېگرا سىرتىدىن كىرگەن نەشر بۇيۇملىرىنى تىجارەت خاراكتېرىدە ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ.
تەيۋەن رايونى ۋە شىياڭگاڭ، ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ نەشر بۇيۇملىرىنى چېگرا سىرتىدىن كىرگەن نەشر بۇيۇملىرى بويىچە باشقۇرۇش كېرەك.
33 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن، نىزاملىرىغا ئاساسەن نەشر بۇيۇملىرنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى ۋە كېرەكسىز قىلىۋەتمەكچى بولسا، نەشرىيات ئورۇنلىرى نەشر قىلغان ھەم نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورۇنلىرىدىن كىرگۈزۈلگەن بولسا، ئىقتىسادىي زىياننى نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئىقتىسادىي تۆلەم ئىشلىرى بىردەك ئەسلىدىكى نەشر بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش يولى ئارقىلىق دەرىجىمۇ دەرىجە بېجرىلىدۇ.
تۆتىنچى باب جازالاش
34 - ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانلارغا ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تارقاتقان بارلىق نەشر بۇيۇملىرىنى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتىنى، شۇنىڭدەك قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئاساسلىق سايمان، ئۈسكۈنىلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ھەمدە قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازالىرى بېرىدۇ؛ قانۇنسىز تاپاۋىتى بولمىسا، 3000 يۈەندىن يۇقىرى 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
35 - ماددا بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاخبارات - نەشرىيات مۇمۇرىي تارمىقى قانۇنسىز تارقاتقان نەشر بۇيۇملىرى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىدۇ ھەمدە قانۇنسىز كىرىمنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن كۆپ، 10 ھەسسىسىدىن ئاز جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنسىز كىرىمى بولمىسا، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، كىنىشكا تارقاتقان ئورۇن تارماق كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ:
(1) ئاساسىي قانۇنغا قارشى تۇرىدىغان، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىدىغان، شەھۋانىيلىق، خۇراپاتلىق، زوراۋانلىق تەرغىب قىلىنغان ۋە قانۇن، نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بولغان نەشر بۇيۇملرىنى تارقاتقان، قوشۇپ بەرگەن ۋە ئىجارىگە بەرگەن بولسا؛
(2) دۆلەت ئېنىق بۇيرۇق چىقىرىپ چەكلىگەن نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتقان، قوشۇپ بەرگەن ۋە ئىجارىگە بەرگەن بولسا؛
(3) نەشر ھوقۇقى ئوغرىلاپ نەشر قىلىنغان، بېسىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتقان، قوشۇپ بەرگەن ۋە ئىجارىگە بەرگەن بولسا؛
(4) كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرى ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ نامىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئوغرىلاپ نەشر قىلغان قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتقان، قوشۇپ بەرگەن ۋە ئىجارىگە بەرگەن بولسا.
36 - ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرىسلىكلىرىنى تارقاتسا ۋە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتقان، كۆرگەزمە قىلىپ ساتقان ياكى ئىجارىگە بەرگەن بولسا، ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى قانۇنسىز تاقاتقان، كۆرگەزمە قىلىپ ساتقان ياكى ئىجارىگە بەرگەن نەشر بۇيۇملىرى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنسىز تاپاۋىتى بولمىسا، 0200 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، كىنىشكا تارقاتقان تارماق كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
37 - ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇىي تارماقلىرى قانۇنسىز تارقاتقان نەشر بۇيۇملرى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە قانۇنسىز كىرىمىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنسىز تاپاۋىتى بولمىسا، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:
(1) ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتسا ۋە ئىجارىگە بەرسە ياكى ئىچكى قىسىمدا تارقىتىش بەلگىلەنگەن نەشر بۇيۇملىرىنى ئۆز ئالدىغا تارقاتسا؛
(2) ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم دەرسلىكلىرىنى ئۆز ئالدىغا تارقاتسا؛
(3) نەشرىيات ئورۇنلىرى ئۆزى نەشر قىلمىغان نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتسا؛
(4) نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ۋە پارچە سېتىش ئورنى ئەمەس بولغان ئورۇنلاردىن مال كىرگۈزگەن بولسا؛
(5) نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش ھوقۇقى يوق ئورۇنلارغا نەشر بۇيۇملىرىنى باش تارقىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئۆتۈنۈپ بەرسە؛
(6) نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش ھوقۇقى يوق ئورۇنلارغا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىپ بېرىش ياكى توپ تارقىتىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجرىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا؛
(7) نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ھوقۇقى يوق ئورۇنلارغا نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا؛
(8) نەشر بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئورۇنلىرى نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانسا.
38 - ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:
(1) كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرى سودىسى قىلىشقا قاتناشقان بولسا؛
(2) ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلغان ياكى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى بەلگىلەپ بەرگەن رايون، جايدىن ھالقىپ تىجارەت قىلغان بولسا؛
(3) قانۇن، نىزاملاردا چەكلەنگەن مەزمۇن بولغان ياكى ئالدامچىلىق خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بولغان زاكاز تالونى، ئېلان، ۋە تەشۋىقات رەسىملىرىنى چاپلىغان ۋە تارقاتقان بولسا؛
(4) نەشر بۇيۇملىرىنى قوشۇپ ساتقان (ئىجارىگە بەرگەن) ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى مەجبۇرلاپ ساتقان بولسا؛
(5) نەشر بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ۋە نەشر ھوقۇقى بېتىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتكەن بولسا؛
(6) <نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئىجازەتنامىسى> نى تىجارەت سورۇنىدىكى كۆرۈنەرلىك جايغا ئاسمىغان، ئۆزگەرتكەن، كۆپەيتىپ ئىشلىگەن، ئارىيەتكە بەرگەن، ئىجارىگە بەرگەن، ئۆتۈنۈپ بەرگەن، باشقىلارغا ھۆددىگە بەرگەن بولسا؛
(7) تىزىمغا ئالدۇرغان تۈرلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتكەن بولسا.
39 - ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي، تۇرۇپ نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش قاتارلىق سودا بازارلىرىنى قۇرۇالغان بولسا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ھەمدە قۇرغۇچى ئورۇنغا 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
40 - ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا نەشر بۇيۇملىرىنى زاكاز قىلىش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيتى ئۆتكۈزگەن ياكى ھاۋالە بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسا، ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆتكۈزگۈچى ۋە ھاۋالە بىلەن ئۆتكۈزگۈچى ئورۇنغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تەستىقلانماي ئۆتكۈزۈلگەن نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورۇنلىرىغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
41 - ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىچكى نەشر بۇيۇملىرىنى ئاشكارا تەشۋىق قىلغان ۋە ئاشكارا تىزىپ قويغان بولسا، ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى 005 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 مىڭ يۈەندىن تۆەن جەرىمانە قويىدۇ.
بەشىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ
42 - ماددا بۇ بەلگىلىمىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ.
43 - ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.