ئۈن - سىن بۇيۇملىرىدا تىك سىزىقلىق نومۇرنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپى
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 2000 - يىلى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. ئۈن - سىن (200) 1137 - نومۇرلۇق
بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 - ماددا بۇ تەپسىلىي پرىنسىپ ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى تىجارىتى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىدا تىك سىزىقلىق نومۇر تۈزۈمىنى يولغا قويۇش مەقسىتىدە، پرىنسىپ تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرى 13 خانلىق ساندىن تەركىب تاپقان، تۆت بۆلەككە بۆلىنىدۇ، 1 - بۆلىكى نەشر بۇيۇمىنىڭ نومۇرى (ئۈچ خانلىق سان)، 2 - بۆلىكى نەشر قىلغۇچىنىڭ نومۇرى (ئالتە خانلىق سان)، 3 - بۆلىكى نەشر بۇيۇمىنىڭ تەرتىپ نومۇرى (ئۈچ خانلىق سان)، 4 - بۆلىكى تەكشۈرۈش نومۇرى (بىر خانلىق سان).
3 - ماددا ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ نەشر قىلغۇچىلار نومۇرىنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەقسىم قىلىدۇ ھەمدە نەشرقىلىش ئورۇنلىرىغا <نەشىر قىلغۇچى نومۇر كىنىشكىسى> بېرىدۇ.
4 - ماددا نەشر بۇيۇمىنىڭ تەرتىپ نومۇرى تىك سىزىقلىق نومۇر يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، يىللارغا بۆلۈنمەيدۇ، نەشر قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش تەرتىپى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. نەشر بۇيۇمى تەرتىپ نومۇرى ئىشلىتىلىپ تۈگىگەندىن كېيىن، نەشر قىلغۇچى نومۇرنى يېڭىۋاشتىن ئىلتىماس قىلىشى لازىم.
5 - ماددا ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، <ئۈن - سىن بۇيۇمىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىنى ئىشلىتىش مۇندەرىجىسى> (قوشۇمچە ماتېرىيالنىڭ 1 - سى) دىن ئىككى نوسخا تاپشۇرۇشى كېرەك؛ نەشر قىلغۇچى نومۇرى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا <نەشر قىلغۇچى نومۇرىنى ئىلتماس قىلىش سانلىق ئاساس تالونى> (قوشۇمچە ماتېرىيالنىڭ 2 - سى) نى تولدۇرۇشى كېرەك.
6 - ماددا ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرى بىر - بىرىگە روبىرو كەلتۈرۈلگەن، تۈرى ئوخشاش بولمىغان، توشۇغۇچى جىسىمى ئوخشاش بولمىغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىدا ئوخشاش بولمىغان ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرى ۋە تىك سىزىقلىق نومۇر قوللىنىلىپ، تىك سىزىقلىق نومۇرنىڭ خاسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
7 - ماددا تىك سىزىقلىق نومۇر قارىسىنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر مەركىزى بىر تۇتاش ئىشلەيدۇ، باشقا ئورۇنلارنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. تىك سىزىقلىق نومۇرغا دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بۇيىچە 48 يۈەن خەلق پۇلى ئېلىنىدۇ.
8 - ماددا ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغۇچى ئورۇنلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەقسىم قىلغان ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن تەستىقنامە بىلەن <ئۈن - سىن بۇيۇملىرىغا تىك سىزىقلىق نومۇر ئېلىش ئىلتىماسى> (قوشۇمچە ماتېرىيالنىڭ ئۈچىنچىسى) نى ئېلىپ ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر مەركىزىگە بېرىپ تىك سىزىقلىق نومۇر بېجىرىدۇ. ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇر مەركىزى تىك سىزىقلىق نومۇر ئېلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۋېلىپ ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە تىك سىزىقلىق نومۇرنىڭ قارىسىنى ئىشلەپ بولۇشى كېرەك.
9 - ماددا تىك سىزىقلىق نومۇرنى رەڭلىك مۇقاۋا، مۇقاۋا قېپىنىڭ ئارقىسىدىكى كۆرانەرلىك ئورۇنغا بېسىش لازىم. تىك سىزىقلىق نومۇرنىڭ چوڭلۇقى mm31×83 بولىدۇ. باسقۇچى ئورۇنلار سىزىقلىق نومۇرنى بەلگىلىمە بويىچە بېسىشى كېرەك، خالىغانچە كىچىكلىتىشكە بولمايدۇ.
10 - ماددا ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرى 2001 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن راسمىي يولغا قويۇلىدۇ. يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ، بارلىق ئۈن - سىن بويۇملىرىغا نەشر ئورۇنلىرى تىك سىزىقلىق نومۇر ئىشلىتىشى كېرەك. بەلگىلىمە بويىچە تىك سىزىقلىق نومۇر ئىشلەتمىگەنلەر <ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى>، <ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ تىك سىزىقلىق نومۇرىنى باشقۇرۇش چارىسى> قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالىنىدۇ.
11 - ماددا تىك سىزىقلىق نومۇرنى يولغا قويۇش جەريانىدا، ئالاقىدار تېخنىكىلىق مەسىلىلەردە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىدىن مەسلىھەت سوراشقا بولىدۇ. بۇ تەپسىلى پرىنسىپىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ.