ياپونىيىنىڭ مېيجى يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈشى
پۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە ئىسلاھاتى
بۇ 1868 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ياپونىيىنىڭ كاپىتالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتۈش يولىدىكى ئىسلاھات ھەرىكىتىدۇر. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا مېيجى پادىشاھلىق ئورنىدا تۇرغانلىقتىن، بۇ ھەرىكەت «مېيجى يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش» دەپ ئاتالغان.1853
- يىلى7 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئامېرىكا دېڭىز فلوتىنى ياپونىيىنىڭ ئۇراگا پورتىغا كىرىشكە ئەۋەتىپ، ئۇزاققىچە تاقىۋېتىلگەن ياپونىيە دەرۋازىسىنى قورال كۈچى بىلەن ئېچىش ھەققىدە تەھدىت سېلىپ، ياپونىيىنى تەڭسىز شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇرلىدى. ئەنگلىيە، روسىيە قاتارلىق غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ياپونىيىگە تۈرلۈك تەلەپلەرنى قويدى. شۇنداق قىلىپ، مۇستەملىكىچىلەر ئىبلىس قولىنى ياپونىيىگە سۇنغىلى تۇردى. ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىكى چوڭ ھوقۇق باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەچكە، ئەمەلىي فېئودال ھۆكۈمران شوگنات (باكوفۇ) سانغۇنلىرى ئىدى. شوگنات «پۇقرالار نىمجان ياشاش» فاڭجېنى بويىچە دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە يۈرگۈزگەنلىكتىن، ياپونىيە ئىقتىسادى قالاق، دۆلەت كۈچى ئاجىز ئىدى. چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرى ئالدىدا شوگنات ھۆكۈمرانلىرى خۇشامەتچىلىك قىلىپ، مىللىي كرىزىس پەيدا قىلدى. ئۇلارنى «تۆت پار كېمىسى تىنچ ئۇيقۇدىن ئويغاتتى»، ياپونىيىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى خەلق تاجاۋۇزچىلاردىن قورقۇپ قالماي، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش يولىدا كۈرەش قىلدى.1868
- يىلى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ مەدىتى بىلەن، ئەمدىلا پادىشاھلىق ئورنىغا چىققان مېيجى قورال كۈچى ئارقىلىق شوگناتتىن ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ يېڭى ھۆكۈمەت قۇردى. مېيجى ھۆكۈمىتى ۋەتەننى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ، قالاق ھەم ئاجىز ياپونىيىنى تەرەققىي تاپقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى بولدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن، فېئوداللىق تۈزۈلمىسىنى بىكار قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، «دۇنيادىن بىلىم ئۆگىنىپ»، غەربتىن ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىپ، چەت ئەلنىڭ تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ھە دەپ كىرگۈزۈپ، زور بىر تۈركۈم يېقىنقى زامان كارخانىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى، مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «جايلاردا ئۆگەنمەيدىغان ئائىلە بولماسلىق، ئائىلىدە ئۆگەنمەيدىغان ئادەم بولماسلىق» نىشانىغا يېتىپ، مىللىتىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈردى.
مېيجى يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ياپونىيە تارىخىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى، ياپونىيە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن فېئوداللىق جەمئىيەتتىن كاپىتالىزم يولىغا ماڭدى ھەمدە قىسقىغىنە20 -30 يىل ئىچىدە بىر سەكرەپلا ئاسىيادىكى قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ قالدى.