UyghurWiki
UyghurWikiپۇرجۇئا ئىنقىلابى ۋە ئىسلاھاتىئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى

ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى

پۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە ئىسلاھاتى 1649 - يىل1 - ئاينىڭ30 - كۈنى يۇلتۇزلار تارقالغاندا، كىشىلەر قەھرىتان سوغۇققا قارىماي توپ - توپ بولۇپ ئەنگلىيە پادىشاھ ئوردىسى مەيدانىغا قاراپ ماڭىدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت بىرلەردە پادىشاھ ئوردىسىغا كىرىدىغان دەرۋازا ئېچىلىدۇ، ھەيۋەتلىك ئەسكەرلەر چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كەتكەن، ئىنتايىن ھالسىزلانغان بىر مەھبۇسنى يالاپ ئېلىپ چىقىدۇ، ئۇ جاھانغا پاتماي ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەنگلىيە پادىشاھى كارل Ⅰ ئىدى. ئالىي سوت ئۇنىڭغا «زوراۋان، خائىن، قاتىل، خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى» دەپ ھۆكۈم چىقارغانىدى، شۇ كۈنى − ئۇ خەلقئالەم ئالدىدا ئۆلتۈرۈلگەن كۈن ئىدى. ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ شاد - خۇراملىققا چۆمۈپ بىر - بىرىنى قۇچاقلىشىپ، غەلىبىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەشتى. ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئىنقىلابتىن بۇرۇن ئەنگلىيىنىڭ فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمى كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغان، ئېغىر فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە دېھقانلارنى باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋەتكەن.1640 - يىلى غۇلغۇلا قىلىنغىنىغا ئۇزاق بولغان ئىنقىلاب پارتلىغان. بۇرژۇئازىيە باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار پارلامېنتنى بازا قىلىپ، پادىشاھ ھوقۇقىنى چەكلەش توغرىسىدا قارار چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن، پارلامېنت ئىنقىلابنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. كارل Ⅰ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئاستىرتتىن يەنىلا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ لوندوندا يېتىم قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ پايتەختتىن ئاستا ئايرىلىپ، فېئودال ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ پارلامېنتقا «جازا يۈرۈشى قىلىش» نى جاكارلاپ، ئىچكى ئۇرۇشنى قوزغىغان. پارلامېنت قوشۇنى كرومۋېلنىڭ رەھبەرلىكىدە قايتا - قايتا ئېلىشىش ئارقىلىق پادىشاھ ئارمىيىسىنى بىتچىت قىلىپ، كارل Ⅰ نى جازا مەيدانىغا ئېلىپ چىققان. كېيىن سىياسىي ۋەزىيەتتە يەنە داۋالغۇش بولغان،1688 - يىلىغا كەلگەندىلا ۋەزىيەت مۇقىملاشقان. ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى تارىختىكى كاپىتالىزم تۈزۈمىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈم ئۈستىدىن قىلغان زور غەلىبىسىدۇر، بۇ ئىنقىلاب يالغۇز ئەنگلىيىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ كاپىتالىزم دەۋرىگە كىرگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پۇرجۇئا ئىنقىلابى ۋە ئىسلاھاتى
ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى | UyghurWiki | UyghurWiki