ئامېرىكىنىڭ جەنۇب - شىمال ئۇرۇشى
پۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە ئىسلاھاتى
−1865 1861 - يىللىرىدىكى جەنۇب - شىمال ئۇرۇشى ئامېرىكىدا ياۋۇز قۇللۇق تۈزۈمنى يوقىتىپ، ئامېرىكا كاپىتالىزمىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى.1783
- يىلى ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، جەنۇب ۋە شىمال تەرەپنىڭ ئىقتىسادى ئوخشاش بولمىغان ئىككى يولغا قاراپ ماڭدى. شىمالدىكى ئىلغار كاپىتالىستىك سانائەت شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلدى، جەنۇبتا بولسا قالاق ئېكىنزارلىق داۋاملاشتى. ئېكىنزار ئىگىلىرى نېگىر قۇللارنى كۆپلەپ ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئىلىك - ئىلىكىدىن ئېكسپىلاتاتسىيە قىلدى. نېگىر قۇللار نازارەتچىنىڭ قامچىسى ئاستىدا پۇتىدا كىشەن، قولىدا كويزا ھالەتتە تومۇز ئىسسىققا قارىماي كۈنىگە18 -19 سائەت ئىشلەپ، بارلىق ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدى. بىر قاۋۇل نېگىر قۇل7 -8 يىل ئىشلىسىلا ئازابلىنىپ ئۆلۈپ كېتەتتى. مۇشۇنداق ۋەھشىي قۇللۇق تۈزۈمى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلدى. جەنۇبتىكى ئېكىنزار ئىگىلىرى يەنە قۇللۇق تۈزۈمدىكى يەرلەرنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. نەتىجىدە، يەرگە تەشنا بولغان دېھقانلارنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقتى.1860 - يىلى نېگىرلارغا ھېسداشلىق قىلغان شىمال تەرەپنىڭ ۋەكىلى لىنكولن زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. جەنۇب تەرەپتىكى قۇلدارلار بۇنى تەھدىت دەپ بىلىپ، ھە دەپ بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپ،1861 - يىلى توپىلاڭ قوزغاپ شىمالغا قاراپ ھۇجۇم قىلىپ ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى.
ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شىمال تەرەپ ئۇرۇشتا كەينى - كەينىدىن مەغلۇپ بولدى، پايتەخت ۋاشىنگتون قولدىن كېتەي دەپ قالدى. لىنكولن ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ تەلىپى بىلەن تېزدىن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ «يەر - جاي قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يەرگە تەشنا بولۇش تەلىپىنى قاندۇردى، «نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، توپىلاڭ بولغان جايلاردىكى نېگىر قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشنى بەلگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار توپىلاڭچى قوشۇنغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان بولدى. بۇ تەدبىرلەر خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرەش قىزغىنلىقىغا كۈچلۈك ئىلھام بەردى، ئۇلار كەينى - كەينىدىن ئارمىيىگە قاتنىشىپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، پايدىسىز جەڭ ۋەزىيىتىنى تۈپتىن ئوڭشىدى. بولۇپمۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان300 مىڭ نېگىر ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭدە ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىمخەتىرىگە قارىماي ئادەتتىن تاشقىرى باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، ئاخىرقى غەلىبە ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى.1865 - يىل4 - ئاينىڭ3 - كۈنى شىمال تەرەپ ئارمىيىسى جەنۇبتىكى ئىتتىپاقداشلار پايتەختى رىچموندقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.9 - كۈنى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان جەنۇب بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى روبرودلى ئارمىيىنى باشلاپ تەسلىم بولدى، شۇنىڭ بىلەن جەنۇب شىمال ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.